ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار – تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

مۇندەرىجە

مۇقەددىمە ئورنىدا

1. ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى خىيالى قانداق تۇغۇلدى ؟
2. جاللاتلار ئارىسىدىكى 50 يىللىق كېلىشىم.
3. نەدە ئۇران بار؟
4. ستالىننىڭ قىلىچى-ئەيتىنگون قانداق ئۇچۇرغا ئېرىشتى ؟
5. كرېمىلدىن چىققان سادا: شېڭ شىسەينى يىقىتىش كېرەك!
6. ناگاساكى ۋە غۇلجا
7. ئارشاڭ ۋە كۆكتوقايدىكى قېزىش
8. ستالىننىڭ ئۇران پىلانىنى كىم پاش قىلىپ قويدى؟
9. ئازادلىق ۋەدىسىگە ئالماشتۇرۇلغان بايلىقلار
10. “سىز كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىدىڭىزمۇ”؟ -ئامېرىكىلىقلار نېمىنى بىلمەكچى بولدى؟
11. ئەخمەتجان قاسىمى ئۆلگەن كۈننىڭ ئەتىسى پارتلىغان ئاتوم بومبىسى

خۇلاسە ئورنىدا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى خەلقئارالىق ئاتوم كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

مۇقەددىمە ئورنىدا

20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن زور مەبلەغ سەرپ قىلدى. بولۇپمۇ، گىتلېر گېرمانىيىسى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيانى بويسۇندۇرۇش پىلانىنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكى ئۈچۈن ھەربىي خامچوتىنى يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىپ، ھەربىي تېخنىكىنى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ھەم ئەڭ ئۈستۈن ھەربىي قۇۋۋەتلەرگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق كۆزلىگەن پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. 2-جاھان ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىش ھارپىسىدىكى ئەنە شۇ قۇدرەتلىك كۈچلەر رىقابىتى ئەۋجى ئالغان پەيتلەردە ئىلگىر-كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ئالىملىرى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك پارتلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بومبا ياساپ چىقىش مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، مەزكۇر بومبىنى ياساش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر قوللىنىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئاتوم تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ياساش پىكرى ئالدى بىلەن 1939-يىلى گېرمانىيە پولشانى بېسىۋېلىپ، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقاندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. 1939-يىلى، گىتلېر گېرمانىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالىماي، ياۋروپادىن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن بىر قىسىم ئاتوم ئالىملىرىدىن ۋېنگىرىيىلىك فىزىك كىلاد سېيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەردە گېرمانىيە ئاتوم بومبىسىنى بۇرۇن ياساپ چىقسا ،ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئارقىدىنلا ئېينىشتەيىن شۇ يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۇۋېلتقا خەت يېزىپ، ئاتوم بومبىسى ياساش تەكلىپىنى سۇندى. 1940-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا ئالىملىرى ئارىسىدا مەخسۇس ئاتوم بومبا ياساش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، پەقەت 1941-يىلى، 6-دېكابىر كۈنى ياپونىيە دېڭىز ۋە ھاۋا قىسىملىرى ھاۋاي ئارىلىدىكى پرېل- خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاشتىن بىر كۈن بۇرۇنلا روزۇۋېلت ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش ۋە جىددىي تەرەققى قىلدۇرۇش لايىھىسىنى تەستىقلىدى. 1942-يىلى، 8-ئايدا ئاتوم بومبىسى ياساشنى مەقسەت قىلىدىغان ” خامىلتون لايىھىسى” نى تەستىقلاپ، مەزكۇر لايىھە بويىچە ئاتوم قورالى ياساشقا كىرىشتى. 1943-يىلى 7-ئايدا بولسا، ئاتوم تەتقىقات ئىنىستىتۇتى قۇرۇلۇپ، بۇ ساھەدىكى پۈتۈن تەتقىقاتلارنى مەركەزلەشتۈردى.(1)

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1940-يىلى ئاتوم بومبىسى ياساشنى قارار قىلىپ، بىر مەخپىي كومىتېت قۇردى. بۇ كومىتېتقا گېرمانىيىدە تۇغۇلغان كوممۇنىست ، ئەمما 1933-يىلى گېرمانىيىدىن ئەنگلىيىگە كېتىپ، شۇ يەردە ئوقۇپ يەرلىشىپ قالغان ، فىزىكا ئالىمى كلائۇس فكۇسمۇ قاتناشتۇرۇلدى. بۇ ئارىدا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئاتوم ياساش ساھەسى بويىچە يېقىندىن ھەمكارلاشقان بولۇپ، 1943-يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيە ئاتوم ئالىملىرى ئامېرىكىنىڭ “خامىلتون پىلانى”غا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەت بىرلىكتە ئاتوم تەتقىقاتى ۋە ياساش ھەمكارلىقى ئېلىپ بارغاندا، فكۇسمۇ ئامېرىكىغا بېرىپ، مەزكۇر لايىھىگە قاتناشتى ھەمدە ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت تېخىمۇ زور مەخپىيەتلىكلەرنى بىلىش ھەتتا ئاتوم بازىسىنىڭ فىزىكا تەتقىقاتىغا مەسئۇل بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.(2)

ناتسىستلار گېرمانىيىسىدىكى ئاتوم پىلانى 1939-يىلى باشلانغان بولۇپ، گېرمانىيە ھەربىي تەييارلىقلار ۋە پىلان ئىدارىسى ئاتاقلىق فىزىكا ئالىملىرىدىن ۋېرنا خەرسېنبېرگ بىلەن ئوتتو گاننىڭ باشلامچىلىقىدا “ئۇران جەمئىيىتى” نامى ئاستىدا تەتىقىقات ئورگىنى تەسىس قىلىش بىلەن ئاتوم تەتقىقاتى ۋە ئاتوم بومبىسى ياساشقا جىددىي كىرىشتى. ئۇنىڭ ئالدىدا ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پوۋل ھاداك گىتلېرگە ئاتوم بومبىسى ياساش ، ئەگەردە گېرمانىيە ئاتوم بومبىسىنى ياساش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولسا، ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان ئىدى. 1940-يىلى شىمالىي ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئۇران كانلىرىنى تېپىپ ئۇران ئايرىش مۈمكىنچىلىكىگە ئېرىشتى ھەمدە 1940-يىلى 5-ئايدا نورۋىگىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادىكى بىردىن بىر ئېغىر سۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان نورۋىگىيىنىڭ ۋەيمونك زاۋۇتىنى كونترول قىلدى شۇنىڭدەك يەنە بېلگىيىنىڭ ئۇران كانىنى كونترول قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانى ئۈچۈن ئىشلەتتى. شۇ يىلى، 12-ئايغا كەلگەندە ئۇران تاۋلاش تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، گېرمانىيە ئالىملىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتوم بومبىسى ياساشقا كېرەكلىك تېخنىكىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ھەم تەرەققى قىلدۇرۇپ، مول تەجرىبىلەرنى توپلىغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيىنىڭ يادرو قورالى ياساش پىلانى ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملىرى ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ئۇچراپ، ناتسىسلارنىڭ ئاتوم بومبىسىنى ياساپ پۈتتۈرۈش ۋاقتى ئارقىغا سۈرۈلدى. مەسىلەن 1943-يىلى، 2-ئايدا ئەنگلىيە ئالىي ھەربىي قوماندانلىق شىتابى گېرمانىيىنىڭ نورۋىگىيىدىكى ۋەيمونك ئېغىر سۇ ياساش زاۋۇتىنى پارتلىتىش ئۈچۈن بىر زەربىدار ئەترەت تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالتە كىشىلىك مەزكۇر گۇرۇپپا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ زاۋۇتنى پارتلىتىۋېتىپ ، گىتلېرنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. بۇ زاۋۇت بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئاتوم بومبىسىغا كېرەكلىك ئېغىر سۇ ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىنچىلىكىدىن مەھرۇم قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال گېرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى بۇرۇن ياسىشىنى كېچىكتۈرۈپ، ئىتتىپاقچىلارنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىش رول ئوينىدى. ئەلۋەتتە، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاتوم بومبىسى ياساشقا ئەڭ بۇرۇن كىرىشىپ، يەنىلا ئۇنى ياساپ چىقىشقا ئۈلگىرەلمىدى؟ دېگەن سوئال ھازىرغىچە مۇنازىرە قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئەسلەپ ئۆتۈش مۇمكىن.

بىرىنچىدىن، ئىتتىپاقچى ئارمىيىنىڭ ناتسىسلارنىڭ ئاتوم ياساش بازىلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئۇلارغا تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ سەپلەردە ئۇرۇش قىلىشى نەتىجىسىدە ماددى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ئاتوم پىلانىغا سېلىنغان مەبلەغدە كەمچىللىك كۆرۈلۈشى.

ئىككىنچىدىن ، ئاتوم تەتقىقات تارماقلىرىنى تارقاقلاشتۇرىۋېتىپ، بىر مەركەزگە يىغىنچاقلىنالماي، ئالىملار ئارىسىدا دائىم پىكىر ۋە تەتقىقات ئىختىلاپلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى شۇنىڭدەك يەنە ناتسىسلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىرقىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئېينىشتەيىن قاتارلىق كۆپلىگەن يەھۇدىي ۋە باشقا مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان ئاتوم ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنى چەتكە قېقىشى ھەمدە ئۇلارنى زەربە بېرىشى ئوبېيكتى قىلىش تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسى ئۈچۈن ئىشلەشتىن باش تارتىپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى.

ئۈچىنچىدىن ، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قۇدرىتىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىپ، ئاتوم قورالى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى مەۋجۇت ھەربىي كۈچىگە تايىنىپمۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ غەلىبىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا بولغان ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىشتىن كېلىپ چىققان ئۆزلىرىنى كۈچلۈك چاغلاش ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنچىۋالا تېز ئارىدا ئاتوم بومبىسى ياسىيالىشىغا ئىشەنمىگەنلىكى قاتارلىق خاتا ھۆكۈملىرىمۇ ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە كۈنسايىن جىددىيلىشىشى ھەمدە ئۇرۇش سەپلىرىنىڭ كېڭىيىشى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ 1944-يىلىدىن تارتىپ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا ئۆتۈش جەريانىدا ئاتوم قورالىغا ئىگە بولۇش ۋەزىيەتنىڭ مۇھىم تەقاززاسىغا ئايلانغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا مەزكۇر قورالغا تېز ئىگە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ جىددىي ھەمدە مۇتلەق مەخپىي تەدبىرلەرنى ئالدى. چۈنكى، مەزكۇر قورالنىڭ ئالدى بىلەن كىمنىڭ قولىدا بولۇش ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە تەرتىپىنى بەلگىلەشتىكى ئۈستۈنلۈككە باغلىنىشلىق مەسىلە بولغاچقا، ئەگەردە مەزكۇر قورال گىتلېر گېرمانىيىسى تەرىپىدىن بۇرۇن ياسىلىپ، ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىلسە، ناتسىستلارنىڭ پۈتۈن سەپلەر بويىچە ئىتتىپاقچىلارنى ( سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگىلىيە ) مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشى، بەلكى گىتلېرنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇپ، 3-ئىمپېرىيە قۇرۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن 2- جاھان ئۇرۇشى داۋامىدا ئاتوم بومبىسى گېرمانىيىدىن بۇرۇن ياساپ چىقىش ۋە ياكى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا يول قويماسلىق ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي -سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاتوم پىلانى ۋە تېخنىكىسى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلدى جۈملىدىن ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە بۇ ساھەدە ھەمكارلاشسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز ئىتتىپاقىچىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ھەمدە ئورتاق رەقىبى گىتلېر گېرمانىيىسىدىن مۇتلەق مەخپىي تۇتقان بولۇپ، ئامېرىكا-ئەنگىلىيە مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى گېرمانىيە بولسۇن ھەر ئىككىلىسىنىڭلا بۇ قورالغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئىگە بولۇشىنى خالىمىغان ئىدى. چۈنكى، بۇ قورالغا مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ قايسىسى ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئىگە بولسا، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىلاپ بولۇپ، ئەگەر گېرمانىيە بۇرۇن ئىگە بولسا، 3-ئىمپەرىيىنىڭ قۇدرىتى ئىتتىپاقچىلارنى ۋەيران قىلىپ، دۇنيا سىياسىي تەرتىپىنى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ بەلگىلەش ئۈستۈنلۈكى بولاتتى. بۇ ئەلۋەتتە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئورتاق زىيانلىق بولسىمۇ، بىراق، ئامېرىكا-ئەنگىلىيىنىڭ ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قورالغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئىگە بولۇشىنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب، ئەگەر ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان تەقدىردىمۇ، 30 يىلدىن بېرى غەرب كاپىتالىزم دۇنياسى بىلەن رىقابەتلىشىپ ھەم دۈشمەنلىشىپ كەلگەن، دۇنيانى ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن ئىككىگە بولۇپ، ئۆزلىرىگە كۈچ توپلاپ، ئاخىرىدا كوممۇنىزم لوزۇنكىسى ئاستىدا پۈتۈن دۇنيادىكى رەھبىرى دۆلەتلىك سالاھىيەتكە ئېرىشمەكچى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم قورالىغا تايىنىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا زور ھەسسە قوشقان، ئەڭ غالىپ ۋە قۇدرەتلىك مەملىكەت سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ، خۇددى گىتلېر گېرمانىيىسىگە ئوخشاشلا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى زەربىگە ئۇچرىتاتتى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مەيلى ناتسىسىزم، مەيلى كوممۇنىزم بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىدىئولوگىيە بولۇپ، غەربنىڭ دېموكراتىك، ئەركىن ئىدىيىسى ۋە باشقا تۈرلۈك مەنپەئەتلىرىگە تامامەن خىلاپ ئىدى. نەتىجىدە، ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى قايتىدىن بېكىتىشتە يالغۇز سوۋېت ئىتتىپاقىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە بىر تەرەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىر تەرەپ بولۇپ، رول ئوينىدى. زاتەن، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىمۇ ئەنە شۇ مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىنىڭ خۇلاسىسىدىن ئىبارەت ئىدى خالاس.

ئۇنداقتا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم بومبىسى مەسىلىسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتتى ھەمدە بۇ ساھەدە قانداق ھەرىكەت قوللاندى؟ نېمە ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىن تۆت يىل كېيىن مەزكۇر قورالغا ئىگە بولالىدى ؟ دېگەن سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي. ئومۇمەن، بۇ ھەرگىزمۇ يېڭى سوئال ئەمەس، بەلكى مەزكۇر سوئاللار 50 يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئارىسىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇشىدا ئۇيغۇرلار ، جۈملىدىن 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى دۇنيا سىياسىي تارىخىدىكى بىر مەزگىللىك قىستۇرما كۈي بولغان “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” ۋە ياكى “ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۇمىتى ” قانداق رول ئوينىدى؟ دېگەن سوئالنى قوشقاندا مەزكۇر تېما بىراز يېڭىلىنىدۇ ھەمدە تولۇقلىنىدۇ.

1. ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى خىيالى قانداق تۇغۇلدى؟

بۈگۈنكى رۇسىيە تارىخچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتوم ياساش ئىدىيىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەمدە بۇ ساھەدە مەخسۇس پىلان تۈزۈپ، ئىشقا كىرىشىنىڭ گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىن كېيىن بولغانلىقىنى ھۆكۈم قىلسىمۇ، لېكىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىپ، ھەربىي تېخنىكىسىنى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ھەتتا 1939-1940-يىللىرىدا پولشا ھەم باشقا بۇر قىسىم شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بېسىۋېلىشى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئوخشاشلا ئەندىشىگە سالغان. گەرچە، 1939-يىلى، 23-ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە پولشاغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى باشلاشقا بىر ھەپتە قالغاندا موسكۋادا ” سوۋېت ئىتتىپاقى-گېرمانىيە ئۆزئارا ئۇرۇش قىلماسلىق كېلىشىمى” تۈزگەن بولسىمۇ، بىراق موسكۋا يەنىلا ھەربىي جەھەتتىن گېرمانىيىدىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى . بولۇپ، گىتلېر پولشانى ۋە ئارقىدىنلا باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقا ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھەربىي جەھەتتە گېرمانىيىدىن ئاجىز قېلىشنى تېخىمۇ خالىمىدى. ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناۋاتقان ئەشۇ كۈنلەردە گېرمانىيە ئالىملىرىدىن ئوتتو گان، فرانسىيە ئالىمى فرېدېرىك زھولىيو كيۇرى قاتارلىقلار 1938-يىلى، ئۇران-235 نى پارچىلاش ئارقىلىق ،ئۇنىڭدىن كۈچلۈك بىر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى چىقىرىش مۇمكىنلىكىنى سەزدى. بۇ زور قىزىقىش قوزغىدى. ئارقىدىنلا رۇسىيە ئالىملىرىدىن گېئورگىي فلېروۋ بىلەن يۇلىيا خارتىنوۋ 1939-يىلى، ئۇران-235 رېئاكسىيىسىدىن كۈچلۈك پارتلاتقۇچ ياساش مۇمكىنلىكىنى بىلدى. 1939-1940-يىلى بولسا، ئاتوم بومبىسى ياساش مەسىلىسى ئامېرىكا ئالىملىرى ئارىسىدا ھەتتا مەتبۇئاتلىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. قىسقىسى ئاتوم بومبىسىدىن ئىبارەت پارتلىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك قىرغۇچى بومبا ئۈچۈن ئۇران-235نىڭ ھەل قىلغۇچ ماتېرىيال قىلىنىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنىپ بولۇنغان ئىدى.

ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ بىر قاتار زور ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە شۇنىڭدەك گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي پەن-تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلماسلىقى ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ۋە ئېغىر سانائىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئويلاشماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتى تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى رايون (“بۇففەر زونى”) ھېسابلانغان شىنجاڭ ئۆلكىسىدىمۇ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يەر ئاستى بايلىقلىرىنى جۈملىدىن ئۇران ، ۋولفرام قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كەم ئۇچرايدىغان مېتال بايلىقلىرىنى تېپىپ چىقىپ ۋە قېزىپ، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سانائەت پىلانلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.(3)

1941-يىلى، 6-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغاپ، سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، سوۋېت ئالىملىرى ئارىسىدا ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر مەيدانغا چىقتى ھەتتا 1941-يىلى “ھەقىقەت” گېزىتىنىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئاكادېمىك پ. ل.كاپىتسېنىڭ “بىر شەھەرنى ھەتتا مىليونلاپ ئادەمنى بىراقلا قىرىۋېتىش مۇمكىن بولغان ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى ئىنكاسى ئېلان قىلىندى ” (4). قىسقىسى، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت فىزىكا ۋە خىمىيە ئالىملىرى ئارىسىدا ھەقىقەتەن مۇنداق بىر قورالنىڭ ئىجاد قىلىنىشى مۇمكىنلىكىگە بولغان ئىشەنچ شەكىللىنىپ بولغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن زور مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىتىلىپ، دۆلەت تەقدىرى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان 1941-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرغان بىر يىغىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيا دوكلات بېرىپ، ئەنگىلىيىنىڭ ئاتوم قورالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇران پىلانى تۈزگەنلىكى ، ئامېرىكىنىڭ بولسا ئاتوم بومبىسىنى ياساشقا جىددىي تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى رازۋېتكا ئارقىلىق ئىگىلەنگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان(5). بۇ ماتېرىيالنى ئەنگىلىيىنىڭ ئۇران تەتقىقات كومىتېتىدا ئىشلەۋاتقان فىزىكا ئالىمى . سوۋەت جاسۇسى فكۇس مەخپىي تۈردە تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىنىڭ بەلكى ئىككى يىل ئىچىدە ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى يەتكۈزگەن(6). ئارقىدىنلا مەزكۇر جاسۇس يەنە ئۇران-235 نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئايرىلىش ھەققىدىكى تېخنىكىلىق ئۇچۇرلارنى، ئۇزۇن ئۆتمەي، بېرىتانىيە ھەربىي كابىنېتى تەييارلىغان ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى مەخپىي دوكلاتىنىڭ تولۇق تەكىستىنى موسكۋاغا يەتكۈزدى. بېرىيا بۇ ئۇچۇرلارنى ستالىنغا مەلۇم قىلدى. لېكىن، مەزكۇر ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى پەقەت كەسپىي ئاتوم ئالىملىرىلا چۈشىنەلەيتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ ماتېرىياللار تاكى 1943-يىلىغىچە بىر يېرىم يىل مەخپىي ساقلىنىلدى.(7)

شۇنى ئەسكەرتمەي بولمايدىكى، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنى پرولېتارىياتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ داھىيسى، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى دەپ ھېسابلىغان يوسىف ستالىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن قىممەتلىك، كەم ئۇچرايدىغان، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رەڭلىك مېتاللار جۈملىدىن “مۇناسىۋەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرى” نى تەكشۈرۈپ تېپىشقا ئۆزى بىۋاسىتە ئارىلىشىشى ھەم رەھبەرلىك قىلىشى، مەزكۇر پىلاننىڭ پەقەت ئاددىي ھالدا گېئولوگىيە ۋە رەڭلىك مېتال ساھەسىنىڭ خىزمىتى ئەمەسلىكى، بەلكى دۆلەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي قۇدرىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك.

2. جاللاتلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن 50 يىللىق كېلىشىم

گرۇزىيىدىن چىققان يوسىف ستالىن بىلەن مانجۇرىيىدىن چىققان شېڭ شىسەينىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ پاجىئەلىك تارىخىدا جاللاتلىق بىلەن مۇھىم ئىز قالدۇرغانلىقى تارىخ سوتى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ھۆكۈم قىلىنىپ بولۇنغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇستا يەنە بىر شاگىرت بولۇپ، بىراق رەھىمسىزلىكتە ھەر ئىككىسىلا ئوخشاش. ئۇستىسى ستالىن ئۆز ئايالىنى ھەم ئەڭ يېقىن دوستلىرى، ئۆزىنى قوللىغان مەسلەكداشلىرىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، شاگىرتى شېڭ شىسەيمۇ ئوخشاشلا بىر قوساقتىن تۇغۇلغان ئۆز ئىنىسىنى ھەمدە ئەڭ يېقىن دوستلىرىنى ئۆلتۈرگەن . ئالدىنقىسىنىڭ قولىدا مىليونلىغان ئىنسانلار ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە خانىۋەيران بولغان بولسا، ئوخشاشلا كېيىنكىسىنىڭ قولىدىمۇ يۈزمىڭلىغان ئىنسانلار ئۆلدى ۋە خانىۋەيران بولدى. يەنە كېلىپ، بۇ ئىككى شەخسنىڭ قولىدا ئۆلگەن ھەم ۋەيران بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ چىقىش تېخىمۇ قىيىن. ستالىننىڭ نەزىرىدە شېڭ شىسەي رەھبەرلىكىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى جاي بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 17- ۋە ياكى 18-جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشىتىلغان، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا غەرب سىياسىيونلىرى تاشقى موڭغۇلىيىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 16-جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاتقان ئىدى. بىراق، موسكۋانىڭ 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقىرىسىدىكى ، ئۆزى بىلەن چېگرا مەزكۇر ئىككى رايوننىڭ موسكۋا ئۈچۈن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى، كۆزلەنگەن مەقسىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى تاشقى موڭغۇلىيە پەقەتلا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىنلا ئېتىراپ قىلىنغان مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ، ئەمما، شىنجاڭ ئۆلكىسى نامدا جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ ئېيتىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ يەر نەنجىڭگە ئەمەس، بەلكى موسكۋاغا بېقىناتتى(8). ستالىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يەردە مەيلى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ۋە ياكى باشقا مىللەتلەر ھەتتا مىلىتارستلار تەرىپىدىن مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق قارارىغا كەلگەن بولۇپ، ھەتتا شېڭ شىسەينىڭ ئۇدا بىر قانچە قېتىم شىنجاڭنى مۇستەقىل سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت قىلىش ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلاندۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلىپ،(9) شېڭ شىسەينىڭ ” 6 بۈيۈك سىياسىتى” نىڭ تەركىبىگە “شىنجاڭنى ئەبەدىي جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىش” دېگەن ماددىنى كىرگۈزگىزدى (10). ئەينى ۋاقىتتىكى مەزكۇر ئۆلكە ستالىن ئۈچۈن ئۆز ئېغىر سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سانائەت خام ئەشياسى ھەم چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى شۇنىڭدەك يېنىك سانائەت ماللىرىنى ئوڭچىۋاشقا سېتىپ، زور سودا-ئىقتىساد كاپىتالى يارىتىدىغان مەخسۇس بازىرى ئىدى. غەرب دۇنياسىدا پەيدا بولغان ئاتوم قورالى ياساش پىلانىدىن ئارقىدا قېلىشنى خالىمىغان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ جايدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قىممەتلىك، كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرى، قىسقىسى رادىئاكتىپلىق مېتاللارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ھەم ئۇنى قېزىش پىلانىنى ئاللىبۇرۇن بېكىتىپ بولغان ئىدى. ئەنە شۇ پىلان بويىچە، 1940-يىلى 26-ئۆكتەبىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشى يىغىن ئېچىپ، ” شىنجاڭدا قەلەي ئىزدەش ھەم ئېلىش” ھەققىدە بىر مۇتلەق مەخپىي قارار قارارى قوبۇل قىلغان.(11) “مۇتلەق مەخپىي” دەپ بېكىتىلگەن مەزكۇر قارار رۇسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىدىكى “ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى” دا ساقلانغان بولۇپ، بۇ ھۆججەت ھازىر تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن .(12)

ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق :

سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۆلكىسىدە قەلەي ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كەم ئۇچرايدىغان پايدىلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش ھەققىدە تۆۋەندىكى قارارنى چىقىرىدۇ؛

1. سوۋېت ئىتتىپاقى رەڭلىك مېتال خەلق كومىسسارىياتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كېلىشىم لايىھىسىنى تەستىقلاش
2. خەلق رەڭلىك مېتال كومىسسارىياتىغا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى بىلەن 50 يىللىق مۆھلەت بىلەن شىنجاڭ تېررىتورىيىسىدە قەلەي ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش ھەم مەنبەلەرنى تەكشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ھەققىدە كونسېسسىيە كېلىشىمى تۈزۈش ھوقۇقى بېرىش.

3. شىنجاڭدا قەلەي ئىزدەش، مەنبەلەرنى تەكشۈرۈش ھەم ئىشلىتىش ئىشلىرى بويىچە كونسېسسىيە باشقارمىسىغا تۆۋەندىكى تەركىبنى بەلگىلەش
1) باشقارما باشلىقى. يولداش كارپېنكو فېدور ئاگېيەۋىچ
2) مۇئاۋىن باشلىقى يولداش شىبايېۋ پېتس ئاندرېيېۋىچ
3) باش ئىنجېنېر يولداش شىمانوۋ كونستانتىن ئىۋانوۋىچ
4) باش گېئولوگ يولداش لوزھېچكىن مىخائىل پاۋلوۋىچ

4. ف.ئا كارپېنكوغا ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلى يولداش باكۇلىن ئىۋان نىكولايېۋىچنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن كونسېسسىيە ھەققىدە كېلىشىم ئۈچۈن سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشنى تاپشۇرۇش
5. خەلق رەڭلىك مېتال كومىسسارىياتى 1940-يىلى دېكابىردىن بۇرۇن 1941-يىللىق كونسېسسىيە خىزمەت پىلانىنى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشى ۋە كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.
6. سسسر خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشى يېنىدىكى ئىقتىسادى كېڭەش خەلق رەڭلىق مېتال كومىسسارىياتى تەلەپ قىلغان بارلىق كېرەكلىك ماتېرىياللار، ماددىي بۇيۇملار ۋە پۇلنى 1940-يىلىنىڭ 4- كۋارتالىغىچە ئاجرىتىپ بولۇشى كېرەك .

س س س ر خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋىچېسلاۋ مولوتوۋ.
كومۇنستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى يوسىف ستالىن (13)

سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدا ئېلىنغان ئەنە شۇ مەخپىي قارار بويىچە شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۇنى باكۇلىن، كارپېنكو باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا 50 يىللىق مۆھلەتلىك” سوۋېت ئىتتىپاقى-شىنجاڭ كونسېسسىيە كېلىشىمى” ئىمزالىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى 50 يىلغا قەدەر بۇ زېمىننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش، سودا-ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قانۇنلاشتۇردى. شېڭ شىسەي بىلەن ستالىن ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، بۇنى ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلمەيتتى(14). سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر كونسېسسىيە كېلىشىمى ئارقىلىق گېئولوگىيە خادىملىرىنى خالىغانچە، ئەركىن ھالدا شىنجاڭدا پائالىيەت قىلدۇرۇش، يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىمتىيازلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ستالىننىڭ مۇنداق زور ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشى، ئەمەلىيەتتە، ستالىننىڭ 1934-يىلى خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شېڭدۇبەن باشچىلىقىدىكى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئۆلكىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشى، خوجا نىياز ھاجىمنى مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى قىلىپ، قىلتاققا چۈشۈرۈپ بېرىشى، “ئالتايسكى” نامىدىكى قىزىل ئارمىيە كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، 1934-يىلى ما جوڭيىڭنى ئۈرۈمچى ئەتراپىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشى شۇنىڭدەك ئاخىرىدا يەنە 1937-يىلى تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا قايتىدىن قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئابدۇنىياز بەگ ۋە ما خۇسەن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر-تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ، لەپپەڭشىپ قالغان شېڭشىسەي ھۆكۈمىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىغا بېرىلگەن تۆلەم ۋە ياكى بەدەلدىن ئىبارەت بولۇپ، پۈتۈنلەي دېگۈدەك موسكۋانىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان شېڭ شىسەينىڭ مۇنداق قىلمايمۇ ئامالى يوق ئىدى.

3. قەيەردە ئۇران بار؟

ستالىن، ئەينى ۋاقىتتىكى چۈشەنچە بويىچە ئالغاندا، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتىكى “ئەنگۈشتەر” ھېسابلىنىدىغان ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقىش ئىدىيىسىگە كەلسىمۇ، لېكىن بۇ قورال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق كەم ئۇچرايدىغان رادىئاكتىپلىق ماددا ئۇران زاپىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە تېخى تېپىلمىغانلىقىنى، موسكۋانىڭ قولىدا ئازراقمۇ ئۇراننىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنى ئىزدەش ھەمدە قېزىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، ئاتوم يادرو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە كېرەك بولغان يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ۋەزىپىسى سوۋېت ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى ۋالەنتىنە بېرىياغا تاپشۇرۇلغان ئىدى.
ئۇنداقتا نەدە ئۇران بار؟ بىر دانە ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن زادى قانچىلىك ئۇران كېرەك؟ بۇ ئۇراننى قانداق ئۇسۇل بىلەن تاۋلاپ، ئاخىرىدا ئۇنى قورالغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن؟ دېگەندەك يۈز مىڭلىغان سوئاللار سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن تېخى ھەل قىلىنمىغان ھەم ھەل قىلىنىشى ناھايىتى مۇشكۈل بىر سىر ئىدى. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ستالىن باشلامچىلىقىدا شېڭ شىسەي بىلەن كونسېسسىيە كېلىشىمى تۈزۈپ، شىنجاڭدا قەلەي كانلىرىنى ئىزدەش ۋە قېزىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشىنى قانداقتۇر، ئاددىلا قەلەي ئىزدەش دەپ ھۆكۈم قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ بىر كۆرۈنۈشتىكى شەكىل بولۇپ، ھەقىقىي مۇددىئا ئەسلىدىن چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى تەرىپىدىن يەر ئاستى بايلىقلىرى ئىنتايىن مول دەپ ئالدىن ھۆكۈم قىلىنىپ بولۇنغان بۇ زېمىندا ئۇران كانلىرىنىڭ بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى نەزەرگە ئېلىنىپ، ئۇران قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان ، قىممەتلىك يەر ئاستى مىنېراللارنى ئىزدەشتىن ئىبارەتتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە ئالىملىرى ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1941-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغان . ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق گېئولوگىيە ئالىمى بولغان ئاكادېمىك بورىس سوكولوۋ ئۆزىنىڭ 1941-يىلى ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇنىڭ تاكى 1943-يىلىغىچە شىنجاڭدا رەڭلىك مېتاللار ۋە نېفىت مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم گېئولوگىيىلىك سۈرەتكە ئېلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى” ئەسلەپ ئۆتكەن. ( 13) سوۋېت گېئولوگىيە ئالىملىرى بىر قانچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمال تەرەپلىرى، ئالتاي، پامىر ۋە قارار قورۇم تاغلىق رايونلىرىدا تاكى 1943-يىلىنىڭ بېشىغىچە قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇر تۇپراقلىرى ھەققىدە ئەڭ ئەتراپلىق ماتېرىياللارغا ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا مەيلى جۇڭگو، مەيلى ئەنگلىيە ۋە ياكى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى مەزكۇر ئۆلكە توغرىسىدا بۇنچىلىك چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئەمەس ئىدى.
ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىمۇ 1941-1942-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. ھەتتا، رۇس تىلىنى ياخشى بىلگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ 1941-يىلىدىن تاكى 1942-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە ئالىملىرىغا تەرجىمان بولۇپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا بىر يىل ئەتراپىدا تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلىقى ھەققىدە تولۇقسىز مەلۇماتلار مەۋجۇت. شۇ تەكشۈرۈشتە قەشقەردىن قېتىلىپ، يول باشلىغۇچى بولغان قىرغىز ئاق يولبەگنىڭ ئەسلىشىچە، ل. مۇتەللىپ ۋە ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوۋېت گېئولوگىيە تەكشۈرۈش خادىملىرى 1941-يىلى 6-ئايلاردا قەشقەر تەۋەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە تاشقورغان، قىزىل تاغ، قوشراپ، يەركەنت قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، خوتەننىڭ يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېمىغا جايلاشقان قاراڭغۇ تاغ دېگەن يەرگىچە بارىدۇ. ( 14) بىراق، مەزكۇر سوۋېت گېئولوگىيە ئەترىتى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قايتىپ، 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كېتىدۇ. لۇتفۇللا مۇتەللىپ دوستى ئاق يولبەگكە تۇيۇقسىز قايتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ. ( 15). ئەمما، پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ل. مۇتەللىپ، 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ چاغدا شېڭ شىسەي بارا-بارا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ، گومىنداڭ بىلەن ئالاقە ئورنىتىۋاتقان بىر پەيت ئىدى. ل. مۇتەللىپ تەرجىمانلىق قىلغان سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئەمەلىيەتتە ئەشۇ ستالىن بىۋاسىتە بۇيرۇق بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇران قاتارلىق رادىئاكتىپلىق ماددىلارنى ئىزدەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەلۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ شېڭ شىسەينىڭ رازىلىقىنى ئالغان بۇ تەكشۈرۈشنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ موسكۋانىڭ مۇتلەق مەخپىي ئاتوم بومبىسى ياساش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇپ، پەقەت يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە نېفىت مەنبەلىرىنى ئىزدەش ھەم تەكشۈرۈش دەپلا ئاتىغانلىقى ئۈچۈن 19 ياشلىق ئاددىي تەرجىمان ل. مۇتەللىپلا ئەمەس ھەتتا 1938-يىلىدىن تارتىپ سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، ستالىننىڭ ئىشەنچىلىك مۇرىتى بولغان، ئۆلكىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى شېڭ شىسەينىڭمۇ مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ تۈپ مەقسىتىنى بىلمەسلىكى تەبىئىي ئەھۋال بولسا كېرەك. شۇ قېتىم جەنۇپ تەرەپتە پامىر ئېگىزلىكىنى ئاساسىي تەكشۈرۈش نۇقتىسى قىلغاندا سوۋېت ئالىملىرىنىڭ ئۇران زاپىسى بەلۋېغىنى بايقىغانلىقىنى نەزەردىن قالدۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئۇلار ئۇران زاپىسىنى بايقىغاندىن كېيىنلا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى 1947-يىلى ئەشۇ سوۋېت گېئولوگىيە ئالىملىرى تاشقورغان بىلەن تۇتاشقان پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تاجىكىستان تەۋەسىدىن زور مىقداردا ئۇران كانى تېپىپ، ئۇنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى باشلىغان ھەمدە پامىر ۋە تەڭرى تاغ سىستېمىسى تۇتۇشۇپ كەتكەن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاننىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىغا يېقىن بەلۋاغلىرىدىن ئۇران زاپاسلىرىنى تاپقان ئىدى.(16)

سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ستالىن گەرچە دەسلەپكى بىر قانچە ئايلار ئىچىدە گاڭگىراپ قالغان، پۈتۈن دىققىتى قانداق قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قېلىش ۋە موسكۋا، لېنىنگراد ھەم ستالىنگراد قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەرنى مۇداپىئە قىلىشقا قارىتىلغان بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭدا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنى بىراقلا بوشاشتۇرۇپ قويمىغان. سەۋەب شۇكى، ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئاساسلىق ئېغىر سانائەت بازىلىرىنى ئۇرال تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى سىبىرىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە يۆتكىگەن بولۇپ، بۇ زاۋۇتلار ھەربىي قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا جىددىي كىرىشىپ كەتكەن. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن يەر ئاستى بايلىقلىرى تېخىمۇ كېرەك بولۇپ، خام ئەشياغا بولغان ھاجەت ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى ۋاقتىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا ستالىننىڭ بۇ ئۆلكىنى ئۆزىنىڭ خام ئەشيا ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتىكى ئارقا سەپ خەرىتىسىگە كىرگۈزگەنلىكى تەبىئىي.

1942-يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە سوۋېت ئارمىيىسى موسكۋا بوسۇغىسىدا گىتلېر ئارمىيىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، موسكۋانى قوغداپ قالغاندىن كېيىن، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىلىق ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم پىلانىنى جىددىيلەشتۈردى. شۇ يىلى، 30-ئىيۇن كۈنى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئۇران قېزىشنى تەشكىللەش ھەققىدىكى قارارى تەستىقلانغان بولسا، 28-سېنتەبىر كۈنى يوسىف ستالىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ 2352- نومۇرلۇق ” ئۇران خىزمىتى تەشكىللەش ھەققىدە” ناملىق بۇيرۇقىنى تەستىقلىدى (17). مەزكۇر بۇيرۇقتا سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە ئالاھىدە ئاتوم يادروسى لاباراتورىيىسى قۇرۇش قارار قىلىنغان. ۋ. مولوتوۋ دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ نىڭ 2542- نومۇرلۇق ” ئۇران قېزىش” قارارىنى تەستىقلىغان (18).
1942-يىلى ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى رازۋېتكىسى ئۇران مەسىلىسى بويىچە ئەنگلىيىنىڭ كۆپلىگەن مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ تۇردى. ئامېرىكىنىڭ ئاتوم پىلانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ داۋاملىق تۈردە ئىتالىيىلىك سوۋېت جاسۇسى بۇرنو ئونتېكورۋو تەرىپىدىن يەتكۈزۈلۈپ تۇردى (19). كلائۇس فۇكىس ۋە بۇرنو ئونتېكورۋو قاتارلىق مەزكۇر سوۋېت جاسۇسلىرى ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ئاتوم تېخنىكىسىدا قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەر ھەتتا پىلانلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكا ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيىنىڭ ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئاساسەن كەلمىگەن.( 20) . ستالىن 1943-يىلى 11-فېۋرالدا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ “ئاتوم بومبىسى ياساش ھەققىدىكى پروگراممىسى ۋە قارارى”نى تەستىقلىدى ھەمدە ئاكادېمىك كۇرچاتوۋنى “2-نومۇرلۇق لابوراتورىيە” يەنى “مەخپىي ئاتوم ياساش ئىنستىتۇتى”نىڭ دىرېكتورى قىلىپ قىلىپ تەيىنلىدى . سوۋېت ئاتوم ئالىملىرى چەتئەللەردىن ئېرىشكەن ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ ساھەگە جىددىي كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ساھەدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىلىشى ناھايىتى ئاستا بولدى(21). سەۋەب شۇكى، بۇ ۋاقىتقىچە سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدا ئۇران كانلىرى تېخى تېپىلىپ، ئۇران قېزىش باشلانمىغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسكىلاتىدا ئۇران يوق بولۇپ، “2-نومۇرلۇق لاباراتورىيى”دە پەقەت بىر قانچە كىلوگراملا ئۇران بولغان(22). دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور مىقداردا ئۇرانغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئاتوم بومبىسىنى ياسىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۇرانلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدا ئىلگىرىلەشلەر داۋاملاشماقتا ئىدى.

4. ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭽﻰ – ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ ؟

ﺳﺎﺑﯩﻖﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ك گ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ، 40-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ( ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻙ ﮒ ﺏ )ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ، ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝﻟﯧﻴﺘﯧﻨﺎﻧﺖ ﭘﺎﯞﻝ ﺳﯘﺩﭘﻼﺗﻮﯞﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺸﯩﭽﻪ، 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻫﺎﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻨﻰ، ﻳﻮﺳﯩﻒﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭ ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ (23). ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﮔﻪﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭﻯ ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻣﯧﻜﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ، ﻟﯧﻨﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻫﻮﻗﯘﻕﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﻮﻧﺎ ﺭﻩﻗﯩﺒﻰ ﻟﯩﯟ ﺗﺮﻭﺗﺴﻜﯩﻴﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﻪﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻙ ﮒ ﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ(24).
ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺳﯘﺩﭘﻼﺗﻮﯞ ” ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﺍﺵ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﻫﯩﻢﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻳﻮﺳﯩﻒ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.” ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ (24).ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﻧﺎﺋﯘﻡﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ. ﮔﻪﺭﭼﻪ، ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻧﻨﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﻰﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ﺗﯧﺨﻰﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﺭﻩﺯﻟﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. ﺭﯗﺱﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﯞﺍﺩﯨﻢ ﺋﻮﺑﯘﺧﻮﯞ ﺑﯘ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﻛﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ (25). ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻘﯩﺸﻘﺎﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗﻛﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﻪ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺟﺎﯓ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﻝ-ﻛﯧﺴﯩﻞﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍﺋﯘﺭﺍﻥ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﺘﺎﻥ، ﯞﻭﻟﻔﺮﺍﻡ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻣﯧﺘﺎﻝ ﺯﺍﭘﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻮﻝ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﯞﻩ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﯞﺍﺩﯨﻢ ﺋﻮﺑﯘﺧﻮﯞ ، ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﭽﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﯧﺘﺎﻝﺯﺍﭘﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. (26)
ﺷﯘﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﺗﻮﻗﺎﻱ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﺭﺍﻥﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ-ﺳﺎﯞﯗﺭﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺳﯧﺰﯨﻠﮕﻪﻥﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﻙ ﺗﻮﻗﺎﻱ ﻛﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻣﻐﺎﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎﻳﯧﻘﯩﻦ .

ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، 1943-ﻳﯩﻠﻰ، ﻧﺎﺋﯘﻡﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻧﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺷﯧﯔﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯩﻨﺨﻪﻱﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ 32 ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ، ﺟﯘﯕﺨﯘﺋﺎ ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﻮﺷﻤﺎﺷﺘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ (27). ﺟﺎﯓ ﻛﻪﻳﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔﺋﺎﺭﻗﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪﺗﻪﺗﯜﺭ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﺎﻧﯩﻨﻰﻗﯧﺰﯨﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻫﻪﻝﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﮕﺮﺍﺩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﯧﭙﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ 12 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ” ﺑﯘﻓﯧﺮ ﺯﻭﻧﻰ”( ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻥ) ﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﻪﺕﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯘﻗﻮﺭﺍﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ، ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻧﯧﻤﻪﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ؟ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻮﯕﭽﯩﯟﺍﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯘﻟﯘﻕ؟ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻛﺮﯦﻤﯩﻞﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻏﺎﯕﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﺍﭖ، ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ -ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﺩﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻳﻮﻝ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.

5. ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍ: ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ !

ﺩﯦﻤﻪﻙ ، 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰﻛﻮﻟﻮﻧﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ “ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﻧﭽﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ” ﺩﻩﻛﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ،1931-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ 1933-ﻳﯩﻠﻰ، 12-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، 1933-ﻳﯩﻠﻰ، 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12-ﻛﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﺘﻪ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺑﻪﻧﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﺎ ﺟﻮﯕﻴﯩﯔﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﯨﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺖ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ “ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺴﻜﯩﻲ” ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻣﺎﺟﻮﯕﻴﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯﻫﻪﻣﺪﻩ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﺘﺎﺭﯨﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ(28). 3-ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﺎﺗﺴﯩﻴﻮﻧﺎﻝ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺖ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.(29)

1934-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ 1942-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺟﯘﯕﺨﯘﺋﺎ ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻳﯚﻟﻪﭖﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻗﻰﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯﻫﻪﺗﺘﺎ 1940-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ 50 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻛﻮﻧﺴﯧﺴﺴﯩﻴﻪﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚﻗﯩﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﯞﻭﻟﻔﺮﺍﻡ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻫﻪﻡﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺳﻮﯞﯦﺖ-ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥﺗﯜﮔﻪﺷﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﭖ، ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ. 1943-ﻳﯩﻠﻰ، 3-ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱﻧﯩﻘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ھالدا سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ياردەمگە كەلگەن ھەر كەسىپتىكى بارلىق خادىملارنى ھﻪﺗﺘﺎ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ 8-ﭘﻮﻟﻚ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯘﺩﻭﯕﺨﺎﺑﺎﺩﯨﻜﻰﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﻣﺎﻳﺘﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﯧﻔﯩﺘﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ (30). ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻣﻮﻟﻮﺗﻮﯞﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻨﻰ ﺩﯦﻜﺎﻧﺎﺯﻭﻓﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯗﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯘ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ -ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ، ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻼﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﯞﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻰ. ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮﻯ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ 1943-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﺋﺎﺗﻮﻡ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖﻣﯧﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺘﭽﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻗﯧﺰﯨﭗ، ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰﻳﺎﺳﺎﺵ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﯧﻨﯩﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﻰﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖﺗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ.

ﮔﻪﺭﭼﻪ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﯞﻩ ﺟﺎﯓ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﭼﺎﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪﺋﺎﺷﯘﺭﺳﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯚﺯﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻼ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﺎﺟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﻐﺎﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﻮﯞﯦﺖﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻓﺮﻭﻧﺖ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎﭼﯩﻘﯩﭗ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺰﺭﻩﻙ ﻗﻮﻏﻼﭖﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺷﯧﯔﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﻫﻮﻗﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ ( 31).

ﻣﺎﻧﺎﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ( 32) ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯚﺯﻯﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﺎﺧﯩﺮﻯﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭ 1943-ﻳﯩﻠﻰ 16-ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺮﯦﻤﯩﻞ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯘﻳﻮﺭﯨﺴﻰﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ، ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﻯ ﻻﯞﺭﯦﻨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﯨﻴﺎ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﯧﻲ ﻛﻮﺳﯩﮕﯩﻦ ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰﻣﯩﺨﺎﺋﯩﻞ ﺳﯘﺳﻠﻮﯞ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﻠﯩﻚ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ؛

“ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻳﯜﺯﺳﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥﻛﯚﭖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ، ﺑﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻤﻪﻳﻼﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﭼﺎﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﺮﺍﺟﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ “ﻣﯩﻠﻠﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ” ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ . ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﺎﭼﯩﻼﺭﻧﻰﻫﻪﻡ ﺑﯘ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ” (33).

ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﻴﯘﺭﻭﺳﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺴﺴﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﺍﻳﺎﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﻴﺎﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ، ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻫﻪﻡ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﭼﯚﭼﻪﻙ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻐﺎﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﻦﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖﭼﺎﺭﻩ-ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ( 34). ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺴﺴﺮﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭘﻨﻰﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻯ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭ ﯞﻻﺩﯨﻤﯩﺮ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﯞ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﯩﭙﺪﯦﺸﻰ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﻤﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ (ﻥ ﻙﯞ ﺩ) 4-ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻟﯧﻴﺘﯧﻨﺎﻧﺖ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﻻﯕﻔﺎﯓﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻨﯩﯔﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ “ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﻛﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ” ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﭘﯩﻼﻥﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ (35) ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﯞﻩ ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯘﺭﺳﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ، ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﭼﯚﭼﻪﻙﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﻗﻮﺯﻏﯩﺴﺎ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﭘﻼﺵﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﺎﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺩﻭﻛﻼﺗﻼﺭ ﻳﻮﻟﻼﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﯩﺪﻩ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﻣﯩﺨﺎﻳﻠﻮﯞﻧﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ” ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﯞﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﺎ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ” ﺩﻩﭖﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ “ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻛﻮﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ” (36) ﺩﻩﭖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺷﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻜﻮﯞﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﮔﻪﺭﭼﻪﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ” ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻡ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﻰﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ” ﻧﻰ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﯩﮕﻪﻥ (37). ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺷﻘﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪﻥ. ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ 1944-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1949-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰﻗﻮﻟﻼﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ 1943-ﻳﯩﻠﻰ 16-ﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯘﻳﻮﺭﯨﻨﯩﯔﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯚﻟﻜﻪﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻤﺎﻱ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚﻫﻪﻣﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﺭﯗﺱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻼﺭﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻰ، ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ،ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ 1934-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩ 1937-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥﺑﯩﮕﯘﻧﺎﻫ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻳﻮﻕ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚﺧﺎﻫﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺷﯘﻛﻰ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩﭼﯚﭼﻪﻙ ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﯞﻩﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻠﻪﺭﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩﻛﺎﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻥ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﭘﺎﺭﻣﺎﺷﻮﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻧﻰﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ 1943-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﭖ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮﻑ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺯﺍﻛﯩﺮﻭﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺑﻮﻟﻐﺎﻥ(38). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ” ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ” ﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. 1942-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ، 1943-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﭼﯚﭼﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﻫﺎﺟﯩﻴﻮﭖ، ﻣﻪﺗﻨﯩﻴﺎﺯ ﻗﺎﺭﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ(39). ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، 1940-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﯞﻻﺩﯨﻤﯩﺮ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﻻﯕﻔﺎﯓ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪﻩ ” ھەرىكەت گۇرۇپپىسى” ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ، ﭼﯚﭼﻪﻙ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻳﺎﺭﯗﻟﻼﺑﯧﻜﻮﭖ، ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰﺩﺍﺑﺎﺷﯩﻦ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻛﻮﻧﺴﻮﻝ ﺑﻮﺭﯨﺴﻮﯞ ( ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﮕﻨﺎﺕ ﺳﺘﯧﭙﺎﻧﻜﻮ)، 20-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﮔﯟﺍﺭﺩﯨﻴﻪﭼﻰ ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺷﯩﺘﺎﺏ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﻣﺎﺯﻫﺎﺭﻭﯞ، ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻱ ﺗﺎﺵ ﻳﻮﻝ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﻜﻰ ﻓﺎﺗﯩﻲ ﻟﯧﺴﻜﯩﻦ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﭘﺎﯞﻝ ﻣﺎﺳﻜﺎﻟﯩﻴﯧﯟ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﮔﺮﯨﺒﯧﻨﻜﯩﻦ، ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﻟﻮﻣﯩﻴﯧﯟ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥﺭﯗﺳﻼﺭ، ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﯞﻩ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ “ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ” ﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ (40).
ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯘﻳﻮﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ. ﻫﻪﺗﺘﺎ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯﭼﻮﻳﺒﺎﻟﺴﺎﻥ 1943-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚﻗﯩﻠﺪﻯ.( 41)
1944-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 12 ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ” ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ” ﻣﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﺍﺑﺎﺷﯩﻦ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ ﺑﻮﺭﯨﺴﻮﯞ ﯞﻩ ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻳﺎﺭﯗﻟﻼﺑﯧﻜﻮﯞﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﺎﺵﻛﺎﺗﯩﺒﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﯞﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺑﯘﺭﯗﻥ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺷﯧﯔ ﺩﯗﺑﻪﻧﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، 1933-1937-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻨﯩﺪﻩ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ” ﺑﯩﺰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﯞﻩﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﯘﺳﯩﻠﻪﺭ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪﻩﻙﺑﻮﻟﯘﺳﯩﻠﻪﺭ” (42) ﺩﻩﭖ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺳﻪﻳﻔﯘﻟﻼﻳﯧﯟ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻓﺎﺗﯩﺦﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯩﻨﻰﺋﺎﺗﺘﻰ(43).ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﯞﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺗﻪﺭﻩﭖﻓﺎﺗﯩﺦ ﺑﺎﺗﯘﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ، ﺳﯜﻳﺪﯛﯓ، ﻛﯜﺭﻩﻧﻰﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. 1944-ﻳﯩﻠﻰ ،12-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺖ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻮﺭﻏﺎﺳﺘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﯞ ﯞﻩ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻻﯕﻔﺎﯓ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻰ “2-ﺩﻭﻡ ” ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚﻗﯩﻠﺪﻯ(44). ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﯞﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻤﻰ ” ﺋﺎﺯﺍﺩﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻼ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺴﺎﻗﻼ ﻣﻪﻳﻠﻰ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻕ، ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﻙﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻳﻠﯘﻕ؟” ﺩﻩﭖﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.( 45)

ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ 1949-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻞﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺋﯜﭺ ﻓﺮﻭﻧﺖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﻰﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ 500 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ 2000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ(46) ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﻘﯘﺭﺩﻯ.

ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰﺋﺎﻟﺘﯘﻥ-ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ مەلۇم ساندىكى مۇھىم خام-ئەشيالارنى ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھەربى مىلتىق، ئاپتومات، زەمىبەرك ۋە ئوق -دورىلار ئۈچۈن يۇقىرى باھادا ھەق تۆلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى، قوي، كالا، يۇڭ، گۆش، ئاشلىق قاتارلىق چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئالماشتۇرۇلۇش ۋاسىتىسى قىلىنغان ئىدى(47). لېكىن، بۇ يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم پايدا بولماستىن، ھەقىقى پايدا، ئالتاي ۋە ئارشاڭدىن قېزىلغان قىممەتلىك رادىئاكتىپلىق ماددىلار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى بېرىيانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئازاد ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە كۈچلۈك بىخەتەرلىكنى قوغداش ئوپېراتسىيىلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، سوۋېت رازۋېتچىكلىرى بىر تەرەپتىن ئۈچ ۋىلايەتكە گومىنداڭ ھەم باشقا دۆلەت كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يەردىكى ھەرىكەتلىرنى رازۋېتكا قىلىشقا قارشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپ رەھھەرلىرى، ئىلغار يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ھەمدە ھەربىي قوماندانلارنى كۆزىتىپ، ئۇلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتلارغا دىققەت قىلاتتى(48). ئىلگىرى كېيىن، ن ك ۋ د ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى)نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىدىن 30-40-يىللاردا شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا پائالىيەت قىلغان پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى بورىسوۋ ( ئىگنات ستېپانكو)، پودپولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى كەسپىي رازۋېتچىكلار ، ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ ( ئىسكەندەر ئەپەندى)، پېتىر ساۋېن ( زاكىر تۆرە)، گابىت مۇزىپوۋ ( ئەلى ئەپەندى ۋە ياكى ئەلى مەمەدوف)، پروكوپىيۇ ۋە باشقىلارمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بىجا كەلتۈردى. 20-يىللاردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ يەرلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ن ك ۋ د ئورگىنىغا ئىشلەشكە باشلىغان ئەسلى ئاق گۋاردىيىچىلەرنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن گېئورگىي پالىنوۋ، مازھاروۋ، موگۇتنوۋ، گرېبىنكىن ۋە باشقىلارمۇ يۇقىرى خىزمەتلەرنى قولغا ئېلىپ، گېنېرال ئېگناروۋ باشچىلىقىدىكى ” ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى” ۋە كېيىن 2- دومغا بىۋاسىتە بويسۇندى(49). سوۋېت بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئىسكەندەر ئەپەندى يەنى ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ بىلەن زاكىر ئەپەندى يەنى پېتر ساۋىن ۋە ئەلى ئەپەندى يەنى گابىت مۇزىپوۋ ئىسىملىك بۇ مۇھىم جاسۇس ئەلىخان تورىنى ئېلىپ كېتىش ئوپېراتىسىيىسىنى ئورۇندىدى. يېقىندا پاش بولغان ئارخىپلار ۋە سابىق ك گ ب پەۋقۇلئاددە ئوپېراتسىيە بۆلۈم باشلىقى سۇدپلاتوۋ ئۆز ئەسلىمىسىدە ” تروتسكىينى ئۆلتۈرگەن ستالىننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى نائۇم ئەيتىنگون 1946-يىل يەنە بىر قېتىم ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە مەخپىي ئەۋەتىلىپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى يوقىتىش ئوپېراتسىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى تولۇق مەغلۇپ قىلىپ، ۋەتىنىگە قايتقان” (50) دەپ يازغان بولۇپ، رۇس تارىخچىلىرى تروتسكىينى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى بىجا كەلتۈرگەن بۇ شەخسنىڭ بەلكى ئەخمەتجان قاسىمى ، ئىسھاقبەگ مۇنونوپ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇشىنى پەرەز قىلماقتا. ئەمما بۇ ھەقتە تېخى يېتەرلىك ئارخىپ ئاساسىدىكى پاكىت يوق.

ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدا قىلىنىدىغان ھەرىكەتنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوۋقا تاپشۇرۇلغان بولۇپ (51)، ئوسمان يۈسۈپوۋ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھەمدە 1944-1949-يىللىرى ئۈچ ۋىلايەتكە مۇناسىۋەتلىك يەرلىك مىللەت خادىملىرىنى ئەۋەتىشكە مەسئۇل بولغان ، ئۇ 1947-يىلى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن كېلىپ چىققان، كېيىنكى ئۆزبېكىستان رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان خېلەم خۇدابەردى قاتارلىق 13 كىشىنى ئۆزى قوبۇل قىلىپ، ئىلىغا ئەۋەتكەن ئىدى ( 52). ئوسمان يۈسۈپوۋ يەنە 1946-يىلى 6-ئايدا ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىش ئىشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەلىخان تۆرە سوۋېت رازۋېتچىكلىرى تەرىپىدىن تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئوسمان يۈسۈپوۋ ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرغان(53) . ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بويىچە “قازاق ئېلى”، ” شەرق ھەقىقىتى” قاتارلىق جۇرناللار نەشىر قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈلۈپ تۇرغان ئىدى.

قىسقىسى ، 1943-يىلى، 16-ماي كۈنى كرېمىل سارىيىدا ئېچىلغان يىغىن قارارى ئەمەلىيلىشىپ، ئاخىرى 1944-يىلى، 8-10-ئايلاردا نىلقا قوزغىلىڭى پارتلاپ غەلىبىسېرى كېڭەيگەن ھەمدە شۇ يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، 1944-يىلى، 9-ئاينىڭ بېشىدا شېڭ شىسەي ئۆلكە ھاكىمىيىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، چوڭچىڭغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن موسكۋا بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. بۇ يەردىكى ھەقىقەت شۇكى، ئۇنىڭ شېڭنى يوقىتىش پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ستالىننىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ئالتايدىكى ئۇران كانلىرىنى ئەركىن قېزىش پىلانى تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان، ئاتوم بومبىسى ياساش غايىسى تېخى رېئاللىققا ئايلانمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ئازاد قىلىنىپ، ماناس دەرياسى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مەمۇرىي ۋە ھەربىي-سىياسىي چېگرا قىلىنىپ، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بۇ ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازىلىنىپ، خاتىرجەم ھالدا ئارشاڭ ۋە كۆكتوقايدىكى كانلاردىن ئاتوم پىلانىغا كېرەك بولغان ئۇران ، ۋولفرام ھەم باشقا قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىشى كېرەك ئىدى. ستالىن ئاخىرى مۇددىئاغىلا ئەمەس، بەلكى سىياسى مۇددىئا ھەمدە ئىقتىسادىي مۇددىئاغىمۇ يەتتى. بىچارە ئۇيغۇر خەلقى شاھمات تاختىسىدىكى پېچكىلار كەبى ستالىننىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى.

6. ناگاساكى ۋە غۇلجا

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنى قوزغاش ۋە مەزكۇر ئىنقىلاب نەتىجىسىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ تاكى 1949-يىلىنىنىڭ ئاخىرىغىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن مۇستەسنا ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوللىشىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار قاتارىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ موسكۋانىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش ئىستراتېگىيىسى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر قانچە مەسىلىلەر قاتارىدا، يالتا كېلىشىمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى گېرمانىيە ھەم ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش جەريانىدىكى ئەھۋاللارنىمۇ كۆرسىتىش مۇمكىن. ئەگەردە، ستالىننىڭ مەقسىتى پەقەتلا شېڭ شىسەينى ئورنىدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆلكىدىكى جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئىمتىيازلىرىنى قايتىدىن تىكلەش دەپ قارىغاندا، ئۇنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا ياردەم بېرىشى 1945-يىلى 6-11-فېۋرالدىكى ستالىن، رۇزۇۋېلت ھەم چېرچىللار ئارىسىدىكى يالتا سۆھبىتى ھەم يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بىلەن توختاپ قېلىشى كېرەك ئىدى. ھېچ بولمىغاندىمۇ، 1945-يىلى 14-ئاۋغۇستتا يالتا روھى بويىچە “سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى” نىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن خۇلاسىلىنىشى لازىم ئىدى. چۈنكى، ستالىن ئەنە شۇ يالتا كېلىشىمىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىن زېمىن تەلىپى يوقلۇقى ۋە بۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن(54). ئەمما، ئۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ستالىن “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى”گە داۋاملىق ياردەم بەردى. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب ھەققىدە شۇنداق پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىنكى، چۈنكى، بىرىنچىدىن ستالىن يالتا كېلىشىمىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى تەڭشەشتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تېخى ئەمەلىيەتكە ئاشۇرمىغان ھەمدە تولۇق كاپالەت ئاستىغا ئالمىغا ئىدى. ئىككىنچىدىن كەسكىن قىلىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇ تېخى ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى مەنبەلىرى جايلاشقان تارباغاتاي، ئالتاي رايونىدىن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى تولۇق تازىلاپ بولالمىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنە شۇ مەقسەتلىرىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان، مىللىي ئارمىيە شىددەت بىلەن ئوتتۇرا ، شىمالىي يۆنىلىشلەردە جەڭ قىلىۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلگەن ، 1945-يىلى، 24-ئىيۇلدىكى پودستام يىغىنى مەزگىلىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلدى. پوتسدام يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترۇمېن ستالىنغا بۇ خەۋەرنى ئېيتقاندا، ستالىن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ قويسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭمۇ مۇنداق بومبىنى ياساشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى چاندۇرمىدى.( 55) .

چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيىدىن قولغا چۈشۈرگەن ئۇران زاپاسلىرى ئۇنىڭ ئاتوم پىلانىدىن تولىمۇ يىراقتا بولۇپ، ئۇ يەنىلا زور مىقداردا ئۇرانغا مۇھتاج ئىدى، بۇ ئۇران كانلىرى پەقەت شىنجاڭ ئۆلكىسىدىلا بار ئىدى. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان كۈننىڭ ئەتىسى ستالىن سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيىگە قارشى مانجۇرىيىدىكى پۈتۈن سەپلەر بويىچە 9-ئاۋغۇست كۈنى ھۇجۇم باشلاش بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا ناگاسىكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. 14-ئاۋغۇست كۈنى بولسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى رادىئو ئارقىلىق تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان كۈنى موسكۋادا “سوۋېت –جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى” ئىمزالاندى ھەمدە قىسقىغىنا بىر ھەپتە ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى پۈتۈن مانجۇرىيىنى ھەمدە كورىيە يېرىم ئارىلىنى ئاساسەن ئىشغال قىلىش بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي گۇمران قىلىنىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇلغان ھەمدە موسكۋا يالتا كېلىشىمىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىمتىيازلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاتوم بومبىسىنىڭ ھەقىقەتەن قىرىش كۈچى بارلىقىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق تونۇپ يەتتى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى بىردىن-بىر ئاتوم دۆلىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشنى ئۆزىگە نىسبەتەن يېڭى تەھدىت ھېسابلاپ، ئاتوم بومبىسى ياساش سۈرىتىنى ئەڭ يۇقىرى سۈرەتتە تېزلىتىشنى قارار قىلدى(56).

بۇ ئېھتىياج بىلەن 1945-يىلى 20-ئاۋغۇست كۈنى ستالىن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 9887-نومۇرلۇق قارارىنى تەستىقلاپ، يېڭى ئاتوم پىلانى قۇرۇلمىسى قۇرۇپ چىقتى. ئومۇمىي خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن “ئالاھىدە كومىتېت قۇرغان بولۇپ، ” ئاتوم سىياسىي بيۇروسى” دەپ ئاتالغان مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە بېرىيا تەيىنلىنىپ، تەركىبىگە ستالىن قاتارلىق مۇھىم رەھبەرلەر ۋە بىر قىسىم ئاتوم ئالىملىرى كىرگۈزۈلدى. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيىنى يوقىتىش بىلەن كۆپلىگەن گېرمان ئاتوم ئالىملىرى ھەم گېرمانىيىنىڭ بىر قىسىم ئۇران زاپاسلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆز پىلانى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇران زاپىسى شۇنىڭدەك تېخنىكا كۈچى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇران قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇلدى. مەزكۇر 9887-نومۇرلۇق قاراردا ” كەڭ كۆلەمدە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇران خام ئەشيا بازىسىنى قۇرۇش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېشىدىكى ئۇران مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش، ئۇران سانائىتىنى تەشكىللەش ھەمدە ئاتوم ئېنېرگېتىكا ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ۋە ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقىش” دەپ بېكىتىلگەن . ( 57) بۇ قارار بويىچە خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى قارمىغىدا ئىجرا قىلىش ئورگىنى قۇرۇپ، ئاتوم ساھەسىگە ئائىت مەخپىي كان ۋە سانائەت ئورگانلىرى قۇرۇپ چىقىپ، بۇلاردا تۈرمىگە تاشلانغان ئادەملەرنى ئىشلەتتى. بۇ ئادەتتە “ئاتوم گۇلاگى” دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر ساھەدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 700 جىنايەتچى ئىشلىگەن ئىكەن(58).
ئەنە شۇ قارار بويىچە ستالىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىمزا قويغان يالتا كېلىشىمىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان قارار بويىچە 14- ئاۋغۇست كۈنى جۇڭگو بىلەن “دوستلۇق كېلىشىمى” نى تەستىقلىغان ھەمدە جاڭكەيشى ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچىلارنى قوللىماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىگە قارىماي، يەنىلا مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق تۈردە ھۇجۇم قوزغاپ، 1945-يىلى، 9- سېنتەبىر كۈنى ئالتاينى، 16-سېنتەبىر كۈنى جىڭ ۋە شىخونى ئازاد قىلىپ، ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كېلىشىگىچە يول قويدى. 2000 دىن ئارتۇق قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ۋە 500 نەپەر قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرى مىللىي ئارمىيىنىڭ بۇ ئۇرۇشلىرىغا بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇلدى(59). بۇ ۋاقىتتا ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت تولۇق ئازاد بولۇش بىلەن ئارشاڭ ھەم كۆك توقايدىكى رادىئاكتىپلىق مېتاللار مەنبەلىرىنى ئېچىش شارائىتى يارىتىلغان بولۇپ، ستالىن ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي تېخنىكا، خام ئەشيا ھەم كادىر ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللىشى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى توختىتىپ قويدى ھەمدە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى گومىنداڭ بىلەن بېتىم تۈزۈشكە قىستاش بىلەن ئۆزىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ۋەدىسىنى كۆرسەتتى. بىراق، سۆھبەت 10 ئايغا سوزۇلدى شۇنىڭدەك ئارقىدىن 1946-يىلى 7-ئايدىن 1947-يىلى 8-ئايغىچە بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولدى. بۇ ھۆكۈمىتىمۇ بۇزۇلۇپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى رەھبەرلىرى غۇلجىغا قايتىپ كېتىپ، ماناس چېگرىسى تاكى 1949-يىلى 11-ئايغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. قىسقىسى ئەنە شۇ 5 يىل جەريانىدا گومىنداڭ ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى سوۋېت تەسىرى ئاستىدىكى مەزكۇر ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە كىرەلمىگەن بولۇپ، مەزكۇر رايون مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇران قېزىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

قىسقىسى، پاكىتلار ئارقىلىق مەنتىقىلىق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىنكى، خىروشىما ۋە ناگاساكىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلىشى، ئىنسانىيەكە ھەقىقەتەن قۇدرەتلىك قىرىش خاراكتېرلىق قورالنى ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەگەردە بۇ قورال كىمنىڭ قولىدا بولسا، ئۇنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى بەلگىلەشتىكى تەڭداشسىز كۈچگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئىسپاتلاپ بەردى. ناگاساكى ۋە خىروشىمادىكى ئىنسانىيەتنى چۆچىتىدىغان دەھشەتلىك مەنزىرە ستالىننىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەر قانداق بەدەلگە قارىماي، ئەڭ تەز سۈرئەتتە ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانىنى كۈچەيتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن گەرچە ستالىن يالتا يىغىنىدا جۇڭگو مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلىپ، يالتا روھى بويىچە 1945-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، جۇڭگودىن ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا شۇ ئاساسلىق مۇددىئا ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئۇران بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئازاد ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يول قويماي، غۇلجا يەنىلا مەزكۇر ھېچ قايسى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان مۇستەقىل ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي قىرغىقى خۇددى ئىككى دۆلەت كەبى ئوخشىمىغان دۆلەت بايرىقى، ئوخشىمىغان ئارمىيە ۋە دۆلەت ھەم ساقچى ئاپپاراتلىرى ۋە ئوخشىمىغان مائارىپ ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تەڭداش مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ناگاساكادىكى پارتلاش ئاۋازى گەرچە غۇلجىغا ئاڭلانمىغان شۇنىڭدەك بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 5-6 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئازادلىققا، ھۆرلۈككە تەشنا خەلقلەرنىڭ مىڭلىغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىسسىق قان بەدىلىگە قۇرۇلغان غۇلجا ھۆكۈمىتى ستالىننىڭ ئاتوم پىلانى ئۈچۈن بىلىپ-بىلمەي خىزمەت قىلدى. ستالىنغا ئىشەنگەن، ئۇنىڭدىن ئازادلىق ئۈمىدلىرىنى كۈتكەن غۇلجا رەھبەرلىرى سوۋەت ئىتتىپاقى كان خادىملىرىنىڭ كۆك توقاي ۋە ئارشاڭ قاتارلىق جايلارغا قايتىپ كېلىپ، جىددىي رەۋىشتە ئۇران قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان رادىئاكتىپلىق ماددىلار ۋە باشقا رودىلارنى قېزىشىغا، خەلق ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى ۋە “ئاتوم سىياسىي بىيورىسى”نىڭ رەئىسى بېرىيانىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدىكى سوۋېت ن ك ب د قوشۇنلىرى ئۆزى خالىغانچە ئارشاڭ ۋە كۆك توقايدىكى كان رايونىغا كىرىپ، تولۇق قوراللانغان ھالدا قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇگۇللاندى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئەشۇ سوۋېت دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 9887-نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئىجراسىنىڭ بىر مۇھىم قىسىمى ئىدى خالاس.

7. ئارشاڭ ۋە كۆك توقايدىكى قېزىش

دېمەك، ناگاساكى ۋە خىروشىمادىكى ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاش ئاۋازىدىن بىر ئاي كېيىن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە، 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق تېررىتورىيىدە جۇڭخۇئا مىنگو ھاكىمىيىتى يوق قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نامىدا بىرلىككە كەلگەن بىر يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى يولغا قويدى. سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە خادىملىرى جۈملىدىن ئۇران قازغۇچىلىرى موسكۋانىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى مەزكۇر ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئىلگىرى ئۆزلىرى تاپقان ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى مەنبەلىرىگە قايتىپ كېلىپ قېزىش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. ئەسلىدە، سوۋېت كان خادىملىرى 1935-يىلىدىن كېيىنلا شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىش نامىدا شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ، 1940-يىلى شېڭ شىسەي بىلەن ستالىن ئارىسىدىكى “كونسېسسىيە كېلىشىمى” دىن كېيىن ئىلىدا ئۆلكىلىك “گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى” قۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر ئىلگىرىكىدىن ئاكتىپ ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ئورگان ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىشلىرىغا ياردەمچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىغان ئىدى(60).

سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئارشاڭ تەۋەسىدە تېپىلغان “ۋولفرام” كانى دەپ ئاتالغان كان ئەسلىدە 1938-يىللىرى تېپىلىپ بېكىتىلگەن ھەمدە 1943-يىلىغا كەلگىچە ئىنجېنېرلار 60 قا، ئىشچىلار 3000 مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن 1943-يىلى مايتاغ نېفىتلىكى بىلەن تەڭ توختاپ قالغان(61) . شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئازاد قىلىنىش بىلەن تەڭلا سوۋېت گېئولوگىيە ۋە كان خادىملىرى ئارشاڭدىكى كاڭغا قايتىپ كېلىپ، جىددىي قېزىش ئىشلىرىغا كىرىشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارشاڭدىكى ۋولفرام كېنىنى قېزىش ئىشلىرى 1945-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدىن تارتىپ تاكى 1950-يىلىغىچە ھېچ توسالغۇسىز داۋاملىشىپ، ئىشچىلار ھەم تېخنىكا قوشۇنى ئىزچىل كۆپەيتىلىش بىلەن ئېرىشكەن مەھسۇلات سانىمۇ يىلدىن يىلغا ئاشۇرۇلغان.
ھازىرچە، سوۋېت تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى ئارخىپ ھۆججەتلىرى تېخى ئاشكارا بولمىغاچقا سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپىي شەكىلدە ئېلىپ بارغان مەزكۇر كان قېزىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىمۇ تولۇق ئەمەس. بىراق، گومىنداڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىگىلىگەن تولۇقسىز مەلۇماتلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى قوزغىلىڭىدىن كېيىنكى ئالاھىدە ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، ئارشاڭ تەۋەسىدىكى كان رايونىدا ” پۈتۈنلەي يېڭىچە قېزىش ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىپ، يەرلىك موڭغۇل، قازاق، ئۇيغۇرلاردىن 3000 دىن ئارتۇق ئىشچى يالاپ، ھەر كۈنى 825 جىڭ ، يىلدا 150 توننا كان مەھسۇلاتى قېزىپ چىقارغان. 1946-يىلى، كان ئىشچىلىرىنىڭ سانى بىر تۇمەنگە يەتكۈزۈلۈپ، 1945-يىلىدىكىدىن تەخمىنەن ئۇچ ھەسسە، قازغان كان مەھسۇلاتى تەخمىنەن 450 توننىغا يەتكۈزۈلگەن. 1947-يىلى كان ئىشچىلىرى 20 مىڭغا يەتكۈزۈلۈپ، 1945-يىلىدىكىدىن يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇلغان. قازغان مەھسۇلاتىمۇ مىڭ توننا دەپ پەرەز قىلىنغان . ئۈچ يىل ئىچىدە جەمئىي 1600 توننا كان مەھسۇلاتى قازغان( 62). مەزكۇر ھۆججەتتىكى ئۇچۇردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازغان كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرىنچى يىلى ئازراق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن ئارشاڭ قاتارلىق جايلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان ئىلى ۋىلايىتىنىڭ 1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە تولۇق ئازاد بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سوۋېتنىڭ بۇ جايدىكى گېئولوگىيىلىك ھەرىكىتىنىڭ تەخمىنەن شۇ يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئىككىنچىدىن دەسلەپكى يىلى ئىشچىلار سانىمۇ ئازراق بولغان.

گومىنداڭ غەربىي شىمال بارگاھىنىڭ 1948-يىلى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يوللىغان مەزكۇر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئارشاڭدىكى كان مەنبەسى ئۈچ جايغا جايلاشقان بولۇپ، بىرى ئارشاڭ ناھىيىسىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىغىستاي( چىكەسىتاي) رايونى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش پونكىتىدىن 30 كىلومېتىر يىراقتا بولۇپ، كان رايونىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىر، كەڭلىكى بىر كىلومېتىر. ئىككىنچىسى ئارشاڭ ناھىيىسىدىن 25 كىلومېتىر يىراقتىكى ۋە چىغىستاي رايونىنىڭ شەرقىدىن 22 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خۇسىتاي رايونى بولۇپ، كانلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن 2400 دىن 2800غىچە بولغان تاغ ئارىسىغا جايلاشقان. ئۈچىنچى جۇلىكەن دەريا ساھىلىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 1800 دىن 2000غىچە ئېگىز بولغان تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى بىراق تەكشى بولۇپ، كان قازىدىغان جاي بىلەن كان كان مەيدانى ئارىسى يېقىنراق بولغان ( 63). ئارشاڭدا كان مەھسۇلاتلىرىنى ساقلايدىغان پونكىت شۇنىڭدەك كان رايونىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق كان ئىشلىرىغا كېرەكلىك بولغان ئەسلىھەلەرنى قۇرغان.

گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتى قىسقا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا مەزكۇر كان رايونىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىدىن باشقا يەنە قانچىلىك زاپاس بارلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىرنچى كان رايونىدا 1050 توننا، ئىككىنچى كانلىقتا 2350 توننا، ئۈچىنچى كانلىقتا 5600 توننا بولۇپ، جەمئىي 9 مىڭ توننا كان مەھسۇلات زاپىسى بارلىقى قەيت قىلىنغان(64). گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتنى نەدىن ئالغانلىقى ۋە قانداق ئىگىلىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، ئەلۋەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈپ يۇقىرىقى سانلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشى تېخىمۇ رېئاللىقتىن يىراق بولۇپ، بەلكى ئۇلار بۇ يەردە 1943-يىلىدىن ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيگە ئاشكارا قىلغان سانلىق مەلۇماتىنى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ۋە قانچىلىك زاپىسى بارلىقى ھەققىدە شېڭ شىسەيگە راستچىل مەيداندا تۇرۇپ مەلۇمات بەرگەنمۇ يوق، بۇنىسى نامەلۇم. چۈنكى، زاتەن شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا تۈزۈلگەن 1940-يىلى، 26-نويابىردىكى “كونسېسسىيە كېلىشىمى” مۇ مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، موسكۋا بۇ ھەرىكىتىنى باشتىن ئاخىرى مۇتلەق مەخپىي تۇتقان.

گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ توپلىغان بۇ مەلۇماتلىرىمۇ پەرەز ۋە تەخمىن قىلىش تۈسىنى ئالغانلىق ئېھتىماللىقى زور. گەرچە، 1946-يىلى 7-ئايدىن تاكى 1947-يىلى 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە ھەربىي-سىياسى، مەمۇرىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن كىرىپ، ئۇنى ئۈرۈمچى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى ئەمەلگە ئاشمىغان، ئۈچ ۋىلايەت يەنىلا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرگەن. ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى ئىلى تەرەپ گومىنداڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەتنى ئىگىلىشىگە يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن گومىنداڭ ئىلىنى “ئالاھىدە بولۇۋالدى” دەپ دائىم ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نەنجىڭنىڭ مەزكۇر مۇستەقىل “ئالاھىدە رايون” ‘غا ئادەم ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى جۈملىدىن كان قېزىش ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، تولۇق سانلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 1947-يىلى ،8-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجىغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، قايتىدىن ئىلى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسى جىددىيلىشىپ، ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى بىر-بىرىگە قارشى جىددىي ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بۇ ھال تاكى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدىن تېخىمۇ زور مىقداردا كان مەھسۇلاتى ئالغانلىقى تەبىئىي. چۈنكى، ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋەسىدىكى ئارشاڭ 1947-1948-يىللىرىدىكى ئوسمان ۋە قالىبەك قاتارلىقلارنىڭ ئىسيانى ھەم بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن خالى بولۇپ، ۋەزىيەت مۇقىم بولغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ناھايىتى خاتىرجەم ھەم ئوڭۇشلۇق ھالدا كان قېزىشقا مۇۋەپپەق بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جايلار قازاقىستان چېگرىسىغا بەك يېقىن، ئىلىنىڭ باشقا ئادەم زىچ جايلىرىدىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئېرىشىلگەن مەھسۇلاتلارنى ھەتتا قورغاس ئارقىلىق ئېلىپ كېتىشمۇ ئاسانغا چۈشكەن ئىدى.

8. ئۆز يېرىنىڭ  بايلىقىنى قوغدىغان قازاق باتۇرلىرى

1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى دەسلەپكى قەدەمدە غەلىبە قىلىپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ،  1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئازاد قىلىنىش، 1945-يىلى، 10-ئايغا كەلگەندە تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىمۇ ئازاد قىلىنىپ،  تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى مەزكۇر ئۈچ ۋىلايەت بىر گەۋدىگە ئايلىنىش بىلەن تەڭ  باشلانغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر ئازاد رايونلاردىكى كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مېتاللارنى قېزىش ھەرىكەتلىرى ئارشاڭ تەۋەسىدە نورمال داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئالتاي تەۋەسىدە  بىر قاتار قارشىلىقلارغا  ئۇچرىدى.  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆكتوقايدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە   ئۇران كانلىرىنى  قېزىش پائالىيەتلىرى  ئىزچىل تۈردە  قازاقلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ،   بۇنىڭ بېشىدا ئوسمان ئىسلام قاتارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە بىر قىسىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتتىكى قەبىلە ئاق ساقاللىرى  تۇراتتى. بىراق، موسكۋا  ئوسمان ئىسلام تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان مەزكۇر قارشىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا پەرۋا قىلماي، قېزىش ئىشلىرىنى   قەتئىي  داۋاملاشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى  ھېسابتا ھەقىقىي قارشىلىق ئوسمان ئىسلامدىن ئەمەس بەلكى، شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىدىن كەلدى. قىسقىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1941-يىلىدىن تاكى 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  ئالتايدا ئېلىپ بارغان كان قېزىش ئىشلىرى گاھىدا شېڭ شىسەي، ئوسمان ئىسلام ۋە گومىنداڭ تەرىپىدىن قارشىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى موسكۋا بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلىق ئورناتقان بولسىمۇ، بىراق ئوسمان ئىسلام موسكۋانىڭ ئالتاينىڭ كان بايلىقلىرىنى ئېلىپ كېتىشىگە باشتىن ئاخىرى قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ھەتتا ئۇنى توسۇش ئۈچۈن قاتتىق ۋاسىتىلەرنىمۇ قوللىنىش ئارقىلىق ستالىن، بېرىيا ۋە مولوتوۋ قاتارلىق سوۋېت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە  بىۋاسىتە دىققەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمەلىيەتتە، ئوسماننىڭ قارشىلىقى ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كوممۇنىزمغا قارشى ئىدىيىسى ۋە ئۆزىدىكى قازاق مىللەتچىلىك  روھى ھەمدە  سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىنى ۋەدىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوسماننىڭ قارشىلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرقى ھېسابتا ستالىن ئۆزى بىلەن بىر مەزگىل ئىتتىپاقلاشقان مەزكۇر “باتۇرنى” كۆزدىن يوقىتىشنى قارار قىلدى. ماقالىمىزدە تەكىتلەۋاتقان مەركىزىي نۇقتا، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆكتوقايدا كان قېزىش ئىشلىرىنىڭ ئوسمان ئىسلام تەرىپىدىن قارشىلىققا ئۇچرىشىنىڭ مەلۇم تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى بار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قازاقلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق كەيپىياتى  شېڭ شىسەي دەۋرىدىلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.     1940-يىلى ۋە 1941-يىلى كۆكتوقاي قازاقلىرى ئىككى قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ،  شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى بىئارام قىلدى. كۆكتوقايدىكى قازاقلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى موسكۋا بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا تۈزۈلگەن، بىز ماقالىمىزنىڭ باش قىسمىدا تەكىتلەپ ئۆتكەن  ئەشۇ مەخپىي كېلىشىم بويىچە سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ 1941-يىلى 5-ئايدا كۆكتوقاي تەۋەسىدە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ، بۇ يەردىن  قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تېپىپ، قېزىش ئىشلىرىغا  كىرىشكەن ھەمدە بۇنىڭغا  3000 دىن ئارتۇق يەرلىك ئاھالىنى ئەمگەككە  سالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 1941-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا شېڭ شىسەي  ئالتاي ۋىلايىتىگە “كۆكتوقايدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن رۇس ئىنجېنېرلىرى  كېلىپ ئىشلەيدۇ. قېزىش ئىشلىرىنى ئىشلەشكە سىرتتىن ئېلىپ كېلىدىغان ئەمگەك كۈچى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن  شۇ يەردىكى قازاقلاردىن 8000 ئادەم ئىشقا سېلىنسۇن”  دېگەن بۇيرۇقى كېلىدۇ(65).