يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەيكىلى، قىرغىزىستاندا

يۈسۈپ خاس ھاجىپﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ ﮬﻮﻛﯘﻣﯩﺘﻰ ﻳﯘﺳﯘﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻘﺎ ﮬﻪﻳﻜﻪﻝ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ ﺩﻭﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﺎﺑﺎﺭﺋﺎﮔﯩﻨﺘﻠﯩﻘﻰ 7-ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﻛﯘﻧﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ << Bishkek sheherlik bash qurlush idarisining xadimi Zamire Kangeldiyevaning bildurishiche; meshhur Qirghiz maaripchisi Jusup Balasaghinigha heykel ornutulmaqchi . Bu heykel Jusup Balasaghini nami bilen atalghan Qirghizstan dolet uniwersitetining aldigha tiklenmekchi>> ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ.

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ؛ ﺟﯘﺳﯜﭖ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 125 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺋﯘﻟﮕﯘﺭﺗﯩﻠﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻳﯘﺳﯘﭖ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯩﻨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﺘﺎﺭﯨﭽﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﻧﺒﺎﻱ ﺳﺎﺩﯨﻘﻮﯞ ﻳﺎﺳﺎﺷﻨﻰ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ <> ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ ﺑﻪﺭﯨﻠﮕﻪﻥ.
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺋﻮﺯ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺗﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯘﺳﯘﭖ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ -ﺗﯘﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺗﺎﺗﻘﯘ ﺑﯩﻠﯩﮕﺌ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺟﯘﺳﯘﭖ ﺩﯨﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ.

19-20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺭﯗﺱ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﯘﺭﻛﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯨﮕﯘﺩﻩﻙ ﻗﯘﺗﺎﺗﻘﯘ ﺑﯩﻠﮕﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ، ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻴﻪ ﺷﯩﯟﯨﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ-ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻛﻮﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻳﯘﺳﯘﻓﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .

ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﻗﺘﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﻧﻰ ﻛﻮﺗﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﻮﯞﻩﺕ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻧﻮﻗﺘﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻣﺎﺧﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ، ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﻮﻝ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻨﻼ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯨﻤﻪﻙ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﯘﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
2002-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ ﮬﻮﻛﯘﻣﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﯩﺌﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﻩﺭﺳﯩﺘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺩﻭﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﻩﺭﺳﯩﺘﻪﺗﯩﻨﻰ ﺟﯘﺳﯘﭖ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺩﻭﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﻩﺭﺳﯩﺘﻪﺗﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻩﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﺑﻪﻛﯩﺘﻜﻪﻥ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺟﯘﺳﯘﭖ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﻩﺭﺳﯩﺘﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺩ ﻛﻮﺗﯩﺮﯨﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ . ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻯ، ﺋﺎﻛﺎﺩﻩﻣﯩﻚ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻧﺎﺭﻩﻧﺒﺎﻳﻪﯞ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯘﻗﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﯩﺌﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯗﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮﻧﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻮﺭﻭﺭﯨﻐﺎ ﺗﻪﮔﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﺌ ﮬﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻧﺎﺭﻩﻧﺒﺎﻳﻪﯞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻗﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﮬﺒﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

1980-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﭼﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻳﯩﺘﻤﺎﺗﻮﯞ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺳﻮﯞﻩﺕ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﻜﯘﺯﯨﻠﮕﻪﻥ ﺗﯘﺭﻛﻮﻟﻮﮔﻮﻳﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﺋﺎﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯘﻟﯘﭖ، ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻗﯘﺗﺎﺗﻘﯘ ﺑﯩﻠﯩﮕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺯ ﻧﻮﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﻧﻮﻗﺘﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﯘﺗﺎﺗﻘﯘ ﺑﯩﻠﯩﮕﻨﯩﯔ 1998-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﯖﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻪﻏﯩﺸﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﻪﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ، ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺩﻭﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ.

ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﻪﺗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ1994-1995-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻳﯩﺘﻤﺎﺗﻮﯞ ﻛﻪﺑﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﮬﯩﺶ ﻛﯘﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﯘﭼﻪﻳﮕﻪﻥ.

ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﺳﯘﭖ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯩﻦ ﯞﻩ ﻣﺎﺧﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ، ﺋﺎﺑﯘ ﻧﺎﺳﻰ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺩ ﻳﯘﻛﻨﻪﻛﻰ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﯩﺌﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﺋﻮﺯ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﻭﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﻤﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﻤﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﺑﻪﻛﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﺋﻪﻝ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯨﺮﺳىتىتىنى ﯞﻩ ﺋﻪﻝ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭖ-ﮬﻮﻗﯘﻕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﻝ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﯗﺳﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﮕﯩﻤﯘ ﺗﻪﮔﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻪﺭﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻰ، ﻣﺎﺧﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﺩﯗﺭ.

ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﻘﺎ ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻏﺎ ، ﺋﻮﺯﺑﻪﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﺯﺑﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﺧﻤﯩﻦ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﯘﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﺭﯗﺳﯩﺰ.

ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎسىياﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﻤﯘﺵ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ- ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻛﯩﻠﯩﭽﻪﻛﺘﻪ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

 

ئاپتۇرى: ئېنىق ئەمەس

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * تارىخي ئەسەرلەر، * مەدەنىيەت تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار