مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان ئاتاقلىق تارىخچى ، شائىر مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان مىلادىيە 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ماڭلايسۆيەر رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش داۋامىدا پەيدىنپەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇڭغۇللارنىڭ دوغلات قەبىلىسىدىن بولۇپ ، مىلادىيە 1500 – يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا قاراشلىق كەشتان رايونىنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . ئەينى چاغدا ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆرەگان موغۇلىستان خانى مەھمۇدخاننىڭ يېقىن دوستى بولۇپ ، خان ئۇنىڭغا سىڭلىسى خوبىنگار خانىمنى ياتلىق قىلىپ ، ئۇنى كۆرەگانلىق ئورنىغا كۆتۈرگەن ۋە ئۆرە تۆپە رايونىنىڭ ھاكىمى قىلغانىدى . مىرزا ھەيدەر ئاتا – ئانىسىنىڭ نەچچە پۇشتىغىچە ھەممىسى خانلارنىڭ نەۋرە تۇققانلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ ، نەسەبىنى دوغلات ئەمىرى پولاجىغىچە سۈرىدۇ . ( «تارىخىي رەشىدى» دىن ) خوبىنگار خانىم بابۇر شاھنىڭ قۇتلۇق نىگار خانىمنىڭ سىڭلىسى بولۇپ ، مىرزا ھەيدەرمۇ ئۆز نۆۋېتىدە زەھرىددىن مۇھەممەد بابۇر ۋە مەھمۇدخاننىڭ ئىنىسى ئەھمەدخاننىڭ ئوغلى سەئىدخانلار بىلەن بىر نەۋرە تۇغقانلاردىن ئىدى . مىرزا ھەيدەر توققۇز ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ دادىسى شەيبانىخاننىڭ سۈيقەستى بىلەن ھىراتتا ئۆلتۈرۈلىدۇ .ئەينى ۋاقىتتا مىرزا ھەيدەر بۇخارادا ، ھەدىسىنىڭ يېنىدا ئىدى . شەيبانىخان مىرزا ھەيدەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن قالماي ، مىرزا ھەيدەرنىمۇ ئۆلتۈرۈش سۈيقەستىنى پىلانلايدۇ . مىرزا ھەيدەر دادىسىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ياردىمىدە بەدەخشاننىڭ زەپەر قەلئەسىگە بېرىپ پاناھلىنىدۇ .

مىلادىيە 1509 – يىلى ئۇ بابۇر شاھ تەرىپىدىن كابولغا چاقىرىۋېلىنغان ۋە بابۇر شاھنىڭ ئاتىلارچە غەمخورلىقىغا ئېرىشكەن .ياندۇرقى يىلى ئۇ بابۇر شاھنىڭ ماۋەرائۈننەھرگە- شەيبانىخانغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئەينى چاغدا سۇلتان سەئىدخان سەمەرقەندتە خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئەنجاندا تۇرۇۋاتقان ۋە مىرزا ھەيدەرنىڭ ھەدىسىنى نىكاھىغا ئالغانىدى . مىلادىيە 1512 – يىلى مىرزا ھەيدەر ئەنجانغا بېرىپ ، سۇلتان سەئىدخاننىڭ خىزمىتىگە كىرگەن .

مىلادىيە 1513 – يىلى سۇلتان سەئىدخان كىچىك قىزىنى مىرزا ھەيدەرگە نىكاھلاپ بېرىپ ، ئۇنى كۆرەگانلىق ئورنىغا كۆتۈرگەن . مىرزا ھەيدەر سۇلتان سەئىدخانغا مىننەتدارلىغىنى بىلدۈرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ھاياتى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ : «…. سۇلتان سەئىدخان ئاتىلىق شەپقىتى بىلەن مېنى يىتىملىك تەسىرىدىن خالاس قىلدى . مۇھەببەت ۋە تۇغقانلىق مېھىر – شەپقىتىنى شۇ قەدەر چىڭ ۋە ئۇزۇنغىچە كۆرسەتتىكى ، ئۇنىڭغا ھەتتا خاننىڭ بۇرادەرلىرى ۋە پەرزەنتلىرىمۇ ھەسەت قىلىشاتتى . تاكى 24 يىل ئۇ خاننىڭ جەننەت ماكان خىزمىتىدە ھۈنەر – كەسپلەردىن ، ئەخلاق – -پەزىلەتلەردىن ۋە ئىلىم – مەرىپەتلەردىن تەلىم ئېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ، ئۇلۇغلۇق ۋە ھەشەمەت بىلەن ھايات كەچۈردۈم . خەت پۈتمەك ، شېئىر ئېيتماق ، ئىنشا ( نەسر يېزىقچىلىقى ) رەسساملىق ، نەققاشلىق ئىلىملىرىدە ، زاماننىڭ ئىمتىيازلىقى ، بەلكى ماھىرلىرىدىن بولدۇم . …. قىسقىسى ھەممە ھۈنەر – سەنئەتلەردە شۇ دەرىجىگە يەتتىمكى ، ئۇ ھۈنەر – كەسپلەرنىڭ يېتۈك ئالىملىرى ۋە ماھىر ئۇستازلىرى پېقىرغا شاگىرت بولماققىمۇ ئاجىز كەلدى . بۇ ھەممە پەزىلەت ۋە ھۈنەرلەرنى ئىگىلىشىمگە خاننىڭ سايە – سەۋەبلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى سەۋەب بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە سەلتەنەت ئىشلىرى ، كېڭەش – مەسلىھەت ئۇسۇللىرى ، جەڭ قائىدىلىرى ، كېچىلىك ھۇجۇم ، ئوقيا ئېتىش ، ئوۋ ئوۋلاش ، ئوۋغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق دۆلەت ئىشلىرىدا زۆرۈر لازىم بولغان بارلىق كەسپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇستازىم ۋە تەربىيىچىم ھەزرىتى خان ئىدى . يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھۈنەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە يەنە خانغا شاگىرت ئىدىم . » مىرزا ھەيدەر 24 يېشىدىن باشلاپ ھەربىي ئىشلارغا ئارىلاشقان ۋە قوشۇن قوماندانى سۈپىتىدە ھەربىي يۈرۈشلەرگە ئىشتىراك قىلغان . مىلادىيە 1530 – يىلى سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىللە بەدەخشانغا يۈرۈش قىلغاندا ، ئۇ ئالدىن يۈرەر قىسىمنىڭ قوماندانى بولغان .

مىلادىيە 1532 – يىلى 7 – ئايدا سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە غەزات ئۇرۇشى ئۈچۈن ئاتلانغاندا ، مىرزا ھەيدەر قوشۇن قوماندانى بولۇپ ، تىبەتكە ئالدى بىلەن يۈرۈش قىلغان . بۇ جەرياندا ئۇ ئارقا – ئارقىدىن غەلىبىلىك يۈرۈشلەرنى قىلىپ ، تىبەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ۋە كەشمىرنى ئىشغال قىلغان . سۇلتان سەئىدخان مىرزا ھەيدەرنىڭ بۇ تۆھپىسىنى يۇقۇرى باھالاپ ، ئۇنى پۈتۈن قوشۇننىڭ باش قوماندانى قىلىپ بەلگىلىگەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئورساڭ (لخاسا) نى ئىشغال قىلىشنى بۇيرۇغان . سۇلتان سەئىدخان شۇ قېتىم لاداختىن يەكەنگە قايتىش سەپىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مىرزا ئەلى تاغاي ( مىرزا ھەيدەر ئۇنى “ئالۋاستى شاھى” دەپ ئاتايدۇ ) قاتارلىقلار بىرلىكتە پىلانلاپ ، سۇلتان سەئىدخان نامىدىن بىر پارچە ۋەسىيەت خېتى ئويدۇرۇپ چىقىپ ، كۈيوغلى يادىكار مۇھەممەد ئارقىلىق ئاقسۇغا ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانغا ئەۋەتىدۇ . بۇ ئاتالمىش “ۋەسىيەتنامە” دە : ” مېنىڭ ئەسلىدە تىبەتكە غازات ئۇرۇشى قىلىپ بېرىش نىيىتىم يوق ئىدى ، سەئىد مۇھەممەد مىرزا ( مىرزا ھەيدەرنىڭ تەربىيە ئاتىسىنى دېمەكچى — ئايچىۋەر ) ۋە مىرزا ھەيدەر مېنى مۇشۇ قەدەمنى بېسىشقا قىستىغانىدى . ئوغلۇم ئابدۇرەشىد بۇ ئىككىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلمىسا ، مېنىڭ باقىي دۇنيادا كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ …. ئۇلار بىر كۈن مەۋجۇت بولىدىكەن ، ھاكىمىيەت بىر كۈنمۇ مېنىڭ ئوغۇللىرىمغا مەنسۇب بولالمايدۇ ” دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغانىدى . سەئىد مۇھەممەد مىرزا قەشقەردىن يەكەنگە كېلىپ سۇلتان سەئىدخاننىڭ ماتەم مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدۇ ، مىرزا ئەلى تاغاي بىلەن بىرلىكتە خانلىقنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى خان بار ۋاقىتتىكىدەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئاقسۇدىن كېلىپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇشىنى كۈتىدۇ .ئابدۇرەشىدخان ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە زۇلھەججە ئېيى ( 12 – ئاي ) نىڭ ئاخىرقى كۈنى يەكەنگە يېتىپ كېلىدۇ . سەئىد مۇھەممەد مىرزا خان جەمەتىدىكى كىشىلەرنى شەھەر سىرتىدىكى ئابدۇرەشىدخان چۈشكۈن قىلغان جايدا بىر كېچە قونۇپ ، ئەتىسى شەھەرگە كىرىپ خانلىق تەختكە ئولتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ . مىرزا ئەلى تاغاي ئابدۇرەشىدخان بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ : ” بۇ بىر سۈيقەست ، ئۇلار تىبەتتىكى ئىسكەندەر سۇلتانىنى خان قىلىپ تىكلىمەكچى ” دەيدۇ . يېڭى يىل كۈنى ئابدۇرەشىدخان شەھەرگە كىرىدۇ ۋە ئالدى بىلەن خانلار قەبرىستانلىقىغا (ئالتۇنلۇققا) بېرىپ ، دادىسىنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلايدۇ . مۇسىبەت كىيىمى كىيىپ ئالدىغا كەلگەن سەئىد مۇھەممەد مىرزىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ ، ئەلى سەئىدمۇ ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچرايدۇ . ئابدۇرەشىدخان ئالتۇنلۇقتىن قايتىپ كېلىپ تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ، ئاندىن مىرزا ئەلى تاغاينى قەشقەرگە ئەۋەتىپ سەئىد مۇھەممەد مىرزىنىڭ ئىككى ئوغلىنى ، ئابابەكرىنىڭ بىر ئوغلىنى ئۆلتۈرگۈزىدۇ .

مىرزا ھەيدەر بۇ چاغدا ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىنىسى ئىسكەندەر سۇلتان بىلەن بىرلىكتە تىبەتتىكى جاپالىق ھەربىي يۈرۈشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى . ئۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈيدۇ ھەمدە ئابدۇرەشىدخاننىڭ بۇ قىلمىشلىرىدا ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۇستازى ئەمىر مۇھەممەد بارلاسنىڭ قولى بارلىقىنى ئېيتىدۇ .مىلادىيە 1534 – يىلى 1 – ئايدا مىرزا ھەيدەر ئورساڭ (لخاسا) غا قىلىنغان 60 كۈنلۈك يۈرۈش داۋامىدا چارچىغان قوشۇننى ئارقىغا قايتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئابدۇرەشىدخاندىن خەۋەرچى كېلىپ ، مىرزا ھەيدەرنىڭ بىر نەۋرە قېرىندىشى مۇھەممەد مىرزا بىلەن تىبەتتە قېلىشىنى ، قوشۇننى تارقىتىۋېتىشىنى بۇيرۇغان . بۇ ئۇنىڭ “يوقال” دېگىنى ئىدى . شۇنىڭ بىلەن مىرزا ھەيدەر بەدەخشانغا يول ئالغان . قاراقۇرۇمدىن ئۆتۈپ بەدەخشانغا كىرىدىغان يول ئېغىزىدا كەلگەندە ، يەكەنگە قايتىپ كېتىۋاتقان ئىسكەندەر سۇلتان ئۇنىڭغا يېتىشىپ كېلىپ ، ئۆزى بىلەن يەكەنگە قايتىشنى ئۆتۈنگەن . مىرزا ھەيدەر : ” سېنىڭ ئۇ قېرىندىشىڭ گېپىدە تۇرمايدۇ ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق مېھىر – شەپقەت كۈتكىلى بولمايدۇ ” دەپ ئىسكەندەر سۇلتاننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان . مىرزا ھەيدەر بەدەخشان چېگرىسىدىكى قوقەندكە بارغاندا ئابدۇرەشىدخاننىڭ قول ئاستىدىكى بىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ . مىرزا ھەيدەر ئابدۇرەشىدخانغا قارىتىپ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان بىرقانچە شېئىرىنى ئۇنىڭغا بېرىپ ، ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىدۇ . بۇ شېئىرلاردا سۇلتان ئابدۇرەشىدخانغا بولغان ئاغرىنىشى ئىپادىلەنگەن ئىدى .

مىرزا ھەيدەر قوقەندتە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئىسكەندەر سۇلتان مىرزا ھەيدەرنىڭ ئايالىنى ئېلىپ قوقەندتكە كېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم خوشلىشىدۇ .
مىرزا ھەيدەر قىشنى بەدەخشاندا ئۆتكۈزۈپ ، ئەتىيازدا ھىندىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بابۇرنىڭ ئوغلى ھومايۇننىڭ ئىنىسى كامران مىرزىنىڭ قېشىغا بارىدۇ . كامران مىرزا قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ ئافغان ئىسيانچىلىرىنى باستۇرىدۇ . مىلادىيە 1539 – يىلى ئۇ ھۇمايۇننىڭ قېشىغا قايتا كېلىدۇ ۋە ھۇمايۇننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە كەشمىرنى يەنە بىر ئىشغال قىلىپ ، ئۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ . مىلادىيە 1551 – يىلى ئۆز قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى تاغلىق ئىسيانچىلارنىڭ بىرى ئاتقان ئوقيا ئوقى بىلەن قازا تاپىدۇ .

تەۋەلىك: * تارىخچىلىرىمىز، * تارىخىي شەخسلىرىمىز
يېڭى يازمىلار