ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا مانى دىنىنىڭ تەسىرى

يۈسۈپجان ياسىن

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا مانى دىنىنىڭ تەسىرى مانى دىنى يەنە مانىچىلىك ياكى مانىخېزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادى 3- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىرانلىق مانى تەرىپىدىن يارىتىلغان بۇ دىننىڭ شۇ ۋاقىتقا قەدەر بىلىنگەن پۈتكۈل دىن سىستېمىلىرىنىڭ ھەقىقىي بىر سېنتىزى ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە. مانى دىنى ئەسلىدە زەردۈشت دۇئالىزمى، بابىلونىيە فولكلورى، بۇددىزم ئەخلاق چۈشەنچىسى ۋە خرىستىئان ئەقىدىلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بىر تىجارەت دىنىدۇر. بۇ دىندىكى تۈپ چۈشەنچە ئىككى ئەزەلىي ئامىلنىڭ، يەنى ياخشى ۋە ياماننىڭ، يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ زىددىيىتى ۋە ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىككى ئامىلنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم ياراتقان نەرسىلىرى ۋە ئايرىم ماكانلىرىنىڭ بارلىقى، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تەبىئىي ھالدا ياخشىلىققا سىمۋول بولغان يۇرۇقلۇقنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مانىنىڭ دىنىي تەلىماتىدا ئىنسان روھىنىڭ تەڭرى بىلەن ئورتاق تەرىپى بارلىقى، ئەمما قاراڭغۇلۇق كۈچىنىڭ ياردەمچىسى بولغان بەدەن (ۋۇجۇد) روھنىڭ ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى يۈكسىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقى، بۇ مەنپى- سەلبىي كۈچ بىلەن ئۇرۇشۇش ۋە ئاخىرىدا بۇ ئازاپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ بۇ ماددىي دۇنيادىن مۇمكىن قەدەر يىراق تۇرۇشىنىڭ لازىملىقى تەكىتلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن دىن تارىخى تەتقىقاتىدا مانى دىنى بىر خىل دىنىي دۇئالىزم (ئىككى مەنبەچىلىك) سۈپىتىدە سىنىپلاندۇرۇلىدۇ.
مانىنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. «مانى» دېگەن ئىسم ئۇنىڭغا ھۆرمەت ياكى ئۈنۋان نامى سۈپىتىدە بىرىلگەن. «مانى» دېگەن سۆزنىڭ مەنبەسى ئارامىچە «يۇرۇقلۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «مانا» سۆزىگە باغلىنىدۇ. «مانى» سۆزىنىڭ تولۇق مەنىسىنىڭ «يۇرۇتقۇچى» ئىكەنلىكى ئومۇمەن قوبۇل قىلىنماقتا. شۇ سەۋەپتىن، مانى دىنىدا يۇرۇقلۇق ۋە ئاي مۇقەددەس دەپ قارىلىدۇ. بۇ دىن ھەم شەرققە ھەم غەربكە قاراپ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تارقالغان. شىمالىي ئافرىقا، ئىسپانىيە، فرانسىيە، شىمالىي ئىتالىيە ۋە بالقاندا مىڭ يىلدەك تارقاق ۋە قەرەلسىز ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ھەقىقىي تەرەققىياتى شەرقتىكى تۇپراقلاردا، يەنى مىسوپاتامىيە، بابىلونىيە، ئىران، شىمالىي ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، تىبەت ۋە شىمالىي جۇڭگودا مەيدانغا كەلگەن.
مىلادى 276- يىلى مانى ئۆلتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ شاگېرتلىرىدىن مارئامۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە سوغدىيانىدا[*] بىر مانى ئىبادەتخانىسى قۇرۇلغان. مىلادى 6- ئەسىردىن بۇرۇن بۇ ئىبادەتخانا ۋە ئۇنىڭ جامائىتى مىسوپاتامىيەدىكى باش ئىبادەتخانىدىن ئايرىلىپ چىققان ۋە شىمالىي يىپەك يولىدىكى شەھەرلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتخانا تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، بۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مانى دىنىنى شەرققە تارقىتىشقا باشلىغان. ئىبادەتخانا مەركىزى سوغدىيانىدىكى سەمەرقەند شەھرىدە قۇرۇلغان ئىدى. بونىڭدىن باشقا تۇرپاندا ۋە شەرقىي ئاسىياغا تارقىتىش مەركىزى بولغان كەڭسۇ (گەنسۇ) دىمۇ مانى ئىبادەتخانىلىرى قۇرۇلغان. مانى دىنىغا مەنسۇپ كىشىلەرمۇ خرىستىئان مىسيونىرلىرىغا ئوخشاش تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، پايتەخت لوياڭدا ماكانلاشقان.(1) مىلادى 762- يىلى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇشۇنى تاڭ سۇلالىسىغا ياردەم بىرىپ، لوياڭ شەھرىنى ئىسيانچىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان چاغدا، بۆگۈ قاغان مانى دىنى مۇرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، مانى دىنىنى قوبۇل قىلغان. بۆگۈ قاغان ئورخۇن ۋادىسىدىكى پايتەختىگە قايتقاندا، مانى دىنىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر خانلىقىدا تارقىتىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن بىللە تۆت نەپەر مانى مۇرتىنى ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن مانى دىنى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلانغان. قارابالغاسۇن ئابىدىسىدە بۇ قاغان «مانىنىڭ كۆرۈنىشى»، «زاھاگى مانى» دەپ تەرىپلەنگەن. خەنزۇچە «مۇشۆ»، سوغدىچە «موژاك»، پەھلىۋىچە «موژې» دەپ ئاتالغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مانى راھىبى ئۇيغۇر مەملىكىتىدە يېڭى دۆلەت دىنىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە يەرلەشتۈرۈلگەن.(2) مانى دىنى ئۇيغۇر خانلىقىدا يۇقىرى ئېتىبارغا ئىرىشكەندىن كېيىن، بابىلدىكى مانى پاترىگى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان «دىن پادىشاھى» ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دىنغا بولغان ساداقىتىنى ماختىغان ۋە ئەر– ئايال دىندارلارنى مانى دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن بۇ مەملىكەتكە ئەۋەتكەن. (3)
مانى دىنىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتىلىشى بىلەن مانى روھانىي سىنىپىنىڭ سىياسىي تەسىرى تېزلىكتە يۇقىرى ئۆرلىگەن ۋە خانلىقنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىگە ئارىلىشىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. مەسىلەن، شۇ دەۋرگە ئائىت بىر خەنزۇچە ھۆججەتتە «ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت مەسىلىلىرىدە دائىم مانى راھىپلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.(4)
بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىغا كىرىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رىۋايەتكە ئايلانغان. بۇ رىۋايەتلەر مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ سەلتەنەتى يوقالغاندىن كېيىن بولسۇن، ياكى مانى دىنى تارىخقا ئايلانغاندىن كېيىن بولسۇن داۋاملىق سۆزلىنىپ تۇرغان، ئاخىرىدا ئىران تارىخچىسى جۇۋەينى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان.
بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىنى نېمە سەۋەبتىن قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدە مەنبەلەردە ھېچقانداق بىر ئۇچۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز پەقەت بۇ ھەقتە يۈرگۈزۈلگەن بەزى تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا چەكلىنىمىز. قاغاننىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ تۈرلۈك سەۋەپلىرى بولۇشى مۇمكىن. سوغدىلار لوياڭدا قاغانغا ئۆز دىنى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا، قاغان بەلكىم بۇ دىندىن كەسكىنلىك بىلەن مۇلايىملىقنىڭ ئەڭ ياخشى شەكىلدە بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇمۇ خەلقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۈكسەلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇرۇشچى (جەڭگىۋار) بىر خەلقنىڭ باشچىسى سۈپىتىدە ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئىنتىزام ۋە ئىتائەتنى بوزمايدىغان مۇكەممەل بىر ۋاسىتە ئىدى. بولۇپمۇ مانى دىنىنىڭ ۋۇجۇدقا ۋە ماددىي نەرسىلەرگە نەپرەت ھەم يىرگىنش نەزىرى بىلەن قارىشى ئەسكىرى خاراكتېرگە ئىگە قاغاننى جەلپ قىلغان بولسا كېرەك.بۆگۈ قاغاننىڭ بۇددا دىنى ياكى باشقا بىر دىننى ئەمەس، بەلكى مانى دىنىنى تاللىشىنىڭ باشقا بىر سەۋەبى سەدىچىننىڭ جەنۇبىدىكى تاڭ سۇلالىسىغا قارشى خانلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى (مۇستەقىللىقى)نى قوغداش يولىدىكى ئەندىشىسى بولسا كىرەك. چۈنكى خەنزۇلار بۇ دىنغا نەپرەت بىلەن قارايتتى. مانى دىنىنىڭ تاڭ سۇلالىسىدىكى تەرەپدارلىرى كۆپ ئەمەس ئىدى، ھەتتا پادىشاھمۇ بۇ دىننى چەكلىگەن ئىدى. بۆگۈ قاغاننىڭ تاڭ سۇلالىسى ۋەلىئەھدىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن ئاددى خەنزۇ خەلقىگە قىلغان زۇلۇملىرى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇكى، قاغاننىڭ تاڭ خانىدانىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ھەربىي ياردىمى يەنىلا بۇ سۇلالىنىڭ تەسىرىنى چەكلەپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. قاغان مانى دىنىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىقلا تاڭ سۇلالىسىنى ئانچە نەزەرگە ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆز دۆلىتى ئۈستىدىكى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تەسىرىنىڭ تۈۋەنلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولغان.بۆگۈ قاغان ئۈچۈن سوغدىلارنىڭ مالىيە كۈچى ھەممىدىن مۇھىم ئىدى. قاغاننىڭ سىياسىي كۈچى زور دەرىجىدە ئۆزىنىڭ ۋە قەبىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئۈستۈنلىكىگە باغلىق ئىدى. سوغدىلارنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول ئىدى. يەنە باشقا مالىيە مەسىلىلىرىدىن بىرى شۇ ئىدىكى، سوغدىلار غەربتىكى ئەللەر بىلەن بولغان تىجارەتتە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ يىپەك ماللىرىنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە ئوخشاش بۇيۇملارغا ئالماشتۇرۇشقا ماھىر ئىدى. قاغانمۇ بۇ تىجارەتكە ئېھتىياجلىق ئىدى.(5)
بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلىپ دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتىشى تاڭ سۇلالىسىدىكى مانى دىنىنىڭ تەقدىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ چاغدا كۈچ- قۇدرىتى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيادا مانى دىنىنىڭ بىردىنبىر قوغدىغۇچىسىغا ئايلانغان. ئۇيغۇر ئەلچىلىرى بىر قانچە قېتىم (مىلادى 770-،771-،807- يىللىرى) تاڭ سارىيىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يەرلەشكەن ۋە يەرلەشمەكچى بولغان مانى دىنى ئاھالىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. مىلادى 768– يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر قاغانى تاڭ سۇلالىسى پادىشاھىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە مانى دىنى ھەققىدە ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن بىر قارارنامە چىقارغۇزغان. ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئۈچۈن خېبىينىڭ (ھازىر خېنەندە) جىڭجو شەھرىدە، جياڭسۇنىڭ ياڭجۇ شەھرىدە، جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ دېگەن يېرىدە ۋە جياڭشىنىڭ نەنچاڭ شەھرىدە مانى ئىبادەتخانىلىرى بىنا قىلىنغان. مىلادى 807- يىلىدىكى ئۇيغۇر ئەلچىسى لوياڭ ۋە تەييۈەن شەھەرلىرىدىمۇ مانى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. تاڭ سۇلالىسى تەۋەسىدىكى مانى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۇيغۇر ئۇستىلىرى بىۋاسىتە نازارەت قىلغان. بۇ ئىبادەتخانىلاردا دىنىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ماكانلىشىپ قالغان. تاڭ سۇلالىسى تەۋەسىدىكى مانىخېست ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرى نامىغا زور بايلىق ۋە پۇل توپلاشقا باشلىغان. مانى ئىبادەتخانىلىرى شۇ قەدەر كۆپ پۇل توپلىغان ئىدىكى، مىلادى 820- يىلى تاڭ سۇلالىسىدا مانىخېست ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلۈشكە تاس قالغان. مىلادى 840– يىلى ئۇيغۇر خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسىدا ئىلگىرى كېڭىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن مانى دىنىمۇ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى. مىلادى 843- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بىر پەرمان چىقىرىپ، مانى ئىبادەتخانىلىرىغا قاراشلىق بارلىق يېزىلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ كۈمۈش بۇيۇملىرىنى ئېنىقلاپ چىققان. بولۇپمۇ تاڭ سۇلالىسى پايتەختىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئىرىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەمەر ۋە باش كېيىملىرىنىمۇ مۇسادىرە قىلىشنى بۇيرىغان. بۇ ۋاقىتتا مانى ئىبادەتخانىلىرىدىكى رەسىم ۋە كىتاپلارمۇ يىغىپ كۆيدۈرۈلگەن. پايتەختتىكى ۋە مانى ئىبادەتخانىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار دەرھال بىر يەرگە يىغدۇرۇلغان ۋە چەت شەھەر ۋە يېزىلارغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى تاڭ سۇلالىسى تەۋەسىدىن قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان. مىلادى 843- يىلى پەقەت پايتەختنىڭ ئۆزىدىلا 72 مانى ئىبادەتخانىسى تاقىۋىتىلگەن.(6)
تاڭ سۇلالىىسىنىڭ مانى دىنىغا ۋە ئۇيغۇر مانى مۇخلىسلىرىغا قاتتىق زەربە بىرىشىنىڭ ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار ئىدى. بىرى، مانى دىنىنىڭ تاڭ سۇلالىسى تەۋەسىدە تىز كېڭىيىشى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە تايانغان ئىدى. ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى 80 يىلدەك داۋاملاشقان سودا ئىشلىرىدا ئۇيغۇرلار زور پايدىغا ئىرىشىپ، تاڭ سۇلالىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قاتتىق ھالسىرىتىپ قويغان. يەنە كېلىپ تاڭ سۇلالىسى تەۋەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېمايىسى بىلەن قۇرۇلغان مانى ئىبادەتخانىلىرىمۇ تىجارەت دۇكانلىرىدەك ئورۇنغا ئايلىنىپ زور بايلىققا ئىگە بولغان. تاڭ سۇلالىسى بۇ ئەھۋالنىڭ تېزرەك ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. يەنە بىرى، ئەينى ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسىدا بۇددا دىنى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. مانى دىنى بولسا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ تاڭ سۇلالىسىدا كېيڭىيىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن، بۇ بۇددا دىنى ئۈچۈن بىر خەۋپ ھېساپلىناتتى. شۇڭا، شۇ ۋاقىتقا قەدەر ئۇيغۇر قاغانلىرىدىن قورقۇپ جىم تۇرغان بۇددىستلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىنى بىر پۇرسەت دەپ بىلگەن ۋە دەرھال ئۆچ ئالماقچى بولغان.
بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىغا كىرىشى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر خانلىقىدا دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتىشى ئۇيغۇرلاردا بىر قېتىملىق كەسكىن دىنىي ئىسلاھات شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بۇرۇنقى ئېتىقاد ۋە ئەنئەنىلەرگە شىددەتلىك ئۇرۇش ئىلان قىلىنغان. قارا بالغاسۇن ئابىدىسىدىكى بۆگۈ قاغاننىڭ «قاپارتما ياكى بۇياق بىلەن سىزىلغان شەيتان رەسىملىرىنى ۋەيران قىلىڭلار. قان دەرياسىغا ئايلانغان ۋە ۋەھشىي ئادەتلەرگە تولغان بۇ مەملىكەت، كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بىر ئەلگە، جىنايەتكە تولغان تۇپراقلار ياخشىلىق ھۆكۈمران ئۇرۇندا تۇرغان بىر ئەلگە ئايلانسۇن» (7) دېگەن سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ مانى ئەقىدىسى بويىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى قايتىدىن قۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. لېكىن، مانى دىنى ئۇيغۇر خانلىقىدا مىللەتنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئېتىقادىغا ئايلىنالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىقاد مەسىلىسىدە ھۆكۈمرانلار قاتلىمىدا ئۆتكۈر زىددىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان. بۆگۈ قاغانمۇ ئاخىرى ئاشۇ زىددىيەت نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ھالەت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ھاياتىغا ناھايىتى يامان تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. مانى دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدە ۋە پىرىنسىپلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دائىمىي ھەرىكەتچان بولغان ئىجتىمائىي تەرتىپى ۋە پائال ھالەتتە ئۈتىدىغان كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن پۈتۈنلەي زىت بولغان بىر ماھىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ دىننىڭ ئەقىدىسىگە كۆرە، كەچلىك تاماقتىن باشقا ۋاقتتىكى تاماقنى يىيىش چەكلىنەتتى. بۇ دىننى قوبۇل قىلغانلار دائىم كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىپ، قەتئىي سۈت ئىچمەيتتى. ھالبۇكى سۈت ۋە گۆش ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق يىمەكلىكى ئىدى. چوڭ مانى راھىپلىرى ھىچقانداق بىر ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانمايتتى، كىچىك راھىپلار بولسا دىن تارقىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كېزىپ يۈرەتتى. ھەقىقەتەن، مانى دىنى ياكى مانىخىزىم سودىگەرلەرگە ۋە شەھەرلىكلەرگە خاس دىن ئىدى. چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ۋە تەبىئەتنىڭ تۈرلۈك مۈشكۈلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيتتى. شۇڭا، بۇ دىننىڭ ئۇيغۇر پايتەختىدىكى قاغان، قاغاننىڭ قول ئاستىدىكى بەگلەر ۋە كىچىك زىيالىلار گۇرۇھىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىگە كەڭ تارقىلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى تۇلىمۇ تۈۋەن ئىدى. ئۇ بۆگۈ قاغاننىڭ ئائىلىسىنى مەركەز قىلغان بىر ساراي دىنى سۈپىتىدە راۋاجلانغانىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ بۆگۈ قاغان مانى دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئىككى ئەسىردىن كېيىن تۇرپانغا كەلگەن ۋاڭ يەندى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا ياشاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلاردىن بولغان مانى راھىپلىرى مەملىكەت ئىچىدىن بەكرەك سىرتقى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇ ئارىدا ئۇيغۇر قاغانىنىڭ تاڭ سۇلالىسى پايتەختىدە مانى ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەشەببۇستا بولۇشنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ ئىدى. بۇ ئارقىلىق زىھنىي پائالىيەتكە ئۆتكەن ئۇيغۇرلار مانى دىنىنى تارقىتىش باھانىسى بىلەن مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئارىسىدا دائىم قاتراپ تۇرغان.(8)
مانى دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئايرىم بىر دائىرىدە تارقالغان. ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىنمۇ ئىدىقۇت خانلىقىدا يەنە شۇ دائىرە ئىچىدە چەكلەنگەن ۋە مىلادى 13- ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. كەڭسۇ خانلىقىدا بولسا مانى دىنى 100 يىلغا يېقىن مۇھاپىزەت قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ دىندىن ۋاز كېچىلگەن.
گەرچە مانى دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چەكلىك دائىرىدە تارقالغان بولسىمۇ، ھۆكۈمدارنىڭ شۇ دىندا بولۇش سەۋەبى بىلەن سىياسىي ھېمايىگە ئىرىشكەچكە، بىر پۈتۈن جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. مانى دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىككى خىل تەسىر پەيدا قىلغان. بىرى، ئىنساننىڭ بىۋاسىتە تەقدىرىگە ئەمەس، يۇرۇقلۇققا ئەھمىيەت بىلەن قارايدىغان، ماددىي ئېھتىياجلارنى نەزەرگە ئالمايدىغان، پەقەت زىھنىي سەۋىيەدىلا چەكلىنىپ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ياساشنى مەخسەت قىلمايدىغان مانى دىنىنىڭ ھەرىكەتسىزلىكنى، گۆش يىمەسلىكنى ۋە ئۇرۇشنى چەكلەيدىغان پەھرىزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلمىگەن. ئەرەپ ۋە ئىران مەنبەلىرىدىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك، بۇ ھالەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىپ، ئۇلارنىڭ جاسارەت ۋە جەڭگىۋارلىقىنى چەكلىگەن. بۇ توغرىسىدا جاھىزى مۇنداق يازغان: «تۈركلەر زىندىلىك دىنى (مانى ۋە بۇددا دىنى) گە كىرگەندىن كېيىن، ئۇرۇشلاردا مەغلۇپ بولۇشقا باشلىدى. تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەھرىمان قەبىلىرىدىن بولغان توققۇز ئوغۇزلار (ئۇيغۇرلار) بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. ھالبۇكى، توققۇز ئوغۇزلار قارلۇق تۈركلىرىدىن سان جەھەتتە نەچچە ھەسسە ئاز بولغان تەقدىردىمۇ، دائىم ئۇرۇشتا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلاتتى. نەزامانكى، زىندىلىك دىنىگە كىرىشكە باشلىدى، بۇ زىندىلىك دىنى ئىنسانلارنى قول باغلاپ تۇرۇش ۋە مۇلايىملىققا دەۋەت قىلىشتا خرىستىئان دىنىدىن نەچچە ھەسسە يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ۋە جاسارەت تۇيغۇلىرىنى يوقىتىپ، تارتىنچاق قىلىپ قويدى.»(9) بۇ نوقتىنى مەھمۇد قەشقەرى بىلەن مۇھەممەد ئاۋفىننىڭ يازغانلىرىمۇ ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. يەنە بىرى، مانى دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيلىشىشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان. مانى دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تۇنجى تەسىرى ھۆكۈمدار ئۈنۋانلىرىدا كۆرۈلگەن. ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەتنىڭ مەنبەسىنى ھونلار ۋە كۆكتۈركلەرگە ئوخشاش كۆك تەڭرىگە باغلايتتى. مانى دىنىنىڭ تەلىماتىدا ئاي مۇقەددەس دەپ قارىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر قاغانلىرى ھاكىمىيەتنىڭ مەنبەسىنى ئايغا باغلاپ چۈشىنىدىغان بولدى، ئۈنۋانلىرىغىمۇ «ئاي» دېگەن سۆز قوشۇلدى. مەسىلەن، «ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش كۈلۈگ بىلگە قاغان» دېگەنگە ئوخشاش.(10) ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن مانى ئېتىقادى ئۇيغۇرلار ياشىغان رايۇنلاردا ئاسترولوگىيەلىك تەرەپلىرى بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. مىلادىيە 6- ئەسىردىن بۇرۇن تۇرپانغا ۋە مىلادىيە 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئورخۇن ۋادىسىدا مانى دىنىنى تارقاتقانلار سوغدىلار ئىدى. مانى دىنى تۇرپانغا تارقالغاندىن كېيىن، سوغدى يېزىقى بۇيەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە ئاشۇ يېزىق ئاساسىدا يېڭى بىر ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. ئۇيغۇرلاردا مانى دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغاندىن كېيىن، ئاشۇ يېزىق بىلەن بىر مىللىي ئەدەبىياتنى شەكىللەندۈرۈپ راۋاجلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئىرانچىدىن بىرمۇنچە مانى دىنى تېكىستلىرى، سانسىكرتچە، توخرىچە ياكى خەنزۇچە بۇددا تېكىستلىرىنى تەرجىمە قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار باشقا تۈرك ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تەرەققىياتقا ئىرىشكەن ۋە چىڭگىزخان دەۋرىگە قەدەر بۇ قەبىلىلەرگە ئۇستاز بولۇپ كەلگەن. مانى دىنى سودىنى ئەلا بىلەتتى، بۇ ئەھۋال خانلىقنىڭ ئىقتىسادىي تەرققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا سودىسى يەنىمۇ راۋاجلاندى. مانى دىنى پەرھىزلىرىدە تېرىقچىلىق پەزىلەت دەپ قارىلىپ، گۆش- ياغ ۋە سۈت بىلەن ئوزۇقلىنىش مەنئىي قىلىنغاچقا، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن يېشىل ئېتىزلارنى پەرپا قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئىگىزلىكتە دېھقانچىلىق راۋاجلىنىشقا باشلىغان. تىنچ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىش تارىخى تىزلەشكەن. بۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئورخۇن ۋادىسىدا چوڭ شەھەرلەر قۇرۇلۇشقا باشلىغان. يەنە كېلىپ بۇ شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدا سوغدى ۋە خەنزۇ مىمارچىلىقىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدى. مانى دىنىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر سەنئىتى بار ئىدى. مانىنىڭ ئۆزىمۇ رەسساملىق بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئوتتۇرا ئاسىيادا تېپىلغان مانى تېكىستلىرىنى يىراقتىن بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى مانى تېكىستلىرى ئەڭ ياخشى رەڭ بىلەن ئەڭ مۇكەممەل ئاق قەغەزگە ئەڭ گۈزەل يېزىق بىلەن يېزىلغان. بۇ دىننى قوبۇل قىلغانلار بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس، يازمىلارنى گۈزەل مىنياتۇر (قىستۇرما رەسىم) بىلەن بىزىگەن. ئۇيغۇر مانى دىنى مۇھىتىدا ئوتتۇرىغا چىققان مىنياتۇر سەنئىتى مىلادى 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ تەسىرىدە ئىسلام مىنياتۇرچىلىقىنىڭ مەنبەسىنى تەشكىل قىلغان. لېكوك بىلەن گرۈنۋېدېل تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە مانى سەنئىتىگە ئائىت ئەسەرلەرمۇ تېپىلدى. بىر مۇنچە فرەسكلەر (تام رەسىملىرى) ۋە يىپەككە سىزىلغان رەسىملەرنىڭ مانىخېستلەرگە ئائىت ئىكەنلىكى رەسىمدىكى كىشىلەرنىڭ ئاق كېيىمىدىن ۋە بېشىغا كىيگەن بۆكىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا. بۇ رەسىملەردىن بىرى مانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇشچىلىق خاراكتېرىنى يۇقىتىشىغا ۋە ئاستا- ئاستا تەقدىر- قىسمەتكە باش ئىگىپ پاسسىپ پوزىتسىيەنى قوبۇل قىلىشىغا مانى دىنى سەۋەپچى بولغان.(11) لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق، ئەدەبىيات، بىلىم، سەنئەت، تىجارەت، دېھقانچىلىق ۋە مىمارچىلىق ساھەلىرىدىكى نۇرغۇن ئۇتۇقلىرىمۇ بۇ دىننى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن.(12)

مەنبەلەر:
1. ھانس ۋىلھېم خائۇسسىگ :‹‹ يىپەك يولى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا كۈلتۈر تارىخى››، تۈركچە، 253-،254- بەتلەر، 2001- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
2. ر. گرۇسسېت : ‹‹بوزقىر ئىمپېرىيىسى››، تۈركچە، 130- بەت، 1996- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
3. ل. گومىليىف : ‹‹قەدىمكى تۈركلەر››، تۈركچە، 460- بەت، 2003- يىلى، ئىستانبۇل، سېلېنگا نەشرىياتى.
4. ر. گرۇسسېت، يۇقىرىقى كىتاپ، 130-بەت.
(5) ياشار بەدىرخان‹‹ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك تارىخى ۋە كۈلتۈرى››، تۈركچە، 155-،156- بەتلەر. 2004- يىلى، كونيا، مائارىپ كىتابئەۋى نەشرىياتى.
(6) ب. ئۆگەل :‹‹تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 107- بەت، 1971- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(7) ھۈسەيىن نامىق ئوركۇن :‹‹قەدىمكى تۈرك ئابىدىلىرى››، تۈركچە، 2- قىسىم، 233-بەت، 1994- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى. ئۆزقان ئىزگى:‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل تارىخى››(قانۇن ۋەسىقىلىرىگە كۆرە)، تۈركچە، 19- بەت، 1987- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك كۈلتۈرى تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى.
(8) ب. ئۆگەل: ‹‹تۈرك كۈلتۈر تارىخى››، تۈركچە، 350- بەت، 2003- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى. سائادەتتىن گۆمەچ:‹‹ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى ۋە كۈلتۈرى››، تۈركچە، 86-، 87- بەتلەر،2000- يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.
(9) زېكىرىيا كىتاپچى:‹‹تۈركلەرنىڭ ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا قىلغان خىزمەتلىرى ››، تۈركچە، 202- بەت، 2004- يىلى، كونيا، يەتتە قۇببە نەشرىياتى.
(10) ب. ئۆگەل :‹‹تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 99- بەت،
(11) ئانىل چەچەن :‹‹تۈرك دۆلەتلىرى››، تۈركچە، 162- بەت، 2007- يىلى، ئەنقەرە، فارك نەشرىياتى.
(12) ب. ئۆگەل :‹‹تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 99- بەت،

________________________________________
[*] سوغدىيانا – ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زەرەپشان ۋە قاشقا دەريا ۋادىلىرىنى كۆرسىتىدۇ – ئا.

خەتكۈچلەر: ، ، ، ،
تەۋەلىك: * دىنىي تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار