قاش ۋادىسىدىكى قەدىمىي يۈرت- سۇپىتاي

مىركايىل نۇرئالىم

قاش ۋادىسىدىكى قەدىمىي يۈرت- سۇپىتاي ئىلى ۋادىسى ئۆز بېشىدىن سانسىزلىغان بوران- چاپقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ ئۇزۇن تارىخى زامانلاردىن گۈللىنىش، خارابلىشىش يەنە گۈللىنىش يەنە خارابلىشىشىدەك جەريانلارنى ئۆتكۈزدى. بۇ گۈزەل زېمىنغا تارىختىن بۇيان ھونلار، ساكلار، ياۋچىلار، تۈركلەر، ئۇيسۇنلار، موڭغۇللار ۋە ئىسمى تارىخى خاتىرىلەرگە ئىلىنمىغان قانچە سىياسىي كۈچ ۋە قەبىلە، قوۋم بۇ ۋادىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك ئۆچمەس ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئىلى رايونىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان تەڭرى تىغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلاردا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ياشاپ كەلگەن. ھاجى نۇرھاجىنىڭ ‹‹قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›› دېگەن كىتابىدا: ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى تۇغلۇقلاردىن تارتىپ ئوغۇز، ئۇيغۇرلارغا قەدەر تەڭرى تاغىلىرىنىڭ جەنۇب شىمالى بىلەن موڭغۇل دالاسىدىن ئىبارەت ئىككى جايغا بۆلۈنۈپ ياشىغان››، ‹‹تۇغلۇقلار ياكى ئېگىز قاڭقىلىقلارنىڭ مىلادى 4- ئەسىردىن بۇرۇنلا تەڭرى تاغىلىرى ئەتراپىدا ماكانلىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، شۇ رايوندا ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇرلىشىپ كېتىشىدە چوڭ رول ئوينىغان›› دەپ يازىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئۇزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرى ئارقىلىق بۇ گۈزەل زېمىنغا ‹‹ئالمىلىق شەھىرى››، ‹‹ئىلىبالىق شەھىرى ››، (يەنە ئاييۇرۇق- شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.)، ‹‹شۇتا كونا شەھىرى›› ئۇنىڭدىن باشقا تېكەس، نىلقا، توققۇزتارا، كۈنەس، چاپچال قاتارلىق ناھىيىلەردىكى كونا شەھەرلەرنى بەرپا قىلدى. بۇ جەڭگىۋارلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرىدۇر، شۇڭا ئىلى ۋادىسى ئۆزىگە خاس قىممەتكە ئىگە قەدىمى مەدەنىيىتى، ئۇزاق تارىخى ۋە ئەل سۆيەر خەلقىنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك باتۇرانە كۈرەشلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ دۇنيا ئەللىرىنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىپ كەلمەكتە.

سۇپتاي- قاش ۋادىسىدىكى قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تارىخى ئىلى تارىخى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ ئىلى تارىخنى تەتقىق قىلىشتا ئۆزىگە خاس تارىخى قىممەتكە – ئىگە. ئىلى ۋادىسى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تارىخى قىسمەتلەر بۇ يۇرتنىڭ تۇپرىقىغىمۇ ئاجايىپ ئىزلارنى سېلىپ ئۆتكەن. بەزى تارىخى تەتقىقاتچىلار سۇپتاي دېگەن نامنى چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي قوماندانى سۇبۇتاي باتۇرنىڭ نامىغا قۇيۇلغان، چۈنكى چىڭگىزخان غەربىگە يۈرۈش قىلغاندا، سۇبۇتاي باتۇر بۇ يەردە تۇرغان ھەم مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. شۇڭا سۇپتاي دەپ ئاتايدۇ دەپ قارماقتا. بىراق سۇپتاي سۆزنىڭ قانداق مەنە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا خىلمۇ- خىل قاراشلار بار. مەسىلەن: ‹‹يالغۇز تام ››، ‹‹كۆپ ئېدىرلىق يەر››، ‹‹سۇ ئاز ساي ›› دېگەنگە ئوخشاش. سۇپتاي سۆزى موڭغۇلچە ‹‹سۇبۇتا›› سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، ‹‹قۇندۇزلۇق سۇ›› دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. چۈنكى موڭغۇلچە قۇندۇزنى سۇبۇسۇر دەپ ئاتايدۇ. موڭغۇلچە ‹‹سۇبۇ ›› سۆزىگە ‹‹تا ›› قوشۇمچىسى ئۇلانغاندا سۇبۇتا بولۇپ قۇندۇزلۇق سۇ مەنىسىنى بېرىدۇ.

سۇپتاي – نىلقا ناھىيىسىنىڭ غەربى چېگراسىغا، غۇلجا ناھىيە مازار يېزىسىنىڭ شەرقىگە، ئابرال تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىدىكى قاش دەريا بۇيىغا جايلاشقان. 315- ئۆلكە يولى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرقىدە ھەيۋەتلىك كۆك چوققا تىغى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. سۇپتاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، يەر تۈزۈلۈشى كۆپ ئېدىرلىق كىلىماتى قۇرغاق بولۇپ، سۇ مىقدارى 0.3مېتىر كۆپ. دېڭىز يۈزىدىن 1100مېتىر ئېگىز، يېرىم دېھقانچىلىق يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رايون. ئاھالىسى 8مىڭىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ئاساسىي ئۇزۇندا تۇرىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى كۆچمەن مىللەتلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئىلى رايوندا ياشاپ كەلدى. بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئاياق ئىزلىرى نىلقا ۋە سۇپتاي دىيارىغىمۇ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارخېئولوگلارنىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، نىلقا رايوندا ساكلارنىڭ ياشىغانلىقى مەلۇم بۇلماقتا. مەسىلەن: قۇربان ۋەلىنىڭ ‹‹نىلقا ناھىيىسىدىن تېپىلغان مىس كان ئىزلىرى ›› دېگەن ماقالىسىدە: ‹‹كان تېگى ۋە يەر يۈزىدە ساقلىنىپ قالغان كۆچمە توپا قاتلاملىرىدىكى ياغاچ كۆمۈرنى كاربون 14 ئانالىزى ئانالىز ئارقىلىق تەكشۈرگەندە بۇ مىس كانلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 2500يىل بۇرۇنقى زامانلاردىن قېزىلغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇ پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرى بۇرۇنلا بۇ رايوندىكى خەلقلەر بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كان تاللاش، قىزىش، مەدەن تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن›› دەپ يازىدۇ. دېمەك نىلقا رايوندا ياشىغۇچى ساكلار بىر تەرەپتىن خىلى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان مىس كانلىرىنى ئىچىپ يەنە بىر تەرەپتىن چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئۇلارنىڭ ساناقسىز چارۋا ماللىرى نىلقا ۋە سۇپتاينىڭ كەڭ زېمىنلىرىنى، گۈزەل يايلاقلىرىنى ماكان ئەتكەن. بەزى بىر تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن 7 ئەسىر ئىلگىرى چاغلاردىن مىلادى 2- ئەسىرگىچە دەۋر سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا قارا دېڭىزغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە ساك ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان مەشھۇر خاقان ئالىپ ئەر تۇڭا (ئەفراسيا) ئۆز زامانىسىدا قاشنى مەركەز قىلىپ تۇرغان ۋاقىتلاردا، قاش بويى سۇپتاي قاتارلىق رايونلارنى قىزى قاز مەلىكىسى ئۈچۈن سەيلە قىلىپ ئوينايدىغان ۋە شىكار قىلىدىغان تۇرالغۇلارنى سالدۇرغان دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن بۇ مەشھۇر خاننىڭ ئاياق ئىزلىرىنىڭ بۇ زېمىنغا چۈشكەنلىكىنى مۇھىم مۇھىم تۇرالغۇ قىلغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. سۇپتاي يېزىدىن تېپىلغان بەزى مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە قەدىمى قەبرىلەر بۇ نۇقتىدىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەسىلەن:1988- يىلى 6- ئايدا، مۇتەللىپ دىنا دېگەن كىشىنىڭ ئۆينىڭ كېيىنىنى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قازغاندا، ئۇ يەردىن بىر دانە تاش كەتمەن، بىر دانە تاش پالتا، بىر دانە تاش پىچاق چىققان، بۇ قەدىمىي يادىكارلىقلار قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئادەمنىڭ ئۆيگە كىرگەن جامائەت كۆرگەن. بۇ يادىكارلىقلارنى، سۇپتاي يېزىلىق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كىيىن، ئىلى مۇزېيدىن ئادەملەر چىقىپ مۇزېيغا قۇيۇش ئۈچۈن ئىلىپ كەتكەن ھەم بۇ ئەسۋابلارنى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئادەملەرنىڭ ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

1989-يىلى 5-ئايدا، ئابدىمىجت نۇراخۇن دېگەن ئادەم تام سۇقۇش ئۈچۈن ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا يەرنى كولىغاندا، يۇغان- يۇغان رەتلىك تىزىلغان تاشلارنىڭ ئاستىدىن بىر جەسەت چىققان. بۇ جەسەتنىڭ ئۈستىدىن قېزىلغانلىقتىن قوۋۇرغىلىرى پارچىلىنىپ كەتكەن، باش قىسمى ئانچە زەخىملەنمىگەن. باش سۆڭەكنىڭ ئىككى چېتىگە ئىككى ھىجىر چىنە قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇچ بۇلۇڭ شەكىللىك گۈللەر چۈشۈرۈلگەن قۇلاق سۆڭىكىنىڭ ئىچىدىن بىر دۈگىلەك مىس ھالقا ھەم مىس قازان قاتارلىق نەرسىلەر چىققان. كىيىن ئىككى ھېجىرنى جەسەتلەر بىلەن كۆمۈۋەتكەن، مىس ھالقا بىلەن مىس قازاننى ساقلاپ قۇيغان. بۇنىڭغا ئوخشاش قەبرىلەرنى سۇپتاينىڭ ھەر قانداق يېرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن:‹‹بەش دۆڭ ››،‹‹چىگىلىك جىلغا ››،‹‹قانلىق جىلغا ›› دېگەن يەرلەردە قەدىمىي قەبرىلەر بولۇپ، بەزلىرى قېزىلىپ كەتكەن يەنە بەزىلىرى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. تارىخى تەتقىقاتچىلار بۇ قەدىمىي قەبرىلەردىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ياسىلىش ئالاھىدىلىكىگە ۋە تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئۇلارنىڭ ساك ۋە ئۇيسۇنلارغا تەۋە مەدەنىي مىراسلار ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.

2007-يىلى 7-ئايدا، ئارخېئولوگلار سۇپتاي يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىن، قارسۇ يېزىسى، كىچىك قارسۇ كەنتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان (بۇرۇن بۇ يەر سۇپتاي يېزىسىغا قارايتتى) قاش دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىقىدىكى بىر قەدىمى قەبرىنى ئاچتى. بۇ قەبرىستانلىقتا ئون قەبرە بولۇپ جەنۇبتىن شىمالغا قاتار كولانغان، ھەر بىر قەبرىدە بىر جەسەت بولۇپ قەبرىدىن يەنە ساپال قاچا، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، ئۆزۈڭگە، ئوقيا ئوۋچى، قىيىن دەرىخى قوۋزاقلىرى بىلەن ياسالغان ساداق، قاپقان قاتارلىقلار قىزىۋېلىنغان. بۇ قەبرىلەر تارىخى تەتقىقاتچىلار سۇڭ، لياۋ، سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە دەپ پەرەز قىلىنماقتا. ‹‹ئىلى دەرياسى ›› ژۇرنىلىڭ 2003- يىللىق 6- سانىدا، ئىسمائىل جېلىلنىڭ ‹‹ئىلىدىكى قەلئە شەھەرلەرنىڭ بىنا بولۇشى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ›› دېگەن ماقالىسىدە: ‹‹1975- يىلى ئارخېئولوگلار ئىلى دەرياسى ساھىلى ۋە موڭغۇلكۈرە، تېكەس، نىلقا، توققۇزتارا، كۈنەس، چاپچال قاتارلىق ناھىيىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قىلىپ، خىلى كۆپ ئويسۇن قەبرىلەرنى قىزىپ تارىخى قىممىتى بولغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى تاپتى. بەزى تېپىلغان ماددىي بۇيۇملار مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئويسۇن دۆلىتى مەزگىلدە رەسمىي شەھەر دەپ ئاتالغان موڭغۇلكۈرە، تېكەس، نىلقا، توققۇزتارا، كۈنەس، چاپچال قاتارلىق ناھىيىلەرمۇ ئىلىدىكى تارىخى ئۇزۇن جايلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.›› دەپ يازىدۇ. دېمەك سۇپتايدىكى قەدىمىي قەبرىلەردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىلى ۋادىسىنىڭ باشقا جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدۇ. شۇڭا بەزى تارىخى تەتقىقاتچىلارنىڭ ‹‹سۇپتاي قەدىمىي شەھەر›› دېگەن قاراشلىرىنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاساسىنىڭ ئۈستىگە ئېيتىلغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. 13-ئەسىرگە كەلگەندە چىڭگىزخان (1155-1227) غەربىگە يۈرۈش قىلىپ، قىتانلارنى ۋە نايمانلارنىڭ خانى تايانخاننڭ بالىسى كۈچلۈكىنى بويسۇندۇرۇپ يوقىتىدۇ. بەزى تارىخى تەتقىقاتچىلار چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي قوماندانى سۇبۇتاي باتۇرنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، سۇپتاتدا تۇرغانلىقىنى كىيىن غەربتىن قايتىش سەپىرىدە سۇپتايدا ۋاپات بولغانلىقىنى ھەم مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن سۇبۇتاي دەپ ئاتالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چاغاتايخان (1227-1242) ئالمالىقنى پايتەخت قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىم بويى، ئىلى ۋادىسىدىن بۇخارا، سەمەرقەنت، پەرغانە، ئىرانغىچە باشقۇرغان ۋاقىتلاردىمۇ سۇپتايدا نۇرغۇن چاغاتاي ئەۋلادلىرى ۋە كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەر ياشىغان.

ئىسلام دىنىنىڭ كۈچلۈك تەرغىباتچىسى ۋە قوغدىغۇچى چاغاتاي ئەۋلادىدىن چىققان تۇغلۇق تۆمۈرخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان موڭغۇلىستان خانلىقىنىڭ 5-پادىشاھى سۇلتان ئۈۋەيىسخان ئىلى ۋادىسىدا ئىلىبالىق خانلىقىنى قۇرغان. ئەينى يىللاردىكى ھاكىمىيىتىگە غەربتە ئارال دېڭىزدىن شەرقتە تۇرپان ئويمانلىقىغىچە كەڭ زېمىن، ئىسسىق كۆل ئەتراپى ۋە تارىم ۋادىسىنىڭ شىمالى ياقلىرى قارايتتى. ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا ئويراتلارغا كۆپ قېتىم جازا يۈرۈش قىلغان سەيدەخمەت ئابابەكىرنىڭ ‹‹سۇلتان ئۈۋەيىس مازىرى›› دېگەن ماقالىسىدە: ‹‹ئۈۋەيىسخان ئەتراپىدىكى ئەللەرنى، ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئىسەنتاش (موڭغۇل) بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۈچ قېتىم ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۈۋەيىسخان چىڭگىزخان نەۋرىلىرىدىن بولغاچقا، ئىسەنتاش ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي ئۇنى قۇيۇۋېتىدۇ. تۆتىنچى قېتىمدا ئىسەنتاش بىلەن ئۈۋەيىسخاننىڭ سىڭلىسى مەختۇمخاننى ئۆز نىكاھىغا ئىلىپ ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ›› دەپ يېزىپ، سۇلتان ئۈۋەيىسخان ئىلىدىن نىلقىغا كېتىۋېتىپ سۇپتايدىكى ‹‹قالماق تېمى ›› دېگەن يەرگە كەلگەندە ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ قازا قىلغانلىقىنى يازىدۇ. ئەينى دەۋردە سۇلتان ئۈۋەيىسخان يات دىندىكى موڭغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن جەڭ قىلغان موڭغۇللار شەرققە قاراپ قېچىپ، نىلقا سۇپتاي قاتارلىق يەرلەرگە ئورۇنلىشىدۇ. ئۈۋەيىسخاننىڭ تۆت قېتىم ئىسەنتاشقا ئەسىر گە چۈشۈپ قالغىنىغا قارىغاندا، نىلقا ۋە سۇپتاي قاتارلىق جايلاردا ئويرات موڭغۇللىرى بىلەن نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇشلارنى قىلغان. سۇپتاي بۇ قانلىق جەڭلەرنىڭ تارىخى شاھىتى بولغان. بۇ ھەقتە سۇپتاي خەلقى ‹‹قانلىق جىلغا ›› دېگەن يەردە قاتتىق قانلىق جەڭلەرنىڭ بولغانلىقنى مۇنداق مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ‹‹قانلىق جىلغىدىن يېرىم مەزگىللەردە ئۆتكەندە، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى، يارىدارلارنىڭ ئىڭراشلىرى ۋە ئۇرۇش قوراللارنىڭ بىر-بىرىگە تېگىپ چىققان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ›› دېيىشىدۇ. بۇ گەرچە بىر رىۋايەت بولسىمۇ، ھەر قانداق مەلۇم بىر چىنلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر سۇپتاينىڭ ھەر ۋاقىت يەرلىرىنى كولىغاندا، (قەبرە ئىزناسى بولمىغان يەرلەرنى) ياكى سۇ كولاپ كەتكەن يەرلەردىن ئادەم سۆڭەكلىرىنى ۋە ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن قوراللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ (چىڭ ئوردىسىنىڭ خاتىرىلىرىدىن ‹‹قاش ›› قا نەزەر) دېگەن ماقالىسىدە: ‹‹ئۈۋەيىسخان ئىلىدا ۋاپات بولغاندىن كىيىن، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملاشتى. 16-ئەسىرگە كەلگەندە، ئىلى ۋادىسى ئۈۋەيىسخانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان مەنسۇر، خېلىل ۋە سەئىدلەر ئوتتۇرىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش ماجىرالىرى ئىچىدە قالدى. بۇ باش ئايىغى يوق قانلىق نىزالارنى ئىگىلىكنى قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچۇرتۇپ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى ئۆز يۇرتىدىن تەزدۈرۈۋەتتى. ئاخىرى سەئىدە ئىلىدىن قېچىپ يەركەنگە بېرىپ بۈيۈك خانلىق تىكلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا كۆچتى. نەتىجىدە ئىلى ۋادىسى چۆللىشىپ، كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ مال باقىدىغان يايلاقلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ ھال جۇڭغارلارنىڭ ئىلى ۋادىسىغا قاراپ كېڭىيىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى›› بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، بۇ مەزگىلدە سۇپتايدا ئانچە- مۇنچە كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەردىن باشقا ئادەم قالمىغان.

يۇنۇسجان ئىلىنڭ ‹‹ جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەڭرى تىغىنىڭ شىمالدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقى قوشۇمچە تارانچى نامە ھەققىدە ( ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2002- يىلى 1- سان) ‹‹1727- يىلى سۋان راپتان ئۆلۈپ ئورنىغا ئوغلى غالدان سىرىن تەختكە چىققاندا، ئۇمۇ ئاتىسىنىڭ سىياسىتىنى يولغا قۇيغانلىقتىن تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر يانچىلارغا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇكى، بۇ مەزگىلدە يېزا كەنتلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى .1731- يىلى جۇڭغار خانلىققا ئەلچىلىككە كەلگەن رۇسىيىلىك ئوگومۇۋ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلارنىڭ قۇرۇلغانلىقى، بۇربۇسۇن ئېقىنىدا بۇخارالىقلارنىڭ(بۇلار ئۇيغۇرلار بولۇپ ئوگوموۋ ئۇلارنىڭ بۇخارالىقلارغا. ئوخشاپ كېتىدىغان چىراي شەكلىگە قاراپ خاتا ھالدا‹‹بۇخارالىقلار›› دەپ ئاتىغان) تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە تاختا لايدىن ياسالغان ئۆيلىرىنىڭ بارلىقنى، قارماققا بۇنىڭ كەنت بولۇپ قۇرۇلغانلىقنى تىلغا ئالىدۇ›› بۇربۇسۇن سۇپتاي يېزىسىنىڭ بىر كەنتى 1964- يىلدىن بۇرۇن سۇپتاي، مازار،، قاتارلىقلار بىر بولۇپ، نىلقا ناھىيىسىگە قارايتتى. جۇڭغارلار دەۋرىدە جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ، يەكەن قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئىلىپ چىقىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا سالغان ئىدى. ئابلىمىت مۇھەممەدنىڭ‹‹ئىلى يېقىنقى زامان كۆچمەنلىرى ھەققىدە›› دېگەن ماقالىسىدە: 1755- يىلنىڭ بېشىدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئىلغا ئەسكەر كىرگۈزگەندە، ئىلى تەۋەسىدە 4400 تۈتۈن، 16مىڭ جان ئەتراپىدا ئۇيغۇر قالغانلىقىنى، قالغانلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ يەنە بىر قىسمىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

دېمەك جۇڭغارلار دەۋردە بوربۇسۇن غولى بىلەن سۇپتاي غولىغا بىر قىسمى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تېرىقچىلىق قىلدۇرغان. بۇ مەزگىلدە سۇپتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىرق ‹‹بەش دۆڭ ئېرىقى ›› نى ئىلىشقا باشلىغان. بۇ ئېرىققا سۇپتاينىڭ پۈتۈن سۈيىنى باشلاپ، شەرق تەرىپىدىكى قارسۇ يېزىسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى، غەرب تەرىپىدە مازار يېزىسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى سۇغارغىلى بولىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 14-15كىلومېتىر كېلىدۇ. كەڭلىكى 2مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5مېتىر كېلىدۇ. پۈتۈنلەي. ئېدىر ياقلاپ ئىلىنغان. بۇ ئېرىقنىڭ لايىھىلىنىشى 1985- يىلى سۇپتايدا، پۈركۈپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇش ئۈچۈن كەلگەن سۇ مۇتەخەسسىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان. چۈنكى ئىرق ئىنتايىن ئىلمىي پىلانلانغان بولۇپ، ئىككى چوڭ ئېدىرلىق تۇتاشقان بەلدىن ئۆتكەن، بەلنىڭ ئېگىزلىكى سۇ ئاقىدىغان سايدىن 300مېتىردەك ئېگىز، گەرچە سۇ يۇقىرىغا قاراپ ئاقسىمۇ بىرەر يېرىدە كۆپۈپ قالمايدۇ. بۇ ئىرق شۇ ۋاقىتتىكى سۇپتاي خەلقىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگەكلىرىنىڭ مەھسۇل. مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ‹‹چىڭ ئوردىسىنىڭ خاتىرىلىرىدىن قاشقا نەزەر›› دېگەن ماقالىسىدە سۇپتاي رايوننى چىڭ ئوردىسى خاتىرىلىرىدە بىر قانچە ئورۇندا تىلغا ئالىدۇ. مەسىلەن:‹ئامۇرسىنا بىلەن چىڭ قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ئىككى يىلغىچە داۋاملىشىپ، ئىلى خەلقىگە يەنە نۇرغۇن ۋەيرانچىلىقلارنى ئىلىپ كەلدى ‹‹چىڭ ئوردىسى خاتىرىلىرى ›› نىڭ 1757-يىلى 6-ئاينىڭ 7-ئايغىچە يېزىلغان بىر قانچە ئورۇنلىرىدا، ئامۇرسىنانىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ تېكەس، كۈنەس، ئۇلانقۇل (نىلقىنىڭ غەربى) قاش قاتارلىق ئورۇنلاردا ھەرىكەتلىنىپ يۈرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن،‹‹… بۇنىڭدىن كىيىن باھار –كۈز ئايلىرىدا، ئۇلانقۇتۇل تىغىدا،24-يىلى مۇز داۋان، گېدىڭشەن تېغى، ئىلى دەرياسى قاتارلىق ئورۇنلاردا،28-يىلى ئابرال تېغى، تەلكە تېغى، قاش دەرياسى … قاتارلىق ئورۇنلاردا تاۋاپ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش بېكىتىلسۇن ›› دەپ يېزىلغان. يۇقىرىقى تىلغا ئىلىنغان ئۇلانقۇل رايونى ھازىرقى سۇپتاي رايونى بولۇپ، ئۇلانقۇتۇل تىغى سۇپتاينىڭ شەرقى شىمالدىكى كۆك چوققا دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان سۇپتاي تىغىدۇر. دېمەك سۇپتاي رايونى ۋە سۇپتاي تىغى چىڭ ئوردىسى خاتىرىلىرىدە ئالاھىدە مۇقەددەس ئورۇنلار قاتاردا تىلغا ئىلىنغان ھەم ئامۇرسىنا قالدۇق كۈچلىرىنىڭ بۇ رايوندا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

تىيىپجان ھادىنىڭ ‹‹ئىلىدىكى گۇڭ بەگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ›› دېگەن ماقالىسىدە:‹‹ئىمىن ۋاڭنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئورانزىپنى چىڭ سۇلالىسى 1766-يىلى 9-ئايدا ئىلىنىڭ ھاكىم بەگلىكىگە تەيىنلەنگەندىن كىيىن، ئورانزىپ گۇڭ جەنۇبتىن 2000 ئۆيلۈك ئۇيغۇرنى كۆچۈرۈپ چىقىپ، 600ئائىلىنى ئارابوزغا 1400ئائىلىنى نىلقا ھەم توققۇزتاراغا ئورۇنلاشتۇرغان، نىلقىغا بۆلۈنگەنلەر: سۇپتاي، چۇنچى، ئۇلاستاي قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلىشىپ ئىسمى ئاتالغان يۇرتلارنى قۇرۇپ چىقتى ›› دەپ يازىدۇ. دېمەك نىلقىغا بۆلۈنگەن 400ئائىلىدىن باقى ھېكىم باشچىلىقىدىكى 100 ئائىلىنى سۇپتايغا، 100 ئائىلىنى ئۇلاستايغا، 100ئائىلىنى چۇنچىغا، 100ئائىلىنى ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى دۆربىلجىن مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان. سۇپتايغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار دەسلەپتە، چوڭ سۇپتاي بىلەن كىچىك سۇپتاينىڭ سۈيى ئېقىپ كېلىپ قوشۇلىدىغان ئىككى ساينىڭ ئېغىزنى ‹‹ئىككى ئاچا ›› دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە گەمە كولاپ ئولتۇرغان.1791- يىلى تۇرپانلىق نۇرمەش دېگەن ئادەم مازار تاردىن ھازىرقى كىچىك سۇپتايغا يۆتكىلىپ كېلىپ جىلغا بېقىپ ئولتۇراقلاشقان شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھازىرغىچە ‹‹يىلقىچى ›› دەپ ئاتايدۇ. سۇپتايغا ئىككىنچى قېتىم ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇن، سۇپتاينىڭ ھازىرقى ئورنىدا كونا جايلارنىڭ ئورۇنلىرى ۋە ئەسكى تاملار بولۇپ، قالغان يەرلىرى جاڭگاللىق ئىدى. ئىسمائىل جېلىلنىڭ ‹‹ئىلىدىكى قەلئە شەھەرلەرنىڭ بىنا بولۇشى ۋە ئۇنىڭدىكى ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار›› دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق بايانلار بار: 1770-يىلى نىلقىدا ‹‹چىنۇق ›› قەلئەسى قۇرۇلغاندا بۇ يەردە 300 ئۆيلۈك ئۇيغۇر بولۇپ قاش ئۇيغۇر شەھىرى دەپ ئاتالغان. نىلقا يۈەن (1279-1368)، مىڭ (1368-1644) سۇلالىسى دەۋردە ‹‹ئارا قاش ›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. دېمەك نىلقا، چۇنچا، ئۇلاستاي، سۇپتايدىكى ئۇيغۇرلار قەلئە قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش بىلەن بوز يەر ئىچىپ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1804- يىلى چىڭ ئوردىسى ئويراتلارنىڭ تاشلاندۇق يەرلىرىنى ئىچىپ كېڭەيتىش ئىشلىرىنى ئىلىپ بارغاندا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئۇلان كۆتەل، نىلقا، سۇپتاي، ئۇلاستاي، چۇنچى قاتارلىق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئاساسلىق نوپۇسىغا ئايلىنىدۇ.

يىلى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى، 1871- يىلى چار رۇسىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ، 1882 – 1864 يىلى، ئىلى رەسمىي چىڭ ھۆكمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، 11 يىل بېسىپ يىتىپ ساقلاپ يىتىش بەدىلىگە، ئىلىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ. چار رۇسىيىنىڭ تەھدىت سىلىشى، قۇترىتىشى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلىدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار رۇسىيىنىڭ يەتتە سۇ رايونغا كۆچىدۇ. بۇ مەزگىلدە سۇپتايدىكى ئۇيغۇرلاردىن سەككىز ئائىلە قىلىپ (ئۇلار: توختاخۇن مەزىن، ئىمام باقى، ھادىل، ئۇلغازى، ئاۋاكرى شاڭيو كىچىڭ زايىت، تالىپچال) قالغانلىرى رۇسىيىنىڭ يەتتە سۇ رايونغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ يەردىمۇ سۇپتايدىن بارغانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ سۇپتاي يۇرتىنى بەرپا قىلىدۇ. كىيىن يەنە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قېچىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇر قازاق خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ بىرگە ياشاپ كەلمەكتە. بەزى ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بورتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيىسىنىڭ داخىيەنزى بازىرىنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ سۇپتايدىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ھەققىدە خەلق ئىچىدە بەزى مەلۇماتلارمۇ بار. 2003 – يىلى ئەتراپىدا، جىڭ ناھىيىسى داخىيەنزى بازارلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى ئىمىن چۇڭ دېگەن ئادەم سۇپتايغا كېلىپ، ئۆزنىڭ داخىيەنزى بازىرىنىڭ تارىخىنى يېزىۋاتقانلىقنى ئېيتىپ، سۇپتايدىكى بىر قىسىم يۇرت چوڭلىرى، زىيالىيلار ۋە تارىخچىلار بىلەن سۈپەتلەشكەن. داخيەنزى بازىرىنى دەسلەپتە قۇرغۇچىلىرىنىڭ سۇپتايدىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكنى ئېيتىپ، بىر قىسىم داخيەنزە بازىرىنى بەرپا قىلغۇچى ئادەملەرنىڭ يىلتىزنى ئېنىقلاپ كەلگەن مەسىلەن: خۇدۇدىۋەي دېگەن ئادەمنىڭ ھەدىسى مەلكەخان ئىنىسى مەتجان دېگەن ئادەملەرنىڭ سۇپتايدا قىلىپ ۋاپات بولغانلىقى خۇدىدىۋەي دېگەن ئادەمنىڭ داخيەنزى بازىرىنى قۇرغۇچى ئادەملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكنى ئېيتىپ بېرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى سۇپتايدىكى ئادەملەردىن ئېنىقلايدۇ. بۇ ھەقتە قۇلىمىزدا ئىشەنچلىك ماتېرىيال بولمىسىمۇ، مەلۇم ئاساسىي بار. چۈنكى جىڭ ناھىيىسىنىڭ تارىختىن بۇيان ئاچال يولى ئارقىلىق ئىلىغا تۈز تۇتۇشىدىغان ئاساسلىق ئورۇن بولۇپ كەلگەن. سۇپتاي بولسا جىڭ ناھىيە داخيەنزى بازىرىغا ئەڭ يېقىن جاي، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەب تۈپەيلىدىن داخيەنزىگە ئولتۇراقلىشىپ، بېكەت قۇرۇپ، بۇ بازارنى قۇرغۇچى ئاساسلىق ئادەملەردىن بولۇپ قىلىش ئېھتىمالى بار. تارىخ ئۆز قەھرىمانلىرى بىلەن نامايەندە بولۇپ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.1933-يىلى ‹‹ئاپىرىل ئۆزگىرىشى ›› دىن كىيىن ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىدۇ. ماجۇڭيىنىڭ قوشۇنلىرى غۇلجىغا كېلىپ تالان –تاراج قىلىدۇ. جاڭ پېييۇەن قوشۇن باشلاپ شىڭشىسەيگە قارشى ئاتلانماقچى بولىدۇ، شىڭشىىسەينىڭ ئىلتىماسى بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى چىگىردىن كىرىدۇ. جاڭ پېييۇەن قورقۇپ نىلقا تەرەپكە قېچىپ مازارنىڭ پالتىۋاي مەھەللىسىگە كېلىدۇ. ئەتىسى سۇپتاينىڭ غەربىدىكى سىرت يول دېگەن يېرىگە كەلگەندە، دېھقانلارنىڭ ئېتىزدىن چانا بىلەن سامان توشىغان ئىزلىرىنى كۆرۈپ، ئالدىمىزدىن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى توسۇپ زەربە بېرىش ئۈچۈن تانكا بىلەن ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ پالتىۋاي مەھەللىسىگە قايتىپ، ئاخشىمى ئالدى بىلەن قارا ۋە كۆك ئارغىماقلىرىنى ئېتىۋېتىپ، ئاندىن ئۆزىنى ئېتىۋالىدۇ. قوماندانسىز قالغان چېرىكلەر سۇپتايغا كىرىپ قونىدۇ. ئەكسىيەتچى ھۆكمەتنىڭ قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچرىغان سۇپتاي خەلقى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قوراللارنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ، بۇنى سىزىپ قالغان چېرىكلەر قوراللارنى بەتلەپ كېچىچە ئۇخلىمايدۇ. ئەتىسى نىلقا تەرەپكە قاچىدۇ، مەنسۇر باي باشچىلىقىدىكى سۇپتاي خەلقى ئۇلارنى قوغلاپ،(مەنسۇر باي دېگەن ئادەمدە بىر تال قورال بار) سۇپتاينىڭ شەرقىدىكى چۇرلىمە دېگەن يەردە چېرىكلەردىن بىرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. قايتىدىن قوماندانلىققا ئېرىشكەن چېرىكلەر نۇرغۇن ئەسكەرنى باشلاپ كېلىپ ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ، خەلق مەنسۇر باينى قاچۇرۇۋېتىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇل بىلەن يۇنۇس دېگەن ئادەمنى تۇتۇپ توققۇزتاراغا ئىلىپ كېتىدۇ. كىيىن سۇپتاي خەلقى پۇل بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شىڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ياخشىلانغانلىقتىن بولغان. 1944 -يىلى نىلقىدىن قوزغالغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى سۇپتاي خەلقى قىزغىن قوللاپ، راۋاجلىنىشى ۋە غەلىبە قىلىشىغا كۈچ چىقىرىپ، ئاجايىپ باتۇرلۇق جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، پارتىزانلارنىڭ قارسۇ ۋە مازارلارنى ئىلىشىغا بازا بولۇپ ياردەم بەرگەن. بۇ مەزگىلدە مەھمۇد ئەپەندى، ئاقمۇللا قاتارلىق كىشىلەر خەلقنى ئىنقىلابقا ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقاتلارنى ئىشلەپ، مەھمۇد ئەپەندى غۇلجىدىكى تەشكىلات بىلەن ئالاقە ئورناتقان. گومىنداڭ قوشۇنى سۇپتايغا بېسىپ كەلگەندە مەھمۇد ئەپەندى ئاشكارىلىنىپ قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۇنىڭ ئانىسىنى تۇتۇۋېلىپ، ئوغلىنى، بالىسىنى تېپىپ بېرىشكە قىستايدۇ ھەم كوچىلاردا سازايى قىلىدۇ. ئانىسىنىڭ ئازابلىنىشقا ۋە خارلىنىشقا چىدىمىغان بۇ قەيسەر ئوت يۈرەك ئابرال بۈركۈتى يوشۇرۇنغان يېرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن قۇلىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ھەرەم باغ ئازاد بولغاندا، سۇپتاي خەلقى ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپىدۇ. ئەكسىيەتچىلەر ئۇنى ياغ چىچىش، تامغا مىخلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈپ قۇدۇققا تاشلىۋەتكەنىدى، بۇ ئەرك سۆيەر مەرىپەتپەرۋەر ئوغلاننىڭ ئۆلمەس باتۇرانە روھى خەلق قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالغۇسى.

سۇپتايدا پەننى مائارىپنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى 1910- يىلدىن باشلانغان. غۇلجا تەرەپتىن چىققان نوغاي دامۇللا دېگەن كىشى (ئەسلى ئىسمى كەشپۇل ئەسرار) سۇپتايغا چىقىپ، شەخسنىڭ ئۆيدە بىر سىنىپ ئىچىپ بالىلارغا ھېساب، ئانا تىل، جۇغراپىيە، تارىخ، تەنتەربىيە قاتارلىق پەننى ۋە دىنىي دەرسلەرنى بىرلىكتە ئۆتكەن.1911- يىلغا بارغاندا جامائەتنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئىككى ئېغىزلىق سىنىپ ئىچىپ، پارتا، ئورۇندۇقلارنى تولۇقلاپ، ھەر يىلى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ،1920- يىلىغىچە 200ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلىگەن.1920-يىلى يۇرت ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ پىتنە ئىغۋا تارقىتىشى بىلەن تەنتەربىيە دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنى دالاغا ئاچىقىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ‹‹بالىلىرىمىزنى ھەربىيلىككە ئىلىپ كېتىدىغان بۆلىدى›› دېگەن گەپ تارقىلىپ، نۇغاي دامۇلىنى دەرس بېرىشتىن توختاتقان. بۇنىڭ بىلەن نۇغاي داموللام 1920- يىلى سۇپتاي يېزا بوربۇسۇن كەنتىدىكى مەجەن ھاجىنىڭ تەكلىپى بىلەن بوربۇسۇنغا بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتكەن. بۇ يەرگە قارسۇ، تاغ سۇپتاي، قاتارلىق جايلاردىن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئوقۇغان كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بوربۇسۇن كەنتىدىن چاپچال جاغىستايغا كېتىپ قالغان نۇغاي داموللام كېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇلىدا تۇنجى قېتىم ئوقۇغان قىياس خەلپەت دېگەن كىشى مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، بىشىر مۇللا، ئوسمان خەلپەت قاتارلىق كىشىلەر ئوقۇغۇچىلارغا پەننىي ۋە دىنىي دەرسلەرنى بېرىپ،1932-يىلىغىچە ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرغان. 1933- يىلى سۇپتايدا ساۋۇت شاڭيو، موستاپا. ئۇستا، مەسۇت ئەلىكبىشى، ئوبول، مەنسۇر، ھاجى بالا قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئاتا-ئانا كومىتېتى قۇرۇلۇپ، بۇ كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ مەكتەپتە 1-يىللىقتىن 4-يىللىققىچە سىنىپ ئىچىلىپ رەسمىي باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلغان.1934- يىلى ئارقا – ئارقىدىن سۇپتاي يېزىسىنىڭ تاغسۇپتاي، بوربۇسۇن قاتارلىق جايلىرىدا مەكتەپلەر قۇرۇلدى.1932-يىلدىن 1938-يىلغىچە مەخمۇت ئەپەندى بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولۇپ مەخمۇت ئەپەندى، ھاجى بالا، يۈسۈپئاخۇن، ھاجى ئەپەندى، سىدىق ئەپەندى قاتارلىقلار بەش نەپەر ئوقۇتقۇچى دەرس بېرىپ 270 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ چىققان. بۇ مەزگىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھېقىقنى، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرىنى ئاتا –ئانىلار كومىتېتى خەلقتىن ئۆشرە –زاكات يىغىش ئارقىلىق ھەل قىلغان.

1941- يىلغىچە تۇرسۇن ھاشىم مەكتەپ مۇدىرى بولغان.1910-يىلى 1938- نۇغاي داموللام سالغان ئىككى ئېغىزلىق سىنىپ، ئالتە ئېغىزلىق سىنىپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ مەكتەپكە 1941-يىلدىن 1974-يىلغىچە غۇلام ئەپەندى مەكتەپ مۇدىرى بولغان. ئىبراھىم ئەپەندى، تۇرغان ئەپەندى، باھار خانىم قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار دەرس بېرىپ 170ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ چىققان.1944-يىلدىن 1947-يىلغىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلدە قىياس خەلپەت مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ پەننىي دەرسلەر ئۆتۈلمەي پەقەت دىنىي دەرسلەر ئۆتۈلگەن.1947-يىلغا كەلگەندە 1-يىللىقىدىن 3-يىللىققىچە سىنىپ ئىچىپ،90نەپەر ئوقۇغۇچىنى يىغىپ دەرس باشلىغان. بۇ مەزگىلدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋە مەكتەپ خىراجەتلىرىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالغان.1955-يىلدىن باشلاپ بۇ مەكتەپ بەش يىللىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىنغان سىنىپ سانى بەشكە يەتكەن.1959-يىلدىن 1961-يىلغىچە سۇپتايدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇپ ئۇلاستاي، قارسۇ، سۇپتاي، مازار قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ جەمئىي 270نەپەر ئوقۇغۇچى تولۇقسىزدا ئوقۇغان.1961- يىلدىن 1974-يىلغىچە ئوسمانجان روزى مەكتەپ مۇدىرى بولغان. سىنىپ سانى 20گە يەتكەن.1975-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغان.1975-1982-يىلغىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقنى ئوسمانجان روزى ئۈستىگە ئالغان باشلانغۇچ مەكتەپ قىسمىغا مەھەممەت ھىتاخۇن مۇدىر بولغان.1982-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىسقارتىلغان.1982-1985-يىلىغىچە يولۇقىسىز مەكتەپكە ئوسمانجان مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئوقۇغۇچىسى 187نەپەرگە، ئىشچى –خىزمەتچىسى 23گە يەتكەن 1985-1988-يىلغىچە تولۇقسىز مەكتەپ قىسمىغا شەمشىبان زىكرۇللام مەكتەپ مۇدىرى بولغان. باشلانغۇچ مەكتەپ قىسمىغا 1982-1988-يىلغىچە ئابدۇشۈكۈر مەكتەپ مۇدىرى بولغان 14سىنىپ،420 نەپەر ئوقۇغۇچىسى،25نەپەر ئىشچى –خىزمەتچى ئىشلىگەن.1988-يىلى تۇلۇقسىز بىلەن باشلانغۇچ بىرلەشتۈرۈپ 9يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن.1988-1992-يىلغىچە شەمشىبان زىكرۇللام مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ،47نەپەر ئىشچى–خىزمەتچى،24سىنىپ ئوقۇغۇچىسى 650گە يەتكەن.1993-يىلدىن باشلاپ بارى مەخپىر مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ كەلمەكتە. دېمەك 1910-يىلى نۇغاي داموللام قۇرغان بىر ئېغىزلىق سىنىپتىن كېڭىيىپ 34سىنىپ 825نەپەر ئوقۇغۇچىسى،89نەپەر ئىشچى –خىزمەتچىسى بولغان ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان قارمىقىدا باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى بولغان ياتاقلاشقان مەركىزى مەكتەپكە ئايلاندى،2005- يىلى دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مىليون ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ مەبلەغ سېلىپ 1641كۋادرات مېتىرلىق ئۈچ قەۋەتلىك بىنا سىلىنىپ، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى سەپلىنىپ زامانغا لايىق زامانىۋى مەكتەپكە ئايلاندى.

دېمەك سۇپتاينىڭ بۈگۈنكى تۇپرىقىدا سانسىزلىغان باتۇرلار سادالىرى ياڭرىدى، ئۇلار مىنگەن تۇلپارلارنىڭ تۇياق ئىزلىرى قالدى. سۇپتاي ئىلىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى. شۇڭا سۇپتايمۇ ئىلىنڭ قەدىمىي يېزىلىرىنىڭ بىرى قاتاردا ئىلى تارىخىدا ئورۇن ئالغۇسى. ئاخىردا شۇنى ئېيتىپ قۇيۇشقا بولدىكى، سۇپتاي تارىخى تېخى ئېچىلمىغان بوز يەرگە ئوخشايدۇ. سۇپتاي ھەققىدىكى بۇ قاراشلار دېڭىزدىن تامچە ئۈزلۈكسىز ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.

نىلقاناھىيەلىك سۇپىتاي يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسى

مەنبە : كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * ماكان تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار