جاھالەت تىرىلگەن دەۋر: ئاپپاق غوجا دەۋرى

1682-يىلى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ باشلىغى ئاپپاق خوجا (خوجا ھىدايىتۇللا) جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى غالداننىڭ ياردىمىدە يەكەن سەئىديە خاندانلىقىنىڭ پايتەختى يەكەننى ئېگەللەپ،ئىسمايىل خاننى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ خوخىلار ھاكىميىتىنى تىكلىدى.شۇنىڭ بىلەن چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن سۇلتان سەئدخان قۇرغان يەكەن سەئىديە خانلىقى(1541-1682)گۇمران بولدى يەكەن سەئىديە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ،يەكەن سەئىديە خانلىقىدا قار تاغلىق خوجىلارنىڭ تەسىرى كۈچەيگەن. سۇلتان ئىسمايىل خان قارا تاغلىقلارنى قوللاپ ،ئاق تەاغلىقلارنىڭ كاتتابېشى ئاپپاق خوجىنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقارغان. 1670-يىلى ئاپپاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭدىن قوغلىۋېتىلگەندىن كېيىن،دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىللىرىدە دىنى پالىيەت ئېلىپ بارغان.كېيىن شىزاڭغا بېرىپ دالاي لاما دىن مەدەت تىلىگەن. دالاي لاما ئاپپاق خوجىنىڭ تەلۋىگە ئاساسەن،شۇ چاغدىكى جۇڭغار خانى غالدانغا ئاپپاق خوجىغا ياردەم بىرىش توغرىسىدا غالدانغا خەت يازغان. ئاپپاق خوجا شىزاڭدىن قايتىشىدا چىڭخەي، گەنسۇدىن ئۆتكەن. گەنسۇنىڭ سۇجۇ رايۇندىكى راھىپىمۇ ئاپپاق خوجىنى غالدانغا تونۇشۇترۇپ خەت يېزىپ بەرگەن. ئاپپاق خوقا بۇ خەتلەرنى ئېلىپ 1679-يىلى جۇڭغار خانلىقى ئوردىسىغا بارىدۇ.بۇ چاغدا جۇڭغار خانلىقى خېلى قۇدرەت تاپقان،ئالدىنقى يىلى ياز ئايلىرىدا تۇرپان بىلەن قۇمۇلنى ھۆكۈمرانلىق دائىرسىگە ئالغان ئىدى.ئاپپاق خوجا غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇنىڭغا قەشقەر،يەكەنلەردە مۇرۇتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىگىنى،ياردەمگە ئىرىشسىلا ئاسانلا غەلبە قىلىشقا ئىشەنجىسى كامىل ئىكەنلىگىنى ئېيتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىمۇ جەنۇبى شىنجاڭنى تەسىر دائىرسىگە كىرگۈزىۋېلىشنى ئاللىبۇرۇنلا پىلانىغا كىرگۈزگەن ۋە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. يەنەشۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى،غالدان ياش ۋاختىدا دالاي لاما غا
ئېتقات قىلىپ،بۇددا ئەقىدلىرىنى ئۈگەنگەن،تىبەتتە چېچىنى چۈشۈرۈپ راھىپ بولغان. دالاي لاما ئۇنىڭغا «بوش خۇتۇغتۇ»دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. شۇڭا ئۇ دالاي لاما نىڭ خېتى بويىنچە ئاپپاق خوجىغا ياردەم قىلدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە بىر يىل تىيانشاننىڭ جەنۇبىغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ.
1680يىلى غالدان 12مىڭ ئاتلىق قۇشۇننى باشلاپ،ئاپپاق خوجىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئاقسۇ،ئۈستۈن ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ،ئالدى بىلەن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ.يەكەن خانلىقىنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمرانى باباق سۇلتان بىر مەھەل قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،ئاخىر مەغلۇپ بولۇپ جەڭدە ئۆلىدۇ.جۇڭغار قوشۇنى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يەكەنگە يۈرۈش قىلىدۇ.يەكەندىكى مۇھاپىزەتچى قۇشۇن قوماندانى ئىۋەر بەگ تاقابىل تۇرۇپ باققان بولسىمۇ،ئاخىرى ھوجۇمنى توسالماي ئۆزىمۇ جەڭدە شېھىت بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يەكەن سەئىديە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىل خان مادارا قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.قارا تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئابدۇللا خوجا ھىندىستانغا كىتىدۇ.ئىسمايىل خان شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ تەسلىم بولىدۇ.جۇڭغار قوشۇنى يەكەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،ئىسمايىل خان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تابەتلىرىنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىپ،ئىلىدىكى ئىرەن قابۇرغا دېگەن جايغا نەزەربەنىت قىلىدۇ. غالدان دەسلەپتە تۇرپاندىن كەلگەن ئابدىرشىتنى يەكەن خانى قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئوغلى ئەرىك ئاقسۇغا ھاكىم بولىدۇ. ئاپپاق خوجا بولسا دىنى ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ.لېكىن ئابدىرشىت بىلەن ئاپپاق خوجا ھوقۇق تالىشىپ قالىدۇ.ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ياخشىچاق بولۇپ،دىنى كۈچكە تايىنىپ ئابدىرشىت خاننى چەتكە قېقىپ،1682-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئابدىرشىت خاننى يەكەندىن قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.ئەركنىمۇ غالدان ئىلىغا ئالداپ ئاپىرىپ تەقىپ ئاستىغا ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا،ئاقسۇ،قەشقەر،يەكەن ۋە خوتەن قاتارلىق تۆت شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ.ئاپپاق خوجا ئۆزى يە كەندە تۇرۇپ، چوڭ ئوغلى يەھيانى قەشقەرنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. باشقا شەھەرلەرنىڭ ھاكىملىرىنىمۇ ئاپپاق خوجا ئۆزى تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن فىئودال خوجىلارنىڭ ھاكىميەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىدۇ.بۇ ھۆكۈمرانلىق 77يىل داۋام قىلىدۇ.
ئاپپاق خوجا ھۆكۈمرانلىق تەخىتكە چىققاندىن كېيىن،جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ، جەنۇبى شىنجاڭ خەلقىنى تالان-تاراج قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ياخشىچاق بولىدۇ.غالدان ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كىتىش ئالدىدا،ئاپپاق خوجا ئۇلارغا نۇرغۇن مال-دۇنيا سوغا قىلىدۇ.يا لغۇز غالداننىڭ ئۆزىگە تۆت مىڭ سەر تەڭگە ھەدىيە قىلىدۇ ۋە ھەر ئايدا شۇنچىلىك تەڭگە ئەۋەتىپ تۇرماقچى بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە100مىڭ سەر تەڭگە،15مىڭ چارەك بۇغداي ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى تاپشۇردىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. ئاپپاق خوجا شىزاڭدىكى دالاي لاما نىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،لاسا غىمۇ تارتۇق يوللاپ تۇرىدۇ .غالدان ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇپ قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ.
ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ،يەكەن سەئىديە خاندانلىقىنىڭ ئەسلىدىكى قانۇن-تۈزۈملىرىنى بىكار قىلىپ،دىنى قانۇن تۈزۈپ ھاكىميەت سورايدۇ.«قازى قۇززات»،«مىر ئادىل».«مۇھتەسىب» قاتارلىق ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەسىس قىلىپ،«شەرىئەت»،«تەرىقەت» ئاساسىدىكى فىئودال ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزىدۇ.
ئاپپاق خوجا تەسەۋۇپچىلىقنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ،سۇپىزىمنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ.مازارغا تاۋاپ قىلىشنى يۇقۇرى دولقۇنغا چىقىرىدۇ. قەشقەر،يەكەن ،خوتەن،ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئىسھاقىيە مەزھىپىدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.ئىسھاقىيە مەزھىپىدىكىلەر بۇ قىرغىنچىلىقتىن پانالىنىش ئۈچۈن ،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ئولپان-سېلىق تۆلەش ئۈچۈن،جەنۇبى شىنجاڭ خەلقىنى ئىكىسپۇلاتتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.مەسىلەن:يەر بېجى،چارۋا بېجى، باغ بېجى، ئوت-چۆپ بېجى،سۇ بېجى قاتارلىق 20نەچچە تۈرلۈك باج-سېلىق ئەمگەكچى خەلقنى كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. خوجىلارنىڭ فىئوداللىق ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەسەۋۇپچىلىقنىڭ ئاسارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغىمۇ زور توسقۇن بولىدۇ.يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-مەدەنىيىتى خېلى روناق تاپقان.قەشقەر،يەكەن قاتارلىق جايلاردا «خانلىق مەدرىس» گە ئوخشاش ئىلىم-پەن يۇرۇتلىرى،دىن،ئەدەبىيات،تارىخ،ئىلمى نۇجۇم(ئاستىرۇنۇميە) ،ماتىماتكا ۋە باشقا پەنلەرنى تەھسىل قىلىش مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى.ئىستانبول،ئىراق،ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دىن بىر مۇنچە كىشلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان.قەشقەردىكى تۈشۈكتاغ رەسەتخانىسمۇ خېلى داڭ چىقارغان ئىدى. ئاپپاق خوجا ھۆكۈمرانلىق تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، بۇ رەسەتخاننى بۇزدۇرۋەتكەن. ئىلىم-پەن يۇرۇتلىرىنى سۇپىزىمنىڭ ئىستىقامەت سورۇنىغا ئايلاندۇرغان.«خانلىق مەدرىس»تە ساقلىنۋاتقان نەچچە 10مىڭ پارچە كىتاپ ۋە قوليازمىلارغا ئوت يېقىپ ئۈچ كېچە -كۈندۈز كۆيدۈرگەن .نۇرغۇن ئالىملار،مەشھۇر زاتلار باشقا يۇرۇتقا قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان.تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر «ئاپپاق خوجا توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا ئېيىتقاندەك ،شۇنىڭ بىلەن «شىنجاڭ جەميىتىنڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بىر ئىزىدا توختاپ قالغان»خوجىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ،مىللى زىدىيەت،سىنپى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىقى،فىئودال خوجىلارنىڭ زۇلمى ۋە ئىكىسپۇلاتاتسىيەسى دەستىدىن خەلقنىڭ غەزپى چېكىگە يەتكەن. مەزھەپلەر ۋە تۈرلۈك سىياسى كۈچلەرنىڭ كۈرشى ئەۋجىگە كۈتۈرۈلگەن.1692-يىلى قارا تاغلىقلار جۇڭغارلارنىڭ ئىچكى يىغلىغىدىن
پايدىلىنىپ قاغىلىق،پوسكام،يېڭىسار قاتارلىق جايلاردا ئىسيان كۆتۈرگەن.بۇ ئىسيان تىزلىكتە قەشقەر قاتارلىق جايلارغا كېڭەيگەن. يەكەندىن باشقا جايلار ئاپپاق خوجىغا بوي سۇنمايدىغان بولىۋالغان. بۇ چاغدا غالدانغا بەيئەت قىلمىغانلىغى تۈپەيلى ئامما ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان مەمەت ئىمىن(ئاپپاق خوجىنىڭ خوتۇننىڭ ئاكىسى) ئاپپاق خوجىنى تەخىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئاپپاق خوجا جۇڭغارلار كونتۇرۇل قىلپ تۇرغان قۇمۇل رايۇننىغا قېچىپ كىتىدۇ.لېكىن مۇھەممەت ئىمىن ئاق تاغلىقلار بىلەن غالدان قۇشۇننىڭ زەربىسىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. ئاپپاق خوجا يەنە تەخىتكە چىقىپ قارا تاغلىقلاردىن رەھىمسىزلىك بىلەن
ئىنتىقام ئالىدۇ.ئامما دىنى مەزھەپ كۈرشى يەنىلا بېسىقمايدۇ. قارا تاغلىقلاردىن شادى جوجا يەكەندە ئىسيان كۆتۈرۈپ ئوردىغا بېسىپ كىرىپ،ئاپپاق خوجىنى ئۆلتۈرىدۇ.ئاپپاق خوجىنىڭ خوتۇنى خانىم پادىشا ئىسيانچىلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ شادى خوجىنى قەتلى قىلىدۇ.ئۇ يەكەندە،ئاپپاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى يەھيا خوجا قەشقەردە تۇرۇپ ھاكىميەت سورايدۇ.لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي خانىم پادىشا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.خانىم پادىشا جۇڭغارلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ يەھيا خوجا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگۈزىدۇ.
1696-يىلى ئابدىرشىتخاننىڭ ئىككىنچى ئىنىسى ئاقباشخان ئاق تاغلىقلارنىڭ يېغلىقىدىن پايدىلنىپ يەكەنگە بېسىپ كىرىپ خانىم پادىشانى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئاق تاغلىقلاردىن قىساس ئالىدۇ.
1697-يىلى قەشقەردىكى ئەھمەت خوجا قىرغىزلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ،يەكەندىكى ئاق باش خاننى مەغلۇپ قىلىدۇ.لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي دانىيال خوجا قازاقلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ يەكەندە تەخىتكە چىقىدۇ.
1713-يىلى جۇڭغار خانى سېۋان ئارابتان قۇشۇن باشلاپ كېلىپ جەنۇبى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىدۇ.يەكەندىكى دانىيال خوجا جۇڭغار قۇشۇنىغا تەسلىم بولىدۇ ۋە جۇڭغار قۇشۇنىنىڭ قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشىغا يول باشلاپ بىرىدۇ.قەشقەردىكى ئەخمەت خوجىنىڭ قوشۇنى بىر نەچچە كۈن قارشىلىق كۆرسۈتۈپ باققان بولسىمۇ ،ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ.ئەخمەت خوجا ئەسىر ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.دانىيال خوجا ئائىلە-تاباتلىرى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن 1720-يىلغىچە مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادى ئىك خوجا ھاكىميەت باشقۇرىدۇ. 1720-يىلى جۇڭغارلار دانىيال خوجىنى جەنۇبى
شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.ئۇ جۇڭغارلارغا ھەر يىلى 100مىڭ تەڭگە يوللاپ تۇرىدۇ.1735-يىلى دانىيال خوجا كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ.دانىيال خوجا ئۆلگەندىن كېيىن جۇڭغار خانى غالدان سېرىن دانىيالنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا جاھاننى يەكەن ھاكىمى،ئۈچىنچى ئوغلى خوجا يۈسۈپنى قەشقەر ھاكىمى،تۆتىنچى ئوغلى خوجا خامۇشنى ئاقسۇ ھاكىمى،كىچىك ئوغلى خوجا ئابدۇللانى خوتەن ھاكىمى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي غالدان سېرىن ئۇلارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ باشقىلارنى مەنسەپكە قويىدۇ.كېيىن خوجا يۈسۈپ كۈچ توپلاپ جۇڭغارلارغا قارشى چىققان بولسىمۇ،خانلىق تەخىتكە چىقىش نىيتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. بەزى جايلار جۇڭغار خانلىقىغا بەيئەت قىلسا ،بەزى جايلار چىڭ سۇلالىسىگە نەيئەت قىلىدۇ. يەكەن ،خوتەنلەردە بولسا ئۆز ئالدىغا ھاكىميەت سورايدۇ.شۇنداق
قىلىپ خوجىلارنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى فىئودال ھۆكۈمرانلىقى ئاساسەن ئاخىرلىشىدۇ.
خوجىلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زاۋال تېپىشىنى ئاساسان خوجىلارنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە بېقىنىپ خەلققە ئېغىر زۇلۇم سالغانلىقى؛ھۆكۈمرانلار گورۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پايدا-مەنپەت ۋە دىنى مەزھەپ كۈرشى كەسكىنلەشكەنلىگى؛سىنپى زىدىيەت كۈچەيگەنلىگى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى»1992-يىللىق2-سان

جاھالەت تىرىلگەن دەۋىر:ئاپپاق غوجا دەۋرى
قەدىمىي شەھەر قەشقەر
خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار