شائىر نىمشېھىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

شائىر نىمشېھىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

نىمشېھىت ( ئارمىيە ئىلى سايرامى ) ( 1904 – 1971 ) ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق پىشۋالىرىدىن بىرى. مەشھۇر شائىر ، مائارىپچى ، ژورنالىسىت ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك ، دېگەن پەخىرلىك نامغا ئىگە.

نىمشېھىت كىچىكىدىنلا زۇلۇمغا ، جاھالەتكە قارشى ئىسيانكار خارەكتىرىنى يىتىلدۈرگەن ھەم بۇ خىل روھنى ھۆرلۈككە ئېرىشىشنىڭ ، مەرىپەتلىك بولۇشنىڭ ،يۈكسەك ۋەتەنپەۋرەرلىكنىڭ خورىماس ئېنىرگىيسىگە ھەم ئىجادىيەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرغان. ئۇ يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ساۋات چىقارغاندىن كىيىن ، 1922- يىلدىن 1928 – يىلغىچە باي ۋە كۈچادىكى مەدىرسلەردە ئوقۇغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلىق قوشاقلىرى شەكىلدە يازغان «بازار ۋە مازار» ناملىق تۇنجى شىئېرلار توپلىمى قوليازما ھالەتتە ئەل ئىچىگە تارقالغان. 1929- يىلى ئۇ قەشقەرگە بېرىپ شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى «خانلىق مەدرىسە» دە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ «مادارا ئەئزەم» («چوڭ ياراشتۇرۇش» ) ناملىق شىئېرلار توپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان «ئەنۋارۇلھۇدا» ( «ھەقىقەت نۇرلىرى» ) ناملىق قەسىدىسىنى روياپقا چىقىرىپ ، تالانىتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان.

1933- يىلى قەشقەردە زۇلۇمغا قارشى خەلىق قوزغىلىڭنى پارتىلاتقاندا ، ئەرمىيا ئىلى ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقان ھەم بىر قىتىملىق جەڭدە بوينىغا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان. شۇڭا ، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن يازغان شىئىرلىرىنى «نىمشېھىت» ( يېرىم جان ) دېگەن تەخەلللۇس بىلەن ئېلان قىلغان. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭىچە مائارىپ ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1936- يىلى 2 – ئايدا ، «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق مەشھۇر شىئېرىنى يېزىپ ، پۈتكۈل ئوتتۇرائاسىيادا زىلزىلە پەيدا قىلغان.

نىمشېھىت 1936- يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن 1945- يىلى 1 – ئايغىچە «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ( كىين «ئاقسۇ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن ) تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات – شېرىن» ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى توپلاش ، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات – شېرىن» ناملىق مەشھۇر داستاننى يېزىپ ، دۇنياۋى ئۇلۇغ شائىر نەۋائىدىن كېيىن بۇ ئۆلمەس تېمىنى ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە بەدىئى ئىستىدات نۇرى بىلەن يورۇتقان.

نىمشېھىت 1945- يىلى 10- ئايدا ، ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيسىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن قىسمى بىلەن بىللە غۇلجىغا چقىپ كەتكەن ھەم مىللى ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى تەشكىل قىلغان «تارىخ يېزىش» ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 1948- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى ، ئىلىدا «شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلىقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا ، ئۇ «ئىتتىپاق» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ نەشىر ئەپكارى بولغان «ئىتتىپاق» ژورنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. بۇ مەزگىلدە ، ئۇ «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات – شېرىن» داستانىنى تولۇقلاپ يېزىپ ، «ئلى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ھەم ئۆز خىراجىتى بىلەن 3000 نۇسخا باستۇرۇپ تارقاتقان. ئۇ بۇ جەرياندا شىئېرىيەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي ، يەنە سەھنە ئەسىرى ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ ھېچقانداق ئەمەل ۋە ئېمتىياز تەمەسىدە بولماي ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئاددىي پۇقرالىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن ھەم داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1956- يىلى جوڭگۇ ھەج ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە 10 غا يېقىن دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان. شۇ قېتىمقى سەپەر جەريانىدا ، ئۇ «سېغىندىم» ناملىق مەشھۇر شىئېرىنى يېزىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

نىمشېھىت 1960- يىلىدىن باشلاپ بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ مول ھەم يۇقۇرى پەللىسىگە قاراپ قەدەم تاشلىغان. «ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ئىجدادىي ۋارىسلىق قىلىپ ، ئارزۇ ۋەزىنىلىك شىئېر شەكلىنى مەزمۇن جەھەتتە يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈپ ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرىنى كۈيلىگەن. ئۇنىڭ شىئېر – داستانىلىرى تىلىنىڭ راۋانلىق ، چۈشنىشلىكلىكى ، تۇراق ۋە رېتملىرىنىڭ تەڭكەشلىكى ، قاپىيلىرىنىڭ توق ۋە گۈزەللىكى جەھەتتە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شىئېرىيتى ئۈچۈن ياخشى نەمۇنە بولغان. شائىر ھەرخىل ئىستىلىستىك ۋاستىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلنىپ ، ئۆز پىكىرىنى چوڭقۇر شىئېرىي ھېسيات ۋە جانلىق شېئىرى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. ئۇقۇملاشتۇرۇش ، قېلىپبازلىق ، شۇئارۋازلىق ، كالىندارچىلىقتەك خاھىشلاردىن تىرىشىپ ساقلانغان… نىمشېھىت شىئېرلىرىدا ئىپادىلەنگەن دېمۇكراتىك ئىدىيە ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك روھ ئۇنىڭ ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەر ، خەلىق پەرۋەر شائىر ، يېڭى دەرۋىرنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلايدۇ. شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم ، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى ئۇنىڭ كۈرەشچان ، جەڭگىۋار ھاياتىنىڭ تىمسالى…».

ئەپسۇسكى ، شائىر زور ئىجادىي قىزقىنلىق بىلەن «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات – شېرىن» داستانىنى ئاخىرقى قېتىم تولۇقلاپ يېزىپ بولۇپ ، «گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» ناملىق شىئېرىي رومانى ۋە «يۈسۈپ – زىلەيخا» داستانى ئۈستىدە جىددىي ئىشلەۋەتقان پەيىتتە ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن ئىبارەت تەتۈر قۇيۇن كۆتۆرۈلۈپ ، ئۇنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك ئىجادىي ئەمگەكلىرى ۋەيران قىلىۋىتىلدى ۋە ئۆزىمۇ مىسلىسىز ئېغىر خورلۇق ۋە ناھەقچىلىق تۈپەيلىدىن ، 1971- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.

شائىر ۋاپات بولغاندىن كىيىنمۇ يەرلىكىدە ئارامخۇدا يىتىش ئەركىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭ مۇردىسى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز مۇئامىلىگە ئۇچۇردى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى كىندىن قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى تېزەكقاغۇدا يىتىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسىمۇ ، ئارزۇسىغا يىتەلمىدى ، ئۇنىڭ ئايالى بۇ ئەقەللي ۋەسىيەتنى ئورۇنداشقىمۇ ئامالسىز ئىدى. ئۇ زار-زار يىغلىغان ھالدا ئەترەت كاتىۋاشلىرىغا تاۋۇت ۋە نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇشقا ئادەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ چاغلاردا مەسچىتلەر چېقىپ تاشلانغاچقا ، تاۋۇت ئەترەت ئىسكىلاتىدا ساقلىناتتى. يۈرىكى قازاننىڭ كۈيىسىدەك قارىداپ كەتكەن بىر نادان :
-تاۋۇتنى بېرىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تاۋۇت زەھەرلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتىنى قەبرىستانلىققا قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ، ئۆلۈكلەرنى زەھەرلەيدۇ ، -دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بىردىنبىر مۈلكى بولغان كارىۋاتنىڭ پۇتى ئېلىپ تاشلىنىپ تاۋۇت قىلىندى ، «زەھەرلەنسىمۇ مەيلى» دەپ قارالغان «تۆت خىل ئۇنسۇر» دىن ئۈچ – تۆتى تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ ، مەھەللە ۋە قەبرىستانلىققا يىراق بولغان چۆل تاغ باغرىدىكى يۇلغۇن تۈۋىگە ئېلىپ باردى. مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويچە يەرلىك ئېلىنماستىن ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۆرەك كولىنىپ مۇردا قويۇلدى. ئاندىن ئۈستى گەمە ياپقان شەكىلدە ئېتىپ كۆمىۋىتىلدى….
يۆلەنچۈگىدىن ئايرىلغان ئىمىرنىساخان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ، قاراڭغۇ ، زەي ، غېرىپ كەپىسىگە قايتىپ كەلدى. لېكىن ، يورۇق كۈن ئۇنىڭغىمۇ نىسپ بولمىدى. 1975- يىلى 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جەبىر – جاپا ، دەرت – ئەلەم دەستىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن بۇ ئانا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز
يېڭى يازمىلار