ﻏﯘﻟﺠﺎ « ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ » ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ

( 1 ) ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ

«ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ» ﻧﯩﯔﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﻠﻰﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﺨﺎﻥﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﻳﯜﮔﯜﺯﮔﻪﻥﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ( ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﺍ “ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﻰ” ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ) ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﯞﻻﻧﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖﺳﻪﻛﻜﺎﻛﻰﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﺭﺷﯩﻼﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ… ﺑﯩﺰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻏﯘﻟﺠﺎ <<ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ>> ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ: ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﻣﯘﯕﻐﯘﻝﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ (ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ، 1279 — 1368)، ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (1368 — 1644) ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ، “ﺋﯩﻠﻰ ﺑﺎﻟﯩﻖ” (“ﺑﺎﻟﯩﻖ” ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ “ﺷﻪﮬﻪﺭ” ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩﻏﯘﻟﺠﺎ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﻳﻪﻧﻰﺳﯧﯟﯦﻦ ﺋﺎﺭﺍﺑﺪﺍﻥ (1663 — 1727) ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕﺟﺎﻱﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ 9 ﻗﻪﻟﺌﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻏﯘﻟﺠﺎﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺑﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ 1762- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﺳﻰ 1871- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. 1762- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻛﯜﺭﻩﺩﻩﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺳﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥﻣﻪﮬﻜﯩﻤﻪ — ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯘﯓ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮔﻠﯩﻚ) ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎ ﮔﯘﯕﻨﻰ (ﺋﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﯕﻨﯩﯔ 2- ﺋﻮﻏﻠﻰ) ﮔﯘﯓ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒﻏﻮﺟﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ، ﻣﺎﻧﺠﯘ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺳﺎﮔﯘﯓ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ <<ﺋﯩﻠﻰﮔﯘﯓ-ﺑﻪﮔﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ>> ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. (ﺑﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻼﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ “ﺷﻪﺭﺋﯩﭽﻰ”، “ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ” ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ) ﻣﯘﺳﺎﮔﯘﯓ 1766- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖﻛﯧﺘﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯘﺭﺍﻧﺰﯨﭗ ﮔﯘﯓ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺋﯘﺭﺍﻧﺰﯨﭗ ﮔﯘﯓﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﻪﮒ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺕ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ، ﺋﻮﺭﺩﺍﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯜﻣﻪﯞﻩ ﮬﯧﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺟﺎﻣﻪ-ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ (ﻛﯩﭽﯩﻜﺮﻩﻙ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﭘﻘﺎﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ). ﭼﯩﯔﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﻮﯓ ﺧﺎﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ. ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺋﯘﺭﺍﻧﺰﯨﭗﮔﯘﯕﻐﺎ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﮬﻪﻡ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺟﺎﻣﻪﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺳﻪﺭ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘﺭﺍﻧﺰﯨﭗ ﮔﯘﯓ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥﻳﯩﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ <<ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ>> ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺷﺘﺎﻕ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖﻣﯘﺭﺍﻧﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺯﺍﻝ (ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ-ﭘﻪﺷﺘﺎﻕﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺟﺎﻳﻼﺭ ﭼﯧﻘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯧﯖﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺟﺎﻣﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ 1773- ﻳﯩﻠﻰ (ﮬﯧﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1186- ﻳﯩﻠﻰ) ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ.

2- «ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ» — ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ

ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩﺑﺎﯞﺩﯗﻧﺒﺎﻱ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﯞ

ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ “ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ( ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ) ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ” ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺳﯚﺯ ﺑﺎﺭ. 1840- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ، ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﺭﺍﻕ ﺋﯘﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖﺗﻪﺭﻩﭘﺘﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ، ﮬﯧﺴﺎﭖ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.

-1866 ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺳﯘ ﺋﯩﻨﺸﺎﮬﺎﺗﻰﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺶ، ﻗﻮﻝ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻛﻪﯓ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺝ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢﺗﻪﺭﻩﻗﯩﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ، ﺷﻪﻣﻪﻱ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ، ﻗﺎﺯﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻩﻩ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﯞﻩ ﮬﯜﻧﻪﺭ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ… ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

1871- ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﯩﺴﻰﺋﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﺋﯩﺸﺨﺎﻝﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ… ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺑﯘ ﺗﻪﯞﻩﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﻪﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ، ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﻮﺩﺍ-ﺳﯧﺘﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﭘﻪﻧﻨﻰﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯨﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﻪﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥﺗﻪﺭﻩﻗﯩﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﺒﺎﻳﻨﻰ ( ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﯞﻻﺭ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ 2- ﺋﻮﻏﻠﻰ ) ﺋﯩﻠﻰﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﺒﺎﻱﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﯞ 1890- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﯩﺴﯘﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺗﺎﺗﺎﺭ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺋﻪﻟﻪﻡﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ، ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﮬﯧﺴﺎﭖ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ، ﺭﻩﺳﯩﻢ، ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﯞ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯜﻟﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﭘﯘﻟﻰ ﮬﯧﺴﺎﯞﯨﻐﺎ، 1875- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔﺋﻮﯓﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺯﺍﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﺕ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﻜﺎ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﭼﻪﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﯘﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺑﺎﯞﺩﯗﻧﺒﺎﻱ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﻟﻼﭖ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺋﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﻧﺠﻰﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ…

ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﺒﺎﻱ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﯧﯟﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖﺋﯧﭽﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻳﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻠﯩﻨﯩﭗ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﯧﺨﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﻥ ﺧﯘﺭﯗﻡﺯﺍﯞﻭﺩﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻛﺎﺗﺘﺎ ﯬﺟﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 1905- ﻳﯩﻠﻰ ﺯﺍﯞﻭﺩﻧﻰﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺯﺍﯞﻭﺩﻧﯩﯔ 1909- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﻪﮔﻪﻥ ﮔﯩﮕﺎﻧﺖ ﺗﯘﺭﺧﯘﻧﻰﺗﺎﻛﻰ ﺑﯘﻟﺘﯘﺭ (2005- ﻳﯩﻠﻰ) ﺋﯚﺭﯛﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺗﯧﺮﻩ ﺯﺍﯞﻭﺩﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔﺷﺎﮬﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻪﺕﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ!

ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻴﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ،ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﻴﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻢ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﺒﺎﻱ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﭘﯘﻟﻰﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ﭼﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ 1913- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻛﯧﻴﯩﻦ “ﺋﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ” ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ. ( ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ 3- ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔﺋﻪﺳﻠﻰ ﺷﯘ ).

1911-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯧﺸﯩﺮﺑﺎﻱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ( ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ 3- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻝﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ) ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﻰﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻟﯘﻕ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖﭘﺎﺭﺗﺎ، ﺩﻭﺳﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﻴﯩﺖﺋﺎﻳﯩﻢ، “ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ” ( ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ 1- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ) ﺗﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﯩﭽﻪ ﺋﺎﺑﯩﺴﺘﺎﻱ، ﻏﻪﺯﯨﺰﺋﻪﯞﺯﻯ، ﻏﻪﻳﻨﯘﺭﻩ ﺋﺎﭘﭙﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ( ﺑﯘﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ). ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ-ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﯗﻕ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺘﻨﻪ-ﺋﯩﻐﯟﺍﻟﯩﺮﻯ، ﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﺸﻰﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ، ﺟﯩﺮﺟﯩﺲﮬﺎﺟﯩﻢ ( ﺑﯘﺯﺍﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺧﯩﯩﻲ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ <<ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ>> ﺩﺍﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ — ﻧﺎﺯﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﺍﮬﺎﺗﻰ ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ.

ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻧﺎﺗﯩﻖ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﺋﺎﻟﯩﻢ ﻧﻪﺳﯘﮬﺎﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1910- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺳﯘ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲﺩﻩﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﺳﯘﮬﺎ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﺍ:

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻻﻳﻰ ﻛﯚﭖ،

ﺯﺍﻛﺎﺕﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﻪﻧﺎ ﺑﺎﻳﻰ ﻛﻮﭖ،

ﺗﻮﺭﺍﭖﺳﻪﻳﺴﯩﮕﻪ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ،

ﺭﻩﺳﺘﻪ – ﺑﺎﺯﺍﺭ، ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻳﺎﻳﻰ ﻛﯚﭖ.

ﭘﻪﻗﯩﺮ-ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ، ﻏﯧﺮﯨﭙﻠﻪﺭ ﺷﻪﻧﯩﮕﻪ،

ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﻰ، ﻗﺎﺷﺸﺎﻕ، ﻟﻮﻟﻰ، ﮔﺎﺩﺍﻳﻰ ﻛﯚﭖ…

ﺩﻩﭖﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﺍ:

ﺷﺎﺭﺍﭘﻪﺗﻠﯩﻚﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﺭ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻛﺎﺳﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ،

ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚﺋﻪﺩﯨﭙﻠﻪﺭ ﻳﻮﻕ، ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﻪﺭ.

ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺋﯜﭼﯜﻥﺳﻪﺭﯨﭗ ﺋﯧﺘﯘﺭ ﺑﺎﺭﻯ ﻳﻮﻗﯩﻨﻰﺑﯩﻞ،

ﺳﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ ﺳﻪﺑﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﻲ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﻪﺭ.

………………………………………….

ﻧﻪﺳﯘﮬﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻞ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﯖﻐﺎ،

ﺳﺎﻻﻣﻪﺕﺋﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻛﯚﺭﮔﯩﻞ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺗﻠﻪﺭ.

ﺩﻩﭖﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ.ﺑﯩﺰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯩﺸﻰﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭﻻﺭﻧﻰﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﺒﺎﻱ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﯞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﻤﯩﺰ. 3 -« ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ » ﯞﻩ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻏﻼﻧﻼﺭ

— ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻢ ﯞﻩﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ

ﻣﻮﻟﻼﺑﯩﻼﻝ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ،

ﮔﯧﭙﯩﻢﺑﺎﺭ ﺋﺎﯕﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ.

ﻳﯜﺯﻣﯘ-ﻳﯜﺯﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﯩﻠﻰ،

ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻏﺎﺋﯜﭺ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ.

— ﺳﺎﺩﯨﺮﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ

ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡﺗﯧﻴﯩﭙﺠﺎﻥ ﮬﺎﺩﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ <<ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻨﯩﯔﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﻧﻠﯩﻖﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺋﯩﻠﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ — ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻢ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺳﺎﺩﯨﺮﭘﺎﻟﯟﺍﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ <<ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ>> ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮﭘﺎﻟﯟﺍﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﯩﺰ، ﺗﯧﻴﯩﭙﺠﺎﻥﮬﺎﺩﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻏﯘﻟﺠﯩﯩﺪﺍﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺲ ﺗﯧﻴﯩﭙﺰﺍﺕ ﺧﻪﻟﭙﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ( ﺗﯧﻴﯩﭙﺰﺍﺕ ﺗﺎﮬﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 30- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯﺋﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺗﻪﺭﻩﻗﯩﭙﻪﺭﯞﻩﺭﺯﺍﺕ — ﻧﺎﺯﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﺍﮬﺎﺗﻰ ). ﺗﯧﻴﯩﭙﺰﺍﺕ ﺧﻪﻟﭙﯩﺘﯩﻢ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ: “ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ-ﺯﻭﻣﺒﯘﻟﯘﻕﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦﺷﻪﺧﺴﻰ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﻮﻳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﯩﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﻐﺎ ﺳﻮﻟﯘﻧﯘﭖ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺒﻪﮒ ( ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺒﻪﮒ — ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺳﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰﺋﺎﻕ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻨﻰ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﻮﺭﯗﻕ ﮬﯧﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ.) ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺒﻪﻙﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ، ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻨﻰﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻮﭘﻼﭖﺋﯚﺯ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﻐﺎﺗﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺳﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺒﻪﮔﺪﯗﺭ.” ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻨﯩﯔﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﻴﯩﭙﺰﺍﺕ ﺧﻪﻟﭙﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ:

ﺳﯧﭙﯩﻠﻨﻰﺗﯧﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ،

ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰﺋﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ.

ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺟﻪﻣﻠﻪﺷﻜﻪ،

ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ.

…………….

ﺋﻮﺗﻘﺎﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﺋﻮﺕ ﺭﻩﺳﺘﻪ،

ﺗﺎﻏﻘﺎﭼﯩﻘﺴﺎﻡ ﺗﺎﻍ ﺭﻩﺳﺘﻪ،

ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰﺋﺎﭼﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ،

ﺩﺍﺋﯩﻢﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳﺘﻪ.

ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻨﯩﯔﻛﯧﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ — ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻦ ﻣﻮﻟﻼ ﻳﯜﺳﯜﭖ ( ﻧﺎﺯﯨﻢ ) ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻢ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯩﻠﻰﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﺘﺮﺍﻛﭽﯩﺴﻰ، ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ! 1877- ﻳﯩﻠﻰ ﻥ. ﻥ. ﭘﺎﻧﺘﯘﺳﻮﯞ ﻗﺎﺯﺍﻥﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻟﻨﯩﯔ <<ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺩﻩﺭ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﭼﯩﻦ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ: “ﺑﯘﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻏﯘﻟﺠﯩﻠﯩﻖ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻦ ﻣﻮﻟﻼ ﻳﯜﺳﯜﭖ… ﺋﯘ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎﻗﺎﺭﺷﻰﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺭﯗﺱ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮ 54 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺗﺎﺷﺎﻳﺪﯗ” ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ. ( ﻥ. ﭘﺎﻧﺘﯘﺳﻮﯞ <<ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺩﻩﺭ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﭼﯩﻦ>> 3- ﺑﻪﺕ، ﻗﺎﺯﺍﻥ 1877- ﻳﯩﻞ ). ﺋﻪ. ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ <<ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﯞﻩﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ>> ﺩﯦﮕﻪﻥﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﺑﻠﯧﺖ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ:

ﺑﯩﺮﻯﭘﺎﻟﺘﻮﺑﯧﻚ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪ،

ﺋﯩﺪﻯ ﺋﺎﺳﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻧﻜﻰﻧﺎﺧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪ.

ﺑﺎﮬﺎﺩﯨﺮﺟﺎﻻﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻢ ﺑﯩﻼﻝ،

ﻳﯜﺳﯜﭖﺋﯩﻠﻰ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻛﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻛﺎﻣﺎﻝ.

ﺑﯘ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺩﯨﺮﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻐﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻻﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻨﯩﯔﻛﯧﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ:

ﻣﻮﻟﻼﺑﯩﻼﻝ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ،

ﮔﯧﭙﯩﻢﺑﺎﺭ ﺋﺎﯕﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ.

ﻳﯜﺯﻣﯘ-ﻳﯜﺯﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﯩﻠﻰ،

ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻏﺎﺋﯜﭺ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ.

ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﻳﯜﺭﻩﻙﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.

ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰﺋﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺋﯚﺯﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼﺵﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﺎﯓ-ﭘﯩﻜﺮﻯ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰﺋﯧﺸﯩﭗ، ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯧﺮﯨﺶ-ﻛﯧﻠﯩﺶﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﭽﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻢ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻏﺎ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥﻣﻮﻟﻼﺑﯩﻼﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮬﯘﺟﯘﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥﻗﯩﻠﯩﺪﯗ:

ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ،

ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﻳﻮﻟﯘﻡ ﺑﺎﺭ.

ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ،

ﺋﯘﯓ ﻛﯚﻛﺴﯜﻣﺪﻩ ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺑﺎﺭ.

ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺳﺎﺩﯨﺮﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯﺑﻪﺯﻯ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﭘﺎﻳﻼﻗﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯩﻠﻰ ﺟﺎﯕﺠﯜﻧﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻟﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺳﺎﺩﯨﺮﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ:

ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺧﺎﺗﯩﭙﻨﻰ*

ﺟﺎﯕﺠﯜﻥ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭘﺘﯘ.

ﺑﻪﺭﺩﻩﯕﮕﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﺎﺭ،

ﺟﺎﯕﺠﯜﻥ ﮬﯚﻝ ﺗﯧﺰﻩﻙ ﻳﻪﭘﺘﯘ.

(* ﺧﺎﺗﯩﭗ — ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﺟﺎﻣﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ.)

ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻼﻝﻧﺎﺯﯨﻢ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺟﺎﻣﻪ — ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺧﺎﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﻨﻘﻼﭘﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻨﻪﭘﻪﺱﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺭﻛﻰ-ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯗﺯ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ!.. ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻤﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ <<ﻛﯩﺘﺎﺏﻏﺎﺯﺍﺕ ﺩﻩﺭ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﭼﯩﻦ>> ﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﻣﯩﺮﺍﺱ <<ﻏﻪﺯﻩﻟﯩﻴﺎﺕ>> ﻧﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ << ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ >> ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﺍﯞﯨﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰﻣﻪﻟﯘﻡ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﯘ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﯘﻗﻘﻪﺩﺩﻩﺱ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ!

ﺑﯩﺰ ﺑﯜﮔﯜﻥ << ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ >> ﻧﯩﯔﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮔﻪﭖ ﺋﯧﭽﯧﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯩﻨﯘﺗﻼﺭﺩﺍ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﻰ، ﺑﻪﺧﺖ-ﺳﺎﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍﻗﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﻍ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﭘﺎﻟﯩﯟﺍﻥ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﻤﯩﺰ.

4 – << ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ >> ﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ

— ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﺟﺎﯓ ﯞﻩ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻰﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﯦﺮﻩﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﻪﺗﻼﺭ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ… ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯩﺠﺎﺩﺍﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﮬﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻠﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ <<ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻻﺭ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯩﺮﯨﻚﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺩﯨﺮﻩﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﺎ، ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ، ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﺍﺱ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺷﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﺟﺎﯓ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﺋﯘﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ! ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭ ﭘﻪﺧﯩﺘﺮﻟﻪﻧﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﻪﺟﯩﺮ- ﻣﯩﮭﻨﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺟﺎﻣﻪﺋﯩﻤﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﭼﯧﻘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﻧﺎﻣﺎﺯﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ( ﺯﺍﻟﻰ ) ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻧﻪﺷﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯﺧﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻪﺕ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ( ﭼﻮﯓ ﺭﺍﯞﯨﻘﻰ ) ﻧﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ، ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰﺑﯘ ﻛﺎﺗﺎ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻤﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ، ﻧﻪﻗﻘﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻦﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻰ، ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯩﻤﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻰﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰﺋﯩﺪﻯ!

ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﺎﺩﺍﻥ، ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ “ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﺎﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ” ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﺟﺎﯓ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﯩﮭﻨﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ!

ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﺟﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰﻳﻮﻕ. ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻱ — ﯞﯦﻠﯩﯟﺍﻱ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻮﯞﻧﯩﯔ ﻛﯜﭺ ﯞﻩ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ <<ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ>> ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ، ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻼﻧﺪﻯ. ﯞﯦﻠﯩﯟﺍﻱ ﺗﻮﺧﺘﻰﻣﯘﺟﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ( ﯞﯦﻠﯩﯟﺍﻱ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻮﯞ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﺎﺋﯘﭼﯘﺭ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻰ، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﻩ، ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔﺑﺎﺷﭽﯩﺴﻰ — ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺗﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﯞﯦﻠﯩﯟﺍﻱ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ. ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻤﯘ <<ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ>> ﺩﺍﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ. ) ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﺟﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲﺟﺎﻣﻪ — <<ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ>> ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺟﺎﻣﻪ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ — <<ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ>> ﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰﺳﺎﭘﺎﻝ ﻛﺎﮬﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﯕﺎﻟﺘﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﺭﻭﺳﯩﻴﻪﺳﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻞ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﯩﭽﻪﮬﻪﻡ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﮬﻪﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﯘﺯﯦﻲ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻤﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯﻏﯘﻟﺠﺎ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ( ﺭﺍﯞﯨﻘﻰ ) ﺩﻩﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮬﭽﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ!

ﺑﯩﺰ ﺑﯜﮔﯜﻥ <<ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ>> ﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯩﻨﯘﺗﻼﺭﺩﺍ، ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻰﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻥ-ﺗﻪﺭ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﺟﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﻤﯩﺰ!

 

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * تارىخي ئەسەرلەر، * ماكان تارىخىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار