ئابلىز ياقۇپ

پۈتۈن ئۆمۈرلۈك خىزمەت ھاياتىدا باشتىن – ئاخىر تىل – يېزىق ساھەسىدە ئىشلەپ ، تىل – يېزىقىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك قېلىپلىشىپ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن پېشقەدەم تىل – يېزىق خادىمى ، ئاتاقلىق تىلشۇناس ھەم لۇغەتشۇناس ئابلىز ياقۇپ ئەپەندى 1934 – يىلى 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى تۇرپاندا تۇغۇلغان . كېيىن ئاتا – ئانىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، 1942 – يىلىدىن 1946 – يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 – باشلانغۇچتا ئوقۇغان . 1947 – يىلىدىن 1948 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى 2 – دارىلمۇئەللىمىندە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەلۇماتى ئالغان . 1949 – يىلى 9 – ئايدىن 1951 – يىلى 1 – ئايغىچە غۇلجا بىلىم يۇرتىدا تولۇق ئوتتۇرا مەلۇماتى ئالغان. 1951 – يىلى 2 – ئايدىن 1953 – يىلى 7 – ئايغىچە ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات سىنىپىدا ئوقۇغان. 1953 – يىلى 7 – ئايدىن 1955 – يىلى 5 – ئايغىچە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن . 1955 – يىلى 5 – ئايدىن 10 – ئايغىچە قەشقەر رايونىدا تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1955 – يىلى 10 – ئايدىن 1957 – يىلى 6 – ئايغىچە سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل تەتقىقات سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1957 – يىلى 7 – ئايدىن 9 – ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تىل – يېزىق تەتقىقاتى كومىتېتىدا ئىشلىگەن. 1957 – يىلى 9 – ئايدىن 1959 – يىلى 4 – ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى بىرلىكتە ئاچقان تۈركىي تىللار تەتقىقات سىنىپىدا ئوقۇغان. 1959 – يىلى 4 – ئايدىن 1965 – يىلى 11 – ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1965 – يىلى 11 – ئايدا ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومېتىتىغا ئالمىشىپ كېلىپ تاكى 1993 – يىلى پېنسىيىگە چىققۇچە مەزكۇر كومىتېتتا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى، لۇغەتچىلىك باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باشلىقى، تىل – يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئابلىز ياقۇپ ئەپەندى بىر ئۆمۈر تىل – يېزىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان پېشقەدەم تىلچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن يېڭى دەۋردىكى تىل – يېزىق ئىشلىرىمىز ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى تىل تەكشۈرۈش، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئىملا ئۆلچىمىنى بېكىتىش، لۇغەتچىلىك، ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ئابلىز ياقۇپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىرىشىپ ئىشلەش روھى بىلەن كۆپ تۈرلۈك شان – شەرەپلەرگە نائىل بولدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللۇقىدا تۈزۈلگەن ‹‹ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لۇغەت›› ۋە ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون بويىچە 2 – ۋە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەنگەن ‹‹بوغدا كۆپ يېزىقلىق مەتبەئە سىستېمىسى ۋە ئىشخانىلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى›› دۆلەتنىڭ كۈمۈش مېدال مۇكاپاتىغا، ‹‹شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرىنى كومپيۇتېردا ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى›› 1993 – يىلى دۆلەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى بويىچە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ ئۇ 1988 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالاندى؛ 1983 – يىلىدىن 1993 – يىلىغىچە ئىككى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلاندى؛ ئۇ يەنە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەپ كەلگەن. ‹‹ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىلىدىغان كودلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خەلقئارالىق يىغىنى›› (فىنلاندىيىدە ئېچىلغان 20 – نۆۋەتلىك WG2 يىغىنى) غا تەكلىپ بىلەن قاتناشقاندا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ كود لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

پېشقەدەم تىلشۇناس ھەم لۇغەتشۇناس ئابلىز ياقۇپ ئەپەندى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا پەن – تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قانچە تۈرلۈك لۇغەتلەرنى تۈزۈش، تىل – يېزىق ۋە ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقلىرىنىڭ ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئىشلىتىلىشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. بىز ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىللە كېيىنكى پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق ۋە خۇشاللىق، تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت – سائادەت تىلەيمىز!

( مەزكۇر تەرجىمىھال ‹‹تىل ۋە تەرجىمە›› ژۇرنىلىنىڭ 2007 – يىلللىق 4 – سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى )

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئۇنۋېرسال تېمىلار
يېڭى تېمىلار