ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى

ئابدۇقەييۇم مىجىت

ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى ، ئابدۇقەييۇم مىجىت ۋەسىيەت ___ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، « ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا يېزىپ ياكى باشقىلارغا ئېغىزاكى ھاۋالە قىلىپ قويغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇسۇللار بۇيىچە مىراسلىرىنى ۋە باشقا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەمدە ئۆلگەن ۋاقتىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قانۇنىي تاپشۇرۇق »①تۇر. قەدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپلا ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى بولغان ھەم ھەر قايسى دەۋىرلەردە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. قەدىمكى جەمئىيەتتە ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى شۇ دەۋىر ئىنسانلىرى ئۈچۈن نېمە زۆرۈرىيەت ۋە قانداق پىسخىك تۇيغۇنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن؟ ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى ۋە قالدۇرۇلغان ۋەسىيەتنامىلەر قەدىمدىن تارتىپ جەمئىيەتتە قانداق رول ئوينىغان ؟ دېگەن مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش بىز ئۈچۈن زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىكتۇر.

ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ئۈچۈن ئېيىتقاندا، ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قالدۇرغان مىراسىغا ئەۋلادلىرىنىڭ قانداق ۋارىسلىق قىلىشى زۆرۈرلۈكى ھەققىدىكى ئارزۇسى ۋە تەلەپلىرىنى بىلدۈرۈش، يەنە بىرى ئۆزى ھايات ۋاقتىدا قىلغۇسى بولسىمۇ شارائىتى ياكى ئۆمرىنىڭ يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قىلىپ بولالماي قالغان بىرەر ئىشنى ئۆزى بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار بولغان ياكى ئۆزى ئىشىنىدىغان بىرەرسىگە تاپىلاپ قويۇش زۆرۈرىيىتدىن پەيدا بولغان. ۋەسىيەت قالدرۇغۇچىنىڭ نەزىرىدە، « ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ مۇۋەپپىقىيىتى، بەلكى ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىمۇ ئۇنىڭ ھاياتلىقىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ئۆزلۈكسىز راۋاجلىنىدۇ »②. شۇڭا، ئۆزى قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى ئۆزىنىڭ بالىلرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئورۇنلىسا ئۆزى روھىي قانائەت ۋە مەنىۋىي تەسەللىي تاپىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، كىشىلەردە ئۆزىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى يازما ياكى ئېغزاكى شەكىلدە باشقىلارغا تاپىلاپ، ۋەسىيەت قالدۇرۇپ قويۇش زۆرۈرىيىتى توغۇلغان. ۋەسىيەت شەكلىگە ئاساسەن ئېغىزاكى ۋەسىيەت ۋە يازما ۋەسىيەت ، دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. يازما ۋەسىيەتلەر ئېغزاكى ۋەسىيەتلەرگە قارىغاندا سەل كونكىرىت، مۇرەككەپ ۋە رەسمىيراق بولۇپ، گۇۋاھچىلار بولۇشى ۋە ۋەسىيەت يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن گۇۋاھچىلارنىڭ قول قويۇشى تەلەپ قىلنىدۇ. فېئۇداللىق جەمئىيەتتە ئادەتتە ھەق- تەلەپ ئىشلىرىدا تالاش- تارتىش بولغاندا قازى ھۆكۈم چىقىرىدىغان بولغاچقا، ۋەسىيەتنىڭ ئىجرا قىلنىشىنىمۇ قازىلار نازارەت قىلاتتى.

ۋەسىيەت قالدۇرۇش پەقەت قالدۇرغان مىراسنى توغرا تەقسىملەشنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلەرگىلا خاس ئادەت بولماستىن، بەلكى يىراق سەپەر ياكى جەڭگە كېتىپ قايتىپ كېلىش – كېلەلمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىغان ۋە ياكى ئاغرىپ قېلىپ كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا كۆزى يەتمىگەن كشىلەر ھەمدە نۇرمال ئەھۋالدىكى كىشىلەرمۇ قىلسا بولىدىغان ئىشتۇر. تۇرپاندىن تېپىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت ۋەسىقىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەخىسلەرنىڭ مىراس ۋەسىيەتنامىلىرى بولۇپ، ئۇ ۋەسىيەتنامىلەردىن پەقەت مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ بالا ـ چاقا، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا تاپىلىغان نەسىھەت ۋە ۋەسىيەتلىرىنى بىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىكى خەت ـ چەك ئىشىلىرى، مىراس قالدۇرۇش ۋە ئۇنى تەقسىملەش ئادىتى، تۈزۈمى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، كىشىلىك ۋە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەت، ئىگىلىك ئەھۋالى، پۇل ـ ئامانەت، قەرىز، گۆرۆچىلىك ئىشلىرى ۋە بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەرەپلىرى ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالايمىز. مەسىلەن، بىز قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تۆۋەندىكى ۋەسىيەتنامىنى كۆرۈپ باقايلى: « چاشقان يىلى سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنى، مەن تۈشىكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاچقا، ياخشى – يامان بولۇپ قالارمەنمىكىن دەپ ئايالىم سىلاڭغا ( ۋەسىيەت ) نامە ( يېزىپ ) قالدۇردۇم. ( ئايالىم ) مەندىن كېيىن ( قالسا )، ئەرگە – بەگكە تەگمەستىن ئۆيۈمنى تۇتۇپ ئوغلۇم ئالتمىش قايانى بېقىپ ئۆتسۇن. باشقا ئوغۇللىرىم __ قوشاڭ، ئەسەن قايالار: ” ئۆگەي ئانىمىز ( سىلاڭ ) بىزگە مەنسۈپ، بىز ئالىمىز. ” دەپ ( ئۇنى ) ئالمىسۇن. ( ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ) ئارلاشمىسۇن. ئەگەر ( ئۇنى ) ئالىمىز دەپ دەتالاش قىلسا، خان ئوردىسىغا بىر ئالتۇن ياستۇق ( پۇل )، ئوغۇل شاھزادىلەرگە بىردىن كۈمۈش ياستۇق ( پۇل )، ئىچكى ( ئوردا ) خەزنىسىگە بىر ياستۇق، ( يەنە ) ئىچكى خەزنىگە ( ئوردا خەزنىسىگە ) بىر ئات ( جەرىمانە ) تۆلىسۇن ( ھەم ) ئېغىر جازاغا تارتىلسۇن؛ سۆزلىرى ئاقمىسۇن. بۇ ( ۋەسىيەت ) نامىنى شۇترا كەد قىيا تۇتۇڭ، تۈكەلە، كىمتس باشچىلىقىدىكى ( بۇددىست ) جامائەت، تاۋغاچ ياڭا، ئىكىچى باشچىلىقىدىكى ( مەھەللە ) خەلقى، تۇغقانلىرىمىز ئەسەنە قاتارلىقلارنىڭ ئالدىدا بەردىم. گۇۋاھچى ئىنگە، گۇۋاھچى قان تويىن، بۇ تامغا مېنىڭدۇر. مەن قايسىن سوراپ يازىم. بۇ تامغا مەن تاۋغاچ يىڭانىڭدۇر. بۇ تامغا مەن ئەسەنەنىڭدۇر. »③ بۇ ۋەسىيەتنامىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدا خېلىلا مۇكەممەل بولغان ۋەسىيەت قالدۇرۇش، بولۇپمۇ يازما ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى بولغان. بۇ ۋەسىيەتنامىدە بىر قانچە كىشىنىڭ گۇۋاھچى بولغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ تامغىلىرىنى باسقانلىقى تىلغا ئېلنىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز ۋەسىيەتنامىلەرنى پەقەت ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مىراسىلىرىنىڭ لىللا تەقسىملىنىشى ۋە ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئېلىم ـ بېرىم مۇناسىۋىتىنى قانداق ھەل قىلىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز قەبىلە ـ قەۋمىنىڭ ئىناق، ئۆم ياشىشى، باشقا خەلقلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولىشى كېرەكلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ۋەسىيەتلەرنىمۇ قالدۇرغان. مەسىلەن، ئۇرخۇن دەرياسى بۇيلىرىدىن تېپىلغان مەڭگۈ تاشلار ۋە قەبرە تاشلىرىغا تاشپۈتۈك سۈپىتىدە ئويۇلغان ( خەتلەر ) ۋەسىيەتلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدە كۆك تۈرك خانلىقى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى خاقانلىرىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى تۇنۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، يەنە خاقانلار ۋە ۋەزىرلەرنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان ئارزۇ ـ ئۈمىدلىرى، قىممەتلىك ۋەسىيەتلىرى ۋە مەڭگۈلۈك خىتابلىرى پۈتۈلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ مەڭگۈ تاشلار تاش پۈتۈك شەكلىدىكى ۋەسيەتنامىلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى « ئوغۇزنامە » دىمۇ ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتىنىڭ ئىزنالىرىنى ئۇچرىتىمىز. ئوغۇز خاقان قۇرۇلتاي چاقىرىپ، يۇرتنى ئوغۇللىرىغا ئۆلەشتۈرۈپ بېرىپ بولۇپ ئۇلارغا ۋەسىيەت قىلىپ: « ھەي، ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شاد ئەيلەتتىم. تەڭرى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن … »④ دەيدۇ. ئۇغۇز خاقاننىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا قىلغان ۋەسىيىتىدۇر ھەمدە ئوغۇز خاقاننىڭ ئۆز زېمىنلىرىنى ئوغۇللىرىغا مىراس سۈپىتىدە بۆلۈپ بېرىشىدۇر. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ۋەسىيەت قالدۇرۇشنى ياخشىلىق دەپ بىلگەن. « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا: « ئاز __ ياخشىلىق بەلگىسى، ياخشى كۆڭۈل. < ئىگلىگ تۇترۇغى ئاز بولۇر> __ ئاغرىقنىڭ ۋەسىيتى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى. بۇ كېسەل ياتقان كىشىنى ۋەسىيەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدىغان ماقال. » ⑤ دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ، بىز شۇ ۋاقىتلاردا « ۋەسىيەت » سۆزىنىڭ « تۇترۇغ » دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ « قۇتادغۇ بىلىك » تە: « ئايتولدىنىڭ ئېلىككە ۋەسىيەتنامە يازغانلىقى » ناملىق مەخسۇس بىر باب ئاجراتقان بولۇپ، « قۇتادغۇ بىلىك » تە « ۋەسىيەت » سۆزى « قۇمارۇ » دېگەن سۆز بىلەن، « ۋەسىيەتنامە » سۆزى « قۇمارۇ بىتىك » دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن. « قۇمارۇ » سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا « ۋەسىيەت، نەسىھەت، مىراس؛ ۋىدالىشىش، ئايرىلىش » دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئەرەب تىلىدىن « تاپشۇرۇق، ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشىنىڭ سۆزلىرى » دېگەن مەنىدىكى « ۋەسىيەت » سۆزىنى قوبۇل قىلغان. بىز ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى يازما يادىكارلىقلاردا ۋەسىيەت ھەققىدە ئازدۇر ـ كۆپتۇر خاتىرە قالدۇرۇلغانلىقىغا قاراپ ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتىنىڭ بىر ئەنئەنە سۈپتىدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىگە جەزىم قىلىمىز.

ئىسلام دىنىدىمۇ ۋەسىيەت قالدۇرۇشنىڭ دۇرۇسلۇقى ۋە زۆرۈرلۈكى ئېنىق تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى ئىسلام دىنىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تېخىمۇ زور ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە بولغان. « ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ‹ ۋەسىيەت قالدۇرىدىغان ئىشلىرى بار مۇسۇلمانلار بىر ـ ئىككى كېچىنى ئۆتكۈزمەي ۋەسىيىتىنى يېزىپ پۈتتۈرۈشى كېرەك. › »⑥ « قۇرئان كەرىم » دە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋەسىيەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. « سۈننىي مەزھىپىدە سۈننەت دەپ قارىلىپ داۋاملىق قوللىنىلىپ، مىراس تەقسىم قىلىشنىڭ قوشۇمچە شەكلى قىلىندى. ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدىغان مىراس مەرھۇمنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى بىلەن چەكلىنىدۇ؛ (2) ئۈلۈش بويىچە ۋارىسلىق قىلغۇچىدا مىراسقا مۇشۇ شەكىلگە ئاساسەن ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ (3) ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەتنى ئادىللىق بىلەن قالدۇرغان بولۇشى كېرەك. ئەقىل – ھۇشى جايىدا بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان يېزىق ياكى ئاغزاكى شەكىلدە ۋەسىيەت قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. لېكىن، مەقسىتى خاتاسىز – ئېنىق بولۇشى كېرەك؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا، مەسىلەن، پالەچ بولۇپ تىلىدىن قالغاندا ۋەسىيەتنى قول ياكى باش ئىشارىتى بىلەن ئىپادىلىسە بولىدۇ. شۇنداق قىلىش ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارى بىلەن بولۇشى كېرەك؛ باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى، مەجبۇرلىشى، ئالدىشى بىلەن قىلىنغان ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەتنى ئادىللىق بىلەن قالدۇرغان بولىشى كېرەك. ئەقىل – ھۇشى جايىدا بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان يېزىق ياكى ئېغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. لېكىن مەقسىتى خاتاسىز، ئېنىق بولىشى كېرەك. ئالاھدە ئەھۋالدا، مەسىلەن، پالەچ بولۇپ تىلدىن قالغاندا، ۋەسىيەتنى قول ياكى باش ئىشارىسى بىلەن قىلسا بولىدۇ. شۇنداق قىلىش ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارى بىلەن بولىشى كېرك. باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى، مەجبۇرلىشى، ئالدىشى بىلەن قىلىنغان ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئىسلام دىنىغا نوقسان يەتكۈزىدىغان ۋەسىيەتلەرمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. »⑦

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتىدە ياشىنىپ قالغان كىشىلەر بالىلىرى ياكى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى دەپنە ئىشلىرىنىڭ قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدىمۇ ۋەسىيەت قالدۇرىدىغان ئادەت بار. مەسىلەن، ‹ مەن تۈگەپ كەتسەم، ئانامنىڭ ( ياكى ئاتامنىڭ ) قەبرىسىنىڭ يېنىدا قويۇڭلار ! › ياكى ‹ مېنىڭ مېيىت نامىزىمنى پالانچى ( موللام ياكى ئاخۇن ) چۈشۈرسۈن ! › دېگەندەك دېگەندەك ۋەسىيەتلەرنىمۇ ھەم ئۇچرىتىمىز. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ۋەسىيىتىنى شەرتسىز ئورۇندىشى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئۇلاردىكى ئەجدادقا تېۋىنىش ئىدىيىسىمۇ زور تۈرتكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا پەرزەنتلەر ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى بىجاندىل ئۇرۇنلايدۇ. ئاتا ـ ئانىنىڭ ۋەسىيىىتى ياخشى ئۇرۇندالسا، ئۇلارنىڭ روھى خوش بولىدۇ، پەرزەنتلىرىنى يۆلەيدۇ، دەيدىغان قاراش مەۋجۇد. ئۇيغۇرلاردا يەنە ئاتا ـ ئانىلار ئەگەر كۆپ پەرزەنتلىك بولسا بالىلىرىنىڭ چوڭىغا ئۆزى تۆگەپ كەتكەندىن كېيىن، كىچىك ئىنى ـ سىڭىللىرىغا خۇددى ئۆز ئاتا ـ ئانىسىدەك كۆيۈنۈپ، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ زىممىسىدىكى ئورۇنداپ بولالمىغان ئىشلارنى ( مەسىلەن، ئوغۇل بولسا خەتنىسىنى قىلدۇرۇش، دىنىي ئەھكاملارنى ئۆگىتىش، ئۆيلەپ قويۇش، قىز بولسا قولىقىنى تەشتۈرۈش، ئېغىر ئىشلارغا سالماي، تەۋىنى چەكتۈرمەي چوڭ قىلىش ۋە بويىغا يەتكەندە تالالىق قىلىش … قاتارلىق ئىشلارنى ) ئۇلارغا ۋەكالىتەن قىلىپ قويىشىنى ۋەسىيەت قىلىشىدۇ. بۇنداق ۋەسىيەتلەر كۆپىنچە ئېغزاكى شەكىلدە بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، ۋەسىيەت ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ھاۋالە قلىشىدۇر.

ۋەسىيەتنامىلەر پۈتۈلگەندە كۆپىنچە ئۇنىڭغا ئىشەنچلىك ئادەمدىن بىر قانچىسى گۇۋاھ بولىدۇ ھەمدە ئىشەنچىلىك كشىلەر بۇ ۋەسىيەتنامىنى بىر نۇسخىدىن ساقلاپ قويىدۇ. ۋەسىيەتنامە ۋەسىيەت قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ. ۋەسىيەت قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ۋەسىيەت بۇيىچە ياش قۇرامىغا يەتمىگەن بالا ۋە روھىي كېسەللەرگە مىراس تەقسىملەنگەن بولسا، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، مال – مۈلكى ۋە باشقا بارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى نازارەت قىلىش ۋە قوغداش ھەمدە ۋەسىيەتنامىلەرنىڭ ئەسلى مەزمۇنى بۇيىچە ئىجرا قىلنىشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ۋەسىي تەيىن قىلنىدۇ.

ۋەسىيەت ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە چۆچەك، قىسسە، رىۋايەت، ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردە ۋەقەلىكلەرنىڭ تۈگۈنى بولىدۇ. كۆپىنچە مەلۇم بىر شەخىس تەرپىدىن يېزىپ، تېپىپ كېلىش تولىمۇ تەس بولغان بىر جايغا تىقىپ قويۇلغان ۋەسىيەتنامىلەرنى تېپىپ كېلىش بىلەن باشلىنىدۇ. يەنە بەزى چۆچەكلەردە قېرىپ قالغان ئاتا ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا ئۈچ تۈرلۈك ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ. بالىلىرى بۇ ۋەسىيەتنى ياخشى ئورۇنلىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرى ئاسان بولىدۇ ۋە كۈنلىرى تولىمۇ باياشاتچىلىقتا ئۆتىدۇ. مەسىلەن، « بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى »، « ئۈچ ئېغىز ھىكمەتلىك سۆز» … قاتارلىق چۆچەكلەردە مۇشۇنداق ۋەقەلىكلەر بار.

ۋەسىيەتنامىلەردە ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ قىلنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئەكىس ئېتدۇ. جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ۋەسىيەتلەر ئومۇم تەرپىدىن چەكلىنىدۇ. ۋەسىيەت قانداشلىق ۋە دوستلۇقنى ئاساس قىلىپ ئەجدادلارنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈدىغان بۇرچ رىشتىسىدۇر. ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئاتا – ئانىسى ياكى توغقانلىرىنىڭ ۋەسىيىتىنى بىجاندىل ئورۇنلىمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك.

قىسقىسى، ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى جامائەت گۇۋاھلىقى، قانداشلىق، مىراس تەقسىملەش، مۈلۈك ۋارىسلىقى ۋە ھەق – تەلەب ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان بىر ياخشى ئادەتتۇر. ئۇيغۇرلاردا « جان كۈندە چېچەكلىمەيدۇ. » ھەم ئادەمگە « بالا – قازا پۇت قولنى ساڭگىلىتىپ كەلمەيدۇ» شۇنداق ئىكەن، ۋەسىيەت قالدۇرۇشنى زۆرۈر دەپ قارىغان ۋە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقا شەرتى توشىدىغان كىشىلەرنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرۇشى مۇھىمدۇر.

______________

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

① « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى » ( قىسقارتلمىسى )، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999 ـ يىل 8 ـ ئاي 1 ـ نەشرى.

② بېرترانت. رۇسسىل ( ئەنگىلىيە )، ( ئەركىن ئىبراھىم تەرجىمىسى ): « نىكاھ ئىنقىلابى » ( ئۇيغۇرچە )، شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1992 ـ يىل 5 ـ ئاي 1 ـ نەشرى، 25 ـ بەت .

③ مۇھەممەترېھىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان:« قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىل 8- ئاي 1- نەشرى، 317-، 318- بەتلەر.

④گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ نەشرىگە تەييارلىغان: « قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى ئوغۇزنامە »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980- يىل 11- ئاي 1- نەشرى، 61-بەت.

⑤مەھمۇد قەشقىرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981- يىل 8- ئاي 1-نەشرى ،1- توم 108 – بەت .

⑥مۇھەممەد فۇئاد ئابدۇلباقى [مىسىر]: « ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە – مارجانلار »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 12- ئاي نەشرى، 408 ـ بەت.

⑦ « بىلقۇت خەزىنىسى » ناملىق ئىلىكترونلۇق لوغەتتىن.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە « مىراس » ژورنىلى 2008 – يىللىق 3- ساندىن ئېلىندى.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * مەدەنىيەت تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار