ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن

ئابدۇقادىر قارلۇق

يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تۆھپىكار باشلامچىلىرىنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىپ، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچگىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزى مەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 6 يېشىدىن باشلاپ ئاتىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن مەھەللىدىكى دىنىي مەكتەپكە كىرىپ دىنىي ساۋاتلارنى، ئەرەب تىل-يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى ۋە ناۋائىي قاتارلىق كلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.
1938-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى 1-گىمنازىيىسىگە كىرىپ 1941-يىلى 7-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى 6-مەكتەپ، 7-مەكتەپ، 4-مەركىزىي مەكتەپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1946-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىگە مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ ئىشلىگەن. 1948-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ 1950-يىلى 1-ئايغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئىمىن تۇرسۇن 1950-يىلى سابىق ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىغا يۆتكەلدى. بۇ باشقارما 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بولۇپ قۇرۇلدى. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1983-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى، قوشۇمچە لۇغەت تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ، ئومۇمەن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ ئارىدا 1956-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق تىل-يېزىق تەتقىقات كومىتېتى (ھازىرقى شۇئار مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى)غا ئالمىشىپ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى.
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1940-يىللاردىن باشلاپ ئېلان قىلغان ئەدەبىياتىمىزنىڭ 10 يىلى، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە، ئەدەبىي مىراس ۋە ۋەسىقىلىرىمىز قاتارلىق دەسلەپكى تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقات پائالىيىتىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى ھەم ئۆزلۈكسىز بوشاشماي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تونۇلغان ئەدىب، تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تۆھپىكارى، پېشقەدەم نەشرىياتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى — ئۇنىۋېرسال ئالىم سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى جەھەتتىمۇ داۋاملىق ئىزدەندى ۋە مول نەتىجىلەرنى ياراتتى. 1957-يىلى كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن زەلىلى ھەققىدە «زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، زەلىلىنى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇردى؛ 1980-يىللاردىن كېيىن مەشھۇر ئەسەر تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى تەييارلاشتىكى تەشكىللەش ۋە تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشتى ھەمدە ئەسەرنىڭ كىرىش سۆزىنى يېزىپ، بۇ ئەسەرگە ئەتراپلىق باھا بەردى. دىۋان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلۇغ ئالىمنىڭ نادىر ئەسىرى دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. كلاسسىك ئەسەرلەردىن زەلىلى دىۋانى، تارىخ تەبەرى، دىۋانى ھىكمەت قاتارلىقلارنى نەشرگە تەييارلىدى. 1990-يىلى 6-ئايدا ئالىمنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا دائىر تاللانغان ماقالىلىرى ئاساسىدا تۈزۇلگەن تارىمدىن تامچە ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. 80-يىللاردىن كېيىن يەنە خاقانىيە تىلى ۋە خوتەن شېۋىسى، تىل ۋە تەرجىمە، ھۇن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تۇغقانچىلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىك، نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىدىكى ئەمگەكلىرىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ: ئۇ جىڭگاڭشەندىكى كۈرەش، ھەۋەسكار يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت، جۇڭيۈئەندىن چېگرا رايونغا، قىزىلبايراق شەجەرىسى (3 قىسىملىق رومان)، قىزىل قۇياش، قىزىل راۋاقتىكى چۈش، غەربكە ساياھەت، بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى، جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلدى ياكى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشتى. جامىئۇل ھىكايات، كەلىلە ۋە دەمىنە، مىڭ بىر كېچەگە ئوخشاش ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى ۋە كۆپلىرىگە كىرىش سۆز يازدى.
ئالىمنىڭ ھازىرغىچە ھەۋەس، سەپەر سەزگۈلىرى، بالدۇرقىغا ئوخشىماس قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، نەۋائىي ھەققىدە، قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى، بۇلاقتىن ئوتلام، نورۇزنامە، تىل – دىلنىڭ كىلىتى، شېئىر ۋە شائىر قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيەتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەرلىرى ۋە ئون ئىككى مۇقامنىڭ مىللي خاسلىقى، شېئىرىيىتىمىزنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرايلى، رىقابەت دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرققىياتى مەسىلىسى قاتارلىق ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي مۇلاھىزە خاراكتېرىكىدىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇ قاتارلىق جۇڭگودىكى مىللەتلەر تىللىرىدىن باشقا ئىنگلىز، گېرمان، رۇس، پارس، تۈرك ۋە ئۆزبەك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەت ئەل گېزىت-ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىندى، رادىئولىرىدا ئاڭلىتىلدى.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئۇنۋېرسال تېمىلار
يېڭى تېمىلار