ياپونىيەدىكى شىنجاڭغا دائىىر ماتېرىياللار

سۇگاۋارا جۈن (ياپونىيە)

1. بىر كونا كىتابتىن

ياپونىيەدىكى شىنجاڭغا دائىىر ماتېرىياللار ، سۇگاۋارا جۈن (ياپونىيە)

ئالدىمدا بىر كونا كىتابنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى تۇرۇپتۇ. بسۇمى خرېيوشى ئەپەندىنىڭ “ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىلى _ كاشغەر شىۋىسى” دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ ياپونىيىدە كاشغەر شېۋىسى ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى ماتېرىيال بولسا كېرەك (1941-يىلى توكيو ريوبون نەشرىياتى نەشر قىلغان). مەن بۇ كىتابنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندا پېشقەدەم كەسىپداشلىرىم ساقلاۋاتقان كىتابلار ئارىسىدىن كۆپەيتىۋالغانىدىم. مەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونچە مۇنداق ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالغان ئىدىم.

بۇ ئىككى قىسىملىق ئەسەر بولۇپ، 1-قىسمى ئۇيغۇر تىلىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر تىلى گرامماتېكىسىغا ئاتالغان. 2-قىسمى ئاساسەن سۆزلۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ھەر خىل جەدۋەل ( يەر – جاي ناملىرى ، شۇنىڭدەك تۈرك تىلى بىلەن كاشغەرىيە شىۋىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى ) قوشۇمچە قىلىنغان. 2-قىسمىدا كىتابنىڭ 1-قىسمىدا كۆرسىتىلگەن مىساللار ئەرەب يېزىقىدا بېرىلگەن.

بۇ ئەسەرنىڭ نەشردىن چىققىنىغا 60 يىل بولغاچقا، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، يېزىقى ۋە ئىملا جەھەتتە ھازىر شىنجاڭدا قوللىنىلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن پەرقلىق، گرامماتېكىسىدىمۇ قەدىمىي پۇراق بار. ئەمما نەزەرىمىزنى ئەسەردىكى يەنە بىر تارىخىي جەريان 20-ئەسرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ياپونىيە ئىمپېرىيىسىى بىلەن ئۇيغۇرلار مۇناسىۋىتىگە ئاغدۇرساق، ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان يەنە بىر مەسىلىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

2 . گەپنى 1930-يىللاردىن باشلايلى

ياپونىيىنىڭ نەزىرى چۈشكەن شىنجاڭ مانجۇرىيە ۋەقەسى (1931-يىلى) ۋە ئاتالمىش مانجۇرىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى (1932-يىلى) دىن پايدىلانغان ياپونىيە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقان مەزگىلدە، شىنجاڭدا بولسا قۇمۇل قوزغىلىڭىغا ئەگىشىپ 1932-يىلى تۇرپاندا، 1933-يىلى خوتەندە ۋە باشقا جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى يۈزبەرگەن ئىدى، بولۇپمۇ ئەتراپلىق پىلان بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ” ئەمىر ” نامىغا ئېرىشكەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەشكە مۇۋەپپەق بولغان ئىدى. ئارقىدىنلا خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ياركەنت، كاشغەرلەرگە يۈرۈش قىلىپ، كاشغەردىكى مىللەتچىلەرنىڭ كاتتىۋاشلىرى ۋە كاشغەرگە كەلگەن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن دەرھال بىرلىشىپ 1933-يىلى 11-ئايدا «جۇمھۇرىيەت» ئېلان قىلدى. بۇ جۇمھۇرىيەتتە مۇرەككەپ قوزغىلاڭچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش، تەپرىقىبازلىق (يۇرتبازلىق)، دۆلەت تۈزۈلمىسىنى قوغدايدىغان ئاساسنىڭ بولماسلىقى ، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەسلىك، ھەربىي جەھەتتىكى ئاجىزلىق قاتارلىق نۇقسانلار مەۋجۇت ئىدى. شۇ سەۋەبلىك 1934-يىل 2-ئايدا تۇڭگانلار كاشغەرگە بېسىپ كىرگەندە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولمىغان بۇ ھاكىمىيەت ۋەيران بولدى.

1931- يىلدىن، 1934 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شىنجاڭدا يۈزبەرگەن قوزغىلاڭ ۋە باشقا ھەرىكەتلەر ئاقىۋەت يېرىم يولدا مەغلۇپ بولدى. بۇ مەزگىلدىكى شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە ياپونىيە ھۆكۈمىتى خېلى دىققەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى بىلىدىغان كىشىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس.

(1)  ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا يېقىندىن دىققەت قىلغانلىقىغا دائىر ئىزلارنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارخىبلىرىدىن ئېنىق كۆرۈشكە بولىدۇ (بۇ تور بەتنى ياپون، خەنزۇ، ئىڭلىز، كورىيە تىللىرىدا ئاختۇرۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ.

(2)  ئەينى چاغدىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا دىققەت قىلغانلىقىغا دائىر ماتېرىياللار ياپونىيە دائىرىلىرى ئارخىبلىرى، بولۇپمۇ خارجى مىنىستىرلىقى ئارخىبخانىسىدا ساقلانغان. شىنجاڭغا دائىر ماتېرىياللار جەمئىي 257 پارچە بولۇپ، بۇ ماتېرىياللارنى ھازىر تور ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ماتېرىياللارنى تەپسىلىي كۆرۈش ئۈچۈن شىنجاڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار توپلىمى (ئەمدى “توپلام” دەپ قىسقارتىلىدۇ) دېگەن توققۇز توملۇق زور ھەجملىك توپلامغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 7500 بەتلىك بۇ توپلامغا تايشۇنىڭ 15-يىلى (1926-يىلى) 5-ئايدىن شوۋانىڭ 19-يىلى (1944-يىلى) 12-ئايغىچە بولغان ئاز كەم 20 يىللىق ماتېرىيال كىرگۈزۈلگەن. “ش ت ئى ج” دىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەت تازا ئەۋجىگە چىققان شوۋانىڭ 8-يىلى (1933-يىلى ) دىن بۇيانقى مەزمۇنلار پۈتكۈل توپلامنىڭ تەخمىنەن 7300 بېتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇ مۇشۇ ماتېرىيالنىڭ تەخمىنەن 70% ئىنى ئىگىلەيدۇ. مانا بۇنىڭدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ مەزگىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

3. شىنجاڭ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭغا داىر ماتېرىياللار توپلىمىنىڭ مەزمۇنى



توپلام مەزمۇنىنىڭ كۆپ قىسمى ياپونىيە خارجى مىنىستىرلىقىنىڭ ھەرقايسى ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىغا چۈشۈرگەن شىنجاڭغا دائىر ئۇچۇر، ئاخباراتلارنى يىغىش ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرى ھەمدە بۇ ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلار ياپونىيىگە يوللىغان شىنجاڭغا دائىر ئاخباراتلار ؛ قوشۇمچە ماتېرىياللار (مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ خاتىرىسىنىڭ تەرجىمىسى، ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار، ژۇرناللار، ياۋروپا ئەللىرىدە نەشر قىلىنغان ماتېرىياللار، گېزىت قىيمىلىرى، شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ تەپسىلىي خەرىتىسى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەپسىلىي خامچوتلىرى، قانۇنلۇق ۋە مەلۇم قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەن باشقا ماتېرىياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئاز بىر قىسمى ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى تەمىنلىگەن شىنجاڭغا ئائىت ئاخباراتلار، شىنجاڭغا دائىر دەپ قارالغان بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە دائىر مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەينى چاغدا جۇڭگو ئەمەلدارلىرى شىنجاڭغا بېرىپ – كېلىشتە خەتىرى كۆپ ئىچكىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا مېڭىشتىن ئەندىشە قىلغاچقا ئالدى بىلەن تيەنجىندىن ياپونىيىنىڭ كوبو دېگەن يېرىگە بېرىپ ئاندىن پويىز بىلەن فۇكوئى ناھىيىسىدىكى سىرۇگاغا ، ئۇ يەردىن پاراخوت بىلەن ۋلادۋوستوكقا باراتتى. بۇ يەردىن سىبىرىيە تۆمۈر يولى ئارقىلىق ئالمۇتاغا ، ئالمۇتادىن ئىلى ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە بېرىپ-كېلىدىغانلار كۆپ ئىدى. مۇشۇنداق كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئىچىدە فۇكوئى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قول قويغان فۇكوئىدىن ئۆتكەن جۇڭگولۇق ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىكى بار. بۇ تىزىملىك ئىچىدە قوزغىلاڭ مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋۇ ئەيچېننىڭ ئىسمىمۇ ئۇچرايدۇ. ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كونسۇلخانىلار (مەسىلەن ئافغانىستاننىڭ كابۇل، ھىندىستاننىڭ شىملا بىلەن كالكۇتتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نوۋىسىبىرىسكىي، جۇڭونىڭ شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلار) شىنجاڭغا دائىر ئاخباراتلارنى خارجى مىنىستىرلىكىگە يوللاپ بېرىش بىلەن تەڭ يەنە شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك دەۋاسى قىلغۇچىلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ تۇراتتى. بولۇپمۇ كاشغەردىكى ھاكىمىيەت يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قالدۇق كاتتىۋاشلىرى ھىندىستان، ئافغانىستان، تۈركىيە، مىسىرلاردىن سىرت توكيو، شاڭخەيلەرگىچە يېتىپ كەلگەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇلار بىلەن ھەرقايسى جايلاردا ئاكتىپ ئۇچرىشىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاخباراتلارنى توپلىۋېلىشقا تىرىشقان.
ئەمىر ئۇنۋانىدىكى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياپونىيىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا دائىم بېرىپ تۇرغان، ئۇ ئۆز خاتىرىلىرىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات توپلىشىغا ياردەملىشىپ ئاكتىپلىق بىلەن تەقدىم قىلغان. توپلامدا خوتەن ئەمىرىنىڭ سۆزى، دېگەندەك سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە دائىر چۈشەندۈرۈش ۋە ئانالىزلارنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تەمىنلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە 1933-يىلىدىكى قوزغىلاڭ مەزگىلىدە كاشغەردە قوماندان بولغان سۈرىيىلىك ئەرەب تەۋفىقبايغا دائىر خەۋەرلەرمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، تەۋفىقباي 1936-يىلى ياپونىيىگە كېلىپ خارجى مىنىستىرى ئارىدا خاچىرو دېگەن كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە دائىر پىكىرلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە مۇسۇلمانلار ئىشلىرىغا ئائىت كونكرېت لايىھىنى تۈزۈپ چىققان، ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى گۇمانلىق بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنى 1930-يىللاردىكى مۇھىم بىر پائالىيەتچى شەخس، دەپ قاراشقا بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

4. ماھمۇد مۇھىتىنىڭ ياپونىيىگە كېلىشى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 1936-، 1937-يىللىرى شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئالاھىدە دىققەت قىلغان يەنە بىر ئىش __ كاشغەر گارنىزون قوماندانى بولۇپ تۇرغان ماھمۇد مۇھىتىنىڭ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ماھمۇد مۇھىتى تۇرپانلىق سودىگەر بولۇپ، 1933-، 1934-يىللىرىدىكى قوزغىلاڭدا خوجانىيازنىڭ قول ئاستىدىكى قۇمۇل قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان، خوجانىياز ئۈرۈمچىدىكى شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەندىن كېيىن خوجانىياز رەھبەرلىكىدىكى كاشغەر گارنىزونىنىڭ قوماندانى بولغان مۇھىم شەخس.

ماھمۇد مۇھىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سايىسىدە كۈچىيىۋاتقان شېڭ شىسەينىڭ تەھدىدىنى بايقاپ قالغاچقا 1937-يىلى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىدىن ئۆتۈپ ھىندىستانغا بارغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ماھمۇد مۇھىتىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ جۇڭگو ئەلچىخانىسى بىلەن ئۇچرىشىشىنى كۆزىتىش بىلەن بىللە ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىگىمۇ ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ قويغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەينىڭ كاشغەردىكى ئاتلىق 6-دېۋىزىيىگە ئەۋەتكەن بۇيرۇقى بىلەن ماھمۇد مۇھىتىنىڭ سۈرىتىگىچە قولغا چۈشۈرۈپ بولغان، بۇنى بەلكىم ماھمۇد مۇھىتى تەرەپتىن بىرسى تەمىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇ يىلى كۈزدە ماھمۇد مۇھىتى ھەج قىلىش ئۈچۈن ھىندىستاندىن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن. 1938-يىل 10-ئايدا ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن. ئەمما لاھوردا ھۆكۈمەت ساقچىلىرى بىلەن (ئەمەلىيەتتە ماھمۇد مۇھىتىنىڭ ھەمراھلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ مال-دۇنياسىنى ئېلىپ قېچىشتىن كېلىپ چىققان جېدەل ) جېدەللىشىپ قېلىپ ھىندىستاندا تۇرالماي ئامالسىز ياپونىيىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان.
ماھمۇد مۇھىتىنىڭ ياپونىيىگە كېلىشى ھەققىدە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن ئۇچراشقان مانجۇرىيە تۆمۈر يولىدا ئىشلەيدىغان تاكېئوچى يوشىنورى ناھايىتى ئاددىي بىر ئەسلىمە قالدۇرغان ( تاكېئوچى يوشىنورى : ” ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئەسلىمە ” ، ” ئاسىيا – ئافرىقىغا دائىر ماتېرىياللار “، 1982-يىللىق 4-سان ، 20-توم). تاكېئوچى يوشىنورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ماھمۇد مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولۇپ 15 ئادەم ياپونىيىنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسىدىن ياردەم سورىغان. ئۇلارنىڭ تەلىپى ماقۇل كۆرۈلۈپ ياپونىيىگە بارغان. توپلامغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ياپونىيىگە
كەلگەن ۋاقتى شوۋانىڭ 14-يىلى ( 1939-يىلى ) 5-ئاي ئىدى. تاكېئوچى يوشىنورى تىلغا ئالغان ماھمۇد مۇھىتى بىلەن بىللە ياپونىيىگە كەلگەن ئادەمنىڭ ئىچىدىكى 3 ئادەمنىڭ ئىسمى باشقا ماتېرىياللاردىمۇ ئۇچرايدۇ.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال تىلغا ئالىدىغىنىم كاشغەرلىك مۇھەممەد ئىمىن ئىسلامى ، دېگەن كىشىدۇر. مۇھەممەد ئىمىن ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ ياپونىيىدە تۇرۇپ قالغان. ھازىرقى توكيو جامەسىنىڭ يېنىدىكى يويوگې مەسچىدىدە ئىماملىق قىلىۋاتقان ئابدۇرەشىد ئىبراھىمنىڭ ( ئابدۇرەشىد ئىبراھىم ھەققىدە : كوماتىس خىسائو بىلەن كائۇرى بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان، 1991-يىلى توكيو دايسانشوكان نەشرىياتى نەشر قىلغان ” رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ نەزىرىدىكى مېيجى دەۋرىدىكى ياپونىيە ”
دېگەن كىتابقا قاراڭ ) يېنىدا تۇرغان، ئابدۇرەشىد ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن يويوگې مەسچىدىدە ۋاقىتلىق ئىمام بولغان، 2-جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مۇھەممەد ئىمىننىڭ قەلىمى كۈچلۈك بولغاچقا ئۇنىڭ ئىككى پارچە ئەسىرى ساقلىنىپ قالغان، بىرى 1930-يىللاردىكى خوجانىياز ھاجى، سابىد داموللا ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ماھمۇد مۇھىتىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى خۇلاسىلەنگەن ئەسلىمىدۇر. بۇ ئەسەر ياپونىيىنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسىغا تاپشۇرۇلغان قوليازما بولۇپ، ئۇيغۇرچە 40 ۋاراق كېلىدۇ. بۇ قوليازما توپلامنىڭ 9-تومىغا كىرگۈزۈلگەن. يەنە بىرى ئۇلار سەپەرگە چىقىشنىڭ ئالدىدا ۋاپات بولغان يولداشلىرىنى ئەسلەپ يازغان
” مۇھاجىرەتتە يوقالغان مۇجاھىدلىرىمىز ” ( 1941-يىلى توكيو نەشرى ) دېگەن ئەسەر بولۇپ، ياپونچە-ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلدا خاتىرىلەنگەن بۇ ئەسەر ئۇنىڭ تۇرالغۇسى ۋە يويوگې مەسچىدىدە تارقىتىلغان.

يەنە بىر كىشى ماھمۇد مۇھىتىدىن قالسا 2-نومۇرلۇق شەخس ، دەپ قارىلىدىغان باي ئەزىزدۇر. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سىزىكى سىمىكو دېگەن ئايال يازغان ” پەرەنجىلىك ئايال ” ( 1951-يىلى ” ماينىچى گېزىتى ” نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ) دېگەن كىتابتا بۇ كىشى سەلبىي ئوبراز سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن، باي ئەزىز 1949-يىلىدىن كېيىن يەنە “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى”نى بېشىدىن كەچۈرگەن ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئالاھىدە شەخستۇر.

ئۇنىڭ ئەسلىمىسى
” شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى ” غا كىرگۈزۈلگەن ( باي ئەزىز : ” ماھمۇد سىجاڭ بىلەن بولغان 12 يىل “،  ” شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى ” 6-سان) ئۈچىنچى كىشى توختىباي، كاشغەرلىك، ياپونىيىلىك ئايال بىلەن توي قىلغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىدە مۇساپىرچىلىقتا ياشىغان. 1955-يىلى توكيودا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇ سۆزلەپ بەرگەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئەھۋالى، كاشغەردىكى باياشات ئائىلىسى، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇش جەريانى قاتارلىق ئەھۋاللار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ژۇرنالغا تاللاپ بېسىلغان
(توختىباي : ” ناتونۇش ئادەتلەر _ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتلىرى ” _ ” ماينىچى خەۋەرلىرى ” 1951-يىل 10-سان)
ماھمۇد مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ توكيودا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە ئۆز داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىدا بولغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ئەينى چاغدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارغا سوغۇق-سالقىن مۇئامىلىدە بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق بولمىغان. تاكېئوچى يوشىنورى ماھمۇد مۇھىتىنىڭ توكيودىكى پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ” ئۇلار توكيودىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن ھۆكۈمىتىمىز ئۇلارنى چىرايلىقچە بېيجىڭغا يولغا سېلىپ قويغان ” دەپ ناھايىتى ئېنىق يازغان. 1939-يىلىدىن كېيىن ” توپلام ” دىكى خەۋەرلەر ناھايىتى ئازلاپ كەتكەن، بۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك. چۈنكى بۇ چاغدا ياۋروپادا ئۇرۇش باشلانغان بولۇپ، ياپونىيىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىمۇ تىنچسىز ئىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا چولىسى تەگمەيتتى. شۇڭا ماھمۇد مۇھىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەي بېيجىڭغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

5 . تاكېئوچى سارىيى

ماھمۇد مۇھىتى يويوگې مەسچىدىدە ئىماملىق قىلىپ قالغان مۇھەممەد ئىمىن بىلەن ياپونىيىلىك ئايالغا ئۆيلەنگەن توختىباينى ياپونىيىدە قالدۇرۇپ
قالغان 13 كىشى بىلەن ياپونىيىدىن ئايرىلغان. ئۇلار بېيجىڭدىكى شىدەنگە جايلاشقان قۇمۇل سارىيىغا چۈشكەن. كېيىن يەنە كۆكخوتقا، ئۇ يەردىن ئۇرانخاي يايلىقىغا بېرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يايلاقتا قوي بېقىپ تىرىكچىلىك قىلغاچ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا پۇرسەت كۈتكەن.
” توپلام ” دا بۇ مەزگىلدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىغا دائىر مەلۇمات يوق. ئەمما ئەينى چاغدا ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شىمالىدا تۇرۇۋاتقان بىر قانچە ئورگىنى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرغاچقا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئاز-تولا مۇناسىۋەت ساقلىنىپ قالغان، دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، 1937-يىلىدىن باشلاپ مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ خادىمى بولۇپ كەلگەن تاكېئوچى يوشىنورى 1940-يىللىرى ھەر ئايدا دېگۈدەك كۆكخوتقا بېرىپ ماھمۇد مۇھىتىلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرغان.
1943-يىلى كۆكخوتتا ” تاكېئوچى سارىيى ” دېگەن نامدا ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىنغان ، ئۇيغۇرلار دائىم دېگۈدەك بۇ سارايغا كېلىپ قونىپ يۈرگەن. تاكېئوچى يوشىنورى خاتىرىسىدە ” ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىمەن ” دەپ يازغان. “تاكېئوچى سارىيى”
مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنىڭ شۆبىسى ، دېگەن نامدا مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بولغان. مانا بۇ تاكېئوچى يوشىنورىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئورۇنغا ” مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورنى ” دېگەن ۋىۋىسكىنى ئاسماي بەلكى “تاكېئوچى سارىيى” دېگەن نامدا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان ” ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىلى ” دېگەن كىتاب “تاكېئوچى سارىيى” تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن بېيجىڭدا يېزىلغان. ئاپتور سۇمى خىرېيوشى كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە تاكېئوچى يوشىنورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان. سۇمى ئەپەندى كىتابىدا ياردەملەشكۈچى، دەپ تونۇشتۇرغان ياسىن رەھىم ئوغلى دېگەن كىشى ماھمۇد مۇھىتىنىڭ ھەمراھلىرى ئىچىدىكى ياسىن قارى ، دېگەن كىشى بولۇشى مۇمكىن. بۇ كىتابتا ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بار. سۇمى ئەپەندى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى بېيجىڭدىكى قۇمۇل سارىيىدا تۇرۇشلۇق كىشىلەردىن ئالغان بولۇشى مۇمكىن.
“تاكېئوچى سارىيى” نېمە مەقسەتتە تەسىس قىلىنغان؟ تاكېئوچى يوشىنورى ئۆز مەلۇماتىدا ” تاكېئوچى سارىيى” نىڭ تەسىس قىلىنىشىدا ھېچقانداق سەۋەب يوق، دەيدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ تاكېئوچى يوشىنورى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ سارايدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئەركىن ئىختىيارىي ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە كىتابتا ئۇيغۇرلار بىلەن ئويۇن-تاماشا قىلىشقان، چاقچاقلاشقانلىقىغا دائىر مەزمۇنلار ناھايىتى كۆپ.
ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئىلگىرىكى چىڭ سۇلالىسى يولغا قويغان شىمالىي جۇڭگونى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىچكى موڭغۇلنى ساقلاپ قېلىش، ئىچكى موڭغۇلنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭنى ساقلاپ قېلىش ، دېگەن ساۋاقنى قوبۇل قىلغان بولسا كېرەك. شۇڭا شىنجاڭغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ بۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى ئېگىلىشكە تىرىشقان ھەمدە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇھىم شەخسلەرنى قولىدا كوزېر قىلىپ تۇتۇپ تۇرماقچى بولغان. دېمەك، “تاكېئوچى سارىيى” نىڭ تەسىس قىلىنىشى سەۋەبسىز ئەمەس ئىدى.

6. خۇلاسە

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، 1945-يىلى ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيىنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىدىغانلىرى، بۇ ساھەدىكى ئىختىساسلىق خادىملار ئازىيىپ كەتكەن، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرمۇ (ھەتتا ئىسلام تەتقىقاتىغا دائىر ئىشلارمۇ) ئاساسەن ئۈزۈلۈپ قالغان ھەم ھازىرغىچە ئۇنتۇلۇپ قالغان.

ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىستراتېگىيىسى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنى كوزېر قىلىپ پايدىلىنىشقا دىققەت قىلغان. ھازىرقى ياپونلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشى قانداق؟ ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىكى ياپونلاردەك چۈشىنىمىزمۇ؟ دەپ سورۇغۇم كېلىدۇ!

ئاسىيا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان “دۇنيادىكى ئېقىملار”  (ياپونچە) ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلغۇچى ئۆمەرجان نۇرى

بۇ ئەسەر «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 1-سانىدىن مۇنبەرگە يوللىغۇچى : ئەركمان

(ئۇيغۇر ئېدىتتا ئايلاندۇرۇلغاچقا بەزى ئىملادا كېتىپ قالغان بولۇشى تەبىئىي، ئەپۇ قىلارسىزلەر)

تېما يوللىغۇچى: دادخاھ

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار