ئانا تىل- يېزىقىنىڭ كۆز يېشى

ئەنۋەر رۇزى بوزقىر
مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى ئانا تىلنى مەڭگۈلۈك راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداشتا.
تىل ــــــ بىر مىللەتنىڭ جېنى بولۇپلا قالماي ھەم شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساسىدا ئار نومۇسنى ئاقلايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۇرۇشتە ئانا تىل بىباھا گۆھەردۇر.
بىر مىللەتنىڭ تىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك يوقۇتىشنىڭ ئاساسىمۇ، ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى بولغان يېزىقىنى يوقۇتۇشتا.

مۇشۇ يېقىندىن بېرى، يېزىقىمىز توغرىسىدا غەيرى ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ. مەن بۇنى بىر بوۋاينىڭ كۆز يېشى ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلماقچىمەن:

بوۋاينىڭ كۆز يېشى
ــــ بالام! ماۋۇ كوچىباشقارما تەۋەسىدىكى ساقچىخانىنىڭ ئورنىنى مۇشۇ تەرەپكە يۆتكەپتۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم، ھېچ تاپالمىدىميا!
ــــ تاغا! مانا ئالدىلىرىدا تۇرمامدۇ ساقچىخانا.
ــــ ۋاي!!! بالام ئەيىپكە بۇيرىمىسىلا، خەت تونۇغاندىكىن ساقچىخانىنى دەرۋازا بېشىغا ئېسىپ قويغان تاختىيىغا قاراپ تاپالايمەن دەپ ھېچكىمدىنمۇ سورىمىغانتىم، مانا ئەمدى ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ساقچىخانىنى سوراپ سېلىنى ئاۋارە قىپتىمەن، خاپا بولمىسىلا جۇما بالام! بوۋاي ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا سىنجىلاپ قاراپ قويۇپ، خۇرسۇنغان ھالدا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، بىر خىل خىجىلچىلىق ئىچىدە مەندىن ئەپۇ سوراپ كەتتى.
بۇ كۈنى ھاۋا تازا ياخشى ئەمەس، توپا- چاڭ ئىدى. يېشى 70 لەرگە يېقىنلاشقان بۇ بوۋاينىڭ تەن سالامەتلىكى خېلى ياخشىدەك قىلاتتى.
ــــ ھېچقىسى يوق تاغا! بۇنداق ئىشلار دېگەن بولىدۇ، دىدىم مەن.
ــــ بالام! بۇ ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكا دەمدۇ خۇدايىم، تاختىيى ئاشۇما؟
ــــ ھەئە! شۇنداق تاغا، ۋىۋىسكىسى ئاشۇ. بايام دىققەت قىلماپلا-دە.
ــــ ياق بالام! دىققەت قىلدىم، بىزنىڭ كونا يېزىقىمىز ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئەمەلدىن قالدىما؟ بىزنىڭ يېزىقىمىز يوق تۇرمامدۇ؟ مېنىڭمۇ كونا يېزىقىمىزدىن ئوبدانلا ساۋادىم بار. تاختاينىڭ ئاۋۇ سول تەرىپىدىغۇ خەنزۇچە خەت باركەن، ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكىسى ساقچىنىڭ بەلگىسى ئوخشايدۇ، ئوڭ تەرەپتىكىسى نېمە خەت بالام! بىزنىڭ يېڭى يېزىق دەيدىغان خېتىمىزغا ئوخشامدۇ نېمە؟ ئۇنىمۇ ھەجىلەپ ئوقۇيالايتتىم، خەنزۇچە خەتنىغۇ بىز قىرىلار تونۇمايمىز. ياش چاغلىرىمىزدا ئۆزىچىلا يېڭى يېزىق دېگەن بىرنەرسە پەيدا بولۇپ، بىر ئوبدان كونا يېزىقىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن كونا يېزىق بىلىدىغانلا، كونا يېزىقتا ئوقۇغانلا ساۋاتسىز ھېساپلاندۇق، ھە دېسە كومىتېتقا يېغىۋېلىپ ساۋات چىقىرىمىز دەپ يېڭى يېزىق ئۆگىتەتتى، يول- يوللاردا، كوچا- كوچىلاردا توساق قۇرۇۋېلىپ ئۇياق- بۇياققا ئۆتكەنلەرنى توسۇۋېلىپ، خەت يېزىپ ھەم ئوقۇپ بەرمىسەك ماڭغۇزمايتتى، شۇ يولدىن بىر كۈندە ئون قېتىم ئۆتكەن بولساق ئون قېتىم توساتتى. كېيىن كونا يېزىقىمىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋىدى خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك شۇنداق خوش بولغانتۇق بالام! ئەمدى بۇ جاھان نېمە بوپ كەتتى؟ بازاردا بېرەر دۇكانغا كىرەي دېسە بەزى دۇكانلارنىڭ تاختىيىدا بىزنىڭ يېزىقىمىز يوقكەن، شۇڭا نېمە دۇكان ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيىكەنمىز. ئۇ دۇكاننىڭ ئىچىدە تەتەيلەر باركەن، ئۇ خەخلەر بىزنىڭ يېزىقىمىزنى ئۇقمىغاچقا شۇڭا تاختىيىغا چىقارمامدۇيا؟ ئەمدىلىكتە ساقچىخانىلارنىڭ تاختىيىدىمۇ بىزنىڭ يېزىقىمىز يوقاپتۇ، ئاۋۇ نېمىلەرغۇ يېزىقىمىزنى يازمىسۇن، ھۆكۈمەتمۇ يازمىسا ئەمدى، بىرەر پارچە ئىلتىماس ياكى ئەرزلىرىمىزنىغۇ كونا يېزىقىمىزدا يازساق ئاقمايدىغان بوپتۇ، بۇ خېتىڭ ئاقمايدۇ خەنسۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئەكەل دېيىشلىرى بۇ نېمىلەرنىڭ، ھېلىقى ئۇيغۇر كادىر دېگەنلەر نېمە ئىش قىلىدۇ مۇشۇنداق خەتلەرنى ئوقۇماي، ئۇلار ھۆكۈمەتتىن ھارام مائاش ئېلىپ بىكار يۈرىيدىغان ئاقنانچىلارمىدۇيا بالام! بىز كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بوپتۇق-دە، نېمە دېگەن ئارنومۇس بۇ بىزگە، ئادەمنى شۇنداقمۇ بوزەك قىلغان بارمۇ؟ ھەي!!!
بوۋاي تىترەك ئاۋازى بىلەن شۇنداق دەۋىتىپ كۆزىگە لىق ياش ئالدى، بوۋايغا قاراپ مېنىڭمۇ كۆزلىرىمگە ياش كېپ كەتتىيۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. بوۋاي قولىنىڭ ئالدى كەينى بىلەن كۆزىگە لىق تولغان يېشىنى سۈرتىۋەتتى كەينىدىنلا.
ــــ بالام مۇنداق قارىسام سېلە كادىردەك قىلىلا، بىزنىڭ كونا يېزىقىمىز مۇشۇنداقلا يوقاپ كېتەرمۇ؟ بۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان ئادەم يوقمۇ زادى! بوۋاي يەنە گەپ سورىغىلى تۇردى.
ـــ بالام ئاۋۇ ئوڭ تەرەپتىكى نەنىڭ تىلى بىلەمدىلا؟
ـــ ئىنگىلىزچى خەتكەن تاغا.
ـــ توۋا! بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ئىنگىلىز دەيدىغان مىللەتنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن، راست بۇ يەردە شۇنداق مىللەتمۇ بارمۇ؟ بالام!
ـــ بىزنىڭ يۇرتتا يوق، چەتئەلدە بار، ئامېرىكا، ئەنگىلىيەلىكلەر ئىنگىلىز مىللىتى.
ـــ ھە! بۇ يەردە ئىنگىلىز دېگەن مىللەت بولمىسا، بىز خەخ تۇرساق نېمىشقا بىزنىڭ خېتىمىزنى يازماي، ئۇلارنىڭ يېزىقىنى بۇ تاختايغا يېزىپ قويۇدى. ھۆكۈمەت ساراڭ بوپ قالمىغاندۇ؟ بالام!
ـــ ئۇ دېگەن دۇنياۋىي تىل، شۇڭا قوللانغان ئوخشايدۇ تاغا!
ـــ ھەرقانچە دۇنياۋىي تىل بولسىمۇ ھېلىقى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە دېگەن يەرلەردىن ئاتايىن كېلىپ بۇ ساقچىخانىغا كىرىپ يۈرمەيدىغاندۇ بالام! مۇشۇمۇ ئىشمۇ! خېتىمىزنىڭ يېزىلمىغانلىقىدىن مەنمۇ بۈگۈن گاڭگىراپ قالدىمغۇ! باشقىلارمۇ مەندەك ئەھۋالغا قالماسمۇ!
بوۋاي شۇنداق دەپ بەك چېچىلىپ كەتتى، قاتتىق خاپا بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك، پۇت- قوللىرى تىتىرەيتتى، ھەتتا زەڭ سېلىپ قارىسام ساقاللىرىمۇ تىتىرەپ كېتىپتۇ. بىر تەرەپتىن بوۋاينىڭ بىرەر تۇتقاقلىق كېسىلى بولسا قوزغۇلۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرىدىم.
ـــ تاغا خاپا بولمىسىلا، داۋاملىق بۇنداق بولمايدۇ، ئىشلا ئوڭشۇلىدۇ، ياشىنىپ قاپلا بۇنداق كىچىك ئىشلارغا چېچىلىپ ئۆزلىرىنى يوقۇتۇپ قويمىسىلا سالامەتلىكلىرىگە تەسىر يېتىپ قالمىسۇن. دەپ تەسەللى بەرگىنىمنى بىلەمەن، بوۋاي شۇ ھامان تېخىمۇ چېچىلىپ قايناپ كەتتى.
ـــ نېمە؟ مۇشۇ كىچىك ئىشما؟ مۇشۇنداق چوڭ ئىشقا خاپا بولماي تۇرالامدىمەن بالام! سېلىمۇ-زە، زىيالىدەك گەپ قىلسىلا جۇما؟ سېلىنى تەربىيە كۆرگەن ئوقۇمۇشلۇق خېلى ئوبدان بالىكەن، ئاق- قارىنى پەرق ئىتەلەيدىغۇ دېسەم كىچىك ئىش دېگەنلىرى توغرا بولمىدى، يىگىت! ئويلاپ باقسىلا، مەنغۇ مۇشۇ خېتىمىزنىڭ يېزىلمىغانلىقىدىن ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ساقچىخانىنى تاپالماي ئالدىلىرىدا ئوڭايسىزلاندىم، تىلىمىز جېنىمىز بولسا، يېزىقىمىز قان تومۇرىمىز جۇما، بالام! ئادەمنىڭ تومۇرى بولمىسا ياكى تومۇرى قۇرۇپ كەتسە، قان ئايلىنىدىغان تومۇر بولمىغاندىكىن، قان يۇرەككە يېتىپ بارالماي ئادەم ئۆلمەمدۇ؟ بۇنچىلىك قايىدىلەرنى بىزمۇ ئوبدان بىلىمىز. ھەممە ئىشقا كىچىك ئىش، بولدىلا دەپ سەل قاراۋەرسەك، ھازىر يېزىقىمىز يوقالسا، ئەتە-ئۆگۈن بىزمۇ تىلىمىز بىلەن قوشۇپ يوقالمامدۇق! سېلەردەك ھۆكۈمەت قوينىدا ئىشلەۋاتقانلار باشلىغىڭلارغا ئىككى ئېغىز تەكلىپ بەرسەڭلا بولمامدۇ! ھۆكۈمەتنىڭغۇ ھەممە ئىشلىرى شۇنداق ئوبان بولاۋاتىدۇ، بىزمۇ بۇ غەمخورلۇقلاردىن شۇنداق رازى ئىدۇق، مۇشۇ يېزىقىمىزغا كەلگەندە،-زە…
بوۋاينىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرىۋەرسەم تېخىمۇ قايناپ پەسەيمىگىدەك، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، تاغا مەن سۆزگە دېققەت قىلماپتىمەن خاپا بولمىسىلا، بۇ ئىشلار چوقۇم ئوڭشىلىدۇ دەپ بوۋاينى ناھايتى تەسلىكتە يولغا سالدىم.
بوۋاي ساقچىخانا ئىچىگە كىرىپ كەتتى، بۇ چاغدا مېنىڭ كۆڭلۈممۇ خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش تۇتۇلۇپ، ئاسماندا يېغىۋاتقان توپا يەرگە ئەمەس بەئەينى يۈرۈگۈمگە بىر- بىرلەپ توزۇپ كىرىۋاتقانداك ۋۇجۇدۇمدا شۇنداق بىر خىل ئاچچىق ئازاپنى ھېس قىلدىم، قانداقتۇ بىر نەرسە بوينۇمغا سىرتماق سېلىپ، گېلىمنى بوغۇۋالغاندەك بولۇپ، ساقچىخانا ۋىۋىسكىسىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم، بوۋاينىڭ ھەسرەتلىك سۆزلىرى، ئاچچىق كۆز ياشلىرى كۆز ئالدىمدىن بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. بوۋاينىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەتەن ھەق سۆز ئىدى. بۇرۇن بۇنداق ئىشلارغا دېققەت قىلماپتىكەنمەن.
ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىنىڭ تېگى قارا، ئوتتۇرىغا ج خ نىڭ ئىزنەك بەلگىسى ئېلىنغانكەن، سول تەرىپىگە 公安 دېگەن خەنزۇچە خەت، ئوڭ تەرىپىگە بولسا، POLICE دېگەن ئېنگىلىسچە خەت ئېلىنغان ئىكەن، شۇ يەردىلا توۋا دەپ كەتتىم. ۋىۋىسكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە خېلى جىق بوشلۇق تۇرىدۇ، بوۋاي بىكار قاينىماپتۇ، ئۇيغۇرچىنى شۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويسا بولمامدىغاندۇ؟ بىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ بىز ئاتا- بوۋا، ئەجداتلىرىمىزدىن باشلاپ نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى ياشاپ كېلىۋاتقان، ھازىرمۇ كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ بىزگە مەنسۇپ بولغان، بىزنى قوينىغا ئېلىپ قۇچاقلاۋاتقان، بىزنى سۆيىۋاتقان ئانا يۇرت، ئاتا ماكانىمىزدىن ئىبارەت ئۆز دىيارىمىزدا خارلىنىۋاتقانلىقىنى، يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، راست يۇرتىمىزدىلا ئەمەس، دۆلىتىمىزدىمۇ ئىنگىلىز مىللىتى 56 مىللەت قاتارىدا يوقلۇقىنى، ئەمدى بولسا، ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىدا ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بوۋاينىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا بۇ قاراپ تۇرۇپ ئوچۇقتىن- ئوچۇق بوزەك قىلغانلىق، كۆزگە ئىلمىغانلىق، كەمسىتكەنلىك، چەتكە قاققانلىق، بولىدۇ، مۇشۇنداق بولىۋەرسە مۇقىملىققا تەسىر يەتمەمدۇ؟
مەن مانا شۇ چاغدىلا بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئانا تىل ۋە ئانا تىل ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئۆز يېزىقى مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى، ئانا تىل ۋە ئانا تىل ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئۆز يېزىقىغا بولغان مۇھەببەتنىڭ كىشىلەر كۆڭلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇنغان بىر خىل تەڭداشسىز مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

پاكىت 1
مەن شۇ كۈنىلا، جىددى ئىشىمنىمۇ قويۇپ، شەھەر ئىچىدىكى بىر قانچە ساقچىخانىلارگە بېرىپ ۋىۋىسكىسىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈردۈم، ھەممە ۋىۋىسكىلار ئوخشاشلا بىرخىل تۇرمامدۇ! ھېچقايسىسىدا بىزنىڭ يېزىقىمىز يوق يېزىلماپتۇ، يېزىلاردىكى ساقچىخانىلاردىغۇ يېزىلغاندۇ دەپ ئويلۇدۇم، ئارىلىقلاردا ۋاقىت چىقىرىپ بازار ئايلاندىم، دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىغا بىر- بىرلەپ سەپ سالدىم، راست شۇنداق ئەھۋاللار باركەن، بولغاندىمۇ خېلى ئېغىركەن، ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا قارىسام، ئىككى خىل يېزىقنى تولۇق ئىشلىتىپتۇ، ئىشلەتمىگەن بىرىمۇ يوق، ھېلىقى ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئىشلەتمىگەن دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا قارىسىڭىز بەزىلىرىدە خەنزۇچە خەتلام بار، بەزىلىرىدە داڭلىق ماركىنىڭ ئىسمى بولسا كېرەك ئىنگىلىسچە خەتلەرمۇ قوللىنىلغان، خېلى جىق ۋىۋىسكىلار شۇنداق ئىكەن، ئالە شەرىڭنى! ماۋۇ ئىشنى قاراڭ! ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرنىڭ يېزىقى مۇشۇنداقلا ئۈنتىنسىز غايىپ بولامدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەقىقەتەنمۇ ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە بوپ قالدى.

پاكىت 2
مەن يېقىندا كونىشەر ناھىنىڭ بىر يېزىسىغا بىر ئىش بىلەن بارغان ئىدىم، شۇ يېزىغا بارغۇچە يول ئۈستىدىكى يېزىلارنىڭ ساقچىخانا ۋىۋىسكىسىغا ئالاھىدە دېققەت قىلدىم، شەھەردىكىگە ئوپ ئوخشاشكەن، ئۇ ۋىۋىسكىلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل لايىھىلىنىپ بىر تۇتاش ياسالغان ئوخشايدۇ. بۇ ئىش ئادەمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، بىزنىڭ بەزى نادان باشلىقلىرىمىز يېزىلاردا بولسىمۇ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ يەرلىك كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئويلىمامدىغاندۇ! دەپ كەتتىم. بۇ قاراپ تۇرۇپ ئەخمەق قىلغانلىق بولماي نېمە؟ بۇ مېنىڭ ياغ ئۈستىگە سۇ سەپكەنلىكىم ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى، خەلقنىڭ تېچلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دەۋاتىمەن. ئۇيغۇرلارمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، قورامىغا يەتكەن ھەر بىر ئۇيغۇردا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان كىملىكىمىز بارغۇ؟ بۇ جەھەتتە ئېتىراپ قىلىنىمىزيۇ نېمىشقا يېزىق ۋە تىلىمىزدا چەتكە قېقلىمىز، ھەم ئېتىراپ قىلىنمايمىز؟ ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئانا تىل، مۇشۇ يېزىق بىلەن دۆلىتىمىزگە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتىغۇ؟ يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگە قارىسىڭىزمۇ، مەكتەپ بىنالىرىغا ۋە تاملارغا، لوزۇنكىلارغا يېزىلغانلىرىمۇ ئاساسەن پۈتۈنلەي خەنزۇچە، مۇشۇ ھەقتە ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئوبدانراق ئويلۇشۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەندە ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىمۇ سېخى كۆڭلى بىلەن ئويلاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

● بۇ يازما 541 قېتىم كۆرۈلدى ●

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تىل-يېزىق
يېڭى تېمىلار
ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

تۈركچە 1- سىنىپ دەرسلىكى
ئۇيغۇرچە–تۈركچە مەسەللەر

ئۇيغۇرچە – تۈركچە مەسەللەر توپلىمى