ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۇنجى ماتېماتىك– ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك

ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۇنجى ماتېماتىك-- ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك

يۈسۈپجان ياسىن (مەنبەسى : <<شىنجاڭ ياشلىرى>> 2010 يىل 5-سان) 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئەرەب مىللىتى پارسلار، تۈركلەر(تۈركىيلەر)، ھىندىلار ۋە گېرىكلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مۇھىم ئەسەرلەر ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئارقىلىق ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاساس سېلىندى. تەرجىمەداۋامى

خەتكۈچلەر: ، ، ، ،
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * تەپەككۈر تارىخىمىز، * مائارىپ تارىخىمىز

بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى – مۇھەممەت مۇسا خارازىمى

بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى - مۇھەممەت مۇسا خارازىمى

مۇھەممەت مۇسا خارازىمى 780 – يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.بۇ شەھەر كىيىنچە شەرقىي قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان. ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى ) دىن باشقا ئەرەپ ، يۇنان ، پارىس ، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن . ھەمدە ماتېماتىكا ، ئاستۇرنومىيە ، جۇغراپىيە ، مىدىتسىنا ۋە تارىخ پەنلىرىنىداۋامى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * تەپەككۈر تارىخىمىز

ئىبن سىنانىڭ ياۋرۇپا پەلسەپىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

ئىبن سىنانىڭ ياۋرۇپا پەلسەپىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

ئىسمائىل ياقىت (تۈركىيە) بۇ ماقالە 2005- يىلى 10- ئايدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹6-قېتىملىق خەلقارا تۈرك مەدەنىيەت كونگرېسى ››دا ئوقۇلغان شۇ ناملىق ماقالىغا ئاساسەن يۈسۈپجان ياسىن تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلدى. شەرقلىقلەر «ئەش-شەيخور رەئىس»، غەربلىكلەر «ئاۋىسېننا» دېگەن نام بىلەن تىلغا ئالىدىغان مەشھۇر ھېكىم ۋە پەيلاسوپ ئىبن سىنانىڭ ئەدەبىياتتىكى تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئېلى ھۈسەيىن بىنداۋامى

خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * تەپەككۈر تارىخىمىز

ئەلىشىرنەۋائىنىڭ ئاناتولىيەدىكى تەسىرى

ئەلىشىرنەۋائى

يۈسۈپجان ياسىن بۇ ماقالىنى بۈيۈك شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلايمىز. 15- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خوراساندا ئەدەبىي ئىجادىيەت، سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى مەشھۇر شائىر، سەنئەتكار، ئالىم، مۇتەپەككۇر ۋە دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە تۈركىيلەرنىڭ تەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ياراتقانىدى. فرانسۇز شەرقشۇناسىداۋامى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * تەپەككۈر تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

ئۇلۇغ تىلشۇناس ، ئالىم – پىرخۇيلان

تۇيۇق مىڭئۆيى خارابىسى

پىرخۇيلان ( 726 – 820 – يىللىرى ) تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا دىنى مۇتەپپەككۇرى ، ئاتاقلىق مائارىپچى ، تىلشۇناس ، يازغۇچى بولۇپ ، ئۇ ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە مەشھۇر تارىخى شەخىسلەر قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. پىرخۇيلان ( 裴 悲 ) مىلادى 736 –داۋامى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * تەپەككۈر تارىخىمىز

ئابدۇشۇكۇرمۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر روھىيىتى تەتقىقاتى»

ئابدۇشۇكۇرمۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر روھىيىتى تەتقىقاتى»

ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئىنساننىىڭ ھاياتىنىيىرگىنىشلىك ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويۇشنىڭ يولى تولا، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەشەددىيسى -ئىنساننىپەقەت ئۆزىنىلا ئويلاش، ئۆز شەخسىيىتىگە چوقۇنۇش، ئۆزىدە مەنىۋىيەتنىڭ ھەر قانداق دولقۇنىنىبەرپا قىلىش ۋە ئۆزنىڭ سىرلىق ھاياتىنى قورساقىنىڭ غېمىدە يۇرۇش ھەمدە ۋاقىتنى بىكارغائۆتكۇزۇش دەرىجىسىگە چۇشۇرۇپ قويۇش. شۇنداقلا بۇنىڭغا مەجبورى كۆندۇرۇشتىن ئىبارەت. م. ئى. سالىتكوۋ- شېدىرن ئىنسانىيەتداۋامى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تەپەككۈر تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ

دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پىسخىكىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپاد چىقىدىغان نوپۇزلۇق بىر گېزىتتە مۇنداق بىر قىزىقارلىق پەرەز بېسىلغان: مەلۇم بىر ئۆيدە تۇيۇقسىز بىر تال يىڭنە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۆيدە ئىتالىيىلىك، فرانسىيىلىك ۋە گېرمانىيىلىك ئۈچ كىشى بولۇپ، ئۇلار بۇ كىچىككىنە ئىشقا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان:داۋامى

خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: * تەپەككۈر تارىخىمىز، * سىياسىي تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى

يۈسۈپجان ياسىن مىللىي روھ ياكى ئۇنىڭ ئەمەلىي ھاياتتىكى ئىپادىسى بولغان مىللەتپەرۋەرلىك ياكى مىللەتچىلىك بىر كىشىنىڭ ئۆزمىللىتىگە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىنى ھەم تارىختا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى قىممەت ئۆلچەملىرىنى ھىمايە قىلغان ھالدا، ھۆرمەت، ئىشەنچ، ساداقەت، مەسئۇلىيەت، نازارەت ۋە پىداكارلىق تۇيغۇسى بىلەن باغلىنىشى، شۇنىڭدەك مىللەتنى يۈكسەلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە كۈچ كۆرسۈتۈش روھىدۇر.داۋامى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تەپەككۈر تارىخىمىز، * سىياسىي تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

كۈرەش تاھىر (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىدىن) ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تارىخىي ۋەقەلەر، شەخسلەر، ھادىسىلەر ھەققىدىكى خاتىرىلەر، رىسالىلەر ۋە كىتابلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر تەزكىرىچىلىكىنى شەكىللەندۈردى، تارىخشۇناسلىقىنى راۋاجلاندۇردى. لېكىن تەبىئىي ھادىسىلەر، ئىجتىمائىي،داۋامى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * تەپەككۈر تارىخىمىز

شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە

باتۇر روزى مىلادى 870 – يىلى كەچكى قۇياشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرلىرى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب قەلئەسىنىڭ خاڭ بىلەن قاڭدالغان ئېگىز – ئېگىز سېپىللىرىنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. غۇر – غۇر شامال شەھەر ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ ئارامبەخش نەم ھاۋاسىنى ئۇچۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. كۈندۈزى قۇياش تەپتىدە تونۇردەك قىزىپ كەتكەن شەھەر كوچىلىرىداۋامى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * تەپەككۈر تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار