ئانا تىلنىڭ كارامىتى

چىڭغىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
ماخمۇتجان ئىسلام تـﻪرجىمىسى

شائىر رەسۇل ھـﻪمزاتوۋ داغستان تاغلىق رايونىدىكى كۆپ خىل توغرىسىدا ئۆزىگـﻪ خاس يۇمۇرلۇق تىل بىلـﻪن مۇنداق ئىزاھات بـﻪرگـﻪنىدى: ئـﻪينى چاغدا،خۇدا بۇ يـﻪردىكى مىللـﻪتلـﻪرگـﻪ تىل تـﻪقسىم قىلىۋاتقاندا، شىددەتلىك شىۋىرغان چىقىپ كـﻪتكـﻪنىكـﻪن. شۇڭا خۇدا ئالدىراپ ـ تېنـﻪپلا بۇ يـﻪرگـﻪ ئـﻪرشتىن ھـﻪر خىل تىللار قاچىلانغان بىر تاغارنى تاشلىغانىكـﻪن. داغستاندىكى تىلنىڭ بىر ـ بىرىدىن زور دەرىجىدە پـﻪرقلىق بولۇشى بۇرۇن بۇ يـﻪردىكى مىللـﻪتلـﻪرنى بىر ـ بىرىدىن بـﻪكلا ئايرىۋەتكـﻪن. گـﻪرچـﻪ ئۇلار مـﻪنىۋى جـﻪھـﻪتتـﻪ ۋە تۇرمۇش شـﻪكلى جـﻪھـﻪتتـﻪ بىر ـ بىرىگـﻪ يېقىن بولسىمۇ، ئـﻪمما قوشنا تاغ جىلغىلىرىدا ئـﻪمـﻪس، بـﻪلكى ئوخشاشمايدىغان قىتئـﻪلـﻪردە ياشىغاندەك تۇرمۇش كـﻪچۈرگـﻪن. شىمالىي كاۋكازنىڭ شـﻪرق تـﻪرەپىگـﻪ جايلاشقان بۇ يـﻪردىكى ھـﻪر بىر ئاۋۇلنىڭ ئۆزىگـﻪ خاس تىلى بار. بۇ تىللار تۈركى تىللار، كاۋكاز تىللىرى، ئىران تىللىرى ھـﻪتتا يـﻪھۇدى ۋە سۇرىيان تىللىرىغا چېتىلىدۇ، قوشنا ئاۋۇللارنىڭمۇ تىلى بىلـﻪن ئوخشاشمايدۇ، بىر ـ بىرىگـﻪ يېقىن كـﻪلمـﻪيدۇ، ئۇلارنىڭ تومۇرىمۇ ئوخشاشمايدۇ. رەسۇل ھـﻪمزاتوۋ« بۇرۇن داغستاننىڭ تارىخى پىچاق بىلـﻪن ئويۇلغان يېزىقتا خاتىرىلـﻪنگـﻪن، 20 ـ ئـﻪسىرگـﻪ يـﻪتكـﻪندىلا داغىستاندا پـﻪي قـﻪلـﻪم بولغان» دەيدۇ. ئـﻪمما، دۇنيادىكى ھـﻪر قانداق بىر ئېلىپبـﻪدىن داغىستان تىلىدىكى بارلىق تاۋۇشلارنى ئىپادىلىگۈدەك بىر يۈرۈش ھـﻪرپ تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان دەسلـﻪپكى يىللاردا، داغىستاندىكى تىللار ئۈچۈن يېزىق ئىجاد قىلىشتا، رۇس تىلى ھـﻪرپلىرى ئۈستىگـﻪ ئالاھىدە ھـﻪرپ ۋە شـﻪرتلىك بـﻪلگىلـﻪرنى قوشۇش ئارقىلىق ھـﻪرپ يارىتىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى مىليونغا يېقىن داغستان خـﻪلقى ئوتتۇز نـﻪچچـﻪ خىل تىل ئىشلىتىدۇ. داغستاندا بـﻪش خىل يېزىقتا گېزىت ـ ژۇرنال، ئـﻪدەبىي ئـﻪسـﻪرلـﻪر نـﻪشىر قىلىنىدۇ. يالغۇز ئاۋار تىلىدىلا ئـﻪمـﻪس «بۇلار شۇ جايدىكى نوپۇس ئـﻪڭ كۆپ مىللـﻪت، نوپۇسى سەككىز يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ»، يـﻪنـﻪ تات «بۇلار پـﻪقـﻪت ئون بـﻪش مىڭلا» تىلىدا كىتاپ نـﻪشىر قىلىنىدۇ.
ئـﻪمما، شۇنىڭغا قارىماستىن، داغىستاندا ئۆز تىلى بىلـﻪن شېئىر يازىدىغان شائىردىن ئىككى مىڭى بار. دۇنيانىڭ ھـﻪمما جايلىرىدا بار ئاز سانلىق مىللـﻪتلـﻪر مـﻪسىلىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىرلا ئادەمنىڭ مـﻪسىلىسى چاغلىق بىر ئىش، ئـﻪمما، كونىلارنىڭ سۆزى بويىچـﻪ، ئۆتۈكنى كىم كىيگـﻪن بولسا شۇنىڭ پۇتى ئاغىرىيىدۇ، دەردىنى ئۆتۈك كىيگـﻪن ئادەملا بىلىدۇ، دېگـﻪندەك سانى ئـﻪڭ ئاز مىللـﻪتلـﻪرنىڭ مـﻪسىلىسى ئـﻪڭ زور، ئـﻪڭ مۇھىم بولىدۇ، بـﻪزىدە بۇ مـﻪسىلـﻪ تېخى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. بۇ يـﻪردە دېيىلىۋاتقان مـﻪسىلـﻪ ئاز سانلىق مىللـﻪتلـﻪرنىڭ مىللىي مـﻪدىنىيىتىنىڭ ئىستىقبالى مـﻪسىلىسى. بۇ ئالدى بىلـﻪن دۇنيادىكى ئاز سانلىق مىللـﻪتلـﻪرنىڭ تىلى مـﻪسىلىسىگـﻪ بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى تىل بولمىسا، ئۇلارنىڭ مـﻪنىۋى بايلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. مىللىي مـﻪدەنىيـﻪتنىڭ ئـﻪڭ ئاساسلىق ئامىلى بولغان تىل، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا يـﻪنـﻪ مىللىي مـﻪدەنىيـﻪتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ۋاستىسى بولىدۇ. ھـﻪر قانداق مىللـﻪتنىڭ تىلىنى خـﻪلقنىڭ ئـﻪقىل ـ پاراسىتى ياراتقان، ئۇ تـﻪڭدىشى يوق ئاجايىپ مۆجىزە بولۇپ، ئۇنىڭ يوقىلىشى ئـﻪڭ زور زىياندىن باشقا نـﻪرسـﻪ ئـﻪمـﻪس، نۇرغۇن تىللار يوقىلىدۇ ھـﻪم يوقالدى، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇلار مـﻪۋجۇت بولغان دەۋرمۇ كـﻪلمـﻪسكـﻪ كـﻪتتى، ئـﻪمدى مـﻪۋجۇت تىللارنى قـﻪدىرلـﻪش، ئاسراش كېرەك، ئۇلار پۈتكۈل ئىنسانىيـﻪتنىڭ ئورتاق بايلىقى. دۇنيا تىلدىن تـﻪشكىللـﻪنگـﻪن مـﻪۋجۇدات ئالىمىدە مـﻪۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تارىختا تىلدىن تـﻪشكىللـﻪنگـﻪن ئېكولوگىيـﻪ پـﻪيدا بولغان. تىل ئېكولوگىيىسى خۇددى تـﻪبىئـﻪت ئېكولوگىيىسىگـﻪ ئوخشاشلا ناھايىتى مۇرەككـﻪپ ۋە نازۇك بۇ يـﻪردە پراگماتىزملىق نۇقتىئىينـﻪزەرگـﻪ ئـﻪمـﻪل قىلىشقا بولمايدۇ، پراگماتىزملىق نۇقتىئىينـﻪزەر ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئىشلـﻪيدۇ، ئۇنى مـﻪدەنىيـﻪت ئىشلىرىغا تـﻪبىقلاشقا بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، چوڭ مىللـﻪتلـﻪرنىڭ تىلى ئۇششاق مىللـﻪتلـﻪرنىڭ تىلىنى بارا ـ بارا چـﻪتكـﻪ قاقىدىغان ۋە ئاسمىلاتىيـﻪ قىلىدىغان ئـﻪھۋالمۇ بـﻪزى ـ بـﻪزىدە كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
ناھايىتى روشـﻪنكى ، ھازىر بىر خىللاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللـﻪتلـﻪر مـﻪدەنىيىتىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى يوققا چىقىرىشقا قىزىقىپ قالغان پىكىرلـﻪرمۇ بار. بۇنداق پىكىرلـﻪرگـﻪ نىسبـﻪتـﻪن، بىزدە سـﻪگـﻪك كاللا بولۇشى كېرەك، بۇنداق پىكىرلـﻪردە مـﻪسىلىنىڭ ماھىيىتى بۇرمىلانغان. بىر ـ بىرىگـﻪ يار ـ يۆلـﻪك بولۇش، بىر ـ بىرىگـﻪ مـﻪنپـﻪئـﻪت يـﻪتكۈزۈش پرىنسىپى ئۈچۈن بىرلىشىش كېرەك، ئـﻪمما ھـﻪر قايسى مىللـﻪت ۋە ئۇلارنىڭ مـﻪدەنىيىتى بـﻪزى جـﻪھـﻪتلـﻪردە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلىشى كېرەك. ناۋادا بۇ ئالاھىدىلىكلـﻪر كېرەكسىز قىلىنسا، ئۇ ھالدا بىر ـ بىرىگـﻪ يار ـ يۆلـﻪك بولۇش، بىر ـ بىرىگـﻪ مـﻪنپـﻪئـﻪت يـﻪتكۈزۈش دېگـﻪندىن ھېچنىمـﻪ قالمايدۇ، بىرلىشىشنىڭ زۆزۈرلۈكىمۇ يوقىلىدۇ. مـﻪن چوڭقۇر ئىشنىمـﻪنكى، رېئاللىقتا ئاز سانلىق مىللـﻪتلـﻪر ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم تىلنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ھـﻪمدە شارائىت يارىتىپ مۇشۇ تىللارنىڭ ئۆزگـﻪ مىللـﻪتلـﻪرنىڭ مـﻪنىۋى ۋە ماددىي تۇرمۇشىدىكى يېڭى نـﻪرسىلـﻪرنى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، شارائىت يارىتىپ تىلىنىڭ ئىچكى راۋاجلىنىش يولى يـﻪنى دۇنيادىكى ئىلغار تىللارنىڭ تـﻪقرىبىلىرىگـﻪ بىۋاستـﻪ ياكى ۋاستىلىك تايىنىپ ئۆز تىلىمىزنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش يولى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللـﻪتلـﻪر تىلىنى تېخىمۇ مۇكـﻪممـﻪللـﻪشتۈرۈشنىڭ تولۇق ئىمكانىيىتى بار. ئېلىمىزنىڭ تـﻪجرىبىلىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا چوڭ ـ كىچىك يۈز نـﻪچچـﻪ مىللـﻪت بار. ئۇلار ئاتمىش يىل بۇرۇن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلـﻪن بىرلىشىش ئاساسىدا بىرلىككـﻪ كـﻪلگـﻪن سوۋېت دۆلىتىنى قۇرغان. بىز ئۆتۈپ كـﻪتكـﻪن ئۇزاق يىللاردىلا تاللاش مـﻪسىلىسىگـﻪ دۇچ كـﻪلگـﻪنىدۇق: يۈكسـﻪك دەرىجىدە راۋاجلانغان تىلنى ئىشلىتىش كېرەكمۇ ياكى بىرلىكتـﻪ مـﻪۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يولىغا يـﻪنى ئىلغار مىللـﻪتلـﻪرنىڭ تىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىنى ئۇلار بىلـﻪن بىر قاتاردا راۋاجلاندۇرۇش يولىغا ماڭىمىزمۇ؟ ئـﻪلۋەتتـﻪ، تامامـﻪن مول ئـﻪدەبىيات ۋە ئىلمىي ئـﻪنئـﻪنىسى بار، يۈكسـﻪك دەرىجىدە راۋاجلانغان تىلغا ئۆتۈپ ، ئىجادىيـﻪت بىلـﻪن شۇ تىلدا شۇغۇللىنىش، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىنى راۋاجلاندۇرىمىز دەپ جاپا چـﻪكمـﻪسلىك يولىغا مېڭىش، شۈبھىسىزكى، ناھايىتى يـﻪڭگىل ئىدى. بۇنداق ئـﻪركىن تاللاش ئادەمنى مـﻪھلىيا قىلاتتى.
بىراق، بۇنداق تاللاش ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مـﻪدەنىيىتىنى سۇلغۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇتۇپ قويماسمۇ؟ ئۇ مىللىي مـﻪدەنىيىتىمىزنىڭ دەۋر روھى جـﻪھـﻪتتـﻪ مۇھىم ئىلگىرىلـﻪشلـﻪرگـﻪ ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرەلـﻪرمۇ؟ ئـﻪڭ مۇھىمى، بۇ خىل ھالـﻪت تارىخنىڭ «يارىتىشى»غا ئۇيغۇن بولۇپ، ناھايىتى مۇرەككـﻪپ، ناھايىتى كۆپ خىل دۇنيانىڭ ئورتاق پايدا ـ مـﻪنپـﻪئىتىگـﻪ ئايلىنالامدۇ؟ قېنى، كىم ئىنسانىيـﻪتنىڭ مـﻪدەنىيـﻪت خـﻪزىنىسىدە نېمىلـﻪرنى ساقلاشنىڭ ياخشى، نېمىلـﻪرنى ساقلاشنىڭ يامان بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ؟ بۇ مـﻪسىلـﻪ توغرىسىدا دائىم ئويلىنىشقا، « قوللاش » ياكى «قارشى تۇرۇش»نى دەڭسـﻪپ كۆرۈشكـﻪ توغرا كېلىدۇ. تىلنى تاللايدىغان چاغدا، ئـﻪركىن تاللاشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگـﻪ ۋە بى رگراژداننىڭ خـﻪلق ئالدىدا ئۆتـﻪشكـﻪ تېگىشلىك بۇرچىغا ھۈرمـﻪت قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. چۈنكى خـﻪلق بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ھـﻪمدە ئۆزىنىڭ . ئـﻪڭ قىممـﻪتلىك بايلىقى بولغان تىلنى بىزگـﻪ ئاتا قىلغان. بىز ئانا تىلنىڭ كارامىتىگـﻪ ئاپىرىن ـ تـﻪھسىن ئېيىتماي تۇرالمايمىز. بىز پـﻪقـﻪت بالىلىق چاغلىرىمىزدىن باشلاپ ئىگىلىگـﻪن ئانا تىل بىلـﻪنلا ئادەم قـﻪلبىنىڭ ئـﻪڭ چوڭقۇر يـﻪرلىرىدىكى مىللىي غۇرۇر بۇلىقىنى ئاچالايمىز: ئانا تىل بىلـﻪنلا خـﻪلق تـﻪجرىبىلىرىدىن تۇغۇلغان شېئىر ئارقىلىق يۈرەك ـ قـﻪلبلـﻪرگـﻪ مادار ـ دەرمان بېرەلـﻪيمىز، پـﻪقـﻪت شۇندىلا ئـﻪسلى ـ نـﻪسلىمىزدىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاجايىپ مۆجىزىلىك، مـﻪزمۇنى دېڭىز ـ ئوكيانلاردىن چوڭقۇر ئانا تىلدىن ئېستېتىك زوق ئالالايمىز. پـﻪقـﻪت بالىلىق دەۋردىلا ئانا تىلنى ھـﻪقىقىي چۈشىنـﻪلـﻪيمىز، پـﻪقـﻪت بالىلىق دەۋردىلا ئۆزىمىز بىلـﻪن ئـﻪتراپىمىزدىكى ئادەملـﻪر، قاتلام ـ تـﻪبـﻪقىلـﻪر ۋە مـﻪلۇم مـﻪدەنىيـﻪت ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. دېمـﻪكچىمـﻪنكى، ھېچبولمىغاندا ئۆزۈمنىڭ تـﻪجرىبىسىگـﻪ ئاساسـﻪن شۇنداق دېيـﻪلـﻪيمـﻪنكى، بىر ئادەم بالىلىق دەۋرىدە ئۆزى ئادەتتـﻪ ئۇچرىشىپ تۇرغان ئىككى خىل، بـﻪلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك تىلنى ماھىيـﻪت جـﻪھـﻪتتىن چوڭقۇر ئىگىلىيـﻪلـﻪيدۇ، گـﻪپ بۇ تىللارنىڭ باشتىلا ئۇنىڭغا ئۆز تـﻪسىرىنى كۆرسـﻪتكـﻪنلىكىدە، مـﻪن ئۈچۈن ئېيتقاندا، رۇس تىلى ئانا تىلدىن، يـﻪنى قىرغىز تىلىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ. قىرغىز تىلى بالىلىق چېغىمدىلا ئانا تىلىم بولغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئانا تىلىم. ئۆزگـﻪ مىللـﻪتلـﻪرنىڭ يۈكسـﻪك دەرىجىدە راۋاجلانغان مـﻪدەنىيـﻪت نـﻪتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلانمىساق، بىز كۆپ خىل مىللـﻪتلـﻪرنىڭ مـﻪنىۋى مـﻪدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرالمايمىز. مانا بۇ بىزنىڭ ئىككىنچى خىل يولنى تاللىشىمىزدىكى سـﻪۋەب، بۇ يول مۈشكۈلرەك، ئـﻪمما مول نـﻪتىجىلىك يول، بىزدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم مىللـﻪتلـﻪرنىڭ يېزىقى يوق ئىدى، كېيىنچـﻪ ئۇلارنىڭ يېزىقى بولدى. شۇڭا سوۋېت ئـﻪدەبىياتى سـﻪكسـﻪن نـﻪچچـﻪ مىللـﻪتنىڭ ئـﻪدەبىياتىدىن تـﻪشكىل تاپتى.بۇ ئـﻪمـﻪلىيـﻪت مىللـﻪتلـﻪرنىڭ مـﻪمۇرىي رايونلىرىدا، تامامـﻪن باراۋەرلىك پرىنسىپى ئاساسىدا ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشنى يولغا قويۇشنىڭ بىر ئۇنۇملىك چارە ئـﻪكـﻪنلىكىنى يولۇق ئىسپاتلىدى. مـﻪن بۇ يـﻪردە رۇس تىلىنىڭ تولى توغرىسىدىمۇ سۆزلـﻪپ ئۆتمـﻪكچىمـﻪن، رۇس تىلى ۋاستىچى، تارىختا، ھـﻪر قايسى مىللـﻪتلـﻪر ئـﻪدەبىياتىنىڭ بۈيۈك قىرغاقلىرىنى ئـﻪڭ دەسلـﻪپ تۇتاشتۇرغان كۆۋرۈك. ھالبۇكى، بۇ مىللـﻪتلـﻪر تېخى يېقىندىلا بىر ـ بىرىنىڭ مـﻪۋجۇتلۇقىنى بىلىشمـﻪيتتى. مـﻪدەنىيـﻪت جـﻪھـﻪتتىكى پـﻪرقىمۇ ناھايىتى زور ئىدى، ھـﻪممىسىنىڭ بىر ـ بىرىنىڭكىگـﻪ ئوخشاشمايدىغان ئادەت ۋە ئـﻪنئـﻪنىلىرى بار ئىدى. ئۆز ئارا پـﻪقـﻪتلا چۈشىنـﻪلمـﻪيدىغان تىل ئىشلىتـﻪتتى. رۇس تىلى كۆپ مىللـﻪتلىك سوۋېت جـﻪمىئىيىتىدىكى مىللـﻪتلـﻪرنىڭ ئالاقـﻪ ـ تىلىغا ـ يېڭى «مـﻪدەنىيىلـﻪشتۈرۈش» بىلـﻪن مـﻪدەنىيـﻪتنىڭ بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگـﻪ تۈرتكـﻪ بولىدىغان تىلغا ئايلاندى.
چۈنكى ئۇ ئادەم سانى ئـﻪڭ كۆپ مىللـﻪتنىڭ، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىقتىساد ۋە بارلىق ساھەلەردە ئۈستۈنلۈك ئالغان بىر چوڭ مىللەتنىڭ تىلى ئىدى. ئۇ بىر تـﻪرەپتىن ئېلىمىزدىكى باشقا ئازسانلىق مىللـﻪتلـﻪرنىڭ تىلىغا تـﻪسىر كۆرسـﻪتسـﻪ، يـﻪنـﻪ بىر تـﻪرەپتىن ئۆز ئارا تـﻪسىر كۆرسىتىشىش داۋامىدا ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە بېيىتتى. ھازىر بىز شۇنداق جاكالىيالايمىزكى، بىز ئىنسانىيـﻪت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگـﻪن، بىلىككـﻪ كـﻪلگـﻪن، كۆپ مىللـﻪتنىڭ تىلىنى ئىشلىتىدىغان سوۋېت مـﻪدەنىيىتىنى بـﻪرپا قىلدۇق. ئۇ ئېلىمىزدىكى بارلىق چوڭ كىچىك مىللـﻪتلـﻪرنىڭ ئـﻪڭ ئېسىل نـﻪتىجىلىرىنى ئۆز ئىچىگـﻪ ئالغان. بۇ مىللـﻪتلـﻪر تا بۈگۈنگـﻪ قـﻪدەر تـﻪپـﻪككۈر، پىسخىكا ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جـﻪھـﻪتلـﻪردە ئۆزلىرىگـﻪ خاس ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كـﻪلمـﻪكتـﻪ. بۇ، سوۋېت مـﻪدەنىيىتى ھـﻪممىنى ئۆز ئىچىگـﻪ ئالغان، ئىنتىرناتسىئونالىزىملىق مـﻪدەنىيـﻪت بولۇپلا قالماستىن، بـﻪلكى ھـﻪر خىل مىللىي شـﻪكىللـﻪرنى ئۆز ئىچىگـﻪ ئالغان مـﻪدەنىيـﻪتتۈر. بۇ خىل مـﻪدەنىيـﻪتتىكى ئىنتىرناتسئونالىزىملىق يېقىندىن بۇيانقى مـﻪلۇم تـﻪشۋىقاتلاردا دېيىلگنىدەك مىللىي مـﻪدەنىيـﻪتنىڭ ئورنىغا قاتمال شـﻪكىللـﻪرنى دەسسىتىش بولماستىن، بـﻪلكى ئىمكانقـﻪدەر پۈتكۈل جـﻪمىئىيـﻪتنىڭ ئىدىيىۋى بىرلىكى ئاساسىدا بارلىق مىللـﻪتلـﻪرنىڭ مـﻪدەنىيىتى ۋە تىلىنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئىنتىرناتسىئونالىزىمدۇر. بىز مىللـﻪتلـﻪرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق پـﻪرقلـﻪرنى تامامـﻪن يوقىتىۋېتىش ۋە مىللىي مـﻪدەنىيـﻪتنى ئىستىلا قىلىۋېتىش خاھىشىغا تاقابىل تۇرىمىز. بۇ مىللىي مـﻪدەنىيـﻪتلـﻪر ئاللىقاچان ئۆز ئورنىنى ئىگىلـﻪپ بولغان، شۇڭلاشقا ئۇنى يوقىتىۋېتىش خاھىشى كىشىلـﻪردە دۇنيا مـﻪدەنىيىتىنىڭ ئىستىقبالىغا نىسبـﻪتـﻪن ئـﻪندىشـﻪ پـﻪيدا قىلىپ قويىدۇ. مېنىڭچـﻪ، ئالىيجاناپ گۇمانىزم «ئىنسانپـﻪرۋەرلىك» ۋە ئـﻪخلاقنىڭ ئـﻪھمىيىتى سوتسىيالىسىتىك مىللـﻪتلـﻪر مـﻪدەنىيىتىنىڭ بىرلىشىش جـﻪريانىدا، ھـﻪر بىرىنىڭ ئۆز ئىندىۋىدۇئاللىقىنىڭ يوقالمايدىغانلىقىدا، ئۇلارنىڭ ئـﻪزەلدىن بار ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يوققا چىقىرىلمايدىغانلىقىدا، ھـﻪر قايسى مىللـﻪتلـﻪر مـﻪدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىتىدىغانلىقىدا، مۇكـﻪممـﻪللىشىدىغانلىقى ۋە راۋاقلىنىدىغانلىقىدا، يوشۇرۇن شـﻪرتلـﻪرنى قازىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق شـﻪرتلـﻪر ھـﻪر قايسى مىللـﻪتلـﻪرنىڭ ۋۇجۇدىدا مـﻪۋجۇت شـﻪرتلـﻪرلا بولۇپ قالماستىن، بـﻪلكى مىللـﻪتلـﻪرنىڭ ئېسىل ئـﻪنئـﻪنـﻪ، مـﻪنىۋى مىراسلىرىدىن، ئۇزۇن مۇددەت داۋامىدا جۇغلانغان تارىخىي تـﻪجرىبىلىرىدىن بىۋاسىتـﻪ ۋارىسلىق قىلىنىغان شـﻪرتلـﻪردۇر.
ئـﻪلۋەتتـﻪ، بۇ ئوڭايلا ئورۇنلىنىدىغان ئاددىي جـﻪريان ئـﻪمـﻪس. بىز بۇ جـﻪرياننى ئورۇنلاش ئۈچۈن غايـﻪت زور، بـﻪزىدە خېلىلا جاپالىق ئـﻪجىر سىڭدۈردۇق ھـﻪمدە بۇرۇن زادىل كۆرۈلمىگـﻪن بـﻪدىئىي تـﻪپـﻪككۈرنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ھارماي ـ تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ۋە ئىزدىنىپ ئورتاق تـﻪجرىبىنى قولغا كـﻪلتۈردۇق. بىز تۇرمۇشنى دېئالىكتىكىلىق تونۇش، نۇرغۇن قالدۇق ئىدىيىلـﻪرنى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدىكى «بالىلىق كېسىلى»نى يېڭىش جـﻪريانىنى باشتىن كـﻪچۈردۇق، سوۋېت ئىتتىپاقىدەك غايـﻪت زور، كۆپ مىللـﻪتلىك دۆلـﻪتنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مىللىي مۇناسىۋەت جـﻪھـﻪتتـﻪ دائىم دېگۈدەك يېڭى جـﻪريان ۋە يېڭى مـﻪسىلىلـﻪرنىڭ كۆرۈلمىسلىكى مۇمكىن ئـﻪمـﻪس. بىر نـﻪچچـﻪ يىلدىن بۇيان بـﻪزى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيـﻪتلـﻪردە باشقا مىللـﻪت گىراژدانلىرىنىڭ سانى ناھايىتى تېز كۆپـﻪيدى، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى، مـﻪدەنىيـﻪت ۋە تۇرمۇشى جـﻪھـﻪتتـﻪ ئۆزىگـﻪ خاس ئالاھىدە تـﻪلىپى بار، مانا بۇ بىزنىڭ يۇقىرىقى سۆزىمىزنى تولۇق چۈشـﻪندۈرۈپ بېرىدۇ. مىللـﻪتلـﻪر تۇرمۇشىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭـﻪيمـﻪكتـﻪ، تۇرمۇش ھـﻪر سائـﻪت، ھـﻪر مىنۇتتا ئۆزگـﻪرمـﻪكتـﻪ. بىز ئۇزۇندىن بۇيان قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگـﻪ دەپ قاراپ كـﻪلگـﻪن ئالاھىدىلىكلـﻪر تۇرمۇشتىن ۋە كىشىلـﻪرنىڭ ئېڭىدىن بارغانسېرى يوقاپ، مـﻪدەنىيـﻪت جـﻪھـﻪتتـﻪ بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى. ئارىمىزدىكى ئوخشاشمايدىغان مىللىي ئالاھىدىلىكلـﻪرنى پـﻪرقلـﻪندۈرۈشنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، بىز ھامان دېگۈدەك تۇرمۇشىمىزدىكى مۇشۇنداق كۆپلىگـﻪن نـﻪرسىلـﻪرنىڭ بىزدەك تـﻪقدىرى، ئىدىيـﻪ سېستىمىسى بىر بولغان، بىر دەۋردە ياشاشۋاتقان ئادەملـﻪرنى يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تولۇق مۆلچـﻪرگـﻪ ئالالماي قالىمىز. قاتلاملارنى، كونكرېت مۇھىتنى، كـﻪسىپنىڭ تۈرلىرىنى، ئـﻪڭ مۇھىمى، يېڭى ئادەملـﻪرنىڭ پىسخىك ھالىتىنى مۆلچـﻪرلـﻪشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىش كېرەك. سوۋېت كىشىلىرىنىڭ دۇنيا قاراش، پىسخىك ھالـﻪت ۋە ھـﻪرىكـﻪت جـﻪھـﻪتتىكى ئۆزگىرىشنى ئـﻪڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش. گـﻪرچـﻪ بىز باشقا ـ باشقا مىللـﻪتلـﻪرگـﻪ ۋەكىللىك قىلساقمۇ، ئـﻪمما تۇرمۇشقا بولغان قاراشتا، تۇرمۇشنى سېلىشتۇرۇشتا، باھالاشتا ۋە تۇرمۇشقا قويغان ئۆلچـﻪمدە ئورتاقلىقىمىز بار. مېنىڭچـﻪ، ئاز سانلىق مىللـﻪتلـﻪر مـﻪدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش جـﻪريانىدا، يېڭى، زامانىۋى مىلودىيـﻪ «ئاساسلىق كۈي» ۋە يېڭى ئىدىيىۋى ئېقىمنى ئالقىشلاش كېرەك. بۇلار ئـﻪسلىدىكى مىللىي شـﻪكىللـﻪرنى بېيىتىدۇ، ئۇنىڭ دائىرىسىنى كېڭـﻪيتىدۇ. ئـﻪلۋەتتـﻪ، بۇنىڭ شـﻪرتى بار. بۇ شـﻪرت ئۇ خىل زامانىۋى مىلودىيـﻪ ۋە يېڭى ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىدىن ئۆزىگـﻪ مۇۋاپىق ئىپادىلـﻪش شـﻪكلىنى تاپالاش ـ تاپالماسلىقىدۇر. ھازىر بىز يېڭى يۈكسـﻪكلىككـﻪ ئۆرلـﻪۋەتىمىز، ئاز سانلىق مىللـﻪتلـﻪر ئىچىدە ئادەمنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز، بۈگۈنكى تۇرمۇشنى بۈگۈنكى ئۇسۇللار بىلـﻪن كۆزىتىشنى ئۆگىنىۋاتىمىز. شۇڭلاشقا، مىللىي شـﻪكىلدە ھازىرقى دەۋر تۈسى جـﻪۋلان قىلىشقا باشلىدى.
ئـﻪگـﻪر قاتتىق بېكىنمىچىلىق قىلساق قانداق نـﻪتىجـﻪ بولۇشى مۈمكىن؟ ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز ماھىيـﻪت جـﻪھـﻪتتىكى جا مـﻪدەنىيـﻪت بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى ئۇنىڭدا ئـﻪكس ئـﻪتكىنى، ئـﻪڭ كۆپ بولغانىدىمۇ شۇ بىر مىللـﻪتنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىر تـﻪرىپىلا بولىدۇ. باشقا مىللـﻪتنىڭ مـﻪدەنىيىتى بىلـﻪن ئالماشتۇرۇش بولمىسا، بولۇپمۇ بىر قـﻪدەر تـﻪرەققىي تاپقان مىللـﻪتنىڭ مدەنىيىتى بىلـﻪن ئالماشتۇرۇش بولمىسا، بۇ ئـﻪمـﻪلىيـﻪتتـﻪ شۇ بىر مىللـﻪتنىڭ مـﻪدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىش مـﻪنبـﻪسىنى توسۇپ، ، بوغۇپ قويغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئـﻪگـﻪر «مىللـﻪت ئالاھىدىلىكى»نى ساقلاپ قېلىش ئـﻪڭ ئاخىرقى مـﻪقسـﻪت قىلىنغان بولسا، ئۇ ھالدا مۇبداق «ئالاھىدىلىك » ئالغا باسماي بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، ئالـﻪمدىن بىخـﻪۋەر ئۆتۈش، نـﻪزەر دائىرىسى تار بولۇشنى كـﻪلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھـﻪمدە شۇ مىللـﻪت مـﻪدەنىيىتىنىڭ سىرتقا تارقىلىشغىمۇ توسقۇن بولىدۇ. مىللىي غۇرۇر ۋە تـﻪكـﻪببۇرلۇق، ناھايتى روشـﻪنكى، تامامـﻪن مـﻪنىداش نـﻪرسـﻪ ئـﻪمـﻪس، ئالدىنقىسى ئۆز مىللىتىنىڭ گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پـﻪخىرلىنىش، ئـﻪمما ئۇنى تېپىلماس نـﻪرسىدەك ھـﻪممـﻪ يـﻪردە كۆس ـ كۆس قىلىپ يۈرمـﻪسلىكنى كۆرسـﻪتسـﻪ، كېيىنكىسى ئۆزىنىڭ ساختا ئارتۇقچىلىقلىرىدىن مـﻪغرۇرلىنىشنى، ھـﻪتتا ئۆزىنىڭ يېتـﻪرسىزلىكلىرىنى كۆرمـﻪسكـﻪ سېلىش، ھـﻪتتا ئۇلارنى شۇ مىللـﻪتنىڭ «ئارتۇقچىلىقى» قىلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. باشقا مىللـﻪتلـﻪر بىلـﻪن مـﻪدەنىيـﻪت ئالماشتۇرۇش ئېلېپ بارغاندا غۇرۇر بىلـﻪن تـﻪكـﻪببۇرلۇقنىڭ چـﻪك ـ چېگىرىسىنى ئايرىۋېلىشقا زور ياردىمى بولىدۇ. تـﻪبىئىيكى، مـﻪدەنىيـﻪت ئالماشتۇرۇلسا مىللىي ئالاھىلىكلـﻪردە ئۆزگىرىش بولىدۇ ھـﻪمدە مىللىي شـﻪكىل پـﻪيدا بولىدۇ. ئۇلار بىر ـ بىرىگـﻪ تـﻪسىر كۆرسىتىدۇ، بىر ـ بىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، بىر ـ بىرىنى بېيىتىدۇ ھـﻪمدە ۋاقتى ئۆتكـﻪن كونا رامكىلاردىن قۇتۇلىدۇ. ئـﻪمما، ھـﻪر قېتىم دېگۈدەك گـﻪپ مىللىيلىك ئۈستىگـﻪ كـﻪلگـﻪندە، نېمـﻪ ئۈچۈنكى، بـﻪدىئىي تـﻪپـﻪككۈر قايسى دەۋردە بولسا، ئۇنىڭ شۇ دەۋرگـﻪ خاس ئىجتىمائىي مـﻪنىۋى ھالـﻪتنى ئـﻪكس ئـﻪتتۈرگـﻪنلىكىدىن قـﻪتئىينـﻪزەر، بىزنىڭ كۆزىمىز كۆپرەك ئۆتكـﻪنكىنى كۆرىدۇ. ياق، مىللـﻪتنىڭ ئۆزىگـﻪ خاس ئالاھىدىلىكى ئـﻪسىرلـﻪردىن بۇيان داۋام قىلىپ كـﻪلگـﻪن مىللىي ئالاھىدىلىكلـﻪرنىڭ يىغىنىدىسى ئـﻪمـﻪس. مىللـﻪتنىڭ ئۆزىگـﻪ خاس ئالاھىدىلىكى دېگـﻪن بۇ ئۇقۇم ئىچىدە ئـﻪزەلدىنلا بار بولغان، ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكـﻪن نـﻪرسىلـﻪر، بۇرۇنقى دەۋرلـﻪردە شـﻪكىللـﻪنگـﻪن تـﻪجرىبىلـﻪر بولۇپلا قالماستىن، بـﻪلكى ھازىرقى دەۋر رېئاللىقىدا ۋۇجۇدقا كـﻪلگـﻪن يېڭى نـﻪرسىلـﻪرمۇ بار. سوۋېتنىڭ كۆپ مىللـﻪتلىك مـﻪدەنىيىتىنىڭ ئېسىل نـﻪتىجىلىرىدە جـﻪمئىيـﻪتنىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيـﻪتنىڭ ئورتاق ئۇلۇغ غايىلىرى بار، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مىللىيلىكى ئىنتىرناتسىئونالىزىمدىن زادىلا ئايرىلمايدىغان مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئىپادىلـﻪنگـﻪن، ئىنتىرناتسىئونالىزم بۇ يـﻪردە ئالاھىدە مىللىي شـﻪكىل بولۇپ ئىپادىلـﻪنگـﻪن. ئۇلارنىڭ مۇلايىملىق بىلـﻪن بىرىكىشى پىشىپ يېتىلگـﻪن سـﻪۋىيىنى ئىپادىلـﻪپ بـﻪرگـﻪن. ھالبۇكى، ئىنسانىيـﻪتنىڭ ئېڭى، باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگـﻪ ئېرىشىش تـﻪشنالىقى ۋە باشقىلارنى چۈشىنىش ئۈمىدى بولسا مانا مۇشۇ يـﻪردىن باشلانغان، ئۇلارنىڭ مـﻪنبـﻪسى مانا مۇشۇ يـﻪردە. مـﻪن بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرۇغۇن بـﻪس ـ مۇنازىرىلـﻪرگـﻪ سـﻪۋەب بولغان مىللىي مـﻪدەنىيـﻪت مـﻪسىلىسىنى تـﻪپسىلىي شـﻪرھلـﻪپ ئۆتتۈم. ھـﻪر بىر مىللـﻪتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ئۆز مـﻪدەنىيىتىگـﻪ «ئوخشاشمايدىغان قىياپـﻪت» بىلـﻪن ئوتتۇرىغا چىقىش ئىمكانىيىتىنى ئاتا ـ قىلغان. ئانا يۇرت بىلـﻪن، ئۆز مىللىتىمىز بىلـﻪن ، مىللىتىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىكى جىددىي مـﻪسىلىلـﻪر بىلـﻪن بولغان ئالاقـﻪ ـ مۇناسىۋەت گويا ھاياتىي كۈچكـﻪ تولغان ھـﻪمدە مول ئۈنۈملۈك سۈتكـﻪ ئوخشاش، مىللىتىمىزنىڭ مـﻪدەنىيىتىگـﻪ جان، قۇدرەت بېغىشلاپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ، پۈتكۈل ئىنسانىيـﻪت جـﻪمئىيىتىنىڭ كـﻪڭ زېمىنىغا باشلايدۇ. چۈنكى، ھـﻪر بىر مىللـﻪتنىڭ تۇرمۇشىدا، ئۇلارنىڭ دۇنيانى بىلىشى جـﻪريانىدا نۇرغۇن ئورتاق نـﻪرسىلىرى بولىدۇ، شۇڭا مىللىي نـﻪرسىلـﻪرنى ئىنتىرناتسىئونالىزملىق نـﻪرسىلـﻪر بىلـﻪن قارىمۇ ـ قارشى قىلىپ قويماسلىق كېرەك. مـﻪسىلـﻪن، بىر قىسىم ئاسىيا، ئافرىقا زىيالىيلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ مـﻪركـﻪزچىلىكىگـﻪ، مـﻪدەنىي تـﻪپـﻪككۈر شـﻪكلىگـﻪ قارىتا ئۆز قارىشى بار. بۇنىڭ سـﻪۋەبىنى، ئـﻪلۋەتتـﻪ، چۈشىنىشكـﻪ بولىدۇ. چۈنكى بۇ نـﻪرسىلـﻪر ئۇلارنىڭ ئېسىگـﻪ مۇستـﻪملىكـﻪ ھۆكۈمرانلىقىنى، مىللىي غۇرۇرىغا قىلىنغان ھاقارەتلـﻪرنى سالىدۇ. ئـﻪمما، ئىلغار ئاسىيا، ئافرىقا زىيالىيلىرى ياۋروپانىڭ تـﻪجىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئاللىبۇرۇنلا باشلىۋەتكـﻪن ھـﻪمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مـﻪدەنىيىتىنى بېيىتقان. ئۇلار ياۋروپانىڭ تـﻪجرىبىلىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيـﻪتنىڭ بايلىقى، يـﻪر شارىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئادەمگـﻪ مـﻪنسۇپ دەپ تونۇغان.
«دۇنيا ئـﻪدەبىياتىنىڭ 1988 ـ يىل 3 ـ سانىدىن» ئېلىندى.
(ئاپتورنىڭ خـﻪنزۇچـﻪ «ئـﻪدەبىيات ۋە سـﻪنئـﻪت توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم» ناملىق توپلىمىدىن)● بۇ يازما 1842 قېتىم كۆرۈلدى ●

خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: * تىل-يېزىق
يېڭى تېمىلار
ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

تۈركچە 1- سىنىپ دەرسلىكى
ئۇيغۇرچە–تۈركچە مەسەللەر

ئۇيغۇرچە – تۈركچە مەسەللەر توپلىمى