ﺋﻪﺩﯨﺐ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ

ﻣﯘﺧﺘﻪﺭ ﻣﺎﻣﯘﺕ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺩﯨﺐ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ 1914- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧﺠﺎﻥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، 1921- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1931- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. 1935- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1937- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ 6- ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﺷﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﮬﯧﺴﺎﯞﺍﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ. 1938- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1947- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ-ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺷﯧﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﻩ، 1948- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1950- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ << ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ>> ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﯚﻟﯩﻤﯩﺪﻩ، 1951- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1954- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ 13- ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. 1955- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1980- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ 1- ﺧﻪﻟﻖ ﺩﯗﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺩﺩﺍﮬ-ﯞﺍﺋﯩﺰﻻﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺟﻪﯕﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻟﺸﯩﺮ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ، ﺷﺎﮬ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﻰ.
ﺋﯘ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ، ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮬﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﯩﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ، ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ.

ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﺘﻰ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ 1916- ﻳﯩﻠﻰ << ﺷﯘﺭﺍ>> ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ << ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﻣﯘﺳﺎﮬﯩﺒﻪ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ << ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﯩﯩﻲ ﭘﻮﯞﯦﺴﺘﻰ 1989- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ << ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ>> ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻣﻪﺗﯩﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ، ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺋﯩﻘﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﭘﺎ.ﺍﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ << ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﭼﯩﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﯧﯟﯨﭗ ﮬﯧﭙﯩﺰﯨﺨﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ-ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻡ ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﻰ، “ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ”ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﻤﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﻻﻳﻰ-ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ.

ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ، ﻣﺎﺯﺍﺭﻻﺭ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺭﻩﺳﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ << ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﯘﻧﯩﯔ << ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﯩﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯓ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ>>، << ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ>>، << ﭼﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ>>، << ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ>>، << ﻣﺎ ﻓﯘﺷﯩﯔ ( ﻣﺎ ﺗﯩﺘﻪﻱ ) ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ>>، ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ << ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﻮﯞﯦﺴﺘﻰ << ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ>>، << ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ>>، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ>>… ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ، ﺑﻪﺯﻯ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ << ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﺯﺍﺭﻯ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ 4000 ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ، << 1930- ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ>>، << ﯨﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻝ ﺳﻪﯞﺩﺍﻟﯩﺮﻯ>>، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﻯ>>، << ﺗﺎﺭﯨﯩﯩﻲ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ>>… ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺯ ﻛﻪﻡ 50 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ 400 ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ << ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ” ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻨﺘﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ، ﮊﯗﺭﻧﺎﻝ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﺘﺎﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘ 40 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ << ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﺯﺍﺭﻯ>>، << ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺩﺍﻏﻠﯩﺮﻯ>>، << ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﺭﺍﻣﺎ>> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ، ﭘﻮﯞﯦﺴﺖ، 6000 ﻣﯩﺴﺮﺍﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﺭﻭﺑﺎﺋﻰ، ﭼﯚﭼﻪﻙ ﻳﺎﺯﺩﻯ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﯞﻩ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺩﺍ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ.

ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ 1990- ﻳﯩﻞ 11- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27- ﻛﯜﻧﻰ، 76 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ.

<< ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ>> ﻧﯩﯔ 1997- ﻳﯩﻞ 2- ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئۇنۋېرسال تېمىلار
يېڭى تېمىلار