مىنگونىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شىنجاڭدا ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيىتى

ماخمۇت ئابدۇۋەلى

مىنگونىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شىنجاڭدا ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيىتى ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدا كونسۇلچانا قۇرۇشى پۈتكۈل دۇنيانىڭ سىياسى مۇھىتى ۋە ئامېرىكا سوۋىت ئىتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەينى ۋاقىتتاسوۋىت ئىتىپاقىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيىدىكى ئاھىدە ئىمتىيازى ۋە شىنجاڭدىكى شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ سوۋىت ئىتىپاقى بىلەن بولغان ئالاھىدە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى غەرپ دۇنياسىنى ئەندىشىگە سالغان ئىدى. شىڭ شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كىيىن سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن شىنجاڭدا غەرپلىكلەرنىڭ بارلىق تەسىرىنى تازىلاپ چىقاردى .ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىلا بۇ رايۇنغا قىزىقىپ كىلىۋاتقان ياپۇنىيە ،گىرمانىيە،ئەنگىلىيە،ئامېرىكا،سوۋىت ئىتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر خىلمۇ-خىل ۋاستىلەر بىلەن بۇ رايۇنغا ئۆز ىنىڭ تەسىر كۈچىنى كىڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى.

1918-يىلىدىن1921-يىلىغىچە ياپۇنىيە ئۈرۈمچى،غۇلجا قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى يىراق شەرق پىلانى ئۈچۈن ئاخبارات توپلىغان ئىدى ئەنگىلىيە خېلى ئۇزۇندىن بېرى شىنجاڭغا كۆز تىكىپ تاكى 30-يىلنىڭ باشلىرىغا كەلگىچەبۇ رايۇندا خېلى زور ئىمتىيازغا ئىرىشىكەن ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 30-يىلنىڭ باشلىرىغىچە جەنۇبى شىنجاڭدا ئەنگىلىيىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ۋە شىمالى شىنجاڭدا سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇشتەك ھالەت شەكىللەنگەن بولۇپ ،بۇ ھالەت دەل ئىككى جاھانگىر دۆلەتنىڭ يىراق شەرققە كىڭىيىش ھەركىتىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىشكى بۇ تىركىشىشتە سوۋىت ئىتىپاقى جۇغراپىيىلىك ئورۇننىڭ ئەۋزەللىگى ۋە سوۋىت ئوتتۇرائاسىياسىدىكى مىللەتلەر بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتنىك تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىدەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىپ بۇ رايۇندا زور ئىمتىيازغا ئىرىشتى ھەم شىنجاڭنىڭ خاقانى دەپ نام ئالغان شىڭ شىسەيدىن پايدىلىپ بۇ رايۇندىكى رەقىپلىرىنىڭ تەسىرىنى سىقىپ چىقاردى. بۇ ھالەت گومىنداڭ ھۆكىمىتىنى ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتقان ئامېرىكىنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.

1945-يىلى ئامېرىكىنىڭ نەنجىڭدە تۇرۇشلۇق كونسىلى خاررىمان(Harriman) ۋاشىڭگىتونغا يوللىگان تىلىگىراممىسىدا«سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ شىنجاڭنى يۇتۇۋىلىش غەرىزى يوق،ياكى شىنجاڭنى جوڭگۇدىن ئايرىپ چىقىش غەرىزى يوق.سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى شىنجاڭدىن غەرپلىكلەرنىڭ تەسىرىنى تازىلاپ چىقىرىشتىنلا ئىبارەت.شۇ مەقسەتتە سوۋىت ئىتىپاقى ئىلى ئىنقىلاۋىنى ياساپ چىققان» دەپ تىلىگىرامما يوللايدۇ. بۇ چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىكى يىراق شەرقتىكى سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەل شىنجاڭنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىدىن كىلىپ چىققان ئىدى.سوۋىت ئىتىپاقى شىنجاڭدىن پايدىلىپ جوڭگۇ كومپارتىيىسىنى قوللاپ سوتسىيالىزىم لاگىرىنى كىڭەيتىشنى مەخسەت قىلاتتى .ئامېرىكا بولسا شىنجاڭ ئارقىلىق گومىنداڭ ھۆكىمىتىنى قوللاپ سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ شەرققە كىڭىيىشىنى تۇسۇشنى مەخسەت قىلاتتى.ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقان شىنجاڭ رايۇنىدىكى تىركىشىشى دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ قايتا سىزىلىشىغا تەييارلىق كۈرۈشنىڭ باشلىنىشى ئىدى.

خەتكۈچلەر: ، ، ،
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار