ئابدۇشۈكۇر مۇھەممەتئىمىن زادى قەيەردە تۇغۇلغان؟

ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان تەسىراتلار

غەيرەتجان ئوسمان

(« شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى » ژۇرنىلى 2005-يىللىق 2-ساندىن ئېلىندى)

دۇنيا سىر بىلەن تولغان، ئىنسانلار ئۇنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كەلگەن. بەزى سىرلار يېشىلىشكە تەشنا بولغان بولسا، بەزى سىرلار بەكمۇ مۇرەكەپ بولۇپ، ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىپ كەلگەن. سىرلارنى يېشىش ئادەم بالىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەمگىكى ھېسابلىنىپ كەلگەن. سىرنى يېشىش ئۈچۈن بەزىلەر ئاڭلىق ھەرىكەت قىلسا، بەزىلەر ئىستېخىيىلىك يوسۇندا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن. بەزى سىرلار يېشىلگەندىن كېيىن كىشىلەرنى ئاجايىپ سۆيۈندۈرگەن بولسا، بەزى سىرلار يېشىلمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى سۇسلاشتۇرماي كەلگەن. ئومۇمەن، سىر ئىنتىلىش، ئىجادىيەت، مۆجىزە دېمەكتۇر. سىر ئەقىللىق ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۈمىد چىرىغى، تەلپۈنۈش مەنزىلى. مۇبادا شۇنداق بىر چىراغ ئۆچۈپ قالىدىكەن ياكى تۇيۇق مەنزىل بولىدىكەن، ئىنتىلىش، مېھنەت، ئىجادىيەت ۋە كەشپىيات توختاپ قالغان بولاتتى.
ئالىمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىش جەريانىدىكى ئىزتىراپلار
1995-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى نامازدىگەر ۋاقتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي رايونى ئائىلىلىكلەر قورۇسى 17-بىنادىكى ئۆيۈمدىن سۈت سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىۋاتسام، مەكتىپىمىز سۈت فېرمىسىنىڭ سۈت ساتقۇچىسى پالتاخۇن ئاكىنىڭ ئايالى خەيرىنساخان ( ئۇستازىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ ئۇدۇل ئىشىك قوشنىسى ) ناھايىتى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن ھالدا 18-بىنانىڭ 1-ئىشىكىدىن شىمال تەرەپكە يۈگۈرگەندەك مېڭىپ كەلدى. ئۇ مېنى كۆردى بولغاي، _ ئۇكام غەيرەتجان، تېز بولۇڭ، ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىم بولالماي قالدى، رەنا خانىممۇ، بالىلارمۇ يېنىدا يوق، تاكسى توسۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارايلى، _ دېدى. مەنمۇ قولۇمدىكى سۈت قاچىسىنى قەيەرگە قويغىنىمنىمۇ ئاڭقىرماي، يۈگۈرگەن پېتىم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ئۆيى تەرەپكە باردىم. بىناغا كىرىشىمگە پەرھاد، ئەركىن قاتارلىق ئىككى ياش قوشنىلار كۆرپىگە ياتقۇزۇلغان مۇئەللىمنى ئىككى تەرىپىدىن تۇتۇپ، 3-قەۋەتتىكى ئۆيدىن 2-قەۋەتكىچە ئېلىپ چۈشۈۋاتقان ئىكەن. تاسادىپىيلىق ھەم جىددىيچىلىك ئىچىدە كۆرپىنىڭ يېنىنى تۇتۇشۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدۇق ھەم ئىشىك ئالدىغا چۈشتۇق. مەن مۇئەللىمنىڭ باش قىسمىنى قۇچىقىمغا قويۇپ، قوشنىلار بىلەن تاكسىغا چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يېتىپ كېلىپ، كېسەل كارىۋىتىغا ئۇلاشتۇق. دوختۇرلار ناھايىتى تېزلا سايمانلارنى تەييارلاپ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەت ھەپىلىشىلدى. مەسئۇل دوختۇر ماڭا قاراپ، _ بۇ كىشىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى ئىگىسى بارمۇ، _ دەپ سورىدى. مەن : _ مانا مەن ئىگىسى بولىمەن، _ دېدىم ۋە، _ ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمەيدىغاندۇ، بۇ مەشھۇر ئادەم، قۇتقۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭلار، _ دېدىم. مەسئۇل دوختۇر : _ بۇ ئادەم نەپەستىن قاپتۇ، _ دېدى. مەن : _ نەپەستىن مۇشۇ دەقىقىدە قالدىمۇ ياكى ئىلگىرى قالغانمىكەن، _ دېسەم، دوختۇر : _ بۇنىسى نامەلۇم، خېلى بۇرۇنلا نەپەستىن قالغاندەك تۇرىدۇ، _ دېدى. مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋېتىپ، قۇلىقىمغا قەتئىي ئىشەنمىدىم. ئۇستاز، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم مۇشۇنداق ئۆلۈپ كېتەمدۇ، ئۆلۈش دېگەن مۇشۇنداق ئوڭايمۇ، بۇ مەشھۇر زاتنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان مەن ۋە ئۇنىڭ بىر ئاشپەز قوشنىسى بار يەردىلا ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولغىنى، ئۇنىڭ قەدىناس ئايالى، سۆيۈملۈك بالىلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى يېنىدا بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ، دېگەنلەرنى ئويلاپ، كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. لېكىن ئۇستازنىڭ ۋاپاتى رېئاللىق ئىدى. ئۇنى قوبۇل قىلماي بولمايتتى. ۋاقىت ئۆتمەكتە. مەرھۇمنىڭ ئېڭىكىنى ۋاقتىدا تېڭىش لازىم ئىدى. دوختۇر – سېستىرالار ئېڭىكىنى تېڭىڭلار دەپ ئالدىراتتى. مەن مەرھۇمنىڭ يېقىن تۇغقىنىدىن بىرەرسى بولمىسا، ئېڭىكىنى تېڭىپ قويساق، ئۇنىڭ گېلىنى بوغۇپ قويغاندەك بولمامدۇ، ئايالى، بالىلىرى كېلىپ قالسا نېمە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك، ئەڭ مۇۋاپىق ئىش يەنىلا ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ئېڭىكىنى تاڭسا، دەپ، دوختۇر – سېستىرالارنىڭ دالالىتىگە سۈكۈت قىلىپ تۇردۇم. كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە ئۇستازىم كۆزىنى ئېچىپ، ئورنىدىن تۇرىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. لېكىن مۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ۋاقىت ئۆتۈۋاتاتتى. سېستىرالار مەرھۇمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىۋېتىشىمنى جېكىلىدى. ئامالسىز ئەھۋالدا بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت ئۆتەپ، 2.80 پۇڭلۇق داكا سېتىۋېلىپ، كىچىك چاغلىرىمدا دادام رەھمەتلىك ئۆگىتىپ قويغان سۈرە – ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئۆزۈم بىلگەن ئۆرپ – ئادىتىمىز بويىچە مەرھۇم ئۇستازىمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىپ قويدۇم. ئۆزۈم بۇنداق ئىشلاردا تەمكىن بولساممۇ، لېكىن بۇ قېتىم خۇدۈكسىرىگەندەك بولدۇم. يەنىلا مەرھۇمنىڭ ئۆز تۇغقانلىرى بۇ مۇقەددەس ئېڭەكنى تېڭىشى كېرەك ئىدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىر ئۆز – ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم. شۇنداق دەپ قارىدىمكى، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ بېشىنى قۇچاققا ئېلىپ ئولتۇرۇش، ئېڭىكىنى تېڭىپ كۆزىنى يۇمدۇرۇش ماڭا نېسىپ بولغانىكەن، ئۇنى تەقدىر ماڭا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرا بولغان ئىكەن. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمەن ؟ ئۇنىڭ مۇنداق سەۋەبى بار :
مەن 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ ئورۇندا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن دېگەن بىر مۇئەللىمنىڭ بارلىقىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى پات – پات ئىزدىدىم. 1980-يىللىرى ئۇ بىزگە « ئېستېتىكا » دەرسىنى سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دەسلەپ، مۇئەللىمنىڭ ئاددىي – ساددا قىياپىتىگە، لەرزان تەلەپپۇزىغا قاراپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەنسىتمەسلىكتەك نادانلىق كەيپىياتى بولۇپ قالدى. كېيىنچە مۇئەللىمنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق لېكسىيىلىرى ھەممىمىزنى تەبىئىي يوسۇندا ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئىستېداتلىق بىر ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە يېڭىباشتىن نامايان بولىدىغان بولدى. بولۇپمۇ مەن 1983-يىلى 3-ئايدا ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگىتىپ، ئۆز مەكتىپىمدە ھەم ئۆز كەسپىمدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى مەرھۇم ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇستاز بىلەن مۇناسىۋەتنى ئىزچىل ياخشى ساقلاپ كەلدىم. لېكىن خېلى كۆپ كىشىلەر ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن ئالاقە قىلىشتىن، ئوغلىنىڭ تويىغا بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، تىمىسقىلاپ يۈرگەن چاغلىرىدا مەن ئېغىر مەمۇرىي بېسىم ۋە سۈنئىي چەتكە قېقىلىشلارغا پەرۋا قىلماي، مۇئەللىم بىلەن بولغان ئالاقىنى باشتىن – ئاخىر ئۈزۈپ قويمىدىم. ئاسپىرانتلارغا ئۆتىدىغان دەرسلىرىنى سىرتتىن ئاڭلاپ تۇردۇم، دوختۇرخانىغا بېرىپ، ساناقلىقلا خىزمەتداشلىرى قاتارىدا يوقلاپ تۇردۇم. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا كۆپچىلىك خىزمەتداشلىرى قايمۇقۇش ئىچىدە ئۇنىڭدىن يىراقلاپ تۇرغان چاغلاردا مەن ئەڭ يېقىن تۇردۇم. مانا مۇشۇلارنىڭ شاراپىتىدىنمۇ مەرھۇم ئۇستاز ۋاپات بولغاندا، مەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى سۈپىتىدە ئېڭىكىنى ئۆز قولۇم بىلەن تاڭدىم. مەن بۇ ئىشنى تولىمۇ لايىقىدا قىپتىمەن دەپ ئويلايمەن.