شېڭ شىسەي يەنە “ئالتۇن قازغۇچىلار ” دېگەن ناملاردا كۆكتوقاي قاتارلىق جايلارغا ئۆز ھەربىي قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. پاتىخان سۇگۇربايېۋنىڭ ئەسلىشىچە، 1941-يىلى 4-ئايدا، بىرىنچى نۆۋەتتە،  كۆكتوقايغا 300،چىڭگىلگە 200 ئادەم “ئالتۇن قازغۇچىلار” نامى بىلەن   يېتىپ كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ، ئارىدىن يەنە بىر قانچە ئاي ئۆتمەيلا كۆكتوقايغا 400، چىڭگىلغا  200 “ئالتۇن قازغۇچى” كېلىپ ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئىككى قېتىمدا ئىككى ناھىيىگە كەلگەن “ئالتۇن قازغۇچىلار”نىڭ سانى 1100 دىن ئېشىپ كەتكەن(66). ئوسماننىڭ مەسلىھەتچىسى لاتىپنىڭ ئەسلىشىچە، مەزكۇر ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇلاردىن ئىبارەت (67). ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ “ئالتۇن قازغۇچىلار” نىڭ ماشىنا-ماشىنىلاردا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىرى جوتو، گۈرجەك بولماستىن بەلكى ئەكسىچە پىلىموت ۋە مىلتىققا ئوخشاش ھەربىي ئەشيالار ئىدى. بۇ ئادەملەر كېلىپلا، مەخپىي تۇتۇش ۋە بۇلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.  كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى كادىرباي مەزكۇر ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەربىي قورال-ياراقلار ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئالتۇن قازغۇچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ. كۆكتوقاينىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى راھەت بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىپ قېچىپ كېتىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇنى ئادەتتىكى قازاق ساقچىلىرى ئەمەس بەلكى 200 دىن ئارتۇق “ئالتۇن قازغۇچى”  تۇشمۇ-تۇشتىن ئىزدەيدۇ ھەمدە قازاقلارنىڭ 30 غا  يېقىن يىلقىسىنى تارتىۋالىدۇ(68).   بۇ ۋاقىتتا يەنە  “شېڭ شىسەي  ئالتاينى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىۋەتتى ” دېگەن  سۆزلەرمۇ تارقالغان بولۇپ، كۆكتوقايدىكى قازاق قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن خەلىل تەيجى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى مۇئاۋىن ھاكىم راھەت   بىر قىسىم ئادەملەرنى تەشكىللەپ، شۇ يىلى 6-ئايدا ئىككىنچى قېتىملىق كۆكتوقاي قوزغىلىڭىنى قوزغىدى(69) . ئۇلار شېڭ شىسەينىڭ  1940-يىلى 10-ئايلاردا كۆكتوقاي قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن تۈزگەن ئالتە تۈرلۈك كېلىشىمگە رىئايە قىلمىغانلىقى، كېلىشىم بويىچە شېڭ شىسەينىڭ ئالتايدىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن  بەرىبىر ۋەدىسىدە تۇرماي يەنىلا ئۆز قوشۇنىنى قايتىدىن  ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئۈستىدىن تۇتقۇن قىلىش ۋە بۇلاشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشتى.  راھەت قاتارلىقلار باشلىغان كۆكتوقايدىكى قوزغىلاڭچىلار  سوۋېت كانچىلىرىنى قوغداۋاتقان 300 دىن ئارتۇق شېڭ شىسەي ئەسكىرى ۋە سوۋېت كانچىلىرىغا ھۇجۇم قوزغايدۇ. 1941-يىلى، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سوۋېت كان تەكشۈرۈش خادىملىرىدىن 56 ئادەم 20 ماشىنا بىلەن كۆكتوقايدا   راھەت باشچىلىقىدىكى بىر توپ قوزغىلاڭچىلارنىڭ  ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر قانچە ماشىنا كۆيدۈرۈلگەن ۋە گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بانىئانكوۋ قاتارلىق بىر قانچە كىشى ئۆلتۈرۈلىدۇ (70) .قوزغىلاڭچىلار  سوۋېت كانچىلىرى بىلەن قوشۇپ 300 دىن ئارتۇق شېڭ شىسەي ئەسكىرىنى تەل-تۆكۈس يوقىتىدۇ (71).  شېڭ شىسەي  بىر ياقتىن سۈلھى-سالا باشلاپ، قازاقلارنى قورال تاشلاشقا كۆندۈرۈشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن  ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن 4000 دىن ئارتۇق قوشۇن يۆتكەپ، ھەربىي ھۇجۇم تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بىلەن شېڭ شىسەي قوشۇنى ئارىسىدا كۆپ قېتىم  جەڭلەر يۈز بېرىپ، قازاق قوزغىلاڭچىلىرى زور چىقىم تارتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بىر قىسىم  رەھبەرلىرى شېڭ شىسەي ئەۋەتكەن   جانىمقان قاتارلىق قازاق تۆرىلىرىنىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسەملىرىگە ئىشىنىپ،  تەسلىم بولۇپ قورال تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر شېڭ شىسەينىڭ قولىغا چۈشۈپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە ئۆلتۈرىلىدۇ.  شۇنداق قىلىپ، ئالتاي قازاقلىرىنىڭ 2-قېتىملىق قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولىدۇ. ئوسمان ئىسلام گەرچە ساۋاتسىز بولسىمۇ، ئەمما ئىرادىسى مۇستەھكەم ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن  جانىمقاننىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشەنمەي، تەسلىم بولماستىن  بىر قانچە ئادىمى بىلەن قېچىپ كېتىپ پاناھلىنىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ . شېڭ شىسەيگە ۋاكالىتەن قوزغىلاڭچىلارنى ئەل قىلىشقا كەلگەن دەلىلقان سۇگۇربايېۋ بولسا، بىر قانچە مەزگىلدىن كېيىن ئالتايدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، 1941-يىلىنىڭ 10-ئايلىرىدا سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ يوشۇرۇشى بىلەن جېمىنەي ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى بىلەن 3-قېتىملىق ئالتاي قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئومۇمەن، بۇ ۋاقىتتا پەقەت ئوسمان بىلەن دەلىلقاندىن ئىبارەت  ئىككى مەشھۇر ئادەم ساق قېلىپ، كېيىنكى قوزغىلاڭ رەھبىرى بولۇپ قالىدۇ. ئوسماننىڭ ھاياتى چۆل-جەزىرىلەر ۋە تاغ-دالادا يوشۇرۇنۇپ، كۈچ توپلاش بولسا، دەلىلقاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىككى يىللىق ھاياتى ھازىرغىچە سىر سۈپىتىدە تۇرماقتا.  قازاقلارنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭى ئەمەلىيەتتە بىۋاسىتە شېڭ شىسەيگە قارىتىلغان بولۇپ، لېكىن شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەينىڭ  ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، مەزكۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان نارازىلىق ھەم دۈشمەنلىكنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئىدى. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەبلىرى بار. بىرىنچىدىن شېڭ شىسەي 1937-يىلىدىكى ئابدۇنىياز بەگ باشچىلىقىدا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا پارتلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭىنى  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن باستۇرغاندىن كېيىن، ستالىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان  “خەلق دۈشمەنلىرىنى  تازىلاش” ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋ د( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى) ئورگىنىنىڭ قوللىشى ۋە مەخسۇس ئەۋەتكەن خادىملىرىنىڭ ياردەملىرى بىلەن پۈتۈن ئۆلكە بويىچە  كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالدى ۋە ئۆلتۈردى. ئەنە شۇ قېتىملىق تازىلاشتا ئۇيغۇرلاردىن ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەدىلىرىگە  ئىشىنىپ، ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغان  خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھىمايە قىلىپ،  شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلاشقان قازاقلارنىڭ بىر قىسىم زىيالىيلىرى ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ تازىلاندى. 1939-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى  قىزىل ئارمىيىنىڭ بىر نەپەر قازاق ھەربىي خادىمى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، ئالتايغا قېچىپ كەتتى دەپ، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى تۇتۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.  شۇ يىلى 9-ئايدا شېڭ شىسەي پۈتۈن ئۆلكە بويىچە قازاق، قىرغىز، موڭغۇل قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، قازاقلارنىڭ ئەل باشلىقلىرى، قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن بولۇپ، 40 نەچچە ئادەمنى ئۈرۈمچىگە قۇرۇلتايغا چاقىرتىپ  نەزەربەند قىلىپ قويدى (72). ئارقىدىنلا ئالتاي تەۋەسىدىن يەنە 400 دىن ئارتۇق قازاق ئاق ساقاللىرىنى سارسۇمبە شەھىرىگە يىغىپ، نەزەربەند قىلدى ھەمدە قازاقلارنىڭ ھەر خىل قوراللىرىنى ھەتتا كەكە-پالتا-پىچاققىچە بولغان ئائىلە قوراللىرىنىمۇ يىغىش ھەرىكىتى باشلىدى(73). شېڭ شىسەي دائىرىلىرى  قازاق ئاق ساقاللىرىنى  خەلق قولىدىكى بارلىق قوراللارنى يىغىپ بېرىشكە قىستىدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان شېڭ شىسەي  ئالتاينىڭ ۋالىسى ۋە قوشۇمچە گارنىزون قوماندانى شەرىپقانغا  ” ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت قۇرماقچى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللاندى” دېگەندەك بىر قاتار جىنايەتلەرنى ئارتىپ، باشقا بىر قىسىم قازاق تۆرىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى . بۇ ۋاقىتتا يەنە  قازاقلارنىڭ گەنسۇ، چىڭخەي تەرەپكە قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، شېڭ شىسەي ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوشۇن ئەۋەتىپ ئوخشاشلا قانلىق باستۇردى.  ئومۇمەن، شېڭ شىسەينىڭ پۈتۈن ئۆلكە بويىچە جۈملىدىن ئالتاي تەۋەسىدىكى  تازىلاش   ھەم  باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن  مەسلىھەتچىلەر ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە قۇرغان ئامانلىق ساقلاش ۋە سىياسىي قوغداش ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مۇقەررەر .  ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە  قازاقلارنىڭ 1940-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق   شېڭ شىسەيگە قارشى  قارشى  قوزغىلىڭى جەريانىدا  سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە  ياردەم بەرگەن بولۇپ،  سوۋېت ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى  شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ئارمىيىسىنىڭ  قوزغىلاڭچىلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى ھەمدە   تاشقى موڭغۇل ئارمىيىسىنىڭ چېگرىدا  قوزغلاڭچىلىرىنى توسۇشىغا قوماندانلىق قىلغان(74). بۇ ئەھۋاللار قازاقلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن نارازى بولۇش كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىدىكى يەنە بىر تەرەپ بولۇشى مۇمكىن.ھەقىقەتەن، شېڭ شىسەينىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، 1943-يىلى،قازاقلارنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگىچە  بولغان ئارىلىقتا ئالتاي تەۋەسىدىكى قازاقلار ئارىسىدا ئوسمان ئىسلام ۋە دەلىلقان سۇگۇربايېف بىلەن تەڭلەشكىدەك يۇقىرى ئابرويلۇق كىشى قالمىغان بولۇپ،  مەشھۇر قەبىلە ئاق ساقاللىرى، تەيجىلىرى، زىيالىيلىرى ۋە  باتۇر ئادەملىرى  شېڭ شىسەينىڭ قولىدا ۋەيران بولۇپ تۈگەشكەن  ئىدى.ئىككىنچىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيگە ياردەم بەرگەنلىكى شۇنىڭدەك ئەسلىدىن  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىغان قازاقلارنىڭ رەھبىرى شەرىپقان قاتارلىق كۆپلىگەن  زىيالىيلار ۋە قەبىلە ئاق ساقاللىرىنىڭ شېڭ شىسەي  تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشىغا ھەم ئۆلتۈرۈلىشىگە ماسلاشقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ قىلمىشلىرى قازاقلارنىڭ قەلبىدە يارا پەيدا قىلغان ئىدى.  قەبىلە ئاق ساقاللىرى، مۆتىۋەرلەر، بولۇپمۇ  سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ گراجدانلار ئۇرۇشى،  كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش ھەمدە ئاچارچىلىق ۋەقەلىرى  جەريانىدا بولشېۋىكلار  ھاكىمىيىتىدىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى خالىماي، ئالتايغا قېچىپ كېلىپ ماكانلاشقان يۇقىرى قاتلامغا مەنسۇپ  قازاقلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن چوڭقۇر ئۆچمەنلىك ھەم نارازىلىق كەيپىياتلىرى مەۋجۇت  بولۇپ،  ئۇلارنىڭ بۇ خىل سوۋېتكە قارشى  ئىدىيىسى  يۇقىرى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى قازاق جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايتتى. بىزنىڭ بۇ  ھۆكۈملىرىمىزنى ئوسمان ئىسلامنىڭ  1947-يىلى، قىشتا  گۇچۇڭدا  سوڭ شىلەن بىلەن سۆزلەشكەندە ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ:”بىز شىنجاڭدىكى قازاقلار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدىغان قازاقلار ئەزەلدىن قانداش، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابتىن   كېيىن رۇسىيە تەۋەسىدىكى قازاقلارنى دەھشەتلىك باستۇردى. بىرمۇنچە كىشىلەر قىرىلدى .  مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. دىنى ئېتىقادتىن ، مەھرۇم قىلىندى . ھازىر شىنجاڭدا ياشاۋاتقان بەزى قازاق قەبىلىلىرى رۇسىيىدىن قېچىپ كەلگەن، شۇڭا بىز قازاقلار سوۋېتتىن بەك قورقىمىز ۋە سوۋېتكە بەك ئۆچ “(75).دېمەك،  قازاقلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىيات  بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ ئالتايدا پەيدا بولۇشى ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى، قازاقلار ئارىسىدا  شېڭ شىسەي بۇ جاينى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى دەيدىغان چۈشەنچىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ ۋەجىدىن قازاق قوزغىلاڭچىلىرى ھېچ ئىككىلەنمەيلا سوۋېت ئىتتىپاقى خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ئالتاي قازاقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان ئىدى.

9.  چويبالساننىڭ ۋەدىسى ئۈچۈن تۆلەنگەن  بەدەل

   2-قېتىملىق كۆكتوقاي قوزغىلىڭى پارتلاپ، سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرى قازاقلارنىڭ تۇيۇقسىز ئاتقان ئوقلىرىغا يەم بولغانلىق خەۋىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ رەھبىرى، ستالىنغا تۇنجى قېتىم ئاتوم بومبىسى ياساش تەكلىپىنى بەرگەن بېرىيانى چۆچۈتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا يېڭى باش ئاغرىقى پەيدا قىلىپ يەنە 16 كۈندىن كېيىن، يەنى، 1941-يىلى، 22-ئىيۇن ، تاڭ سەھەردە  گىتلېر ئارمىيىسىنىڭ  برېتىس قورغىنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن باشلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان  ئومۇمىي يۈزلۈك  ھۇجۇملىرى تاتلىق ئۇيقىدا ياتقان ستالىننى چۆچۈتىۋەتتى. موسكۋادىن تەخمىنەن تۆت مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغلىق شەھەر ئۇرۈمچىدە   ستالىنغا مۇرتلىققا قول بېرىپ، سەككىز يىلدىن بېرى  ئۇنىڭ  قونچىقى بولغان  شېڭ شىسەيمۇ بۇ دەھشەتتىن ئەندىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى ۋە دەرھال ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى پىلانىغا تۇتۇش قىلدى. ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە ئۇلۇغ دۆلەت دەپ ئاتىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قانچە مىليون كىشىلىك قىزىل ئارمىيىسىنىڭ گىتلېر ئارمىيىسى تەرىپىدىن قىسقىغىنا بىر قانچە ئاي ئىچىدە يوقىتىلىشى، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ چاقماق تېزلىكىدە موسكۋا بوسۇغىسىغا يېتىپ كېلىشى شېڭ شىسەينىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە مەقسىتىنىڭ ئاشكارىلىشىغا سەۋەب بولدى. شېڭ شىسەينىڭ  ئۆزى بىلەن ھېچقانداق  قانداشلىق، مىللەتداشلىق ئورتاقلىقى بولمىغان، گرۇزىن قېنىغا مەنسۇپ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دىكتاتورى ھېسابلانغان يوسىف  ستالىننىڭ ئالدىدا بەرگەن ماركىسىزم-لېنىنىزمنىڭ  سادىق مۇرىتى بولۇش قەسەميادىنىڭ  پەقەت شەرقىي ئاسىيا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، كونا ئەنئەنىسى، يەنى ھوقۇق ۋە خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ياتلارغا  يار بولۇپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك شاپىلىقى بىلەن قانداشلىرىنىڭ يۈزىگە سېلىش تاكتىكىسىنى  ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈنلا  ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويدى. قىسقىسى، شېڭ دۇبەن دوستى ستالىننىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە بەرىبىر ئۆزى بىلەن قانداش، ئەمما كونا رەقىبى  جاڭ كەيشى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ، ئۆزىنى ماركىسىزمچى ئەمەس بەلكى ، سۇنجوڭشەننىڭ ” ئۈچ مەسلىكى”نىڭ چوقۇنغۇچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ  جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىدىن  خۇپىيانە ھالدا  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي تەسىرىنى بۇ ئۆلكىگە باشلاپ كىرگەنلىكى ھەتتا سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىدىن ئىبارەت جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن،  سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قاتتىق مەيدانىنى ئىپادىلىمەي بولمايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلكىدىكى زومىگەرلىكى،  شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى خالىغانچە قېزىپ ئېلىپ كېتىپ، بۇ يەرنى خام ئەشيا بازىسىغا ئايلاندۇرىۋالغانلىقى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ  بارلىق تىرىشچانلىق بىلەن “شىنجاڭنى مەڭگۈ جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى سۈپىتىدە ساقلاپ قالغانلىقى” نى ئىسپاتلاشقا تىرىشتى (76).  جاڭكەيشىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلكىدىكى ئىمتىيازىنى تىكلەش ئۈچۈن، شېڭ شىسەينى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، ئۇنى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ “شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى” بويىچە ئىش كۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشكە بۇيرۇدى.      ھەقىقەتەن،   شېڭ شىسەي 1942-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئاشكارا مەيدانغا چىقتى. 1942-يىلى، 10-ئايدا  سوۋېت ئىتتىپاقى  بىلەن تۈزگەن ” كونسېسسىيە كېلىشىمى” نى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  كانچىلىرى ۋە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان خادىملىرى، ھەربىي، تېخنىكا خادىملىرىنى  ئۈچ ئاي ئىچىدە ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى (77). بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بۇنى رەت قىلىپ،  كەسپىي دىپلومات ۋە رازۋېتچىك گېئورگىي پۇشكىننى ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇللۇققا  ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەي بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنى ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، پۇشكىن شېڭ شىسەي بىلەن ئېلىپ بارغان  ئۇزۇن ۋاقىتلىق سۆھبەتتە ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتىن ياندۇرۇشقا  يەنە بىر  قېـىم تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق شېڭ قەتئىي پوزىتسىيىسىدە چىڭ تۇرىدۇ(78). ئاخىرى 1943-يىلى، 10-ئاپرىل كۈنى گېئورگىي  پۇشكىن شېڭ شىسەيگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق گېئولوگىيە خادىملىرى ۋە كانچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى توختاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى ۋە كانچىلىق  ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.        شېڭ شىسەي  بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 6-ئايغىچە  بارلىق كانچىلىرى ۋە گېئولوگىيە خادىملىرىنى ئېلىپ كېتىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.  پۇشكىن ئارقىدىن شېڭ شىسەي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇمۇلدىكى 8- پولكى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئەترىتىنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى، بىلدۈردى. نەتىجىدە، قۇمۇلدا  6 يىل تۇرغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى 5-ئاينىڭ14-كۈنىدىن ئېتىبارەن چېكىنىشنى باشلىدى. شېڭ شىسەي  جاڭ كەيشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەنە  ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابادىكى ئايروپىلان زاۋۇتىنى ھەمدە ئىلى، ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى  سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بارلىق ئالاقە سىستېمىسى ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى تاقاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  بۇ ئۆلكىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا بولغان كونتروللۇقىنى بىكار قىلدى (79). شۇنداق قىلىپ، 1943-يىلى، 5-ئايغا  كەلگەندە  سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا تىكلىگەن بارلىق ئىمتىيازلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالدى.   بۇ ۋاقىتتا  قازاقلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى كانچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى  ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتتا بولۇشى  شېڭ شىسەي ئۈچۈن پايدىلىق ئامىللار بولۇپ قالدى.  ئۇ، بىر تەرەپتىن قوشۇن ئەۋەتىپ،  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كان قېزىش ئىشلىرىنى قوغدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئوسمان باتۇرنىڭ ئادەملىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى كانچىلىرى ۋە تاشقى موڭغۇلىيە پۇقرالىرىغا پاراكەندىچىلىك  سېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتمىدى. شۇنچە كۈچ ئاجرىتىپ، 2-قېتىملىق قوزغىلاڭنى باستۇرۇپ، پۈتۈن ئالتاينى قايتىدىن تىنچلاندۇرالىغان  شېڭ شىسەي قانداقسىگە ھېچ بىر تايانچىسى بولمىغان، ئوسمان ئىسلام ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە ئادىمىنى يوقىتالمىدى ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئاجىز ھالەتتە تۇرغان ئوسمان بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تىنچلاندۇرۇش ۋە ئۆزىگە ئىشلىتىش  يولىنى تۇتتى؟ بۇ يەردىكى سەۋەب ئوسماننىڭ سوۋېتكە قارشى، كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسى شېڭغا كېرەك بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟ دېگەندەك سوئاللار قويۇلۇشى تەبىئىي. چۈنكى، شېڭ شىسەي، 1942-يىلىدىن كېيىن بىر قىسىم تۈرمىدە يېتىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەشەددىي دۈشمەنلىك ئىدىيىسى بار ئادەملەرنى قويۇپ بېرىشكە باشلىغان  بولۇپ، ئۇ، مەزكۇر ئادەملەرنىڭ  سوۋېتكە قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىدىن پايدىلانماقچى بولغان. ئەلىخان تۆرە قاتارلىق بىر قىسىم 1937-1938-يىللىرىدا قولغا ئېلىنىپ، ئۆلتۈرۈلمەي قالغان كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا  سوۋېتكە قارشى تەشۋىقات قىلىشلىرىنىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن بىراقلا چەكلەنمەسلىكى  ئەنە شۇنىڭ مىسالى بولسا كېرەك.    1943-1944-يىللىرىدا ئۆلكىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئابرويلۇق كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شېڭ شىسەي ھەم  گومىنداڭنىڭ تالىشىش ئوبيېكتىغا  ئايلانغان بولۇپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ، باشتا بۇ كىشىلەرنى زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ يۇقىرى ئابرويلۇق كىشىلىرىنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئىنتىلدى. 1942-يىلىدىن  باشلاپ، شېڭ شىسەيدىن ئۈمىد ئۈزگەن موسكۋا يەرلىك خەلقنىڭ ئەنە شۇ ئابرويلۇق ئادەملىرىنىڭ بۇرۇن سوۋېتكە قارشى تۇرغان تەرىپى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ، ئۇلارنى كۆزىتىپ، يېنىغا تارتىشقا كىرىشتى. چۈنكى، ستالىن شېڭ شىسەيدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدە بۇ كىشىلەرگە تايانماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، شېڭ شىسەي ۋە ياكى گومىنداڭ دائىرىلىرىمۇ  سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتا مەزكۇر كىشىلەرنى تەشۋىقات ۋاسىتىسى  قىلىشنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى . ئەنە شۇ ئېھتىياج تۈپەيلىدىن  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ  ئىلى، چۆچەك، ئالتاي ۋە باشقا جايلاردىكى  جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى ۋە يۈز ئابرويلۇق قاتلىمىغا مەنسۇپ زىيالىيلار، سودىگەرلەر، دىنىي زاتلاردىن تەركىپ تاپقان بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقان بولۇپ، ئىلى تەۋەسىدىكى “ئازادلىق تەشكىلاتى” ۋە  چۆچەكتىكى “مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش تەشكىلاتى” نىڭ ئەزالىرى شۇنىڭدەك جېمىنەيدىكى موللا ئىسلام ئىسمايىلوف قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىدى.  سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا  تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدا شېڭ شىسەيگە قارشى  جەڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىردىنبىر قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى  ئوسمان  ئىسلام قاتارلىق قازاق قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەشنى مۇھىم تاكتىكا سۈپىتىدە بېكىتتى . بۇ ۋاقىتتا ئوسماننىڭ  ۋەزىيىتى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، قازاق قوزغىلاڭچىلىرى  شېڭ شىسەينىڭ زور قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمى بىلەن تارمار  بولۇپ كەتكەن.  ئوسمان ، ئازغىنا ئادەملىرى بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئادەملىرى، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئانچە –مۇنچە بۇلاڭچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، شېڭ شىسەينىڭ ئوسمان ئۈستىدىن تارقاتقان “باندىت” دېگەن تەشۋىقاتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم بەرگەن ئىدى. ئۇ گاھىدا موڭغۇلىيە تەرەپكە ئۆتۈپ،  ئۇ جاينىڭ پۇقرالىرىنىمۇ بۇلاپ، ئارام بەرمەيتتى (80)،  ھەتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى كانچىلىرىغىمۇ  تەھدىت سېلىپ تۇراتتى. مۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوسماننى ئىزچىل كۆزەتكەن بولۇپ،  ئۇنى موڭغۇلىيە ئارقىلىق  ئەيۋاشقا كەلتۈرۈش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم موڭغۇلىيىگە قارشى تۇرماي، ئەكسىچە شېڭ شىسەيگە قارشى كەڭ كۆلەمدە كۈرەش قىلىدىغان  بىر سىياسىي يۆنىلىشكە ئىگە  ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نىشانىنى بېكىتكەن.       شۇنى تەكىتلەش مۇھىم ئەھمىيەتلىككى،    مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى  بىلەن  مەزكۇر ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى  مىللەتلەر  ئىچىدە ئالدى بىلەن موڭغۇللار مۇستەقىللىق جاكارلىدى. تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۇخاباتور ۋە چويبالسان قاتارلىق كوممۇنىستلار  رەھبەرلىكىدىكى موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ  لېنىن ۋە ستالىننىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ،  موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خەقلەرگە زور ئىلھام  بولدى. قىزىل موڭغۇلىيە  سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل ۋە باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلاردا  ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى  قوزغىشى ھەم ياردەم بېرىشىدا   “ئۈلگە” ھەم ” بازىلىق” رولىنى ئوينىغان بولۇپ،  پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ھەم ئاشكارا قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن مەزكۇر دۆلەتنىڭ موسكۋانىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىقى تەبىئىي ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېيىتقاندىمۇ تاشقى ئۆز قوشنىلىرىنىڭ  سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە ئۆزىگە قارشى  بولۇشىنى خالىمايتتى.    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  شېڭ شىسەيدىن ئۆچ ئېلىپ، يوقىتىپ قويغان تۈرلۈك تەسىرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشىدە موڭغۇلىيىنىڭ رولى ،جۈملىدىن ئۇنىڭ رەھبىرى چويبالساننىڭ رولى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇ  ستالىننىڭ كۈتكىنىدىن چىقتى.       تارىخىي شاھىدلار ئارىسىدا موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ ئوسمان ئىسلام بىلەن  ئالاقە ئورناتقان ۋاقىت ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار مەۋجۇت، بىر قىسىم ئۇچۇرلاردا 1942-يىلى 7-ئايدا موڭغۇلىيە تەرەپتىن تۇنجى قېتىم  مەخپىي ۋەكىل كەلگەنلىكى ئېيتىلسا (81)، يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا بۇ ئىشنىڭ 1943-يىلى  7-ئايلاردا بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ(82). لېكىن، پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موڭغۇلىيىنى ۋاسىتە قىلغان ئوسمان بىلەن بولغان تۇنجى ئالاقىسىنىڭ 1942-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا  باشلانغانلىقى  ئېھتىماللىققا يېقىن . تارىخىي مەلۇماتلاردا 1942-يىلى، موڭغۇلىيىدىن كەلگەن ۋەكىل ئوسمان ئىسلام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بۇلاڭچىلىق قىلماسلىقى ۋە شېڭ شىسەيگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ھۆكۈمەت قۇرۇشى كېرەكلىكىنى  بىلدۈرىدۇ. ئوسمان بۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي موڭغۇلىيە  بىر كىشىنى ئوسماننىڭ قوشۇنىغا مەسلىھەتچىلىككە ئەۋەتكەن(83).شۇ يىلى 9-ئايدا موڭغۇلىيىنىڭ ۋەكىللىرى  بىلەن ئوسمان ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخپىي سۆھبەتتە ، ئوسماننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئادەملىرى ۋە گېئولوگلىرىغا ھۇجۇم قىلماسلىق، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىگە قارشى تۇرماسلىقى شەرت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن   ئۇنىڭغا ئات ۋە چارۋىلارنى  قورال-ياراققا تېگىشىپ  بېرىش توختام قىلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە  36 مىلتىق، ئالتە يەشىك ئوق ئالماشتۇرۇپ بېرىلگەن(84).  بۇنداق ئالماشتۇرۇشلار كېيىنمۇ  بىر قانچە قېتىم داۋاملاشقان، نەتىجىدە موڭغۇلىيە ئاستا-ئاستا  ئۆز ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئوسماننىڭ قوشۇنىنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇنىڭ شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە موڭغۇلىيە ئارقىلىق  مەخپىي تۈردە ئوسماننى قوللىشىنىڭ مۇددىئاسى ئىككى خىل پىلاندىن   چىقىش قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچىدىن  ئوسمان ئىسلام ئارقىلىق قازاقلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ھېسابلانغان ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن كېرەك  بولغان ئۇران كانلىرىنى قېزىش ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كېلىدىغان توسقۇنلۇقلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان قارشىلىق كەيپىياتلىرنى تۈگىتىش. ئىككىنچىدىن، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈش ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان شېڭ شىسەينىڭ  سوۋېتكە قارشى سىياسىتىنى بىتچىت قىلىپ، ئۇنى ئۆلكە ھاكىمىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ھەم ئۇنىڭدىن  ئۆچ ئېلىشتا پايدىلىنىدىغان  تايانچىلارنى ھازىرلاش، ئاخىرىدا ئوخشاشلا شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى يوقىتىلغان ئالتاينى بەرپا قىلىپ، ئۇران كانلىرىنى قېزىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىسىدىن ئىبارەت ئىدى.     بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالتايدا   تېخى ئەمدىلا باشلىغان  ئىستراتېگىيىلىك كان  بايلىقلىرىنى قېزىش ئىشىنىڭ  شېڭ شىسەي تەرىپىدىن بىراقلا توختىتىپ قويۇلۇشى، موسكۋانىڭ ئاتوم بومبىسى ياساشتىن ئىبارەت مەخپىي ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي سانائەت پىلانىغا نىسبەتەن قاتتىق زەربە بولۇپ ھېسابلاندى. مانا شۇ بىر قاتار  ئەھۋاللار ئاستىدا  1943-يىلى 16-مايدا موسكۋادا ئېچىلغان سوۋېت  ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنىڭ  قارارىغا بىنائەن  كرېمىل رەھبەرلىرى  1943-يىلىنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن،  ئوسمان ئىسلام باشلىق قازاق قوزغىلاڭچىلىرىنى  مەخپىي قوللاش ھەم  شۇ ئارقىلىق قوزغىلاڭنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىشنى قارار قىلدى.  بىراق،  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ، ئوسمان ئىسلام باشلىق  قوزغىلاڭچىلار ۋە بىر قىسىم قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئالدىراپ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ،  بىر تەرەپتىن دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھىمايە قىلىدىغان ئالتايلىق ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىلىق قازاقلاردىن پايدىلانسا،  يەنە بىر تەرەپتىن موڭغۇلىيىنى ۋاسىتە قىلىپ، موڭغۇلىيە رەھبەرلىكىنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىپ، ئوسمان ئىسلام  بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى.1943 -يىلى 5-ئۆكتەبىردە  موڭغۇلىيە  تەرەپ ۋەكىلى بىلەن ئوسمان ئىسلام ئارىسىدا ئۇچرىشىش بولدى ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە موڭغۇلىيە تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئوسمانغا 27  مىلتىق ، 2600 پاي  ئوق، ۋە بىر قانچە مىڭ پاي ئوقى بىلەن 10 دانە ماۋزۇر ۋە ئاپتومات تەقدىم قىلىندى ( 85). بۇ ۋاقىتتا يەنە  موڭغۇلىيە تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە   “ئالتاي قازاق مىللىي گۈللىنىش كومىتېتى” دەپ ئاتالغان بىر سىياسىي تەشكىلات 1943-يىلى، 7-ئايلاردا قۇرۇلدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت، ئەينى ۋاقىتتا ئوسمان  ئىسلام بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلىپ، كېيىن تۈركىيىگە كېتىپ يەرلەشكەن قازاقلارنىڭ قارىشىچە، ئوسمان ئىسلام شۇ  يىلى ياز  ئايلىرىدا  خان بولغان (86).  ئەنگىلىيىلىك تارىخچى گودفرېلي لىئاس ئوسمان ئىسلامنىڭ 1943-يىلى، 22- ئىيۇندا ئالتاي خەلقلىرى يەنى قازاقلار ۋە مونغۇللار تەرىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ خانى دەپ  جاكارلانغانلىقىنى يازغان(87) .   ئوسماننىڭ ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن  دەلىلقان سۇرگۇربايېۋ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم پارتىزانلار شۇ يىلى 11-ئايلاردا  12 كىشىلىك سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى باشلاپ، موڭغۇلىيە ئارقىلىق چىڭگىل ناھىيىسىگە كىرىپ، ئوسمان بىلەن  بىرلەشتى( 88).    بۇ يەردە دەلىلقاننىڭ  ئوسمان ئىسلامنىڭ “قازاق گۈللىنىش كومىتېتىنى” قۇرۇش مۇراسىمىغا بىۋاسىتە  قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ، بەزى مەنبەلەردە بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدا دەلىلقاننىڭ بارلىقىنى يېزىشىدۇ. لېكىن، كۆپىنچە قازاق مەنبەلىرى بۇنى رەت قىلىدۇ. دەلىلقانىڭ ئوسماننىڭ موڭغۇلىيە مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇپ، ئۆزىنى ھەتتا خان دەپ جاكارلاپ بولۇشىدىن كېيىن، چىڭگىلدا پەيدا بولۇپ،  مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن قايتىدىن  پارتىزانلار،  قەبىلە ئاق ساقاللىرى، مۆتىۋەرلەر، موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چوڭ يىغىن چاقىرىلغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن. مەزكۇر كومىتېتنىڭ تەركىبىدە ئەدلىيە، مەدەنىيەت-تەشۋىقات، خەلق ئىشلىرى ۋە قوماندانلىق شىتاب قاتارلىق ئورۇنلار قۇرۇلۇپ، بارلىق پارتىزانلار 10 ئەترەتكە ئايرىلدى ھەمدە ئوسماننىڭ نامىدا سەككىز ماددىلىق خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ، ئالتايدىكى قازاقلارنى  ئىنقىلاب قوزغاپ، ئۆز ھۆكۈمىتى، ئۆز ئارمىيىسىنى قۇرۇشقا چاقىرىقى قىلدى(89).  ئوسمان ئىسلام ۋە دەلىلقان سۇگۇربايېۋ رەھبەرلىكىدىكى  “ئالتاي  قازاق مىللىي گۈللىنىش كومىتېتى” ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ موسكۋادا ئاچقان “شىنجاڭ مەسىلىسى”گە ئائىت مەخسۇس  يىغىنىدا ئېلىنغان قارارىنىڭ روھى  بويىچە  ھەر قايسى جايلاردا مىللىي گۈللىنىش ۋە مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، ھەرىكەت باشلاش پىلانى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،  دەلىلقان كەلگەندىن كېيىن مەزكۇر سىياسىي تەشكىلات بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيە مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرلەشمە مەسلىھەتچىلىكىدە ئىش ئېلىپ باردى. بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئاق رەڭلىك چېدىردا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار   “ئاق  ئوي” نىڭ كىشىلىرى ، موڭغۇلىيىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى كۆك رەڭلىك چېدىردا تۇرغانلىقى ئۈچۈن “كۆك  ئۆي” نىڭ كىشىلىرى  دەپ ئاتالدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە پوپوۋ ئىسىملىك رۇس  گېنېرال ، موڭغۇلىيىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە دورجى ئىسىملىك موڭغۇل گېنېرال  ئوسمان رەھبەرلىكىدىكى قازاق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىشلىرىغا ئاستىرىتتىن قوماندانلىق قىلدى(90).    ئوسمان ئىسلام بىلەن  موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشىغا ئەگىشىپ، 1944-يىلى 25- فېۋرال كۈنى  ئوسمان باتۇر موڭغۇلىيىنىڭ قوبدو ۋىلايىتىگە تۇتىشىدىغان  چىڭگىلنىڭ بۇلغىن دېگەن يېرىدىكى چېگرا يايلىقىدا   موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى، مارشال چويبالسان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  موڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئىۋانوۋ،  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بايقال فرونتىنىڭ قوماندانى رۇبىن شۇنىڭدەك موسكۋادىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ   رازۋېتكا ئەمەلدارلىرىدىن بىرى گېنېرال لاڭفاڭ، موڭغۇلىيە  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شاگورجان ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى گرېدىيېۋ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى(91).

ۋاقىتتا  ئوسمان ۋە دەلىلقان باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار  شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ئارمىيىسى ۋە  گومىنداڭ  ئارمىيىسى بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلىپ،  دۈشمەننى   چىقىمدار قىلغان  بولسىمۇ، لېكىن  گومىنداڭ ھۆكۈمىتى  ھەر قايسى جايلاردىن كۆپ ساندىكى تانكا-برونېۋىك، ئاتلىق ۋە پىيادە قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى موڭغۇلىيە تەۋەسىگە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى. گومىنداڭ قوشۇنى ئوسماننى موڭغۇلىيە چېگرىسىغىچە قوغلاپ كەلگەندە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى دەرھال توختاشقا، بولمىسا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىدىغانلىقى  بىلەن ئاگاھلاندۇردى(92).  ئوسمان بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ئۇرۇش  جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى كۆپ قېتىم شېڭ ۋە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ،  جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈردى(93).  قىسقىسى، بۇ ۋاقىتتا ئوسمان ئىسلام رەھبەرلىكىدىكى قازاق قوزغىلاڭچىلىرى تاشقى موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ   ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئوسمان بىر قانچە مىڭ قازاق ئاھالىسىنى موڭغۇلىيە تەۋەسىگە ئېلىپ كەتكەن. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئەگەر تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى ئاڭلىماي، چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئوسمان ئىسلامغا زەربە بەرسە، موڭغۇلىيىنىڭ ئارقىسىدا قۇدرەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇرغانلىقىنى، نەتىجىدە ئاقىۋەتنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى ھەس قىلىپ، موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئايروپىلانلىرىنىڭ  شېڭ شىسەي ۋە دۆلەت ئارمىيىسىنى بومباردىمان قىلىشىغا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.    ئوسمان ئىسلام بىلەن چويبالسان ۋە باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن ئىككى ھەپتە كېيىن، يەنى، 1944-يىلى،  5-مارت كۈنى ،  چويبالسان ئوسمان باتۇر بىلەن يەنە  ئايرىم كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئۆتكۈزدى. چويبالسان بۇ ئۇچرىشىشتا ئوسمانغا موڭغۇلىيە ئالتاي قوزغىلاڭچىلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس ھەربىي گۇرۇپپا قۇرۇلغانلىقى شۇنىڭدەك ئالتاي قازاقلىرىنىڭ ۋاقىتلىق مۇستەقىل ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى، ئوسمانغا “باتۇرخان” ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلدى(94). بۇ سۆھبەتتە  يەنە چويبالسان ئالتاينى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، موڭغۇلىيىنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ۋەدە بەرگەن(95). ئەينى ۋاقىتتا  چويبالساننىڭ ئوسمان بىلەن كۆرۈشۈشى، موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  ئوسمانغا ياردەم بېرىشى مۇتلەق مەخپىي ھەرىكەت بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ ئىشنى مەخپىي تۇتقان. بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، موڭغۇلىيە تەرەپ ( ئەمەلىيەتتە سوۋېت تەرەپ) ئوسمان ئىسلامغا  395 مىلتىق، 200 مىڭ پاي ئوق، 30 يېنىك پىلىموت، ئالتە ئېغىر پىلىموت، 45 ئاپتومات ۋە  ئىككى مىڭ دانە گرانات  بەردى (96) .  بۇ قوراللارنىڭ ھەممىسى  موڭغۇلىيە   خەلق ئىنقىلابىنىڭ ۋاپات بولغان رەھبىرى سۇخباتۇرنىڭ ئوغلى- موڭغۇلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گالسىن تەرىپىدىن 100 دىن ئارتۇق تۆگە بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىلدى.   بۇ  سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ھەم  رازۋېتكا ساھەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىنىڭ   تۇنجى قېتىم ئوسمان  بىلەن كوللېكتىپ ھالدا شۇنىڭدەك ئايرىم  ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چويبالسان-ئوسمان سۆھبىتىدىن كېيىن، ئوسماننى قورال-ياراقلار  بىلەن تەمىنلەشكە بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقى مەسئۇل بولغان.  ئىلگىرى بېرىلگەن ئاز ساندىكى قورال-ياراقلار پەقەت سىمۋول خاراكتېرىنى ئالغان شۇنىڭدەك  موڭغۇلىيە تەرەپتىن تەمىنلەنگەن بولسا، بۇ قېتىم ستالىن ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە    تۇنجى قېتىم زور مىقداردىكى ھەر خىل قورال-ياراق ۋە ئوق-دورىلارنى قازاق قوزغىلاڭچىلىرىغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن  قازاقلارنىڭ ئازادلىقىنى قوللايدىغانلىق ۋەدىسىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئىشەندۈرگەن ئىدى.     چويبالساننىڭ ئوسمان بىلەن ئۇچرىشىشى  ستالىن، بېرىيا، مولوتوۋ قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،  بۇ ئۇچرىشىشتىن بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى، يەنى 1944-يىلى، 21- يانۋار كۈنى چويبالسان موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، كرېمىل سارىيىدا ستالىن بىلەن كۆرۈشكەندە مەخسۇس  جۇڭغارىيە ۋە ئىچكى موڭغۇلدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ، ئەنە شۇ سۆھبەتتە  چويبالساننىڭ ئوسمان  بىلەن ئۇچرىشىشى ھەمدە ئۇنى قورال –ياراق بىلەن تەمىنلەش قارار قىلىنغان بولۇپ، ئەگەردە ستالىننىڭ قارارى بولمىغان بولسا ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 16 –جۇمھۇرىيىتى كەبى ھالەتتە تۇرىۋاتقان موڭغۇلىيە رەھبىرىنىڭ ئۆزى خالىغانچە  ئوسمان بىلەن ئۇچرىشىش ھەم ئۇنى قورال بىلەن تەمىنلىشى ھەتتا ئالتاينى مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ۋەدىسىنى بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى(97). بىراق،  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپلىرى ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان رۇسىيە تارىخچىسى ئاناتولىي بارمىن ئالتايدىكى سوۋېت كونسۇلى ف. مىخايلوۋنىڭ ئوسمان ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتىغا تايىنىپ تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  تاكى 1944-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ئوسمانغا ياردەم بەرمىگەنلىكى، پەقەت بۇنىڭدىن خېلى كېيىنلا بۇ ھەقىقىي ياردەم بېرىلگەنلىكى، ئوسماننىڭ ئەنە شۇ ياردەملەر بىلەن كۈچلىنىپ، سېنتەبىر ئايلىرىغا كەلگەندە سارسۇمبە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ(98). بارمىننىڭ تەھلىلىدىن قارىغاندا،  بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەقىقىي ياردىمى پەقەت چويبالسان بىلەن ئوسماننىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن باشلانغان شۇنىڭدەك  ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، مىخايلوۋنىڭ ئىككىنچى دوكلاتى ماي ئايلىرىدا، يەنى چويبالسان بىلەن ئوسمان كۆرۈشۈپ ئىككى ئايدىن كېيىن بولغان.    چويبالساننىڭ ئوسمان بىلەن ئۇچرىشىشى ھەمدە ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىلىرى  قازاق قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقىدا شەك يوق. شۇنىڭدىن كېيىن،   موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  قوزغىلاڭچىلارغا كۆرسىتىدىغان ماددىي ۋە  مەنىۋى، بولۇپمۇ  ھەربىي ياردەملىرى تېخىمۇ ئاشتى . زور ساندىكى قورال-ياراقلار يەنە داۋاملىق يەتكۈزۈلۈپ تۇردى. مەسىلەن. 1944-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە 350 مىلتىق، 100 ئاپتومات، 20 ئېغىر پلىموت، 30 يېنىك پلىموت، 6 مىناميوت، 2 دانە تانكا ئاتار، 100 يېشىك گرانات ۋە 500 يېشىك ئوق-دورا  يەتكۈزۈپ بېرىلدى 99)).   ئۇزۇن ئۆتمەي، موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوسمان ئىسلامنىڭ قوشۇنى 1700 دىن ئارتۇق   ئېغىر-يېنىك  پىلىموت، ئاپتومات، مىلتىق قاتارلىق  ھەر خىل قورال-ياراقلار بىلەن قوراللىنىپ، ياخشى ھەربىي مەشىقلەردىن كېيىن دۈشمەنگە زەربە بېرىش كۈچى ھەم جەڭگىۋارلىقى  تېخىمۇ ئاشتى(100). گومىنداڭ قوشۇنلىرى  قوزغىلاڭچىلارنىڭ موڭغۇلىيە تەۋەسىدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن،  بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن پۇرسەت ياراتتى.    ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن،  ئوسمان ۋە  دەلىلقان رەھھەرلىكىدىكى  قوزھىلاڭچىلار كۆپ قېتىم كۆكتوقاي، چىڭگىل ۋە باشقا جايلارغا ھۇجۇم قوزغاپ، زەربە بېرىش دائىرىسىنى شىمالدىكى ئالتاي تاغلىق رايونلىرىغا كېڭەيتتى. بۇ ئۇرۇشلارغا سوۋېت ۋە موڭغۇلىيىلىك مەسلىھەتچىلەر قوماندانلىق ئىشلىرىغا  بىۋاسىتە قاتناشتى.كرېمىل ۋە ئۇلانباتورنىڭ كۆرسەتكەن ھەربىي، ماددى ۋە مەنىۋى ياردەملىرى نەتىجىسىدە ئوسمان باتۇر رەھبەرلىكىدىكى  قازاق قوزغىلاڭچىلىرى ھەربىي ساپا، تاكتىكا  ھەم قورال-ياراق جەھەتلەردىن  كۈچلىنىپ،  دۈشمەننىڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرىغا تاقابىل تۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا سەپ تارتىپ ھۇجۇم قوزغىيالايدىغان سەۋىيىگە يېتىپ، ئۇلارنى كوپ زەربىگە ئۇچراتقان بولغاچقا،  بۇ ئەھۋال پۈتۈن ئالتاي تەۋەسىدىكى قازاق ھەم باشقا مىللەتلەرنىڭ كۈرەش روھىغا ئىلھام  بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئالتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېگرىداش ناھىيىلىرىدىن  قاباھ، جېمىنەي قاتارلىق جايلاردىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا قوراللىق ھەرىكەتلەر باشلانغان بولۇپ، 1943-يىلى،7-ئايدا ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن موللا ئىسلام ئىسمايىلوفنىڭ سوۋېت تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇرغان “ئازادلىق ئۇيۇشمىسى” ۋە  جېمىنەي ئۇيغۇر پارتىزانلىرى ئەترىتى  ئالتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم قوراللىق گۇرۇپپا سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلدى. موللا ئىسلام شاڭزوڭنىڭ يەرلىك قازاق ۋە موڭغۇل تۆرىلىرى، قەبىلە ئاق ساقاللىرىنى ئىنقىلاب قىلىشقا دەۋەت قىلىشىنىڭ نەتىجە بەرمىگەن، كۆپ سانلىق يەرلىك خەلق ۋەكىللىرىنىڭ  ئىنقىلاب مەيدانىغا ئۆزىنى ئېتىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقان قىيىن ئەھۋال ئاستىدا سانىنىڭ  ئاز بولۇشىغا قارىماي، كۈرەشكە ئاتلانغان جېمىنەيدىكى ئىشلەمچى، سودىگەر ۋە باشقا كەسىپكە مەنسۇپ 17 ئۇيغۇردىن  تەشكىللەنگەن دەسلەپكى بۇ پارتىزانلىق ئەترەت ئەمەلىيەتتە غەربىي شىمالى ئالتايدىكى تۇنجى سىياسىي مەۋقەگە ئىگە قوراللىق قوشۇن بولۇپ،  بۇ قوشۇن تەز سۈرە’ ئەتتە كېڭىيىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە جېمىنەي قاتارلىق جايلاردىكى گومىنداڭ كۈچلىرىگە كۆپ قېتىم زەربە بەردى(101). جېمىنەي پارتىزانلىرىڭ  زەربىلىرى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتىرجەمسىزلىكلىرى  شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ  بۇ جايلاردىن قوشۇن يۆتكەپ،  كۆكتوقاي، چىڭگىل قاتارلىق جايلاردىكى ئوسمان  پارتىزانلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئازلاتتى.      ئەنە شۇ قېتىملىق چويبالسان-ئوسمان سۆھبىتىدىن ئىككى ئاي كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالتايدىكى كونسۇلى مىخايلوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى  ۋلادىمىر دېكانوزوۋقا يوللىغان  ئوسمان ئىسلام ھەققىدىكى دوكلاتىدا  ،”ئوسمان باتۇر باشچىلىقىدىكى  قازاق گۇرۇپپىسى  ئەۋزەل شارائىتلاردا  قازاقلارنىڭ ئالتايدا يېڭى قوزغىلىڭىنى تەييارلاش ۋە قوزغاشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى مۇمكىن” دەپ كۆرسىتىدۇ(102).   مىخايلوۋ ئۇزۇن ئۆتمەي،  ئۆزىنىڭ موسكۋاغا يوللىغان يەنە بىر دوكلاتىدا   قازاقلار ئارىسىدا مەۋجۇت كەيپىيات ۋە يۈزلىنىشلەر ھەققىدە توختىلىپ،” ئوسماننىڭ گۇرۇپپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالتايدىكى  مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدا ۋىلايەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاھالىسى ئوسماننىڭ گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشى مۇمكىن، ئاھالىلار ئارىسىدا ئوسماننىڭ گۇرۇپپىسى ھەققىدە ئوسماننى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوللاۋاتقانلىقى، موڭغۇلىيىنى بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللاۋاتقانلىقى ھەققىدە گەپ سۆزلەر بار. قابا ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم قازاقلار ئارىسىدا، ئەگەردە خىتايلار ئۇلارغا قاراتقان  بېسىمنى كۈچەيتسە، ئوسمان تەرەپكە ۋە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ دەيدىغان گەپ-سۆزلەر مەۋجۇت” دەپ مەلۇمات بېرىدۇ( 103).       ئەنە شۇ مىخايلوۋ دېگەندەك،  ئالتايدىكى قازاقلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا، تانكا، پىيادە ۋە ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ كوپ قېتىملىق ھۇجۇملىرى ئاستىدا مەغلۇپ بولماستىن بەلكى  تېخىمۇ كېڭىيىش ۋە ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى.  چويبالساننىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىنىڭ قوللىشى  ھەمدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا  1944-يىلى، 10-ئايغا كەلگەندە  چىڭگىلنىڭ بۇلغۇن دەرياسى بويىدا  ئالتاي ۋاقىتلىق مىللىي ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئوسمان ئىسلام ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، دەلىلقان سۇگۇربايېۋ مۇئاۋىن باشلىق ھەم قوشۇمچە ھەربىي باش قوماندان بولدى. لاتىپ مۇستاپا، رامازان  بولىم، ئۇيغۇرلاردىن موللا ئىسلام ئىسمايىلوف قاتارلىق 10 كىشى ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇپ بېكىتىلدى ھەمدە پارتىزانلار تەرتىپكە سېلىنىپ توققۇز چوڭ ئەترەتكە بولۇندى(104) . ئالتاي ۋاقىتلىق  مىللىي ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. بەزى مەنبەلەردە بۇ  ھۆكۈمەتنىڭ 1944-يىلى 7- كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان كۈن بىلەن ئوخشاش كۈندە مەيدانغا كەلگەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ(105). ئالتاي ۋاقىتلىق مىللىي ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى  ئەمەلىيەتتە قازاقلارنىڭ ئالتاينى ئايرىم ئىدارە قىلىش ۋە يولىغا تاشلانغان قەدەم بولۇپ، بۇ ئىجابىي جەھەتتىن پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قازاقلارنىڭ  كۈرەشكە ئاتلىنىپ، مەزكۇر ۋىلايەتتىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ  مەغلۇبىيىتىنى ۋە پۈتۈن ئالتاينىڭ ئازاد بولۇش قەدىمىنى تېزلىتىش  رولىنى ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما سەلبىي جەھەتتە ئوسمان ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم تەرەپدارلىرى، جۈملىدىن قازاق مىللەتچى گۇرۇپپىلىرىنىڭ  كېيىنكى ۋاقىتتا غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىپ ھەتتا ئىچكى ئۇرۇش قوزغاپ، بىگۇناھ قانلارنىڭ تۆكۈلىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.      سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىنىڭ ھەربىي ۋە ماددىي-مەنىۋى قوللىشى ئاستىدا ئوسمان ئىسلام ۋە دەلىلقان سۇگۇربايېۋ  رەھبەرلىكىدىكى ئالتاي پارتىزانلىرى  گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا قارشى ئالتاي تەۋەسىدە پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى كېيىن ئالتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئازاد قىلىپ، كەڭ دائىرىدە  بازا قۇرۇپ، گومىنداڭنىڭ بۇ ۋىلايەتتىكى  مەۋجۇتلۇقىغا قاتتىق  تەھدىت سالغان، گومىنداڭ قوشۇنلىرى يەنە سارسۇمبە شەھىرى، جېمىنەي، بۇرچىن قاتارلىق جايلارغا قامىلىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق  قوزغىلاڭچىلارنىڭ بۇ جايلارنى، بولۇپمۇ سارسۇمبىنى ئازاد قىلىش  ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالماي تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا  نىلقا تاغلىرىدا پارتلىغان قوزغىلاڭ  تېز ئۇلغىيىپ، غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ پارتلىشى ۋە شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئىلى،  تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ تولۇق ئازاد قىلىنىش شارائىتى پەيدا قىلىندى. مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 6-ئايدىن ئېتىبارەن ئۈچ فرونت بويىچە ئۇرۇش باشلىغاندا، شىمالىي فرونتتا جەڭ قىلغۇچى قوشۇنلار گېئورگىي پالىنوف ۋە كېيىن فاتىي لېسكىن قومادانلىقىدا ئىلگىرى كېيىن تارباغاتاينى ئازاد قىلىپ، ئالتايغا يۈرۈش قىلدى. 1945-يىلى، 9-ئايدا  مىللىي ئارمىيىنىڭ لېسكىن قوماندالىقىدىكى 3-ئاتلىق ئايرىم بىرىگادىسىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى ئالتاي پارتىزانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، سارسۇمبە شەھىرى ۋە باشقا جايلارنى  ئازاد قىلىپ، ئالتاي، ئىلى ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇردى.       دېمەك، ئالتاي  تولۇق ئازاد قىلىنىش بىلەن  1945-يىلى 12-سېنتەبىر كۈنى جۇمھۇر رەئىسى  ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئالتايغا كېلىپ، يىغىن چاقىرىپ، ئوسمان باتۇرنى ۋالىيلىققا تەيىنلىدى ھەمدە “ئالتاينى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسىمى” دەپ ئېلان قىلىش بىلەن بارلىق ئىدارە –ئورگان باشلىقلىرىنى خىزمەتكە قويۇپ   بولۇپ، غۇلجىغا قايتىپ كەتتى.  ئوسمان ئىسلام ئەلىخان  تۆرە  بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت  قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي، كۆپ ئۈندەشلەر بىلەن يايلاقتىن قايتىپ، ئالتاينىڭ ۋالىيلىق ۋەزىپىسىگە  ئولتۇردى. ئالتاينىڭ ئازاد  قىلىنىپ، غۇلجا بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى ھەم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش بىلەن  تەڭ سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرىمۇ كۆكتوقاي كان رايونىغا قايتىپ كېلىپ، كان قېزىشنى باشلىدى. ئالتاينىڭ مۇئاۋىن ۋالىيلىق ئورنىدىن تارتىپ، خېلى كۆپ بىر قىسىم  رەھبىرىي ئورگانلار  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن  ۋە ياكى شۇ يەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى(106).     سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ كۆكتوقايدىكى كان رايونىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما،  ئالتاي ئىنقىلابىنىڭ شاھىدلىرىدىن    پاتىخان سۇگۇربايېۋ  ئۆز ئەسلىمىسىدە  سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ  5-ئاينىڭ باشلىرىدا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى يازسا (107)،   قازاق تارىخىي شاھىدى ھاجى نەبى ۋەلىيوفنىڭ  كۆرسىتىشىچە،  1946-يىلى، 4-ئايلاردا ئوسمان  كۆكتوقاينىڭ ئارال يايلىقىغا چىقىپ كېتىپ، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت باشلىغان ۋاقىتلاردا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ(108). ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ  كۆرسەتكەن ۋاقىتلىرىدا ئانچە چوڭ پەرق يوق بولۇپ،  ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە. يەنى بۇ،  ئالتاينىڭ  مەمۇرىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئىلى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىككە كېلىپ، بىر تۇتاش ئىش يۈرگۈزۈلۈش بىلەن غۇلجا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپدارلىرىنىڭ ئالتايدىكى رەھبەرلىك ئورنى مۇستەھكەملەنگەن، ئوسمان ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بولسا، ئاجىزلاشقان مەزگىل ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە  بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي  ئازادلىق ھەرىكەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، مىللىي ئارمىيىنى   داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشتىن توختىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە  ” شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق  ھۆكۈمىتى”نى   جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتى بىلەن  تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىش نەتىجىسىدە،  ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆھبەتلەر داۋاملاشقان ئىدى. ئەنە شۇ چويبالساننىڭ ۋەدىسى بويىچە ئۆزىنى ئالتاينىڭ خانى دەپ چۈشەنگەن ھەمدە ئالتاينى ئايرىم بىر خانلىق قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلغان ئوسمان باتۇر  غۇلجىدا قۇرۇلغان  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىدى(109). ئۇنىڭ نەزىرىدە ستالىن بىلەن چويبالسان ئۆزىنى ۋە  قازاقلارنى ئالدىغان ھەم  ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىغان  ئالدامچىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئوسماننىڭ  كۈرەش قىلىدىغان  نىشانى قايتىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىگە قارىتىلىپ، سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرى ۋە كانچىلىرى دائىم ئۇنىڭ  ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بېرىيا قايتىدىن خاتىرجەمسىزلىككە چۈشتى. چۈنكى موسكۋانىڭ ئۇران پلانى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ئىدى.  

داۋامى بار، يەنە مۇشۇ يەرگە قوشۇپ يوللىنىدۇ.

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز