بۆكەن خانلىقى ھەققىدە رىۋايەت

بۆكەخان ھەققىدىكى رىۋايەت قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ، تارىخى ، ئەدەبىياتى ، دىنىي ئېتىقادى … قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشتە مۇھىم يادىكارلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ رىۋايەتتە ئاساسلىقى ئورخۇن – سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا قۇرۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ( مىلادى 747 – 840 – يىللار ) ئىككىنچى ئەۋلاد خاقانى — مويۇنچۇرنىڭ كەنجى ئوغلى بۆكەخاننىڭ ( ئېل تېكىن ياكى تەڭرى خاقان ) تۇغۇلۇشى ، تەختكە چىقىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئومۇمىي پائالىيەتلىرى خەلق رىۋايەتلىرىگە خاس گۈزەل ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىنغان . رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ ، بۇنى فرانسۇز تارىخچىسى دوسسون ئۆزىنىڭ « جامىئۇت تەۋارىخ » دېگەن كىتابىغا ئاساسەن يازغان « موڭغۇل تارىخى » ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەپ قالدۇرۇلغان .

« ….. قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان دەريالىرىنىڭ تۇغلا ، سېلىنگا دەريالىرىنىڭ قوشۇلىدىغان جايىدا «قۇملانجۇ» دېگەن جاي بار ئىكەن . شۇ جاينىڭ بىر – بىرىگە ياندىشىپ ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخ بولۇپ ، بۇنىڭ بىرىنىڭ نامى فېستۈك ( قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا قىزىل قارىغاي دېگەن مەنىدە بولۇپ ، « بوز تۈك » دەپ ئاتالغان ) ئىكەن . ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئاق قارىغايغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ، ھەمىشە يېشىل ئارچىدەك كۆكىرىپ تۇرىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۇرۇقى (مەدىكى) ئاق قارىغاينىڭكىگە ئوخشايدىكەن . دەرەخنىڭ يەنە بىرى ياۋا قارىغاي ئىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مانا شۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇتلا كىچىك بىر دۆڭ پەيدا بولۇپ قاپتۇ . بۇ دۆڭ كۈن ئۆتكەنسېرى ئېگىزلەشكە باشلاپتۇ . دۆڭنىڭ ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇچە شام يېنىپ تۇرىدىكەن . ئۇيغۇرلار دۆڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدىكەن . دۆڭنىڭ ئىچىدىن خۇددى ناخشا ئېيتقاندەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن . ھەر كېچە ئەھۋال شۇنداق بولۇپ تۇرىدىكەن . دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى شام بارغانسېرى چاقناپ دۆڭدىن 30 قەدەمچە كېلىدىغان ئەتراپنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان بوپتۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۆڭدىن ئۇشتۇمتۇتلا بىر ئىشىك ئىچىلىپتۇ . شۇ ئىشىكتىن دۆڭنىڭ ئىچكىرىگە قارىغانلار دۆڭنىڭ ئىچىدە خۇددى ئوتاۋ ( كىگىز ئۆي ) غا ئوخشاپ كېتىدىغان بەش ئېغىز ئۆينىڭ بارلىقىنى ، ھەر بىر ئۆيگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۈمۈش سەگۈنچەكلەرنىڭ ئېسىلغانلىقىنى ، سەگۈنچەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىردىن بوۋاق ئوغۇل بالىنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى ، بوۋاقلارنىڭ ئاغزىدا سۈت ئەمگۈزىدىغان ئېمىزگىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيدىكەن . ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئاجايىپ بوۋاقلارنى كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھۆرمەت ئىزھار قىلىشىپتۇ . بۇ بەش نەپەر ئوغۇل بوۋاق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان ھامان ھەرىكەتلىنىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ . ئۇيغۇرلار ئىنىگئانىلارنى تەيىنلەپ ، بوۋاقلارنى ئېمىتكۈزۈپتۇ . بوۋاقلار تىلى چىققان ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ . كىشىلەر ئۇلارغا ھېلىقى ئىككى تۈپ دەرەخنى كۆرسىتىپ قويۇشۇپتۇ . بۇ بەش ئوغۇل دەرھال دەرەخكە چوقۇنۇپتۇ . دەرەخ ئادەمگە ئوخشاش تىلغا كىرىپ ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقلىق ، پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ ئۆسۈشى ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆمۈر كۆرۈشىنى قۇتلاپتۇ . شۇ جايدا كىشىلەر بۇ بەش ئوغۇلغا خۇددى شاھزادىلەرگە ئىتائەت قىلغاندەك بويسۇنۇشۇپتۇ . بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى شۇڭقار تېكىن ، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى قۇتچۇر تېكىن ، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى بۇقا تېكىن ، تۆتىنچىسىنىڭ ئىسمى ئۆر تېكىن ، بەشىنچىسىنىڭ ئىسمى بۆكە تېكىن ئىكەن . ئۇيغۇرلار بۇ ئوغۇللارنى تەڭرى ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسىنى خاقان قىلىشنى قارار قىلىشىپتۇ . ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە بۆكە تېكىن چىرايلىق ، ئەقىللىق ، تالانتلىق بولۇپ ، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىكەن . شۇڭا ئۇيغۇرلار بۆكە تېكىننى خاقان قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن ئىكەن . بۆكە تېكىن خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىپتۇ . دۆلەتنىڭ ئاھالىسى كۆپىيىپتۇ . تەڭرى بۆكەخانغا ئۈچ قۇش ئىنئام قىلغان ئىكەن . بۇ قۇشلار نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن . بۆكەخان بۇ قۇشلارنى ھەمىشە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ دۇنيادىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەن » .

« كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېچىسى بۆكەخان چېدىر ئىچىدە ياتقاندا ، بىر ئىلاھى جاننى كۆرۈپتۇ . ئىلاھى جان گۆدەك قىز قىياپىتىدە كۆرۈنۈپتۇ . خاقان قورقۇپ ، يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋېلىپ ، گەپ قىلىشقا پېتىنالماپتۇ . ئىككىنچى كېچىسىمۇ يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ . ئۈچىنچى كېچىسى بۆكەخان بۇ ئەھۋالنى باش ۋەزىرگە ئېيتىپ قويۇپ ، ئۆزى پەرى قىزغا ئەگىشىپ «قۇت تېغى» ( بەخت تېغى ) دەپ ئاتالغان تاغنىڭ ئىچىگە بېرىپتۇ . تاڭ ئاتقۇچە قىز بىلەن مۇڭدىشىپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كېچە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپ تۇرۇپتۇ . مۇنداق ئەھۋال يەتتە يىل ئالتە ئاي 22 كۈنگىچە داۋام قىلىپ ، بۆكەخان پەرى قىز بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا قىز مۇنداق دەپتۇ : «كۈنچىقىشتىن كۈنپاتارغىچە پۈتۈن دۇنيا ساڭا بويسۇنىدۇ . سەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ، ئەلنى ياخشى باشقۇرغىن » . پەرى قىز بۇ گەپنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن غايىب بوپتۇ . بۆكەخان لەشكەر يىغىپ ، چوڭ ئاكىسى شۇڭقار تېكىنگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇنى 300 مىڭ قوشۇن بىلەن موڭغۇل ۋە قىرغىزلار ئېلىگە ماڭغۇزۇپتۇ . ئىككىنچى ئاكىسى قۇتچۇر تېكىننى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تاڭغۇتلار ئۈستىگە ماڭغۇزۇپتۇ . ئۈچىنچى ئاكىسى بۇقا تېكىننى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن جۇڭگوغا ماڭغۇزۇپتۇ . تۆتىنچى ئاكىسى ئۆر تېكىننى ئۆز ئېلىنى ساقلاشقا قالدۇرۇپتۇ . يۈرۈشكە ماڭغان قوشۇنلار نۇرغۇن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ ، كۆپلىگەن ئەسىر ۋە ئولجىلارنى ئېلىپ ، ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا قايتىپ كېلىشىپتۇ . شۇ يەردە ” ئوردابالىق ” دېگەن بىر شەھەر بىنا قىلىنىپتۇ . شۇ چاغدا كۈنچىقىش تەرەپتىكى دۆلەتلەر پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلۇپتۇ . »

« كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۆكەخان كېچىسى ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ ، چۈشىدە ئاپئاق چاپان كىيگەن ، ئاق ھاسا تۇتقان بىر ئەر كىشىنى كۆرۈپتۇ . ئۇ بىر پارچە قاشتېشىنى بۆكەخانغا بېرىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ : « سەن مۇشۇ تاشنى مەڭگۈ ساقلىيالىساڭ ، پۈتۈن جاھان ساڭا باش ئېگىدۇ» . بۆكەخاننىڭ باش ۋەزىرىمۇ خۇددى شۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ . ئەتىسى بۆكەخان ھەربىي ھازىرلىققا كىرىشىپ ، كۈنپېتىش تەرەپكە قوشۇن باشلاپ مېڭىپتۇ . بۇ قوشۇنلار تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەندە ، تۈپ – تۈزلەڭ ، بۇلاق سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان ، سېمىز ماللار سەكرىشىپ ئويناپ تۇرغان بىر يايلاقنى كۆرۈپتۇ . قوشۇن شۇ يەردە توختاپتۇ . ئۇلار شۇ يەردە بالاساغۇن دېگەن شەھەرنى بىنا قىپتۇ . قوشۇنلار بۆلۈنۈپ جاي – جايلارغا بېرىپتۇ . 12 يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ بىر خىل ياۋايى ئادەملەر ياشايدىغان جايغىچە بېرىپتۇ ھەم بۇ جاينىڭ سىرتىدا يەنە ئىنسان يوقتۇ دەپ ئويلاپتۇ . بۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خانلىرى بۆكەخان بىلەن كۆرۈشۈپتۇ . ئۇلار بۆكەخانغا سوۋغا تەقدىم قىلىپ ، ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈپتۇ …. . بۆكەخان ئۇلارنى ئۆز ئەللىرىگە قايتۇرۇۋېتىپتۇ . چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن بۆكەخان بالاساغۇندىن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ئېلىگە قايتىپ كەپتۇ . »

« بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت » سيۇژىت تۈزۈلۈشى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەپسانە ھەم رىۋايەت ژانىرلىرىغا خاس فانتازىيىلىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ئاساسلىق پېرسوناژ بۆكەخان سىرلىق مۆجىزات ئىگىسى بولغان بىر شەخس سۈپىتىدە قىزىقارلىق قىلىپ سۈرەتلەپ بېرىلگەن . بولۇپمۇ رىۋايەتنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىكى ئىخچاملىق ۋە راۋانلىق ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئالاھىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن ؛ ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، رىۋايەتتىكى ئاجايىپ مۆجىزات ئىگىسى بولغان بۆكەخاننىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرى بەلگىلىك تارىخىي رېئاللىقنى ئۆزىنىڭ تايىنىش ئاساسى قىلغان ھالەتتە قويۇق فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر بىلەن تەسىرلىك ئىپادە قىلىنغان .

«تاڭ سۇلالىسى تارىخى» نىڭ « ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» بابىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا ، رىۋايەتنىڭ باش قەھرىمانى بۆكەخان تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخس . رىۋايەت بۆكەخان ھەققىدىكى رېئال تارىخىي پاكىتلارنى فانتازىيىلىك ئېلىمېنتلار بىلەن تۈسلەندۈرۈش ئاساسىدا توقۇپ چىقىرىلغان . « تاڭ سۇلالىسى تارىخى » دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ ئىچىدە بۆكەخان ئىسىملىك مەشھۇر خاقانمۇ بولغان . ئۇ ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە ياشىغان مويۇنچۇرنىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى . ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئېل تېكىن بولۇپ ، ئاتىسى مويۇنچۇر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ مىلادى 759 – 780 – يىللاردىكى خاقانى سۈپىتىدە ئاتىسىنىڭ تەختىنى ئىگىلىگەن . بۆكەخان ھەققىدىكى رىۋايەتتە ئېيتىلغان بۆكەخان « پەرى قىز بىلەن 7 يىل 6 ئاي 22 كۈن سۆزلەشكەن …. » ، « بالاساغۇن دېگەن شەھەرنى بىنا قىلىپ … 12 يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ … »دېگەن سۆزلەرنى ئەينى دەۋردىكى تارىخىي رېئاللىقلار بىلەن باغلاشتۇرۇپ قارىغاندا ، ئۇنىڭ ھېقىقى پاكىتلاردىن بەك چەتنەپ كەتمىگەنلىكىنى سېزىۋېلىش مۇمكىن . بۇ رىۋايەتتە كۆرسىتىلگەن سانلارنى جەملىگەندە تەخمىنەن 20 يىل بولىدۇ ، بۇ ۋاقىت بۆكەخاننىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىنى كۆرسىتىدۇ . رىۋايەتتە يەنە بۆكەخاننىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىنى كۆرسىتىدۇ . رىۋايەتتە يەنە بۆكەخاننىڭ بەش ئوغۇلنىڭ ئەڭ كەنجىسى ئىكەنلىكى ، ئاكىلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئىسىملىرى بايان قىلىنغان . بۇ مەلۇماتلار « تاڭ سۇلالىسى تارىخى » دا يېزىپ قالدۇرۇلغان «مويۇنچۇر خاننىڭ يابغۇ تېكىن ، قۇتچۇر تېكىن ، ياغلاقار تېكىن ، تون باغا تېكىن ، بۆكە تېكىنلەردىن ئىبارەت بەش ئوغلى بولغان » دېگەن پاكىتقىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ . بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىنى « تاڭ سۇلالىسى » دەۋرىدىكى ھەقىقى پاكىتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە ، رىۋايەتنىڭ ھەقىقەتەن تارىخىي ۋەقەلەر ئاساسىدا پەيدا بولغانلىغى تېخىمۇ روشەن بىلىنىدۇ .

مىلادى 712- 756- يىللار تەختتە ئولتۇرغان تاڭ پادىشاسى تاڭ شۇەنزۇڭنىڭ خېبىي ئەتراپلىرىدا تۇرىدىغان ھەربىي – مەمۇرىي ۋالىسى ئەن لۇشەن ئىسيان كۆتىرىپ نۇرغۇن قوشۇن بىلەن چاڭئەنگە قاراپ باستۇرۇپ كېلىدۇ . تۇڭگۇەندە بولغان دەھشەتلىك ئۇرۇشتىن كېيىن ئەن لۇ شەن تاڭ پادىشالىغىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ ، پايتەخت چاڭئەننى بېسىۋېلىپ ، ئۆزىنى پادىشا دەپ ئېلان قىلىدۇ . بۇ مەزگىلدە تاڭ شۇەن زۇڭنىڭ ئوغلى تاڭ سۇزۇڭ گەنسۇ ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرى سەركەردىسى گو زىيىنىڭ قوللىشى بىلەن تاڭ پادىشاسى دەپ جاكارلايدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ، ئەن لۇ شەن — شى سىمىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ . نەتىجىدە ئۇيغۇر خاقانى مويۇنچۇر تاڭ پادىشاسىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە ئاساسەن ئەن لۇ شەن ئىسيانىنى تىنچتىش ئۈچۈن 756 – يىلى يابغۇ تېكىننى ئەۋەتكەن بولسا ، شى سىمىڭ توپىلىڭىنى باشتۇرۇش ئۈچۈن 762 – يىلى خاقان بۆكە تېكىننىڭ ئۆزى جوڭگوغا كەلگەن . نەتىجىدە توققۇز يىل داۋام قىلغان ئەن لۇشەن – شى سىمىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ بەرگەنلىك ئۈچۈن تاڭ پادىشاسى بۆكە خانغا « قەيسەر ، ھەققانىي ، تۆھپىدار بىلگە خاقان » دەپ ھۆرمەت نام بەرگەن .

مىلادى 765 – يىلى بۆكە تېكىننىڭ يەنە بىر ئاكىسى ياغلاقار تېكىن ياڭ پادىشالىقىغا غەرپ تەرەپتىن ھۇجۇم باشلىغان 100 مىڭ كىشىلىك تاڭغۇت قوشۇنىنى ھازىرقى نىڭشىيا ئەتراپىدا تارمار كەلتۈرۈپ ، زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . بۇنىڭ بەدىلىگە تاڭ پادىشاسى ئۇيغۇرلارغا 100 مىڭ توپ تاۋار – دۇردۇن ھەدىيە قىلغان ئىكەن ……

دېمەك ، « بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت » تە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر بەلگىلىك تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ ، ئۇ خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىدىكى قەدىمىي ژانىر — رىۋايەتنىڭ فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر ئۇسۇلى بويىچە توقۇپ چىقىرىلغان . يەنى مەلۇم تارىخىي شەخس ۋە تارىخىي ۋەقەلەر ئاساسىدا يۈكسەك تەسەۋۋۇر ۋە مول فانتازىيىلىك ئېلىمېنتلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ قىزىقارلىق ئىپادە قىلىنغان . رىۋايەتتە فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر بىلەن قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادىغا ئائىت بەزى چۈشەنچىلەر ئارىلاش ئىپادە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، رىۋايەتتە ئېيتىلغان بۆكەخان باشلىق بەش ئوغۇلنىڭ خىسلەتلىك ئىككى تۈپ دەرەخ ئارىسىدا پەيدا بولغان كىچىك دۆڭدە تۇغۇلغانلىقى ۋە بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەرەخكە ، دۆڭگە ھەم خىسلەتلىك بەش بوۋاققا چوقۇنغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى شامان دىنى ئېتىقادى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقىدۇر . چۈنكى ، شامان دىنى ئىپتىدائىي كۆپ ئىلاھلىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، كىشىلەر شامانىزىم چۈشەنچىسى بويىچە ئوتنى ، دەرەخنى مۇقەددەس ئىلاھ سۈپىتىدە تونۇيتتى . خاقانلارنى بولسا ئىلاھنىڭ يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى دەپ قارايتتى . شۇ سەۋەبتىن قەدىمقى شامان ئېتىقادىدا ئوتقا ( نۇرغا ) ، دەرەخكە ۋە پادىشالارغا چوقۇنۇش مۇقەددەس ئىش ھېسابلىناتتى . دېمەك ، مانا بۇ قەدىمىي دىنى ئېتىقاد ۋە ئۆرپ – ئادەت چۈشەنچىسى « بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت» تە ئەنە شۇنداق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .

رىۋايەتتە يەنە « تەڭرى بۆكەخانغا ئۈچ قۇش ئىنئام قىلغان ئىكەن ، بۇ قۇشلار نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن …. » دېگەن بايانمۇ بار . بۇ ئېھتىمال ئۇيغۇر ئورخۇن خاقانلىغىدىكى خارجى ئىشلارغا مەسئۇل قىلىنغان ، كۆپ خىل تىللارنى ئىگەللىگەن قابىلىيەتلىك ئۈچ نەپەر ۋەزىرنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازى بولسا كېرەك .

خۇلاسىلىغاندا ، « بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت » رېئال ، ھەقىقىي ، تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ۋە تارىخىي شەخسلەر ئاساسىدا يارىتىلغان ، ئۇنىڭدىكى فانتازىيىلىك توقۇلمىلارنى چىقىرىۋەتكەندە ، كۆز ئالدىمىزدا قالىدىغىنى رېئال تارىخىي شەخس ۋە ۋەقەلەردىن ئىبارەت . شۇڭا بۇ رىۋايەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى ، ئېتنوگرافىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا ، خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى نەمۇنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەم ئۈگۈنۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

بۆكەن خانلىقى , بۆكەخان , مويۇنچۇر , جامىئۇت تەۋارىخ , موڭغۇل تارىخى

ئاپتۇرى ۋە مەنبەسى: ئېنىق ئەمەس

خەتكۈچلەر: ، ، ، ،
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار