«ئۆكۈنۈش ۋە ئېىتراپ» ناملىق ماقالىدىن تاللانما

ئابدۇۋاھىد مەتنىياز

ھىندىئانلارنىڭ يوقىلىش << سىرى >>

<< ئۆكۈنۈش ۋە ئېىتراپ>> ناملىق ماقالىدىن تاللانما  ھىندىئانلار كۆپ خورلۇققا ، قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ 1754-يىلى فرانكىلىن مۇستەملىكە داھىيلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ، ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشى ئۇرۇش قىلماقچى بولغاندا ئامېرىكىنىڭ يەرلىك خەلقلىرىنڭ ئالتە فېدېراتسىيسى بار ئىدى . ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى فېدېراتسىيە تۈزۈمىدە يەرلىك خەلقنىڭ فېرېدراتسىيسىنىڭ تەسىرىمۇ بار ئىدى . ھالبۇكى ،ئۇلار تارىخ سەھنىسىدىن ناھايىتى تېزىلا يوقالدى .ئامېرىكا نوپۇس ئىستاتستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە 1990-يىلى ئامېرىكىدىكى ھىندىئانلارنىڭ ئۇمۇمى سانى بىر مىليون 900مىڭ ،شۇچاغلاردىكى ئامېرىكا نوپۇسىنى 250مىليون دەپ مۆلچەرلىسەك ، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاران 0.76%ىنى تەشكىل قىلىدۇ ، دېگەن گەپ .
ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېزىلا يوقىلىدۇ ؟

ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس ل.س.ستاۋرىئانوس (1913_2004)نىڭ قارىشىچە ياۋرپالىقلارنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە مۇنچە تېز بېسىپ كىرىشى ۋە ئۇنى ئېچشى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەسىرلەردە ئافرىقىغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە مۇستەملىكە قىلىشى بىلەن روشەنپەرقلىق بولۇپ ، بۇنىڭغا جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك ،نوپۇسنىڭ شالاڭلىقى ، ئىقتىساد .سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكلات تەرەققىيات سەۋىيسىنىڭ تۆۋەنلىكى ، ئىچكى ئىناقسىزلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان ئىدى .بولارنىڭ ھەممىسى ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ زېمىننى تېزلىك بىلەن ئىگىلىشىگە پايدىلىق ئىدى .ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ زېمىنى ياۋروپا غا بەك يېقىنبولغاننىڭ ئۈستىگە ،ئىستېلاچىلارنىڭ ئىلىگىرىلىشكە توسالغۇ بولىدىغان قۇملۇق ياكى چوڭ ئىچكى دەريالار ئاز ئىدى .كىلىماتى ئافرىقىغا قارىغاندا ياشاشقا تېخىمۇماس كېلەتتى .ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا ، يەرلىك ئاھالىلارنىڭ نوپۇسى ئىنتايىن ئاز ئىدى ، شۇنداق بولۇشغا قارىماي ، ئۇلارنىڭ تىلى بەك مۇرەككەپ ئىدى .ياۋروپالىقلار ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ دەسلىپىدە پۈتۈن غەربىي يېرىم شاردا 2000خىلچى تىل بار ئىدى . بۇ يەرلىك قەبىلىلەردە 250 خىلغا يېقىن تىل بار ئىدى . بۇ تىللارنى ئىشلىتىدىغان كشىلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئىدى . بۇ تىللارنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئىدى .تىلدىكى كۆپ خىللىق مەدنىيەتنىڭ كۆپ خىلىقىقىغا سەۋەب بولغان ئىدى. تىلدىكى كۆپ خىللىق مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىلىقىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ل.س.ستاۋرىئانوسنىڭ يەكۈنىچە، ئىسپانىيەلىكلەر بۇ زېمىنغا بېسىپ كىرىشتىن ئاۋۋال بۇ يەردە مايا مەدەنىيىتى ، ئازتېك مەدەنىيىتى، ئىنكا مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى. ياۋروپالىقلارنىڭ نەزەرىدە ھىندىئانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى كەم ئىدى .ھىندىئانلارنىڭ ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان بولۇپ ، ئۇلار يەنىلا تاش قورللار دەۋرىدە دېگۈدەك ياشايتتى .ئۇلاردا تېخىچە ئات يوق ئىدى، ئاساسلىقى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرەتتى، ھىندىئانلارنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيىتىمۇخېلىلا ئارقىدا قالغان بولۇپ ، ھىندىئانلار ياۋرپالىقلارنىڭ بىلەن ئۇچرىششىتىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنى ئاسىيانىڭ قىرغىقىدا ياشايمىز دەپ تونۇيتتى .ھىندىئانلار تولىمۇ بىخۇد ، ساددا بولۇپ، ئۇلار ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ شەمشىرىنى قولى بىلە تۇتۇۋېلىپ قوللىرىنى كېسىۋالغان ئىدى .

ئۇلار دائىم ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىپ تۇراتتى ، پەقەت مىسسىسىپىي دەرياسى ۋادىسىدىكى ھىندىئانلار ئولتۇراق رايونىدىلا تەشكىلىي تېررىتورىيە بار ئىدى . ئەمما ،گېئورگى ۋېللسنىڭ يېزىشىچە ، ئىسپانىيەلىكلەر بۇ زېمىنغا يېڭى كەلگەندە،يەرلىك ئاھالىلاردا غەلىتە ، ۋەھشىي ئادەتلەر كۆپ ئىدى . << ئۇلاردا ئادەم ئادەمنى يەيدىغان ئادەت ئۇمۇملاشقان ئىدى .>> ئازتېكلار بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان ئىدى. ئۇلاردا ھەممە ئەرلەر قالقان قىلىچ ۋە قىڭراق دېگەندەك قوراللىرىنىڭ ئۈستى ئالتۇن ۋە قاشتېشى بىلەن بېزەلگەن ئىدى . شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، ئۇلاردا ئادەم نەزىر قىلىدىغان ئادىتى بار ئىدى . ئازتېكلار ئەسىرلەرنى تۇتۇۋېلىش تىرىك سوۋغاتلاردىنمۇ مۇھىم دەپ قارايتتى . چۈنكى كاھىنلار ئۇلارنى دۇنيانى كەلكۈن بېسىپ كېتىشى ، قۇياشمۇ بىر كۈنى ئارام ئېلىش مۇمكىن ،دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى، شۇڭا ، دائىم ئادەم نەزىر قىلىپ خۇدانىڭ روھىغا تەسەللىي بېرىشى كېرەك ئىدى . بىراق بۇ قىلمىشى ئازتېكلارنى ھەقىقىي ياۋۇزلۇقىنىڭ ئايلانما شەكىلدە داۋاملىشىشىغا ئېلىپ بارغان ئىدى .ئومۇمىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئادەم ئارقىلىق نەزىر قىلىدىغان ئادەمگە ئىگە بولغىلى بولاتتى .پەقەت ئادەم نەزىر قىلسىلا، ئاندىن ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغىلى بولاتتى، ئەكسىچە، پەقەت ئۇرۇش ئارقىلىقلا نەزىر قىلىدىغان ئادەمگە ئىگە بولغىلى بولاتتى ،>>ئىسپانىيەلىكلەر ئازتېك دۆلىتىنىڭ بايلىقى ۋە ھەشەمىتىگە كۆزى قامىشىپلا قالماي ، بەلكى ئۇلارنىڭ دىنىي كۈچى بىلەن قىرغىن قىلىپ ،قۇربانلىق قىلغان ئىشىدىن تېنى شۈركىنىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇلار كېيىنچە ئېھرامنىڭ نەزىر –چىراغ مېھرابى ئىكەنلىكىنى بىلدى . ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدىغان ، دىنىي مۇراسىم ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئېھرامنىڭ چوققىسى نەزىر قىلىنىدىغان ئادەملەر قىرغىنغا ئۇچرايدىغان جاي ئىدى .نەزىر مۇراسىمى ئوتتۇرا ئامېرىكىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان بولسىمۇ ، باشقا جايلاردائازتېكلاردەك ئۇنداق چوڭ قىرغىن قىلمايتتى .ل.س.ستاۋرىئانوسنىڭ نەقىل ئېلىشىچە بىئېرنا دىياس ئىسملىك بىر كىشى ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق يازغان ئىدى:

<<مەن بۇ سوكتران بازار رايونىدىكى بۇتخانىغا يېقىن ئاشۇ يەرنى زادىلا ئۇنتالمايمەن ، ئۇ يەردە ناھايتتى رەتلىك دۆۋىلەپ قويۇلغان باش سۆڭىكى بار ئىدى .بەلكىم 100مىڭدىن كۆپرەكتۇر . مەن يەنە تەكرالايمەن ،100مىڭدىن كۆپرەك ، ئوخشاشلا ، بۇ مەيداننىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا ،سىز يەنە رەتلىك دۆۋىلەپ قويۇلغان نورغۇن ئادەمنىڭ جەسىتىنى كۆرەلەيسىز .ساننىڭ قانچىلىكلىكىنى ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە نورغۇن ئادەم بېشى يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى تۈۋرۈكلەرگە ئېسىپ قويۇلغان ئىدى . بۇ دۆلەتتىكى ھەرقانداق بىر شەھەردە بىز ئوخشاشلا قورقۇنچلۇق مەنزىرىنى كۆرەتتۇق >>.

دېمەك ، ئۇلاردا ئۈنۈملۈك قارىشىلىشىش ئىقتىدارى يوق ئىدى .ئۇلاردا بىرلىك كەم ئىدى .ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى ھۆكۈمرانلىرى بۇ ئاجىز زەئىپ خەلقنى قەدەممۇ قەدەم چېكىندۈرۈپ ، قىستاپ ئاخىرى رەسمىي يوقىلىش گىردابىغا كىرگۈزۈپ قويغان ئىدى .ئامېرىكىنىڭ 19-ئەسىردىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنرالى فىلىپ شىلدون ؛ <<بىز ئۇلارنىڭ دۆلىتى ۋە تۇرمۇش ۋاستلىرىنى بولاپ كەتتۇق كىممۇ بۇنداق بۇلاڭچىلىققا چىداپ تۇرالىسۇن .كۈندۈزدىكى بۇ بۇلاڭچىلىقنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم ئويۇنلارنى ئوينىدى .1830-يىلى فېدرتسىيە ھۆكۈمىتى <ھىندىئانلارنى كۆچۈرۈش قانۇنى >نى ماقۇللاپ غەربتىن ھىندىئان قەبىلىلىرىگە يېڭى ئولتۇراق زېمىن ئايرىپ بېرىپ ، جەنۇبتىن زېمىنغا تېگىشمەكچى بولدى.لېكىن ،غەربتىكى ئالاباما ،مىسسىسپىي .جورجىيە شىتاتلىرى ھىندىئان قەبىلە ھاكىمىيىتىنى قانۇنسىز ھۆكۈمەت دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالىدى ، ھىندىئانلار قەبىلىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئۈستىدە سوتقا ئەرىز قىلدى .ئەڭ يوقىرى سوت ئەرىزنى قوبۇل قىلىپ ، ھىندىئانلار قەبىلىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەق دەپ قارىدى .لېكىن ، ئاندىرۇ جېكسون زوڭتۇڭ سوتنىڭ ھۆكمىنى كۆزىگە ئىلماي ،قەبىلىلەرگە شەرتنامىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى .بۇنداق قىلشتىكى مەقسەت ھىندىئانلارنى غەربىنىڭ تېخىمۇ يىراق يەرلىرىگە قوغلاش ئىدى .دەپ يازىدۇ.

<< ئۆكۈنۈش ۋە ئېىتراپ>> ناملىق ماقالىدىن تاللانما