ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققا كېلىش قىسقىچە تارىخى

ئەسەت سۇلايمان

7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 10-ئەسىرگىچە ئىسلام دېنى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبى بۆلكىگە تارقالغان. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دېنىنى قوبۇل قىلغان سۇلتان سۇتۇق بوغراخان ئىسىملىك پادىشاھنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە يۇرتىمىزدا ساقلانماقتا. شۇندىن ئېتىبارەن بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىسلام دېنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يۇرتىمىز بىلەن ئەرەپ ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى مەدەنيەت ئالاقىللىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان.شۇندىن كېيىن ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام دېنىغا دائىر دېنى دەستۇرلاردىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايتى كۆپ ئەرەپچە سۆز-ئاتالغۇلار كىرىپ ئۆزلەشكەن. ئەجداتلىرىمىز ئەرەپ يېزىقىنى بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ فونېتىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى 26ھەرپنى ئىشلىتىپ، پارىسلار ئۆزلەشتۈرگەن ژ، گ،پ قاتارلىق ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ياراتقان. ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى زال، ئىتقۇ،ئېزغۇ،ئېغىر ھ، سات، زات قاتارلىق ھەرپلەر ئىشلىتىلمىگەن.

بۇ خىل يېزىق مىڭ يىلغا يېقىن ئىشلىتىلگەندىن كېيىن 1930يىللارغا كەلگەندە ئەسلىدىكى ئېلىپبەنىڭ ئۇيغۇر ئېغىز تىلىغا ماسلاشمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇلاھىزىلەر باشلانغان. 1956-يىلىدىن كېيىن ھازىر زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئەرەپچىگە خاس بولغان ئەيىن قاتارلىق ھەرپ بەلگىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش بىلەن بىللە ڭ ھەرپىنى رەسمى بېكىتكەن. شۇندىن بۇيان بىز ئىزچىل ھالدا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى 32 ھەرپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تىل تاۋۇشلىرى ھېساپلىنىدۇ.

دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق كىتابىنىڭ 302-بېتىدىن ئېلىندى.

● بۇ يازما 986 قېتىم كۆرۈلدى ●

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تىل-يېزىق
يېڭى تېمىلار
ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

تۈركچە 1- سىنىپ دەرسلىكى
ئۇيغۇرچە–تۈركچە مەسەللەر

ئۇيغۇرچە – تۈركچە مەسەللەر توپلىمى