سوپاخۇن ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات

 (4-3-2-1)

«مەن كەچكەن كېچىكلەر» دىكى سوۋېت جاسۇسلىرى

نەبىجان تۇرسۇن  (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

سوپاخۇن ھەققىدە ستالىنغا  يوللانغان مەلۇمات

سوپاخۇن سوۋۇروف 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھەربىي ئىشلار تارىخىدا ئاددى بىر قوزغىلاڭچىدىن مەخسۇس ھەربىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئىزۋوت، روتا ۋە پولك كوماندىرىلىق دەرىجىسىگىچە بولغان 20 يىللىق ھەربىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، شۇنىڭدەك ئۆز قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، بىۋاسىتە قانلىق جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەربىي قوماندانلارنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ شەۋكەتلىك قىسىمى 1945- يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بىر روتا ئۇيغۇر ئەسكەرنى باشلاپ، ئىلى ھۆكۈمىتى تەرەپكە ئۆتۈشى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىكتۇر، بەلكى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ سەھىپىسى بولمىغان بولسا، سوپاخۇن سوۋۇروف دېگەن مەزكۇر جاراڭلىق ئىسىم تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالالمىغان ۋە خەلقنىڭ مۇنداق يۇقىرى سۆيگۈسى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولار ئىدى. سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ھاياتىنىڭ ئەنە شۇ جەڭگىۋار ۋە شەرەپلىك قىسىمى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق داھىيلارنىڭ، ئىۋان پالىنوف ۋە ئىسساقبەك مۇنونوف قاتارلىق باش قوماندانلارنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتى ھەم تەقدىرلىشىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى ئىلى ئىنقىلابىنى باشتىن ئاخىرى قوللىغان ۋە مەزكۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى كرېمىلنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلان ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ تەركىبى قىسىمىغا كىرگۈزگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبىرى يوسىف ستالىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ قۇلىقىغىمۇ يەتكەن ئىدى.
ئەلۋەتتە، ستالىننىڭ سوپاخۇن دېگەن ئىسىمدىن غۇلجىدىكى سوۋېت گېنېراللىرى ئارقىلىق خەۋەر تېپىشى تەبىئىي. مېنىڭ مۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان 2-دومنىڭ مەسئۇلى، گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ ئاقسۇ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوپاخۇن ھەققىدە موسكۋاغا بىۋاستە مەلۇمات يوللىغان بولۇپ، بۇ مەلۇمات « ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» دەپ ئاتالغان ستالىنغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئارخىپىدا ساقلانغان. ئەمما، سوپاخۇن سوۋۇروف ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەزكۇر مەلۇماتتىن بىخەۋەر بولۇپ، 2-دومنىڭ مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلىدىغان مەزكۇر ھەرىكەتلىرى ۋە مەخپىي تېلېگرامما- ھۆججەتلىرىدىن سوپاخۇن ئەمەس، ھەتتا جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلەرنىڭمۇ خەۋەر تېپىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
يېقىندا مەن سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان 496 بەتلىك «مەن كەچكەن كېچىكلەر » ناملىق ئەسلىمىسىنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئوقۇپ چىقتىم. مەن ئالدى بىلەن زور قىزىقىش ئىچىدە ئەسەرنىڭ كېيىنكى بەتلىرى، يەنى سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، غۇلجىغا كېلىشىدىن تارتىپ، ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت تەپسىلاتلارغا كۆز يۈگۈرتتىم . ئەپسۇسكى، ئەسلىمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈشكىچە بولغان جەريانلارغا بېغىشلانغان. بىراق، ئۇنىڭ 1945-يىلى، 6-ئايدىن 1949-يىلى 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەربىي ھاياتى، بولۇپمۇ كىشىلەر ئەڭ قىزىققان ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت تەپسىلاتلار يېتەرلىك تەپسىلىي يېزىلمىغان . بۇ ئەمەلىيەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى ئەڭ كۆپ قىسىمى بولۇپ، كۆپلىگەن تەپسىلاتلار يورۇتۇلماي ئۆتۈپ كېتىلگەن، بۇنىڭدىكى سەۋەب ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئەلۋەتتە، قاتتىق سېنزۇرا ئاستىدىكى بۇ ئەسەرنىڭ خۇددى سوپاخۇننىڭ ھاياتىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ مۇساپىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئاخىرى يورۇقلۇققا چىققانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە ئايان ھەم خۇشاللىنارلىق ۋەقە!.
مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ كۆپلىگەن تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم، بولۇپمۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلاپقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۇن پايدىلىنىش قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. نەتىجىدە مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسىرىدىكى قىسمەن نۇقتىلارنى ئىزاھلاش ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەزى خادىملىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلىتىش قارارىغا كەلدىم.

1. پېشقەدەم قومانداننىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئەسلىمىلەر

مەن ئەسلىمىنى ئوقۇۋېتىپ، سوپاخۇن ئاكا بىلەن 1996-يىلىنىڭ ئەتىياز ئېيىدا ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قىلغان سۆھبەتلىرىمنى ئەسلىدىم . ئۇزۇندىن بۇيان نامىنى كۆپ ئاڭلىغان، دىدارىنى بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان مەزكۇر زات مېنى ئۆز ئۆيىدە ئىللىق چىراي بىلەن قارشى ئالدى. سوپاخۇن ئاكىنىڭ دادام بىلەن يېقىن تونۇشلۇق ۋە كۆپ سۆھبەتداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. دادام ئۆزى بىر تارىخىي ۋەقەلەرگە قىزىققۇچى ھەم ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق تارىخى شەخسلەرنىڭ كۆپىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلار بىلەن ئۆتكەن ۋەقەلەر ھەققىدە پاراڭلىشاتتى ھەم يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىي ۋەقەلىرى ھەققىدە بىر قىسىم ماقالىلارنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدى.

سوپاخۇن ھەققىدە ستالىنغا  يوللانغان مەلۇمات

مېنىڭ موسكۋادا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ئوقۇۋاتقانلىقىم، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن پېشقەدەم زىيالىيلارنىڭ قىزىقىشىغا ئۇچرىغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1930-40-50-يىللىرىدىكى موسكۋانىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە جۇڭگو سىياسىتىنى ، جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەسىرلىرىنى ئەسلەتكەن ئىدى. چۈنكى، 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت ئېڭى ھەم سىياسىي تەقدىرىدىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
مەن، 1990-يىلى، سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى نورماللىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلىقىغا تاللىنىپ، مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ئىدىم. مۇنداقچە قىلىپ، ئېيتقاندا سابىق چار روسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە 1991-يىلىدىن كېيىنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى ھېسابلىنىپ، 150 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان مەزكۇر بىلىم دەرگاھىدا مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇر ئېلى ئۇيغۇرلىرى بولسۇن، ئۇلار ئارىسىدىن تۇنجى قېتىم مەزكۇر ئىنىستىتۇتتا تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ، ئۇنۋان ئالغان ئىدىم. مەن 1985-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۈرۈمچىدە كۆپلىگەن پېشقەدەم زىيالىيلار بىلەن سۆھبەتداش بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر، ھاجى ياقۇپ، ئىبرايىم مۇتىئى، ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەد ئىمىن، شەرىپىدىن ئۆمەر، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ جەريانلاردا مەنە يەنە باشقا ئونلىغان ئەينى ۋاقىتتىكى تونۇلغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى، دوتسېنت-پروفېسسورلىرى، ئەدىبلىرى ۋە زىيالىيلىرى بىلەنمۇ سۆھبەتداش بولدۇم ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن خىزمەتداش بولدۇم. بۇ جەرياندا مەن يەنە بىر قىسىم تارىخىي شاھىدلارنىڭ ۋەقەلىرىنى ئاڭلىدىم. بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن ئۈچۈن ئىككى شەخس، سوپاخۇن سوۋۇروف بىلەن سەيدۇللا سەيفۇللايوف ئەڭ ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىدى.
سوپاخۇن ئاكا دادامدىن مېنىڭ تەتىلگە قايتىپ كەلگەنلىكىمدىن خەۋەر تېپىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ئېيتىپتۇ. مەنمۇ ئالاھىدە خۇش بولۇپ، دادام بىلەن بىرگە سوپاخۇن ئاكىنىڭ ئۆيىگە باردىم. تەخمىنەن تۆت سائەت ئەتراپىدا سوزۇلغان سۆھبەتلەر جەريانىدا سوپاخۇن ئاكا بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى. مەنمۇ بەزى سوئاللارنى قويدۇم. سۆھبىتىمىزنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئىنقىلابقا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئارىلاشقانلىقى مەسىلىسى بولدى. سوپاخۇن ئاكا بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بەزى قاراشلىرىنى ۋە كۆرگەن پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەن ئۇنىڭغا، 1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىدا قازا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەكىللەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە سەيفىدىن ئەزىز بىلەن بېيجىڭغا بارغان ئالىمجان ھاكىمبايېفنىڭ مەن ئوقۇغان ئەشۇ ئىنىستىتۇتتا 1950-يىللاردىن تارتىپ، تاكى ۋاپات بولغان 1991-يىلىغىچە ئىشلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ ئىنىستىتۇتتىكى بىر قىسىم پېشقەدەم كىشىلەر سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كىشىلەر ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان ئالىمجان ھاكىمبايېف سوۋېت تەرەپنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن سەيفىدىنگە ھەمرا بولۇپ، بېيجىڭغا بارغان ھەمدە بارلىق سورۇنلاردا بىرگە بولغان ئىدى. ئۇ، 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، ئۆمۈر بويى موسكۋادا ئىشلىگەن . ئۇ، 1930-يىللاردىكى ۋە 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە ئاشكارا ۋە يېپىق شەكىلدە بىر قانچە ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى.
بۇ ئىنىستىتۇتتا يەنە ئابدۇراخمان كالىموف ئىسىملىك قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھىرىدە تۇغۇلغان بىر تۇڭگان ئالىمى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىدى. ئۇ 1944-يىلى، 12-ئايدا قىرغىزىستاندا تەشكىللەنگەن « باتۇر » ئەترىتىنىڭ تەركىبىدە سۈيدۈڭ ۋە كۈرەدىكى جەڭلەرگە قاتنىشىپ، كېيىن مەنسۇر لومىيوفنىڭ تۇڭگان پولكىنىڭ شىتاب باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەمدە جىڭدىكى جەڭلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن، 1946-يىلىنىڭ 6-ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېتىپ، كېيىن موسكۋادا ئوقۇپ، تۇڭگان تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئابدۇراخمان كالىموف ئۇيغۇر تىلىدا ياخشى سۆزلەيتتى، ئۇ تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگىچە ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىلىغا ئەۋەتىلىپ، گومىنداڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغان تارىخىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچقاچان ۋە ھېچكىمگە تىنماسلىق ھەققىدە تىل خەت ئالغان ئىكەن. كابىلوف بىر ئۆمۈر ئۆز سىرىنى ئاشكارىلىيالماي، قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن، ئۇنىڭغا « ۋەتەن ئۇچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن» دېگەن شەرەپلەرمۇ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىر ئېغىز ئۆيدە قىينىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. ئاخىرى ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب سىگە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىلغان خىزمىتىگە يېڭىدىن باھا بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ك گ ب ئاخىرى ئۇنىڭغا ۋەتەن ئۇرۇشى قاتناشقۇچىلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، چوڭراق ئۆي تەقسىم قىلىپ بەرگەن. بىراق، ئۇنىڭغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ يىمىرىلىپ، ئۆز سىرىنى ئاشكارا ئېيتالايدىغان بولسىمۇ، بىراق قېرىپ يېشى بىر يەرگە بارغان ئىدى. ئابدۇراخمان كالىموف بۇ ھېكايىلىرىنى ئۆز ئاغزىدىن ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئەمما، ئۇ ئالىمجان ھاكىميېفنى ياخشى كۆرمەيتتى ۋە ھاكىمبايېفنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن سۆككەن ئىدى. مەن سوپاخۇن ئاكىغا ئۆزۈم كۆرگەن بۇ زات ھەققىدە ۋە باشقا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇچراشقان پېشقەدەم مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپ قاتناشقۇچىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم. ھەقىقەتەن بۇ يىللاردا 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈزبەرگەن سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ كۆپلىگەن شاھىدلىرى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ھايات بار ئىدى. ئەپسۇس ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى ياش ۋە تەجرىبە كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ زاتلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ زىيارەت قىلىپ، كۆپلىگەن بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىكەنمەن، ھازىر بۇنىڭدىن كۆپ ئەپسۇسلىنىمەن. بىر تارىخچى ئۈچۈن پۈتۈن ۋەقەلەرنى كىتابتىنلا ئەمەس، تىرىك شاھىدلاردىنمۇ ئۆگىنىش تېخىمۇ مۇھىمدۇر.
بۇ 1996-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا يەنە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىڭ پېشقەدەم كادىرلىرىدىن بىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەن خىزمەت قىلغان يىللىرىدىكى سابىق مۇدىرى ھاكىم جاپپار ئاكىنىڭ باشلىشى بىلەن سەيدۇللا سەيفۇللايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇزۇن سۆھبەتلەردە بولغان ئىدىم. سەيفۇللايېف ئۆزىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قانداق قاتناشقانلىقى ۋە ئالمۇتا ئەتراپىدا فاتىخ باتۇر قاتارلىقلار بىلەن قانداق تەربىيىدىن ئۆتكەنلىكىگە ئائىت ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. كېيىن، ئۇ بۇ ۋەقەلەرنى ماقالە ۋە ئەسلىمە قىلىپ ئېلان قىلدى. سەيفۇللايەف بىلەن بولغان سۆھبەتتىمۇ ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە توختالغان ئىدى.
سەيفۇللايېف سۆزىدە مەندىن ئالىمجان ھاكىمبايېفنىڭ موسكۋادا ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى سورىدى، مەن ئۇنىڭغا ئالىمجان ھاكىمبايېف ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم. سەيفۇللايېف بۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدە ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغان، ئۆزبېك مىللىتىدىن كېلىپ چىققان، چۆچەكتىكى باي شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي خادىمى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلۇقىنى، بەلكى، ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىشىنى موسكۋا بەلگىلىگەنلىكىدە شەك يوق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. بۇ سورۇندا ھاكىمجاپپارمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئەلىخان تۆرە ھەققىدە تۇنجى قېتىم ماقالە يېزىپ، ئۇنىڭ تاشكەنتتىكى ھاياتى ۋە قانداق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ھاكىم جاپپارنىڭ بۇ ماقالىسى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەلىخان تۆرە ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىدا مۇھىم مەنبەلىك رول ئوينىدى ۋە ھازىرغىچە پايدىلىنماقتا. ئۇزۇن مەزگىل مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن بۇ زات ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى قاتارلىق تېمىلاردا ماقالىلار يازغان ئىدى.
سۆزىمىزگە كەلسەك ، سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئۆيىدە بولغان سۆھبەت جەريانىدا، مەن ئۇنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانىنى ئەسلىگىنىدە ناھايىتى غەزەپلەنگەنلىكى، ئاقسۇنى ئازاد قىلالماي پاجىئەلىك تۈردە ئاقسۇدىن چېكىنگەنلىكىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلانغانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئەۋەتكەن ھەربىي مەسلىھەتچى خادىملارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقلىرى ھەم بەزى رەھبىرىي شەخسلەرگە بولغان نارازىلىق پىكىرلىرىنىمۇ يوشۇرمىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرگە بولغان قارىشىنى سورۇغىنىمدا ئۇ بۇ ئىككى زاتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويغان ئىدى. شۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن مەزكۇر پېشقەدەم قومانداننىڭ ئۆزى قاتناشقان بۇ ئىنقىلابقا نىسبەتەن ئۆزىگە خاس بولغان، باشقىلاردىن پەرقلىق باھا بېرىش ئىدىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلغان ھەم يەنە ئۇنىڭ ئاغزىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى زاكىر ۋە ئىسكەندەر قاتارلىقلارغا بولغان ئاچچىقلىرىنى ئاڭلاپ، بۇ ئىسىملارنىڭ ئۇ كىشىنىڭ مېڭىسىگە چوڭقۇر ئورۇنلاشقانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدىم.
سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە مىرزىگۈل ناسىروف ھەققىدىمۇ پاراڭ بولدى. مەن بۇ كىشىنىڭ قازاقىستاننىڭ چىلەك رايونىدىكى بىر كولخوزنى باشقۇرۇپ، بوز يەر ئېچىش بويىچە 1950-60-يىللاردا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە داڭ چىقىرىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم لېنىن ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقى، ئۇنىڭ قازاقىستاندا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە زات ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم. بىراق، سوپاخۇن ئاكا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشى جەڭلەردە چېنىققان بۇ كوماندىرنى ئانچە ياقتۇرمايتتى. ئۇ، ئاقسۇدىن چېكىنىش جەريانىدا مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئۆز قوشۇنلىرى بىلەن سوپاخۇن قوشۇنلىرىغا ماسلاشمىغانلىقى ھەم يارىماسلىق قىلغانلىقىدىن ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئەمما ئۇ يەنىلا مىرزىگۈلنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى يوشۇرمىدى.
مەن ئەنە شۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن سوپاخۇن ئاكىنى كۆرمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ بەزى ئەسلىمىلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇدۇم. 2001-يىلى، ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى ھەقىقىي قوماندان سوپاخۇن سوۋۇروفغا بولغا ھۆرمىتىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردۈم. مەخسۇس ھەربىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ پولكوۋنىكى بولغان ھەم مىللىي ئارمىيىنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك كوماندىرلىرى ئارىسىدا ئەڭ ئۇزۇن مەزگىل ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن كەسپىي ھەربىي خادىم سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ 1950-يىلىدىن كېيىن ھېچقانداق چوڭ ھوقۇق تۇتمىغانلىقى، ۋە بۇرۇنلا كەسىپ ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلەن 1955-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورىلىق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولالمىغانلىقى ئاجايىپ بىر ئىش ! بىراق ئۇيغۇر خەلقى ئاللىقاچان ئۇنىڭغا گېنېرالدىنمۇ يۇقىرى ئۇنۋان بېرىپ بولغان ئىدى !

سوپاخۇن ھەققىدە ستالىنغا  يوللانغان مەلۇمات

 

2. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپتىكى تەسىرى

مەن مانا 16 يىلدىن كېيىن مەرھۇم سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمىسىنى ئوقۇۋېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوپاخۇن كوماندىرلىقىدىكى پارتىزان ئەترىتىگە ھەربىي مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىگەن زاكىر تۆرە ۋە ئىسكەندەر ئەپەندىلەر ھەققىدىكى بايانلارنى ئۇچراتتىم. ئەلۋەتتە بۇ، ئۇ سۆزلەپ بەرگەنگە قارىغاندا بىر قەدەر تەپسىلىيرەك ئىدى. ئەمما يەنە بەزى نازۇكراق نۇقتىلار كىرگۈزۈلمىگەن. مەن بۇ يەردە سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىدىكى باشقا تەپسىلاتلار ھەققىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، پەقەت زاكىر ۋە ئىسكەندەردىن ئىبارەت ئىككى ئەرباب ھەققىدىكى بايانلارغا قوشۇمچە قىلىش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىدىكى ھەربىي خادىملىرىنىڭ بەزى ۋەزىپىلىرىگە ئائىت ئۆزۈم ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى ئەسلىتىش ئارقىلىق «مەن كەچكەن كېچىكلەر» دىن ئورۇن ئالماي قالغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلەرگە ھاۋا قىلىشنى قارار قىلدىم.
بۇ، قوشۇمچەمگە « سوپاخۇن ھەققىدە ستالىنغان يوللانغان مەلۇمات» دەپ ئىسىم قويدۇم. مېنىڭچە، سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلابقا بولغان ئارىلىشىشى، سوۋېت ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى قاتارلىقلاردۇر. سوپاخۇن ئەسلىمىسىدە زاكىر، نوغايبايېف، ئىسكەندەر ۋە باشقا بىر قىسىم ئوفىتسېرلارنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىدىكى ئوفىتسېرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سوۋېتلىكلەر بولۇپ، ھەتتا خەت باسقۇچى ماشىنىستكىلارمۇ رۇس ئاياللىرى ئىدى. قوماندانلىق شىتابىدىكى سوۋېتلىك رۇس ئوفىتسېرى ئۇنىڭغا قانچە ياخشى تەسىرات قالدۇرمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلەر ۋە ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى سوۋېتلىكلەر بولۇپ، پەقەت باقىيېف ئىسىملىك سوۋېتلىك ئۇيغۇرلا بۇ يەردىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر ئىدى. ئۇ، شىتابتا تەرجىمانلىق قىلىۋاتاتتى[1].
قوماندانلىق شىتابتكىلەر سوپاخۇننى ئاقسۇغا بارىدىغان يوللارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تېكەستىكى ئاتلىق قىسىمنىڭ پولكوۋنىكى نوغايبايېفنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۇنى نوغايبايېفنىڭ يېنىغا ئىسكەندەر ئەپەندى باشلاپ بارىدۇ ھەمدە ئۇ يەردە زاكىر ، ئىسكەندەر، نوغايبايېف ۋە ئابدۇرەيىمجان ھەسەنوفلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاقسۇغا بېرىش يوللىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ[2]. تەكىتلەشكە تېگىشلىك نۇقتا شۇكى مەزكۇر سورۇندىكى تۆت ئادەمنىڭ ئۈچى، ئىسكەندەر، زاكىر ۋە نوغايبايېف سوۋېتلىكلەر بولۇپ، پەقەت ئابدۇرەيىمجان ھەسەنوفلا يەرلىك ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئەسلىدە يەتتە سۇلۇق ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، يەنى ئابدۇللا روزىباقىيېف سىياسىي كومىسسارلىقى، مۇزەپپەر يارۇللابېكوك كوماندىرلىقىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ تارانچىلار ( ئۇيغۇرلار) پولكىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە يەتتە سۇدىكى ئاق گۋاردىيىچىلەرگە قارشى جەڭلەرگە قاتنىشىپ، 1920-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىلىغا كۆچۈپ كەلگەن كىشى ئىدى. ئابدۇرېيىمجان ھەسەنوف، مىللىي ئارمىيىنىڭ سىياسىي ئىشلار بويىچە مۇناۋىن قوماندانى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا پولكوۋنىكلىك ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىدى.

سوپاخۇن ھەققىدە ستالىنغا  يوللانغان مەلۇمات

سوپاخۇن سوۋۇروف يەنە مىللىي ئارمىيە سېپىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى بارلىق ھەربىي كوماندىلار ۋە ھەربىي ئاتالغۇلارنىڭ رۇسچە ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرىشىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەسكەرلىرىگە ئۇيغۇرچە كوماندا بېرىپ، ئۇيغۇرچە جەڭ ناخشىشى ئېيتقاندا، رەھبەرلەرنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
سوپاخۇننىڭ مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىدا پۈتۈنلەي سوۋېتلىكلەر (رۇسلارنىڭ) نى كۆرگەنلىكى ھەمدە ھەربىي ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رۇسچە بولۇشىنىڭ مەلۇم ئاساسى بار بولۇپ، بۇ بىرىنچىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي قائىدە-تۈزۈمى بولسا، ئىككىنچىدىن، قوماندانلىق تەركىبىدە ئىلىغا يەرلەشكەن سابىق چاررۇسىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۈچىنچىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق تەركىبىنى كونترول قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. سوپاخۇن شىتابنىڭ ئەھۋالىنى « پۈتۈنلەي سوۋېتلىكلەر بولۇپ، بىرمۇ يەرلىك يوق ئىدى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
ھەقىقەتەن، 1945-يىلى،8-ئاپرىلدا مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئاپاراتى بېكىتىلگەن بولۇپ، رۇسلاردىن ئىۋان گېئورگىيېۋىچ پالېنوف گېنېرال مايور ئۇنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا، گېنېرال مايور ۋ. مازھاروف شىتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم بۆلۈملەرگە بەزى ئۇيغۇرلار قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىش بېجىرگۈچىلەر ئارىسىدا يەنىلا رۇسلار بولغان. پالېنوۋ، مازھاروۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سابىق چاررۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى بولۇپ، ئۇلار 1920-يىلىدىن كېيىن جۇڭگو تەۋەسىگە ئۆتكەن سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاق گۋاردىيىچىلەر قوشۇنىغا مەنسۇپ كىشىلەر شۇنىڭدەك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن كازاك رۇسلىرىدىن ھېسابلىناتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى 1930-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت رۇسىيىسى تەرەپكە ئۆتۈپ، سوۋېت رۇسىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھەمدە موسكۋانىڭ قوللىشى ۋە يۆلۈشى ئاستىدىكى شېڭ شىسەي قوماندانلىقىدىكى ئۆلكە قوشۇنىدا يۇقىرى ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىدى.
ئىلى ۋادىسىغا يەرلەشكەن رۇس جامائىتى 1944-يىلى 9-ئايدىكى نىلقا قوزغىلىڭى ۋە 7-نويابىردىكى غۇلجا قوزغىلاڭلىرىغا ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ھەربىي كۈرەشلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىسىنى قوشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، رۇسىيە گراجدانلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە مەخسۇس ھەربىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن، ھەربىي ئىشلاردا تەجرىبىگە ئىگە بىر قىسىم كونا كەسپىي ئوفىتسېرلار بار بولۇپ، مەزكۇر رۇس جامائىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بىلىم ساپاسى باشقا يەرلىك خەلقلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئىنقىلابتىكى پىداكارلىقى ۋە ھەربىي ئىشلاردىكى يۇقىرى ساپاسىنى نەزەرگە ئالغان جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بۇ رۇسلارنىڭ ھەربىي قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىش ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پېشقەدەم ئوفىتسېرلارنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن مىللىي ئارمىيىنىڭ تۆت نەپەر گېنېرالىنىڭ ئىككى نەپىرى رۇس بولۇپ، ئۇلار پالېنوۋ ۋە ماژاروۋ ئىدى. قاچاق رۇسلاردىن فاتىي لېسكىن، ۋاسىلىي موگۇتنوۋ، پاۋېل ماسكولىيېۋ،پېتىر ئالېكساندروف، گرېبىنكىن، ئانانىن، بېلىنوۋ قاتارلىقلارغا پولكوۋنىكلىك ئۇنۋانلىرى بېرىلدى. جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئىلگىرى -كېيىن رۇسلاردىن ئالېكساندروف، ماسكولىيېۋ ۋە پالېنوۋ قاتارلىق ئۈچ ئادەم ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى.
مىللىي ئارمىيىنىڭ 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىككى ئاتلىق برىگادا ۋە ئىككى پىيادىلەر برىگادىسىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن ھەمدە كىرمىگەن جەمىي 17 پولكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار تەركىبىنى تەكشۈرگەندە، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق پولكلارنىڭ پولك كوماندىرلىرى، شىتاب باشلىقلىرى ۋە سىياسىي كومىسسارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 50 تىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك كومادىرلارنىڭ ئىچىدە 20 گە يېقىن رۇس بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلىدىكى يەرلەشكەن رۇسلار بولسا، يەنە بەزىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلەر ئىدى[3].
مەزكۇر پولكلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلىرى تەركىبىدە تەخمىنەن 10 دىن ئارتۇق ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن قىرغىز، قازاق، ئۇيغۇر ، ئۆزبېك ، تاتار ۋە باشقىلار ئىدى. بولۇپمۇ، 1945-يىلى، 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىسساقبەك مۇنونوف كوماندىرلىقىدىكى جەنۇبىي يۆنىلىش قوماندانلىق شىتابى قۇرۇلغاندا مەزكۇر يۆنىلىشىڭ تەركىبىدە ئىككى برىگادا بولغان بولۇپ، سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ مەلۇماتىچە، 1-برىگادا ۋە ئىككىنچى برىگادانىڭ قوماندانلىق تەركىبى ۋە بۇ ئىككى برىگادا تەركىبىدىكى پولكلارنىڭ قوماندانلىق تەركىبىنى ئاساسەن دېگۈدەك سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن قىرغىز، ئۆزبېك،تاتار، ئۇيغۇر ۋە رۇسلار تەشكىل قىلغان. [4]
گەرچە، پالېنوۋ ۋە ماژاروۋ قاتارلىقلار ئۇيغۇر تىلىنى بىر قەدەر ياخشى بىلسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ پالېنوۋ ۋە ماژاروۋلار ئىمزا قويغان ئەمىر-پەرمانلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسىمى رۇس تىلىدا چىقىرىلغان ئىدى. بولۇپمۇ، 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تېخىمۇ شۇنداق بولدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قوماندانلىق شىتابىدا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا رۇس تىلىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلىشى تەبىئىي. بىراق، شىتابنىڭ باشقا يەنە ئارقا سەپ، سىياسىي ھەم باشقا بۆلۈملىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئېنىق ئىدى. سوپاخۇن زىيارەت قىلغان ئورۇن بەلكى شىتابنىڭ رەسمىي جەڭ ئوپېراتسىيىلىرىنى تۈزۈش ۋە قوماندانلىق قىلىشتىكى يادرولۇق ئورگىنى بولۇشى مۇمكىن. مۇنداق، ئورۇنلارنى سوۋېتلىكلەرنىڭ ئىگىلىشى تەبىئىي. ئەمما، 1946-يىلى، 7-ئايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلەر ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتاب تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىسساقبەك مۇنونوف باش قوماندانلىققا تەيىنلەندى. ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ باشلىقلىرى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەردىن تەركىپ تاپتى. شۇنىڭدىن تارتىپ، كوماندا بېرىش ۋە شىتابنىڭ ھۆججەتلىرى ھەم بۇيرۇقلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلدى. قازاقلار كۆپ پولكلاردا بولسا، قازاق تىلى ئىشلىتىلدى[5].
سوپاخۇن سوۋۇروف بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: 1946-يىلى، 11-ئايلاردا 11 بىتىم مۇناسىۋىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن كوماندىرى ۋە مەمۇرىي مەسلىھەتچىلەر بىر كېچىدىلا مەملىكىتىگە قايتتى. ھەممە خىزمەت يەرلىك ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىدارىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا قالدى[6].
سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن كوماندىرلار ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ كوماندىرلىق شىتابىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. پولك ۋە برىگادىلار ئىخچاملاندى. بولۇپمۇ، 11 بىتىم بويىچە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى 30 مىڭدىن ، 12مىڭغا، ئەسلىدىكى 17 پولك 3 پىيادە ۋە 3 ئاتلىق پولكقا قىسقارتىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر پولكلارنىڭ كوماندىرلىق ۋەزىپىلىرى يەرلىكلەر تەرىپىدىن ئاتقۇرۇلدى. كوماندىرلار شىتاتىنى ئاساسلىق يەرلىكلەر ئىگىلىدى. بىراق، مىللىي ئارمىيىنىڭ كادىر سىستېمىسى ۋە تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولغان بىلەن ئەمما ھەربىي ئاتالغۇ، ئىنتىزام-قائىدە ، ئۇنۋان ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر يەنىلا ئۆز پېتى بولۇپ، مىللىي ئارمىيە تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىدى. ئىزۋوتتىن تارتىپ پولكقىچە بولغان بارلىق ھەربىي تارماقلارغا پۈتۈنلەي يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، تاتار، تۇڭگان ۋە باشقا مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان كوماندىرلار كوماندىرلىق قىلدى. ئەلۋەتتە، بۇ يەرلىكلەر ئارىسىدا يەرلەشكەن رۇسلارمۇ بار ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى، 1943-يىلى ماي ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ يىغىنىدا قارار قىلىنغان[7]. قارار قوبۇل قىلىنغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ھەققىدە ئىككى خىل ۋاقىت ئۇچۇرى بار. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1945-1949-يىللاردا ئالتاي تەۋەسىدە ھەرىكەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى ئەمىربايېف سىياسىي بىيورونىڭ قارارىنىڭ 16-ماي ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ[8]. ئەمما، قازاقىستان تاشقى رازۋېتكا تارىخىغا ئائىت ھۆكۈمەت ھۆججەتلىك مەلۇماتى بولسا، سسسر كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1943-يىلى ، 4-ماي كۈنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە موڭغول قاتارلىق خەنزۇ ئەمەس مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە بارلىق ھەرقانداق ياردەملەرنى كۆرسىتىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ[9].
سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ ستالىن ، مولوتوۋ ، بېرىيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر يىغىندا شىنجاڭ مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىپ، شېڭ شىسەينى ئۆلكە ھاكىمىيىتىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى. بۇنىڭ ئۈچۈن «شىنجاڭدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىقىدىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ‘مىللىي قۇتۇلۇش گۇرۇپپىلىرى’ قۇرۇش، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا مۇنداق گۇرۇپپىلارنىڭ كوماندىرلىرى ھەم تەشۋىقاتچىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن مەخسۇس بىر قانچە مەكتەپ ئېچىش قارارى چىقىرىلدى » [10].
تارىخىي پاكىتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1943-يىلىنىڭ باشلىرىدا يوسىف ستالىن ئۆز ھاكىمىيىتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غايەت زور ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەتتا كادىر ياردەملىرىگە ئېرىشكەنلىكى ھەتتا بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغانلىقىغا قارىماي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرىگەن شېڭ شىسەينى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل مىللىي ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش قارارىغا كەلگەن ئىدى. ئۇ، بۇ يول ئارقىلىق بىر تەرەپتىن شېڭ شىسەيدىن ئىنتىقام ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆچ ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىدىيىۋى دۈشمەنلىككە ئىگە قۇدرەتلىك مەملىكەتلەرنىڭ ھەربىي-سىياسىي تەسىر كۈچىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا تېمى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قوشنا مەزكۇر رايونغا باشلاپ كىرىش تاكتىكىسىنى ئويناۋاتقان گومىنداڭ مىللەتچى گۇرۇپپىلىرىنىڭ دەككىسىنىمۇ بېرەلەيتتى. ستالىننىڭ مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەركىزىي كومىتېتتا ئالاھىدە بىر گۇرۇپپا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپىغا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارلىرى كېڭىشىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ھەمدە مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى رۇسىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى خەلق كومىسسارلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئالېكسېي كوسىگىن ، مەركزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسار لاۋرېنتى بېرىيا، سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى نىكولاي شىۋېرنىك ۋە كپممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مىخايىل سۇسلوۋ قاتارلىقلار كىردى[11].
سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ قارارى بويىچە س س س ر خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ باشلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لاۋرېنتى بېرىيا ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ بىر قاتار پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىشقا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا بولىدىغان ئىنقىلاب نىشانى بويىچە لايىھە تەييارلىغان ئىدى. ئۇنىڭ لايىھىسى نكۋدنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تۇپ نۇقتىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنى قوللاش ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ياردەم كۆرسىتىش، بۇنىڭ خۇلاسىسى« مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلسا،شىنجاڭدا جۇڭگودىن مۇستەقىل بولغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا دوست مۇسۇلمان دېموكراتىك دۆلىتى پەيدا بولىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى[12].
1943-يىلى، ماينىڭ ئاخىرىدا لاۋرېنتى بېرىيانىڭ رەھبەرلىكىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋ د-ن ك گ ب ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خەلق كومىسسارىياتى)سىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، بۇنىڭغا سوۋېت رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى ۋسېۋولود مېركۇلوۋ شۇنىڭدەك يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى قاتناشتى. مەزكۇر يىغىنغا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، چۆچەك، قەشقەر، ئالتاي ۋە موڭغۇليىنىڭ قوبدو قاتارلىق جايلىرىدا تۇرۇشلۇق رازۋېتكا خادىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. بۇ يىغىندا شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇ يەردە قوزغىلىدىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكىتىنىڭ كونكرېت ۋەزىپە ۋە پىلانلىرى مۇھاكىمە قىلىندى[31]. بېرىيانىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى مەزكۇر يىغىندا ن ك ۋد ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ) نىڭ رازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋە ن ك ۋ د قوشۇنلىرىنىڭ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئارقا سەپلىرىنى قوغداش باش باشقارمىسى مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ، خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى- خەلق دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى ( ن ك ۋد- ن ك گ ب) 4- بۆلۈمىنىڭ 1-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال لېيتېنانت ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچ لاڭفاڭ ھەمدە خەلق دۆلەت مۇداپىئە كومسسارىياتى رازۋېتكا باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى گېنېرال مايور بورىس كۇزنېتسوۋ بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان ھەرىكەت پىلانى قاراردىن ئۆتكۈزۈلدى[14].
ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجا، قەشقەر، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق شەھەرلەردىكى كونسۇلخانىلىرى مەخسۇس ئۆز تۇرۇشلۇق رايونلارنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، ھەربىي-سىياسىي ئەھۋالى، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە بولغان پوزىتسىيىسى ھەمدە ئىنقىلاب غەلىبىسىدىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئەھۋاللار ھەمدە يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەم كەيپىياتى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، موسكۋاغا دوكلات يوللىدى.
1934-يىلى، ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە، مىلىتارىست شېڭ شىسەينى قوللاپ، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق رەھبەرلەرنى شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش يولىغا باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى 1941-يىلى، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشى ھەم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن خەلقئارا ۋەزىيەت شارائىتىدا شېڭ شىسەينىڭ موسكۋادىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىنى بۇ ئۆلكىگە باشلاپ كىرىشتەك مۇرەككەپ مەسىلىگە دۇچ كەلدى. شېڭ شىسەي 1942-يىلىدىن كېيىن، چۇڭچىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىگە ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى تازىلاشقا ۋە سىقىپ چىقىرىشقا كىرىشتى. ستالىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار كومىسسارى ۋىلادىمىر دېكانازوف قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەيگە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق شېڭ قەتئىي تۈردە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش سىياسىتى قوللىنىپ، بارلىق مۇتەخەسىسلەر ۋە خادىملارنى قوغلاپ چىقاردى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ۋە مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد ئالاقىلىرىنى ئۇزدى ھەتتا قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق سوۋېت نكۋد سىنىڭ 8-پولكىنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەكسىچە، ھېچقاچان بۇ يەرگە كېلىشكە پېتىنالمىغان گومىنداڭ قوشۇنلىرى ۋە پارتىيە ھەم ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى بۇ ئۆلكىگە كىرىپ ئورۇنلىشىشقا باشلىدى. بۇنى ئاز دەپ جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشىغا يول قويدى.
يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، گىتلېر گېرمانىيىسى 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، يادرو قورالى ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشكەن. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەمۇ ئاتوم بومبىسى ياساشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا « مەنخانتىن » پىلانىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گېرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا بۇرۇن ئىگە بولۇشىدىن ناھايىتى ئەنسىرىگەن بولۇپ، ئەگەر گىتلېر بۇ بومبىغا ئالدىن ئىگە بولسا، دۇنيا ۋەزىيىتى تامامەن باشقىچە بولاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى 1940-يىلىدىن ئېتىبارەن، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يادرو پىلانىدىن خەۋەر تېپىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ بومبىنى ياساپ چىقىشىنى ئويلاشقان، 1941-يىلى، گىتلېر گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي بىيورو سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم پىلانىنى باشلاشنى قارار قىلدى.
