«قەشقەر تارىخى» نىڭ باش- ئاخىرى

ئەلى غوپۇر

«قەشقەر تارىخى» نىڭ باش- ئاخىرى

مۇقەددىمە

قەشقەر يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمدىن بۇيان يىراق يېقىندىكى ئەللەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ زور دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تۇپراقتا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ۋە بۇ زېمىننىڭ ئاجايىپ- غارايىپلىرىغا مەستانە بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن مۇشۇ يۇرتقا بېغىشلانغان نۇرغۇن قىسسە، داستان، شېئىر – قوشاق ۋە تارىخىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ۋە ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقۇلۇپ كەتكەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئىلىم سۆيەر، ۋىجدانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ساقلىنىپ ۋە كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ، بۇ ئەزىزانە يۇرتنىڭ ئۆتمىشىدىن دېرەك بېرىپ كەلدى.
قەشقەر بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «كاشغەر – ئۇردۇكەند دېيىلىدۇ ، بۇ خانلىقلار تۇرىدىغان شەھەر دېگەن مەنىدە»[1] دېگەن بايانلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندىن تارتىپ، ھەرقايسى دەۋر قەلەمكەشلىرىنىڭ خاتىرلىرىدە «قەشقەر شەھىرى»، «قەشقەر رايونى »، ھەتتا پۈتكۈل تارىم ۋە تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئومۇمىي نامىنى كۆرسەتكەن.
2007- يىلى 3- ئايدا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» نى يېزىش گۇرۇپپىسى مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتى مەزكۇر چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى سۈپىتىدە تەرجىمە قىلىنىپ، مۇناسىپ شەرھ يېزىلىدىغان، شۇ ئاساستا ئاساسىي مەۋقەنىڭ بىرىنچى قول ماتېرىياللىق خىزمىتىنى ئارتتۇرىدىغان تارماق تەتقىقات تېمىلىرى قاتارىدا مەن يوللىغان «قەشقەر تارىخىنىڭ تەرجىمىسى ۋە شەرھى» دېگەن تېمىنى تەستىقلىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن «قەشقەر تارىخى» دېگەن نامدا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، ئوسمانىلىي تۈركچىسىدە يېزىلغان ھەم بۇنىڭدىن بۇرۇن نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر ۋە قوليازمىلارنى ئۈزۈم بۇرۇن تاپقان قوليازما ۋە نەشىر نۇسخىلىرىغا سېلىشتۇرۇش، كەملىرىنى ئىزدەش ئىشىنى باشلىۋەتتىم. ئەمما بۇ خىزمەت رەسمىي باشلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىشنى قىلىشنىڭ مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىن نەچچە ھەسسە قىيىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەگەر «قەشقەر تارىخى» نى قولۇمدىكى قوليازما ۋە نەشىر نۇسخىلىرى ئاساسىدا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىغا شەرھى يازغان بولساممۇ، بۇ مەزكۇر تېما ئۈچۈن تۈزۈلگەن توختامنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىدى. ئەمما مەزكۇر تېمىدىكى ئەسەرلەرنى سىستېمىلىق ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردا بەلگىلىك دەرىجىدە ئوخشىماسلىقلار بولغاندىن سىرت، بەزى ئەسەرلەر نامىنىڭمۇ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن غەرەزلىك ياكى بىپەرۋالىق تۈپەيلىدىن خاتا قوللىنىلغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر خىل مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى مېنى بۇ تېمىنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەشكە دەۋەت قىلدى.

1. «قەشقەر تارىخى» نىڭ قوليازما ۋە نەشىر نۇسخىلىرى

ھازىرغا قەدەر «قەشقەر تارىخى» نامىدا بەش پارچە تارىخى ئەسەر پۈتۈلگەن بولۇپ ، تۇنجىسى 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخشۇناس، شەيخ، ئىستېداتلىق ئىمام ئەبۇ ئابدۇللا ھۈسەيىن پەزلىينىڭ ئوغلى كامىل ئىمام ئەبۇل پۇتۇخ ئابدۇلغاپپار كاشغەرىينىڭ «تارىخى كاشغەر» دېگەن ئەسىرى بولۇپ ، ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەسلى قوليازمىسى زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن . ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ قاراخانلار خانلىقى ۋە موڭغۇللارغا دائىر بىر قىسىم مەزمۇنلىرى 13- ئەسىردە ئۆتكەن ئالمالىقلىق مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشىينىڭ قەشقەردە يېزىپ تاماملىغان «سۇراھ لۇغىتىگە تولۇقلىما » دېگەن ئەسىرىدە ساقلىنىپ قالغان [2]. مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار خانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچىسى، نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يەكەندە يېزىلغان [3] دەپ پەرەز قىلىنغان «تارىخى كاشغەر» (بۇ ئەسەر 1986- يىلى ھاجى نۇر ھاجىنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «چىڭگىزنامە» دېگەن نام بىلەن نەشردىن چىققان. بۇ ھەقتە كېيىنكى مەزمۇنلاردا ئايرىم توختىلىمىز).
«تارىخى كاشغەر» نى رۇسىيىلىك شەرقشۇناس بارتولد 1902- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا تاشكەنتتىن تاپقان ھەمدە ئۇنىڭ ئايرىم جايلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، «تۈركىستان كاماندروپكىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن دوكلات» قا كىرگۈزۈپ، تۇنجى بولۇپ ئىلىم ساھەسىگە تونۇتقان. ئاكادېمىك بارتولد بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى باشقا بەش كىتاب ۋە تەزكىرىلەردە خاتىرلەنگەن 16-، 17- ئەسىرلەردىكى شىنجاڭغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىققان ھەمدە مەزكۇر ئەسەردىكى ئەينى ۋاقىت ئالاھىدە شارائىتىدا يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەزمۇنلارغا شەرھ يازغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغىغان. بارتولدنىڭ مەزكۇر ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق تۈركولوگ خارتمان ئۆز كىتابىنىڭ ئاخىرىغا ئۇنىڭ گېرمانچە تەرجىمىسىنى قوشقان.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئەسەرنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى بىر مەھەل داغا-دۇغا پەيدا قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەب ، مەزكۇر ئەسەر تۇنجى بولۇپ ھىجرىيە 920 (مىلادىيە 1514) – يىلىدىن ھىجرىيە 1107(مىلادىيە 1696) – يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا چاغاتايلارنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا خانلىق قۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، بۇ ماتېرىياللار بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق ۋە ۋاقىت جەھەتتىن دەۋرىيلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغانلىقىدۇر. دەل مۇشۇ خىل سەۋەبلەرگە كۆرە، بارتولد بۇ ئەسەرگە «تارىخى كاشغەر» دەپ نام بەرگەن ھەمدە مەزكۇر ئەسەرنىڭ تارىخى ماتېرىياللىق قىممىتى ھەققىدە مۇنداق يازغان: «كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بىز ھازىر قەشقەر خانلىقى ۋە خانلىقنىڭ ئاخىر زاۋالغا يۈز تۇتقانلىقىغا ئائىت ناھايىتى تەپسىلىي تارىخىي ماتېرىيالغا ئىگە بولدۇق» [4].
مەزكۇر ئەسەرگە بېغىشلانغان تەتقىقات نەتىجىلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەخمەت زەكى ۋەلى توغان، ل.ئى.دۇمان، ك.ئا.ئوسمانوف، ئا.م. مۇگىنوف، ك.س.ئىبراھىموف، ك.ئى. پېتروف، ئى.يا.زىلاتكىن، ۋ.پ.يودىن، ل.ئا.پوكروۋىسكايا قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان.
«تارىخى كاشغەر» نىڭ خېلى كۆپ كۆچۈرمە نۇسخىسى زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلىگەن . رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پېتىربورگ شۆبىسىدە ئۇنىڭ C576, C577, C2472 دەپ نومۇر قويۇلغان ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى ساقلانماقتا. ئۇنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا «15—17- ئەسىرلەردىكى قازاق خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار » غا كىرگۈزۈلگەن [5].
2001- يىلى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى سانكىت- پېتىربورگ شۆبىسى مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ساقلىنىۋاتقان «تارىخى كاشغەر» نىڭ ئاتاقلىق شەرقشۇناس ئاكىمۇشكىن كىرىش سۆز يېزىپ، ئىندېكىسىنى ئىشلىگەن ئەسلى قوليازمىسىنىڭ فاكسىمىل نۇسخىسى «سانكىت- پېتىربورگ ئىلىم مەجمۇئەسى» نىڭ 8- قىسمى سۈپىتىدە نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى. مەزكۇر ئەسەرنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى پېتروسيان، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكىنى ئاكىمۇشكىن بىلەن ئالىموف ئۈستىگە ئالغان. گورىكىلياد، كىچانوف، مىنشىكوف، تېمكىن ۋە خالىدوفلار مەسئۇل مۇھەررىر ۋە مۇھەررىر بولغان.
«تارىخى كاشغەر» ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، بىرىنچى قىسمى (ئەسلى قوليازما 1- بەتتىن 58- بەتكىچە) دا ئىنتايىن ئاددىي تىل ۋە بايان قىلىش ئۇسلۇبى ئارقىلىق نوھ، توپان بالاسى، نوھنىڭ ئوغۇللىرى، يافەس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاكى موغۇل، تاتار خانلىرىغىچە؛ قاراخاننىڭ نەسەبى، موغۇل خانلىرىنىڭ ئوغۇزخاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنىڭ بايانى؛ موغۇل خانىنىڭ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىشى ؛ ئاتىسى بىلەن بولغان ئۇرۇش، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر، قاڭقىل، قارلۇق، خالاج – قىپچاق قاتارلىق بەش تۈركۈم قوۋم؛ ئوغۇزخاندىن ئالانقۇۋا (چىڭگىزخاننىڭ ئەجدادى) غىچە بولغان ۋەقەلەر؛ چىڭگىزخاننىڭ نەسەبنامىسى ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، غەربكە يۈرۈش قىلىشى، ئىراندىكى ئىلخانىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، چاغاتايخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مۇبارەكخان، تۇۋاخان، ئېسەن بۇغاخان، تۇغلۇق تېمۇرخاندىن تارتىپ 1514- يىلى قەشقەردە مىرزا ئابابەكرىنىڭ قوشۇنلىرى مەغلۇپ قىلىنىپ يەكەن خانلىقى قۇرۇلغىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان.
ئىككىنچى قىسمىدا سۇلتان سەئىدخاندىن تارتىپ سۇلتان مۆمىنخانغىچە بولغان ۋەقەلەر، يەنى 1514- يىلدىن 1695- يىلىغىچە بولغان يەكەن خانلىقىنىڭ ھەرقايسى خانلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە شۇ دەۋرلەردە يۈز بەرگەن تارىخى ھادىسىلەر يىلنامە تەرتىپى بويىچە بايان قىلىنغان.
ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مۇئەللىپ باشقا تارىخشۇناسلارغا ئوخشىمىغان رەۋىشتە ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق خوجىلار جەمەتلىرىنىڭ يەكەن خانلىقىغا بولغان تەسىرى، ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرەشلىرىنى لايىقىدا بايان قىلىش بىلەن بىللە ئەينى دەۋرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىنمۇ مەلۇماتلار بەرگەن.
مۇئەللىپ يەنە ئۆز ئەسىرىنى جانلىق تارىخىي پاكىتلار ۋە گۈزەل ئەپسانە- رىۋايەتلەر بىلەن بېيىتىش مەقسىتىدە رەشىدىددىننىڭ «جامىئۇت-تەۋارىخ»، مىر خاۋەندنىڭ «رەۋزەتۇس- سەفا»، جۇۋەينىينىڭ «تارىخىي جاھان گۇشاي»، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدىي»، شەرەفىددىن ئەلى يەزدىينىڭ «زەفەرنامە»، شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ «تارىخ» (بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى «سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار » دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلىنغان) قاتارلىقلاردىن كۆپلەپ پايدىلانغان ۋە ئۈزۈندىلەرنى ئالغان. ئەسەرنىڭ 99- بېتىدىن 105- بېتىگىچە بولغان قىسمى ئاپتورنىڭ ئەسلى ئىجادىيىتى بولۇپ ، ناھايىتى يۇقىرى تارىخىي قىممەتكە ئىگە.
ئۈچىنچى، رۇسىيىلىك گېنېرال كورپاتكىن 1879- يىلى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان «قەشقەرىيە»؛ 1876- يىلى 10- ئايدا كورپاتكىن (تولۇق ئىسمى: ئالىكسىي نىكولايىۋىچ كورپاتكىن، 1848-1925) چار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ، ھەر خىل ئاخباراتلارنى يىغقان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ زېمىنلارنى قوقەندلىك ياقۇپبەگ ئىگىلەپ تۇرغان بولۇپ ، كورپاتكىن چاررۇسىيە نامىدىن ياقۇپبەگكە زېمىن تەلىپى قويغان. ئۇ دۆلىتىگە قايتقاندىن كىيىن، تۈركىستان گوبىرناتورى كوفمانغا قەشقەرىيىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، ھەربىي كۈچى، سانائەت ۋە سودىسىغا دائىر بىر پارچە دوكلات يېزىپ تاپشۇرغان. مەزكۇر كىتاب شۇ دوكلاتنىڭ تولۇقلىمىسى ۋە تۈزۈتىلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن نەشىر قىلىنغان. 1982- يىلى مەزكۇر ئەسەرنىڭ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىنگلىزچە نەشرىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان) سودا نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. بۇ ئەسەر جامائەتچىلىككە خېلى تونۇش بولغاچقا بۇ ھەقتە كۆپ توختالماسلىقنى لايىق تاپتىم.
تۆتىنچى، تۈركىيىلىك مۇھەممەد ئاتىف ھىجرىيە 1300- يىلى (مىلادىيە 1882) يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان «قەشقەر تارىخى». مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى بىرئاز كەڭ بولۇپ ، مۇقەددىمە، قەشقەر قىتئەسى (بۇ ئاپتورنىڭ ئەسلى سۆزى بولۇپ ، ئۇ ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان) نىڭ يىراق قەدىمكى زامان تارىخى، ئاھالىسى، ھىجرەتتىن ئاۋۋالقى تارىخى، قاراخانىيلار، چىڭگىز ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، ئەمىر تىمور ۋە تۇغلۇق تىمۇرگە دائىر مەلۇماتلار، يەكەن خانلىقى، جۇڭغارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، ياقۇپبەگنىڭ ئىستېلاسى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى قاتارلىق بىر قاتار تارىخى ۋەقەلەردىن سىرت، مەزكۇر يۇرتنىڭ دەۋرلەردىن بۇيانقى سودا-تىجارەت، ھۈنەر-كەسىپ ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئائىت مەلۇماتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ مۇئەللىپ ئەسىرىدە ئۆز دەۋرىگە دائىر مەلۇماتلارنى بايان قىلىشتا مەسىلىلەرگە خالىس مەيداندا تۇرۇپ باھا بېرىشكە تىرىشقان. شۇڭا ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەزمۇنلار مەزكۇر ئەسەرنىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ .
مۇئەللىپ ئەسىرىدە ئۆز مۇددىئاسىنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە كىرىش سۆز قىسمىدا تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: «جانابىي ئاللاھ دەرگاھىغا چەكسىز ھەمدۇسانا، تەشەككۈر، مەدھىيە يەتكۈزۈپ ۋە ئۇلۇغ، شانلىق پەيغەمبىرىمىزگە رەھمەت، سالام يوللىغاندىن كېيىن، جانابىي ئاللاھنىڭ كۈچلۈك، توغرا رەھمىتىگە تايىنىپ، مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ خاتالىقىمنى كۆچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، قەشقەرنىڭ تارىخى ۋە ئاجايىپ- غارايىپلىرى ھەققىغا بېغىشلانغان بۇ كىتابنى يېزىشقا ۋە نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا جۈرئەت قىلدىم. بۇ ئاۋۋالقى قىسسىنىڭ باشقا كىتابلاردەك بىر قىسىم خاتالىقلىرىدىن خالىي بۇلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە، باشقا قىسسەلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقى ۋە مەمنۇنىيىتىنى قوزغايدىغان ھالدا بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلىمەن. مەملىكىتىمىزدە ياۋروپا ئەخلاق ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يەرلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئارقىمۇ-ئارقا تەجرىبە قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر بۇزۇق ئەخلاق تارقىتىشتىن باشقا ھېچبىر رولى بولمىغان كىتابلارغا قارشى ھالدا دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە مىللىتىمىزگە تەئەللۇق بولغان مۇنداق تارىخ كىتابلىرى ئاز بولسىمۇ، بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى غەيرەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلەر تەرىپىدىن تەشەككۈر نەزىرى بىلەن كۈرۈلگىسىدۇر. كۆپلىگەن تارىخ كىتابلىرىدىكىگە ئوخشاش، ۋەقەلەرنى تەكشى بىر سۈرئەتتە يېزىشتەك ۋەقە تەسۋىرچىلىكى قىلىشنى ۋىجدانىم قەتئىي قوبۇل قىلمىغاچقا، بىر ۋەقەنىڭ سەۋەب ۋە قارشى تەرەپلىرىنى ئەتراپلىق بايان قىلىپ، ئۇ ۋەقەلەر ھەققىدە زۆرۈر مۇھاكىمىلەرنى يۈرگۈزدۈم. قەشقەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر مۇناسىۋىتى بولغان باشقا مەلۇماتلارنى كىتابقا كىرگۈزۈش بىلەن بىللە ۋەقەلىكلەرنى ئىمكان قەدەر توغرا يازدىم. بەزى تارىخى ۋەقەلىكلەرنى رىغبەت نەزەرى بىلەن چۈشەندۈرۈشتىن ھەم ماختانچاقلىق، مەنمەنلىك، ئابرۇيپەرەسلىك ۋە تەرەببازلىقتى قەتئىي ساقلىنىپ، بىتەرەپ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، راستىنى سۆزلەشتىن قىلچىمۇ يۈز ئۆرىمىدىم.
بۇ كىتاب ئاساسەن ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، بىرىنچى قىسمى قەشقەر قىتئەسىنىڭ توپان بالاسىدىن تاكى زامانىمىزغا قەدەر بولغان تارىخى ۋەقەلىرىنى؛ ئىككىنچى قىسمى قەشقەر مەملىكىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى بىلەن ئاھالىسىنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت، ئەخلاق ۋە باشقا ئاجايىپ مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى قىسمى بولسا قەشقەردە تۇنۇلغان بىر تۈركۈم زاتلارنىڭ تەرجىمھاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابتا ۋەقەلەر بىر بىرىگە تۇتاش ۋە چىگىش يېزىلماستىن، بىر قانچە بابقا ئايرىلدى….. قەشقەردە ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەنلىكى، خۇسۇسەن ياقۇپخان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى، يېقىنقى زاماندا سۇلتان ئابدۇل ئەزىزخاننىڭ قەشقەرگە قۇرال ۋە ھەربىي مۇئەللىملەرنى ئىبەرتىشتەك يارىدەملىرى ئۇ تەرەپتىكىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئىسلام خەلىپىسى مەركىزىگە بۇرىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ھەمدە قەشقەردە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ مەملىكىتىمىزگە يېتىپ كەلگىنىگە بىر يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر قەلەم ئىگىلىرىدىن ھېچبىر كىشىنىڭ مۇكەممەل بىر ئەسەر يېزىشقا كىرىشمىگەنلىكىگە ئېچىنىپ، قەشقەر تارىخىنى يېزىشتەك بۇ مۈشكۈل خىزمەتنى كەمىنە ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. قەشقەر تەرەپلەردە يۈز بەرگەن ۋەقە- ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ بۇ تەرەپلەرگە كەلگەنلىرىنىڭ بەزىلىرى يېزىلدى. خەلق ئاغزىدا كۆچۈپ يۈرگەن ياكى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇبالىغىلەشتۈرۋىتىلگەن ۋە مەلۇم غەرەز بىلەن بۇرمىلىۋىتىلگەچكە، ئىشىنىشكە لايىق ئەمەستۇر. بۇنداق كۆچۈپ يۇرىۋاتقان رىۋايەتلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن تەرەپلىرى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ ، مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىرىمۇ 150-200 قۇر، يەنى 10-12 بەتتىن ئىبارەتتۇر. مەن بۇ خىل رىۋايەتلەرنى كىتاۋىمغا يېزىشتا پەقەت تولۇق ھەقىقەت بولغانلىرىنى كىتابخانلارغا قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دەلىل-پاكىت يۈزىسىدىن يازدىم [6].
مۇھەممەد ئاتىف ئوسمانىلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرال-ياراق باشقارمىسىنىڭ ھېسابات مەسئۇلى ۋە پۈتۈكچىلىرىدىن بولۇپ ، ياقۇپبەگنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمرانلىقىغا دائىر ۋەقەلەرنى ئوسمانىلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن ھەربىي كوماندىرى كازىم ئەپەندىنىڭ بىۋاسىتە بايانىغا ئاساسەن يازغان. ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى ئۆز ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق بايان قىلغان: «ئالوي كاماندىرى كازىم ئەپەندى دۆلىتى ئالىيە تەرىپىدىن ياقۇپخان قېشىغا قەشقەرگە ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردە ھىجرىيە 1291- يىلىدىن (مىلادىيە 1874) ھىجرىيە 1294- يىلىغىچە (مىلادىيە 1877) تۇرغان ئۈچ يېرىم يىل ئىچىدە كۆرگەنلىرىنى كېيىنكى چاغدا ئالىي ئوردىغا كەلگەندە ماڭا سۆزلەپ بەرگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بۇ ياردىمىگە كۆپ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈمەن».
مەزكۇر ئەسەرنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىدىكى نۇسخىسى 1998- يىلى تۈركىيە ئالىملىرىدىن دوكتور ، پروفېسسور ئىسمايىل ئاكا، رەھبى گۈنەي ۋە جاھىت تىلچى قاتارلىقلار تەرىپىدىن قايتا نەشىر قىلىنغان.
بەشىنچى، ئىمىر ھۈسەيىن قازى تەرىپىدىن 1957- يىلى قەشقەردە يېزىلغان «تارىخى ۋاقىئەئى كاشغەر». مەزكۇر ئەسەرنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى تېپىشقا ئىمكانىيىتىم يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەت ۋە ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «شىنجاڭ تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلەر كاتالوگى» دىكى تۆۋەندىكى قىسقا ئۇچۇر بىلەنلا كۇپايىلەندىم:
«تارىخى ۋاقىئەئى كاشغەر»، ئاپتورى: ئىمىر ھۈسەيىن قازى، يېزىلغان ۋاقتى : 1957- يىلى، قەشقەر. «بۇ كىتابتا قەشقەرنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىكى تارىخى ۋەقەلىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىش بىلەن بىللە، ئاساسلىقى قەشقەر رايونىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تارىخى ۋەقەلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئەسەر 284 بەت ئەتراپىدا» [7]. بۇ ئەسەر شىنجاڭ رايونىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

2. «چىڭگىزنامە» ئەسلى «تارىخى كاشغەر» بۇلىشى كېرەك

نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى كاشغەر» 1902- يىلى ئاكادېمىك بارتولد تەرىپىدىن ئىلىم ساھەسىگە قايتا تونۇلۇپ، 84 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1986- يىلى ھاجى نۇر ھاجى ئەپەندى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىپ، «چىڭگىزنامە» دېگەن توننى كىيىپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتنىڭ نەشىر قىلىپ تارقىتىشى بىلەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئاتالمىش «چىڭگىزنەمە» نىڭ «نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن» دېگەن سەھىپىسىگە تۆۋەندىكىدەك بايانلار بېرىلگەن : « ‹چىڭگىزنامە› ناملىق بۇ تارىخى ئەسەر موللا مىرسالىھ كاشغەرىي تەرىپىدىن يېزىلغان. ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ، ئاپتورنىڭ ھاياتى ۋە تەرجىمىھالىغا ئائىت ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ‹چىڭگىزنامە› ناملىق بۇ ئەسەر موللا مىر سالىھنىڭ ئەينى قوليازما نۇسخىسى بولۇپ ، 1981- يىلى قەشقەرلىك قادىر بۇلاق تەرىپىدىن تېپىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قوليازما فوندىغا تەقدىم قىلىنغان. ‹چىڭگىزنامە› نىڭ قوليازما نومۇرى: 00679، قوليازما خوتەننىڭ پاتلىق سامان قەغىزىگە خەتتى پارسىي بىلەن يېزىلغان. ئەسەر جەمئىي 262 بەت، 16 فورمات بولۇپ ، ھەر بېتىگە 13 قۇردىن يېزىلغان. ‹چىڭگىزنامە› ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. بۇ قوليازمىنىڭ تېپىلىشى تارىخ تەتقىقاتىدا كىشىنى شادلاندۇرىدىغان زور مۇۋەپپەقىيەت بولدى. …..» [8].
ھاجى نۇر ھاجى ئەپەندى مەزكۇر قوليازمىنى نەشىرگە تەييارلىغان ۋاقىتتا، بۇنىڭدىن 84 يىل ئاۋۋال ئىلىم ساھەسىدىكىلەر مەزكۇر ئەسەرنى «تارىخى كاشغەر» دەپ ئاتىغانلىقىدىن خەۋەر تاپمىدىمۇ ياكى غەرەزلىك ھالدا ئەسەر نامىنى قايتىدىن قويدىمۇ، بۇنى بىلىش قىيىن بولسىمۇ ئەمما بىر ئەسەرنىڭ ئىككى خىل نامدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بولۇپمۇ ھاجى نۇر ھاجىنىڭ 1993- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە مەزكۇر ئەسەرنى ھەم «چىڭگىزنامە»، ھەم «تارىخى كاشغەر» دەپ تەڭ قوللىنىشى كىشىدە بىپەرۋالىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن كۆرە، مەلۇم غەرەز يوشۇرۇنغانمىدۇ دېگەن تەسىراتنى پەيدا قىلىدۇ.
ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نەشىر قىلىنىپ نەچچە يىلدىن كېيىن، پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئابدۇشۈكۈر تۇردى قاتارلىقلارنىڭ: «بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى نامى ‹تارىخى كاشغەر› ئىدى» دېگەنلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما بىرەر كىشى ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ئىككى قوليازمىنىڭ ئەسلىدە بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئىلىم ساھەسىگە جاكارلىمىغانلىقى ئۈچۈن خاتا نام خاتا پېتى كېتىۋەردى. بۇ خىل نام خاتالىقى چاغاتاي خانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرگىمۇ خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويغان ۋە بىر قىسىم ئۇقۇم خاتالىقلىرىنىڭ سادىر بۇلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
ئاكىمۇشكىننىڭ نەشىرگە تەييارلىشى ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىققان «تارىخى كاشغەر» نىڭ ئەسلى قوليازمىسىدىن باشقا، بارتولدنىڭ «تارىخى كاشغەر» ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار رۇس ۋە گېرمان تىلىدا ئېلان قىلىنغان، خەنزۇ ئالىملار چەتئەل تىلىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلانغان، ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بولمىغانلىقىدەك بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ بۇ ئىككى قوليازمىنىڭ ئەسلى بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى بايقىماسلىقىدىن ئەجەبلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەمدى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى كاشغەر» ناملىق مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋېي لياڭتاۋ قاتارلىق بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنلا بىلگەن. ئەمما ئۇنىڭ سانكت-پېتىربورگتىكى قوليازما نۇسخىسىنى بىۋاسىتە كۆرمىگەن بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى خاتالىقلارغا ئوخشاشلا يول قۇيۇپ كەلگەنىكەنمىز. بۇ خىل خاتالىق تۈپەيلىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور جاۋجياڭمىن « شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2005- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسى ۋە ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمى ماقالىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە «چىڭگىزنامە» دېگەن نامنى ئىشلەتكەن [9].
مەنمۇ «تارىخى كاشغەرنىڭ تەرجىمىسى ۋە شەرھى» دېگەن تەتقىقات تېمىسىنى يوللىغان ۋاقىتتا، نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى كاشغەر» بىلەن موللا مىرسالىھ كاشغەرىينىڭ نامىدا نەشىر قىلىنغان ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نى ئايرىم-ئايرىم ئىككى پارچە «تارىخى كاشغەر» قىلىپ يوللىغان ئىدىم (مۇھەممەد ئاتىف بىلەن ئىمىر ھۈسەيىن قازىنىڭ ئەسەرلىرىنى قوشقاندا تۆت پارچە) تېما بېكىتىشكە قاتناشقان مۇتىخەسىسلەرمۇ شۇ بويىچە تەستىقلىغان ئىدى. ئەمما سانكت-پېتربورگدا ساقلىنىۋاتقان «تارىخى كاشغەر» نىڭ قوليازما نۇسخىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، مەزكۇر قوليازما بىلەن ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ يۈز پىرسەنت ئوخشىشىدىغانلىقىنى بايقىدىم.
2007- يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 9- ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەمەرقەنت شەھىرىنىڭ 2750 يىللىق، مەرغىلان شەھىرىنىڭ 2000 يىللىق تارىخىغا بېغىشلانغان ئىككى قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى كەسىپداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان «تارىخى كاشغەر» بىلەن ھاجى نۇر ھاجى نەشىرگە تەييارلىغان ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نىڭ بىر ئەسەر ئىكەنلىكى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاكىت ئاساسىغا ئىگە بولدۇم.
ھەممىدىن قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ ئىككى قوليازمىنىڭ بىر ئەسەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چىگىش سوئاللارنىڭ جاۋابى يەنىلا ھاجى نۇر ھاجىنىڭ 1993- يىلى نەشىر قىلىنغان «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرىدىن چىقتى ۋە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى تېخىمۇ كۈچلۈك پاكىت ئاساسىغا ئىگە قىلدى. تۆۋەندە بۇ پاكىتلارنى بىر بىرلەپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى، ئەسەرنىڭ نامى مەسىلىسى: ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قىسقىچە تارىخ» دېيىلىدۇ ) دېگەن ئەسىرىنىڭ 263- بېتىگە بېرىلگەن «پايدىلانغان ئەسەرلەر» دېگەن تىزىملىكتە «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹قەشقەر تارىخى›، قوليازما» دېگەن مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ ، «چىڭگىزنامە» دېگەن كىتاب نامى ئۇچرىمايدۇ. ئەجەبا ئەسلى تېكىستتىكى پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىملىكىدە بار كىتاب نامى بۇ يەردە نەزەردىن ساقىت قىلىنغانمۇ ياكى بۇ بىر تاسادىپىيلىقمۇ ۋە ياكى مۇھەررىرنىڭ خاتالىقىمۇ؟
ئەمدى بىز مەزكۇر كىتابنىڭ ئەسلى تېكىستىگە قاراپ باقايلى: «قىسقىچە تارىخ» نىڭ 47- بېتىدىكى: «…… بىر ئاپتۇۋىنىڭ ئىچىدىن ‹خۇمار خاتۇننىڭ ئوغلىنىڭ تويى ئۈچۈن› دەپ يېزىلغان بىر خەت چىققان. خۇمار خاتۇن كىم؟ قاچان ئۆتكەن؟ قانداق بولغان؟ بۇ توغرىدا مەلۇمات يوق» دېگەن ئابزاسنىڭ پايدىلانغان ماتېرىياللار قىسمىغا «مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كورەگان: ‹تارىخى رەشىدى›، قوليازما؛ شاھ مەھمۇد چۇراس: ‹تارىخ›، موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹قەشقەر تارىخى› » دەپ يېزىلغان. بۇ مەنبە ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان «قەشقەر تارىخى» نىڭ 58b – بېتىدىكى مەلۇمات بىلەن تامامەن ئوخشاش. يەنە ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نىڭ 98- بېتىدىمۇ شۇنداق. ھاجى نۇر ھاجى بۇ يەردە «تارىخى قەشقەر» دېگەن نامنى ئىشلەتكەن.
«قىسقىچە تارىخ» نىڭ 109- بېتىدىكى: «يەكەننى چوڭ ئوغلى جاھانگىر مىرزىغا بېرىپ، خوتەن ئارقىلىق تىبەتكە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى» دېگەن بايانغا بېرىلگەن ئىزاھاتتا: «موللا مىرسالىھ كاشغەرىينىڭ ‹قەشقەر تارىخى› دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ» دېيىلگەن. بۇ مەلۇمات «چىڭگىزنامە» نىڭ 96- بېتىدىكى ۋە ئاكىمۇشكىن تەييارلىغان «تارىخى كاشغەر» نىڭ 56b – بېتىدىكى مەلۇماتلار بىلەن بىردەك. ھاجى نۇر ھاجى بۇ يەردە يەنىلا «قەشقەر تارىخى» دېگەن نامنى ئىشلەتكەن.
«قىسقىچە تارىخ» نىڭ 149- بېتىدىكى: «….ماڭا دەرسەنكى ۋاپا قىلغۇچىدۇر، ئىلگە قىلغاچقا ماڭا قىلغايسەن» دېگەن بايانغا بېرىلگەن ئىزاھاتتا: « ‹چىڭگىزنامە› قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985- يىلى نەشرى، ئۇيغۇرچە، 99- بەت» دېيىلگەن. بۇ مەلۇمات ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان «تارىخى كاشغەر» نىڭ 58b – بېتىدىكى مەلۇمات بىلەن ئوخشاش. ھاجى نۇر ھاجى بۇ يەردە «چىڭگىزنامە» دېگەن نامنى ئىشلەتكەن.
«قىسقىچە تارىخ» نىڭ 184- بېتىدىكى: «……. خۇدابەردى يەكەنگە كېتىپ بېرىپ يولدا ئۆلۈپ كەتتى» دېگەن بايانغا بېرىلگەن ئىزاھاتتا: «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹چىڭگىزنامە› » دېيىلگەن. بۇ مەلۇمات ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان «تارىخى كاشغەر» نىڭ 72a – بېتىدىكى مەلۇمات بىلەن ئوخشاش. ھاجى نۇر ھاجى بۇ يەردە «چىڭگىزنامە» نامنى ئىشلەتكەن.
«قىسقىچە تارىخ » نىڭ 185- بېتىدىكى: « …… ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، قۇمۇلمۇ مۇھىم سودا شەھەرلىرىدىن ئىكەن» دېگەن بايانىغا بېرىلگەن ئىزاھاتتا: «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹چىڭگىزنامە› » دېيىلگەن. بۇ مەلۇمات ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان «تارىخى كاشغەر» نىڭ 72b- بېتىدىكى مەلۇمات بىلەن ئوخشاش. بۇ يەردىمۇ «چىڭگىزنامە» نامنى ئىشلەتكەن.
«قىسقىچە تارىخ» نىڭ 187- بېتىدىكى: «…… بۇ قەھەتچىلىك مىرزا مۇناخنىڭ قەھەتچىلىكى دەپ ئاتالدى» دېگەن بايانغا بېرىلگەن ئىزاھاتتا: «موللا مىرسالىھ كاشغەرىينىڭ ‹قەشقەر تارىخى› قوليازما ئەسىرىگە قارالسۇن» دېيىلگەن. بۇ مەلۇمات «چىڭگىزنامە» نىڭ 148- بېتىدىكى، ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان «تارىخى كاشغەر» نىڭ 86a- بېتىدىكى مەلۇماتلار بىلەن ئوخشاش. بۇ يەردە يەنىلا «قەشقەر تارىخى» دەپ ئىشلىتىلگەن.
«قىسقىچە تارىخ» نىڭ 188- بېتىدىكى: «….. قۇمۇلغا ئادەم ئەۋەتىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن قاتناش راۋانلاشتۇرۇلدى» دېگەن بايانىغا بېرىلگەن ئىزاھاتتا: «موللا مىرسالىھ كاشغەرىينىڭ ‹قەشقەر تارىخى›، قوليازما» دېيىلگەن. بۇ مەلۇمات «چىڭگىزنامە» نىڭ 147- بېتىدىكى ۋە ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان «تارىخى كاشغەر» نىڭ 85b- بېتىدىكى مەلۇماتلار بىلەن ئوخشاش. بۇ يەردە يەنىلا «قەشقەر تارىخى» دېگەن نام ئىشلىتىلگەن.
«قىسقىچە تارىخ» نىڭ 191- بېتىدىكى: « ….. شاھ بايرىن بىلۇجىستان لەشكەرلىرىنى توپلاپ ئۆزى بىلۇجىستاندىكى مۇستەھكەم قەلئەگە بىكىنىۋېلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سەئىدىيە قوشۇنى دارا قەلئەسىنى مۇھاسىرە قىلغانلىقتىن، ئاخىر ئوغلىنى تارتۇقلار بىلەن ئابدۇللاخان ئالدىغا چىقىرىپ تەسلىم بولدى» دېگەن بايانغا بېرىلگەن ئىزاھاتتا: «موللا مىرسالىھ كاشغەرىينىڭ ‹قەشقەر تارىخى› » دېيىلگەن. بۇ مەلۇمات ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» بىلەن ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان «تارىخى كاشغەر» دە ئۇچرىمايدۇ. ئەمما «ئابدۇللاخاننىڭ بولۇرنى فەتىھ قىلغانلىقىنىڭ بايانى» دېگەن قىسمىدا «شاھ بابىر دەررەئى مەھكەمگە مۇستەھكەم بولۇپ ، ئوغلى شاھ رەئىسنى نۇرغۇن سوۋغا- سالاملار بىلەن كۆرۈنۈشكە چىقاردى …..» دېگەن مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. بۇ يەردىمۇ ھاجى نۇر ھاجى يەنىلا «قەشقەر تارىخى» دېگەن نامنى قوللانغان.
«قىسقىچە تارىخ» نىڭ 236- بېتىدىكى: «سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئەدەبىيات ساھەسىدە خۇلقىي (ئەدەبىي تەخەللۇسى)، شائىر ھەنىفىي (ئەدەبىي تەخەللۇسۇ) قاتارلىق شائىرلار مەيدانغا كەلگەن» دېگەن بايانغا بېرىلگەن ئىزاھاتتا: «موللا مىرسالىھ كاشغەرىينىڭ ‹قەشقەر تارىخى›، قوليازما» دېيىلگەن. بۇ مەلۇماتلارمۇ ئەسلى قوليازما ۋە ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» دە ئۇچرىمايدۇ. بۇ يەردىمۇ ھاجى نۇر ھاجى يەنىلا «قەشقەر تارىخى» دېگەن نامنى قوللانغان.
دېمەك، ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابىنىڭ 47-، 109-، 145-، 187-، 188-، 191- ۋە 236- بەتلىرىدە «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹قەشقەر تارىخى› » دېگەن ئىستاتا ئىشلىتىلگەن. يەنە شۇ ئەسەرنىڭ 149-، 184-، 185- بەتلىرىدە «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹چىڭگىزنامە› » دېگەن ئىستاتا ئىشلىتىلىپ، 149- بەتتىكى ئىستاتىدا «1985- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» دېگەن تەپسىلىي ئىزاھ بېرىلگەن بولسا، 184-، 185- بەتلەردە پەقەت «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹چىڭگىزنامە› » دېيىلگەن. ھەممىدىن ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، كىتابنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىملىكىدە ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان.
يۇقىرىقى مەنبەلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى موللا مىرسالىھ كاشغەرىي ئاتلىق بىر كىشى «قەشقەر تارىخى» ۋە «چىڭگىزنامە» دىن ئىبارەت ئىككى تارىخى ئەسەر يازمىغان بولغىيمىدى دېگەن قاراشقىمۇ كېلىپ قالىدۇ. ئەمما ئەسلى قوليازمىنى كۆرگەن كىشىلەرلا بۇنىڭ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئوينالغان «مەنبە كۆپەيتىش» ئويۇنى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئەجەبا ھاجى نۇر ھاجى ئەپەندى «تارىخى كاشغەر» بىلەن «چىڭگىزنامە» نى بىر خىل نامدا ئاتاشنى خالىمىغانمۇ؟
ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە بىر قوليازمىنى ئىككى خىل نامدا قوللىنىشى ۋە 1986- يىلى «تارىخى كاشغەر» نى نەشىرگە تەييارلىغاندا كىتاب نامىنى «چىڭگىزنامە» دەپ ئىشلىتىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر خۇددى تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن سىرلارغا ئوخشاش مەرھۇم بىلەن بىللە باقىي ئالەمگە كەتتى،
يەنە بىرى، ئەسەرنىڭ ئاپتورى مەسىلىسى: «تارىخى كاشغەر» نىڭ كىم تەرىپىدىن يېزىلغانلىق مەسىلىسى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭمۇ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ ، بۇ ھەقتىكى تالاش- تارتىشلار ھازىرغىچە تۈگىمىدى. بىر قىسىم كىشىلەر مەزكۇر ئەسەرنى «شاھ مەھمۇد چوراس يازغان بۇلىشى مۇمكىن ، چۈنكى بۇ ئىككى كىتاب ۋەقەلىك ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ» [10] دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «شاھ مەھمۇد چوراسنىڭ ‹تارىخ›ى بىلەن ‹تارىخى كاشغەر» بىر ئاپتورنىڭ ئەسىرى بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس. گەرچە بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ ۋەقەلىك ۋە مەزمۇنلىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە مۇھىم مەنتىقىلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردىن قارىغاندا، ئۇلار بىر ئاپتورنىڭ ئەسىرى بولۇشتىن كۆپ يىراق»[11] دەپ قارايدۇ.
ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلاپ كىرىش سۆز يازغان ھەمدە 1902- يىلىدىن بۇيان رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى سانكىت- پېتىربورگ شۆبىسىدە ساقلىنىۋاتقان ئۈچ پارچە قوليازمىدا ئاپتورنىڭ نامىدىن سىرت، ھەتتا كۆچۈرگۈچىلەرنىڭمۇ نامى يېزىلمىغان. شۇڭا بۇ قوليازما كېيىن «نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان ‹تارىخى كاشغەر› » دېگەن نام بىلەن ئىلىم ساھەسىگە تونۇلغان. ئەمدى ھاجى نۇر ھاجى تەرىپىدىن 1985- يىلى نەشىرگە تەييارلىنىپ، 1986- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» («تارىخى كاشغەر») نىڭ ئاخىرقى بېتىدە «بۇ كىتابەت روز سەھشەنبە كۈنى تامام بولدى. رەقەم موللا مىرسالىھ كاشغەر» [12] دېگەن قۇرلار ئۇچرايدۇ. بۇ قۇرلار مەزكور ئەسەر مۇئەللىپىنىڭ كىملىكى مەسىلىسىگە نىسبەتەن مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . «رەقەم» سۆزى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا «سان»، «بەلگە»، «يېزىش»، «مەكتۇب»، «نامە»، «تەقدىر» [13] دېگەندەك مەنىلەردە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ ، شۇ بويىچە بولغاندا «رەقەم موللا مىرسالىھ كاشغەرىي» دېگەن سۆز مەزكور ئەسەرنىڭ موللا مىرسالىھ كاشغەرىي تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر موللا مىرسالىھ كاشغەرىينى «تارىخى كاشغەر» نىڭ ئاپتورى دېسەك ، ئۇ ھالدا سانكىت- پېتربورگدا ساقلىنىۋاتقان ئۈچ پارچە قوليازمىدا كۈچۈرگۈچىلەر ئاپتورنىڭ ئىسمىنى چۈشۈرۈپ قويغان بولىدۇ . ئالدىنقى ئۈچ پارچە قوليازمىنىڭ بىرىدىمۇ ئاپتورنىڭ نامىنىڭ بولماسلىقى مەزكور ئەسەرنى كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ ھەر ئۈچۈلىسى ئوخشاش خاتالىققا يول قويغانمۇ دېگەن سوئالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېنىڭچە «رەقەم موللا مىرسالىھ كاشغەرىي» دېگەن سۆزنى «يازغۇچى موللا مىرسالىھ كاشغەرىي» ئەمەس، «كۆچۈرگۈچى موللا مىرسالىھ كاشغەرىي» دەپ چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ .

خاتىمە

«قەشقەر تارىخى» نىڭ باش- ئاخىرى

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، «قەشقەر تارىخى» دېگەن ئومۇمىي نامدا يۇرتىمىز تارىخىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇھىم گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىش ھەم ئۇلارنى توغرا تەتبىقلاش ۋە توغرا پايدىلىنىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. ئىلىم ساھەسىدە «تارىخى كاشغەر» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نى خەلقئارا ئىلىم ساھەسى بىلەن بىر ئوربىتىغا چۈشۈرۈپ ئورتاق بىر نامدا ئاتاش زور ئەھمىيەتلىك ئىش. بۇ قەدىمكىنى ھازىرقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەنزۇ كلاسسىكلىرىنىڭ «قويدىن نەچچىنى يوقاتقاندىن كېيىن، قوتاننى تۈزىسەكمۇ كېچىكمەيمىز» دېگەن ھېكمىتى ناھايىتى ئوبرازلىق ۋە جايىدا ئېيتىلغان. گەرچە ئاكادېمىك بارتولدنىڭ نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان تارىخى مىراسىمىزغا «تارىخى كاشغەر» دەپ نام بەرگىنىگە ھازىر توپتوغرا 106 يىل بولغان بولسىمۇ، «قوتاننى ئەمدى تۈزىسەك» مۇ يەنىلا كېچىكمەيمىز، ئەلۋەتتە.
ئاخىرىدا ياپونىيىدىكى ئالدىراش ئوقۇشىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، «تارىخى كاشغەر» نىڭ سانكىت- پېتىربورگ نۇسخىسىنى تېپىپ بەرگەن شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالى مۇھەررىرى زۇلپىيە تۇرسۇنغا، «تارىخى كاشغەر» بىلەن ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ چىقىشىمغا ياردەملەشكەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۈسەن مىڭئۆيى تەتقىقات ئىنىستىتىتۇتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى تەلئەت ئوبۇلقاسىم تۈمەنلەرگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

___________________________________________________________
ئىزاھات:
[1]. مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981- يىلى، 1- توم 168- بەت
[2]. ۋېي ليڭتاۋ: «قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986- يىلى ، خەنزۇچە 1- بەت. قاراڭ: خۇتاۋ: «8- 10- ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى، 2000- يىلى، خەنزۇچە 217- بەت
[3]. ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان: «تارىخى كاشغەر»، كىرىش سۆز، رۇسچە 2- بەت، 2001- يىلى سانكىت – پېتىربورگ.
[4]. ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان: «تارىخى كاشغەر»، كىرىش سۆز، رۇسچە 6- بەت، 2001- يىلى، سانكىت – پېتىربورگ.
[5]. ليۇجېڭيىن، ۋېي لياڭتاۋ: «غەربىي يۇرت خوجىلار جەمەتى تەتقىقاتى»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1988- يىلى، خەنزۇچە، 8-، 9- بەتلەر؛ ۋېي لياڭتاۋ: : «يەكەن خانلىقى تارىخى»، 1988- يىلى، خەنزۇچە، 12- بەت.
[6]. مۇھەممەد ئاتىف: «قەشقەر تارىخى»، 1998- يىلى، تۈركچە، 3-5- بەتلەر.
[7]. «شىنجاڭ تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلەر كاتالوگى»، 1- توم، شاپىگراف نۇسخىسى.
[8]. موللا مىر سالىھ كاشغەرىي: «چىڭگىزنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1986- يىلى، كىرىش سۆز قىسمى، 1- بەت، (بۇ قوليازما ئاكادېمىيىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا قايتىپ كەلمىگەن).
[9]. جاۋ جياڭمىن: :چاغاتايچە ھۆججەت ‹چىڭگىزنامە› دىكى موڭغۇل كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى »، 2005- يىللىق 5- سان، خەنزۇچە، 77- بەت. قاراڭ: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «دوكتور ئوقۇغۇچىلار دىسسىرتاتسىيىلىرى توپلىمى» غا كىرگۈزۈلگەن جاۋ جياڭمىننىڭ «چاغاتايچە ھۆججەت ‹چىڭگىزنامە› تەتقىقاتى» ناملىق دوكتورلۇق دىسسىرتاتسىيىسى، 2005- يىلى.
[10]. ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى، 2007- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى.
[11]. ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مەنبەشۇناسلىق دوكتورى گۈلچېھرە سۇلتانىۋا بىلەن مەزكور تېما ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى، 2007- يىلى 9- ئاي، تاشكەنت.
[12]. موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: «چىڭگىزنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1986- يىلى، 182- بەت. (بۇ يەردە ئەسلى مەنبەگە سادىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە يەنىلا «چىڭگىزنامە» دەپ ئېلىندى).
[13]. مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن قاتارلىقلار تۈزگەن: «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002- يىلى، 303-، 304- بەتلەر.

مەنبەسى: «بۇلاق» ژۇرنىلى 2008-يىلى 6-سان

خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز، * ماكان تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار