كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر مۇھەممەد رەھىم

«بەخت ناخشىلىرى››، ‹‹گۈلباھار››، ‹‹ئايدىڭ كېچە››، ‹‹سېغىنىش››، ‹‹غۇنچىلارغا››، ‹‹مۇھەببەت سەۋدالىرى›› ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ئوقۇغان كىشىلەر مۇھەممەد رەھىمنىڭ دەۋرىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېتىشكەن تىل ئۇستىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى ناتايىن. مېنىڭ نەزىرىمدە تىل تەتقىقات سېپىدىكى مۇھەممەد رەھىم شېئىرىيەت قوشۇنىدىكى مۇھەممەد رەھىمدىن ئۈستۈن تۇرسا تۇرىدۇكى تۆۋەن تۇرمايدۇ. ئۇ كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، نادىر شېئىرلارنى يېزىپ، شائىرلارغا ئۈلگە بولسا، تىلىمىزدا ساقلىنىۋاتقان، تۈزەتمىسە بولمايدىغان نۇقسان– خاتالىقلارنى ئىلمىي ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ، تىلىمىزنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشتى ۋە قوشماقتا. مەن ئۇنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئىخچام، مېغىزلىق، ئۆتكۈر ماقالىلىرىنى ئوقۇسام، ئۇنىڭ شوخ، جۇلالىق، لىرىك شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندەك ھاياجانلىنىمەن، تىل– يېزىق توغرىسىدا يېڭى– يېڭى بىلىمگە، چۈشەنچىگە ئىگە بولىمەن، قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە ‹‹ھاي، تەنتىكىم! ئۇرغۇي ئەمەس، ئۇيغۇر؛ يوقسۇز ئەمەس، يوقسۇل؛ كولبا ئەمەس، كۈلبە؛ ئاز ئۆتمەي ئەمەس، كۆپ ئۆتمەي؛ سىز نەگىلا بارماڭ ئەمەس، نەگىلا بارسىڭىز؛ ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرى يوق ئەمەس، ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق؛ مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق ئەمەس، مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، گۆشكە ئامراق، قېرىنىڭ چىشى يوق تۆشكە ئامراق؛ ئۆردەك گۆشى يېسەڭ غازنىڭ پېيىدا بول ئەمەس، ئۆردەك گۆشى يېسەڭ ئۇنىڭ پېيىدە بول؛ بەش قول تەڭ ئەمەس، دېمەي بەش بارماق تەڭ ئەمەس، دەپ ياز ››دېگەندەك ئورۇنلۇق سادا جاراڭلايدۇ.

  مۇھەممەد رەھىم 1926– يىلى 11– ئايدا سۈيدۈڭ (ھازىرقى قورغاس) ناھىيىسىدە ياغاچچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1944– يىلى مەمۇرىي ۋە ھەربىي سەپلەردە كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. 1954– يىلدىن 1956– يىلغىچە قەشقەر شەھەرلىك 1– ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1956– يىل 7– ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ، ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1974– يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىدا، كېيىن ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1981– يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالىغاندا، مۇھەممەت رېھىمنىڭ ‹‹باھار قوشاقلىرى›› ناملىق چاتما شېئىرى 2– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1986– يىلى ئۇنىڭ ‹‹شېئىرغا ئىلتىجا›› ناملىق شېئىرى ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. ئۇ توپلاپ رەتلىگەن ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى›› نىڭ 1– كىتابى 1983– يىلى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن باھالاشتا 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

  مۇھەممەد رەھىمنىڭ تىل– يېزىق، ئەدەبىيات– سەنئەتكە دائىر ماقالىلىرى 100 پارچىگە يەتمىسىمۇ، ئوينىغان رولى 1000 پارچە ماقالىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ‹‹بىر بوغۇملۇق سۆزلەردىكى ئا، ئە سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ ئې گە نۆۋەتلىشىشى توغرىسىدا›› (1957 – يىل)، ‹‹تىك چېكىتكە جاۋاب›› (1957 – يىل)، ‹‹ئاياغ ۋە يولداش توغرىسىدا››، ‹‹شېئىرلاردىكى پەش ئىسراپچىلىقى››، ‹‹كىم بىلەن كىم ساۋاقداش››، ‹‹ياخشىراق ئويلاپ كۆرەيلى››، ‹‹>ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى<دىكى قىسمەن مەسىلىلەر توغرىسىدا››، ‹‹تىلىمىزدىكى تەتۈر گەپلەر››، ‹‹بىر سۆز ئۈچۈن مىڭ سۆز››، ‹‹رىيازەت چەككەن سەككىز ھەرپ››، ‹‹سۆزلەر بىلەن مۇھەببەت››…قاتارلىق ماقالىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى تۇرمۇشتا، مەتبەئە، رادىئو – تېلېۋىزىيىدە ئىشلىتىش، قوللىنىشتا يول قويۇلۇۋاتقان ئېغىر خاتالىق، كەمچىلىك، نۇقسانلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە زور زىلزىلە قوزغىدى. تىل– يېزىققا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشتى.

  مۇھەممەد رەھىمنىڭ ماقالىلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى كۈچلۈك بولۇپ، قاراتمىلىققا ئىگە. يېزىلىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، جەلپ قىلارلىق، مەنتىقىلىق، ئوقۇرمەننىڭ زوقىنى قوزغايدۇ، قايىل قىلىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ 2000– يىلى ئاۋغۇستتا يازغان ‹‹تىلىمىزدىكى تەتۈر گەپلەر›› ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا تىلىمىزدىكى تەتۈر گەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇنىڭ زىيىنى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. ئوقۇغان كىشى قەلەم ئىگىسىنىڭ كۆزىتىش كۈچىنىڭ زورلۇقىغا، ئىپادىلەش ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بۇ يەردە ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان تەتۈر گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، بىر قىسمىنى مىسال كەلتۈرۈش كۇپايە: ‹‹سىز نەگە بارماڭ، مەن سىزنى ئىزدەپ تېپىۋالىمەن››، ‹‹قانداق ئەھۋال يۈز بەرمىسۇن، ئۈن چىقارماڭ››، ‹‹سەن نېمىلا دېمە، مېنى ئىشەندۈرەلمەيسەن››، ‹‹مەن كىمنىلا ئۆلتۈرمەي، ماڭا بەرىبىر››، ‹‹بۇندىن كېيىن مەيلى ئۇ قانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىسۇن، مەن سىلەرنى جازالايمەن››، ‹‹ئۇ قانداقلا ئويۇن ئوينىمىسۇن، قىلچە پايدىسى يوق››… يۇقىرىقىدەك تەتۈر گەپلەر ئۈستىدە مۇھەممەد رەھىمدىن بۇرۇن ھېچكىم توختالمىغان. بۇنداق تەتۈر گەپلەر تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ كەتكىلى ئۇزاق بولغان بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى يەنىلا ئاڭسىز ھالدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

  مۇھەممەد رەھىم ئۆمرىدە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، شېئىرىيەت، تىل – يېزىق ساھەسى بىلەن تەڭ شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇ 5–، 6– سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تىل– ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەربىيىسى بىلەن خەلق قوشاقلىرى ۋە ماقال – تەمسىللەرگە ئىشتىياق باغلىغان، خەلق قوشاقلىرى ئۇنى تەدرىجىي شېئىرىيەت دۇنياسىغا ئېلىپ كىرگەن. ئۇ 1947– يىلى 7– ئايدا ھەربىي سەپتىن قايتىپ، ئەينى چاغدىكى ‹‹كۈرەش›› ژۇرنىلىدا كوررېكتورلۇق ۋە تەھرىرلىك قىلغان.

  1954– يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئىشلەۋاتقاندا شىنجاڭدا يېڭىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى›› دە ئوتتۇرا ئەمزىنىڭ ئايرىغۇچ بەلگە قىلىنمىغانلىقى (رىايە، ئىانە، تەبىەت، پىونىر، شېىر›› لارنىڭ ئەمزىسىز يېزىلىدىغانلىقى) كاللىسىدىن ئۆتمەي، ئۆز پىكرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئېرىنمەي سۇنغان. لېكىن بۇ پىكىرلەر ئۆز ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشمىگەنىدى. 1981– يىلى تىل– يېزىق كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇھەممەد رەھىمنىڭ پىكرىنى توغرا تېپىپ، يۇقىرقى سۆزلەرنىڭ ‹‹رىئايە، ئىئانە، تەبىئەت، پىئونېر، شېئىر››، دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى بېكىتتى. 1983– يىلى تۈزۈلگەن ‹‹ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئىملا قائىدىسى›› دە سوزۇق تاۋۇشلىرىمىزنىڭ ىئا، ىئە، ىئو، ىئۇ، ئىۈ، ئىۆ، ىئى، ىئې شەكىللىرى كۆرسىتىلمەي مۇھەممەد رەھىمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدى. ئۇ 1986 – يىلى 7 – ئايدا ‹‹رىيازەت چەككەن سەككىز ھەرپ›› ناملىق ماقالە يېزىپ، تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرۇپ، سەككىز ھەرپنىڭ بۇ سەككىز شەكلىنى جايىغا كەلتۈردى.

  1954 – يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى›› قوللىنىلغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلاردا ‹‹بەر، تەگ، چەك، دە، يە، كەچ، كەل، كەت›› قاتارلىق پېئىل يىلتىزلىرى تۈرلەنگەندە ‹‹ئى، ى ›› گە ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ يېزىلىدىغان ئەھۋال ئەۋج ئېلىپ كەتتى. مەسىلەن: بەر – بىرىش، تەگ – تىگىش، كەل – كىلىش، كەت – كىتىش… ۋەھاكازا. مۇھەممەد رەھىم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ‹‹بىر بۇغۇملۇق سۆزلەردىكى >ئا، ئە< سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ >ئې، ئى< گە نۆۋەتلىشىشى توغرىسىدا›› ماۋزۇلۇق ماقالە يازدى. مۇھەممەد رەھىمنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ‹‹ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى›› (1965 – يىلى) دە بىر بوغۇملۇق پېئىل يىلتىزلىرى: ئال، بەر، قاچ، كەت، ماڭ، يات، يەت، تەگ…لەر تۈرلەنگەندە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ‹‹ئا، ئە›› سوزۇق تاۋۇشلىرى باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە ئوخشاش ‹‹ئې، ئى›› گە ئاجىزلىشىدۇ، دەپ ئۆزگەرتىلدى.

  ماڭا نىسبەتەن، دەيدۇ مۇھەممەد رەھىم، تىل– يېزىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا ماقالە يېزىش شېئىر يېزىشتىن نەچچە ھەسسە قىيىن. شۇڭا ھەر قېتىم بۇ تېمىدىكى ماقالىدىن بىرنى يېزىپ بولغىنىمدىن كېيىن، ئەمدى يازمايمەن، دەپ ۋەدە قىلىپمۇ، يەنە يېزىۋاتىمەن. چۈنكى ھەۋەس، ئىشتىياق بۇنداق پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغان ۋەدىلەرنى يىرتىپ تاشلىۋېتىدىكەن.

  مۇھەممەد رەھىم مۇشۇنداق ئالىيجاناپ ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە 1947– يىلىدىن باشلاپ مەتبۇئات، ئاخبارات ساھەلىرىدە ۋە تۇرمۇشتىكى جانلىق تىل قايناملىرىدا يۈز بېرىۋاتقان تىل– ئىملا، تاۋۇش ۋە تەلەپپۇز مەسىلىلىرىگىچە ‹‹كۆز– قۇلاق›› بولۇپ، ھەتتا ئۆزى بىلەن ھېچقانچە ئالاقىسى يوق ئادەملەر ئارىسىدىكى سۆزلەرنىڭ تىل– ئىملا خاتالىقلىرىغا ئارىلىشىپ، ‹‹كوررېكتور››لۇق قىلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىك، ئوڭۇشسىزلىق، ئاۋارىچىلىق، قىيىنچىلىقلارغا بەل قويۇۋەتمەي، ھېرىپ قالماي، تىلىمىزدىكى كېرەكسىز ۋە ساغلام بولمىغان سۆز ئەخلەتلىرىنى قەيسەرلىك بىلەن چىقىرىۋېتىپ، ئىختىلاپلىق شەكىللەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپە قوشتى.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئۇنۋېرسال تېمىلار
يېڭى تېمىلار