تەكلىماكاندىكى قەدىمىي شەھەر لوپ

تەكلىماكاندىكى قەدىمىي شەھەر لوپ

لوپ، لوپنۇر، لاپچۇق، لوپ ناھىيىسى ناملىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا لوپ نامى بىلەن باغلانغان بىر قىسىم جاي ناملىرى بار. جۈملىدىن خوتەن ۋىلايىتىدە لوپ ناھىيىسى )洛浦> ۋە بۇ ناھىيىدە لوپ بازىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىدا لوپنۇر ناھىيىسى )尉犁> ۋە بۇ ناھىيىدە لوپ كەندىرى )ئۇيغۇرلار بۇ نامنى ئەسلىدە چىگە دەپ ئاتايتتى> بولغاندىن سىرت، چاقىلىق ناھىيىسىدە لوپنۇر كۆلى، لوپنىڭ قېقىرى، لوپ لەنگەر، لوپلۇقلار، لوپ قەدىمكى شەھىرى، كورلا شەھىرىدە لوپئېرىق، قۇمۇلدا لاپچۇق قاتارلىقلار بار. بۇ جاي ناملىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بولسىمۇ تېخىچە ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغىنى ئۈچۈن بەزى مۈجمەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ ھەرخىل قاراشلارنىڭ، جۈملىدىن خەلق ئارىسىدا بەزى پەرەزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا، شۇڭا مەن تۆۋەندە تارىخىي ماتېرىياللار، ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار، رىۋايەتلەر ئاساسىدا ئۆزۈمنىڭ ئىزدىنىشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.  تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەر لوپ ھەققىدىكى بايانلار ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى موللا مۇسا سايرامى )1836 – 1917> ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى <تارىخى ھەمىدىي> دە مۇنداق دەپ يازىدۇ: <لوپنىڭ شەرقىي چېگرىسى لەنجۇسېڭ تەۋەسىدىكى سۇجۇ، ساجۇ دېگەن شەھەرلەرگە ئۇلىنىدۇ. شىمالىي چېگرىسى بولسا قامۇل، تۇرپان، كورلا قاتارلىق جايلارغا چېگرىداش، غەربىي تەرىپى بولسا شاھيار، چەرچەن، خوتەن، لاسا، چابە دېگەن ۋىلايەتلەرگە تۇتىشىدۇ… <تارىخى رەشىدىي> نىڭ مۇئەللىپى مەرھۇم مىرزا ھەيدەر كوراگان بۇرۇنقى تارىخچىلارنىڭ كىتابلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ يازغان كىتابىنىڭ ئىچىدە لوپ دېگەن جايدا ئون يەتتە شەھەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە شەھەرنىڭ ناملىرى، تەكتى ئەھۋالىنى بىر – بىرلەپ بايان قىلغانىدى ھەم ئادەملىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە زېمىنىنىڭ ئاۋاتلىقىنى يازغانىدى. شەھىرى كىتىك، شەھىرى تەركەن، شەھىرى چەمەن ۋە شەھىرى لوپ دېگەن شەھەرلەر بولسا ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شەھىرى كىتىك بىلەن لوپ شەھىرى ھازىرمۇ مەشھۇر…>〖ZW>B〗موللا مۇسا سايرامى: <تارىخى ھەمىدىي>، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986 – يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 704 – بەت.〖ZW)〗دەپ يازغان. 1275 – يىللىرى قەدىمكى لوپ شەھىرىدىن ئۆتكەن دۇنياغا مەشھۇر سەيياھ، ۋېنتسىيىلىك ماركوپولو ئۆز خاتىرىسىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: <چەرچەن )CHARCHAN> دىن چىقىپ شارائىتى بەكمۇ ناچار بىر چۆللۈكنى بەش كۈن يول مېڭىپ بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما ھەممە يەرنىڭ سۈيى ئىچكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاچچىق بولۇۋەرمەيدۇ. بەشىنچى كۈنلۈك يولنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ چېتىدىكى لوپ راباتىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. لوپ )Lop> راباتى شەرقىي شىمال تەرەپتە، لوپ چۆللۈكىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان. ئۇ ئۇلۇغ خاننىڭ زېمىنىغا تەۋە بولۇپ، ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ قۇملۇق چۆلدىن ئۆتكەنلىكى كارۋانلار ئومۇمەن مۇشۇ لوپ راباتىدا بىر مەزگىل يېتىپ دەم ئالىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە بىر ئاز ۋاقىت دەم ئالغاچ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ ھەم بۇ يەردە كەلگۈسى سەپەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان لازىمەتلىك تەييارلىۋالىدۇ… بۇ چوڭ چۆللۈكتىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن بىر ئايلىق ئوزۇق تەييارلىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ>.〖ZW>B〗<ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991 – يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 91 -، 92 – بەت.〖ZW)〗 <يۈەن سۇلالىسى تارىخى> 12 – جىلد، <شىزۇ ھەققىدە قىسسە> دە، يەنە لوپ، كىتىك، چەرچەن ۋە خوتەنلەردە رابات تەسىس قىلىنغانلىقى يېزىلغان. مىرزا ھەيدەر كوراگان تەرىپىدىن 16 – ئەسىردە يېزىلغان <تارىخى رەشىدىي — ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇللىرىنىڭ تارىخى> نىڭ 2 – كىتابىدا: <قەدىمدە بۇ قۇملۇق زېمىندا چوڭ شەھەرلەر بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ نامى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار لوپ ۋە كىتىكتۇر. ئەمما باشقا شەھەرلەر ئاللىبۇرۇن قۇم تېگىدە قېلىپ يوق بولغان ، ھەتتا كىشىلەرمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن> دېيىلسە، يەنە <تۈبۈتنىڭ شىمال ۋە شەرق تەرەپلىرىدە ياركەنت، خوتەن، چەرچەن، لوپ، كىتىك، سېرىق ئۇيغۇرلار جايلاشقان. قالغان يەرلەر گەنسۇ ۋە سۇجۇ قاتارلىق جايلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ>〖ZW>B〗مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگان: <تارىخى رەشىدىي — ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇللىرىنىڭ تارىخى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983 – يىلى، خەنزۇچە نەشرى 1 – كىتاب، 206 -، 374- بەتلەر.〖ZW)〗دېيىلگەن. مىرزا ھەيدەر كوراگان <تارىخى رەشىدىي> نىڭ 1 – كىتابىنىڭ 32 – بابىدا ئۇۋەيىسخان ھەققىدە توختالغىنىدا، <خان ھەر يىلى ياۋا تۆگە ئوۋلاش ئۈچۈن تۇرپان )ئۇيغۇرچە نۇسخىدا بۇ نام يوق — ئەرك>، تارىم، لوپ، كىتىك تەرەپلەرگە باراتتى>〖ZW>B〗يۇقىرىقى كىتاب، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 1 – كىتاب، 206 -، 374- بەتلەر. 1 – كىتاب 159 -، 248 – بەت.〖ZW)〗دېيىلگەن. <تارىخى رەشىدىي> نىڭ 1 – كىتابىدا تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى ھەققىدە سۆزلەنگەندە، <ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى لوپ كىتىك )Lob.katak> قا كەلدى، ئۇ تۇرپان بىلەن خوتەن ئارىسىدىكى مۇھىم بازار>〖ZW>B〗مىېزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگان: <تارىخى رەشىدىي – ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇللىرىنىڭ تارىخى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983 – يىلى خەنزۇچە نەشرى، 1 – كىتاب، 206 -، 374 – بەتلەر. 1 – كىتاب 159 -، 248 – بەتلەر.〖ZW)〗دېيىلگەن. ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا بولسا <خوتەن بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدىكى بىر ئۇلۇغ شەھەر كىتىك شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپتۇ> دېيىلگەن بولۇپ، لوپ نامى تىلغا ئېلىنمىغان. ]<تارىخى رەشىدىي> نى پارسچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغۇچىلار <پۈتۈن ھېكايىدە كىتىكنى مۇستەقىل بىر شەھەر سۈپىتىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ بابتا مۇئەللىپ لوپ بىلەن كىتىكنى بىر جاي دەپ تىلغا ئالىدۇ، بۇ بەلكىم لوپ ۋە كىتىك ئىككى جاي جايلاشقان پۈتۈن زېمىننى كۆرسەتسە كېرەك> دەپ ئىزاھات بېرىدۇ.[ موللا مىر سالىھ قەشقەرى 18 – ئەسىردە يازغان <چىڭگىزنامە> ناملىق ئەسىرىدە <خىزىر خاجە خاننى خوتەن تاغىغا ئالىپ قاچتىلار. قەمىرىددىندىن قورقۇپ چۇرچەن، سارىغ ئۇيغۇر، لوپ ۋە كېتەك سارى ئالىپ قاچتى>〖ZW>B〗موللا مىرسالىھ قەشقەرى: <چىڭگىزنامە>، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1985 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 76 – بەت.〖ZW)〗دېگەن جۈملىلەر بار. ئەلۋەتتە بۇ جۈملىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى <تارىخى رەشىدىي> دۇر. بىز يۇقىرىقى پاكىتلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، لوپ نامى بۇرۇنقى چاغلاردا كەڭرى بىر زېمىننىڭ نامى بولۇش بىلەن بىرگە شۇ زېمىندىكى بىر چوڭ شەھەرنىڭ نامى بولۇپمۇ كەلگەن. بىز ماتېرىياللارغا ئاساسەن بۇ شەھەرنىڭ 13 – ئەسىرلەردە ناھايىتى گۈللەنگەنلىكىنى، جۈملىدىن يىپەك يولىنىڭ مۇھىم بىر جايى ئىكەنلىكىنى، مىلادىيە 14 -، 15 – ئەسىرلەردە ۋەيران بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ماركوپولو ئۆز ئەسىرىدە قۇملۇقتىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بۇ جايدا ئارام ئالىدىغانلىقى ۋە ئوزۇق – تۈلۈك تەييارلايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان، بۇ، لوپنىڭ قانداقتۇر كىچىك بىر رابات ئەمەس، بەلكى گۈللەنگەن بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ماركوپولونىڭ بايانىدىن لوپ قەدىمكى شەھىرىنىڭ چەرچەننىڭ بەش كۈنلۈك شەرقىگە جايلاشقانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئۇنداقتا لوپ قەدىمكى شەھىرى زادى قەيەرگە جايلاشقان؟ كونكرېت ئورنى قەيەردە؟ نۇرغۇن ماتېرىياللاردا بىردەك لوپ قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئورنى ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە دېگەن يەكۈن چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كونكرېت ئورنى توغرىسىدا قاراشلار ھەرخىل بولۇپ، چاقىلىق بازىرىدا، لوپ كۆلى بويى دېگەندەك قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مېنىڭچە چاقىلىق ناھىيىسى ۋاششەھىرى يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كونا شەھەر خارابىسى، يەنى ۋاششەھىرى كونا شەھىرى دەل ماركوپولو ئۆتكەن ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە، يەنى خاقانىيە ۋە موڭغۇللار ھاكىمىيىتى دەۋرىدە گۈللىنىپ تۇرغان لوپ شەھىرىنىڭ ئۆزىدۇر. بۇنىڭ ئاساسلىرى مۇنداق: ماركوپولو چەرچەندىن چىقىپ بەشىنچى كۈنى لوپ شەھىرىگە يېتىپ بارغان، دېمەك لوپ شەھىرى چەرچەننىڭ بەش كۈنلۈك شەرقىگە جايلاشقان. ناۋادا كۈنىگە 50 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يۈرگەندىمۇ 250 كىلومېتىردەك مۇساپىگە توغرا كېلىدۇ. ئارخېئولوگ ئاۋرېل سىتەيننىڭ 1906 – يىلى چەرچەندىن ۋاششەھىرىگىچە بولغان يولنى تەكشۈرۈشىچە، بۇ ئارىلىقتا جەمئىي ئۈچ يول بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇملۇقنى تۈز كېسىپ ئۆتىدىغان قۇم – شېغىللىق بىر يول بولۇپ، قالغان ئىككىسىدىن كۆپ قىسقا ئىكەن، بۇ يولدا قىش پەسىللىرىدە يۈرسىمۇ ھېچقانداق خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلمەيدىكەن. ئادەتتىكىچە ماڭغاندىمۇ بەش كۈندە ۋاششەھىرىگە ئازادە يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن. ۋاششەھىرى كونا شەھىرىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بىلەن لوپ شەھىرىنىڭ دەۋرى ماس كېلىدۇ. ۋاششەھىرى كونا شەھەر خارابىسى كۆپ قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈلۈپ، بىر قىسىم ماددىي پاكىتلار تېپىلدى. 1989 – يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ئەترىتى ئارخېئولوگىيە گۇرۇپپىسىنىڭ بايانىغا ئاساسلىنىدىغان بولساق، بۇ خارابە ۋاششەھىرى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالتە كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ۋاششەھىرى دەرياسى قۇرۇق ئېقىنىنىڭ تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر غەربىدە. خارابىلىك جەنۇبتىن شىمالغا ئىككى كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بىر كىلومېتىر كېلىدۇ )دوكتور سىتەيننىڭ بايانىدىكى بىر قىسىم جايلارنى شامال يالاپ تونۇيالماس قىلىۋەتكەن دېگىنىگە قارىغاندا، كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. ھازىر يەرلىك كىشىلەر ئارىسىدا كۆلىمى چوڭ دېگۈچىلەرمۇ بار>. خارابىنىڭ سېپىلى يوق بولۇپ، 30 نەچچە ئورۇندا كۆجۈم ئائىلىلىك، ئۈچ جايدا خۇمدان، ئىككى جايدا زارەتگاھ، بىر جايدا تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقى قاتارلىقلار بايقالغان. بۇ يەردىن بايقالغان يادىكارلىقلار ناھايىتى مول، ساپال، تاش، ئەينەك )ئارخېئولوگلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۇ ئەينەكلەر شۇ جايدا ياسالغان، سۈپىتى بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. تېپىلغان مىقدارىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىنمۇ شىنجاڭ رايونىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ>. كاھىش، پۇل، يىپ ئېگىرىدىغان چاق، يىپەك توقۇلما، ياغاچ سايمان قاتارلىق يادىكارلىقلار بايقالغان )موڭغۇل سانغۇنىغا مۇناسىۋەتلىك 1280 – يىللار ئەتراپىدا يېزىلغان خەنزۇچە ئىككى پارچە پۈتۈك بۇ يىل دەۋرىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ>. دەۋر ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان خاقانىيىنىڭ پۇلى، كەييۈەن تومپۇرى قاتارلىق پۇللار بىزنى يىل پاكىتى بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن، ئەينى چاغدىكى ئاۋات بىر شەھەرنىڭ مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. تېپىلغان يادىكارلىقلارنىڭ يىل دەۋرىگە ئاساسەن، ئارخېئولوگلار بۇ شەھەر خارابىسىنى مىلادىيە 4 – ئەسىردىن 14 – ئەسىرگىچە گۈللىنىپ تۇرغان، دەپ قارايدۇ. جۈملىدىن سۇڭ سۇلالىسى )960 – 1270> ۋە يۈەن سۇلالىسى )1279 – 1368> دەۋرىدىكى يادىكارلىقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئارخېئولوگ سىتەيىن بۇ خارابىدىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ يىللىرى، يەنى 1368 — 1398 – يىللىرىغىچە بولغان دەۋرگە مەنسۇپ يارماقنى تاپقان، بۇ پاكىتلاردىن بۇ خارابىنىڭ 14 – ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىرىدىمۇ گۈللىنىپ تۇرغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. قەدىمكى لوپ شەھىرىنى چاقىلىق ناھىيە بازىرى ئەتراپىدا ياكى لوپ كۆلى بويىدا دېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمما ئۇلار مۇنداق ئىككى سەۋەنلىككە يول قويغان، بۇنىڭ بىرىنچىسى، مۇساپە مەسىلىسى بولۇپ، ۋاششەھىرى بىلەن چاقىلىقنىڭ ئارىلىقى 80 كىلومېتىر، چەرچەندىن چىققان كارۋان ھەرگىزمۇ ماركوپولو ئېيتقاندەك 5 – كۈنى چاقىلىق بازىرىغا يېتىپ كېلەلىشى مۇمكىن ئەمەس، لوپ كۆلى بويىغا بۇ ۋاقىتتا بارالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئىككىنچىدىن، بۇ خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار يىل دەۋرى بىلەن قىلچە ھېسابلاشمىغان، چاقىلىق بازىرى ئەتراپلىرىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسى 11 – ئەسىردىن بۇرۇن بولۇپ، موڭغۇللار دەۋرىدە بۇ زېمىندا گۈللىنىش بولغانلىقىدىن دېرەك يوق. لوپ كۆلى بويىدا ئوتتۇرا ئەسىرلەردە گۈللىنىش بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. بىز يۇقىرىقىدەك پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تارىختىكى لوپ شەھىرىنى ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە ۋاششەھىرى يېزىسىنىڭ ئالتە كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى شەھەر خارابىسى دېگەن يەكۈننى چىقىرالايمىز. لوپ نامىنى قەدىمدىنلا ھازىرقى چاقىلىق زېمىنىدا قوللىنىپ كەلگەن ئاتالغۇ دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئاتالغۇ كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپلا قوللىنىلغان دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن. شۇەنزاڭ )600 – 664> تەرىپىدىن 646 – يىلى يېزىلغان <بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى> ناملىق ئەسەردە <سارمادان بالىقتىن شەرقىي شىمالغا 1000 چاقىرىمدىن ئارتۇق يۈرسە 纳缚波 قەدىمكى ئېلىگە بارىدۇ. بۇ كروراندۇر>〖ZW>B〗<قەدىمكى دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرىدىن تاللانما>، نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1984 – يىلى خەنزۇچە نەشرى، 104 -، 32 – بەت.〖ZW)〗دېيىلگەن. بۇ باياندا <قەدىمكى> مەنىسىنى بېرىدىغان 故 خېتىنى قوشقان بولۇپ، بۇ خەت ۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مىلادىيە 8 – ئەسىرلەردە تۈبۈتلەرنىڭ قەدىمى بۇ زېمىنغا يەتكەن بولۇپ، چاقىلىق رايونىدىن تېپىلغان تۈبۈتچە يادىكارلىقلاردا چوڭ لوپ ۋە كىچىك لوپ دېگەن جاي ناملىرى يولۇقىدۇ. <تۈبۈتچە پۈتۈكلەردىن ئومۇمىي بايان> ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن 355 -، 361 -، 371 -، 410 – نومۇرلۇق پۈتۈكلەردىن بۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ ئاتالغۇ تۈبۈتچە يازمىلاردا Nobchung )كىچىك لوپ>، Nobchen )چوڭ لوپ> دەپ خاتىرىلەنگەن. 10 – ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ <بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت> ) شۇەنزاڭ 644 – يىلى لوپ شەھىرى خارابىسىدىن ئۆتكەن> ناملىق ئەسەرنى خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ئەسەردىكى 纳缚波 دىن ئىبارەت سانسكرېتچىلاشقان بۇ ئاتالغۇنى مۇشۇ يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى بويىچە <نوپ> دەپ تەرجىمە قىلغان. بەزى ئالىملار سانسكرېتچىلاشقان مۇشۇ نام ئارقىلىق <لوپ> نامىنىڭ مەنىسىنى يەشمەك بولۇپ، بۇ نامنى Nafop[KG-1]o[DD>-*2]..[DD)] دەپ ئوقۇپ، بۇنى ئەنەتكەك تىلىدىكى Nava bhaga ئىبارىسىگە تەڭلەشتۈرگەن ھەمدە <يېڭى سۇ> دېگەن مەنىدە، دەپ ئىزاھلىغان. ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ خىل يېشىش تۈپتىن خاتا، چۈنكى لوپ نامى بۇرۇندىنلا يەرلىك تىلدا لوپ ياكى نوپ دەپ قوللىنىلغان بولۇپ، ھازىرمۇ شۇ ھالەتتە ساقلانماقتا. <بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى> دە، نۇرغۇن ئىسىملارنىڭ سانسكرېتچىلاشتۇرۇپ ئېلىنغىنى ھەقىقەت، شۇ ۋاقىتتىمۇ لوپ ياكى نوپ دەپ قوللىنىلىۋاتقان بۇ ئىسىم سانسكرېتچىلاشتۇرۇلغان بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆزگەرگەن شەكلى بىلەن يەشمە ئىزدەش ئىلىمغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقتىن ئىبارەت. فرانسىيىلىك شەرقشۇناس، ئېكىسپېدىتسىيىچى پېللىئوت ۋە ئېلىمىز ئالىمى فېڭ چىڭجۈن قاتارلىق ئالىملار مانا بۇ <نوپ> ئاتالغۇسى بىلەن <لوپ> ئاتالغۇسىنىڭ بىر نامنىڭ ئىككى خىل تەلەپپۇزى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. تاڭ سۇلالىسى )618 – 907> دەۋرىدىكى لى جىپۇ تەرىپىدىن يېزىلغان <يۈەنخې ۋىلايىتىنىڭ تەزكىرىسى> دە <纳职 ناھىيىسى جېڭگۇەننىڭ 4 – يىلى )مىلادىيە 630 – يىلى> قۇرۇلغان، بۇ شەھەرنى چەرچەن )鄯善 بۇ نام شۇ ۋاقىتتا چاقىلىقنى مەركەز قىلغان خانلىق ۋە شۇ نامدىكى شەھەرنىڭ نامىدۇر، ئىلگىرىكى ماتېرىياللاردا بۇ ئاتالغۇ پىشامشان دەپ ئېلىنغان، بۇ بىر خاتا ئۇقۇمدۇر. خۇدابەردى سېلىم، خۇاڭ شېڭجاڭ قاتارلىق ئالىملارنىڭ پىكرى بويىچە چەرچەن دەپ ئېلىش ئەڭ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن> لىكلەر قۇرغان. ئۇيغۇرلار )胡> چەرچەننى <纳职> دەپ ئاتىغىنى بويىچە بۇ ناھىيە شۇنداق ئاتالغان> دەپ يېزىلغان. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چاقىلىق رايونىدىن بىر تۈركۈم ئاھالە قۇمۇل رايونىغا كۆچكەن ۋە بۇ 纳职 دېگەن يۇرتنى بەرپا قىلىپ كونا يۇرتىنىڭ نامىدا ئاتىغان، بۇ نامنى بىر قىسىم ئالىملار ھازىرقى <لاپچۇق> ئاتالغۇسىنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ )مەسىلەن، فېڭ چېڭجۈن>، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ئىككى خەتنىڭ ئەينى چاغدىكى تەلەپپۇزى [nэptci] دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇ ئاتالغۇمۇ ئوخشاش <لاپ — لوپ — لاپ — نوپ — ناپ تەلەپپۇزلىرىغا يېقىنلىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مىلادىيىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ بولغان ۋاششەھىرى كونا شەھىرىنى كۆرسىتىدىغان 弩支 نامىمۇ بار، بۇ ناممۇ ئەينى ۋاقىتتا [natǐe] دەپ ئوقۇلسا، بەزى كىشىلەر يەنە مىلادىيىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ بولغان 若羌 نامىنىمۇ <نوپچان> نامىنىڭ تەلەپپۇز خاتىرىسى دەپ قارايدۇ. يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا، <لوپ // نوپ> نامى مىلادىيىنىڭ بېشىدىلا چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە مەۋجۇت بولۇپ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا نوپ دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان بولسا، كېيىنچە لوپ دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كەلگەن، بۇ باشتا چاقىلىقنىڭ بىر قىسىم شەھەر – بازارلىرىنى كۆرسەتكەن بولسا، ئوتتۇرا ئەسىرلەرگە كەلگەندە ۋاششەھىرى كونا شەھىرىنى، يەنى يازمىلاردىكى مەشھۇر لوپ شەھىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغان. ھازىرقى ۋاقىتتا چاقىلىق ناھىيىسىدىكى لوپنىڭ قېقىرى، لوپنۇر كۆلى، لوپ لەنگەر )لوپجۇاڭزى>، لوپلۇقلار قاتارلىق ئاتالغۇلار ئەنە شۇ لوپ نامىنىڭ زامانىمىزدىكى مىراس شەكىللىرىدىن ئىبارەت. لوپ قەدىمكى شەھىرى گەرچە چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە بولسىمۇ، ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدە لوپ ناھىيىسى، بايىنغۇلىن ئوبلاستىدا لوپنۇر ناھىيىسى بار، بۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بولسا قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ لوپ قەدىمكى شەھىرىنىڭ نامى بىلەن لوپنۇر ناھىيىسى نامىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. بۇ ھەقتە يەر ناملىرى تەتقىقاتچىسى يۈۋېيچىڭ <كۆنچى دەرياسى بۇ جايدىن ئېقىپ ئۆتكەچكە كۆنچى دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ناھىيە تەسىس قىلىنغاندا دەسلەپ <شىن پىڭ> ئاتالغان بولۇپ، بۇ <يېقىندا تىنجىتىلغان> )新近平定> سۆزىدىن قىسقارتىپ ئېلىنغان. مىنگونىڭ 3 – يىلى )1914> ناھىيە مەركىزى يۆتكەلگەندە، <شىن پىڭ> نامىنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى شىن پىڭ ناھىيىسى )ھازىرقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىن پىڭ دەيزۇ – يىزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى> بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن شىن پىڭ نامىنىڭ ئورنىغا 尉犁 نامىنى قوللانغان… ھازىرقى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ نامى لوپنۇر بولۇپ تەبىئىي ھالدا ناھىيىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نامى بولۇپ قالغان. بۇ نام بولسا ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ نامىدىن كەلگەن>〖ZW>B〗يۈ ۋېيچىڭ: <شىنجاڭدىكى مەمۇرىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 6819 – يىلى، خەنزۇچە نەشرى. 52 – بەت.〖ZW)〗دەپ يازىدۇ. دېمەك، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ نامىدىكى لوپ يەنىلا چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى لوپ كۆلىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئېكىسپېدىتسىيە ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كېلىپ، كۆنچى نامىنىڭ ئورنىنى ئالغان. ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 1946 – يىلىدىن باشلاپ لوپنۇر نامى بۇ ناھىيىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى قىلىپ قوللىنىلغان. خوتەن ۋىلايىتىدىكى لوپ ناھىيىسىنىڭ نامىغا كەلسەك، بۇ ناممۇ بىۋاسىتە چاقىلىقتىن ئىبارەت لوپ نامىنىڭ قەدىمىي ماكانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. 1885 – يىلى چاقىلىق لوپلۇقلىرىنى ۋە خوتەننىڭ لوپ كەنتىنى كېزىپ چىققان ئاتاقلىق رۇس ئېكىسپېدىتسىيىچىسى پېرژىۋالىسكىيمۇ خوتەن ئاھالىلىرى توغرۇلۇق توختىلىپ <ئاھالىلەر ئىچىدە لوپ ۋە ھانگۇي كەنتىدىكىلەردىن باشقىلار ھەممىسى ماچىنلىقتۇر. لوپ كەنتىدىكى ئاھالىلەر لوپ كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى لوپ شەھىرى ۋەيران بولغاندا شۇ جايدىن قېچىپ چىققان كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى> دەپ قارىغىنىغا ئوخشاش، بەزى رىۋايەت ۋە تەتقىقاتلاردا خوتەن ۋىلايىتىدىكى لوپ ناھىيىسى نامىنىڭ چاقىلىق ناھىيىسىدىكى لوپ نامى بىلەن بىۋاسىتە مەنبەداشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە لوپ نامىنىڭ مىلادىيىنىڭ بېشىدىن باشلاپ مەۋجۇت بولغانلىقىنى، لوپ ناھىيىسى نامىنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە ئوتتۇرىغا چىققىنىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەسلىي مەنبەنىڭ چاقىلىق ناھىيىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. 1950 – يىللىرىنىڭ بېشىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسىدە جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چاقىلىق ناھىيىسىدىكى لوپ كۆلى بويىدىن كۆچۈپ بارغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە <لوپ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىلىك يەر ناملىرى تەزكىرىسى> دە، <رىۋايەتلەرگە قارىغاندا 18 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا لوپنۇر رايونىنىڭ لوپ كەنتى، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردا دەھشەتلىك يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا ھايات قالغۇچىلار بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق ياكى يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان لوپلۇقلار يۇرتىنى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ كۆچكەن بولۇپ، بىر تارمىقى قۇرۇق دەريانى بويلاپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ياقىسىدىكى تارىم ۋادىسىغا كۆچكەن، يەنە بىر تارمىقى غەربىي جەنۇبقا قاراپ كۆچۈپ چەرچەندىن ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى لوپقا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. شۇ يەرلىكلەردىن تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىپ لوپلۇقلار ئاساس قىلىنغان مەھەللىلەرنى شەكىللەندۈرگەن ۋە يەرلىكلەر تەرىپىدىن لوپلۇقلار كەنتى دەپ ئاتالغان، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن كەنتنىڭ نامىغا ئايلانغان. كېيىنچە بىر قىسىم لوپلۇقلار يۇرتىنى سېغىنىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن> )1 – بەت> دەپ يېزىلغان. نيۇ رۇچىن <شىنجاڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان> ناملىق كىتابىدا، <洛浦، 纳缚، 罗布 ناملىرى بىر نامنىڭ بىرقانچە خىل ترانسكرىپسىيە قىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن> دەپ ئېيتقىنىغا ئوخشاش، بۇ ناملارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە لوپ ياكى نوپ ئاتالمىسىنىڭ مەنبەلەردە تۈرلۈك خاتىرىلىنىشىدىن ئىبارەت. لوپ نامىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى تېخى يېشىلگىنى يوق، بۇ ئاتالغۇنى غەربىي دىياردىكى ھەممە مىللەتنىڭ تىلىغا تەققاسلاپ چۈشەنچە بېرىلگەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسى ئومۇمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. <دەريالارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە> ناملىق ئەسەردە، <لوپ مۇسۇلمانچە )ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ> سۆز بولۇپ، سۇنىڭ يىغىلىدىغان جايى دېگەن مەنىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى سۇلار مۇشۇ يەرگە يىغىلغىنى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان> دەپ ئىزاھلانغان. بەزىلەر بۇ سۆزنى زاڭزۇ تىلىدىكى Lop )ئۆگىتىش>، Lopba )ئالىم، ئۇستاز مەنىسىدە>، ھىندى تىلىدىكى Lop )باش قويغۇچى مەنىسىدە>، ئىران تىلىدىكى lab )ئاق رەڭ مەنىسىدە> بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، سانسكرېتچە ئاتالغۇ Nava bhaga ئارقىلىق يەشكۈچىلەر <يېڭى سۇ> دەپ ئىزاھلىغان. ئۇيغۇر ئالىملىرى بۇ نامنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىغا ياكى شۇلارنىڭ تىلىدىكى سۆزگە تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىنلاشتۇرۇپ يەشمە بەرمەستىن، بىۋاسىتە لوپلۇقلار ئارىسىدىن ئۇچۇر ئىگىلىگەن. بۇ ھەقتە ئېتنوگراف مەرھۇم ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا بۇ نامنى لوپلۇقلارنىڭ ئىزاھىغا ئاساسەن <جاڭگال، جاڭگاللىق> دېگەن مەنىدىكى لوپلۇقلارنىڭ كونا ئۇيغۇر تىلى دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. لوپلۇقلار 8891 – يىلى بۇ يەرگە كەلگەن فرانسىيىلىك مەشھۇر ئېكىسپېدىتسىيىچى گابرېل بونۋالوتقا لوپ دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىر خىل ھايۋاننىڭ نامى دېگەن ئىزاھاتنىمۇ بەرگەن. بىز لوپ نامىغا بېرىلگەن يۇقىرىقى يەشمىلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنىڭ بىر قەدەر مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز، باشقا قاراشلار ئاساسەن ئابستراكت ئاتالغۇلار بولۇپ، جاي نامى بولۇشقا ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بۇنى بىلمەك بولساق تۆۋەندىكى تارىخىي پاكىتلارغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرايلى. بەن گۇ )32 – 92> تەرىپىدىن يېزىلغان <خەننامە> دە، <鄯善 بەگلىكىنىڭ ئەسلىي نامى كروران بولۇپ… ئاھالىسى 1570 تۈتۈن، 14100 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 2912 نەپەر>〖ZW>B〗بەن گۇ: <خەننامە>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 – يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 853- بەت.〖ZW)〗دېيىلگەن. شۇ چاغدىكى كروران نوپۇسى تارىم ۋادىسىدىكى چوڭراق ئەللەردىن ئۇدۇن، قەشقەرلەرنىڭ نوپۇسىغا تەڭلىشىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردىكى نوپۇس تەكشۈرۈش ھازىرقىدەك بولمىغىنى ئۈچۈن يۇقىرىقى سانلارنى ئەڭ تۆۋەن چەك سۈپىتىدە قارايمىز. مىلادىيە 399 – يىلى چاقىلىق دىيارىدىن ئۆتكەن راھىب فا شەن )337 – 422> يازغان <فا شەننىڭ تەرجىمىھالى> ياكى <بۇددا ئەللىرى خاتىرىسى> ناملىق كىتابىدا 鄯善 ئېلىدە 4000 دىن ئوشۇق راھىب〖ZW>B〗<قەدىمكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى ھەم شەرھى>، نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1984 – يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 104 -، 32 – بەت.〖ZW)〗بارلىقىنى يازىدۇ. بىز ھەر 10 ئادەمدىن بىرى راھىب دەپ قارىساق، نوپۇسى 04 مىڭدىن ئوشۇق دېگەن يەكۈنگە ئېرىشەلەيمىز )يازغۇچى ياڭ نيەن ئەپەندى مۇشۇ ۋاقىتتىكى نوپۇسنى 80 مىڭ ئىدى دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ>. <سۇڭنامە> 98 – جىلد <دى غۇزلىرى ھەققىدە قىسسە> دە، مىلادىيە 442 – يىلى <)جۇرچى ئۇرغۇ باشلىغان 10 مىڭدىن ئوشۇق كىشى> 鄯善 گە يېتىپ بارغۇچە 鄯善 بېگى بەگ روڭ 4000 دىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ قېچىپ كەتكەن> دەپ يېزىلغان.〖ZW>B〗<ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 712 – بەت.〖ZW)〗تولۇقلىما ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بە گ روڭ باشلىغان ئاھالە ئومۇمىي ئاھالىنىڭ يېرىمى بولۇپ )<ۋېينامە> 102 – جىلد <غەربىي دىيار> قىسمى>، ئۇلار ئەينى چاغدىكى سارمادانبالىققا )چالمادانا>، يەنى ھازىرقى چەرچەنگە بارغان، بىز بۇلارنى كۆزدە تۇتساق، شۇ چاغدا چاقىلىق دائىرىسىدىكى ئومۇمىي ئاھالە 8000 تۈتۈندىن ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن، دېگەن يەكۈن چىقىدۇ. شۇ چاغدىكى چوڭ ئائىلە ھالىتىدىن ئېيتقاندا، بۇ نوپۇس 50 مىڭدىن ئارتۇق، ھەتتا 100 مىڭغا يېقىنلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. مانا بۇ ئاھالىلەر مىلادىيىنىڭ بېشىدا كروران، LK، قۇتۇم )مىرەن كونا شەھىرى>، قاغانبالىق )چاقىلىق بازىرى>، كىتىك، مەردەك، لوپ قاتارلق شەھەرلەردە ياشىغان. ماتېرىياللاردا 7 – ئەسىردە بىر تۈركۈم ئاھالە قۇمۇل رايونىغا كۆچۈپ <لاپچۇق> شەھەرچىسىنى بەرپا قىلغانلىقى، مىلادىيە 442 – يىلى 4000 تۈتۈندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ھازىرقى چەرچەنگە كۆچكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 4 – ئەسىرلەر ئەتراپىدا كروران، LK قاتارلىق بىر قىسىم جايلار ۋەيران بولغاچقا، بىر بۆلۈك ئاھالىنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن بۇ كونا يۇرتلىرىدىن كۆچۈشى تامامەن مۇمكىن. 10 – ئەسىرلەرگە كەلگەندە قۇتۇم، قاغان بالىق قاتارلىق شەھەرلەر ۋەيران بولغان بولسا، 14 – ئەسىرلەر ئەتراپىدا كىتىك، لوپ، مەردەك شەھەرلىرى ۋەيران بولغان. <تارىخى رەشىدىي> قاتارلىق بىر قىسىم ماتېرىياللاردا بىر بۆلۈك مۇسۇلمان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ جالالىدىن كىتىكى باشچىلىقىدا تارىم دەرياسىنى بويلاپ ئاقسۇ، كۇچالارغىچە كۆچكەنلىكى خاتىرىلەنگەن بولسا، ھازىر يۈگۇ مىللىتى دېيىلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلارمۇ كىتىك، مەردەك قاتارلىق شەھەرلەر ۋەيران بولغاندا شەرققە كۆچكەن مۇسۇلمان بولمىغان ئاھالىلەردۇر. تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئېقىن يۆتكىشى، بۇ زېمىندا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن ئۈزلۈكسىز تۈردە بىر قىسىم ئاھالە سىرتقا كۆچكەن. ھازىرقى چەرچەن نامىنىڭ ئەسلىدە چاقىلىقنى مەركەز قىلغان خانىدانلىق نامىدىن تەدرىجىي سارمادانبالىق نامىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىدىن بارلىققا كېلىشى، چاقىلىقتىكى لوپ نامىنىڭ قۇمۇلدا <لاپچۇق> نامىدا مەۋجۇت بولۇشى بىزنى داۋاملىق ئىچكىرىلەپ ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ. خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇچرايدىغان چاقىلىق دائىرىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان چەرچەن خانلىقىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى 鄯善 نىڭ خاتا ھالدا پىچان نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى سۈپىتىدە توغرا تەرجىمە 辟展 نىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئوخشاشلا، چاقىلىق دائىرىسىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ نامىمۇ ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسىگە نام بولۇپ، ئەسلىدىكى <كۆنچى> نامىنىڭ ئورنىنى ئالغان، <چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسى> دە، <1797 – يىلى باھاردا لوپنۇر كۆلى رايونىدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن لوپلۇق ئاھالە يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن، ھايات قالغانلىرى بۈگۈنكى لوپ )洛浦> ۋە لوپنۇر )尉犁> قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسمى ئابدالدا ئولتۇراقلاشقان>〖ZW>B〗<چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسى>، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1992 – يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 20 – بەت.〖ZW)〗دېيىلگەن. ياقۇپبەگ دەۋرىدىن سەل كېيىن ياقۇپبەگ زامانىسىدىكى تارىخنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان چاغاتاي يېزىقىدىكى قوليازمىدا نىياز ھېكىمبەگنىڭ ياقۇپبەگ ئۆلگەندە لوپ ئارقىلىق خوتەنگە كەتكەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان لوپ شۇ ۋاقىتتىكى چاقىلىق بوستانلىقىنى كۆرسەتكەن. نىياز ھېكىمبەگ ئەينى تارىخىي مۇھىتتا ھەرگىز ئاقسۇ تەرەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان چاقىلىق بىلەن خوتەنگە مېڭىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى نىياز ھېكىمبەگنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە نىياز ھېكىمبەگنىڭ ياقۇپبەگنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغانلىقى كەڭ تارقالغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ خوتەنگە ھازىرقى چاقىلىق بىلەن قاچماي ئامالىمۇ يوق ئىدى. مۇشۇ خىل ئەھۋاللار قوليازمىدا تىلغا ئېلىنغان لوپنىڭ شۇ ۋاقىتتا چاقىلىقنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇ دەۋرلەردە چاقىلىق بوستانلىقىنىڭ لوپ ۋە چاقىلىق ناملىرىدا ئاتالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن. لوپ رايونىدا بىرقانچە قېتىملىق يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ نۇرغۇن ئاھالىنىڭ قىرىلىپ كەتكەنلىكى ھەقىقەت، تاكى يېقىنقى كۈنلەرگىچە لوپلۇقلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدىن بەكلا ئەنسىرەپ كېتىشى شۇ تارىخىي يىللاردىكى دەھشەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىدا قالدۇرغان ئاسارىتى بولسا كېرەك. <چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسى>دىكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلار بەلكىم ئەينى يىللاردا خاتىرىلەنگەن خەنزۇچە مەنبە ئاساسىدا چىقىرىلغان يەكۈن بولۇشى مۇمكىن. 1955- يىلى ئەتراپىدا خوتەن ۋىلايىتىدىكى لوپ ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش داۋامىدا ئېرىشىلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەرگە لوپلۇقلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدىن قېچىپ بارغانلىقى مەلۇم بولغان. مەردەك كونا شەھىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئانچە كۆپ ئەمەس، يەنە كېلىپ بۇ شەھەر خارابىسى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈلمىدى. كورلا – چاقىلىق تاشيولىنى بويلاپ كورلا تەرەپكە 100 كىلومېتىردەك ماڭسا، تۇقۇم دېگەن يەرگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، بۇ جايدىن شەرققە ئېشەكلىك يېرىم كۈنلۈك يول يۈرسە، شەھىرى مەردەك خارابىسىنى تېپىش مۇمكىن. ھازىرچە كلاسسىك تارىخلاردىن بۇ شەھەر توغرۇلۇق بايانلارنى تېپىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدۇق. شۇنداقتىمۇ كۆرگەنلەرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلىنىپ ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر بېرىشكە تىرىشىمىز. مەرھۇم ئالى موللامنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇ شەھەر خارابىسىنىڭ سېپىلى بار بولۇپ، سېپىل شاخ- شۇمبا قاتارلىقلار بىلەن چىڭداپ ياسالغانىكەن، موللام مۇشۇ شەھەر خارابىسى ئەتراپىدا مال باققان ۋە بۇ خارابىگە كۆپ قېتىم بارغانىكەن. شەھىرى مەردەك شەھىرى كىتىك بىلەن يېقىن بولۇپ، دەۋرداش قوشنا شەھەرلەردىن ئىكەن. شەھىرى مەردەك تارىم دەرياسىنىڭ بىر ئېقىنىنىڭ سۈيىنى ھاياتلىق مەنبەسى قىلغان، بۇ ئېقىن تارىم دەرياسى بىلەن پاراللېل ھالدا جەنۇبقا ئېقىپ تەخمىنەن شىرگە چاپقان ئەتراپىدىن شەرقىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ ئېقىپ قۇمغا سىڭىپ كېتىدۇ. شەھىرى مەردەك خۇددى كرورانغا ئوخشاشلا قەدىمىي شەھەر بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنلا ئەجدادلىرىمىز بۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، شەھىرى مەردەكنى سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىن ئەتكەن ئېقىن بويىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرماقتا. بۇ شەھەرنىڭ ۋەيران بولغان ۋاقتىغا كەلسەك، بۇ تەخمىنەن موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرگە ياكى ئۇنىڭدىن سەل كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كېلىشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە ئالى موللام شەھەر خارابىسىگە يېقىن جايدا <موڭغۇل ئۆلگەن> دېگەن بىر جاينىڭ بارلىقىنى، بۇ جايدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇ بەلكىم موڭغۇللار دەۋرىدىكى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنرەك بولغان قانلىق جەڭنىڭ گۇۋاھى بولسا كېرەك. مەن مانا مۇشۇلارغا ئاساسەن بۇ شەھەرنى مىلادىيە 13 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە تېخى گۈللىنىپ تۇرغان دېيىشنى توغرا تاپتىم. بۇ شەھەر خارابىسى 1906 – يىلىدىن كېيىن 4191 – يىلى 1 – ئايدىن بۇرۇن لوپلۇق ئوۋچىلار تەرىپىدىن بايقالغان، ئەينى چاغدىكى ناھىيە ئامبىلى ئەجنەبىي ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ قەدىمكى نەرسىلەرنى پۇلغا ئالىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئوۋچىلارغا ھاشار سېلىپ قەدىمكى شەھەر ۋە خارابىلەرنى ئىزدىتىپ، كولىتىپ، تېپىلغان نەرسىلەرنى چەت ئەللىكلەرگە ساتقان. شەھىرى مەردەكتىن تېپىلغان يادىكارلىقلارنى ياپونىيىلىك تاچىبانا زۇيچۇغا ساتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە سىتەين 1928 – يىلى نەشر قىلىنغان <مەركىزىي ئاسىيا> ناملىق كىتابىدا، <1914 – يىلى 1 – ئايدا مەن چاقىلىقتا شۈبھىلىك بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم. 1906 – يىلى مەن ئۇ يەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، لوپلۇق ئوۋچىلار تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا يېقىن جايدىن شەھىرى مەردەك خارابىسىنى بايقاپتۇ، شۇ جايدىن تېپىلغان نەرسىلەرنى جى رۇيچاۋ ئەپەندىگە سېتىپ بەرگەنلىرىنى ئانالىز قىلغاندا، ئۇ جايدا يەنە ئۆيلەرنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قاپتۇ…> دەپ يازغان. شۋېتسىيىلىك ئارخېئولوگ بېرگماننىڭ 1939 – يىلى ستوكھولېمدا نەشر قىلىنغان <شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسىدىن خاتىرە> ناملىق كىتابىدا دېيىلىشىچە، شۇ دەۋرلەردە كورىيە باش مىنىستىرلىقى مۇزېيى نەشر قىلغان ئۈچ توملۇق رەسىملەر توپلىمىغا بىر قىسىم يادىكارلىقلارنىڭ رەسىمى كىرگۈزۈلگەنىكەن، بىزنىڭ بۇ شەھەر ھەققىدە ھازىرچە بىلىدىغانلىرىمىز يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت.

مەنبە: بىلقۇت تورى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * ماكان تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار