چىنگىزخان ۋە ئۇيغۇر يېزىقى

چىنگىزخان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىلگىرى مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ تېخى ئۆز يېزىقى يوق ئىدى.ھەر قېتىم ھەربىي بۇيرۇق چۈشۈرگەندە ياكى ئەلچى ئەۋەتكەندە پەقەت قول ئىشارىسى قوللىناتتى. بۇ ھەربىي بۇيرۇق ۋە خانلىق پەرماننىڭ توغرا يەتكۈزۈلىشىگە ئېغىر تۇسالغۇ بولۇپ مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تونۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزدى.چىنگىزخان خەت بىلمىگەچكە سانسىزلىغان ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولدىن بېرىپ قويدى، بۇ سەۋەپلىك ئۇ ئەڭ ئالى ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن يېزىقى بولماسلىقنىڭ مىللەتكە كەلتۈرىدىغان ئاۋارىچىلىقى ۋە قولايسىزلىقىنى تېخىمۇ ھىس قىلىدىغان بولدى. خۇشاللىنارلىقى، ئۇنىڭ مۇڭغۇل يېزىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارزۇسى ناھىيىتى تېزلا مۇڭغۇل يايلىقىدا رىئاللىققا ئايلاندى.

1204 – يىلى چىنگىزخان قۇياش خانىدانلىقىنى يوقاتتى، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى بىر ئەسىرنى قولغا چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئىسمى تاتاتۇڭا بولۇپ، ئۇيغۇر ئىدى. تاتاتۇڭا تۇغما ئەقىللىق ۋە سۆزمەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى پىششىق بىلگەچكە قۇياشخاننىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ خان ئۇستازى ۋە دۆلەت مالىيسى بىلەن ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقىغا ئىشلىتىدىغان ئالتۇن تامغىنى باشقۇرىدىغان ۋەزىر بولغان. قۇياشخان مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز خانىغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى يوقاتماي تامغىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا موڭغۇل قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى.

چىنگىزخان ئۇنىڭدىن:

_ قۇياشخانننىڭ جىمى پۇقرالىرى ۋە زېمىنى مېنىڭ ئىلكىمگە ئۆتكەن تۇرسا ئۇ ئالتۇن تامغىنى يوشۇرغىنىڭنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟_ دەپ سورىدى.

بۇنىڭغا جاۋابەن تاتاتۇڭئا:

– بۇ بىر ۋەزىرنىڭ مەسئۇلىيىتى! كاللام كەتەسە كەتسۇنكى، مەرھۇم خاقانىمغا ئاسىيلىق قىلسام بولمايدۇ،_ دېدى.

چىنگىزخان بۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ:

_ سەن ھەقىقەتەن ساداقەتمەن ئادەم ئىكەنسەن، دۆلىتىڭنىڭ يېزىقىنى پىششىق بىلەمسەن؟_ دەپ سورىدى.

_ بىلىمەن، ئالىلىرى ماڭا خىزمەت بەرسىلە،_ دىدى بۇنىڭغا جاۋابەن تاتاتۇڭا.

بۇ چىنگىزخاننى قاتتىق خۇشال قىلدى، ئۇ تاتاتۇڭئانى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ، ئۇستازلىق مەرتىۋىسىنى بېرىپ، پەرزەنتلىرى بىلەن بەگلىرىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەتتى. كېيىن چىنگىزخان يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق بىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تېپىپ كېلىپ مەرتىۋىلىك مۇڭغۇل پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەتتى.

چىنگىزخاننىڭ زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىشى، تاتاتۇڭئا قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئەڭ بالدۇر ئۆگەنگەن ئېسىلزادىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجى ھالدا مۇڭغۇللارنىڭ تىل ئالاقىسىغا ئىشلىتىلىدىغان بولدى،شۇنداقلا دۆلەت تۈزۈمىگە ئايلاندى.

گەرچە يۇەنشىزۇ دەۋرىدە دۆلەت ئۇستازى باسبا زاڭزۇ يېزىقىنى قوللىنىشنى دۆلەت تۈزۈمى قىلىپ قوللىنىشنى تۈزۈم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يۇەن سۇلالىسى يوقالغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدى. ئۇيغۇر يېزىقى مۇڭغۇللار تارىخى تەرەققىياتىدا بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

● بۇ يازما 492 قېتىم كۆرۈلدى ●

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تىل-يېزىق
يېڭى تېمىلار
ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

تۈركچە 1- سىنىپ دەرسلىكى
ئۇيغۇرچە–تۈركچە مەسەللەر

ئۇيغۇرچە – تۈركچە مەسەللەر توپلىمى