ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ  ئۇيغۇرلىقىمىز ئامېرىكا يەسلىسىدىكى ئۇيغۇرچە خەت

ھەممە ئىش ئالدىن پىلانلىنىدىغان ئامېرىكىغا “تۇيۇقسىز”كېلىپ قالغان قىزىمنى يەسلىگە ئورۇنلاشتۇرالماي بېشىم قاتتى. مەن ئائىلەمنىڭ كېلەلەيدىغان ياكى كېلەلمەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمىگەچ قىزىمنىڭ يەسلى ئىشىنىمۇ ئويلىشالمىغان ئېدىم. توختىماي سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى يەسلى مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. مەكتىپىمىزنىڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ يەسلىسى قىزىمنى قوبۇل قىلدى. قىزىم گەرچە ئامېرىكا پۇقراسى بولمىسىمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بەھرىمەن بولىدىغان يارىدەم تۈرىدىن بەھرىمەن بولدى. قىزىم ئوقۇيدىغان يەسلىدە ئېيىغا نەچچە مىڭ دوللار تۆلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىمۇ، بىزدەك ئىشلىشى ئىجازەتسىز بولغان، مۇكاپاتقا تايىنىپ ياشايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئوخشاش شارائىتتا تەربىيەلىنەلەيتتى. يەسلىگە تىزىملاتقىلى بارغاندا كىرىم ئىسپاتىمنى تاپالمىغان ئېدىم، خىزمەتچى خادىم ” ساڭا ئىشىنىمىز، ئىسپاتنى تاپالىغاندا ئېلىپ كەلسەڭ بولىدۇ، قىزىڭ يەسلىگە كېلىۋەرسۇن” دېدى. ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئاسپىرانتلار باشقارمىسى دېپلۇمىمغا خاتا يېزىپ قويغان ئىسمىمنى ئوڭشىتىمەن دەپ ھەپتە ئاۋارە بولغانتىم. دېپلۇم ۋە كىملىكتىكى ئىسمىم، رەسىمىممۇ مېنىڭ مەزكۇر كىشى ئىكەنلىكىمگە ئىسپات بولالمىغانتى. مەندەك بىر چەتئەللىكتىن نە پاسپورت نە باشقا ئىسپات تەلەپ قىلماي قىزىمنى پۇقرالىرى بىلەن ئوخشاش مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتكە ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئىنسانىي ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى ئاپتاپتەك ھەممىگە تەڭ يەتكۈزىدىغان كىشىلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن زوقلاندىم. قىزىم دادىسنىڭ ئوقۇغۇچىلىقى، پۇلسىزلىقى سەۋەبلىك يەسلىسىز قالمىدى، ياكى ئىمتىيازلىق ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئالدىدا بويۇن قىستۇرۇلمىدى. ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ بۇنداق پۇرسەتتىكى باراۋەرلىكى مېنى قايىل قىلدى. ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزى ۋە ئىسمىدىن سىلاۋىيان تىللىق بىرەر دۆلەتتىن كەلگەنلىكى چىقىپلا تۇرىدىغان خادىم قىزىمنى رەسىمگە تارتىپ بولۇپ، بىزگە بىر پاتمان جەدىۋەللەرنى تۇتقۇزۇپ قوبۇللاش رەسمىيەلىرىنى تاماملىدى. جەدىۋەلگە قارىدىم، توۋا بۇ يەسلىدىكىلەرنىڭ ئەستايىدىللىقىنى! قىزىمنىڭ قايسى رەڭگە ئامراقلىقىدىن تارتىپ، قانداق تاماقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغىچە، قانداق قىلىقنى كۆپ قىلىدىغانلىقىدىن تارتىپ تۇنجى دېگەن سۆزىگىچە ھەممىنى يېزىشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئېدى. قىزىمىزنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى بىزمۇن ئانچە تەپسىلى بىلمەيدىغان بولغاچ چوڭلاردى سوراشتۇرۇپ بۇ جەدىۋەللەرنى تولدۇرۇشقىلا بىر كۈن كەتتى. جەدىۋەللەر ئىچىدە تاسادىپى ئەھۋال كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش ھەققىدىكى ۋاراق مېنى ئويلاندۇردى، جوڭگۇدا مەيلى مىللىتىمىزدە بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەردە بولسۇن تاسادىپى ھادىسىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە نە شەخسىي تەييارلىق نە ئىجتىمائى مۇلازىمەت سىستىمىسى يوقنىڭ ئورنىدا ئېدى. ئامېرىكىدا بۇ ھەقتىكى تەربىيە ۋە ئەسكەرتىش يەسلىدىن باشلىنىدىكەن.

ئاۋغۇستنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى قىزىمنى يەسلىگە ئېلىپ باردىم. چىراي تۇرىقىدىن ساغلاملىقى چىقىپلا تۇرىدىغان ئالتۇن چاچلىق چىرايلىق بىر قىز ۋە ئۇيغۇرغا سەل ئوخشاپ قالىدىغان ئىسپانچىراي يەنە بىر قىز بىزنى قىزغىن كتىۋالدى. بىرسى ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن قىزىمنى بىرەر قۇر تەكشۈردى يەنە بىرى قىزىمغا مەخسۇس تەييارلانغان ئىشكاپنى كۆرسەتتى. ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە قىزىمنىڭ رەسىمى ۋە ” مەسئۇدە خۇش كەلدىڭىز” دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان ئېدى. ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. سوراپ بىلدىمكى، يەسلىدىكى يېتەكچىلەر قىزىمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئاتايىن توردىن قارشى ئېلىش مەنىسىدىكى ئىنگىلىزچە جۈملىگە ئاساسەن بۇ ئۇيغۇرچە جۈملىنى تېپىپ چاپلاپ قويۇپتۇ.

يەسلى مۇنداق ئۈچ بۆلۈم ۋە بىر چوڭ مەيداندىن تەركىپلەنگەنىكەن. بىرىنجى بۆلۈم بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئويناش، ھىكايە ئاڭلاش، ناخشا ئوقۇش، مۇزىكا چېلىش،دېكلاماتسىيە قىلىش، رەسىم سىزىش، ئۆي ئىشى قىلىش، قول ھۈنەر قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە ماس بېزەلگەن ۋە ھازىرلارنغان بولۇپ تولىمۇ ئازادە بىر زال ئىكەن. ئىككىنجى بۆلۈم ئاتا-ئانىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بالىلارنىڭ خۇي، قىلىقلىرىنى ۋە گەپ سۆزلىرىنى كۆزتىشى ئۈچۈن ھازىرلارنغان بولۇپ بالىلار كۆزەتكۈچىلەرنى كۆرەلمەيدىكەن. ئۈچىنجى بۆلۈم بالىلارنىڭ سىرىتتا ئويناش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئوينايدىغان زالى بولۇپ سىرىتتكى چوڭ مەيداندا بار ھەممە ئويۇنچۇقلار تەقلەنگەن ئىكەن. ئوچۇقچۇلۇقتىكى چوڭ مەيدانغا تۈرلۈك ئەسلەھەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈرلۈك تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كچىكلىتىلگەن شەكىللىرىمۇ كۆزگە چېلىقىدىكەن، ئادەمنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىغىنى ئامېرىكىچە فۇتبول بىلەن ۋاسكىتبول ئىكەن. مەن بۇلاردىن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىنى يېتەكلەپ كېتىۋاتقان كارامىتىنىڭ سىرىنى ئاڭقارغاندەك بولدۇم.

ئويۇنچۇقلار ئاساسەن بىر كىشىلىك، ئىككى كىشىلىك، ئۈچ كىشىلىك ۋە كۆپ كىشىلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، مەنچە بۇ بالىلاردا كىچىكىدىن ھەمكارلىق، ماسلىشىش ۋە دوستلۇق روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك. بۇ كىچىك بالىلارغا مۇشۇنداق ئويۇن ئارقىلىق ھەمكارلىقنىڭ موھىملىقىنى كىچىكىدىن سىڭدۈرمەي، ھە دېسە ئىتتىپاقلىققا دائىر شۇئارلارنى يادىلاتقاننىڭ قانچىلىك ھاماقەتلىك ۋە زوراۋانلىق ئىكەنلىكنى ھىس قىلغانچە يۈرۈكۈم سىقىلىپ كەتتى. قۇلاق تۈۋۈمدە لۇشۈن ئەپەندىنىڭ « بالىلارنى قۇتقۇزىۋالايلى!» دېگەن ياڭراق ساداسى جاراڭلىدى. بىز قوراملىقلارغۇ شۇ ھاماقەتلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ شىرىكلىشەلمەي، شىركەتلىشەلمەي ئىللەتلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىتىپاقسىزلىقىدىن قاقشاپ ئۆتۈپ كەتتۇق، ئىتىپاقلىق شۇئار بىلەن ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ دەرسلىكلىرىمىز، دەرسخانىمىز، ئوقۇتۇقۇچىلىرىمىز بالىلارنىڭ ئۆملۈك روھىنى يېتىلدۈرۈشتە نېمە قىلالىدى؟ مىللەتنىڭ بىز كۈتكەن ساغلام روھىي مائارىپسىز، تەربىيەسىز، كىچىكىدىن يېتەكلەشسىز قېلىۋاتسا، يەنە ھەممە گۇناھنى قارا قويۇق مىللەتكە ئارتىپ قويۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

“مەن قەشقەرلىك”

قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كۆپرەك كۆرگىنى بىر ئۇيغۇرىمىز بولدى. ئۇياقنىڭ ئاتا-ئانىسى غۇلجىلىق تارانچىلاردىن بولسىمۇ چاخچاقنى يېرىم كۈندىن كېيىن چۈشىنىپ بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە رەنجىپ قالاتتى. ئۆزى ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغىنىغا قارىماي “بىز غۇلجۇلۇقلار” دەپ سۆزلەپ قوياتتى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايىسى ۋىلايەتلىرىدىكى تارماقلىرىدا بىر خىسلەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەنچە ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىكى خىسلەت يۈكسەك غۇرۇر، قورقۇمسىزلىق ۋە ئوچۇق خاراكتىر. بولۇپمۇ مەن بۇ تارماق ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئورۇن، مەرتىۋە ۋە ھوقۇق سۈرۈشتۈرمەي مەسخىرە قىلالايدىغان ئەركەكلىكىدىن سۆيۈنەتتىم. شۇ سەۋەپتىن يېقىن ئەتراپتىكى بىر دىنبىر ئۇيغۇرۇم بولغان بۇ خانىمنىڭ ئۇيغۇردىكى جىمى تارىخى ۋە رىيال پىشكەللىكنىڭ مەنبەسىنى قەشقەرلىككە دۆڭگەپ چاخچاق قىلىشلىرىغا كۈلكە، چاخچاق بىلەن جاۋاپ قايتتۇراتتىم. مېنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى “مەن ئۈرۈمچىلىك” دېيەلمەسلىكى ئېدى. مەندىن ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچۇلۇرۇم تولا يۇرتۇمنى سورايتتى. كىشىلەرنىڭ گېپىگە دىققەت قىلسام، ئۇيغۇردىن بىر كىشىنىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە ھەممەيلەن ئۇنىڭ يۇرتىنى بىلىشكە ئالدىرايتتى. ھەتتا زىيالىلار ئارىسىدا بىر مەشھۇرنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە يىللاپ مۇنازىرە قاينايتتى. شۇ تالىشىۋاتقانلاردىن “شۇ مەشھۇرنىڭ ساڭا نەپ بەرگەن بىر ئېغىز گېپىنى دەپ باقسىنا” دېسىڭىز تىرناق تاتىلايتتى. مەن مۇشۇنداق پۈچەك تۇيغۇلاردىن قىزىمنى يىراق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىنى پەقەت ئۇيغۇر دەپ بىلىشنىلا ئارزۇ قىلاتتىم. مەن قىزىمنى ئۇيغۇرلۇقنى تەبىئىي رەۋىشتە ھىس قىلسىكەن دەپ تىلەيتتىم. كاج تەلەي قىزىم ھېلىقى پاجىيەدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ۋاقىتىسز ئەمما ۋەھىمە ئىچىدە ھىس قىلدى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ تولا جۆيلۈپ ” ئاپا قاچاييى(قاچايلى)، xxلار كەيدى(كەلدى)” دەپ چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىشلىرىدىن ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئازابىنى تەڭ تارتتىم. يېڭى كەلگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى تۇنجى قېتىم ئاپتۇبوس بىلەن ئويناتقىلى ئېلىپ چىقماقچى بولۇپ بىكەتكە كەلدىم. ئاپتوبۇس كېلىپ توختىشىغا قولۇمغا چىڭ ئېسىلىۋالغان قىزىم يىغلاپ ئاپتۇبۇسقا چىققىلى ئۇنىمىدى. ھەر قانچە قىلىپمۇ ئاپتوبۇسقا چىقىرالمىدىم. ئۆيگە قايتىپ ئايالىمدىن سەۋەبىنى ئوقتۇم ۋە ئۆزەممۇ يىغلاپ كەتتىم. مەن سىياسىي ئەۋزەللىكنىڭ ۋە ئىختىسادىي مەنپەئەتنىڭ قوغۇدۇغۇچىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مىللەتچىلىككە نەپرەتلىنىمەن. مەن قىزىمنىڭ بىر ئىنسان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ئەگەر ئۇ ئۇيغۇرلۇقنى مۇئاۋىن شۇجى بولۇش ئۈچۈنلا كېرەك قىلسا مەن ئۇنىڭ شۇ ئۇيغۇرلىقىدىنمۇ نەپرەتىلىنىمەن.
قىزىمدىن كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سورۇدۇم،
-تاتلىقىم سىز قايسى مىللەتتىن؟
-ئۇيغۇي.
سىز قايسى يۇرتتىن، يۇرتىڭىز نېمە؟
ھە…
ئاي بالام سىز نەدىن كەلدىڭىز؟
گۈل ئانامنىڭ قېشىدىن.
دېمەك، ئايدىڭ بولدىكى، قىزىم يۇرت دېگەن گەپنىڭ مەنسىنى تېخى بىلمەيدىكەن. بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار يۇرتىنى بىلىپ مىللىتىنى بىلمەيتتى، ئۈچ ياش توقۇز ئايلىق قىزىم بۇنىڭ ئەكچىسە مىللىتىنى بىلىپ يۇرتىنى بىلمەيدىكەن. روسلار تەرىپىدىن ئورتا ئاسىيانىڭ يېڭى خەرىتىسى سىزىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئۆزىنى تۈرك دېگەن ۋە بەزىدە يۇرتلار بويىچە ئايرىپ كەلگەن، تىلىنى بولسا تۈركچە دەپلا ئاتىغان. تىلنى تۈركچە دېيىش پەقەت تىل يېزىق بىلەن ھەپىلىشىدىغان موللا ئۆلىمالاردا ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىدىغانلاردا ساقلانغان. مانا بۈگۈن يېڭى تارىخ يېزىلماقتا، ئۇيغۇر بالىلىرى يۇرتىدىن بۇرۇن مىللىتىنى بىلمەكتە ئېدى. ئارىدىن ئىككى ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن قىزىمدىن يەنە سورۇدۇم. چۈنكى مەن مېنى تولا قەشقەرلىق دەپ مازاق قىلىدىغان “غۇلجۇلۇق” قېرىندىشىمنىڭ قىزىمنىڭ كىملىك چۈشەنچىسىگە قانچىلىك تەسىر قىلغانلىقىنى بىلمەكچى ئېدىم. قىزىم بۇ قېتىم “مەن قەشقەرلىكتىن كەلگەن” دېدى. پىسخىك تىلشۇناسلىقتا قوشۇمچە بىلەن سۆز مىڭىدە ئىككى يەردە ساقلىنامدۇ ياكى بىر يەردىمۇ دېگەن مۇنازىدە بولىدىغان. قىزىمنىڭ جاۋابىغا قارىغاندا سۆزلەر قىزىمنىڭ مىڭىسىدە قوشۇمچە قوشۇلغان شەكىلدە ساقلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ. يەنە بىر ھەپتە ئۆتكۈزۈپ سورۇدۇم. قىزىم بۇ قېتىم “مەن قەشقەردىن كەلگەن، مەن قەشقەرلىك” دېدى. قارىغاندا ئىنسان سوزنى ئاۋۋال قوشۇمچىدىن ئايرىماي ئۆزلەشتۈرېۋىلىپ ئاندىن ئايرىپ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالسا كېرەك. شۇنداق قىلىپ قىزىم قەشقەرگە يېقىن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، قەشقەردىن نەچچە ئون مىڭ كېلومېتىر يىراقتىكى ئامېرىكىدا قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىۋالدى. بۇ ھىكايەت ئائىلە تەربىيىسى بەك موھىم، دەپ ھەدىسە ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيىسى، بۇنىڭ تالانتلىق بالا تەربىيەلەش دەستۇرى دېگەن كىتابلىرىغا دۈم چۈشۈشلەرگە سالقىن قارىشىمىزنى ئەسكەرتىدۇ. بالىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قانداق تونۇشى، نېمىنى سۆيۈپ، نېمىدىن نەپرەتلىنىشى يالغۇز بىزنىڭ تەسىرىمىزدىنلا بولمايدىكەن. مەن يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك، ئائىلىدە بىز ھىچ قاچان “قىزىم سەن قەشقەرلىك” دەپ تەربىيە قىلمىغان. قوشنام دائىم مېنى ۋە يېڭى كەلگەن قىزىمنى “قەشقەرلىك ئۇنداق قىلىدىكەن”، “قەشقەرلىك بۇنداق دەيدىكەن”، “قەشقەرلىكنىڭ بالىسى دېگەن زادى ئۇندا، مۇنداق” دەۋەرگەندىن كېيىن قىزىم ئۆزىنى “قەشقەرلىك” دەپ بىلىۋاپتۇ. تاشقى موھىتنىڭ بالىلارنىڭ كىملىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا يەنە بىر مىسال. قىزىم بىر كۈنى “مەن ئۇسسۇل ئۆگىنىمەن” دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرۇۋالدى. سەۋەبىنى سورۇسام، بىر خەنسۇ خوشنىمىز ئۇنى “ئۇسسۇل ئويناپ بەر” دەپ تۇرۇۋاپتۇ. قىزىم “ئوينىيالمايمەن” دېسە، “ئۇيغۇر بالىلىرى دېگەن ئايىقى چىققاندىلا ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ” دېگەنمىش. شۇ ئان كاللامغا يالقۇن روزىنىڭ “بىز قانداق بولۇپ ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قالدۇق؟” دېگەن ماقالىسى كەلدى. جاۋاپ تولىمۇ ئاددىي، سەھنىدە بەختىيارلىقتىن ئۇسسۇل ئويناۋاتقان رەڭگارەڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنى تولا كۆرۈپ كۆنگەن خەنسۇلارنىڭ بىرى بولغان قوشنامنىڭ ئۇيغۇرغا بەرگەن باھاسى قىزىمنىڭ ئۇسسۇل ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتاتتى. مەن ئىچكىرىدە ئاتا-ئانىسى خەنزۇۋان بولغاچقا ئۇيغۇرچىنى پەقەت سۆزلىيەلمەيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەرگەن. قىزىق يېرى ئۇلار ئۇيغۇرچە بىلمىگەن بىلەن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىيالايتتى، سەۋەبىنى سورۇسام خەنسۇ ساۋاقداشلىرى تولا تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا ئويناشنى ئۆگەنگەنىكەن. دېمەك بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى كىملىكىمىزگە ئەمەس باشقىلارنىڭ نەزەرىدىكى كىملىكىمىزگە قاراپ سىلجىۋېتىپتىمىز. بۇنى ئەلۋەتتە بىزگە موھىت سىدۈرېۋېتىپتۇ. ئائىلە تەربىيىسى موھىم، ھەممە ئادەم ئىشنى ئۆز ئائىلىسىدىن باشلىشى كېرەك دېگەندەك گەپلەرگە مەلۇم جەھەتلەردە ئارىمزىدىكى “ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي” دېگەن بىخەتەر جان بېقىش پەلەسەپىسى يوشۇرۇنغان. بالىمىزنىڭ ئادىمىيلىكىنى بىز ئائىلىمىزدىلا قۇرۇپ چىقالمايمىز. ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى، جەمئىيەت تەربىيىسى بالىمىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولى ئەڭ ئاجىز. شۇڭا مەنچە ئىشىمىزنى ئائىلىمىزدىنلا ئەمەس مەھەللىمىزدىن باشلىغىنىمىز ئەۋزەل.مەسىلەن، بالىمىزنى ئۇيغۇرچە چوڭ بولسۇن دېسەك مەھەللىدە بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تۈرلۈك پائالىيەلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز لازىم. مەنچە مەھەللە چېيى، قورۇ چېيى ئويناۋاتقان ئاتا ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئىتوت ھەپتىسى، ئۇيغۇرچە بالىلار درامما ھەپتىسى، ئۇيغۇرچە چۆچەك ھەپتىسى، پۇتبول ھەپتىسى ئۇيۇشتۇرسا تامامەن بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئارامغا چىققان بوۋايلار، مومايلار پىداكار بولۇشنى خالايدۇ. قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئارامغا چىققان دادامنىڭ ئەڭ كۆپ تاپىلايدىغان گېپى قىزىمنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى جىكىلەش بولدى. دادام ھەر قېتىم قىزىمنىڭ يېنىمدا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسا دىلى يايراپ ھاياجاندىن ئاۋازلىرى تىتىرەپ كېتىدۇ. مەنچە بۇنداق ئۇيغۇر بوۋايلا ئاز ئەمەس. مەن بالامنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئۆزگىرىش جەيانىنى ۋە دادامنىڭ قىزىم بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشنى شۇنچە كۈچلۈك تەلەپ قىلىشلىرىنى يېزىش ئارقىلىق قېرىنداشلارنىڭ بالىمىزنىڭ كاللىسىغا ئورناۋاتقان تۇيغۇلارغا دىققەت قىلىشىنى ۋە بوۋا-مومىلارنىڭ ئۇلاردىن ئەنسىرەشلىرىگە ھەمدەمدە بولۇشلىرىنى ئارمان قىلىمەن.

مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى

ئامېرىكىغا كېلىپلا چىكاگۇ ئايرۇدۇرۇمىدا دىققىتىمنى تارتقىنى ئاتا ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆز سومكىلىرىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان تۆت بەش ياشلاردىكى بالىلار بولدى. بۇ يەردە ياشاش جەرانىدا ماگىزىنلاردا ئۈچ ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭمۇ تۇرمۇش بويۇملىرىنى، كىيىملىرىنى ئۆزلىرى تاللاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ زوقلاندىم. بالام كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئويۇن مەيدانىغا چىقسام بالىسىنىڭ سۈتىنى بىر قولىدا، ئويۇنچۇق، كىيىم قاتارلىقلىرىنى يەنە بىر قولىدا كۆتۈرىۋالغىنى يالغۇز مەنكەنمەن. مېنىڭ قىزىمدەك تۆتكە يېقىنلاشقان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزى ئويناپ ئۇنتۇپ قالماي ئۆزى يۇغۇشتۇرۇپ ئېلىپ قايتىدىكەن. مەندەك تۆت ياشقا ئازقالغان بالىسىغا قوغۇلاپ يۈرۈپ تاماق يۈگۈزىدىغان ئامېرىكىلىقنى كۆرمىدىم. بۇ يەردە ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەندىن ھەيران قالغىنى بالامغا تاماق يۈگۈزۈشۈم بولدى. ئۇلارچە ئىنساننىڭ ھەر قاندىقى قورسىىقى ئاچسا تاماق يەيدىكەن. ئىنساننىڭ تاماق يىيىشى بولۇپمۇ بەدىنى مۇھتاج ماددا بولغان يىمەكلىكنى تەبىئىى خالاپ يىيىشى جانلىقلار دۇنياسىغا خاس تەبىئىي ھادىسكەن. بىزلا ئەمەس خوشنا شىتاتتىكى ئامېرىكلىققا تەگكەن ئۇيغۇر دوستىمىزمۇ بالىسىغا تاماق يىگۈزەلمەي ئاۋارە ئېدى. ئۇ باشقا ئامېرىكلىك ئاياللارنىڭ بالىلىرىغا تاماق يۈگۈزمەي ئۆزىنىڭ يىيىشىگە تاشلاپ بېرىشىگە ھەيرانكەن. ئامېرىكىلىق ئېرىمۇ ئايالىنىڭ بالىغا تاماق يىگۈزىشىگە كۆنۈپتۇ. بۇنىڭدىن مەن بالا تەربىيەسىدە ئانىنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى ھىس قىلدىم. بىز مەيلى قەيەردە بولايلى بالىنىڭ مۇستەقىللىقىگە كىچىكىدىن سەل قارايدىكەنمىز. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزەرىدە بالا مۇستەقىل ئىنسان ئىكەن. ھەمدە ئۇلار بالىنىڭ كىچىكىدىن مۇستەقىل ئادەم بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

مەن ئامېرىكىلىق دوستلۇرۇمنىڭ ئۆيىدە ۋە ئاشخانىلاردا بالىلارنىڭ چوڭلار بىلەن تەڭ داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشلىرىدىن زوقلاندىم. ھەرقانداق ئاشخانىلاردا چوڭلارنىڭ ئورۇندۇقى ئۈستىگە قويۇلۇپ بالىلارنى چوڭلار بىلەن تەڭ تاماقلىنىشىغا لايىقلاشۇرۇلغان بالىلار ئورۇندۇقى باركەن. ئامېرىكىلىقلار بالىرىغا گەپ قىلغاندا بالىسى بىلەن تەڭ بولۇش ئۈچۈن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كۆزىگە تىك قاراپ گەپ قىلىدىكەن ھەم بالىلىرىدىن شۇنداق ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇلاردا بالىلارنى تەنقىد قىلغاندا بالىلارنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىشى تەلەپ قىلىنمايدىكەن. بەلكى ئاتا ئانىسىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇشى، قانداق كەيپىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىشى شەرت قىلىنىدىكەن. بۇ جەھەتتە بىزدىن ئاسمان زېمىن پەرق قىلىدىكەن. يەنە بۇلاردا ئاتا-ئانىلىرى خاتالاشسا بالسىدىن كەچۈرۈم سورايدىكەن. ئامېركىلىقلار ئائىلىسىدىكىلەرنى تونۇشتۇرغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىرىدىن تارتىپ ئىتلىرىغىچە تونۇشتۇرىدىكەن ۋە سىزنىڭ ھەممەيلەنگە باراۋەر سالام قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىدىكەن. داستىخاندا ساھىپخان ۋە مىھماننىڭ بالىلىرى چوڭلار بىلەن تەڭ مىھمان بولىدىكەن. داستىخاندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا بالىلار خالىغانچە گەپ قوشىدىكەن. بۇنداق چاغدا بالىلار نېمە دېيىلىشىدىن قەتئى نەزەر چوڭلار بېرىلىپ ئاڭلايدىكەن. بىزدە مىھمان كەلسە بالىلارنى يېقىن يولاتمايدىغان، بالىلارنىڭ مىھماننىڭ گېپىگە “قوشۇق سېلىش”لىرى قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەت بار. مەنچە بۇ بالىمىزنى خەقلەر بار يەردە ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. كىچىككىنە قىزىمنىڭ ئامېرىكلىق بالىلاردىن بىر پەرقى، بالام ئادەم كۆپ يەردە ئانىسىنىڭ كەينىگە ياكى مېنىڭ كەينىمگە ئۆتۈۋالىدۇ. بۇنى مەندىن بىر قانچە يىل بۇرۇن كەلگەن باشقا بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن سورۇۋېدىم ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭمۇ ئوخشاش خۇيى باركەن. مەنچە ئامېرىكىلىقلاردا پەرزەنتلەرگە ھەممە ئادەم، ھەر ۋاقىت، ھەر يەر، ھەر قانداق شارائىتتا باراۋەر دېگەن ئىددىيە سىڭدۈرىلىدىكەن.

بىر كۈنى خوشنىمىزنىڭ قىزى بالام بىلەن بىللە ئوينىدى. قىزىمدىن بىر ياش چوڭ بۇ قىز قىزىمغا بەك ئامراق ئېدى. لېكىن نېمىشقىكىن بۇ ئامېرىكىدا بالىلار سىرىتقا چىقىپ قوشنا بالىلار بىلەن مەھەللىدە ئوينىمايدىكەن. شۇ كۈنى ئاپىسى قىزىغا 45 مىنۇت ئويناش ۋاقتى بېرىپتۇ. قىزىم ئىككىسى ئويناپ ئۇ 45 مىنۇتنى بىردەمدىلا توشقۇزۇپ قويۇشتى. قىزچاق ئانىسىدن يەنە ئازراق ۋاقىت بېرىشىنى ئۆتۈنىۋىدى، ئانىسى ئاران ئۈچ مىنۇت ۋاقىت بەردى. قىزچاق بىزدىن ئانىسىغا دەپ ئويناشقا ئىجازەت ئېلىپ بېرشىمىزنى ئۆتۈندى. بىز نېمە دېيەلەيتتۇق؟. بىز ئۈن چىقارماي تۇرغاندىن كېيىن قىزچاق بىزدىن رەنجىدى بولغاي، ۋاقىت توشقاندا بىزگە خوشمۇ دېمەي چىقىپ كەتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئانىسى بىلەن قىزى ئىشىك ئالدىمزىدا پەيدا بولدى. ئانىسى قىزىنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە ئويناپ بىزگە رەخمەت ئېيتماي چىقىپ كەتكىنى توغرىسىدا بىزدىن كەچۈرۈپ سورىدى ۋە قىزىنىمۇ بىزدىن كەچۈرۈم سورىغۇزدى. ئەگەر بىزدىن كەچۈرۈم سوراشقا قوشۇلمىسا بۇندىن كېيىن پەسكە چۈشۈپ قىزىم بىلەن ئويناشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى دەپ “تەھدىت” ساپتۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىدىمكى ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن ئەركىنلىكنىڭ مەلۇم چەك ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى، مۇكاپات بىلەن جازانىڭ بىللە ئىكەنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ قىممەتلىك، چەكلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى، جاھاندا ياخشىلىقنىڭ چوقۇم مىننەتدارلىققا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ چوڭ قىلىدىكەن.

بىز ئامېرىكىلىق ئائىلىلەرگە مىھمانغا بېرىپ شۇنى بايقىدۇقكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىلىرى مىھمانلارغا بەك يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەيدىكەن. ئامېرىكلىلىقلار ئۆيىڭىزگە كەلسىمۇ بالىڭىزغا پەۋقۇلاددە قىزغىن بولۇپ كەتمەيدىكەن. بەلكى خۇددى سىزگە ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىكەن. بىز ئۆيگە دوستلىرىمىز كەلسە بالىمىزنى ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە، چالغۇ چېلىپ بېرىشكە، ئىشقىلىپ بالىمىز قادىر بولغان بىرەر ئارتۇقچىلىقنى مىھمانلار ئالدىدا نامايان قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىكەنمىز. سىز ئامېرىكىلىلارنىڭ ئۆيىگە مىھمانغا بارغاندا بالىسى رەسىم سىزىۋاتقان بولسا “مەن ئالدىراش” دېسە بالىسىنى سىز بىلەن كۆرۈرشۈشكە زورلىمايدىكەن. ياكى رەسىمنى ئېلىپ چىقىپ سىزگە كۆرسۈتۈشنى تەلەپ قىلمايدىكەن. ئەسئەت سۇلايماننىڭ “ئۆزلۈك ۋە كىملىك” ناملىق كىتابىدا ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كەلگەن ئىككى شىۋىتقا ساھىپخاننىڭ قىزى ئۇسسۇل ئويناپ بەرسە ئۇلارنىڭ پەرۋا قىلمىغانلىقى، بۇنىڭدىن قىزىنىڭ يىغلاپ كەتكەنلىكى يېزىلىدۇ. ئەسئەت مۇئەللىم بۇنى شىۋىتلارنىڭ سوغۇققانىغا باغلايدۇ ۋە بۇنى ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋىتلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پىسخىكا پەرقى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. مەنچە بۇ يەدە ئۇقۇشماسلىقلا بولغان خالاس. چۈنكى مىھماندىن سورالماي، تۇيۇقسىزلا نومۇر كۆرسىتىلسە، ئەزەلدىن مۇنداق مىھمانغا ساھىپخان پەرزەنتلىرىنىڭ تەكلىپسىز ئويۇن كۆرسىتىشىنى كۆرۈپ باقمىغان غەرپلىكلەر ھەيران قالىدۇ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق پەرق پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئۇسسۇل. بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قابىلىيىتىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختاپ، باشقىلارنىڭ باھاسى ئارقىلىق پەرزەنتىمىزنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغايمىز. بالىمىزدىكى ئاكتىپچانلىق نەتىجىدە باشقىلارنىڭ باھاسىغىلا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ باھاسىدىن چۈشۈپ كەتسە، ياكى قىلغانلىرى باھاسىز قالسا بالىمىز ئاكتىپلىىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەردىكى باشلىق بولالمىسا خىزمەت قىلغىسى كەلمەيدىغان، قىلغان ئەمگىكىنىڭ تايىنى يوق، تۆرگە ئولتۇرۇشقا خۇشتار، ئۆيىدە بالىسىغا سۆڭەك يوق، مىھمانغا شورپا بېرىدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرقىسمى دەل ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن نەتىجىسىنى خەقلەرنىڭ باھاسىدىن ئىزدەيدىغان تەربىيەدە چوڭ بولغىنىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىسىنى مىھمانلار ئالدىدا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشكى تەكلىپ قىلماسلىقى بالىلارغا ئاكتىپلىقنى باشقىلارنىڭ باھاسىدىن ئەمەس ئۆز قىزىقىشىدىن ۋە شۇ قىزىقىشنى بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسە قولغا كەلگەن ئۇتۇقتىن ئىزدەشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بولسا كېرەك. مەسىلەن، مەن بالام رەسىم سىزسا ياخشى سىزسۇن سىزالمىسۇن مۇنداق قاراپلا “ياخشى سىزىپسىز، سىز بەك ئەقىللىق” دەيدىكەنمەن. بالام شۇنىڭ بىلەن “پەللىگە يەتتىم، مەن ئەقىللىق ” دەپ قاراپ سىزىشتىن توختايدىكەن، ياكى شۇ تەرىزدە سىزىشنى داۋام قىدىكەن. “ياخشى سىزىپسىز ” دېسەم شۇنچە ھاياجانلانغان بالام، يەنە بىرسى قوپۇپ “بۇ بولماپتۇ،” دېسە يەنە شۇنچە ئاسان بەل قويۇۋېتىدىكەن. مەن كۆزەتكەن ئامېرىكىلىقلار بالىسىنىڭ رەسىمىگە ئىنچىكىلەپ قاراپ چىقىپ ئەگەر ياخشى سىزالمىغان بولسا “مەن سېنىڭ بۇ رەسىمىڭگە ئامراق ئامراق” دەيدىكەن ۋە “ئەگەر بۇ سىزىقنى مۇنداقراق تارتساڭ، ئۈنىمى ئاجايىپ ياخشى بولىدىغاندەك قىلىدۇ، سىناپ باقامسەن؟” دەيدىكەن. نەتىجىدە كېيىن ناۋادا بىرسى رەسىمنى “سىزالماپسەن” دېسە ئۈمىتسىزلىنىش ئورنىغا “قايسى سىزىقنى تارتالماپتىمەن؟” دەپ سورايدىكەن-دە قۇرۇق ئۈمىدلىنىپ، سەۋەپسىز ئۈمىدسىزلىنىشتىن ساقلىنالايدىكەن. مەن قىزىمنى سەمىمىيەتسىزلەرچە ماختايدىكەنمەن، ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىنىڭ ئەمگىكىگە تەپسىلى كۆرۈپ باھا بېرىدىكەن ۋە رىغبەتلەندۈرىدىكەن.

يەنە بىر بايقىغىنىم ئايالىم ئىككىمىز قىزىمىز تاماق يېمىسە” سەئىدە ئاچاڭ(قەشقەردىكى نەۋرە ئاچىسى) تاماق يىيەلمەيدىكەن، شۇڭا تېلىپۇندا ساڭا گەپمۇ قىلالماس بولۇپ قاپتۇ. سەن دېگەن تاما يىيەلەيسەن شۇڭا تېلپۇندا چوڭ ئاناڭ بىلەن سۆزلىشەلىدىڭ”، دەيدىكەنمىز. قىزىمىز قوپقىلى ئۇنىمىسا “تىيىنلارمۇ تۇرۇپتۇ، قۇچشقاچلارمۇ تۇرۇپتۇ، پەقەت سەنلا ئۇخلاپ قاپسەن” دەيدىكەنمىز. ماڭغىلى ئۇنىمسا “قېنى قىزىم كىم يامان بىر بەسلىشىپ باقمايمىزمۇ” دەپ ئاستا مېڭىپ يالغاندىن ئۇتۇلۇپ بېرىپ ئالدايدىكەنمىز. ئىشقىلىپ بالىمىز بىلەن ئۆزىمزىنى، يىراقتىكى قېرىنداشلىرىنى ھەتتا قۇرۇق قوڭغۇزلارنىمۇ سېلىشتۇرۇپ بولىدىكەنمىز. نەتىجىدە بالىمىزنىڭ مەقسىدى پەقەت سېلىشتۇرۇش ئوبىكتىنىلا يېڭىشتە قېلىپ تويغىنىنى بىلمەي تاماق يەيدىكەن، ھارغىنىنى بىلمەي يۈگرەيدىكەن. بىز قىزىمىزدىكى ئاكتىپىقنىڭ مەنبەسىنى خەقنىڭ باھاسى، قۇرۇق ماختاشقا باغلاپ قويغاننى ئاز دەپ باشقىلاردىن ئۈستۈ تۇرۇشقىلا باغلاپ قويىدىكەنمىز. مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىلىرنى بۇنداق دەپ رىغبەتلەندۈرگىنى كۆرمىدىم. قىزىق يېرى، مەن بىلەن بىر قارار ئوقۇيدىغان بىر خەنسۇ، بىر كورىيان بار قالغانلىرى ئامېركىلىقلار. بىللە دەرس ئاڭلاپ قالساق كورىيەلىك بىلەن خەنسۇلا قەغىزىمنى كۆرىدۇ ياكى نەتىجەمنى سورايدۇ. ئەگەر ئۇلار قەغىزىمنى قەغىزى بىلەن قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ كەتسە “ھە قارىغاندا سەندىن يۇقۇرى ئاپتىمەن” دەپ ئويلايمەن. ئەگەر گەپ قىلماي كۈلۈپ قويسا “تۆۋەن ئاپتىمەن” دەپ ئويلايمەن. قارىغاندا كورىيانلار ۋە خەنلەرمۇ بالىلىرىنى كىچىكىدىن بىزدەك ھەممە ئىشتا باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ چوڭ قىلسا كىرەك. مەن مۇشۇ كۈگىچە نومۇرۇمنى سورىغان، ياكى قەغىزىنى مېنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغان بىرمۇ ئامېرىكلىقنى كۆرمىدىم.

قىزىمنىڭ يەسلىدىكى كۈنلىرى

بالىلار يەسلىگە ھەر كىرگەندە ئاۋۋال تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن بىلەن قول يۇيۇشقا بۇيرۇلىدىكەن. ئاندىن ھەر بىر بالىغا بىردىن رەڭلىك تاختاي ئالغۇزۇپ قايسى قانداق رەڭلىك تاختاي ئالغانلىقىنى ئۈنلۈك دېگۈزىدىكەن. بالىلارغا كۆرپىچەكلەر تەييارلانغان بولۇپ كۆرپىچەككە ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەنىكەن. بالىلار ھەر كۈنى ئولتۇرۇپ قىلىنىدىغان پائالىيەتلەردە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ھايۋانلارنىڭ رەسىمى بار كۆرپىچەكتە ئولتۇرىدىكەن، ۋە شۇ كۈنكى ئىسمى شۇ ھايۋاننىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىكەن. مەن بۇنى بالىلارغا كىچىكىدىن ھايۋانلارنى ئاسراش تەربىيىسى بەرگەنلىك بولسا كېرەك دەپ چۈشەندىم. ئەتىگەندە بالىلارنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشكەن. مەن بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن بولسا كېرەك دەپ چۈشەندىم. دېمەك بۇلار يەسلىدىن باشلاپ چىنىقىشنى ئادەت قىلدۇرىدىكەن. قىزىمغا ئۇسسۇل ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ (بۇلار ئەمەلىيەتتە بالىلار مائارىپى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى) ھەرىكەتلىرىدىكى ئەۋرىشىملىك مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. بۇ يەردە شۇنى قوشۇمچە قىلغۇم كېلىدۇ. بىز ھىسسىياتىمىزنى گەپ بىلەنلا ئەمەس ھەركىتىمىز بىلەنمۇ ئىپادىلەشكە قادىر مىللەت. ئەمما چېنىقىش ئادىتى ئومۇملاشمىغاچقىمۇ تېنىمىز چىرايىمىزدىكى خۇلقلىرىمىزغا خوپ كەلمەيدىكەن. ئۇنداق دېسەم “ئەجداتلىرىمىز چىنىقمايمۇ ئەۋرشىم بەدەندىن قۇرۇق قالماپتىكەن” دېيىلىشى مۇمكىن. ئۇ زامانلاردا بەدەننىڭ ھەرىكىتى جىق بولغىيدى. ھازىر زامان ئۆزگەردى، شۇڭا زامانغا ماس چىنىقىش ئۇسۇللىرىغا ئادەتلەنگەن غەرپلىكلەردىن ئۆگەنسەك يامان بولمايدۇ. چىنىقىش ۋە ناخشا ئۇسسۇل تامام بولغاندىن كېيىن ناشتا قىلىش باشلىنىدىكەن. ئوقۇتۇقۇچىسى تاماقلارنى شىرەگە تىزىپ بالىلار بىلەن پاراڭلاشقاچ غىزالىنىدىكەن. ھەممە بالا شەربەت، پۇرچاق، سۈت، مىۋە، بولكا قاتارلىقلاردىن بەلگىلىك مىقداردا يەيدىكەن. ئەگەر بىرەر تاماققا قۇلى يەتمەي ئالالماي قالسا چوقۇم” ئىلتىپات قىلسىڭىز” دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى كېرەككەن. بولمىسا ئوقۇتۇقۇچىسى بالىدىن شۇ سۆز چىقمىغىچە تەلەپنى قاندۇرمايدىكەن. ئارىدا كىم باشقىلارنىڭ قاچىسىغا چاڭ سالسا ئاۋۋال بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىدىكەن، يەنە داۋام قىلسا كۆتۈرۈپلا يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىكەن. ئەگەر بالىلار ئويناش جەريانىدا باشقىلارغا قائىدىسىزلىك قىلسىمۇ دوستلىرىدىن ئايرىپ يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىكەن. ماڭا ناشتىدا بالىلار تېخى قوشۇق تەگكۈزمىگەن تاماقلارنى قارىتىپ تۇرۇپ تۆكىۋەتكىنى پەقەت ياقمىدى. مەن ئۇيغۇردىكى “نېمىنى ئىسراپ قىلسا كېيىن شۇنىڭ خارلىقىغا قالىدۇ، قىساسىنى تارتىدۇ” دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىدىغان بولغاچ بۇلارنىڭ ھەرقانداق چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىماي ئۇلارنىڭكىنى خاتا دېگەندە چىڭ تۇردۇم ۋە قىزىمغا بۇ ھەقتە ئالاھىدە چۈشەنچە بەردىم. قىزىمنى يەسلىگە بېرىشتىن بۇرۇن تەكشۈرتسەك تېنىدىكى كېرەكلىك ماددىلار تولۇق چىققانىدى. ئەمما ئايالىم كالتىسى ئېلىپ ئۈچۈرۈشتە چىڭ تۇردى. دېمىسىمۇ ۋەتەندە دائىم تەكشۈرتسەك كالتىسى، سىنىك دېگەنلەر ئەزەلدىن تولۇق چىقمايدىغان قىزىمنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپلا نورمال دەپ قارىلىشى بىزنى گۇمانغا سالاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز يەسلىدىكى بالىلار دوختۇردىن بالىمىزغا كالتىسى يىگۈزمەكچى بولغىنىمىزنى، قانداق كالتىسى يىگۈزسەك بولىدىغانلىقىنى سورۇدۇق. دوختۇر، “بالاڭلار قېتىق ۋە سۈت ئىچەمدۇ؟” دەپ سورىدى، ۋە بىزگە قېتىق ۋە سۈت ئىچىۋاتقان بالىغا كالتىسى بېرىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بىز يەنە قايىل بولماي بىر دورىخانىغا باردۇق. ئۇ دورىخانىمۇ سۈت ۋە قېتىق ئىچەلەيدىغان بالىغا كالتىسى بېرىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يولغا سالدى. بىزگە قىزىمىزدا كالتىسى كەم ئەمەسلىكىگە ئىشەنمەسلىكتىن باشقا ئامال قالمىدى. ئەمما “كالتىسى كەملىك” سەۋەبىدىن ئۈچ يىل ئۇدا كالتىسى ئىچكەن قىزىمىزنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ بىر ئايمۇ بولماي ھەممە جەھەتتە ساغلام چىقىشى بىزنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى.

قىزىم بىر كۈنى ياۋا گۈللەردىن دەستە تىزىپ، يوپۇرماقلاردىن ئادەم، ھايۋان ۋە تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ شەكىللىرىنى ياساپ كۆتۈرۈپ كەپتۇ. يەنە بىركۈنى بىر بالمۇز چوكىسىدىن رەسىم رامكىسى ياساپ ئىچىگە ئۆز رەسىمىنى بىر ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ كەپتۇ. دىققەت قىلسام ھەر ھەپتە بالىلارنىڭ سىزغان رەسىملىرى، غازاڭلاردىن ياسىغان گۈللىرى، قەغەزلەردىن قىيغان تۈرلۈك شەكىللىرى، كېرەكسىز پوتۇلكىلاردىن ياسىغان “تۇرمۇش بويۇملىرى” قاتارلىقلارنى يەسلىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى چوڭ تاختايغا چاپلاپ كۆرگەزمە قىلىدىكەن. دەسلەپتە مەن نەچچە ئايغىچە ئۇقماي قىزىمنىڭ ئىجادىيەتلىرى كۆرگەزمىگە تاللاندى دەپ خوشال يۈرۈپتىمەن. تېخى قىزىمنى ئەقىللىقتىن ئەقىللىققە چىقىرىپ ماختاپ بەرمىگەن ئادەم قالماپتۇ. كېيىن سورىسام يەسلىدە بالىلارنى بۇنداق دەرىجىگە ئايرىمايدىكەن. كۆرگەزمە قىلىنغان ئىجادىيەتلەر يەسلىدىكى بارلىق بالىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئىكەن. يەسلى ئوقۇتۇقۇچىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بالىلارنى كىچىكىدىن باراۋەرلىك، ھەمكارلىق، ئورتاق ئۇتۇق كەيپىياتىدا چوۇڭ قىلىش ئىلمىيلىك ئىكەن. ئەگەر تېخى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلار بۇنداق كۆرگەزمە ئارقىلىق دەرىجىگە تۇرغۇزۇلسا بالىلار ئۆزىنى ئاشۇ دەرىجىلەرگە بۆلۈپ مۇئامىلە قىلىۋېلىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان قىزغىنلىقىغا تەسىر يېتىدىكەن.

قىزىمىزنى “ئامېرىكىچە” تەربىيىلىيەلىدۇقمۇ؟

بەلكىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە بۇنچە دىققەت قىلغانلىرىمغا قاراپ “بۇلار بالىسىنى ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئامېرىكىلىقنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قانچىلىك تەربىيەلەپ كېتىۋاتقاندۇ” دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، كۈزىتىش، ھىس قىلىش باشقا گەپ، شۇلاردىن بايدىلىنىش پۈتۈنلەي باشقا گەپ ئىكەن. بىز بالىمىزغا تاماق يىگۈزەلمەي، يەسلىدىكى ئوقۇتۇقۇچىسىدىن سورۇدۇق. قىزىم يەسلىدە تاماق يەيدىكەن. نېمىشقا ئۆيدە تماق يىمەيدۇ؟ شۇندىن كېيىن قىزىمنىڭ يەسلىدە قىلىدىغان ئىشلىرى بىلەن ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم. قىزىم يەسلىدە تاماق يەپ بولۇپ قاچىسىنى ئۆزى يىغۇشتۇرىدىكەن، شىرەسىنى ئۆزى سۈرتىدىكەن. ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ بولۇپ ئۆزى يۇغۇشتۇرىدىكەن. “ئوقۇتقۇچىسى “ئۇخلاش ۋاقتى بولدى” دەپ بولغىچە يوتقىنىغا كىرىپ بولىدىكەن. ئەمما ئۆيدە يۇقارقى قىلىقلىرىدىن بىرنى قىلمايدۇ. پەقەت مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىر ئىشىنى ئۆيدە قىلدى. بىركۈنى يېنىمدىن ئۆتمەكچى بولۇپ “دادا، كەچۈرىسەن، مەن ئۆتۈۋالاي” دېگەننى ئېنگىلىزچە دېدى. ئەمما ئۇيغۇرچىسىنى شۇنچە ئۆگەتسەممۇ دېمىدى. چۈنكى بىز ئۆيدە ئەر خوتۇن بىر-بىرىمىزگە ئۇنداق تۈزۈت قىلىپ يۈرمەيدىكەنمىز. تۈزۈت قىلىشىمىغانىكەن، تۈزۈتكە لايىق گەپلەرمۇ بولمايدىكەن، بىز دەپ كۆنمىگەندىن كېيىن قىزىمىزمۇ ئۆگىنەلمەيدىكەن. (بىز تۈزۈتنى تونۇمىغان، ياكى زىيادە ھۆرمەتلىكلەرگە قىلىدىكەنمىز، ئامېرىكلىقلار يېقىنلىرىغا بەكرەك تۈزۈتلۈك مۇئامىلە قىلىدىكەن). بۇنىڭدىن شۇنى بىلدىمكى، ئىنسان كىچىكىدىن موھىتتىن ۋە باشقىلاردىن ئۆلگە ئالىدىكەن. قىزىمنىڭ مەكتەپتىكى موھىتى ھەركىم ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىدىغان موھىت بولغاچ قىزىم ئىشىنى تېپىپ قىلالايدىكەن. ئەمما ئۆيدە ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىز قىلىپ بېرىمىز شۇڭا ئۆيدە قىلمايدىكەن. كۆپىنچە مەن ئۆيدە داستىخان سالمايدىغان، يىغمايدىغان بولغاچ ئۇمۇ تەبىئى ھالدا بۇ ئىشلارنى باشقا بىرنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قارايدىكەن. بىز تۈزۈتلۈك سۆز قىلمىغاندىكىن بىزدىن ئۈلگە ئېلىپ بىزگىمۇ تۈزۈتلۈك گەپ قىلمايدىكەن. دېمەك ئىنسان كىچىكىدىن باشلاپ سورۇن ۋە سالاھىيەتكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. يەسلى قىزىمنىڭ نەزىرىدە يەسلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قارار چىقىرىدىغان ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان سورۇن. قىزىمنىڭ يەسلىدىكى سالاھىيىتى باشقىلار بىلەن باراۋەر. ھەتتا ئۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىسمى بىلەنلا چاقىرىدۇ، بىللە ئۇينايدۇ، ئۇلارنى يا مۇئەللىم، يا ئاچا دەپ چاقىرمايدۇ. بۇنداق ھەر ئىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئۇنىڭغا بىر مۇستەقىل ئىنسانلىق سالاھىيىتىنى بەرگەن. ئۆيدە بولسا ئۇنىڭ ھەممە ئىھتىياجلىرى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەممە ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييار قىلىنىدىغان، ئۇ دائىم يېتەكلىنىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان سورۇن شۇڭا بۇ يەردە ئۇنىڭ كۆپ ئىشقا باش قاتۇرىشىغا ۋە قول سېلىشىغا ھاجەت يوق. بۇ يەردە ئۇنىڭ سالاھىيىتى باشقۇرۇلغۇچى، قوغۇدالغۇچى، تەلەپلىرى قاندۇرۇلغۇچى شۇڭا ئۇنىڭ سالاھىيىتى پاسسىپ، تايانغۇچى. بىز قىزىمىزنى ھىچ بولمىسا تامىقنى ئامېرىكىلىق بالىلارغا ئوخشاش ئۆزى يىسۇن دەپ نەچچە ئون قېتىم دېيىشتۇق، ئەمما ئايالىم تاماق پىشقاندا مەسئۇدەنىڭ كەينىدىن قوشۇقنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈشنى ئىزچىل تاشلىيالمىدى. بۇنى قىلالمىغىنىمىزدىن قارىغاندا ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرىشىمىز تەس ئوخشايدۇ.

مەن بىزنىڭ تۈرك ئاغىنىلەرنىڭ ئۆيىگە ۋە ئامېرىكلىق دوستلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارغىنىمدا ئامېرىكلىقلار بىلەن ئارىمىزدىكى بىر پەرققە دىققەت قىلدىم. بىز تۈرك ئۇيغۇرلار ساھىپخان بولغان ۋاقتىمىزدا بالىمىز بىلەن مىھماننىڭ بالىسى ئوينۇشۇپ جىدەل قىلسا ياكى بىر ئويۇنچۇقنى تالىشىپ قالسا ئورتاق ھالدا بالىمىزدىن گۇناھ ئۆتسۇن ئۆتمىسۇن ئۆز بالىمىزغا تەنبىھ، بېرىدكەنمىز. ھەدىسە گۇناھنى ئۆز بالىمىزدا قويىدىكەنمىز. مەن ھەتتا بىر تۈرك دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا “قىزىم خاتا قىلدى، كەچۈرۈم سورىسۇن” دېسەممۇ ئۇنىماي ھىچ خاتا قىلمىغان قىزىنى جىملىدى. بۇ ئادەتنى ئەلۋەتتە بىز ۋەتەندىن كۆتۈرۈپ كەلگەن. ۋەتەنگە قايتساق قىزىمىزنىڭ بۇنداق مەدەنىيىتىمىز سەۋەبلىك باراۋەرسىز مۇئامىلىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. بۇ ئادىتىمىزگە قاراپ مەن قىزىمنى ھەممە ئادەم، ھەممە جايدا بىر بىرى بىلەن مۇتلەق باراۋەر دېگەن ئامېرىكىچە روھتا تەربىيىلىيەلمەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەر قانداق ئىشقا بىر ۋاقىت چېكى بېكىتىدىغانلىقىنى باشقتا دېگەنىدىم. ئەلۋەتتە مەنمۇ بالامنى شۇنداق ۋاقىتچان روھتا يېتىشتۈرمەكچى بولدۇم. ئەڭ ئاددىسى قىزىمنىڭ قورچاق پىلىم كۆرۈشىگە بىر قېتىمدا بىر سائەت دەپ تۈزۈم بېكىتتىم. ئەمما ئۆزەم كىتاپ ئوقۇپ ياكى باشقا ئىش قىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا بېكىتىپ بەرگەن ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قالدىم. يەنە بىرى ۋاقىتنى تەكىتلىگەن بولساممۇ قىزىمنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاقىتنى چەكلىمىسىز ئۇزارتتىم. نەتىجىدە قىزىمىزغا بەلگىلىك ئىشنى چوقۇم بەلگىلەنگەن سائەتتە قىلىش كېرەك دېگەن ئاڭنى سىڭدۈرۈپ بولالمىدۇق. بۇندىن باشقا ئامېركىلىقلارنىڭ مۇكاپات جازاسى ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان تۈزىمى بالىلرىغا كىچىكىدىن سىڭدۈرىلىدۇ. ئەمما بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق. ئەڭ ئاددىيسى قىزىمنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى مۇقىملاشتۇرالمىدۇق. سەۋەبى بۇنىڭ ئۈچۈن تۈزۈلگەن قائىدىنى ئۆزىمىز چىدىماي بۇزۇپ قويۇپ قايتا ئۆتمەس قىلىپ قويدۇق. قارىغاندا قىزىمىزمۇ ھىسسىياتنىڭ ھەرقانداق پىرىنسىپ ۋە توساقلارنى يىمىرىپ تاشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ چوڭ بولسا كېرەك. مەن بۇلارنى قىلالمىدىم دېگىنىم باشقىلارنىمۇ قىلالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ بالىمىزنى ئۆزىمىزدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق، ئۆز ئايىمىزدىكى ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن دېيىشىمىزى ئاسان ئەمەسكەن. بىز بالىمىزدا ساغلام قىلىق يېتىدۈرۈش ئۈچۈن ئۆز قىلىقلىرىمىزنىلا ئەمەس ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ۋە مەھەللمىزىدىكى ھەتتا مەكتەپتىكىلەرنىڭ قىلىقلىرىنىڭ توغرا-دۇرۇسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەككەن. بۇلارنى ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئىنسان ئۆزىنىڭ يۇقارقى ئېسىل خىسلەتلىرى بىلەن ئىزچىل ئۇتۇققا ۋە ئىززەتكە ئېرىشدىغان ئەگەر ئۇلاردىن مەھرۇم قالسا ئىزچىل زىيان تارتىدىغان چوڭ موھىتنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەككەن. ئۇنداق بولمىغاندا بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرەر مەزگىللىك تىرىشچانلىقى جەمئىيەتنىڭ ئېقىمى ئالدىدا سۈپۈرۈلۈپ كەتكۈدەك. قارىغاندا قىزىم ئامېرىكىدا ئايالىم ئىككىمىز بىلەن ئۇزاق ياشىسا بىزدىن ئۆگىنەلمىگەنلىرىنى مەكتەپتە ۋە ساۋاقداشلىرىدىن ئۆگەنگەنلىرى بىلەن تولۇقلاپ ئامېرىكىچە ئادەم بولالىسا كېرەك. بىزنىڭ تۇيغۇلىرىمىز ئاجايىپ مۇرەككەپ. بىر بولسا دەيمىز قىزىمىز ئامېرىكىلىقلاردەك مۇستەقىل، ئىجاتچان، باراۋەرچىل. ھۆرلۈكسۆيەر، تۈزۈمچان، ۋاقىتچان بولسىكەن دەيمىز. يەنە بىر بولسا قىزىمىزنىڭ ئامېرىلىكلىقلاردەك راھەتپەرەس، ئۆزۈمچىل، كۆيۈمسىز بولمىسىكەن دەيمىز. بەزىدە بالىلىرى ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ئاتا ئانىلارنىڭ قىزلىرىنىڭ قىزبالىدەك ئەمەسلىكىدىن، ئۇغۇللىرىنىڭ ئائىلىگە مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن قاقشاشلىرىنى ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئاڭلاپ قالىمەن. ئويلاپ باقسام ئامېرىكىدا ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن سۆيۈنىدىغىنى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكلىقلاردىن ئۆگىنەلمىگەن تەرىپنى ئۆگىنىۋالغىنىدىن ئىكەن، قاقشايدىغىنى ئۇيغۇرلۇقنى ئۆگىتەلمىگىنىدىن ئىكەن.

● بۇ يازما 1779 قېتىم كۆرۈلدى ●

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تىل-يېزىق
يېڭى تېمىلار
ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

تۈركچە 1- سىنىپ دەرسلىكى
ئۇيغۇرچە–تۈركچە مەسەللەر

ئۇيغۇرچە – تۈركچە مەسەللەر توپلىمى