ئۇيغۇر تارىخدىكى ئون مەشھۇر شەخس

ئامىرىكىلىك ئالىم مېخائىل خارت ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بۇيىچە رەتكە تىزىلغان «100مەشھۇر شەخس» دېگەن كىتابىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئېتىقادىغا، پەن-مەدەنىيىتىگە، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا بۈگۈنگە قەدەر تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان يۈز مەشھۇر شەخسنى تەرتىپكە تىزىپ چىققان. تارىخىي تەرەققىياتنى قىسمەن ئادەملەرنىڭ پائالىيىتى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس، ئەمما ئايرىم شەخسلەرنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكىمۇ بولمايدۇ. مەنمۇ مېخائىل خارتنىڭ رەتكە تىزىش پىرىنسىپى بۇيىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا، پەن-مەدەنىيىتىگە، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۇزۇن بولغان ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تەسىرى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىخىمىزدىكى ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇرلاشقان دەپ قارالغان تارىختا ھەقىقىي ئۆتكەن 10مەشھۇر رىئال شەخسنى ئۆزەمنىڭ بىلىشىمچە رەتكە تىزىپ چىقتىم.
تورداشلارنىڭمۇ ئۆز كۆز قارىشى بويىچە ئۇيغۇر تارىخىدىكى 10 مەشھۇر كىشىنىڭ رەت تەرتىپى بۇيىچە بىر تىزىملىك (ئىسىملىك) تۈزۈپ چىقىشىنى تەكلىپ قىلىمەن.

1.سۇتۇق بۇغراخان
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (901-956) ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، دىنىي ئالىم، سىياسىيۇن، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە. سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار ئۇيغۇر خاندانلىقنىڭ خاقانى بۇلغاندىن باشلاپ، قاراخانىيلار ئۇيغۇر خاندانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان. بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان.ئۇنى بىرىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب سۇتۇق بۇغراخاننىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملاشماقتا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.

2 .ئاپاق خوجا
ئاپاق خوجا (1626-1693) نىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا خوجا بولۇپ، قۇمۇلغا نەمەنگاندىن كېلىپ يەرلىكلەشكەن ۋە ئۇيغۇرلاشقان تاجىك دىنىي روھانىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان جاھالەتنىڭ پىر-ئۇستازى. ئۇنى ئىككىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا، پەن-مەدەنىيىتىگە، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرى بەش يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى باشقىچە بولغان بولاتتى. ئۇ بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتى چوقۇم دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان بولاتتى. ئۇ بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرلار بۈگۈن جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالمىغان بولاتتى. ئۇ بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىمۇ چوقۇم باشقىچە بولغان بولاتتى. ئۇ بولمىغان بولسا …

3.ئامانىساخان
ئامانىساخان (1534_1567) ئاتاقلىق مۇقامشۇناس، سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇرەشىتخاننىڭ خانىشى. ئۇ ئوردىدا ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا باش بولغان. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قېلىشىنى ئامانىساخاننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنى ئۈچىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇ قېلىپلاشتۇرغان ۋە رەتلىگەن ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى (كۆڭۈل ئېچىش)پائالىيەتلىرىدە 500 يىلدىن بېرى ئۆزۈنىڭ رولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ھەم بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.

4 .بىلگە كۆل قادىرخان
بىلگە قادىرخان تارىختا 300 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ئۇيغۇنۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن فارابى، مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ ئالىملارنى يىتىشتۈرگەن قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك باي دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچى. ئۇ مىلادى880-يىلى بالاساغۇن شەھىرىدىكى قارلۇق خانلىقىنىڭ ئەمەلىي ھوقوقىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى (سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى) بازىر تېكىنگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي شەرەپ نامى بولغان «ئارسلانخان» دېگەن نامنى بېرىپ، بالاساغۇن شەھىرىنى باشقۇرۇش ھوقوقىنى تاپشۇرغان. كىچىك ئوغلى ئوغۇلچاق تېكىنگە پەقەت ياغما ئورۇقىنىڭلا ئومۇمىي شەرەپ نامى بولغان
«بۇغراخان» دېگەن نامنى بېرىپ، تالاس شەھىرىنى باشقۇرۇش ھوقوىنى تاپشۇرغان ۋە ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولغان. ئۇنى تۆتىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ 300 يىلغا يېقىنلىشىدۇ.

5.سەئىدخان
سۇلتان سەئىدخان (1490-1533) شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى ئەھمەتخاننىڭ 3-ئوغلى بولۇپ تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1514-يىلى يېڭىسىار، قەشقەر ۋە يەكەننى ئېلىپ ئابابەكرىنى يوقۇتۇپ،9 -ئاينىڭ 3-كۈنى دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن تارىختا 168 يىل داۋاملاشقان يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان ۋە ئۈزلۈكسىز جەڭ قىلىپ زېمىننى كېڭەيتكەن. ئۇنى بەشىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ۋە مەدەنىيىتىگە 160 يىلغا يېقىن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مىڭ يىل جەريانىدىكى كەنجى گۈللىنىش دەۋرىنى بارلىققا كېلىشىگە ئاساس ھازىرلىغان.

6. ئابدۇللا روزىباقىيېف
ئابدۇللا روزىباقىيېف (1897-1938) 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇر سىياسىئون ۋە جامائەت ئەربابى، سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ داھىسى. ئۇ 1921-يىلى6- ئاينىڭ 21 – كۈنى تاشكەنتتە ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بۇ نامنى تارانچى، قەشقەرلىك، ئالتە شەھەرلىك،
خوتەنلىك دېگەندەك ناملارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنى ئالتىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن (گەرچە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چار روسىيىنىڭ تۈركلەرنى پارچىلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزلەشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن بولسىمۇ )بەش يۈز يىلغا يېقىن ئۇنتۇلغان ئۇيغۇر نامىنىڭ ئاۋال يەتتە سۇ رايۇنىدا، كېيىن سوۋېتتا ئوقۇغان زىيالىيلار ئارقىلىق رايۇنمىزدا تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.

7.بۇقا تېكىن
بۇقا تېكىن (بەزى ماتېرياللاردا بۆگۈ تېكىن دەپمۇ ئېلىنغان) بەش يۈز يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇر ۋە باسمىل قەبلىلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىپ، مىلادى 866-يىلى تۈبۈتلەرنىڭ ئىلكىدىكى بەشبالىق، رومچە، قۇچۇ شەھەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، بۇ جايدا يېڭى بىر ئۇيغۇر خانلىقى-ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. ئۇنى يەتتىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇيغۇر نامىنى شۇنچە ئۇزۇن ساقلاپ كەلگەن ھەم تارىختا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن،قەدىمقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغانلىقى ئۈچۈندۇر.

8.كۆل بىلگەخان
كۆل بىلگەخان ئىچكى توققۇز ئۇيغۇر ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان، تارىختا يۈز يىلچە ھۆكۈم سۈرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپاچىسى. ئۇنى سەككىزىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ 7-، 8-ئەسەرلەردە ياشىغان قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە شۇنچە كەڭرى زېمىنلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ يۈز يىلغا يېقىن داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈندۇر.

9.ئەخمەتجان قاسىمى
ئەخمەتجان قاسىمى (1914-1949) ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى. ئۇنى توققۇزىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ خەلق ئۈچۈن قان كېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەر-ئوغۇللىرىنى تۈركۈم-تۈركۈم قۇربان بېرىپ، ئىنتايىن باتۇرلۇق ۋە ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان، غەلىبە مېۋىسىگە قول يېتەيلا دەپ قالغان، دۈشمەن جەڭدە تامامەن مەغلۇپ بولغاندىلا، پەقەت شۇ چاغدىلا قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئىكەنلىكى تەكرار ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنى بىردىنلا سۆھبەت ئۈستىلىدىن ئىزدىمەكچى بولۇپ، ئۇزاققا سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ، بۇ ئىنقىلاپنى، قىستۇرما كۆيگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋە بۈگۈنكى ئاۋام خەلقنىڭ تىلىكىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

10.خوجىنىياز ھاجى
خوجىنىياز ھاجى (1889-1938) 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بىر قېتىملىق كۆلىمى چوڭ، ۋاقتى ئۇزۇن ۋە غەلبىسى نىسبەتەن زور بولغان قومۇلدىن باشلانغان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ داھىسى. ئۇنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشۈمدىكى سەۋەب، خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭنىڭ نىسبىي غەلبىسى ۋە ھاجىمنىڭ مۇئاۋېن رەئىس بولغان چاغدىكى كۈچىشى بىلەن ئۇيغۇرلار (ۋاقىتلىق بولسىمۇ) مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقوقىغا ئېرىشكەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋردىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى نۇرغۇن سوۋىت ئىتتىپاقىدا ۋە رايۇنمىزدا ئوقۇغان زىيالىيلىرىمىز ئەمىليەتتە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئارزۇسىنىڭ مەھسۇلى. مەن خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىك قىلغان 30-يىللاردىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى رايۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئاقارتىش ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى 40 -يىللاردىكى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىك قىلغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئىجابىي تەسىرىدىن زور دەپ قارايمەن.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئۇنۋېرسال تېمىلار
يېڭى تېمىلار