1943-يىلى، 11-فېۋرالدا، يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرى يالتا يىغىنىنىڭ خۇلاسىسىنى چىقىرىپ، كېلىشىمگە ئىمزا قويغان كۈنى يوسىف ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ۋ. م. مولوتوۋنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاتوم بومبىسى ياساش پروگراممىسىنى تەستىقلىدى.لاۋرېنتى بېرىيا بولسا، ئۇران كانلىرىنى تېپىش ۋە ئۇرانغا ئىگە بولۇش ھەمدە ئاتوم بومبىسى پىلاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق كونكرېت ئىشلارغا مەسئۇل بولدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى 1940-يىلىدىن ئېتىبارەن شېڭ شىسەي بىلەن 50 يىللىق مۆھلەت بىلەن قەلەي كانلىرىنى ئېچىش ھەققىدە مەخپىي كېلىشىم تۇزۇپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا دېگۈدەك يەر ئاستى بايلىقلىرنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن ھەمدە بەزى جايلاردا كان بايلىقلىرىنى قېزىشقا كىرىشكەن ئىدى. 1943-يىلىغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە ئۇران زاپاسلىرىنى تاپالمىغان بولۇپ، بەزى رۇس تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە ، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇران كان زاپاسلىرىنى تاپقان. دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياسىشىدىكى بىردىن-بىر خام ئەشيا -ئۇران پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇ موسكۋانىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانى ئۈچۈن زور ئۈمىد تۇغدۇرغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت شارائىتىدا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ موسكۋانىڭ مەخپىي ئاتوم بومبىسى پىلانىغا پۇتلىكاشاڭ قىلدى. ئەلۋەتتە، شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا ئۇران كانلىرىنى تاپقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئاتوم بومبىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەنبە ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بىيوروسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاز ساندىكى بىخەتەرلىك رەھبەرلىرى ھەمدە ئاتوم ئالىملىرىلا بىلەتتى خالاس. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ نامدا شىنجاڭدا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈردۇق، نېفىت، ئالتۇن، قەلەي ۋە باشقا بايلىقلارنى ئىزدىدۇق دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاساسلىق نىشان ئۇران مەنبەسى ئىزدەش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئەنە شۇ بىر قاتار ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنى نەزەرگە ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزىنىڭ 1933-1934-يىللىرىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىماسلىق سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ قېتىم ئۇنى قوللاشنى قارار قىلدى. ستالىن شېڭ شىسەينىڭ يۈزسىزلىكى ۋە ئالدامچىلىقىنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن سىياسىي بىيورنىڭ قارارىدا «شېڭ شىسەي تۇزكور ۋە يۈزسىز ئادەم. سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئۇزۇن يىللار كۆپ ياردەملەرنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇلارنىڭ قەدرىنى قىلمايلا قالماستىن، بەلكى مۇھىمى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېغىر زىيان سېلىش قەدىمىنى باستى. بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، شېڭ شىسەينى ئۆلكىنىڭ ھاكىمىيىتىدىن قالدۇرىدىغان زۆرۈر چارىلارنى قوللىنىش لازىم» دېيىلگەن ئىدى[15].
لاۋرېنتى بېرىيا باشچىلىقىدا ئېچىلغان ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىسسارىياتىنىڭ يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي ئالاھىدە ھەرىكەت پىلانى قوبۇل قىلىنغان. يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى (ن ك ۋ د) پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ بىلەن ن ك ۋ د 4-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال لېيتېنانت ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچ لاڭفاڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ شىتابى ئالمۇتا شەھىرى ۋە چېگرا پونكىتى قورغاسقا جايلاشتى[16]. ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ 1944-يىلى، 5-ئايدا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى (ن ك ۋ د)نىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.
رۇسىيە دۆلەت ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتقان « لاۋرېنتى بېرىيانىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» دىكى ھۆججەتتە بۇلاردىن باشقا يەنە مەزكۇر ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى يەنە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان تېررىتورىيىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىمۇ ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى، 1946-يىلى مارت ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ جايدىكى ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىغا پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى رالنىكوۋ تەيىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان[17] . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ پولكوۋنىكى، 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئالتايدا ھەرىكەت قىلغان ئەمىن ئەمىربايېفنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ئىلى ۋادىسىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىنىڭ كونكرېت خىزمىتىگە لاۋرېنتى بېرىيا نكۋد نىڭ تاشقى رازۋېتكا ئورگىنىنىڭ باشلىقى گېنېرال پاۋېل فىتىننى مەسئۇل قىلدى. پاۋېل مىخايلوۋىچ فىتىن 1939-يىلىدىن تارتىپ، 1946-يىلى، 6-ئايغىچە نكۋد نىڭ سىياسىي ۋە تاشقى رازۋېتكىسىنىڭ بېشىدا تۇرغان بولۇپ، بۇ ئورگان نكۋدنىڭ 1-باشقارمىسى دەپ ئاتالغان. 1946-يىلى، 9-ئايدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى نكۋد دىن ئايرىلىپ، س س س ر دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى بولغاندا ئۇ بۇ مىنىستىرلىكنىڭ گېرمانىيىدىكى ۋەكىلى بولغان ئىدى[18]. فىتىن موسكۋادا س س س رنىڭ مەخسۇس خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە جۇڭگو ئىشلىرى بويىچە مەخسۇس مەسئۇللىرى ۋە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ھەم قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىسسارىياتىنىڭ رەھبەرلىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تەۋەلىرىدە ئورۇنلىشىپ قالغان شىنجاڭلىقلاردىن ھەربىي ئەترەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى پارتىزانلىق ئۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆگىتىش ۋەزىپىسى تاپشۇرغان[19].
سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى (ن ك ۋ د) ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى ( ن ك گ ب) بىۋاسىتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىي-سىياسىي پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئارىلاشقاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتلىرىغا كونكرېت ۋەزىپىلەر يۈكلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەزكۇر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارلىرىمۇ بۇ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا قاتناشتى. مەسىلەن ، ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ 1- سېكرېتارى ئوسمان يۈسۇپوف ئىلى ئىنقىلابىغا سىياسىي-ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا تەييارلىقتىن ئۆتۈپ، ئىلىغا ياردەمگە ئەۋەتىلگەن پىدائىيلار ۋە كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قوبۇل قىلىپ،ئۇلارنى ئۆزى بىۋاسىتە يولغا سالغان ئىدى. مەسىلەن، 1944-يىلى پالىنوۋ باشچىلىقىدا تاشكەنتتە تەربىيىدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۇرۇپپىنى ھەمدە 1947-يىلى ئەۋەتىلگەن خېلەم خۇدابەردى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 13 كىشىلىك مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىمۇ ئوسمان يۇسۈپوف ئۆزى قوبۇل قىلىپ ئۇزاتقان ئىدى. ئۇنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۇشى بىلەن تاشكەنتتە « شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنىپ ، مەخپىي يوسۇندا ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە 1947-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو پروگراممىسى ئاڭلىتىش باشلانغان[20].
ئۆزبېكىستان مىنىستىرلار كېڭىشى موسكۋادىن 1946-يىللىق دۆلەت خامچوتىنى تەلەپ قىلغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان خامچوتنىمۇ قوشۇپ تەلەپ قىلغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بىيورىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ 1- رازۋېتكا بۆلۈمى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، « سوۋېت ئىتتىپاقى مۇسۇلمانلىرى مەركىزىي دىنىي باشقارمىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خىتابنامىسى» دەپ ئاتالغان چاقىرىقنى 5000 نۇسخا كۆپەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزگەن.1943-1945-يىللىرى ئارىسىدا ئالتايدىكى مىللىي گۈللىنىش ۋە ئالتاي قوزغىلاڭچىلىرى نامىدىن 16 تۈرلۈك پۈتۈن ئۆلكە خەلقىغە چىقارغان تەۋشىۋات ۋاراقچىسى تەييارلىغان ھەمدە « قازاق ئېلى» ژۇرنىلى، « شەرق ھەقىقىتى» ۋە باشقىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈپ، خەلقنى ئويغىتىشتا رول ئوينىغان[21]. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالمۇتىدا قازاقىستاننىڭ يەرلىك كوممۇنىستلىرىدىن مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلىدىغان مەخسۇس خادىملارنى تەربىيىلەش مەكتىپى قۇردى. 1943-يىلى، سېنتەبىردە بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 28 كۇرسانت- رازۋېتچىك ( جاسۇس) سوۋېت ۋە موڭغۇلىيە چېگرىسىدىن مەخپىي ئۆتۈپ، شىنجاڭغا ئۆتۈپ، « سوۋسىننتورگ» ( سوۋېت-شىنجاڭ سودا شىركىتى) نىڭ خادىملىرى دېگەن نامدا يەرلىك ئاھالىلارنى تەشكىللەش ۋە مىللىي گۈللىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى[22].
مەسىلەن، بۇ مەكتەپنىڭ كۇرسانتى ئارىسپېك زائۇربېكوۋ 1944-يىلى، ئىيۇن ئايلىرىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە موڭغۇللاردىن 250 كىشىلىك قوزغىلاڭچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئالمۇتا ئەتراپىدا تەييارلىقتىن ئۆتكەن مەزكۇر مەخسۇس مەكتەپنىڭ ئىككىنچى گۇرۇپپا كۇرسانتلىرى فاتىخ مۇسلىموۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1944-يىلى، ئاۋغۇست ئېيىدا ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىگە قوزغىلاڭچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.
قىرغىزىستان تارىخچىسى ۋە ئىسساقبەگنىڭ ئەۋلادى ئابدۇۋاھاپ مونىيېفنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىسساقبەك مۇنونوف 1943-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ساق-سالامەت قېچىپ بارغاندىن كېيىن، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنى قوبۇل قىلغان. بولۇپمۇ قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كوم پارتىيىسى، دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئىسساقبەكنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئابدۇۋاھاپ ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ موسكۋاغا بارغانلىقى ھەمدە ستالىن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىمۇ قەيت قىلىدۇ[23].
مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بۇ كونكرېت پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى يەنىلا موسكۋادىكى مەركىزىي ئورگان بەلگىلىگەن ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمەلىي رەھبەرلىك ۋە بىۋاسىتە پائالىيەت دائىرىسىگە كىرگەن بولۇپ، ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەسئۇلى ھېسابلانغان ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋنىڭ قاچان غۇلجىغا كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ھۆججەتلىك مەلۇمات يوق، ئەمما ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى، مىللىي ئارمىيە مايورى ئاسىلخان تۆرە ئۆز ئەسلىمىسىدە گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچنىڭ 1944-يىلى، 9-دېكابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە، ئەلىخان تۆرە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[24]. ئۇ قەيت قىلغان ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ دەل ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋتۇر. ئەمما، ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ، مەسىلەن پېتىر رومانوۋىچ ئالېكساندروۋنىڭ 1944- يىلى، 7-نويابىر كۈنى تاڭ سەھەردە ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن غۇلجىغا كېلىپ، غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئازغىنا كەم ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ، ئىۋان پالېنوۋ قاتارلىقلارنىڭ غۇلجىغا كەلگەنلىكى، ئىۋان پالېنوۋ بىلەن كەلگەنلەر قاتارىدا ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ، يەنى ئىسكەندەر ئەپەندىنىڭ بىرگە كەلگەنلىكى مەلۇم.
ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ، يەنى، ئىسكەندەر ئەپەندى بىر مەزگىل پالېنوۋقا مەسلىھەتچى سۈپىتىدە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان. ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ چىلپەنزە (قورغاس) ئازاد قىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان يول ئېچىلغان ھەمدە قوزغىلاڭچىلار سۈيدۈڭنى قورشاۋغا ئالغان، ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى قاتمۇ-قات قورشاۋغا ئېلىنغان، تەلكىدىكى فاتىي لېسكىن كوماندىرلىقىدىكى پارتىزانلار بولسا، زاپاس 7-دىۋىزىيە كوماندىرى لى يۈشاڭ قوماندانلىقىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ كەڭساي ئارقىلىق غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىش ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلىپ، كەڭساي ئېغىزىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ ۋە گېنېرال ئائېكساندر ئىۋانوۋىچ لاڭفاڭ غۇلجىغا كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە غۇلجىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، رۇسىيە تارىخشۇناسى ئا.بارمىن « گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دە تۇرۇشلۇق باش ھەربىي مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى» دەپ يازىدۇ[25]. ئېگناروۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى غۇلجا شەھىرىنىڭ نوۋېيگورد مەھەللىسىدىكى چوڭ بىر قوروغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەتتە 2-دوم دەپ ئاتىلاتتى. گېنېرال ئېگناروۋ ئەنە شۇ جاينى ئىشخانا قىلىپ، بىۋاسىتە موسكۋا بىلەن ئالاقە قىلاتتى، ئۇ جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزەتكەن ھەم نازارەت قىلغاندىن سىرت يەنە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن كۈندىلىك ئالاقىلاردا بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ھەپتىدە دېگۈدەك موسكۋادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە رەھبەرلىككە ئەھۋال يوللاپ تۇرغان[26].
ئېگناروۋ غۇلجىغا كەلگەندىن كېيىن فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ ئاتىغان بولۇپ، ئېگناروفنى كوزلوۋقا ئۆزگەرتكەن. ئەمما، ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئىسمىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان مىللىي ئىنقىلاب شاھىدلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ كوزلوۋ دەپ بىلگەن ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بولغان ئېگناروۋنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچ لاڭفاڭنىڭ غۇلجىدا قانداق ئىسىم-فامىلە قوللانغانلىقى نامەلۇم. بىراق جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ۋە مىللىي ئارمىيە مايورى ئاسىلخان تۆرە سوۋېت گېنېرال نىكولاي ئارخىپوۋىچ دېگەن بىر ئىسىمنى ئىشلىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە جۇڭگودا چىققان كىتابلاردا بولسا، كۇزنېتسوۋ فامىلىلىك بىر گېنېرال تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئەشۇ گېنېرال لاڭفاڭ شۇمۇ ، ئەمما ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىغا ئەۋەتكەن رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىسىم-فامىلىسىنى يوشۇرغان ئىدى. كېسىپ ئېيىشقا بولىدۇكى، جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ۋە تارىخىغا ئائىت كىتابلاردا قەيت قىلىنغان 2-دومنىڭ مەسئۇلى كوزلوۋ دەل ئەشۇ ئېگناروۋتۇر.
جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبرايىمىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ گېنېراللىرى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، تەخمىنەن بىرەر ئاي ئىچىدە غۇلجىغا كەلگەن بولۇپ، باشتا پالېنوۋ بالدۇرراق كەلگەن ئىدى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ باشتا ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئانچە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ باشچىلىقىدا 40-50 ئادەمنى ئازغىنا قورال-ياراقلار بىلەن ئەۋەتكەن. بۇ چاغدا غۇلجىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن ئاجىز ئىدى. ئەمما، سوۋېت تەرەپ غەنى باتۇر ۋە فاتىخ باتۇر باشچىلىقىدىكى نىلقا قوزغىلاڭچىلىرى يېتىپ كېلىپ، دۈشمەنگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملار باشلاپ، 12-نويابىغىچە بولغان ئارىلىقتا غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئازاد قىلىنغان ۋە پۈتۈن خەلق قوزغىلىپ، تېز ئارىدا ئەتراپتىكى بىر قانچە ناھىيىلەر ئازاد قىلىنىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەرەمباغ، سۈيدۈڭ ۋە كۈرەلەرگە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ ئىنقىلابنىڭ غەلىبە قىلالىشىغا ئىشەنچ قىلىپ، دەرھال ياردەم بېرىشكە كىرىشكەن.
ئەلىخان تۆرە 13- نويابىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلى داباشىن بىلەن كۆرۈشۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما موسكۋانىڭ گېنېراللىرى ۋە ياردەملىرى تېزدىن كەلمىگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، قوزغىلاڭچىلار جەڭلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2500 دىن ئارتۇق قوراللىق كۈچكە ئىگە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭغا قاپسىۋالغان ئىدى. بۇ جايلارغا 8000 دىن ئارتۇق ئادەم جايلاشقان ئىدى. قورال-ياراق جەھەتتە دۈشمەن پارتىزانلاردىن ئۈستۈن ھېسابلىناتتى.
بۇ ۋاقىتلاردا قوزغىلاڭچىلار قورال-ياراق جەھەتتىن قىينالغان بولۇپ، ھەرەمباغدىكى دۈشمەننى يوقىتىش ۋە باشقا جايلارنى ئازاد قىلىش ھەمدە ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان گومىنداڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن قورال-ياراق ۋە ئوق -دورىلارغا بولغان مۇھتاجلىق ناھايىتى زور ئىدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا جۇ شاۋجياڭ بەش يول بىلەن غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزگەن ھەمدە بۇ ھەرىكەتكە يېڭى 45-دىۋىزىيىنىڭ بىر قىسىمى ۋە زاپاس 7-دىۋىزىيىنى تولۇقى بىلەن ئاجراتقان ئىدى. ئەگەر ھەرەمباغدىكى دۈشمەن كۈچلىرى ۋە سىرتتىن كېلىدىغان كۈچلەر بىرلىشىۋالسا، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەت شارائىتىدا، 24-نويابىر كۈنى ئەلىخان تۆرە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ھەربىي قورال-ياراق ياردىمى بېرىش ۋە ياكى مالغا ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بېرىيا ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بېرىياتىنىڭ ستالىنغان يوللىغا دوكلاتىدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەلىپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: « سوۋېت كونسۇلخانىسىغا قىلغان مۇراجىتىدە ئۇلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەتنى تۇتۇش ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇراجەتنامىگە ئەلىخان تۆرە ۋە كومىتېتنىڭ 13 ئادىمى ئىمزا قويغان» [27]. موسكۋا ئەنە شۇ تەلەپتىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچنى غۇلجىغا ئەۋەتىپ، مەخسۇس ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا ئەلىخان تۆرە باشلىق ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىسى سوۋېت كونسۇلى دۇباشىن ۋە ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنلا بولغان ئىدى. سابىق مىللىي ئاممىيە پولكوۋنىكلىرىدىن ئايتوغان يۇنۇچى ۋە ئەسىھەت تېيىپوفلارنىڭ ئەسلىشىچە، گېنېرال ئېگناروف غۇلجىغا كېلىپ بىر ھەپتىلەردىن كېيىن زور ساندىكى قورال-ياراقلار غۇلجىغا يەتكۈزۈلگەن[28].
ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبرايىمىنىڭ ئەسلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى گېنېراللىرى كەلگەندىن كېيىن بارلىق ھەربىي ئىشلار ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گېنېراللار كەلگەندىن كېيىن، ھەربىي ئىشلارنى بىز قىلايلى دەپ بارلىق ھەربىي ئىشلارنى ئۇلار ئۆز قوللىرىغا ئالغان، ئەمما دۆلەت باشقۇرۇش، سىياسىي ۋە باشقا ئىشلارغا ئۇلار كۆپ ئارىلىشىۋالمىغان[29]. لېكىن، ئېگناروۋنىڭ كېلىشىدىن كېيىن، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەرگىمۇ مەسلىھەتچىلەرنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەلىخان تۆرىگە مۇھسىن ئابدۇللىن ئىسىملىك ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەنگەن. مائارىپ، مالىيە، سەھىيە، ئالىي سوت، دىنىي ۋە باشقا مىنىستىرلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە سوۋېتلىك مەسلىھەتچىلەر ئورۇنلاشقان بولۇپ، بەزى پەرەزلەردە سىياسىي، مەمۇرىي مەسلىھەتچىلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى 2- ۋە 1-دوم دەپ ئاتالغان ئورۇنلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بويسۇنغانلىقى ئېيتىلىدۇ. چۈنكى، بۇ مەسلىھەتچىلەرنى موسكۋا بىۋاسىتە باشقۇرماي، ئەكسىچە موسكۋانىڭ غۇلجىدىكى باش ۋەكىلى، يەنى باش مەسلىھەتچىسى باشقۇرۇشى مۇمكىن ئىدى.

3. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىغا ئەۋەتكەن دەسلەپكى بەش قوراللىق ئەترىتى

تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، سوۋېت ئىتتىپاق تەرەپ گېنېرال ئېگناروۋ كەلگەندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارغا قورال-ياراق ياردىمى كۆرسىتىشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تېزدىن كۆپ ساندا ئەسكىرى كۈچ ئەۋەتمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، 1945-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلىغا ئەۋەتكەن قوراللىق ئەترەت بەش ۋە ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ 600 ئەتراپىدائىكەنلىكى رەسمىي سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى ۋسېۋولود مېركۇلوۋنىڭ 1945-يىلىنىڭ بېشىدا ستالىن ۋە تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ۋىچېسلاۋ مولوتوۋقا يوللىغان دوكلاتىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن ئىدى: ” يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن گېنېرال ئېگناروۋنىڭ باشچىلىقىدا كېرەكلىك ئالاقە ئەسلىھەلىرى ۋە پارتلىتىش مۇتەخەسسىسلىرى ئەۋەتىلدى. ئىلگىرى تەربىيىلەشتىن ئۆتكەن، ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئاھالىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان، سانى 590 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان بەش ئاتلىق ئەترەت قوزغىلاڭ پارتلىغان رايونلارغا تاشلاندى”[30].
بېرىيا تىلغا ئالغان مەزكۇر بەش قوراللىق ئەترەتنىڭ بەزىلىرى ھەققىدە ھازىرچە دەسلەپكى مەلۇماتلار مەۋجۇت. بەلكى، ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقانلىرى ئارىسىدا نىلقا قوزغىلىڭى ئۈچۈن ئالمۇتىنىڭ يېنىدا تەييارلىقتىن ئۆتكەن فاتىخ مۇسلىموف باشلىق ئون نەچچە كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئەترەتمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا سەيدۇللا سەيفۇللايېفمۇ بار ئىدى .بىراق، ئۇ يارىلىنىپ قېلىش سەۋەبى تۈپەيلىدىن فاتىخ قاتارلىقلار بىلەن بىرگە نىلقا تاغلىرىغا كەلمىگەن ئىدى(31).
بېرىيا تىلغا ئالغان بۇبەش ئەترەتنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئەترەتلەرگە قاتناشقانلارنىڭ ئەسلىمىلىرى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپلىرى ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتىم. بەلكى بۇ يەنىلا ئارخىپلارنى داۋاملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ئىشەنچىلىك دەلىللىنىشى ۋە تولۇقلىنىشى مۇمكىن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئەترەتنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەك. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ 1944-يىلى، 26-دېكابىردا قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق ئاتا رايونىدا تەربىيىدىن ئۆتكەن دۈيشەنوغايبايېف، پېتىر ساۋىن ( زاكىر تۆرە) ۋە قۇتان توگويېف قاتارلىقلارنىڭ كوماندىرلىقىدىكى 67 كىشىلىك ” باتۇر” ئەترىتىنى ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئوش ئەتراپىدا تەربىيىدىن ئۆتكەن ئىسساقبەك مۇنونوف، گابىت مۇزىپوۋ ( غۇلجىدىكى ئىسمى ئەلى مەمەتوف ۋە ياكى ئەلى ئەپەندى) ۋە راززاق مەۋلانوف قاتارلىقلارنىڭ كوماندىرلىقىدىكى 100 كىشىلىك ” بۇيگۇ” ناملىق ئەترەتنى قورغاس ئارقىلىق ئىلىغا ئەۋەتتى[32]. باتۇر ئەترىتى سۈيدۈڭ ۋە كۈرەنى ئېلىشقا قاتنىشىپ، 31- دېكابىر كۈنىدە لوسىگوڭغا ئورۇنلاشتى ھەمدە غۇلجا ئەتراپىدا جىڭدىن كېلىۋاتقان دۈشمەن قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلدى. بۇ چاغدا ” باتۇر” ئەترىتى يەرلىك ئۇيغۇر ۋە قازاق قوزغىلاڭچىلار ھېسابىغا كۆپەيتىلىپ، بىردىۋىزيونغا ئايلانغان ئىدى.
“بۇيگۇ” ئەترىتى بولسا ھەرەمباغ سوقۇشىغا قاتناشتى ھەمدە 1945-يىلى، 17-يانۋاردىن باشلاپ، بىر ئاتلىق پولكقا كېڭىيىپ، ئىسساقبەك مۇنونوفنىڭ كوماندىرلىقىدا گېنېرال شې يىفېڭ قوماندانلىقىدىكى ئاچال داۋىنى ئارقىلىق غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى مازار ۋە چاپقان يوتا قاتارلىق جايلاردا تارمار قىلدى.
ئىشەنچىلىك ئېيتىشقا بولىدۇكى، 1945-يىلىنىڭ 3-ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئەۋەتكەن ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئادەم سانى تەخمىنەن 600 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەسلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلەر ئىدى. بۇ 5 ئەترەتنى ھەرگىزمۇ مۇنتىزىم سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى دېيىشكە بولمايتتى. بىراق، جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان << ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى>> ۋە << ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى>>ھەم باشقا ئەسەرلەردە ھەم ماقالىلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخسۇس قىزىل ئارمىيە قوشۇنى ئەۋەتىپ، پارتىزانلارنىڭ ئۇرۇشلىرىغا قاتناشتۇرغانلىقى كۆپتۈرىۋېتىلگەن شۇنىڭدەك بۇبايانلار ئۈچۈن ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمىگەن. بۇنىڭدىكى مەقسەد قوزغىلاڭچىلارنىڭ رولىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاجىز كۆرسىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقى بولمىغان بولسا، ئىنقىلاب باشتىلا غەلىبە قىلالمايتتى ۋە ياكى ھەممە ئىش سوۋېتنىڭ قولى بىلەن بولغان دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك. مۇنداق ئىدىيە ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلابنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرى تەرىپىدىنمۇ كۆپتۈرۈلگەن ھەمدەگومىنداڭ ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىدا ۋەقە چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلدى، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى شىنجاڭغا كىرگۈزدى، دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى يۈرگۈزگەن ئىدى.
ئەمما ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىنقىلابقا باشتىن -ئاخىرى ئارىلاشقانلىقى ۋە ياردەملەرنى بەرگەنلىكى ئەمەلىيەت،لېكىن خەلقنىڭ ئەسلىدىن ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باشلىغانلىقى، خەلق ئىچىدە جىددىي قارشىلىق ئىدىيىلىرى ھەم ھەرىكەتلىرى داۋاملاشقانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بولسا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياردەم بېرىش ۋە قوللاش سىياسىتى قوللىنىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك غەلىبە قازىنىشىدا بەلگىلىك روللارنى ئوينىغانلىقىمۇ ئەمەلىيەتتۇر. ئەگەر خەلق كەڭ كۆلەملىك ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانمىغان بولسا ، ئۇلار ئەشۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولغان -ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىش نىيىتىگە كەلمىگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەر قانچە قىلسىمۇ، خەلقنى قوزغىيالمايتتى ھەمدە ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيتتى. بۇ يەردە قورال-ياراقلا ئەمەس، بەلكى ئازادلىق ئىرادىسى ۋە غايىسى ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى.
ئاشكارىلانغان ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە تايانغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ كەڭرەك ھەربىي ياردىمى ۋە مۇنتىزىم سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ياردەمگە كىرىشى 1945-يىلى، 5-ئايدا ئۈچ يۆنىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن بولدى. ئۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا پەقەت ئاز ساندىكى ئايرىم ئەترەتلەر شۇنىڭدەك ئايرىم ھەربىي ئىنستروكتورلار پائالىيەت قىلدى. ئەترەتلەر بىۋاسىتە جەڭلەرگە قاتناشسا، ھەربىي ئىنستروكتورلار مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنى مۇنتىزىم ھەربىي مەشق قىلدۇرۇش ۋە تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللاندى.
سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ 1945-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، قورغاستا مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە 160 نەپەر تۆۋەن دەرىجىدىكى ئوفىتسېرنى ھەمدە 30 غا يېقىن ھەربىي رادىستنى تەربىيىلىگەندىن تاشقىرى يەنە بىرقىسىم ھەربىي ئىنستروكتورلارنى ئەۋەتىپ، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەرلەرنىڭ مەشىق قىلىشىغا ياردەم بەردى. مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇنتىزىملىشىش جەريانىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان سوۋېتلىك ئۇيغۇر ئوفىتسېرلاردىن مىرزىگۈل ناسىروف ۋە سەيدەخمەت ئۆمەروف قاتارلىقلارمۇ ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئىدى[33].

” ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى” دىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىرى بېرىيانىڭ ستالىن ۋەمولوتوۋقا يوللىغان گېنېرال ئېگناروۋنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ۋەزىپىلىرىگە ئائىت دوكلات بولۇپ، بۇنىڭدا ” 1945-يىلى،مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەسكەر سانى 8300 گە يەتتى. بەلكى بۇ تېز كۆپىيىپ 12 مىڭغا يەتكۈزىلىدۇ. گېنېرال ئېگناروۋقا ئۇلارنى تەربىيىلەپ، جەڭگە يارىغۇدەك قىلىش، مەركىزىي جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايونغا مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ 70مىڭ ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، قورال-ياراقلارنى كۈچەيتىش، لاياقەتلىك ھەربىي كادىرلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى ھەل قىلىش ۋەزىپىلىرى يۈكلەندى” [34] دەپ يېزىلغان ئىدى.

ئەنە شۇ دوكلاتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، موسكۋا پارتىزانلارنى تەربىيىلەپ، ئۇنى مۇنتىزىم قوشۇنغا ئايلاندۇرۇشقا جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باشتىن -ئاخىرى مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ئارزۇسىدا بولۇپ، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش پىلانلىرىنى تۈزۈش خىزمىتىگە باشتا پارتىزانلار باش قوماندانى ۋە ھەربىي ئىشلار نازىرى پېتىر رومانوۋىچئالېكساندروۋنى مەسئۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 1945-يىلى، 17-يانۋاردا شېيىفېڭ قوشۇنلىرى غۇلجىغا قىستاپ كەلگەن خەتەرلىك پەيتتە ۋەزىپىسىنى تاشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇشى بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇنى ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئىدى . ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇزۇن ئۆتمەي ئەخمەتجان قاسىمىنى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىگە مەسئۇل قىلىپ، مىللىي ئارمىيە قۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىگە سالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئەخمەتجان قاسىمى جىددىي تۈردە مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ، ئالدى بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ تۈزۈلمە لايىھىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك پىلانلارنى تەييارلاپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا 2-دوم ئەخمەتجان قاسىمىغا مەسلىھەتچىلىككە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى، سوۋېتلىك ئۇيغۇر سەيدەخمەت ئۆمەروفنى تەيىنلىگەن بولۇپ، سەيدەخەمەت ئۆمەروفنىڭ 2-دومگېنېرالى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋقابىۋاسىتە بويسۇنۇشىدا شەك يوق ئىدى. كەسپىي ھەربىي خادىم سەيدەخمەتئۆمەروفنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مىللىي ئارمىيە قۇرۇلمىسىغا ئائىت پىلانلىرىنى تەييارلاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.
مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي ئۇنۋان، پاگون، ھەربىي ئۇستاف ۋە قوشۇن تۈزۈلمىسىنىڭ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدىن كۆپ دەرىجىدە، سابىق چار رۇسىيە ئارمىيىسىدىن ئازراق دەرىجىدە ئۈلگە ئالغانلىقىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 2-دومنىڭ كەسپىي ھەربىي خادىملىرىنىڭ تەكلىپى ۋە تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئەزالىرى مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىسىنى مۇزاكىرىلەردىن ئۆتكۈزگەندە، مىللىي ئارمىيىنىڭ نامىنى قانداق ئاتاش ھەققىدىمۇ كۆپ تالاش-تارتىش قىلغان. ئەخمەتجان قاسىمى دۇنيادا مەۋجۇت بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ، جۇڭگو، تۈركىيە ، ئىران قاتارلىق ئەللەرنىڭ ھەربىي ناملىرى ھەم باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بۇ مۇنتىزىم قوشۇننىڭ ھەرمىللەتنىڭ پەرزەنت قوشۇنى ۋە ھەر مىللەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان ئارمىيە بولۇشى لازىملىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنقىلابنىڭمۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇنى « مىللىي ئارمىيە» دەپ ئاتاش لازىملىقىدىن ئىبارەت ئۆز لايىھىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىشقا تىرىشقان. گەرچە ، ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار تەرىپىدىن مىللىي ئارمىيىنى تۈركىيىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە “مىللىي ئوردۇ” دەپ ئاتاپ، تۈركچە ھەربىي ئاتالغۇ ۋە ھەربىي سىستېمىنى ئىشلىتىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ زور ياردەملىرىنى ۋە خەلقئارالىق سىياسىي قوللاشلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى توغرا تېپىلغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەقۇرۇش ۋە ئۇنى قوراللاندۇرۇش مەسىلىلىرىدە سوۋېت تەرەپ ، جۈملىدىن موسكۋانىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچئېگناروۋنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلماسلىقمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار مىللىي ئارمىيىنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئۈلگىسىدىكى مۇنتىزىم ئارمىيە قىلىپ قۇرۇش چىقىشنىڭ كۆپ جەھەتلەردىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆز لايىھىسى ۋە تەشەببۇسىدا چىڭ تۇردى. خۇددى لاۋرېنتى بېرىيا يوسىف ستالىنغا يوللىغان دوكلاتىدا كۆرسەتكەندەك ، مىللىي ئارمىيىنى قۇرۇش ۋە تەييارلىقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا باش ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچى ئېگناروۋ بىۋاسىتە ئارىلاشقان ئىدى.

1945- يىلى، 3-ئايدىن باشلاپ، مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇش ئىشلىرى جىددىي تۇتۇش قىلىنىپ ، پارتىزان ئەترەتلىرى ئۆزگەرتىلىپ، پارتىزانلار ۋە پارتىزان كوماندىرلىرى مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىگە ئايلاندۇرۇلدى. شۇنىڭدەك، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ 1945-يىلى، 2-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان 19-نومۇرلۇق ھەربىي ئىشلار قارارى بويىچە 20 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پۇقرالار ئەسكەرگە قوبۇل قىلىنىپ، سوۋېت ھەربىي ئىنستروكتورلىرى ۋە يەرلىك كوماندىرلار تەرىپىدىن مەشىق قىلدۇرۇلدى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە چىلپەڭزىدە تەربىيىلەنگەن بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ھەر قايسى قوشۇنلارغا تەقسىم قىلىندى ھەمدە يەنە داۋاملىق تۈردە ئۈچ ئايلىق ئوفىتسېر تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلدى.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1945-يىلى، ئاپرىل ئايلىرىدا سانى تەخمىنەن 15 مىڭ بولغان[35] مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ يەتتە ئاتلىق ۋە پىيادە پولكى، ئۈچ ئاتلىق ۋە پىيادە مۇستەقىل باتالىيونى، بىر زەمبىرەكچىلەر باتالىيونى ھەم بىر ئاتلىق مۇستەقىل ئېسكادرونىنىڭ جەڭگىۋار ۋە مۇنتىزىم ھالدا جىڭ، شىخو، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان گومىنداڭنىڭ ئۈچ دىۋىزىيىگە يېقىن مۇنتىزىم ھەربىي كۈچىنى تارمار قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەتنى تولۇق ئازاد قىلىشىدا ھەمدە قوشۇننىڭ 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملىق كۆپىيىپ، تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىگە ئايلىنىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۈچ ئايلىق مۇنتىزىملىشىش، قاتتىق ھەربىي مەشىق ۋە ھەربىي تەييارلىق ئۆمرىدە مىلتىق تۇتۇپ باقمىغان ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرى ۋە قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ روھىدىكى قەھرىمانلىقلارغا تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇپ، ئۇلارنىڭ گومىنداڭنىڭ ئەڭ ئىلغار قورال-ياراقلىرى بىلەن قوراللانغان، ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىپ، تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى،يەنى غەربىي شىمالنىڭ يەرلىك پادىشاھى ھېسابلانغان مىلىتارىست خۇ زوڭنەنگە تەۋە 29- گۇرۇپپوۋاي ئارمىيىنىڭ يېڭى 2-كورپۇسىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىيالىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەمما، شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ئەگەر باتۇر ئەسكەر بولمىسا، قوماندان قانچە جەڭگە ماھىر ۋە يۇقىرى ھەربىي تەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولسىمۇ بىكار. گومىنداڭنىڭ يېڭى 2-كورپۇس قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت لى تېجۈن، يېڭى 45-دىۋىزىيە كوماندىرى گېنېرال مايور شېيىفېڭ ۋە گېنېرال مايور گۇچى، زاپاس7-دىۋىزىيە كوماندىرى لى يۈشاڭ، يېڭى 45-دىۋىزىيىنىڭ پولك كوماندىرلىرىدىن خۇ ۋېنسى ۋە باشقا پولكوۋنىكلار ھەمدە باتاليونۋە روتا كوماندىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خۇئاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن كەسپىي ئوفىتسېرلار ئىدى. بۇلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك جەڭ قىلىش تەجرىبىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جاڭ جېشىنىڭ 1927-يىلى، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ،1928-1937-يىللىرى ئارىسىدا جۇڭگو قىزىل ئارمىيىسىنى قورشاپ يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغا ھەمدە 1937-يىلىدىن كېيىن ياپونغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان شۇنىڭدەك كۆپلىگەن جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلغان كونا ھەربىي كوماندىرلار ۋە گېنېراللار ئىدى. بىراق، ئۇلار ئۇيغۇر، قازاق،قىرغىز، تاتار، موڭغۇل ، تۇڭگان ۋە رۇس پارتىزانلىرى ھەم كوماندىرلىرىنىڭ قولىدا يېڭىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 1945-يىلى، 5-ئايدىن كېيىن مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ قولىدىمۇ داۋاملىق مەغلۇپ بولدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئامالسىزلىقتىن <> ئەنئەنىسى بويىچە گەنسۇدىكى ما بۇفاڭنىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان ۋە سالا قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان ئاتلىق 5-كورپۇسنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمانلار ئارقىلىق يوقاتماقچى بولدى.

گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتلىرىدە تۈرلۈك ئامىل مەۋجۇت بار. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، گومىنداڭ ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلىرى قورقۇنچاق، ئۆلۈمدىن قورقىدىغانلىقى، ئۇلاردا يەرلىك خەلقلەرنى دۈشمەن ھېسابلاش، ئۇلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش خاھىشى كۈچلۈك ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار بارلىق ئۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەي، ئارقا سەپسىز قالدى.

گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرى تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ساقلاشنى ئويلايتتى. بۇ خىل يەكۈننى ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئوفىسېرلىرىدىن بىرى دۇ شېزوڭمۇ شۇنداق چىقارغان ئىدى(36).
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەرلىك مۇھىت ۋە ھاۋا كىلىماتىغا كۆنەلمىگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ۋە كوماندىرلىرى ئۆزلىرىدىكى يۇقىرىقى بىر قاتار كەمچىللىكلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، پارتىزانلار ۋە كېيىن مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ زەربىلىرىگە مۇتلەق تەڭ كېلەلمىدى. گومىنداڭ ئوفىتسېر-گېنېراللىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇمەغلۇبىيىتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۆڭگەپ، ھە- دېسىلا ئۆزلىرىنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ رەقىبلىرىنىڭ يەرلىك پارتىزانلار ئەمەس، بەلكى مۇنتىزىم سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى ئىكەنلىكىنى پەدەزلەپ، ئۆزلىرىدىن يۇقىرى باش قوماندانلىق شىتابلىرىغا مەلۇمات يوللاپ، ئۆزلىرىنى جازاغا تارتىلىشتىن ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇندى.
مۇنداق كۆپتۈرمە دوكلاتلار، يالغان مەلۇماتلار، ھەرەمباغنى مۇداپىئە قىلغان گېنېرال مايور دۇ دېفۇدىن تارتىپ، باشتا غۇلجا ئەتراپىدا، كېيىن شىخودا مەغلۇپ بولغان يېڭى 45-دىۋىزىيە قوماندانى گېنېرال مايور شې يىفېڭ، كەڭساي ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان زاپاس 7-دىۋىزىيە كوماندىرى گېنېرال مايور لى يۈشاڭ، 45-دىۋىزىيىنىڭ 3-پولكىنىڭ كوماندىرى پولكوۋنىك خۇ ۋېنسى، ھەرەمباغنى مۇداپىئە قىلغان پولكوۋنىك ساۋ رىلىڭ، جىڭدا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن گېنېرال مايورگۇچى ھەتتا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى باستۇرۇشتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، 1944-يىلى،12 -ئايدىن 1945-يىلى، 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلغان يېڭى 2-كورپۇس قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت لى تېجۈن قاتارلىقلارنىڭ قەلىمى بىلەنمۇ 8-ئۇرۇش رايونى قوماندانى جۇ شاۋلياڭ ۋە باشقىلارغا يوللانغان ئىدى.

بۇ خىل كۆپتۈرۈلگەن تېلېگراممىلار ۋە مەلۇماتلار گومىنداڭ تارىخچىسى جاڭ داجۈننىڭ «شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران-چاپقۇن» ناملىق كىتابىدىن ئورۇن ئالغان.
ھەقىقەتەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارتىزانلارغا ۋە مىللىي ئارمىيىگە ياردەم بەرگەنلىكى راست، ئەمما بۇ ياردەملەرنىڭ چەكلىك بولغانلىقى، ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولغان گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرىنىڭ يالغان ۋە كۆپتۈرمە ئۇچۇرلىرىدا ئېيتىلغاندەك بولمىغانلىقىمۇ ھەقىقەت . سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق ئابرويى ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلارغا بەرگەن ۋەدىلىرى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئىلى ئىنقىلابىنى ئاشكارا قوللىمىغان بولۇپ، ئۆز ياردەملىرىنى مۇتلەق مەخپىي تۈردە كۆرسەتكەن ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋا زور ساندىكى سوۋېت قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن بىۋاسىتە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتمىگەن بولۇپ، پەقەت ئايرىم ئەترەتلەر ۋە ياكى ئوفىتسېرلارنى پارتىزانلار ھەم مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ تەركىبىدە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتكەن. بۇلارنىڭ سانىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-يىلى، ۋە 1937-يىلى مۇنتىزىم قوشۇنلىرىدىن ن ك ۋ د نىڭ ئالمۇتا 13-ئاتلىق پولكى قاتارلىق پولك دەرىجىلىك قوشۇننى بىۋاسىتە ئۆلكىگە كىرگۈزۈپ تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلدۇرغىنىغا ئوخشىمايتتى.

ھەتتا مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى مەخسۇس ئورگانلىرى ئىلىغا ئەۋەتكەن ئاتلىق پارتىزانلارنىڭ كىيىملىرى، ئىشلەتكەن قوراللىرىغىچە ئالماشتۇرىۋەتكەن ھەمدە خادىملارنىڭ يانلىرىدىكى ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ بولغان كىملىك كىنىشكىلىرى ۋە بەلگىلىرىنى يىغىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلىكىنى يەرلىك كىشىلەرگە ئېيتىشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. بىراق، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن، كوماندىرلار تەركىبىدىكى يەرلىك كوماندىرلار كىمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنتىزام تۈپەيلىدىن داۋراڭ سېلىنمىغانلىقى مەلۇم.

سوۋېت ئىتتىپاقى مەيلى خەلقئارا سورۇنلاردا ۋە ياكى گومىنداڭ رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا ھەربىي ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس. موسكۋا باشتىن ئاخىرى بۇنى يەرلىك خەلقنىڭ خاتا سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازادلىق كۈرىشى ۋە قوزغىلىڭى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھېچ بىر ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. بىراق، ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى قوزغىلاڭ بىلەن ئالاقىسى يوق دېگەن بىلەن بەرىبىر مەخپىي تۈردە مىللىي ئارمىيىنى چەكلىك دەرىجىدىكى ھەربىي ئىنسترۇكتور، ئوفىتسېر ۋە جەڭ قىلغۇچى خادىملار ھەم قورال-ياراق، ئوق-دورا ۋە ھەربىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشنى تاكى 1945-يىلى 10-ئايغىچە داۋاملاشتۇردى ھەمدە بىراقلا ئۆز ئادەملىرى، قورال-ياراق ۋە ئوق –دورىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ قوراللار ۋە ئوق-دورىلار ھەم خام ئەشيالارنىڭ بىر قىسىمى باشتا يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئالماشۇرۇلغان ئىدى. چۈنكى، ئىنقىلاب باشلانغاندا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ياۋروپادا جەڭ قىلىۋاتاتتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئاشلىق، مال-چارۋا، خام ئەشيا قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلار كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى قورال-ياراقلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى بىكارغا بەرمىدى ھەمدە سودىنى يولغا قويۇپ، ئىلى، چۆچەكنىڭ سودىگەرلىرىنىڭ شۇنىڭدەك يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن يول ئاچقان ئىدى.
مىللىي ئارمىيە ئارتىلىرىيە دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى ئەسىھەت تېيىپوفنىڭ 2004-يىلى سۆزلەپ بېرىشىچە، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارتىلىرىيە دىۋىزىيونىنى قۇرۇش ئۈچۈن كەڭسايدا 1945-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ رەسمىي تەربىيىلەشكە كىرىشكەن بولۇپ، 3- 4ئايلىق تەربىيىدىن كېيىن مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارتىلىرىيە دىۋىزىيونى قۇرۇپ چىقىلىپ، جىڭ ۋە شىخو ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ياردەملىرى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە 1945-يىلى ماي ئېيىدا مەخسۇس موسكۋا خەت يېزىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەن ياردەملىرىگە رەھمەت بىلدۈرگەن[37].
شۇنىڭدىن كېيىن يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 1945-يىلى 6-ئايدا قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىپ، مىللىي ئارمىيىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قىزىل ئارمىيىنىڭ 500 نەپەر ئوفىتسېرى ۋە 2000 نەپەر ئەسكىرىنى ئەۋەتكەن[38]. سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى لاۋرېنتى بېرىيا مەركىزىي كومىتېتسىياسىي بىيورو ئەزاسى ۋە تاشقى ئىشلار كومىسسارى ۋىچېسلاۋ مولوتوۋقا يازغان دوكلاتىدا ” شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قىزىل ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەرنى يەتكۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى” دەپ مەلۇمات بەرگەن[39].
بىراق، بۇ قوشۇنلارنىڭ قايسى جەڭلەرگە قانداق شەكىلدە قاتناشقانلىقى ئېنىق ئەمەس.
لېكىن، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار كۆرسەتتىكى، شىخو ۋە جىڭدىكى جەڭلەر مىللىي ئارمىيىنىڭ ئەڭ شىددەتلىك ئۇرۇشلىرى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشلارغا مىللىي ئارمىيىنىڭ بارلىق كۈچى ۋە بارلىق قىسىملىرى سېلىنغان ئىدى. ھازىرغىچە مەخسۇس سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئايرىم بىر باتالىيونى ۋە ياكى بىر پولكىنىڭ جىڭ ۋە ياكى شىخو ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق.

پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر 500 ئوفىتسېر ۋە 2000 ئەسكەر بەلكى مىللىي ئارمىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى، بەلكى ئاساسلىقى ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى قىسىملىرىنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىلگەن بولۇشى، ئوفىتسېرلارنىڭ بولسا، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ھەر دەرىجىلىك كوماندىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن، ئەگەردە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئايرىم پولك ۋە ياكى ئايرىم باتالىيون سالاھىيىتىدە جەڭ قىلغان بولسا بۇنىڭ ئاسانلا سىرتقا بىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
دېمەك، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرئاز كەڭ كۆلەملىك ياردىمى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ، رەسمىي ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىشقا كىرىشكەندە بولغان. مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، جىڭ ۋە شىخودىكى ئىككى دىۋىزىيە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش زۆرۈر ئىدى. بېرىيا ئۆز دوكلاتىدا گومىنداڭنىڭ بۇ ئۆلكىگە <>نى ئالاھىدە ئەسكەرتىشى تەسادىپىي ئەمەس. بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق شىتابىدا تۈزۈلىدىغان ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرى، ئۇرۇش خەرىتىلىرى ۋە باشقا ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقى ھەتتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى شۈبھىسىز. سوپاخۇنسوۋۇروف ئۆز ئەسلىمىسىدە مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك سوۋېتلىكلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرى دەل ئەنە شۇ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەلۇماتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ بۇ مەلۇماتلىرى مىللىي ئارمىيە شىتاب تەركىبىنى چۈشىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

4. سوپاخۇن سوۋۇروف قەلىمى ئاستىدىكى ئاقسۇ ئۇرۇشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى

سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ئۇنىئاقسۇدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشقا بەلگىلەيدۇ. ئۇ مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇ ئاقسۇغا بېرىش يوللىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ئىسكەندەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىسكەندەر ئۇنى تېكەس پولكىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە نوغايبايېف، ئىسكەندەر قاتارلىقلار بىلەن ئاقسۇغا بېرىش ھەربىي ھەرىكەت مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدىكى بايانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوپاخۇن باشلىق 100 دىن ئارتۇق گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى خىل قورال-ياراقلىرى بىلەن مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر مەزگىل گۇمان بىلەن كۆزىتىلىدۇ. باش قوماندانى ئىۋان پالېنوۋ ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ، تارقاقلاشتۇرىۋېتىدۇ. ھەتتا شىتابتىكى بىر سوۋېتلىك پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئۇنىڭدىن گۇمانلىق سوئال سورايدۇ.

سوپاخۇن سوۋۇروف ئەترىتىنىڭ بىر مەزگىل گۇمان ئاستىدا بولغانلىقى زىيا سەمەدىنىڭ ” ئەخمەت ئەپەندى” ناملىق ھۆججەتلىك بىئوگرافىكرومانىدىمۇ ئەسلىتىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ يېزىشىچە، قوماندانلىق شىتابىدىكى « ئاق باش» لەقەملىك سوۋېتلىك مەسلىھەتچى سوپاخۇن ئەترىتىگە ھەمدە ئۇنىڭ پارتىزانلىرىنىڭ جەنۇبقا ئەۋەتىلىشىگە گۇمانلىق قارايدۇ. مۇنداق گۇماننىڭ ئاساسلىقى سوۋېت ئوفىتسېرلىرى ، بولۇپمۇ 2-دوم تەرىپىدىن بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

شۇنى، ئەسكەرتىش كېرەككى، سوپاخۇن، قاسىمجان قەمبىرى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق ئەسلى كېلىپ چىقىشى جەنۇبلۇق بولغان كىشىلەرنىڭ ھەربىي-سىياسىي مەسئۇللىقىدا 200 كىشىلىك پارتىزان ئەترىتىنى ( سىياسىي تەشۋىقات ۋە سودا-ئارقا سەپ خادىملىرىمۇ ئۆز ئىچىدە) ئاقسۇ تەۋەسىگە چۈشۈرۈشى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭلا پىلانى بولماستىن بەلكى مىللىي ئارمىيە شىتابى ۋە 2-دومنىڭ پىلانى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى جىڭ ۋە شىخودىن ئىبارەت ئوتتۇرا يۆنىلىش بولۇپ، ئەگەردە ئوتتۇرا يۆنىلىشتە غەلىبە قىلىنسا، شىمال ۋە جەنۇبىي يۆنىلىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. جىڭ ۋە شىخو لىنىيىسىگە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىككى نۇقتا مىللىي ئارمىيىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئازاد قىلىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى شىڭ شىڭشادىن قوغلاپ چىقىرىشىنىڭ ئاچقۇچى ئىدى. ئەمما، يەنە بىر خەتەر شۇكى، مىللىي ئارمىيە پۈتۈن كۈچىنى شىمال ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى ئۇرۇشقا سېلىپ، غۇلجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارقا سەپلەردە ئەسكەر قالمىغان مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاقسۇ، قەشقەر ۋە كۇچاردىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى كۈچىنى توپلاپ مۇزداۋان ئارقىلىق ئىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارقا سېپىنى بۆسۈپ تاشلىشى مۇمكىن ئىدى. مۇنداق نازۇك ئەھۋال ئاستىدا قوماندانلىق شىتاب سوپاخۇن ئەترىتىنى ئاقسۇغا ئەۋەتىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، دۈشمەننى ئۆزىگەجەلىپ قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرا يۆنىلىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە 2-دوم گېنېرالى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ موسكۋانى خەۋەردار قىلىشى تەبىئىي ئىدى.

سوپاخۇننىڭ بايان قىلىشىچە، ئاقسۇدىكى پارتىزانلىق ھەرىكەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى باش قوماندان پالېنوۋ ئۆزى بىۋاسىتە تەكىتلەيدۇ ھەمدە ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ.
ئاقسۇدىكى بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئەنە شۇنداق ناھايىتى مۇھىملىقى تۈپەيلىدىن 2-دوم مەخسۇس تۈردە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ھەربىي خادىم زاكىر تۆرە بىلەن ئىسكەندەر ئەپەندىنى سوپاخۇن ئەترىتىگە باش مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋدسى ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى)نىڭ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك مەزكۇر ئىككى ئوفىتسېرى بىۋاسىتە گېنېرال ئېگناروۋقا بويسۇنىدىغان بولۇپ، زاكىر تۆرىنىڭ كېيىن يېزىپ قالدۇرغان ئاقسۇ ئۇرۇشى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ ۋە ئىسكەندەرنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنلىكىنى يازىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئەمەس، بەلكى ۋلادىمىر ئېگناروۋلا مەۋجۇت ئىدى. زاكىر ئەسلىمىسىدە يۇقىرىنىڭ سوپاخۇن ئەترىتىنى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغ اتاپشۇرغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئەترەتنى ئاقسۇغا ئۇزىتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دەرھال غۇلجىغا قايتىپ، ئەھۋالنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا دوكلات قىلغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا ئاقسۇغا مەخپىي ئادەملەرنى ئەۋەتكەنلىكى، ئەلىخان تۆرىگە تەشۋىقات چاقىرىقلىرىنى يازدۇرۇپ، بۇ تەشۋىقاتلارنى ئاقسۇ تەۋەسىدىكى مەسچىتلەرگە تاشلاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

سوپاخۇن ئۈچۈن ئۆزى بىلەن بىرگە ئاقسۇغا چۈشكەن زاكىر ۋە ئىسكەندەر دېگەن كىشىلەر ئۆز ھەرىكىتىگە ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەردۇر. بولۇپمۇ سوپاخۇن بىلەن زاكىرنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇ زاكىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە بىرقەدەر كۆپرەك بايان قىلىدۇ. ئاقسۇدىن چېكىنىش بۇيرۇقى كېلىپ، پارتىزانلار چېكىنىپ، قورغانغا كېلىپ ، 10 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت تۇرۇپ قالىدۇ. زاكىر تۆرە بۇ ۋاقىتتا قورغاندا مەخسۇس رادىئو ئالاقە پونكىتى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رۇس رادىستى بىلەن تۇراتتى. سوپاخۇن قورغاندا ئۇنىڭدىن ئاقسۇدىن نېمە ئۈچۈن چېكىنگەنلىكنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ ” بىلمەيمەن” دەپ جاۋاب بېرىپ، بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ سوپاخۇندىن ئاقسۇ ئەتراپىغا ما بۇفاڭنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىك ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. سوپاخۇن ئىبرايىم ئاخۇن ئىسىملىك كىشىنى ئەۋەتىپ، 5-كورپۇسنىڭ تېخى ئاقسۇغا كەلمىگەنلىكى ، ئەمما پات يېقىندا كېلىدىغانلىقى ۋە غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرنى ئىگىلەپ يەتكۈزىدۇ. بۇ ئۇچۇر زاكىرنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋېتىدۇ.

1945- يىلى، 12-ئايدا سوپاخۇن غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن، زاكىرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە 1946-يىلىنىڭ يېڭى يىلىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، بۇ يەردىكى سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سوۋېتلىك ئوفىتسېرلار ۋە گېنېراللار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسكەندەرمۇ بار ئىدى. ئىسكەندەر ئاقسۇغا بارغان سوپاخۇن، قاسىمجان قەمبىرى ۋە سىدىق ھاجىلار بىلەن بۇ يەردە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ. مېھماندارچىلىق تازا قىزىپ، ھاراقلار يېتەرلىك ئىچىلگەندىن كېيىن، زاكىر سوپاخۇننى ئايرىم خانىغا باشلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاقسۇدىن چېكىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىق شەرتى بىلەن سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسۇدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش بىۋاسىتە موسكۋا ئارقىلىق ئىلى باش قوماندانلىق شىتابىدىن كەلگەن. ئىلى شىتابى موسكۋانىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاقسۇدىن چېكىنىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. زاكىر يەنە ستالىن بىلەن جاڭ كەيشىنىڭ پۈتۈشكەنلىكى، ئەمدى ئۇرۇش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ[40]. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، مانا بۇئۇنىڭ زاكىر تۆرىنى ۋە ئىسكەندەرنى ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈشى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زاكىر ۋە ئىسكەندەرنى ئىككىنچى قېتىم كۆرمىگەن.

شۇنى ئەسكەرتىشنى مۇۋاپىق تاپتىمكى، پارتىزانلار باينى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، پارتىزان رەھبەرلىرى ئىككى نەپەر سوۋېتلىك ھەربىي مەسلىھەتچى زاكىر بىلەن ئىسكەندەرلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇرۇشنى ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىغىچە كېڭەيتىش، مۇز داۋان يولىنى ئېچىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئاخىرى ئالدى بىلەن قورغاننى ئازاد قىلىپ، مۇز داۋان يولىنى ئېچىش قارار قىلىنىدۇ.
زاكىر تۆرە ئاقسۇ ئۇرۇشى ۋە سوپاخۇن ھەققىدە يازغان قىسقا ئەسلىمىسىدە ئەسلىدە پارتىزانلارنىڭ ئاقسۇ ئەتراپىغا بېرىش ۋە ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتى بولمىغانلىقى، قورغاننى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ئۈمىد تۇغۇلۇپ، ئىنقىلابنى كېڭەيتىش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت پارتىزانلارنىڭ يېڭىدىن چىقارغان بۇ قارارىنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا يەتكۈزۈپ، ئۆزى ۋە ئىسكەندەرنىڭ غۇلجىدىن ياردەم ئېلىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى يازغان .
بۇ ۋاقىتتا پارتىزان رەھبەرلىرى ئارىسىدا كۇچارغا ھۇجۇم قىلىش، قورغانغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇچتۇرپانغا ھۇجۇم قىلىش ھەمدە ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بىر قانچە تاللاش بار بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق تالاش-تارتىش قىلغان ھەمدە ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئۇچتۇرپاننى ئازاد قىلىپ، بۇيەرنى بازىغا ئايلاندۇرۇش، ئەگەردە مەغلۇپ بولسا ئۇچتۇرپان ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېكىنىش ھەم ئۇ يەردىن ياردەم ئېلىش تەكلىپى مەزكۇر سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى تەرىپىدىن سۈكۈت ئىچىدە قارشى ئېلىنمايدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى ئابباسوفنىڭ بۇ تەكلىپىنى بۇ ئىنقىلابنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىك سىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ چۈشەنگەن. سوپاخۇننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، سوۋېتلىك بۇمەسلىھەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتى. زاكىر بىلەن ئىسكەندەر پارتىزان قوماندانلىرىنىڭ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى مۇۋاپىق دەپ قاراپ ، ئالدى بىلەن غۇلجىدىن رۇخسەت سوراش قارارىغا كەلگەن ئىدى. زاكىرنىڭ ئەسلىمىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئەسلىدە ئۇلارغا ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىپ،ئالتە شەھەردە كەڭ ئىنقىلاب قوزغاش ۋەزىپىسى بېرىلمىگەن. ئۇنىڭ يېزىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن گېنېرال ئېگناروۋنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش كېرەك ئىدى. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدە بۇ مەسىلىسىنى قارار قىلىدىغان ئادەم يەنىلا ئېگناروۋتۇر. بىراق، ئۇ غۇلجىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگىچە سوپاخۇنلار ئاقسۇ ۋە كونىشەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ جايلارنى ئازاد قىلىپ بولدى. ئەمما، ئاقسۇغا قىلغان بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى ھەتتا كونىشەھەردە ئاقسۇدىكى گومىنداڭ كۈچلىرى بىلەن ئۇچتۇرپاندىن كەلگەن 300 دەك قوشۇننىڭ بىرلىشىپ قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. دۈشمەننىڭ يالغان تەسلىم بولغانلىق ھىيلىسىگە ئالدانغان، ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئەمەس، ياش ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ سوپاخۇننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، دۈشمەنگە ئوق چىقارماسلىق بۇيرۇقى بەرگەن ئىدى. دۈشمەن پارتىزانلارغا يېقىنلىشىۋېلىپ بىراقلا ھۇجۇم قىلدى ،نەتىجىدە، پارتىزانلار ئاقسۇ تەۋەسىگە چۈشكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئەڭ ئېغىر بىر زەربىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ خەلق ۋە جەڭچىلەر ئىچىدىكى تەسىرى ناھايىتى يامان بولدى[41]. پارتىزانلار قايتىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىپ، قورشاشنى داۋاملاشتۇردى ۋە يىغىن ئېچىپ، ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇ ۋاقىتتا ئىلىدىكى مىللىي ئارمىيە شىتابى ئاقسۇ شەھىرىنى ئازاد قىلىش جېڭىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆلىمى چوڭراق ھېچقانداق ئەسكىرى كۈچ ئەۋەتمىگەن بولۇپ، سوپاخۇن بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ يازىدۇ:

” بىزنىڭ كۈچىمىز ئاز، ياردەم تېخى يېتىپ كەلمىدى. ياردەمگە كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى بەلكى بىز ماڭغاندا، سىلەر جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆتۈپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ئىلى تەرەپكە ئۆتۈشىنى قاتتىق توسايسىلەر، رازۋېتكا، پارتىزان ئۇرۇشى قىلىپ، دۈشمەننى ساراسىمگە سېلىپ تۇرىسىلەر، دېگەن ئىدى. بىرەر شەھەرنى ئالىسىلەر دەپ تاپشۇرمىغان ، شۇڭا ئۇلار بىزنى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ ياردەمگە قىسىم ئەۋەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن” [42].

زاكىر ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە ” بىز، مەن ۋە ئىۋان ئىۋانوۋىچ، بىر قانچە يارىدار ۋە قۇربانجان سوپاخۇننى ئەترەت بىلەن قورغاندا قالدۇرۇپ، مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق تېكەس ۋادىسىغا كەتتۇق. سوپاخۇنغا ياردەمچى قوشۇن كەلمىگىچە قورغاننى قوغداپ تۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلدى” دەپ يازغان[43]. ئۇلار قالماق كۈرەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا مەلۇم قىلماي تۇرۇپلا، شۇيەردىكى كارىلوۋ كوماندىرلىقىدىكى موڭغۇللار پولكىدىن بىر ئېسكادروننى سوپاخۇنغا ياردەمگە ئەۋەتىدۇ. زاكىر سوپاخۇنلارنىڭ بۇ موڭغۇل ئېسكادرونى بىلەن ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوپاخۇن ، بۇ كىچىك ئەترەتنى ئىلىدىكى باش شىتاب ئەۋەتتى دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنى زاكىر بىلەن ئىسكەندەر ئەۋەتكەن بولۇپ، باش شىتاب كېيىن خەۋەر تاپقان.
ئىسكەندەر ۋە زاكىر تۆرە غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن، ئىلى مىللىي ئارمىيە شىتابى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولىدۇ. پەقەت بىر ئېسكادرون ئەسكەرنى تەلەمەت ئارقىلىق باي ئەتراپىغا ئەۋەتىپ، كۇچاردىن كېلىدىغان دۈشمەننى توسۇشقا سالغان. 9-ئاينىڭ بېشىدا يەنە ئىككى ئېسكادرون ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى ئاسىلخان ۋە مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇللۇقىدا ياردەمگە كەلگەن بولۇپ، بۇلار تەلەمەت داۋىنى ئارقىلىق ئۆتكەن ھەمدە باي ۋە كۇچار ئەتراپىدا جەڭ قىلغاندىن كېيىن.ئۇلارنىڭ بىر ئېسكادرونى شۇ ئەتراپتا قالدۇرۇلۇپ، ئاسىلخان ۋە مىرزىگۇل باشچىلىقىدىكى ئەترەت جامغا كېلىپ، ئۇ يەردە سوپاخۇن ئەترىتى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن قايتىدىن كونا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالدى.

مىرزىگۇل ۋە ئاسىلخان باشچىلىقىدىكى بۇئەترەتنىڭ تەركىبىدىكى ئىككى ئېسكادروندا تېگى ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن قوچقاروف ۋەيەتتە سۇلۇقلاردىن مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىق كوماندىرلار بار ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئازغىنا بۇ ياردەمچى ئېسكادرونلارنى ئەلىخان تۆرە ئاقسۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزى بىۋاسىتە بۇيرۇق بىلەن ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ غۇلجىدىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان مۇھاپىزەت باتالىيونىدىن ئىبارەت ئىدى. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر مۇھاپىزەت ئەترىتىدە كۆپ ساندا ئۆزبېك پەرزەنتلىرى بولغان ئىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى تەبىئىي. ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدە بۇ باتالىيوندىن باشقا يېتەرلىك كۈچ يوق بولۇپ، ھەممىسى ئالدىنقى سەپتە ئىدى.
شۇ ۋاقىتتا يەنە ئىلى باش شىتابى سوپاخۇنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سوۋېتلىك ئوفىتسېر، پودپولكوۋنىك دىنىسكوفنىڭ باشچىلىقىدا ئون نەچچە رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز ئوفىتسېرلارنى ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى پارتىزان شىتابىغا ، بەزىلىرى ئېسكادرونلارغا كوماندىر ۋە ياكى مۇئاۋىن كوماندىرلىق ۋەزىپىسىگە ئورۇنلاشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارمۇ بار ئىدى[44]. ئاقسۇغا كەلگەن بۇ سوۋېتلىك مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانلىقى پودپولكوۋنىكدىسىنىكوف بولۇپ، ئۇ ئىسكەندەر ۋە زاكىر قاتارلىقلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالغان ئىدى. ئەمما، دىسىنىكوفنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلار يوق. بىراق ، پارتىزانلارنى ئاقسۇدىن چېكىندۈرۈش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ ئېلىپ كېتىشتە ئۇنىڭ رولى چوڭ بولۇشى تەبىئىي. دىسىنىكوف باشچىلىقىدىكى مەسلىھەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانىدا ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك رولى بولمىغان بولۇپ، 2-قېتىملىق مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەۋەتىلىشى ئەمەلىيەتتە سوپاخۇن، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە كېيىن قوشۇلغان ئاسىلخان ھەم مىرزىگۈل قاتارلىق كوماندىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك. بولۇپمۇ، ئەلىخان تۆرىنىڭ ئۆز ئوغلى ئاسىلخاننى مىرزىگۈل ناسىروف بىلەن قوشۇپ بىۋاسىتە ئاقسۇغا ئەۋەتىشى 2-دومنى بىئارام قىلغان بولۇشى ئېھتىمالللىقا ئۇيغۇن.
قىسقىسى، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن ئاتلىق پارتىزان ئەترىتىنىڭ ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى جەريانىدا ئەۋەتكەن ياردەمچى قوشۇنى ئىلگىرى-كېيىن بىر باتالىيونغا يەتمەيدىغان ئەترەتلەر بولۇپ، پارتىزانلار يەرلىك پىدائىيلارنىڭ كۆپلەپ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەشتە قىينالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇلار ئاقسۇ ئەتراپىدا جەڭ قىلىش ۋە ئاقسۇنى قورشاش جەريانىدا پەقەت گومىنداڭ قوشۇنلىرىدىن ئولجا ئالغان ئوق-دورىلارغىلا تايىنىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، سوپاخۇن قاتارلىق رەھبەرلەر ئىلىغا ئادەم ئەۋەتىپ ياردەمچى قوشۇن ۋە ئوق-دورا ئەۋەتىشنى بىر قانچە قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلىدىكى قوماندانلىق شىتابى بۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇ سەۋەبتىن پارتىزانلارنىڭ ئوق-دورىلىرىنى ئازلاپ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئاسىلخان بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۆزىمىزدىكى بارلىق ئوقلار ساناقلىقلا قېلىپ، ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرالماي ، تەكرار مۇزاراتقا ئوق سوراپ ئادەم ئەۋەتتۇق. ئەۋەتكەن ئادەملىرىمىزنى يەنە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپ قايتۇردى [45]». ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پارتىزانلار شىتابى ئاقسۇ سېپىلىنىڭ ئاستىغا پارتلاتقۇچ دورىسى كۆمۈپ، سېپىلنى پارتلىتىش ئارقىلىق شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىش ئۈچۈن مەخپىي لەخمە كولاپ سېپىل تۈۋىگىچە ئەكىلىپ، غۇلجىدىن پارتلىتىش دورىسى كېلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما پارتلىتىش دورىسى يېتىپ كەلمىگەن. پارتىزان رەھبەرلىرى پارتلىتىش دورىسى ۋە ئوق-دورا تەلەپ قىلىپ، ئاخىرقى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، مۇزارت داۋىنىدا تۇرىدىغان مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ ۋەكىللىرى غايىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشمۇ بىكار بولغان[46].
مىللىي ئارمىيە باش شىتابى بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشقان ئاقسۇنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا بىرەر پولك دەرىجىلىك قوشۇن ۋە ياكى بىرەر مىناميوتچىلار روتىسى ھەم ئېغىر قوراللارنى ئەۋەتمىگەن ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە زور ساندىكى پۇقرالار پىدائىي بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا ئىلى تەرەپتىن قورال-ياراق ۋە ئوق-دورىلار يېتەرلىك دەرىجىدە ئەۋەتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن قوراللىنىش ئەھۋالى ناچار ئىدى. ئەمەلىيەتتە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ دەرھال قوشۇن ئاجرىتىپ، ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكى شەكىللەنگەن بولۇپ، مىللىي ئارمىيە 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۆچەكنى، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالتاينى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى شىخونى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى جىڭنى ئازاد قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ بولغان ئىدى. مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇنى قورشاپ تۇرغان پارتىزانلارغا بىر ئەمەس، ھەتتا ئىككى پولك ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكى تامامەن بار ئىدى. ئەمما، ئاقسۇنى قورشاپ ياتقان پارتىزان كوماندىرلىرى ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، ھەتتا غۇلجىدىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بۇ ۋاقىتتا ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ 14-ئاۋغۇست كۈنى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۆزلىرىنىڭ يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن ئىمتىياز-مەنپەئەتلىرى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ھەم <> ھۆكۈمىتىنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى. ستالىن ھۆكۈمىتى مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ ماناس دەرياسى بويىغا كەلگەندىن كېيىن، بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشىنى بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىنلا ئەلىخان تۆرەباشلىق قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ۋەزىيەت ۋە موسكۋانىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. ئەلىخان تۆرە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىۋان پالېنوۋقا ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما پالېنوۋ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ پەقەت موسكۋانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى[47].دېمەك، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئاقسۇغا قوشۇن ئەۋەتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئەسلىدىنلا باش شىتاب تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەس بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، موسكۋا باشتىن ئاخىرى پارتىزانلارنىڭ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ شەھىرىنى ئىشغال قىلىش، ئارقىدىن پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئازادقىلىنىپ، جەنۇبنىڭ بىر تۇتاش ئازاد رايون بولۇشىنى خالىمىغان. مەيلى، تاشقورغاننى بازا قىلغان قەشقەر تەۋەسىدىكى جەڭلەر ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى جەڭلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئارقا سېپىنى قوغداش رولىنىلا ئۆتىدى خالاس! موسكۋانىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا، ئەگەردە پۈتۈن قەشقەرىيە ئازاد قىلىنىپ، بۇ يەردىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ۋە قوشۇنى يوقىتىلسا، بۇ رايوننى كونترول قىلىش قىيىن بولاتتى. چۈنكى، مەزكۇر رايوننىڭ جەنۇبىي ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ تەۋەسىدىكى ھىندىستان ھەم مۇستەقىل ئافغانىستان بىلەن چېگرىغا ئىگەبولۇپ، بۇ رايوندا 19-ئەسىردىن تارتىپ، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە مەنپەئەتلىرى قاتتىق توقۇنۇشۇپ كەلگەن ئىدى. ئەگەر قەشقەرىيىدە خۇددى ئىلىدىكىدەك ئازاد ھاكىمىيەت قۇرۇلسا، بۇ رايون قەدەم-قەدەم غەربلىكلەرنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرىپ قېلىپ، موسكۋانىڭ بۇ جايغا چىشى پاتماسلىق ۋەزىيىتى شەكىللىنىشى ، بۇ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. مانا بۇ نۇقتىلار ئاقسۇ ئۇرۇشىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن غەلىبە قىلالماسلىقى، ھەتتا تاشقورغاندىن باشلانغان ئىنقىلابنىڭمۇ غەلىبە قىلالماسلىقىدىكى تاشقى ئامىللار ھېسابلىناتتى. ئەمەلىيەتتە، ئىلى مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئاقسۇدىكى پارتىزانلارنى چېكىندۈرۈپ چىقىشتىن بۇرۇنلا ئىسساقبەكنىڭ قوماندانلىقىدا بىر برىگادا ئاتلىق قوشۇننى ئاقسۇ يۆنىلىشىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نوغايبايېف ۋەكورىلوۋ كوماندىرلىقىدىكى پولكلار جىددىي تەييارلىقلاردا تۇرغان ئىدى. بۇ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى مىللىي ئارمىيە باش شىتابىنىڭ ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق 5-كورپۇسىنىڭ ئاقسۇغا ئورۇنلىشىپ مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق ئىلىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، 1945-يىلى، 14-ئاۋغۇستتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئىمزالانغان شەرتنامە موسكۋانىڭ مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشى ستالىن ئۈچۈن ھاجەتسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، گومىنداڭمۇ غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى ۋە ياپونىيە ئارمىيىسى قورال تاشلاپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ جەڭ قىلىدىغان دۈشمىنى تۈگىدى. ئەگەردە گومىنداڭ ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا قوشۇنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، مىللىي ئارمىيىگە ھۇجۇم قوزغىسا، ئۇرۇش تېخىمۇ زور دەرىجىدە كېڭىيىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك مەيدانغا چىقىشى ۋە ياكى ئاشكارا يوسۇندا يا ئۇ تەرەپتە، يا بۇ تەرەپتە تۇرۇشى لازىم بولاتتى. شۇ سەۋەبتىن موسكۋا ئۇرۇشنى ۋاقتىدا توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبەت تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلكىدىكى ، جۈملىدىن ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى تەسىرى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى.
ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنىڭ كېلىش مەسىلىسىگە زاكىر ۋە ئىسكەندەرلەر باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇلار سوپاخۇنغا ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنىڭ كېلىشى مەسىلىسىنى بىرقانچە قېتىم تىلغا ئالغان. سوپاخۇن ئېيتقاندەك، زاكىر تۆرىنىڭ ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق5-كورپۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ كېتىشى تەسادىپىي ئەمەس ئىدى.

سوپاخۇن ھەققىدە ستالىنغا  يوللانغان مەلۇمات

پايدىلانغان ئەسەرلەر

——————————————————————————–

[1] . سوپاخۇن سوۋۇروف. مەن كەچكەن كېچىكلەر. 397-398-بەتلەر.

[2] .شۇ ئەسەر.399-بەت.
(3) .قوجاي دوقاس . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدا . ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى . 4-سان.
.(4). شۇ ئەسەر.480-481-بەت.
[5] .توختى ئىبرايىم. مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى . 2003-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. ئۈرۈمچى .

6] .سوپاخۇن سوۋۇروف. شۇ ئەسەر 481-بەت.

[7] . بارمىن. ئا. ب.ئا. بارمىن. سىنزيان ۋ سوۋەتسكو-كىتايسكىخ ئوتنوشەنىياخ 1941-1949گگ. ( شىنجاڭ 1941-1949-يىللاردىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە). بارنائۇل. 1999. 78-بەت.

[8] . «يېڭى زامان» گېزىتى، 1999-يىلى، 6-ئاي. ئالمۇتا، ئۇيغۇرچە نەشىرى.

[9] . ك ئىستورىئى ۋنېشنېي رازۋەتكى كازاخسستانا.( قازاقىستان تاشقى رازۋېتكا تارىخىدىن ).

[10] .ب.ئا. بارمىن. سىنزيان ۋ سوۋەتسكو-كىتايسكىخ ئوتنوشەنىياخ 1941-1949گگ. ( شىنجاڭ 1941-1949-يىللاردىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە). بارنائۇل. 1999. 78-بەت.

[11] . ۋ. ئوبۇخوۋ، سخۋاتكا شېستى ئىمپېرىي .بىتۋا زا سىنزيانا. ( ئالتە ئىمپېرىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىشىش ). ۋېچې نەشىرىياتى، موسكۋا.2007. 297-بەت.

[12 ] . گېئورگىي مېلىكيانىس، ۋوستوچنيي تۇركېتسان بيل بروشېن نا پروئىۋول سۇدبي. ئىزۋېستىئا، ( خەۋەرلەر گېزىتى). موسكۋا، 2002-يىلى، 23-ئاۋغۇست.

[13] . ۋ. ئوبۇخوۋ، سخۋاتكا شېستى ئىمپېرىي .بىتۋا زا سىنزيانا. ( ئالتە ئىمپېرىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىشىش ). ۋېچې نەشىرىياتى، موسكۋا.2007. 298-بەت

[14] . ۋ. ئوبۇخوۋ، سخۋاتكا شېستى ئىمپېرىي .بىتۋا زا سىنزيانا. ( ئالتە ئىمپېرىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىشىش ). ۋېچې نەشىرىياتى، موسكۋا.2007. 298-بەت.

[15] ،بارمىن ئا. شۇ ئەسەر . 71-72-بەتلەر.

[16] . رۇسىيە فېدېراتسىيىسى دۆلەت ئارخىپى. فوند ر-9401 س/چ. ئوپ.2. د.96. ل.197-198// ئى. ۋ ستالىننىڭ « ئالاھىدە پاپكىسى» . سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى سېكرىتارىياتىنىڭ 1944-1953-يىللىرىدىكى ماتېرىياللىرىدىن . رۇسىيە ھازىرقى زامان تارىخى ھۆججەتلىرى كاتالوگى. موسكۋا .1-توم. 1994.

[17] . رۇسىيە فېدېراتسىيىسى دۆلەت ئارخىپى. فوند ر-9401 س/چ. ئوپ.2. د.144، ل.383 // ل.ئى بېرىيانىڭ « ئالاھىدە پاپكىسى» سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى سېكرىتارىياتىنىڭ 1944-1953-يىللىرىدىكى ماتېرىياللىرىدىن . رۇسىيە ھازىرقى زامان تارىخى ھۆججەتلىرى كاتالوگى. موسكۋا .4-توم. 1996

[18] .پاۋېل مىخايلوۋىچ فىتىن ھەققىدىكى مەلۇمات. http://www.hrono.ru/biograf/bio_f/fitin_pm.php.

[19] . « يېڭى زامان» گېزىتى، 1999-يىلى، 6-ئاي. ئالمۇتا، ئۇيغۇرچە نەشىرى.

[20] . خېلەم خۇدابەردىيېف بىلەن سۆھبەت. خېلەم خۇدابەردىيېف 1947-1949-يىللىرى ئىلىدا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە مىللىي ئارمىيە شىتابىدا مەسلىھەتچى تەرىقىسىدە خىزمەت قىلغان. 1960-1980-يىللىرىدا ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە 2003-يىلى تاشكەنتتە ۋاپات بولغان. ئابلەت كامالوۋنىڭ ئەسىرىگە قاراڭ:Ablet Kamalov : Uyghur Memoir Literature in Central Asia on Eastern Turkestan Republic ( 1944-1949). Studies on Xinjiang Historical Sources in 17-29th Centuries. Edited by James Millward, Shinmen Yasushi, Sufawara Jun. Tokyo. The Toyo Bunko.2010. pp. 278-289-

[21] . ك ئىستورىئى ۋنېشنېخ رازۋېتكى كازاخستانا ( قازاقىستان تاشقى رازۋېتكىسى تارىخى)

[22] ك ئىستورىئى ۋنېشنېخ رازۋېتكى كازاخستانا ( قازاقىستان تاشقى رازۋېتكىسى تارىخى)

[23] . ئابدۇۋاخاپ مونىيېف. گېنېرال ئىسساقبېك . بىيتىك . 2006. بۇ ماقالې ئەركىن توو گېزىدە بېسىلدى. ) قىرگىزچە(

[24] .ئەلىخان تۇرە ساغۇنى. تۈركىستون پاجىئەس. ئىستانبۇل. 2012.

[25] .ئا.بارمىن. شۇ ئەسەر. 79-بەت

[26] . « ۋ.م.مولوتوۋنىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» . رۇسىيە فېدېراتىسيىسى دۆلەت ئارخىپى. فوند 9401 س. ئوپ.2. د.104 ۋە د.300-303. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكىس ئىشلار كومىسسارىياتى- خەلق دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىلىكى سېكرىتارىياتىنىڭ ماتېرىياللىرى.1944-1953. رۇسىيە يېقىنقى زامان تارىخى ئارخىپخانىسىنىڭ كاتالوگى. موسكۋا.2-توم.1994.

[27] . « ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» ، رۇسىيە دۆلەت ئارخىپىدا ساقلانغان. بۇ ھۆججەت. تۆۋەندىكى ماقالىدىن ئېلىندى. گېئورگىي مېلىياكىنسنىڭ «ۋوستوچنىي تۇركېستان بيل بروشون نا پروئىزۋول سۇدبي» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن ئېلىندى. خەۋەرلەر گېزىتى. 2002-يىلى، 23-ئاۋغۇستتىكى سانى.

[28] . ق. غوجامبەردىيېۋ . ئۇيگۇري (ئۇيغۇرلار. قەدىمكى زامانلاردىن تا ھازىرقى كۈنلەرگىچە ئەتنو-سىياسىي تارىخى). 516-بەت. 2009-يىلى، ئالمۇتا.

[29] .ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم بىلەن سوھبەت. 2004-يىلى، 11-ئاي. شۇنىڭدەك ئا.كامالوۋنىڭ ئەسىرىگە قاراڭ::Ablet Kamalov : Uyghur Memoir Literature in Central Asia on Eastern Turkestan Republic ( 1944-1949). Studies on Xinjiang Historical Sources in 17-29th Centuries. Edited by James Millward, Shinmen Yasushi, Sufawara Jun. Tokyo. The Toyo Bunko.2010. pp. 278-289-

داۋامى بار …

مەنبە: ئۇيغۇرلار تورى
ئۇيغۇرلار تورى - ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپلار
خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * سىياسىي تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار