مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكا

تۇردى ئاخۇن , مۇقامشۇناس , ئون ئىككى مۇقام
مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكا 1881-يىلى قەشقەر يېڭىسار ناھىيسنىڭ ئوچار يېزىسدا نەچچە ئەجدادىدىن تارتىپ ئەلنەغمىچىلىك بىلەن ياشاپ كەلگەن مۇقامچىلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى تەۋەككۇل ئاخۇن ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق نەغمىچىسى ۋە مۇقامچىسى بولۇپ، قەشقەردىكى مەدرىستە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مۇقامچى ئاكا-ئۇكا چىلىم ئاخۇن، موللاخۇن مۇقام، سېتىۋالدى قاتارلىق مۇقام ئۇستىلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىسىدىن ئۆگەنگەن. بىراق تەۋەككۈل ئاخۇن جاھالەتلىك كونا جەمئىيەتتە ئىززەت-ئېتىبار تاپالماي، ساتارىنى ھەمراھ قىلىپ خارلىق ۋە سەرسانلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرگەن. ئۇ ياشاش يولى ئىزدەپ ئائىلىسى بىلەن يېڭىسار ناھىيسىگە كۆچۈپ بىرىپ لاۋا دېگەن كەنىتكە ئورۇنلىشىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە نەغمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، 88 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

تەۋەككۇل ئاخۇن ئىككى ئوغلى ئىمىن ئاخۇن بىلەن بىلەن تۇردى ئاخۇننى بالا ۋاقتىدىن باشلاپ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىگەن ھەمدە ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ ئەلنەغمە سورۇنلىرىغا قاتناشتۇرغان ۋە ئون ئىككى مۇقامنى سىستېمىلىق ئۆگەتكەن. ئۇلار 15-16 ياشلارغا كىرگەندىن باشلاپ، ئاتا-بالا ئۈچەيلەن بىر ئەلنەغمە گورۇپپىسى بولۇپ ئۇيۇشۇپ، نەغمىچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرگەن. تەۋەككۈل ئاخۇننىڭ ئۇستاز بولۇپ تەربىيلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشى نەتىجىسىدە ئىمىن ئاخۇن بىلەن تۇردىن ئاخۇن پەزىلەتلىك، خۇش چاقچاق، ئېغىر-بېسىق، چىقىشقاق مۇقامچىلاردىن بولۇپ يىتىلىدۇ.

ئۇلار دادىسىن ئايرىلغاندىن كىيىن دادىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ مۇقامچىلىق ۋە نەغمىچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ.

تۇردى ئاخۇننىڭ ھال ئوقىتى بىر ئاز ياخشىلانغاندىن كىيىن ئۆي-ئوچاقلىق بولىدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بىرىنچى ئوغلى ھوشۇر ئاخۇنمۇ مۇقام داپچىسى بولۇپ يېتىشىدۇ.ئۇلار بىر گورۇپپا بولۇپ يېڭىساردا ئون نەچچە يىل ئەلنەغمىچىلىك قىلغاندىن كىيىن، 1930-يىللىرى ئەتراپىدا يەكەنگە بىرىپ ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا مۇقام يۇرتى-يەكەندىكى كۆپلىگەن داڭلىق مۇقامچىلار بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار ئون ئىككى مۇقامنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئۆز-ئارا ماھارەت كۆرسىتىشىپ، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدۇ. يەكەندىكى مۇقامچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇردى ئاخۇن ئاكىغا قايىل بولۇپ «ئۇستاز» دەپ ھۆرمەتلەيدۇ. بۇ چاغلاردا ئۇ خوتەن چىرىيىدىن كەلگەن مۇقامچى سۇلايمان ئاخۇن بىلەن تونۇشىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئون ئىككى مۇقامنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىدۇ، كەم جايلىرىنى تولۇقلايدۇ. داڭلىق مۇقامچى ھىسابلانغان سۇلايمان ئاكىمۇ «سىلەر ئاكا-ئۇكا ئىككىڭلارنىڭ مۇقامچىلىق ماھارىتىڭلار يۇقىرى ئىكەن، مۇقامنى سىلەردىن ئۆگىنىش كېرەك ئىكەن» دەپ ئۇلارغا قول قويىدۇ.

ئۇلار بىر مەزگىل يەكەندە تۇرغاندىن كىيىن، قاغىلىق ناھىيسىگە بىرىپ يەرلىشىپ قالىدۇ، قاغىلىق خەلقى ئۇلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ.

1945-يىللىرى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ تەسىرى بىلەن «تاشقورغان ئىنقىلابى» پارتلاپ، ئىنقىلابچىلار قاغلىقنى ئىگەللەيدۇ. «بېتىم» نىڭ روھى بويىچە ئۇلار قاغلىقتىن قايىتقاندىن كىيىن، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «ئىلى ئوغىرلىرىنى قارشى ئىلىپ ساز چالدىڭ» دېگەن باھانە بىلەن يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنى قۇتىرىتىپ ئاكىسى ئىمىن ئاخۇننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكىنى بولسا قاغىلىق ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قامايدۇ. بىراق بۇ مۇقامچىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان قاغلىق خەلقى بىرلىشىپ ساقچى باشلىقىغا نۇرغۇن پارا بىرىپ، تۇردى ئاخۇن ئاكىنى قاماقتىن ئېلىپ چىقىدۇ.

1946-يىلى ئۆلكە رەئىسى جاڭ جىجۇڭ، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى، سەيپىدىن ئەزىزى ۋە قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقلار «ئون ئىككى بېتىمنىڭ» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەمەلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش .ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەندە، ئۇلارغا بىرىلگەن زىياپەتتە مۇزىكا چالدۇرۇش ئۈچۈن تۇردى ئاخۇن ئاكىنى چاقىرىدۇ. بۇ بەزمىدە تۇردى ئاخۇن ئاكا ئىجرا قىلغان مۇقام نەغمىسىنى ئاڭلىغان ئەخمەتجان قاسىمى، سەيپىدىن ئەزىزى قاتالىقلار ئۇنىڭ ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، تۇردى ئاخۇن ئاكىغا ھۆرمەت تونى كەيگۈزىدۇ.

تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ كىچىك ئوغلى قاۋۇل ئاخۇنمۇ دادىسىنىڭ تەربىيىسى بىلەن قالۇن، چاڭ چىلىشتا يېتىشىپ چىقىپ كۆزگە كۆرۈنىدۇ.

تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بوۋىسى قاۋۇل ئاخۇن ئاكا (ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەجدادلىرى نامەلۇم) دىن تارتىپ ھازىر شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتۋاتقان كىچىك ئوغلى قاۋۇل ئاخۇنغىچە نەچچە ئەجداد-ئەۋلادلار ئۆمۈر بويى مۇقامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئۈزۈلمەس دولقۇنىدەك زامانىمىزغا يىتىپ كىلىشىدە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان مۇقام ئۇستازلىرىدۇر.

ناۋادا يەركەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇقام ئۇستازلىرى قىدىرىخان يەركەندى بىلەن مەلىكە ئاماننىسالار ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەپ، يۈرۈشتۈرۈپ ئۇيغۇر مۇقام تارىخىدا ئۆچمەس خىزمەت كۆرسەتتى دېيىلسە، ئۇ چاغدا تۇردى ئاخۇن ئاكىنى ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئون ئىككى مۇقامنى قۇتقۇزۇپ قالغۇچى ۋە زامانىمىزغا يەتكۈزۈپ بەرگۈچى بىردىنبىر سەنئەت ئەربابى دېيىشكە بولىدۇ.

دەرۋەقە، تۇردى ئاخۇن ئاكا ئون ئىككى مۇقامنى چوڭ نەغمە، داستان ۋە مەشرەپلىرى بويىچە ئەڭ تولۇق، ئەڭ ساپ ساقلىغان پىشقەدەم نامايەندە ئىدى.

ئازادلىقىتن كىيىن خەلق ئاممىسىنىڭ قەد كۆتىرىشىگە ئەگىشىپ، ئون ئىككى مۇقامنىڭ ھاياتى باشلاندى.تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بىر ئۆمۈر كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشتى.

1950-يىلى 8-،9-ئايلاردا ئۈرۈمچىدە ئون ئىككى مۇقام ۋە بىر قىسىم خەلق ناخشىلىرى سىنغا ئىلىندى، بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا پىشقەدەم مۇقامچى تۇردى ئاخۇن ئاكا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن، داستانچى روزى تەمبۇر، داڭلىق مۇزىكانىت ۋە مۇقامچى زىكىرى ئەلپاتتا، ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى ئابدۇۋەلى جارۇللايۇۋ ھەمدە مۇزىكاشۇناس ۋەنتۇڭشۇلار قاتناشتى.

1955-يىلى ئون ئىككى مۇقام قايتىدىن تەپسىلىي لېنتىغا ۋە پىلاسىنكىغا ئىلىندى. بۇ قىتىمقى لېتىغا ئىلىشتا پىشقەدەم مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ساتار بىلەن ئون ئىككى مۇقامنى تولۇق تېكىستى بويىچە ئوقۇپ چىقىشى، ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن ئاكىنىڭ داپ چېلىپ بىرىشى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى مۇقام تارىخىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەت دېيىشكە بولىدۇ.

تۇردى ئاخۇن ئاكا يەتكۈزۈپ بەرگەن ئون ئىككى مۇقامنىڭ نوتىسى 1956-يىلى مەركىزى مۇزىكا نەشىرىياتى بىلەن مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن رەسمىي ئىككى توملۇق كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىندى، تېكىستلىرى بولسا ئايرىم-ئايرىم كىتاب بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

ئون ئىككى مۇقامنىڭ خەلقئارا نوتىغا ئىلىنىشى مۇقامنى يېڭى تارىخى دەۋىرگە ئىلىپ كەلدى، مۇقام ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خىزمەتلەردە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تۇردى ئاخۇن ئاكا خەلقنىڭ مۇقام بايلىقلىرىنى خەلققە يەتكۈزۈش ئارزۇسىغا ئىرىشىتى.

تۇردى ئاخۇن ئاكا 1956-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر شەھرىدە 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەنبەسى: «مۇقام پىشۋالىرى» ناملىق كىتابتىن ئىلىندى.

خەتكۈچلەر: ، ، ،
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * سەنئەت تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار