مىرزا ئۇلۇغبەگ «تۆت ئۇلۇس تارىخى» ھەققىدە

بۆرىباي ئەخمەدوۋ (ئۆزبېكىستان)

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار

مىرزا ئۇلۇغبەگ «تۆت ئۇلۇس تارىخى» ھەققىدە
تارىختا ئۆتكەن شەخىسلەر ھەققىدە پىكىر-مۇلاھىزە ئېلىپ بارغاندا ھەزرىتى نىزامىددىن ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مانا بۇ سەتىرلىرى ئىختىيارسىز يادىمىزغا كېلىدۇ.

بۇ گۈلشەن ئىچرەكىي يوقتۇر باقا گۈلىگە سابات،
ئەجەپ سابات ئېرۇر قالسا ياخشىلىق بىلە ئات.

شۇنداق،«ياخشى ئات» ھەرقانداق شەخسىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىگە باھا بېرىشتىكى ئېنىق ھەمدە توغرا مىزان. لېكىن بۇنداق شەرەپكە ھەممە كىشى ئوخشاشلا مۇيەسسەر بولىۋەرمەيدىكەن. فىئودال سىنىپ نامايەندىسى، تاجۇ- تەخت ساھىبى مىرزا ئۇلۇغبەگ (1394-1449) ئالەمشۇمۇل ئىلمىي مۇئاپىقىيەتلىرى بىلەن ئەنە شۇنداق بەختكە ئېرىشكەن ئۇلۇغ شەخسلەردىن بىرى.

مىرزا ئۇلۇغبەگ كۆپلىگەن پەن ساھەلىرى، جۈملىدىن، ماتېماتىكا، پەلەكيات، مۇزىكا شۇناسلىق ۋە تارىخ ئىلىملىرى بويىچە زەبەردەست ئالىم، ئۇ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك ھىماتچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ بېتىدە ئەبە دىل-ئەبەت ساقلىنىپ قالدى.

ئالىمنىڭ ئىلمىي مىراسلىرى XVIIئەسىردىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا ئىلمىي جەمئيەتچىلىكىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ئۆزىگە قارىتپ كېلىۋاتىدۇ. مىرزا ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي مىراسنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا مەملىكىتىمىزدە ۋە چەتئەللەردە كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى. مەن بۇ يەردە جون گىروئىس، توماس خايىت، فىرانسۇس بېرىي، ل. سېدىيوۋ، ۋ.ۋ. بارتولد، ۋ. ل. ۋىياتكىن، ئې. كىنوبىل، ت. ن. قارنىيازىي، غ. جالالوۋ ۋە باشقا بىر قاتار ئالىملارنى نەزەردە تۇتىۋاتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلۇغبەگنىڭ تەكرارلا نماس ئىلمىي مىراسى،ئۇ تەسىس قىلغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان سەمەرقەند مۇنە ججىملىك مەكتىپى ھەققىدىكى تەسەۋۇرىمىزنى تېخى يىتەرلىك دىگىلى بولما يدۇ. مەسىلەن،ئالىمنىڭ كۆپ يىللىق ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئاساسىي مەھسۇلى بولغان«زىجىجەدىدى كۆرەگانى» (ئۇلۇغ بەگ كۆرەگانىينىڭ ئاستىرنومىيە جەدىۋ ىلى) ھازىرغىچە بىرەر تىلغا تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغىنى يوق. (ئە سلىي ئەسەر پارس تىلىدا يېزىلغان-نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن) ئالىمنىڭ مەزكۇر رىسالىسى ھەققىدە، XV-XVIIئەسىرلەردە يېزىلغان ناھايتى كۆپ تارىخىي ئە سەرلىرىمۇ ھازىرغىچە تەتقىق قىلىنمىغان. ئومۇمەن ئالغاندا ئەمىرتۆمۈر ھەمدە تۆمۈر ىيلەر دەۋرىدە ئىجاد قىلىنغان تارىخي ۋە باشقا تېمىدىكى ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە نەشىر قىلىش توغرىسىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق.

خۇلاسە كالام، مىزرزا ئۇلۇغبەگنىڭ كۆپ قىرلىق ئىلىمي پائالىيەتلىرى ئۆزىنىڭ غەرەزسىز تەتقىقاتچىسنى كۆتۈپ ياتىدۇ.

مىرزا ئۇلۇغبەگ رىيازەت، پەلەكيات، مۇزىكاشۇناسلىق ۋە تارىخ ئىلىملىرى سا ھەسىدە مىننەتسىز قەلەم تەۋرەتكەن بۈيۈك ئالىم. «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»بولسا، ئۇ ئىجاد قىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ۋە سالماقلىق ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر ئەسەردۇر.

ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككىي،«تۆت ئۇلۇس تارىخىي» مىرزا ئۇلۇغبە گنىڭ ئىلمىي رەھبەرلىگى ۋە شەخسەن ئىشتىراكىدا يارىتىلغان بولۇپ، ئەسەر 1425–يىلى يېزىپ تاماملانغان.

مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا ئۆتۈشتىن ئاۋال ئۇنىڭ ناملىنىش تارىخىي ۋە ئۇنىڭ يارىتىلىشىدا مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ قوشقان تۆھپىسى، شۇنىڭدەك بۇ ئەسەر نىڭ تەتقىق قىلىنىش جەريانىنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆ تىمىز.

ئەسەر«چىڭگىزلارنىڭ تۆت ئۇلۇسى» ۋە «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر. لېكىن ياۋروپا شەرقشۇناسلىرى ئارىسدا بۇ ئەسەرنى بىرىنچى بولۇپ تەتقىق قىلغان ۋە قىسقارتىلغان ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنى ئېلان قىلغان ئالىم، پولكوۋنىك مايلىس ئاساسى يىتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا بۇ ئەسەرنىڭ نامىنى «تۈرك خاقانلىرى شەجەرىسى»دەپ ئاتايدۇ. (I.The shajarat ul-Atrak,or Genelogkal Terr of the Turks and tatars, tiranisl and,adrd.By Glonel Milles,London,1832,b.182)). چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە شۇنىسى ئايان بولدىكى، ئەسەرنىڭ پەقەت يافەس ئوغلان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى تۈركخان ھەمدە پەرزەنتلىرى، تاتار-موڭغۇللار بىلەن تۈرك تەبىلىلىرى، شۇ نىڭدەك ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىلا«تۈرك خاقانلىرى شەجەرىسى» ئاساسىدا يېز ىلغان، خالاس. ئەسەرنىڭ چىڭگىزخاننىڭ ئۇلۇغ ئەجدادى بۇزەنجىرقائاندىن ۋە ماۋەرائۇننەھىرنى XIII-XVئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغىچە ئىدارە قىلغان چاغا تايخان ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى«چىڭگىزلارنىڭ تۆت ئۇلۇسى» ياكى «تۆت ئۇلۇس تارىخىي» دەپ ئاتىلىپ، ئەسەرنىڭ بۇ قىسمى مىرزا ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان دىيىشكە بولىدۇ.ئۇنىڭدىن تارشقىرى ئەسەرنىڭ ئۆزىدە كەلتۈرۈلگەن بەزى قەيىتلەرمۇ بىزنىڭ بۇ پىكىرىمىزنى تەستىقلايدۇ.

قەيىتلەرنىڭ بىرىدىن مانا بۇلارنى ئوقۇيمىز: «مۆتۋەر تارىخلاردا يېز ىلىشىچە، ئۇنىڭ نەسلى-نەسەبى ھەممىگە مەلۇم ۋە جۇجىخانغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئەمما،«تۈرك خاقانلىرى شەجەرىسى»دېگەن كىتاپتا ھېچ نەرسە نەزەرگە چۈشمىگەنلىگى ئۈچۈن ئاشۇ كىتاپنىڭ تاللانما توپلىمى بۇلغان بۇ كىتاپ («تۈرك خاقانلىرى شەجەرىسى»كىتابىدا، ب. ئە)تىمۇ ئۇ توغرىسىدا ھېچ نەرسە يېزىلمىغا ن. بىراق ئېسىمىزدە قالغىنى شۇكى،ئۇ ئۇلۇغۋار پادىشاھ بولۇپ، ئىنسابى بىھىساپ ئىدى»(«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»قوليازمىسى،121-بەت) مەزكۇر نەقىلدىن مەلۇم بولىدىكى، بىرىنچىدىن؛«تۈرك خاقانلىرى شەجەرىسى» بىلەن «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»باشقا-باشقا ئەسەرلەردۇر. ئىككىنچىدىن؛«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»مەلۇم دەرىجىدە«تۈرك خاقانلىرى شەجەرىسى»گە ئاساس سالغان ئەسەردۇر. يەنە بىر جايدا مۇنداق دىيىلگەن؛«چىڭگىزخاننىڭ تۆت ئۇلۇس تارىخىي»ناملىق بۇ مەجمۇ ئەدە تۈركخان ئىبنى يافەس ئىبنى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئەۋلادىدىن بولغان پادىشاھ ھلارنىڭ ناملىرى بايان قىلىنىدۇ. مەزكۇر رىسالىدە كەلتۈرۈلگەن تۈركىستان زېمىنى خاقانلارنىڭ ناملىرى،سۇلتان ئەس-سەئىد ئۇلۇغبەگ مىرزەئى شاھىد،-ئاللاھ ئۇنىڭ قەبرىسىنى نۇرغا تولدۇرسۇن،-تەرىپىدىن يېزىلغان تۆت ئۇلۇس خاقانلىرى ھەققىدىكى مەجمۇئەدىن ئېلىندى»(«چىڭگىزخاننىڭ تۆت ئۇلۇس تارىخىي» بېر تانىيە مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازما، 182-بەت). بۇ نەقىللەر ئەلۋەتتە، ئەڭ ئاخىرقىسى، چۈنكى بىرىنچىدىن؛ئەسەرنىڭ ئېنىق نامى«چىڭگىزخاننىڭ تۆت ئۇلۇس تارىخىي»ئىكەنلىگىنى، ئىككىنچىدىن؛ئۇنىڭ پۈتۈنلەي مىرزا ئۇلۇغبەگ نىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە ئەسەر ھەققىدە بارتولد ئېيتقان ئايرىم پىكىرلەرمۇ دىققەتكە سازاۋەردۇر. ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى،ئالىم ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئىلمىي رىسالىلىرى («موڭغۇل ئىستىلا سى دەۋرىدىكى تۈركىستان»،«ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ دەۋرى»ۋە باشقىلار) دا ئۇلۇغبەگنىڭ مەزكۇر ئەسىرىدىن مەنبە سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن نېمە سەۋەپتىندۇر ئۇنى ئۆز ئەسەرلىرىنى ھۇجۇدقا چىقىرىشتىكى مۇھىم تارىخىي مەنبەلەر قاتارىغا كىرگۈز مەيدۇ. ئېنىقراقى،ئۇ«تۆت ئۇلۇس تارىخىي» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى بىرقەدەر پەسەيتمەكچى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مۇنداق دەپ ياز ىدۇ:« شاخرۇخنىڭ ئۇغلى ۋە تەخىت ۋارىسى ئۇلۇغبەگ (1449-يىلى ئۆلتۈرۈ لگەن)«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»نى يازغان. ئەسەر ئۆزنامىغا كۆرە موڭغۇللار ئىمپىرىيىسىنىڭ تولۇق تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلۇغبەگنىڭ بۇ ئەسىرى بىزگىچە يىتىپ كەلمىگەن،لېكىن بەزى مەنبەلەردە، جۈملىدىن،خاندە مىرنىڭ «ھەبىب ئۇسسىيەر»دە ئۇنىڭدىن ئېلىنغان پارچىلار ئۇچرايدۇ. بۇ نەرسىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، موڭغۇللار دۆلىتى تارىخى مۇئەللىپ (خاندەمىر -ب.ئە) ياشىغان دەۋر گىچە بايان قىلىنغان. ئەمما مۇئەللىپ ئاشۇ پادىشاھلار ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بەر مەيدۇ. ئەكسىچە،خانلارنىڭ نامىنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ، خالا س. شۇ سەۋەپتىنمۇ بۇ ئەسەرنىڭ بىزگىچە يىتىپ كېلەلمىگەنلىگىدىن ئارتۇقچە قايغۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ئاساسى يوق،دىسەكمۇ بولىدۇ»(ۋ.ۋ. بارتولد «موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدىكى تۈركىستان»موسكىۋا، 1963-يىل روسچە نەشرىي،1- توم،105-بەت). ئالىمنىڭ يەنەبىر ئەسىرىدىن يەنە مۇنۇلارنى ئوقۇيمىز: «ئۇلۇ غبەگ قەلىمىگە تەئەللۇق دەپ ھىساپلانغان تارىخىي ئەسەر ئېھتىمال ئەدەبىي مە نبە تارىخىنى تەنقىدىي تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ماتېرىيال سۈپىتىدە بىرمۇنچە قىز ىقىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن،مۇبادا مەزكۇر ئەسەرنىڭ نۇسخىسى تېپىلسىمۇ، مو ڭغۇل ئىمپىرىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىنقىرازىدىن كېين تەشكىل تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت مەۋجۇت مەلۇماتلارنى بېيىتىدۇ،دىيىش شۈبھىلىكتۇر»(ۋ.ۋ. بار تولد«ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ دەۋرى»موسكىۋا، 1964-يىل روسچە نەشرىي،2-توم، 2-بۆلۈم. 142-بەت). مېنىڭچە،ئۇنىڭ«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»غا بۇنداق مۇئامىلە قىلىنىشنىڭ سەۋەبى ئىككى. بىرنچىدىن؛دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈتۈ پخانىلاردا مەزكۇر ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ ساقلانمىغانلىغى(مەشھۇر شەر قشۇناس ش.شېفېرنىڭ تەخمىن قىلىشىچە،«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»نىڭ ئىككى تولۇق نۇسخىسى تۈركىيە كۈتۈپخانىلىرىدا ساقلانغان، لېكىن بۇ مەلۇماتنى ئېنىقلا ش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزدىن ھېچ بىر نەتىجە چىقمىدى -ب.ئە) ئىككىنچىدىن؛ XVXVIIئەسەرلەرگە ئائىت تارىخىي قوليازما ئەسەرلەرنىڭ ھاز ىرغىچە قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنمايۋاتقانلىقىدۇر. لېكىن ھەقىقەت، پەقەت مەلۇم تېمىغا بېغىشلانغان ئەسەرنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇپ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۇلاردا كەلتۈرگەن مەلۇماتلارنى دىققەت بىلەن تەكشۈرۈش ئار قىلىقلا ئايدىڭلىشىدۇ. بىز بۇنى تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا مەلۇم بولغان پاكىتلاردىن كۆرەلەيمىز. مەسىلەن،تۆمۈرىيلەر دەۋرىنىڭ كۆزگە كۆرۈ نگەن مۇئەررىخلىرىدىن بىرى خاندەمىر (ھىجىرىيە880- 941- يىللىرى، مىلادى 1475-1534–يىللىرى) ئۆزىنىڭ«خۇلاسەتۇل ئەخپار» ۋە «ھەبىب ئۇسسىيەر» ناملىق ئەسەرلىرىدە«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دىن كەڭ-كۇشادە پايدىلانغانلىقى ئاپ-ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن،«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»نىڭ تۈركىستان خانلىرى، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ چاغاتاي ئۇلۇسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەۋلاد لىرى تارىخىغا بېغىشلانغان بىرىنچى جىلىتىنىڭ توققۇزىنچى ماقالىسى ۋە ئۈچۈنچى جىلىدنىڭ بىرىنچى ماقالىسى زور رەۋىشتە«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»غا ئاساسلا نغان.XVI-XVIIئەسەرلەردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلانغان مۇئەللىپلەر ئۈچۈنمۇ،ئۇلۇغبەگنىڭ بۇ ئەسىرى بىرىنچى قول مەنبە سۈپىتىدە رول ئوينىغان. چۈنكى،مۇئەللىپى نامەلۇم بولغان«تارىخىي گۈزىدە، نۇسرەتنامە» (XVIئەسىر نىڭ باشلىرىدا يېزىلغان)ناملىق ئەسەرمۇ«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»غاتايانغان ئەسە ردۇر. «زۇبدەتۇل ئەسەر» (XVIئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا يېزىلغان) كىتا بىنىڭ مۇئەللىپى تۈرك-موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخىنى بايان قىلغاندا؛«بۇ ئەسەرنى يېزىشتا مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ نامى بىلەن زىننەتلەنگەن «خانلار تارىخىي» ناملىق ئەسىرىگە تايانغان ئىدىم» دەيدۇ.(زۇبدەتۇل ئەسەر، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان 608- نومۇرلۇق قوليازما،86-بەت). بۇ يەردىكى گەپ شۈبھىسىز«تۆت ئۇلۇس تارىخىىي »،تېخىمۇ ئېنىقراقى، ئۇنىڭ بىرىنچى قىسمى ئۈستىدە كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. XVIIئەسىردە ئۆتكەن يىرىك قامۇسىي ئالىم مەھمۇد ئبنى ۋەلىنىڭ «بەھرۇل ئەسرار»(سىرلار دېڭىزى) ناملىق كاتتا ئەسىرىنى(بۇئەسەر ھەققىدە ئۆز ۋاقتىدا ئۆز پىكىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويانمىز-ئاپتۇر)، ئېنىقراقى، ئۇنىڭ موڭغۇل ئىمپىرىيىسى ۋە چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئىمپىرىيە ئورنىدا قۇرۇلغان ئۇلۇغ يۇرت، يەنى، موڭغۇلىستان،ئالتۇن ئوردا،چاغاتاي ئۇلۇسى،شۇنىڭدەك، چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكوخان ئاساس سالغان ئېلخانىلار دۆلىتى(ئىران،ئەزەربەيجان) تار ىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتىنچى جىلىدىنىڭ مۇندەرىجىسى ھەمدە مەزمۇن جەھە تتىن ئۇلۇغبەگنىڭ «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»غا ئوخشاپ كېتىدۇ.

«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئىجاد قىلىنىش جەريانىغا ئۇلۇ غبەگنىڭ بىۋاستە قاتناشقانلىقى ياكى شەخسەن ئۆزى ئۆز قولى بىلەن يازغانلىقىغا ھېچ بىرشۈبھىگە ئورۇن يوق. يۇقۇرىدا ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىن بۇ پىكىر ىمىزنى ئىسپاتلايدىغان بىر پارچىنى نەقىل قىلىپ يازغان ئىدۇق. بۇنى باشقا تار ىخچىلارمۇ تەستىقلايدۇ.XVئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىلىرىدىن بىرى بولغان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر(1500-1551) ئۇلۇبەگنىڭ تارىخ ئىلمى ساھەسىدىمۇ سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەسىلەن؛ئۇنىڭ «تارىخىي رەشىدىي»ناملىق يىرىك كىتابىدىن بۇ ھەقتە مانا بۇلارنى ئوقۇيمىز:«دانىشمەن پادىشاھ مىرزا ئۇلۇغبەگ بىر تارىخىي ئەسەر يازدى ۋە ئۇنىڭغا «ئۇلۇسلار تارىخىي »دەپ نام قويدى. («تارىخىي رەشىدىي»،ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەر قشۇناسلىق ئېنىستىتوتى كۈتۈپخانىسى قوليازما بۆلۈمى 1430-نومۇر، 85- بەت)، ئۇلۇغبەگنىڭ شۇنداق بىر ئەسەر يازغانلىقىنى خاندەمىر بىلەن مەھمۇد ئبنى ۋەلىمۇ تەستىقلايدۇ.

يۇقۇرىدا كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتلارغا تايىنىپ شۇنداق دىيىش مۇمكىنكى،«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»رەشددىننىڭ مەشھۇر«جامىيئۇت تاۋارىخ»ناملىق ئەسىرىگە ئو خشاش تارىخچى ئالىملارجامائەسى تەرىپىدىن، مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ بىۋاستە قاتنىشىشى ۋە رەھبەرلىكى ئاستىدا يېزىلغان.

«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»نىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىلىرى بەك ئاز. بىز يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق، ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق. بۈگۈ نگىچە ئۇنىڭ تۆتلا قىسقارتىلغان (مەجمۇئە)نۇسخىسى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىسى ئەنگىلىيىدە،بىرسى ھىندىستاننىڭ بەنكىپور شەھرى كۈتۈپخا نىسىدا،تۆتىنچى نۇسخىسى ئامېرىكا قوشماشىتاتلىرى خارۋارت ئونۋېرېستېتى كۈتۈ پخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

ئەسەر بىرقاتار تارىخىي، جۇغراپىيىۋىي مەنبەلەر ۋە رىۋايەتلەر ئاساسىدا يېز ىلغان بولۇپ، مۇئەللىپ كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ بۇكىتاپنى يېزىشتا پايدىلانغان مە نبەلىرىنى ئېنىق كۆرسەتمەيدۇ ۋە«ئېيتىلىشىچە»،«قىسسە ۋە تارىخىي كىتاپلاردا يېزىلىشىچە»،«چاغاتاي ئۇلۇسى ئۆلىمالىرىنىڭ كىتاپلىرىدا كەلتۈر لۈشىچە»، « بىرگوروھ ئەدىپ، ھەقىقەتگۇي تارىخ ئەرباپلىرىنىڭ ئېيتىشىچە»دېگەندەك ئومۇ مىي ئىبارىلەر بىلەن چەكلىنىدۇ. لېكىن، بەزى جايلاردا ئۆزى پايدىلانغان بەزى ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇئەللىپلىرىنىڭ نامىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر ئاسترنوم ئەبۇ مەئىيشەر بەلخىي (886-يىلى ۋاپات بولغان)، بۈيۈك ئالىم،شائىر ھەمدە سەيياھ راشىددىن ۋاتبات (1096- 1182)، مەشھۇر تارىخچى، دۆلەت ئەربابى ئالاۋۇددىن ئاتامەلىك جۇۋەينى (1226-1283)، راشىددىن پەزلۇ للاھ ھەمەدانىي (تەخمىنەن 1247-1318)، ھەمدۇللاھ مۇستەۋفىئىي قەزۋىنىي (1281-1349) ۋە باشقىلارنىڭ ناملىرى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئالىم تەپسىر ۋە ھەدىس كىتاپلار،رىۋايەتلەردىن پايدىلانغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا راشىد دىن، خۇجەندىي ۋە نىزامىيلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان شېئىرىي پارچىلارمۇ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇلۇغبەگ مەزكۇر ئەسەرنى يېزىشتا ناھايتى كۆپ، مەز مۇن جەھەتتىن خىلمۇ-خىل (تارىخ، جۇغراپىيە، ئاستىرنومىيە، نەزمىي) كىتاپلار دىن خېلى كەڭ پايدىلانغان.

ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز.ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، مۇئەللىپنىڭ ئۆزى مەزكۇر ئەسەرنى قىسىم ياكى باپلارغا بۆ لمىگەن. بىز«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»توغرىسىدىكى بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇر ۇن نەشىر قىلىنغان كىچىك بىر ماقالىمىزدا مەزكۇر ئەسەرنى تۆت ئۇلۇس تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدىن كېلىپ چىقىپ، تۆت قىسىمدىن ئىبارەت دېگەن ئىدۇق. لېكىن كېيىنچە ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش جەريا نىدا ئۇنىڭ مۇندەرىجىسى ھەققىدىكى پىكىرىمىز ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن ئاخىر ىقى ھىساپتا ئۇنى تەخمىنەن مۇقەددىمە ۋە يەتتە باپقا بۆلۈش مۇمكىن، دېگەن خۇلاسىگە كەلدۇق.

ئەسەرنىڭ مۇقەددىمەسىدە، خۇدايى تائالا، ئۇنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى شەنىگە ئېيتىلغان مەدىھيىلەر،ئادەم ئاتىنىڭ يارىتىلىشى ھەمدە ئىسلامىيەتتىن ئاۋال ئۆتكەن پەيغە مبەرلەر (شىس، قەينان، مەھلايىل ۋە باشقىلار)، نۇھ ئەلەيھىسسالام، شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ تارىخى قىسقىچە بايان قىلىندۇ.

بىرىنچى باپتا؛ تۈركخان ئبنى يافەس ھەمدە ئۇنىڭ تۈركىستان زېمىنلىرىدە پادىشاھلىق قىلغان ئەۋلادى (ئەبۇلجاھان، دىباكۇيخان، كۈيۈكخان ۋە باشقىلار)، تاتار-موڭغۇل ۋە تۈرك قوۋملىرى پادىشاھلىرىنىڭ (موڭغۇلخان، قاراخان، ئوغۇز خانغا ئوخشاش)تارىخى بايان قىلىنغان بولۇپ،بۇنىڭ سىرتىدىكى كۆپ نەرسىلەر باشقا ئەسەرلەردىنلا مەلۇم،لېكىن بۇ باپتا يەنە بەزى مۇھىم مەلۇماتلارنىمۇ ئۇچر ىتىمىز. مەسىلەن؛ ئوغۇزخان دەۋرىدە(مۇئەللىپنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا ئوغۇزخان ۋە ئۇنىڭ ئەجداتلىرى قەدىمكى ئىراندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان پېشدادتلار بىلەن زاما نداش بولغان).ئۇ ئەمەل بۆلگەن ساراي قۇبۇل مۇراسىملىرى تەرتىۋى، تۈرك قوشۇ نلىرىنىڭ تۈزۈلىشى، ئۇلۇس سېستىمىسى،«ئوغۇزخان ھەربىر شاھزادىسىنى بىر دىن ئۆلكىگە تەيىنلەيدۇ، ئۇلارغا لەقەم ھەمدە تامغىلارنى بەلگىلەيدۇ. تۈرك قوشۇ نلىرىنىڭ تۈزۈلىشى، ئوسمانلى تۈرۈك سۇلتانلىرىنىڭ شەجەرىسى شۇلارنىڭ جۈ ملىسىدىندۇر. مەزكۇر باپتا كەلتۈرۈلگەن تۈركلەر ۋە موڭغۇل قەۋملىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇلار بىر-بىرىگە شۇ دەرىجىدە يېقىن ئىستىقامەت قىلغانكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ شەجەرىلىرىمۇ ئارلاش-قۇرلاش بولۇپ كەتكەن. بۇ ھا لنى بىز راشددىننىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسىرى (بىرىنچى جىلددىدا) ۋە مەشھۇر نېمىس شەرقشۇناسى گېرخارد دايېرفېرنىڭ «يېڭى پارس ئەدەبىياتىدا تۈرك-موڭغۇل ئېلمېنىتلىرى»دېگەن تۆت جىلدلىق ئىزاھلىق لوغىتىدىمۇ ئېنىق كۆ رەلەيمىز.( گېرخارد دايېرفېر«يېڭى پارىس ئەدەبىياتىدا تۈرك-موڭغۇل ئېلمېنىتلىر ى»ۋېسبادىن نېمىسچە،1963 -1975-يىللىرى نەشرى).

ئىككىنچى باپتا؛ تۈرك-موڭغۇل خانلىرىنىڭ ئەپسانىۋىي ئانىسى ئالانقوۋا ۋە ئۇ نىڭدىن تارقالغان ئەۋلادلار يەنى،پادىشاھلارنىڭ(بۇزەنجىر خاقان، بۇقاخان، دۇ تىمىنخان،قابىلخان،بايسۇنغۇرخان،بۆرتان باھادىر،يەسۇگەي باھادىر) تارىخىي باياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ باپتىمۇ ئىلىم-پەن ئۈچۈن مۇھىم مەلۇماتلار ئۇچرا يدۇ. تۈرك-موڭغۇل قوۋملىرىنىڭ بىرلىكتە، ئارلىشىپ ياشاپ كەلگەنلىگى تۈرك دىيارى ۋە ئۇنىڭ باشقا قوۋملىرى ئارىسىدا تۇتقان مەۋقەيى، ئاددىي خەلقنىڭ بىر يەرگە،ئېنىقراقى،ئۆز ھۆكۈمدارىنىڭ بايرىقى ئاستىغا بىرىكتۈرۈلگەنلىگى (يەنى فىئوداللىق ھوقۇق)، VIIIئەسىردە جالايىر قوۋمى باشلىقلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

«تۆت ئۇلۇس تارىخي»نىڭ ئۈچۈنچى بابىدا؛بۈيۈك جاھانگىر چىڭگىزخاننىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. بۇ يەردە كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتلار ئىچىدە ئېتىبارغا سازاۋەر لىرىدىن موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ تۈزۈلىشى،ئۇنىڭ ئاق رەڭدىكى توققۇز تالالىق تۇغى،قۇرۇلتاي ۋە باشقا قۇبۇل مۇراسىملىرىدا بولىدىغان تەرتىپ-قائىدىلەر، تۈرك ئىلى، يەنى نايمانلار، قارلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇسۇنلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار مۇھىم ئەھمىيەت پەيدا قىلىدۇ. يەنە، شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، چىڭگىزخان زامانىدا تۈرك-موڭغۇل قوۋملىرى داھا (ئونلىك)، سادا (يۈزلىك)، ھازارا(مىڭلىك) ۋە تۈمەن(ئون مىڭلىك) لارغا بۆلۈنگەن. چىڭگىزخان زامانىدا«ھېچكىم»دەپ باشلىنىدۇ«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دا؛«ئۆز داھاسى، ساداسى ۋە ھەزاراسىدىن باشقا جايغا كېتەلمىگەي ۋە باشقىلارنىڭ پاناسىغا ئۆتەلمىگەي…بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلار باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ خەلق ئالدىدا ئۆلتۈرىدۇ»، بۇ توغرىسىدا «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»نىڭ مۇئەللىپى كەلتۈرگەن مانابۇ پاكىتمۇ دىققەتكە سازاۋەردۇر. ئەسەرنىڭ تۆتىنچى بابىدا ئېيتىلىشىچە، چىڭگىزخاننىڭ 1225- يىلى خارەزىمشاھلار دۆلىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈ شىدىن قايتىشىدا، سىر دەرياسىنىڭ ئوڭ ساھىلىدا، چېدىر تىكتۈردى، شۇچاغدا خان تەرىپىدىن بۇيرۇق قىلىندىيكى، ئەركانى دەۋلەت ۋە باشقا ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزقەدرى ۋە مەۋقەسىگە مۇئاپىق ئوۋ مەيدانىدا بىردىن ئولجىنى قولىغا كىرگۈزىۋالسۇن: تۈرلۈك ئوۋلارغا ئۆز تامغىلىرىنى باسقاندىن كېيىن قويىۋەتسۇن». بۇ پاكىت موڭغۇل ئىمپىرىيىسىدە پەقەت، يەر، سۇ، ئوۋ قىلىنىدىغان قورۇقخانىلار ۋە ئۇنىڭدىكى جانۋارلارمۇ فىئوداللارغا بىرلەشتۈرۈپ قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك،بۇ پاكىت بىزنىڭ تۈرك-موڭغۇل جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بولغان فىئودا للىق مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى تەسەۋۇرىمىزنى بىر قەدەر كېڭەيتىشكە ياردەم بېر ىدۇ. ياكى چىڭگىزخاننىڭ شۇ قەدەر تېز ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن مەملىكەتلەر، جۈملىدىن، ئاشۇ زاماننىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان خارەزىم ئىمپىرىيىسى ئۈستىدىن قازانغان غەلبىسىنى تەمىنلىگەن سىياسىتىنى خاراكتېر لىگۈچى مانا بۇ مىسالمۇ دىققەتكە سازاۋەردۇر. «ساھىبقىرانى ئەزەم چىڭگىزخانى مۇئەززەم،-دەپ ئوقۇيمىز بۇ ئەسەردە،-بىرەر دىن ۋە مىللەتكە يان باسمىغان، بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەت ئۈستىدىن ئۈستۈنلىگى تەئەسسۇبىدىن ئۆزىنى يىراق تۇتاتتى، مۇسۇلمانلار تائىپىسىنىڭ ئۆلىما ۋە زاھدلىرىنى ئەزىز كۆرەتتى». يەنە بىر مۇھىم مىسال: «ئادەم ئاتا زامانىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە بىرەر پادىشاھ سىپاھى تۈركلەر نىڭكىدىن مۇپەسسەل بولمىغان»،پەقەت تۈركلەردىنلا تۈزۈلگەن چوڭ-چوڭ ھەربىي قىسىملار چىڭگىزخاننىڭ ماۋەرائۇننەھىر، ھىندىستان، ئىران، ئەزەربەيجان ۋە باشقا مەملىكەتلەرگە قىلغان يۈرۈشلىرىگە پائال قاتناشقان. ئەسەردە ئۇچرىغان«چىڭگىزخان جۇجىخاننى بارچىل (بارچىلكەند) شەھرىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر تۈمەن تۈرك لەشكەر بىلەن ئەۋەتتى»،«تۈركلەربىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا تۈركانخاتۇن ئەۋلادلىرى بىلەن ئەسىر ئېلىنغانىدى»،«قوشۇن يۇرتلىر ىنىڭ تەڭرىقۇتلىرىنى تۈرك ئاتلىرىنىڭ ئايىغى ئاستىغا تاشلىدى»، «ھىندىستا ننىڭ ئاب ھاۋاسى تۈركلەرنىڭ مىجەزىگە ياقماي، نۇرغۇنلىرى كېسەلگە مۇپتىلا بولدى»دېگەنگە ئوخشاش پارچىلارنى ئۇچرىتىمىز،بۇ ئەسەردە. يەنە ئاشۇ تاڭغۇت ئۇرۇشى ھېكايىسىدە كەلتۈرۈلگەن مانا بۇ شېئىرغا دىققەت قىلىڭ:

كاماندارى تۈركان بەتىرى ھەدەڭ،
زىرىھرا كۇشادا زى ھەم چەۋمى تاڭ.

مەنىسى:

تۈرۈك كاماندازلار ھەدەڭ ئوقى بىلەن
ساۋۇتنىڭ تار كۆزىنى ئاچتىلەر.

مەزكۇر باپتا يەنە دىققەتكە سازاۋەر مەلۇماتلار باربۇلۇپ،بىز بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەلتۈرمەي ئاز بىر قىسمىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز. بۇلار: قاراختايلار تەرىپىدىن ئىمىل دەرياسى بويىدا بينا قىلىنغان شەھەر ۋە ئۇ نىڭغا يېقىن ئەتراپتىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن 40 مىڭ ئائىلە تۈركلەر،خارەزىمشاھ ئەلاۋۇددىن مۇھەممەد بىلەن تايانقۇ باش بولغان قاراختاي قوشۇنى ھىجىريە 607-يىلى رەبىئەل ئەۋەل ئېيىنىڭ 8-كۈنى (مىلادى 1230-يىلى 30-ئاۋغۇ سىت كۈنى) ئىلى دەرياسى بويىدا بولۇپ ئۆتكەن دەھشەتلىك ئۇرۇشنىڭ تەپسىلا تى،مۇڭغۇللار ئىستىلاسى ئارپىسىدا خارەزىمشاھ ئەلاۋۇددىن مۇھەممەدنىڭ سەمەر قەند مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئىشلىرى، بەلخ شە ھرىنىڭ موڭغۇللار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىشى ۋە موڭغۇل ئارمىيىسى تەركىبىدە چىڭگىزخاننىڭ باشقا مەملىكەتلەرنى بېسىۋېلىشىغا پائال قاتناشقان تۈرك قوشۇ نلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ سەردارلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردۇر. خاراكتېرلىك ئىككى مىسال: «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دا كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، موڭغۇللار ھۇجۇمى ئارپىسىدا خارەزىمشاھنىڭ پەرمانى بىلەن 300 مىڭ ئادەم سەمەرقەند سېپىلى،شەھەر قەلئەسى ۋە باشقا مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى مۇستە ھكەملەش ئىشىغا سەپەرۋەر قىلىنغان، شۇچاغدا ھەقىقەتەنمۇ شەھەرنى مۇستەھكەملەش، ئۇنى قامال جەڭلىرىگە تەييارقىلىش توغرىسىدا چوڭ ئىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىكە ن. «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دا كەلتۈرۈلگەن بۇ مەلۇمات 1960-يىللىرى ئەپراسىيا پتا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىلوگىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىرى بۇلارنى ئىسپاتلايدۇ.(ۋ. ئا. كارلىۋاروۋ شېشكىن؛«ئەپراسىياپتىكى ئارخىلو گىيىلىك تەكشۈرۈش»تاشكەند 1969-يىل روسچە نەشرى،136-141-بەتلەر). ئىككىنچى مىسال: مەلۇمكى، 1221-يىلى باھار پەسلىدە موڭغۇللار خۇراساننىڭ قەدىمقى ئىقتىسادىي-سىياسي ۋە مەدەني مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بەلخ شەھر ىنى ئىشغال قىلىپ ئۇنى خارابىلىككە ئايلاندرۋەتتى. ئىبنى ئەل ئەسىر (1160 – 1232) نىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە شەھەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دۈشمەنگە تە سلىم بولغان،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ چىڭگىزخان بەلخ خەلقىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسە تكەن ھەمدە شەھەر ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئامان قالدۇرغان.(«تارىخ ئەل-كامىل»، تورىنبېرىگ نېمىسچەنەشىرى 12-جىلد، لېيدىن، 1853-يىل، 255- بەت). يەنە باشقا بىر كاتتا تارىخچى ئالاۋۇددىن ئاتا مەلىك جۇۋەينى (1226-1273)نىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، قۇدرەتلىك خان، يەنى چىڭگىزخان ئاۋال شەھەرنىڭ ئاما نلىقىغا ۋەدە قىلغان، لېكىن كېيىن سۆزىدە تۇرماي شەھەرنى ۋەيران قىلغان.( مىرزا مۇھەممەدخان قەزۋىنىي«تارىخي جاھانگوشاي»،لېيدىن-لوند ون،1912-يىل ئېنگىلىزچە نەشرى، 1-قىسىم 103-، 104-بەتلەر). مىرزا ئۇلۇ غبەگ بۇ ھەقتە تامامەن باشقا مەلۇماتلارنى كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا چىڭگىزخان بەلخلىقلار ئەڭ ئاخىرقى خانى خارەزىمشاھ جالالىددىن (ھىجىريە 618-628-يىللىرى،مىلادىيە 1220-1231-يىللىرى)نىڭ ئادەملىرىگە باشپاناھ بولغانلىقى ئۈچۈن شەھەر ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى جازالىغان. ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن بەلخئاب دەرياسىغا ياسالغان بەندى ئەمىر تۇغانى بۇزۇپ تاشلانغان. شۇچاغدا بەلخ ۋە ئۇنىڭ تۈمەنلىرى ئالتە ئاي سۇئاستىدا قالغان.

ئەسەرنىڭ تۆتىنچى بابى چىڭگىزخاننىڭ ئۇلۇغ يۇرتى، يەنى، موڭغۇلىستان بىلەن شىمالىي جۇڭگونى ئىدارە قىلغان بىۋاستە ۋارىسلىرى تارىخىغا بېغىشلانغان ۋە ئوكتايخاقان (ھىجىرىيە 624-639-يىللىرى،مىلادى 1227-1241– يىللىرى) زامانىدىن تا ئارىق بوقا (ھىجىرىيە 728-يىلى، مىلادى 1328-يىلى) ئەۋلادى ئوردايخاقانغىچە بولغان دەۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك،بۇ باپتا؛ چىڭگىزخان زامانىدىن تاكى ئەمىرتۆمۈر زامانىغىچە موڭغۇلىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 21 ھۆ كۈمداردىن 17 سىنىڭ تارىخى قىسقىچە بايان قىلىنغان. مۇھىمى شۇكى، راشىد دىن ئۇلاردىن پەقەت بەشىنىڭ (ئوكتاي، چاغاتاي، كۆيۈكخان، مەنسۇرخان، قۇ بلاي خاقان)نىڭ نامىنى. «مۇقەددىمەئىي زەپەرنامە»نىڭ مۇئەللىپى شەرپىددىن ئەلى يەزدى (ھىجىرىيە 858-يىلى، مىلادى 1454–يىلى ۋاپات بولغان) ئۇلاردىن پەقەت14نىڭ نامىنى يازغان، خالاس. («مۇقەددىمەئي زەپەرنامە»، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئېنىستىتوتى كۈتۈپخانىسى قوليازمىلار بۆلۈ مى، 1-1520-نومۇر، 59-، 62-بەتلەر).

بەشىنچى باپ؛ چىڭگىزخاننىڭ تۇنجى ئوغلى جۇجىخاننىڭ نەسەبىدىن بولغان 33 خان زامانىدا دەشتىقىپچاق (ھازىرقى قازاقىستان، غەربىي سىبىرىيە ۋە بالغاسۈيى يەرلىرى)نىڭ تارىخىدىن ھېكايە قىلىدۇ. بۇ باپتىمۇ ۋەقەلەر قىسقا تەر ىزدە بايان قىلىنغان.لېكىن، شۇنداق بولسىمۇ، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئايرىم مەلۇماتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە شۇلاردىن بەزىلىرىنى كەلتۈرۈپ ئۆتمە كچىمەن.

1. دەشتىقىپچاقتا، ئومۇمەن موڭغۇل قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ تار قىلىش مەسىلىسى. مەلۇمكى بىر ۋاقىتلاردا قاراخانىيلار تەسەرۇپى ئاستىدا بولغان جايلاردا، جۈملىدىن ئالتاي، ئىلى ۋادىسى، يەتتىسۇ ۋە قەشقەردە ياشىغۇچى خەلقلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنى Xئەسىردىلا سۇتۇق بۇغراخان (ھىجىرىيە 344- يىلى تۇغۇلۇپ، تەخمىنەن 955-956-يىللىرى ۋاپات بولغان) دەۋرىدە تارقىلىشقا باشلىغان. چىڭگىزخان ماۋەرائۇننەھىرنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن، ئاشۇ يۇرتلاردا ئىسلام ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بۇخارادىن بىر گوروھ يىرىك مۇسۇلمان روھانىيلارنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەتكەنلىگى مەلۇم. ئۇنىڭدىن قالسا، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى، تا ئۆزبېكخان(ھىجىرىيە 712-742-يىللىرى، مىلادىيە 1312- 1342- يىللار) غىچە، گەرچە يات دىندا بولسىمۇ، مۇسۇلمان ئاھالىسى ۋە روھانىيلىرىغا نىسپەتەن ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن، ئۇلارنى تەقىپ ئاستىغا ئالمىغان. بۇ ھەقتە جۇۋەينىنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسىرىدىمۇ، راشىدد ىننىڭ«جامىيئۇت تاۋارىخ»دىمۇ،مۇسۇلمان روھانىيلىرىنىڭ يازمىلىرىدىمۇ، «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دىمۇ بەزى مۇھىم مەلۇماتلار كەلتۈرۈلگەن. دەشتىقىپچاقتا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، ھازىرغىچە بۇ مۇھىم ئىجتىمائىي- سىياسىي ۋەقە XIVئەسىرنىڭ بېشىدا، يەنى ئۆزبېكخان دەۋرىدە بولغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. لېكىن«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دا بۇ جەريان باتۇخان (ھىجىرىيە 624-653 –يىللىرى، مىلادىيە 1227-1255-يىللىرى) ۋە باراكخان(بەركخان) پادىشاھلىقى دەۋرىدە (ھىجىرىيە 655-665-يىللىرى،مىلادى 1257- 1267- يىللىرى) باشلانغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، باراكخا ننىڭ مۇسۇلمان ئايالنى ئىمىپ چوڭ بولغانلىقى، يەنى، مۇسۇلمان كىشى ئىكە نلىگى،بۇخارادىكى مەشھۇر ئىلاھىيەت ئالىمى سەيفىددىن بۇخارىزىي(XIIئەسىر نىڭ ئىككىنچى يېرىمى،(ھىجىرىيە659-يىلى، مىلادى1251-يىلى) دىن تەلىم ئالغانلىقى ئېيتىلغان. باشقا بىرجايدا، يەنى ئۆزبېكخان پادىشاھلىقى بايان قىلىنغان يەردە، (ھىجىرىيە720-يىلى،مىلادى1320–يىلى) دا ئەنەشۇ پادىشاھ ھنىڭ سەئىي ھەركەتلىرى بىلەن زەڭگى ئاتا ۋە ئۇنىڭ خەلپىسى سەئىد ئاتىلار نىڭ يىتەكچىلىگىدە دەشتىقىپچاقتا كۆچۈپ يۈرگەن تۈرك-موڭغۇل قوۋملىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق شەرىپىگە مۇيەسسەرر بولغانلىقى ھەققىدە ھېكايە قىلىنىدۇ.

مەزكۇر باپتا كەلتۈرۈلگەن«ئۆزبېك»ئتنونىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ناھا يتى مۇھىم مەلۇماتلار ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. مەلۇمكى، ئۆزبېك خەلقىنىڭ كېلىپ چىقىش مەسىلىسى ھازىرغىچە تولۇق ھەل قىلىنمىغان بىر مەسىلە بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئىلىم-پەندە بۇ مەسىلىگە بولغان ھەرخىل چۈشەنچىلەر ۋە قاراشلار مەۋ جۇت،مەسىلەن؛ھ.ئا. ئارىستوۋ، ئا.يۇ. ياكوۋېسكىي، ل.ل. ئىۋانوۋ ھەمدە چەتئە للىك ئالىملاردىن م.ئا. چاپلىچكا ۋە ھ.ھۇككىملارنىڭ پىكىرىگە قارىغاندا، «ئۆز بېك»ئتنونىمى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خانى ئۆزبېكخاننىڭ نامى بىلەن باغلىق، باشقىچە ئېيىتقاندا،ئۆزبېك نامى ئاشۇ خاننىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغان. ۋ.ۋ. گىرو سسېي ۋە ئا.ئا. سېمونوۋلار بولسا، دەشتىقىپچاقنىڭ شەرقىي قىسمى، يەنى ئاق ئوردىدا ئاشۇ زامانلاردا ياشىغان تۈرك-موڭغۇل قوۋملىرى ئۆزبېكلەر دىيلەتتى. ھ. ۋامبېرىي،گ.خاۋارىس،لېلۋولارنىڭ پىكىرىچە دەشتىقىپچاقتا كۆچۈپ يۈرگەن تۈرك -موڭغۇل قەبىلىرى ئۆزلىرىنى ئەركىن تۇتقانلىقى سەۋەپلىك ئۆزبېكلەر(ئۆز-ئۆزىگە بەگلەر) دەپ ئاتالغان بولۇشلىرى مۇمكىن. (ئاھمەدوۋ«ئۆزبېك كۆچمەنلىرى» موسكىۋا،1965-يىل روسچە نەشرى،11-،17-بەتلەر). بىر قاتار مۇھىم تارىخي مەنبەلەر (گەردىزىي، راشىددىن، ھەمدۇللاھ قەزۋىني«ئىسكەندەر ئانانىمىي»، خاندەمىر«تارىخى گۇزىدە نۇسرەتنامە»،«مېماننامەئي بۇخارا»، «تارىخي ئابدۇ لخەيرىخانىي»غائوخشاش ئەسەرلەر)نى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش شۇنى كۆرسىتىدۇ كى،«ئۆزبېك» ئتنونىمى توغرىسىدا بىلدۈرۈلگەن كېيىنكى پىكىر ھەقىقەتكە بىر قەدەر يېقىن. «ئۆزبېك»ئتنونىمى XIXئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا پەيدا بولغان، «ئۆز بېكلەر»دېگەندە XIVئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن ئاجىرلىپ چىققان دەشتىقپچاقنىڭ شەرقىي قىسمىدا يەنى، ھازىرقى قازاقىستان ۋە غەربىي سىبىريىدە كۆچۈپ يۈرگەن تۈرك-موڭغۇل قوۋملىرى نەزەردە تۇتۇلغان. لېكىن شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىپ ئۆزبېكلەر خەلق سۈپىتىدە XIVئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ مەلۇم بولغان،دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۆزبېكلەر، قازاقلار، قاراقالپاقلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەجدا تلىرى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ياشاپ كېلىۋاتقان جايلاردا كۈن كەچۈرگەن. ئەمما،ئاشۇ زامانلاردا ئۇلار ئۆزبېكلەر، قازاقلار، قاراقالپاقلار دەپ ئاتالمىغان. ئۇلار ئومۇمەن تۈرك ياكى ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان قەبىلىلەرنىڭ (بۈركۈت، نايمان، دارمان، قوڭغىرات، مانغىت ۋاھاكازا)نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ توغرىسىدا «تۆت ئۇلۇس تارىخي»دا ناھايتى مۇھىم مەلۇماتلار بىرىلگەنكى، ئۇلارنىڭ ئىلىم- پەن، خۇسۇسەن ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئېتنىك تارىخى ۋە كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىش ئەھمىيىتى بىنىھايەت كاتتىدۇر. ئەسەردىن مانا بۇلارنى ئوقۇيمىز: «…توقتامىشخاننىڭ دۆلىتى پايانىغا يەتكەندىن كېين، ھەزرىتى سۇلتان مۇھە ممەد ئۆزبېكخان…تەختكە ئولتۇردى، ئۆزبېك ئۇلۇسىنى ئۇنىڭغا ئايرىپ بەردى. ھىجىرىيە 712-يىلى (مىلادى 1312–يىلى) سەلتەنەت تەختىدىن جاي ئالدى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ تەختكە ئولتۇرۇپ ئارىدىن سەككىزيىل ئۆتكەندىن كېيىن، ماشا يىخلار ۋە مۇسۇلمانلارشەيىخى، ئەۋلىيالار قۇدبى ھەزرەتى زەڭگى ئاتىنىڭ،-ئاللاھ ئۇنىڭ قەبرىسىنى مۇنەۋۋەر قىلسۇن،-ئىشارىتى بىلەن جانابى سەئدزادىلەر ئاللا ھنىڭ ئىرادىسى بىلەن يولدىن ئاداشقۇچىلارنى توغرا يولغا سالغۇچى مۇردلارنىڭ پىرى مۇرشدى، تالىپلارنىڭ يوللىغۇچىسى ھەزرىتى سەئىد ئاتا-ئاللاھ ئۇنىڭ سىر لىرىنى مۇقەددەس قىلسۇن،-يەنى زەڭگى ئاتانىڭ خەلپىسى ئارقىلىق- ھەر ئىككىلىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغسۇن-…ھىجىرىيە 720-يىلى (مىلادى 1320-يىلى) ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. بۇقىسقا باياننىڭ تەپسىلاتى«ماقامەتى ھەزرىتى سەئىدئاتا»دېگەن كىتاپتا بايان قىلىنغان

سۇلتان مۇھەممەد ئۆزبېكخان ئۆزىنىڭ ئەل-ئۇلۇسى بىلەن ئىلاھىي سائادەت ۋە پەزىلەتكە ئېرىشىپ، ھەزرىتى سەئىد ئاتىنىڭ غايىپ ئىشارىتى ۋە ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسنى ماۋەرائۇننەھىر دەرياسى تەرەپكە ئېلىپ كە لدى. ھەزرىتى سەئىدئاتىغا،- ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە رىزالىقى بولسۇن،- قۇلاق سېلىشتىن بۇيۇن تولغىغانلار بۇ سائادەتتىن بىخەۋەر ھالدا، ئۇ يەردە (دە شتىقىپچاقتا) قالدى ۋە «قالماق»دېگەن نامغا مەنسۇپ بولدىلەركى، بۇنىڭ مە نىسى «قالغان»دېمەكتۇر. ھەزرىتى سەئىد ئاتا،- ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە رىزالىقى بولسۇن،-ھەمدە سۇلتان مۇھەممەد ئۆزبېكخان بىلەن بىللە ماۋەرائۇننە ھىرگە كەلگەن كىشىلەردىن:«بۇ كەلگەن كىم؟»-دەپ سورىدى. ئۇلارنىڭ پاد ىشاھى ۋە سەردارى ئۆزبېكخان بولغىنى ئۈچۈن ئۇلارنى«ئۆزبېك»دەپ ئاتىدى. شۇ سەۋەپتىن ئاشۇ زاماندىن باشلاپ ماۋەرائۇننەھىرگە كەلگەن كىشىلەر «ئۆزبېك »دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى. دەشتىقىپچاقتا قالغان كىشىلەربولسا، «قالماق» بو لدى».

يۇقۇرىدا كەلتۈرۈلگەن پارچىلاردىن مۇنداق ئىككى مۇھىم خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ:

1. دەشتىقىپچاقنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە غەربىي سىبىر ئۆزبېكخان ئالتۇن ئوردا تەختىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىمۇ ئۆزبېك ئۇلۇسى دەپ ئاتالغان. دېمەك شۇ كەڭرى زېمىندا كۆچۈپ يۈرگەن تۈرك-موڭغۇل قوۋملىرى «ئۆزبېك»دېگەن بىرلا ئومۇمىي نام بىلەن ئاتالغان.

2. شۇ پەيتكىچە پەندە«ئۆزبېك-خەلق نامى سۈپىتىدە،XVئەسىرنىڭ ئاخىرى XVIئەسىرنىڭ باشلىرىدا دەشتىقپچاقتىن كۆچۈپ كەتكەن»دېگەن پىكىر ھۆكۈمرانىدى.«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دا كەلتۈرۈلگەن بۇ مەلۇماتتىن «ئۆز بېك»خەلقنىڭ نامى سۈپىتىدە، ماۋەرائۇننەھىرگە XIVئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېر ىمىدا،بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق (باتۇخان بىلەن باراكخان تارىخىدا كەلتۈرۈ لگەن بەزى مەلۇماتلارنى ئېتىبارغا ئالغاندا) كىرىپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇ مەلۇمات شۈبھىسىزكى، ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئېتنىك تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»نىڭ ئالتىنچى بابى؛ئىران بىلەن ئەزەربەيجان ئۈ ستىدىن ئالاھەزەل بىر ئەسىر مابەينىدە (ھىجىرىيە 654-754-يىللىرى، مىلادى 1256-1353-يىللىرى) ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىلخانىيلار دۆلىتى، شۇنڭدەك، ئار پاخان دەۋرىدە (1335-1336) نوپۇزى ئارتىشقا باشلىغان چوپانىيلار (شەيىخ ھەسەن كۇچاك) ۋە جالايىرلار (شەيىخ ھەسەن بۇزرۇگ) تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ باپتا ئىلخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئىچكىي ئەھۋالى ۋە تاشقىي سىياسىتىگە ئائىت بىرتالاي قىممەتلىك مەلۇماتلاربار. مەراغە رەسەتخانىسى (ھىلاكوخان دەۋر ىدە بىينا قىلىنغان)، غازانخان(ھىجىرىيە 694-703-يىللىرى، مىلادى 1295 -1304-يىللىرى) زامانىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي ئىسلاھاتلار ۋە سۇلتانىيە شەھرىنىڭ بيناقىلىنىشى،كەيخاتۇخان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا (ھىجىرىيە 693-يىلى، مىلادى 1294-يىلى) ئىران زېمىنىدا خەنزۇلارغا تەقلىد قىلىپ قەغەز پۇل چىقىرىلىشى،ئولجايتۇخان ھۆكۈمرانلىقى يىللىرى (ھىجىر ىيە 703-717-يىللىرى، مىلادى 1304-1317-يىللىرى) ئون ئىككى ئىمامنىڭ نامى چۈشۈرۈلگەن تەڭگىلەرنىڭ قۇيۇلىشى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن، ئىلاخانىيلار دۆلىتىنىڭ مىسىر، شام(سۈرىيە)، ئالتۇن ئوردا ھەمدە چاغاتاي ئۇلۇسى بىلەن بو لغان سىياسىي مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ،ناھايتى زور ئىتىبار بېرىشكە تىگىشلىك مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىمىز.

«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»نىڭ ھىلاكولار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا يەنەبىر مۇ ھىم تەرىپىمۇ بار. ئۇنىڭدا مۇساخاندىن كېين (ھىجىرىيە 736-754-يىللىرى، مىلادى1336-1356-يىللىرى) ئارىسىدا ئۇلۇس تەختىدە ئولتۇرغان بىر نەچچە خا ن: تۇقاي تېمۇر ئىبنى سۇرىي، ساقى بېگىم بىنتى ئولجايتۇ سۇلتان ، جاھان تېمۇرخان ئىبنى ئەل ئەفرەڭ، ئىبنى كەيخاتۇخان سۇلايمانخان ھەققىدىمۇ مۇھىم مەلۇماتلار كەلتۈرۈلگەن. يەنە بىر مۇھىم نەرسە-بۇ چىڭگىزخاننىڭ قېرىندىشىنىڭ ئەۋلادى ئەبۇ شەيىخ ئەلى كەۋىن ھەققىدىكى مەلۇماتتۇر. ئەسەردە بۇشەخس ھەققىدە،جۈملىدىن مۇنداق دىيىلگەن: «ئەبۇ شەيىخ ئەلىنىڭ بوۋىسى (ھىجىر ىيە 705-يىلى، مىلادى 1305-يىلى) ئون مىڭ ئائىلە خېشۇ ئەقرەبەسى بىلەن قايدۇخان ئىبنى غازى ئۇغۇل ئىبنى ئوكتاي خاندىن يۈز ئۆرۈپ، خارەزىم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا كۆچۈپ كەلگەنىدى. ئەل بۇلۇپ كەلگەندە ئۇنى ئولجا يتۇخان ئۆلتۈردى،ئەۋلادى بولسا جۇرجان تەۋەلىگىدە ياشاپ قالدى. ۋاقتى كېلىپ، XIVئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا مەھەللىۋىي فىئوداللار ئەنە شۇ ئەبۇ شە يىخ ئەلى كەۋۇنىنى جۇرجاندىن ئىزلەپ تېپىپ تەخىتكە ئولتۇرغۇزغان. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، چاغاتاي ئۇلۇسىدا بولغانغا ئوخشاش ئىراندىمۇ ئوكتايخان ئەۋلادلىرى ھاكىمىيەت ئۈچۈن كۆرەش ئېلىپ بارغان ئىكەن.

ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى-ئۇنىڭ يەتتىنچى بابىدۇر. ئۇنىڭدا چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ چىڭگىزخان زامانىدىن(1227-يىلى) تاكى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشى(1370-يىلى) غىچە بولغان تارىخ ھېكايە قىلىنىدۇ.

مەلۇمكى، چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ ئازكەم 150 يىللىق تارىخى تەتقىق قىلىنمىغا ن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بۇ ھەقتىكى قوليازما مەنبەلەرنىڭ يىتەلىك بولما سلىقىدىندۇر. توغرا،چاغاتاي ئۇلۇسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان خانلار ھەققىدە ناھا يتى قىسقا مەلۇماتلار شەرپىددىن ئەلى يەزدىنىڭ«مۇقەددەمەئىي زەپەرنامە» سىدە، مەھمۇد ئىبنى ۋەلىنىڭ «بەھرۇل ئەسرار»دىمۇ كەلتۈرۈلگەن. لېكىن «ئۆت ئۇلۇس تارىخىي»ئۇلارغا نىسپەتەن بىر قەدەر تولۇقراق. ئۇنىڭدا ئۇلۇستا ھۆكۈمرا نلىق قىلغان چاغاتاي ۋە ئوكتايخان نەسلىدىن (ئەلى سۇلتان، دانىشمەنچىخان، سۇيۇرغاتمىش ۋە سۇلتان مەھمۇدخان)غىچە بولغان 33 خاننىڭ تارىخى قىسقا تەرىزدە بايان قىلىنغان.

بۇ باپتىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشكە تىگىشلىك مەلۇماتلار كۆپ. بۇلار ئارىسىدا چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ ئورامى،(ھىجىرىيە636-يىلى،مىلادى 1238-يىلى) بۇخارادا يۈزبەرگەن مەخمۇت تورابى باشچىلىق قىلغان خەلق قوزغىلىڭى، چاغاتاي ئۇلۇسى بىلەن ئىلخانىيلار دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر، چاغاتاي ئۇلۇ سىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ھاياتىدا بارلاس ئەمىرلىرىنىڭ جۈملىدىن، قاراچاي نۇيان،ئىجىل نۇيان، ئالانگۇز نۇيانلارنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە رولى، دۇۋاخان (تەخمىنەن، ھىجىرىيە 690-706-يىللىرى، مىلادى 1291- 1306-يىللىرى) ۋە كېپەكخان (ھىجىرىيە709-يىلى،مىلادى 1309-يىلى)، ئىككىنچى قېتىم (ھىجىرىيە 718-،726-يىلى، مىلادى 1318-1326-يىللىرى) دەۋرىدە يۇرتنى ئاۋات قىلىش يولىدا ئېلىپ باغان چوڭ ئىشلىرى،( مەسىلەن؛بەلخ ۋە ئەندىجان شەھەرلىرىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى، مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار)، تارما شىرىن(ھىجىرىيە726-734-يىللىرى،مىلادى1326-1334-يىللىرى)نىڭ ھىند ىستانغا قىلغان يۈرۈشى، چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ XIVئەسىرنىڭ 40-50- يىللىر ىدىكى سىياسىي ئەھۋالى ھەمدە ئەمىر قازاغاننىڭ يۈرۈشىلىرى شۇلارنىڭ جۈ ملىسىدىندۇر.

بۇ باپتا يەنە، چىڭگىزخان ۋاپات بولۇش ئالدىدا (1227-يىلى) ئۆزى ئىگە للىگەن مەملىكەتلەرنى ئوغۇللىرىغا تەخسىملەپ بەرگەندە، ئىككىنچى ئوغلى چاغا تايخانغا قەشقەر، يەتتىسۇ ۋادىسى ۋە ماۋەرائۇننەھىرنى، خۇرازەمنىڭ بىر قىسمى بىلەن ئىنئام قىلغىنى،ھازىرقى ئابغانىستان ۋە شىمالىي ھىندىستان زېمىنلىر ىنىڭ بولسا،كېيىنچە ئاندىن چاغاتايلار تەسەرۇپىغا ئۆتكەنلىگى ھەققىدىكى مەلۇما تلاربار ئىدى. «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دا يېزىلىشىچە، ئابغانىستان بىلەن شىمالىي ھىندىستان زېمىنلىرى چىڭگىزخان ھايات ۋاقتىدىلا چاغاتايخانغا بۆلۈپ بېر ىلگەن. بۇ ھەقتەئەسەردىن تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇيمىز:«چىڭگىزخان غۇران زېمىن ھاكىملىغىنى، قەشقەر ئەتراپلىرىدىن ئۇيغۈرلار زېمىنى چىگىرىسىغىچە؛ سەيھۇن دەرياسى ئايىغىغىچە بولغان يەرلەر؛ئىران بىلەن تۇران ئارلىقىدىكى بەلخ، بەدە خشان، كابۇل، غەزنى، سىند دەرياسىغىچە بولغان يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇ سۈيۈملۈك پەرزەندى(چاغاتايخان)غا بەردى».

مەلۇمكى،تارماشىرىننىڭ ھىندىستانغا قىلغان يۈرۈشى نەتىجىسىدە مەملىكەت پايتەختى دېھلى ئىشغال قىلىندى. شۇچاغدا چاغاتايخان قوشۇنى گۇجارات، سۇمھات ۋە سۇرات شەھەرلىرىنىمۇ ئىشغال قىلدى. توغرا، باسقۇنچىلار ھىندىستا ننى ئۈزىل-كېسىل ئىشغال قىلالمىدى،لېكىن ھىساپسىز ئولجىلارغا ئىگە بولۇپ قايتتى.

چاغاتاي ئۇلۇسىدا، XIVئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا كۈچىيىپ كەتكەن فىئودال تارقاقلىق ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دا يېزىلىشىچە،بۇ تارقاقلىق يەسۇن تۆمۈرخاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈ چىيىپ كەتكەن.( تەخمىنەن 743-ھىجىرىيە، مىلادى 1343-يىلى) بىر گوروھ فىئوداللار يەسۇن تېمۇرنى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ،ئورنىغا ئوكتايخاننىڭ ئەۋلادى ئەلى سۇلتاننى تەخىتكە چىقاردى. ئەلى سۇلتان يەسۇنتېمۇرخان تەرەپدارلىرىنى تەقىپ ئاستىغا ئالدى، خەزىنىنى تالان-تاراچ قىلدى. ئەڭ دەھشەتلىكى شۇكى، ئۇ تۈمۈنخان ۋە ئەمىر تۆمۈرنىڭ بوۋاكالانى كۈچلۈك باھادىر زامانىدىن بېرى ئۆي، ئائىلىلىرى بىلەن بارلاسلار ئائىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تاجۇ-تەخت خان ئەۋلاد ىغا، مەملىكەت مادارلىق،يەنى ئەمرۇل-ئۇمەرالىق مەنسىپى بولسا، بارلاس بەگلىر ىدىن كۈچلۈك باھادىر ئائىلىسىگە ئەبەدىل-ئەبەت تىگىشلىك بولىشى ھەققىد ىكى ئەھدىنامىنى يىرتىپ تاشلىدى. XIVئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغا كەلگەندە، دۆلەت تىزگىنى يەنەبىر نۇپۇزلۇق فىئودال-ئەمىر قازاگان قولىغا ئۆتۈپ قالدى. لېكىن ئەلەڭگىز نۇيان بارلاسنىڭ ئەۋلادى: سەيفىددىن ھاجى بارلاس ۋە ئۇنىڭ سالاھىيەتلىك جىيەنى ئەمىر تۆمۈر بوش كەلمىدى-مەملىكەت مادارلىق مەنسىپى ئۈچۈن ئەمىر قازاگان ھەمدە ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن مۇرەسسەسىز كۆرەش ئېلىپ بار دى ۋە ئاخىرى غەلبە قازاندى.

ئەسەردە يېزىلغان چاغاتاي قوشۇنلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، يەنى ھەبىي بۆلۈ نمىلىرى ھەققدىكى مەلۇماتلار بەك مۇھىمدۇر. مەسىلەن؛قاراۋۇل قىسىم ئاشۇ ۋا قىتلاردا بۆلۈنغار،ھىراۋۇل(ئىلغار قىسىم ئارقىسىدىن يۈرگۈچى بۆلۈنمە)- بۇرۇنغار، مەيمەنە(ئوڭ قانات)-ئاۋانغار(ھازىرقى ئاۋانگارت شۇنىڭدىن ئېلىنغان بولساكېرەك)، ساقا(ئەۋرىگارت) –ئۆكچۈنغار دەپ ئاتالغان ۋاھاكازالار.

«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش مەلۇماتلار كۆپ. بۇنىڭغا قارىماي ئەسەرھەم ئايرىم كەمچىلىكلەردىنمۇ خالى ئەمەس. مۇشۇ يەردە ئەگەر تەبىر جايىز بولسا، كۆڭلۈمدىكى بىر گەپنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن. ئادەتتە كىشىلەر كىتاپتىن بىرەر خاتالىق-كەمچىلىك سەزسە، كۆپۈنچە مۇئەللىپكە مالامەت قىلىدۇ. بۇ-كىتاپنىڭ چوڭ-كىچىكلىگىدىن قەتئىي نەزەر، قانچىلىك جاپا- مۇشاقەت بىلەن ئىجادقىلىنغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىندۇر. ئۇ كىتاپ قوليازمىمۇ ياكى باسمامۇ، بۇنىڭدىن قەتئىي نەزەر ئوقۇرمەننىڭ قولىغا يەتكىچە مۇئەللىپتىن تاشقىرى يەنە بىر نەچچە ئادەمنىڭ قولىدىن ئۆتىدۇ. قوليازما كىتاپنى ئالساق، ئۇ بىر ياكى بىر نەچچە خەتتاتنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە يارتىلىدۇ. كۆپۈنچىسى كاتىپ قىمۇ باغلىق. ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكى، خاتا ۋە كەمچىلىكلەردىن مەلۇم دەرىجىدە خالى بولىشى نۇرغۇن جەھەتلەردىن خەتتاتنىڭ بىلىمى، ئىخلاسى، ھەتتا ئىنتىزامىغا ھەم باغلىق. لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن، كىتاپ ئومۇمەن مەلۇم خاتا-كە مچىلىكلەردىن خالى بولالمايدۇ. «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»، جۈملىدىن، ئۇنىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن نۇسخىلىرىمۇ بەزى بىر خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەسلىگى شۇ سەۋەپتىندۇر.

ئەسەردە كۆزگە چېلىقىدىغان ئەڭ چوڭ ھەمدە ئەڭ كۆپ خاتالىق- موڭغۇلچە ۋە خەنزۇچە ناملارنىڭ(ئاتالغۇ، جۇغراپىيىۋى ۋە ئېتنىك ناملارنىڭ) بەزى جايلاردا توغرا يېزىلمىغانلىقىدۇر. مەسىلەن ئەنگۇر باۋىرچى ئورنىغا –كۈڭۈر، دۇتۇرمېنەن- دۇتۇمىنخان،گىيۋگىن-كېۋكىن، قۇتۇقۇنۇيان-خەتاقۇيانۇيان، جامۇقا-شامۇقا، قاراسۇبەچى ئورنىغا قۇرا-سۇبەنچى،دەيدۇ ئورنىغا-دۇدۇ،مەنزى-مىسكىن، سا قچىن-ساقىيىن،ھانگياس-تاقناس، تەيسۇ-تويكايىخ،خەنجىن- خۇربەخت ، دۇلىشىڭ(دىياۋشەن)-چاقاندۇ؛جاجىرەت ئورنىغا-جانجىرەت،تايجىۋۇت-تايچى غۇت،كۆنكۇتان ئورنىغا-كۈنغان ۋە باشقىچە كۆرۈنۈشلەردە يېزىلغان.

بەزى ھاللاردا ۋەقەلەرنىڭ يىلنامىلىرى بۇزۇپ كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن؛ ئىلخا نىيلاردىن غازانخاننىڭ مىسىر بىلەن بولغان ئۇرۇشى ئۈچ يەردە –ئۈچ خىل: ھىجىر ىيە 699-، 708-ۋە 703-يىللىرى دەپ كۆرسىتىلگەن.

بەزى ئورۇنلاردا بولسا، مەسىلەن؛ ئىلخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق نۆۋىتى ئالما شتۇۋېتىلگەن.

ئەسەردە ئاشۇرۋېتىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسىلەن؛ موڭغۇل قوشۇ نى ئۆرگەنچنى يەتتە ئايلىق قامالدىن كېيىن، ئىستىلا قىلىپ 100 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن،100 ھۈنەرۋەن ۋە سەنئەت ئەھلىنى موڭغۇلىستان تەرەپلەرگە ھەيدەپ كەتكەن،نىشاپور قەتلىئام قىلىنغاندا 747 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن،دىيىلىدۇ. چىڭگىزخان ئىستىلاسى ئارپىسىدا مەرۋى ئاھالىسى بىر مىليۇن 300 مىڭ، نىشاپور ئاھالىسى بىر مىليۇن 747 مىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن.

لېكىن ئەسەردە ئۇچرايدىغان شۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كەمچىلىكلەر ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتىگە مۇتلەق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئۇلۇغبەگنىڭ«تۆت ئۇلۇس تار ىخىي»دېگەن ئەسىرى مەركىزى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ XIII–XIVئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئىجتىمائىي-سىياسىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدىغانلىقى شۈبھىسىز.

يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك، بىز چاغاتاي ئۇلۇسى تارىخىنى ياخشى بىلمەيمىز. مەملىكەتنىڭ چىڭگىزخاننىڭ ئىستىلاسىدىن تا ئەمىر تۆمۈرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانلىقىغا قەدەر بولغان تارىخى بىز ئۈچۈن قاراڭغۇ. «تۆت ئۇلۇس تارىخىي»دا كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتلارنى شەرفىددىن ئەلى يەزدىينىڭ «مۇقەددەمەئى زەپەرنامە» ۋە مەخمۇد ئىبنى ۋەلىنىڭ «بەھرۇل ئەسرار»غا ھەمدە ئارخىلوگىيە پېنى قولغا كەلتۈرگەن مەلۇماتلارغا بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىنسا،شۈبھىسىزكى، پەندىكى بۇ ئاق داغنى يۇيۇش مۇمكىن.

«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»نىڭ بۇ ئۆزبېكچە نەشىر نۇسخىسىنىڭ بىرتانىيە مۇز ىيى(ئەنگىلىيە)دە ساقلىنىۋاتقان ئا دد 26190 نومۇرلۇق قوليازما نۇسخىسى ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

شۈبھىسىز،«تۆت ئۇلۇس تارىخىي»نىڭ بۇ نەشىرىدە، ئۇنىڭ تەرجىمىسىدە ھەم،تەتقىقات قىسىملىرىدىمۇ بەزى جۈزئى خاتالىقلار سادىر بولغان بۇلۇشى تۇرغان گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مۇتخەسس، ئالىملارنىڭ خالىسانە پىكىر-مۇلاھىز ىلىرىگە مۇھتاجمىز. خالىسانە ياردەملەر ئەسەرنىڭ يېڭى، پۇختىراق نەشىرىنى تەييارلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئاپتۇر-بۆرىباي ئەخمەدوۋ: ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى.

مىرزا ئۇلۇبەگ «تۆت ئۇلۇس تارىخىي» ناملىق كىتاپنىڭ تاشكەنت يازغۇچى نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1994-يىلى نەشىر قىلىنغان ئۆزبېكچە نەشىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

قاراقاش ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن؛
تېلېفون:13779291157

2011-يىل 9-يانۋار

خەتكۈچلەر: ، ، ، ، ،
تەۋەلىك: * تارىخچىلىرىمىز، * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * تارىخي ئەسەرلەر
يېڭى يازمىلار