ئۇيغۇرلار ۋە دۇنخۇاڭ

ئاپتور: ئالىيە ئەنۋەر

قەدىمكى زاماندا دۇنخۇاڭ – ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرپاندىن باشقا يەنە بىر مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى مۇشۇ جايدا 500 نەچچە يىلغا يېقىن ياشىغان ھەم نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرغان. نەچچە ئون يەردە ئۇيغۇرلارغا نەۋە بولغان بۇددا غارلىرى، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر، نەچچە مىڭ دانە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ياغاچ ئويما ھەرپلىرىمۇ بايقالغان. يەنە نۇرغۇنلىغان مۇكەممەل ساقلانغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرمۇ ساقلانغان. خېشى رايونىدىكى نۇرغۇن يەر-جاي ناملىرى ھەم تاغ-دەريا ناملىرىنى ئۇيغۇرلار قويغان. مەسىلەن،گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشى ناھىيىسىنىڭ شەرقىدە (Yer Bu Lak 牙儿卜刺 ) (Kara Su 喀喇元速) دېگەن يەر ئىسىملىرى تاكى ھازىرغا قەدەر قوللىنىلىۋاتماقتا. مانا بۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇشۇ يەردە نەقەدەر گۇللەنگەنلىكىنى چۇشەندۈرىدۇ. دۇنخۇاڭ يىپەك يولىنىڭ شەرقىدىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. دۇنخۇاڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرى 111- يىلى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ( يۇەندىڭ 6- يىلى ) جيۇچۈەن ۋالىيسى تەرىپىدىن ناھىيە قىلىپ قۇرۇلغان. سۈي سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ناھىيە بىكار قىلىنىب، دايى يىللىرىدا گۇاجۇ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ تىيانباۋ يىللىرىغا كەلگەندە يەنە ساجۇ رايونىنى دۇنخۇاڭ ۋىلايىتى قىلىپ تەسىس قىلغان. ئۇنىڭ ئورنى خېشى كارىدورىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. يەنى غەربىي تەرىپى يۇمېن قوۋۇقى ۋە ياڭگۇەن قوۋۇقىغا تۇتىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىككى خەن سۇلالىسىنىڭ جەنۇب-شىمال سۈلالىلىرى دەۋرىگىچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ قاتنىشىدا دەرۋازا بولۇپ كەلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، بۇ جاي دەسلەپ تۈبۈتلەرگە تەۋە، كېيىن تاڭخۇتلارغا تەۋە بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەرنى ساجۇ قاراۋۇلخانىسى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دۇنخۇاڭ ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

تارىختىن بىرى دۇنخۇاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، بۇ رايوندا ئىلگىر-كېيىن چوڭ توخرىلار، ساكلار، ئويسۇنلار، چاڭلار، روڭلار، ھونلار ياشىغان ۋە گۈللەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىيانپىي، تۇيغۇن، تۈپۈتلەر، ئۇيغۇر، تاڭغۇت،موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر مۇشۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار بۇ رايوندا 500 يىلدىن ئارتۇق پائالىيەت قىلىش جەريانىدا مول تارىخىي ئىزلارنى قالدۇرغان. ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى مۇشۇ دەۋردە ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى دۇنخۇاڭدىن چىققان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار ئىدى. دۇنخۇاڭدىكى تاش غارلار ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە يېزىلغان خاتىرىلەر ۋە تام رەسىملەر بار بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنخۇاڭ رايونىدا ناھايىتى گۈللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار قايسى ۋاقىتتا دۇنخۇاڭ ۋە خېشى رايونىغا كېلىپ، بۇ يەرلەردە پائالىيەت قىلغان ؟ 13- ئەسىرگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىلىنگا دەرياسى ۋە ئېرۇگۇنا دەرياسى ئەتراپىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 744- يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار تۇركلەرنى مەغلۇپ قىلىب، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تۇمەندىن قارقوغۇ قاغانغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بۇ ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقىتلاردا تېررىتورىيىسى شەرقتىن شىۋىيلارغىچە، غەربتە ئالتاي تېغىغىچە، جەنۇبتا چوڭ قۇملۇققىچە بولغان تۈركلەرنىڭ بارلىق زېمىنىنى ئىگىلىگەن. 840- يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەد ۋە خاككاسلارنىڭ بېسىپ كىرىشى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولۇپ، قەبىلىلەر چېچىلىپ، بىر تارمىقى ھازىرقى خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ كەلگەن. خېشى رايونىدا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن بولۇپ، 840- يىلى كۆچۈپ كەلگەن بولماستىن، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا ھونلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، خېشى رايونىغا ئېلىپ كېلىنگەن. كېيىنكى مەزگىللەردە، قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى قەبىلىلەرمۇ خېشى رايونىغا كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە دىڭلىڭ ۋە تېلى قەبىلىلىرىمۇ بار ئىدى. 715- يىلىغا ( ۋۇزېتيەن دەۋرىدە ) تۈركلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن ئۇيغۇر خانلىقى بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، تېلى قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق قەبىلىلەر گەنجۇ، لياڭجۇ قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كىرگەن. ئۇيغۇرلار ئىككىنچى قېتىملىق زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىر قىسىملىرى قۇملۇقنىڭ شىمالىغا كېتىپ قالغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسمى يەنىلا خېشى رايونىدا قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى كۆچۈپ كېلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئۇيغۇر قەبىلىرىنىڭ گەنسۇ رايونىغا كۆچۈپ كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى خاتىرىلەرمۇ بار. يەنى “ خېشى كارىدورى ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىدىن كېيىن تۈبۈتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 840- يىلى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىمۇ تۈبۇتلەرنىڭ ھۆكۇمرانلىقىدا بولغان“.

ئۇيغۇرلار خېشى رايونىغا كەلگەندىن كېيىن كۈچى ئاجىز بولغاچقا، تۇبۈتلەرگە تايانغان. تۇبۇتلەر خېشى كارىدورىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ساجۇ ھىراۋۇلى جاڭ يېچاۋ ( دۇنخۇاڭغا ۋالىي بولغان ) غا بېقىنغان. بەش دەۋردىن كېيىن ( يەنى 907- يىلىدىن كېيىن )، تۈبۈتلەرنىڭ تەسىر كۇچى ئاجىزلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار تەدرىجىي كۇچىيىپ گەنجۇنى مەركەز قىلغان. گەنجۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەركىزى بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالغان. تارىختا خاتىرىلىشىچە ”بەش دەۋر مەزلىدە تۈبۈتلەر ئاجىزلاپ، ئۇيغۇرلار تاڭغۇتلار، چاڭلار… نى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ گەنجۇنى مەركەز قىلدى“ دەپ خاتىرىلەنگەن. “ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى غەربتە ساجۇ ( دۇنخۇاڭ )، گۇا ( ئەنشى) قاتارلىق رايونلارنى ئىگىلەپ، 840- يىلى جاك“ يېچاۋ تۈبۈتلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، شىنجاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي تاتارلىق رايونلاردىكى قاتناش ئاساسىي يوللىرىنى ئىگىلەپ، گۇاجۇ، ساجۇنى مەركەز قىلغان ھالدا بەيئەتچىلەر قوشۇنى ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ، جاڭ چېڭغىڭ ( جاڭ يېچاۋنىڭ ئوغلى ) دەۋرىگە كەلگەندە يەنى��905- يىلى. جىنشەن دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ ۋاقىتتا گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچى كۈنسېرى زورايغان بولۇپ، جىنشەن دۆلىتى بىلەن زدىيەتلىشىپ قالدى ھەم كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلدى. دۇنخۇاڭدىكى تاش ئۆڭكۈرلەردىن تېپىلغان 911- يىلىدىكى بىر ھۆججەتتە خاتىرىلىنىشىچە، بۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن جىنشەن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ئۇرۇش بولغان بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ? كۇلىمى چوڭ بولغان. دەل مۇشۇ يىلى گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ساجۇنى ئىگىلىگەن. جاڭ چىڭنيەن تەسلىم بولۇپ، گەنچۇ ئۇيغۇر خانلىقنى ئاتا تۇتقان. بىز بۇنىڭدىن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ساجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى كونترول قىلغانلىقىنى چۇشىنىۋالالايمىز. تارىختا “ گۇاجۇ، ساجۇ بەيئەنچىلەر قوشۇنى ئۇيغۇرلار ئارسىغا سىڭىپ كەتكەن“ دەپ خاتىرىلەنگەن. “ نەيبىڭ شگونىڭ 5- يىلى (980- يىلى ) 3- ئاينىڭ 26-كۇنى گەنجۇ، ساجۇ ئۇيغۇرلىرى فىيې قاتارلىق ئەلچىلەرنى ئولپان تاپشۇرۇشقا ئەۋەتكەن، ئۇلار سۇڭ سۇلالىسىگە تۆگە، ئات، ئۈنچى مارجان ۋە قاشتېشىلارنى سوۋغا قىلغان. “ بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خېشى ئۇيغۇرلىرى ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ رايونلارنى ئىگىلىگەن. 917- يىلىدىن 1121- يىلىغىچە ( بەش دەۋردىن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىغىچە ) خېشى ئۇيغۇرلىرى گەنجۇنى مەركەز قىلغاندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى رايونلارغا تارقالغان. ① ساجۇ ( بۇگۇنكى دۇنخۇاڭنىڭ غەربىي ) : خاتىرىلىنىشىچە، گۇاجۇ، ساجۇ بەش دەۋرنىڭ بىدىن تارتىپ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىغا بېقىنغان. 980- يىلىغا كەلگەندە، ساجۇ ئۇيغۇرلار تەرىبىدىن كونترول قىلىنىشقا باشىلغان. ② لياڭچۇ ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ ۋۇۋىي ناھىيىسى ) : 1020- يىلى لياڭجۇ ئۇيغۇرلىرى سۇڭ سۇلالىسىغا ئولپان تاپشۇراتتى. ③ خېلەنشەن : 989- يىلى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى خېلەنشەن تېغى باغرىدا ئولتۇراقلاشقان.

④ چىن جۇ ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ تيەنشۈ ناھىيىسى ). ⑤ خېلۇچۇەن ( بۇگۇنكى ئېرخپا دەرياسى ). ⑥ سۇجۇ ( بۇگۇنكى گەنسۇنىڭ جيۇچۇەن ناھىيىسى ). بۇلارنىڭ ئىچىدە، گەنجۇدا پۇتۇن خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چارۋىچى قەبىلىلىرى ئەڭ كۆپ ئولتوراقلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ساجۇ قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا كىچى قەبىلىلىرى بولغان. ھەتتا خېلۇچۇەن كىچىك قەبىلىسىدىمۇ سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن كىچىك قەبىلىلە بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ باشلىقى بولغان. ئۇ، شۇ قەبىلىنىڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن.. قىسقىسى، خېشى ئۇيغۇرلىرى فېئوداللىق جەمئىيىتىدە ئاساسلىقى چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىناتتى. شۇ چاغلاردا ئۇلار خوجايىنغا بېقىندى بولۇپ كەلگەن. بۇلاردا ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئەمەلدارنىڭ ئاتىلىشىدا ئاساسەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تۇركلەر بىلەن ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىكى ئاتاش شەكلىنى تەڭ ئىشلەتكەن. جەمئىيەت ئىقتىسادىي چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلغان، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئالدىنقى��دەۋرىدە، شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۆتكەن بولۇپ، 9- ئەسىردە گەنجۇغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. سۇڭ، يۇەن سۇلالىلىرى مەزگىلى، ئۇيغۇر تىلى خېشى رايونى ئەتراپىدىكى ئاساسلىق ئالاقىلىشىش تىلى بولۇپ، دۇنخۇاڭمۇ ئۇيغۇر بۇددىزمچىلىقىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددىزىم ئۆرنەكلىرىگە قارايدىغان بولساق شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نوملارنىڭ ھەممىسى بولمىسىمۇ، لېكىن نومنىڭ دەستۇرى بىلەن مۇھاكىمىسىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلىكى ئىلگىر – كېيىن بولۇپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرچىمە قىلىنغان. خېشى كارىدورى سودىدا شەرق-غەرب قاتنىشىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ، غەربىي شيا بۇ سودا يولىغا نۇرغۇن توسالغۇلارنى ئېلىپ كەلگەچكە، ئۇيغۇرلار بىلەن غەربىي يۇرت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش كەلتۇرۈپ چىقارغان. 1001- يىلىدىن 1016- يىلىغىچە ئۇيغۇرلارئۈچ قېتىم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، غەربىي شيا تەرىبىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، خېشى كارىدورىدىكى گەنجۇ، لياۋجۇ، سۇجۇ، گۇاجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ھەمىىسى غەربىي شيانىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان. تارىختا ”1336- يىلى ئۇيغۇرلارغا ئەسكەر چىقىرىپ گۇاچۇ، سۇچۇ، قاتارلىق ئۇچ رايوننى ئىگىلىۋالغان“. “ مىلادىيە 1032- يىلى لى يۇەنخاۋ قوماندانلىقىدىكى غەربىي شيا قوشۇنلىرى لياڭجۇغا يەنە بىر قېتىم ھۇچۇم قىلغان“. شۇنىڭدىن كېيىن گەنجۇنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلار ھۆكۇمرانلىقى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان. ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئۇلارنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىن يوقالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇلار كۆپ قېتىىلىق كۆچۈش، بىرلىشىش نەتىجىسىدە قايتىدىن تەرەققىي قىلىشتەك تارىخىي جەريانلارنى باشتىن كەچۇرگەن. گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقتىنى ئەگەر 872- يىلى دۇنخۇاڭ ۋاڭى فاڭ يېچاۋنىڭ ئۆلىمىدىن باشلىساق، 1028- يىلىدىكى? گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تاڭغۇتلاردىن بولغان لى يۇەنخاۋ تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋىلىشقىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ پائالىيىنى 11-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلانىڭ پەيدا بولۇشىغىچە داۋاملاشقان.

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * مەدەنىيەت تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار