ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﮭﺎﻟﻰ

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﮭﺎﻟﻰ

ﯪﭘﺘﯘﺭ: ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ

ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ 18- 19- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺩﻩﯞﺭ ﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻙ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻙ ﻣﻮﻏﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻛﯘﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯘﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﯩﺴﺎﺑﺘﺎ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﺎﯞﻩﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪﮬﺮ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺯﮬﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺪﺋﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﯓ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ – ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﺳﻮﭘﻰ- ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ﮔﻮﺭﯗﮬﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﺠﯩﺪﻩﻙ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﺖ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ.ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ- ﻛﯘﺭﻩﺵ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﺳﯘﺱ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯘﭼﻰ ﺯﻩﺋﯩﭗ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻣﯘﺟﻤﻪﻝ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺋﺎﯕﻘﺎﯞ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺧﺎﺭ- ﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﭗ- ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﮬﺎﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻮﺭﯗﻥ، ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ، ﺑﻮﺷﺎﯓ، ﻗﺎﺷﺎﯓ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﺗﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.

ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯘﺷﻜﯘﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻳﯘﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺩﻩﻝ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯘﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯘﭼﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﻮﺭﯗﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭖ- ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﻳﻪﻟﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﻛﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﯖﯩﺰ – ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﻛﯧﺰﯨﭗ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ- ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺯﯨﻤﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺱ- ﺑﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﯘﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻛﻪﻳﻨﻰ- ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ ﺗﯘﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻛﯘﻟﭙﻪﺕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺷﺎﻥ- ﺷﻮﮬﺮﯨﺘﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﻪﺭﻙ- ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺩﺍﮬﯩﻴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺕ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯘﻟﭙﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﯕﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﯩﻠﻰ، ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺑﻮﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﯩﻠﻰ، ﻛﯘﭼﻪﻳﮕﯩﻠﻰ، ﺯﻭﺭﺍﻳﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺩﺍﮬﯩﻴﻼﺭ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ، ﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺋﻮﺕ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﮬﻮﺭﯨﻴﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 20- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻱ- ﺋﺎﺭﺯﯗﺩﯨﻜﻰ ﮔﯩﮕﺎﻧﺖ ﺯﺍﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺵ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺗﯩﯟﯨﭗ ﮬﯘﺳﻪﻳﯩﻨﺨﺎﻥ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ (1856- 1925)ﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻧﺎﺯﯗﻛﻠﯘﻗﺘﺎ ﺭﻭﮬﻘﺎ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺗﺎﻏﻘﺎ، ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ< <<ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ>>- ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ، 2000- ﻳﯩﻠﻰ، 104- ﺑﻪﺕ>.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﯟﺍﺭﯨﺲ، ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ <<ﻏﺎﺯﻯ>>ﺋﯩﺪﻯ. <<ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ>>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﻪﺩﻛﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﻏﺌﯧﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ< ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ <<ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﻩ <ﻣﯩﻔﺘﺎﮬﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﺏ> >>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1278- ﻳﯩﻠﻰ(ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1854-1855-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ) ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ 1985- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ <<ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ>>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1881- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ- ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻛﯩﺘﺎﺏ- ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﻘﯘﭼﻪ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ. ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 62- ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺷﯧﮭﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.>.
ﻣﻪﺷﮭﻪﺩ- ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﺳﺎﻣﺎﻧﻰ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺟﺎﻱ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻮﻟﯩﻤﺎﻻﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﮬﻮﺭﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ، ﺧﺎﻧﯩﻘﺎﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ <<ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ>>ﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻳﯧﺸﻰ 15ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ <<ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ>>ﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ <<ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺳﻪﻳﻘﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ>><1>ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ <<ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ>>ﺳﯩﺪﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ <<ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰﺧﺎﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ>>ﺳﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ، ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﻧﺘﯩﻖ، ﮬﯩﺴﺎﺏ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭﺱ، ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﺍ ﻣﻪﯞﻻﻧﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺯﺍﻗﻰ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﻣﯘﻓﺘﯩﺴﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﻪﯞﯨﺰ ﺧﻮﺟﻪﻧﺪﻯ، ﻗﻮﻗﻪﻧﺪﻧﯩﯔ ﺷﻪﻳﺨﯘﻟﺌﯩﺴﻼﻣﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﯘﻟﯘﻏﺠﺎﻥ ﺗﻮﺭﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﺍﺵ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﺍﻝ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﺰﺍﺋﯩﺪﺩﯨﻦ ﭘﻪﺧﺮﯨﺪﺩﯨﻦ، ﻣﯘﺳﺎ ﺟﺎﺭﯗﻟﻼ، ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﭘﻪﺭﯨﺪﻯ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻮﮔﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯗﺷﻜﻪﻥ.

=====ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ
<1><<ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺳﻪﻳﻘﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ>>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺷﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺗﯘﺭﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺗﻮﻣﯘﺭ (1335- 1405)ﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ <<ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺳﻪﻳﻘﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ>>(ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯘﺯﯗﻛﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﺯﻯ) ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻣﯘ ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺷﻮﮬﺮﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ <<ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ>>ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ، ﺋﻮﻓﺎﻻﺭﺩﺍ ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻛﻮﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ <<ﺋﺎﻗﺎﺋﯩﺪ ﺯﻭﺭﯗﺭﯨﻴﻪ>>، <<ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪ>>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﺋﻮﻓﺎﺩﺍ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﺗﻘﺎﻥ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﮓ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ، ﻗﺎﺯﺍﻥ، ﺧﻮﺟﻪﻧﺖ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ- <<ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺪ>>ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ- <<ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ>ﺩﯨﻦ ﻛﻮﭖ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯘﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ <<ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺪ>>ﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﻪ ﯞﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﯩﺮ ﻏﻪﻧﯩﺒﺎﻱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻛﻮﭘﻨﻰ ﻛﻮﺭﮔﻪﻥ، ﺳﯧﺨﯩﻲ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﮬﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﺎﻱ- ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺳﻮﺩﺍ- ﺳﯧﺘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﻮﭖ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﭼﯘﺷﻪﻧﮕﻪﻥ.

1893- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻧﺪﺍ، ﻏﻪﻧﯩﺒﺎﻱ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﺗﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﮭﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﺴﻰ، ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺒﯧﻚ ﻏﺎﺳﭙﯧﺮﺍﻟﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 20ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺯﺍﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﻮﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﯗﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ. ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﯨﯔ ﺳﻮﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗ. ﻏﻪﻧﯩﺒﺎﻱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺒﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﺎﻛﯘﻟﯘﻙ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﺟﯩﺪ ﻏﻪﻧﯩﺰﺍﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﭘﯘﺗﻨﻪﻛﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ <<ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺪ>>ﭼﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺩﻩﺭﺱ ﺋﻮﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻛﯘﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﭘﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ <<ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺪ>>ﭼﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﯩﺮ ﻏﻪﻧﯩﺒﺎﻱ ﺋﻮﺭﯨﻨﺒﻮﺭﮒ، ﻗﺎﺭﻏﺎﻟﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﺭﻗﺎ- ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﻪﺩﯨﺘﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯘﻛﻠﯘﻛﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻏﻪﻧﯩﺒﺎﻱ ﺟﻪﺩﯨﺘﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ 1902- ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯘﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﺭ ﻛﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯧﯖﻰ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﻮﺭﯗﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ 1900-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ < 1> ﻣﺎﻟﯩﻚ ﭼﺎﻧﯩﺸﯩﻒ(ﺗﺎﺗﺎﺭ)<<ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ>>، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2001- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ.

ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﺍﻝ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﺋﻮﺗﯘﭖ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻤﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﯘﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﻼﭖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺧﻪﯞﭖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﻮﺭﯗﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺋﯧﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ، ﻧﻪﺷﺮ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ- ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﻪ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ. 1905- 1906- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﻧﻮﯞﯨﮕﻮﺭﺩ ﯞﻩ ﺳﺎﻧﻜﯩﺖ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮔﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﭺ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻲ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻧﻮﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻏﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. 1906- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﮬﯩﺮﻩﺩﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﮔﻮﺳﭙﯧﻞ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯘﺯﻟﯘﻙ ﺧﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯩﻘﯩﻨﯖﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ ﻛﯘﭼﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻏﻪﺭﭖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﺍ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﺗﯘﺭﻛﯘﻣﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺍﺭﻧﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﺯﮬﻪﺭ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ <<ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﻜﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻭﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﻮﺳﭙﯧﻠﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ>><1> ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ <<ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻰ>> ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯘﺭﻩﺵ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭼﯘﺷﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﺋﯘ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ، ﺋﻮﻓﺎﻻﺭﺩﺍ ﻣﯘﺩﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺯﮔﻪﻥ <<ﺋﺎﻗﺎﺋﯩﺪ ﺯﻭﺭﯗﺭﯨﻴﻪ>>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ:
– ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭ ﯞﻩ ﺯﻩﺑﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺋﯩﺲ (ﺳﻪﯞﻩﺏ)ﻧﯩﻤﯩﺪﯗﺭ؟ – ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺮﻯ، ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺗﻪﭘﺮﯨﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭘﺘﯘﺭ.
– ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ، ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ – ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻛﻮﺯﯨﺘﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﮬﯩﺴﺎﺑﺘﺎ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯘﻟﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﯩﻦ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﺯﻭﺭﯗﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ- ﺟﻪﺩﯨﺘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ.
ﺋﯘ 1907- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ – ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻛﻮﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩﻙ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﺗﯘﺗﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﺭﻣﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺯ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺍﻟﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﻮﭘﯘﺯ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ، ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻣﯘ ﻛﻮﭖ، ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻣﯘ ﻛﻮﭖ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﻪ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﻧﻮﭘﯘﺯ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻍ ﺩﻩﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﺒﺘﯩﺪﺍﺋﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﻧﺪﺍ -ﺳﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ- ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻍ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ، ﺟﻪﺩﯨﺘﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻻﻥ ﺋﺎﻛﺎ- ﺋﯘﻛﺎ ﻣﻮﺳﺎﺑﺎﻳﻮﻓﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺭﯨﻨﻰ -ﻣﯘﺭﯨﮕﻪ ﺗﯩﺮﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﮔﻤﺎ ﺗﻪﻟﯩﻢ- ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻰ، ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﻳﺎﺩﻻﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ، ﺩﻩﯞﺭ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﻪﺩﯨﺘﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ <<ﺳﻪﺭﭖ- ﻩﮬﯟﻯ>> (ﻣﻮﺭﻓﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﯩﻨﺘﺎﻛﺴﯩﺲ)، <<ﺗﻪﺳﮭﯩﻠﯩﻞ ﮬﯩﺴﺎﺏ>>( ﮬﯩﺴﺎﺏ ﺋﯩﻠﻤﻰ)، <<ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﺋﯩﻠﻤﻰ>>، <<ﺋﺎﻗﺎﺋﯩﺪ ﺯﻭﺭﯗﺭﯨﻴﻪ>>( ﻧﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭ)، <<ﻣﯘﺗﺎﻟﯩﺌﻪ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ>>(ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻕ)، <<ﺑﯩﺪﺍﻳﻪﺗﯘﺱ ﺳﻪﺭﭖ>>(ﻟﯩﻜﺴﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ [ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﻮﺭﻓﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﯩﺪﻯ])، <<ﺑﯩﺪﺍﻳﻪﺗﯘﻥ ﻧﻪﮬﯟﻯ>>، <<ﺗﻪﺋﻠﯩﻤﯘﺱ ﺳﯩﺒﻴﺎﻥ>>(ﮔﻮﺩﻩﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ)، <<ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ>>، <<ﻣﯩﻔﺘﺎﮬﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﭖ>>ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺵ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺩﻩ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ- ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﻮﺯﻯ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻏﯘﺟﺎ ﭼﻮﯕﻨﯩﯔ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﮕﻪ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺷﺌﯩﯧﺮﯨﻖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻻﻳﭙﻪﺷﺘﺎﻕ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺳﺎﺑﯩﺖ: <<ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻮﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻮﻟﻤﻪﻳﺪﯗ>>، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1999- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 6- ﺑﻪﺕ).

ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﯧﻘﯩﻨﻐﺎﻧﺎﻣﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻻﻳﭙﻪﺷﺘﺎﻕ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﮬﯧﻴﺘﻜﺎﮬ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﺋﺎﺧﯘﻥ ﮬﺎﺟﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﻗﺎﺯﺍﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﯞﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﺑﺎﮬﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﻣﻮﮬﺘﻪﺭﻩﻡ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﺩﻭﺭﻏﺎ ﺑﻪﮒ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﻧﺎﺟﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﻛﻪﻧﺠﻪ ﮬﺎﺟﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ 200ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﺎﻟﯩﭙﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ(ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻛﺎﻣﺎﻝ(ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﻪ): <<ﭼﯩﻦ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ>>، ﺋﻮﺗﯘﻛﻪﻥ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1998- ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 94- ﺑﻪﺕ).

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﻞ، ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ، ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺋﻮﺗﻜﯘﺭ، ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ، ﻧﯘﺗﻘﻰ ﭘﺎﺳﺎﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻮﺗﻤﻪﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺯﺍﺗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺟﻪﺩﯨﺘﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭﻯ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
<<ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﺵ، ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺘﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻣﯘﺗﺎﺋﺎﻟﻰ ﺧﻪﻟﭙﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯘﭼﻪﻳﺘﻜﻪﻥ( <<ﺋﯘﻣﯩﺪ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯩﺮﻯ>>- ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ 2- ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 100ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ، 2001- ﻳﯩﻠﯩﻖ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﺎ، 288- ﺑﻪﺕ.).

ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﻮﭖ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ- ﻧﻪﺯﻩﺭ ﻏﻮﺟﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﻪﻣﻪﺗﻮﻑ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ <<ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺳﺎﮬﯩﻠﻼﺭ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ 1914- ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﯘﺯ ﺋﺎﺕ ﺩﺍﯞﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﺭﯗﭖ: << ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﺑﻪﻙ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ، ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﺩﯨﻢ. ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﻓﻼﺭ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻼﺭ ﺑﺎﺭﻏﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯗﻕ>>(ﺋﻪﺳﻪﺩ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ: <<ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺩﯗﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﻭﮬ>> ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2000- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 96- ﺑﻪﺕ) ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﯨﻤﯩﺰ.

ﺋﻪﻣﻤﺎ، 1914- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺑﺎﮬﺎﯞﯗﺩﯗﻧﺒﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺳﺘﯘﻥ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ – <<ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﮭﺎﺩﻯ(ﮬﻪﺑﯩﺒﺰﺍﺩﻩ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ)ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻮﻟﯩﻤﺎﻻﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻱ- ﺑﺎﻳﯟﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯘﺭﯗﮬﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺯﯦﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﮭﺎﺟﯩﻢ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﺎﺟﯩﻢ، ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ، ﻧﻮﺭﯗﺯﺯﺍﺩﻩ ﮬﺎﺟﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻰ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻤﺨﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ، ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺯﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗﮬﻨﻰ، ﺋﻮﻣﻪﺭ ﺑﺎﻱ، ﺳﯧﻠﯩﻢ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗﮬﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗﮬ ﺭﯗﺱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯘ ﻛﯘﺭﻩﺷﺘﻪ ﺋﯘﺳﺘﯘﻧﻠﯘﻙ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ <<ﺑﻪﻳﯩﺴﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻗﻤﺎﻗﺘﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﺎﻟﯩﻖ ﺳﻮﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﭼﯘﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻛﻮﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ>>(ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻛﺎﻣﺎﻝ(ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﻪ)<<ﭼﯩﻦ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ>>. ﺋﻮﺗﯘﻛﻪﻥ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1998- ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 108- ﺑﻪﺕ).ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﯩﺴﺎﺑﺘﺎ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، <<ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﮭﺎﺩﻯ>>ﺗﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗﮬﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ 1- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ، ﺑﻮﻟﺸﯩﯟﯨﻜﻼﺭ ﺭﯗﺳﺴﯩﻴﻪ ﺗﯩﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﺳﺘﯘﻧﻠﯘﻙ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻣﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﯩﻨﻰ ﻛﯘﭼﻪﻳﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1918- ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﺝ ﭘﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ، ﺷﻪﻣﻪﻱ، ﺋﯘﻓﺎ، ﻗﺎﺯﺍﻥ، ﺋﻮﺭﺍﻝ، ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﻪ، ﮬﯩﺠﺎﺯ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ- ﺋﻮﻟﯩﻤﺎﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﻼﺭﻏﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺗﯧﺮﻩﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺗﻪﻟﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﯘﻟﻐﯩﺪﻯ. <<ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺳﻮﮬﺒﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﺎ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﮬﯩﭻ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﺭﻣﻪﻱ، ﮬﯩﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﻤﻪﻱ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭ ﻳﺎﺷﺎﯞﻩﺭﺳﻪ، ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ، ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻪﺑﻪﺩﻯ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ- ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﻮﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻨﻰ، ﺋﻮﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯘﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺷﻮﺋﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻛﯘﺭﻩﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺋﯘ 1920- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ- ﺗﻪﺭﻯ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺳﻠﯩﻤﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ، ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﻜﺎﺭ ﺳﻮﭘﻰ- ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﺋﺎﭺ ﻛﻮﺯ ﺑﺎﻳﻼﺭﻏﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯘﺭﻩﺷﻨﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ : << ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﻛﻮﺯﻯ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ، ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺩ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﮬﯘﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯘﻧﺪﻩ ﭼﯘﺷﻜﻪﻥ ﺗﻪﯕﮕﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﺭﻩﺯﮔﻪ ﻛﻮﻣﯘﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯘﺧﻼﺷﺴﯩﻼ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻ؟ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯘﻕ… ﺗﯧﺨﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺟﺎﺯﺍ ﭼﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺩﻩﺭﺕ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﺭﺍﮬﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯗﺭﻣﻪﻛﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍﻗﺎﻳﻐﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﻛﻪﻟﮕﯘﺳﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﻳﺎﺗﻘﺎ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﻛﻪﻧﻪﺕ- ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻜﻪ ﻛﻮﻣﯘﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﮔﻪﭖ( ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺳﺎﺑﯩﺖ: <<ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻮﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻮﻟﻤﻪﻳﺪﯗ>>. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ. 1999- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 7- ﺑﻪﺕ)>>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﺒﯩﻴﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﮬﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﻗﯘﺷﺘﻰ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻠﻼﻡ ﺗﻮﻗﺎ- ﺗﻮﮬﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ – ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺶ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ، ﮬﻮﺭﻟﯘﻙ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﺳﻪﮔﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﺎﮔﯩﺮﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﮬﻪﺭ ﻛﯘﻧﻰ ﺑﺎﻣﺎﺯ ﺩﯨﮕﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﮬﯧﻴﺘﻜﺎﮬ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺩﻩ ﺋﻪﻣﺮﯨﻤﻪﺭﯗﭖ، ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﯞﻩﺯ- ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﯘﺯﻟﯘﻛﺸﺴﯩﺰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ، ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. <<ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ>>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ: << ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﭘﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍﻟﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﻪﺯﮔﯘﺭﻟﯘﻙ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯗﺭ! ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯗﺭ. ﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺑﯩﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯗﺭ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﺍ ﮬﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺳﯘ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﺘﺎ ﻳﯘﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﺷﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪﺕ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﻤﺎﻗﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻳﻘﯘ ﺋﻮﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﺍﺩﯨﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎﻕ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻮﻟﯘﻡ ﻳﻮﻟﯩﺪﯗﺭ! ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﺎﺭ. ﺟﺎﻧﺎﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻮﭼﯘﻗﺘﯘﺭ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯘﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻮﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﯩﭗ (ﮬﯘﻧﻪﺭ -ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﺯﻟﯘﻛﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻴﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯗﺭ. <ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮔﯘﯞﺍﮬ- ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﺘﯘﺭ>>(ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ: <<ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ>>- ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ 2000- ﻳﯩﻠﻰ 1- ﺳﺎﻥ، 71- ﺑﻪﺕ).
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﻮﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﮬﯘﺳﻪﻳﯩﻨﯩﺨﺎﻥ ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ، ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺒﺎﻗﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ، ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺷﻪﯞﻗﻰ، ﺑﺎﮬﺎﯞﯗﺩﯗﻧﺒﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻰ 1920- ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﺭﯗﺳﯩﻴﻪ، ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﻮﻏﺎﻥ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻪ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯘﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﻛﺎﻟﺘﻪ ﭘﻪﻡ، ﺑﯘﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﻧﯩﻼ ﻛﻮﺭﯗﺩﯨﻐﺎﻥ، ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺑﺎﻱ- ﺋﻮﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﺍﮬﯩﻴﺴﻰ، ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ، ﺋﻮﺕ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﺟﻪﺩﯨﺘﯩﺰﯨﻤﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1924- ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14- ﻛﯘﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺯ ﺋﻮﻳﯩﺪﻩ ﻳﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺳﺘﻠﻪﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﮬﯩﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﭘﯘﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﻐﯘ -ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻜﻪ ﭼﻮﻣﮕﻪﻥ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎﻥ. ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﭽﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺳﯘﻳﻘﻪﺳﺘﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ، ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﻪﻧﺪﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﯩﺮﻭﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﺪﻯ.

2002- ﻳﯩﻠﻰ 11- ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: ئۇنۋېرسال تېمىلار
يېڭى تېمىلار