مەڭگۈلۈك سىر بولۇشقا يۈزلەنگەن ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايى
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم 2-ئاينىڭ 28-كۈنى يەرلىكىدە ياتتى. شۇ كۈنى مەرھۇمنىڭ خىزمەتداشلىرى دوستلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن بولۇپ ئون ئەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ ئۆلۈم، نەزىر ئىشى ۋە « مۇسىبەتنامە » ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولدۇق. مۇزاكىرىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ھاكىم جاپپار، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل نىياز، تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئازاد سۇلتان، ئابباس بۇرھان، ساۋۇت موللاخۇن، سېلىم توخسۇن، ئىسمائىل ئوسمان، رەنا خانىم ۋە مەن قاتارلىقلار بار ئىدۇق. مۇزاكىرىدىن ئىلگىرى ئىسمائىي نىياز، ئازاد سۇلتان قاتارلىقلار مەكتەپ ئارخىپخانىسىغا بېرىپ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر ماتېرىياللارنى خاتىرىلەپ كەلدى ( بۇ ئەسلىي ماتېرىيال بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ قولۇمدا ). مۇشۇ ماتېرىيال ئاساسىدا ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ « مۇسىبەتنامە »سىنى تەييارلاش ئىشى قولغا ئېلىندى. دەسلەپ گەپ مەرھۇمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى بېكىتىشتىن باشلاندى. مەرھۇمنى قەيەردە تۇغۇلغان دەيمىز، دەپ سۆز باشلىدى ئارىدىن بىرەيلەن، _ ئاتۇشتا تۇغۇلغان دەيمىز، _ دېدى ئابباس بۇرھان ئەپەندى. ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىمۇ دەرھال سۆز ئېلىپ ؛ _ شۇنداق، ئاتۇشتا تۇغۇلغان دەيمىز، دەپ تەكىتلىدى. ئارىدىن مويدىن بەگ ئەپەندىم ( بۇ ئادەم كېيىن مەرھۇم بىلەن قۇدا بولغان ) سۆز باشلاپ : _ دۇرۇس گەپ قىلايلى، نېمىلا دېگەن بىلەن خۇدانى ئالدىساق بولماس، قەيەردە تۇغۇلغان بولسا شۇ يەردە تۇغۇلغان دېسەك بولمىدىمۇ. نېمە قىلىمىز كىشىلەرنى ئالدايدىغان گەپنى قىلىپ، _ دېدى. مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا مويدىن بەگ ئەپەندىم، سول يېنىمدا ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىم ئولتۇرغان ئىدى. ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىم بىز ئولتۇرغان كىرىسلودا دۈمبەم تەرەپتىن ئوڭ قولىنى چىقىرىپ، مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ سول بېقىنىغا بىر قانچە قېتىم نوقۇغان ئىدى. كۆزۈم سولغا بۇرۇلغانىدى، مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرغان ئابباس بۇرھان ئەپەندىمۇ مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ ئوڭ بېقىنىغا ھەدەپ نوقۇۋېتىپتۇ. نوپۇزلۇق ئىككى ئادەمنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىن مەنىلىك ۋە قاتتىق نوقۇشلىرى، سورۇندا ئولتۇرغان يەنە بىر قانچە ئاتۇشلۇق مۇئەللىملەرنىڭ خۇددى كېلىشىۋالغاندەك ( ئۇلار كېلىشىۋالغان، ئەلۋەتتە ) ئارقا – ئارقىدىن تەكىتلەشلىرى ئارقىسىدا، « مۇسىبەتنامە »گە مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ئاتۇشتا تۇغۇلغان، دېگەن مەزمۇن كىرگۈزۈلىدىغان بولدى ھەم شۇنداق تەييارلاندى.
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئابرويى خۇددى يانار تاغدەك بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ قىممىت شۇنداق ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىدا بىر تەرەپتىن، ئالىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۇزۇن يىل بىخ ھالىتىدە تۇرۇپ، چېچەكلەپ، دەل ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئۈلگۈرۈپ مېۋە بېرىشكە، بۇ مېۋىگە قىزىققانلارنىڭ ئاغزىنى تاتلىق قىلىشقا، ئېھتىياجىنى قامداشقا توغرا كېلىپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، خىزمەتداشلىرى، شاگىرتلىرى ھەم ئاتا – ئانىسىنىڭ يۇرتىدىكىلەر ئالدى بىلەن ئالىمنىڭ شان – شەرىپىنىڭ ئىززەت – ئابرويىنى قىلدى، كەڭ دائىرىدە تەشۋىقات – تەرغىبات ھەرىكىتى شەكىللەندى. كېيىنچە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەرھۇمنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ يۇرتىدىكىلەرنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە شاگىرتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئارقا – ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى، كەڭ جامائەتنى ھەيرانۇ – ھەس قالدۇردى، ئىلىم تەلەپكارلىرىنى مول مەنىۋىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، تارىخىي بۇرچنى ۋە ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن ئورۇندىدى.
مەرھۇم ئۇستازنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدىن كېيىن، مەن مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ئارىدىن يېرىم يىللار ئۆتكەندىن كېيىن مويدىن بەگ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇ كىشىدىن : _ مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم قەيەردە تۇغۇلغان بولغىيتتى، ئۆتكەندە مۇسبەت كۈنى ئەجەب تالاش – تارتىش بولۇپ قالدى، _ دەپ ئەتەي سورىدىم. مويدىن بەگ ئەپەندى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، _ مەن بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆرەي، مەسىلىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن سىزگە ئۇچۇر قىلاي، _ دېدى. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن مويدىن بەگ ئەپەندىگە ۋاقىتنى خېلى ئۆتكۈزۈپ، ئارقا – ئارقىدىن ئىككى قېتىم تېلېفۇن ئۇردۇم. بۇ مۆھتەرەم زات : _ ئىزدىنىۋاتىمەن، ۋاقتى كەلگەندە سىزگە تېلېفۇن ئۇرىمەن، _ دەپ سوئالىمنى جاۋابسىز قويدى. كېيىنچە بىر قانچە قېتىملىق سورۇن – مەرىكىلەردە ئۇ كىشىنى ئۇچراتقان بولساممۇ، لېكىن جاۋاب سىر پېتى قېلىۋەردى. ئويلىدىمكى، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ مۇسبەت كۈنى ئوڭدىن ۋە سولدىن قىلىنغان زەردىلىك نوقۇشلار سەمىمىي، راستچىل، سالاپەتلىك، پەزىلەتلىك، ئابرۇيلۇق پېشقەدەم بۇ جامائەت ئەربابىنى قاتتىق چۆچۈتىۋېتىپ، ئېھتىياتچان قىلىپ قويغان بولسا كېرەك.
مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى توغرىلاشقا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەستايىدىل ئۇزۇن باش قاتۇرۇشۇمدا، بىرىنچىدىن، مويدىن بەگ ئەپەندىنىڭ : _ نېمە ئۈچۈن راست سۆزلىمەيمىز، خۇدايىمنى ئالدىساق قانداق بولىدۇ، _ دېگەن سۆزى كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقى، راستچىل – سەمىمىي خاراكتېرىمنىڭ كۈچلۈكلۈكى، ئارخىپ ماتېرىيال ۋە باشقا بىر قاتار ئەھۋاللار سەۋەب بولدى.
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ تۇغۇلغان جايىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە ؟ بۇنى تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە رېئال سەۋەبتىن سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئالدىمىزغا مەرھۇم ئۇستاز ھايات چېغىدا ئۆزىدە تۇغۇلغان يۇرت مەسىلىسىدە ئىككىلىنىش بولغانمۇ، دېگەن سوئالنى قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى مەن مۇھاكىمە قىلىشقا قىزىقمايمەن. مېنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈدىغىنىم ئىككىلىنىشتىن كېيىن كېلىپ چىققان نەتىجە.
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ تۇغۇلغان ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرى شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ، داۋالغۇشلۇق چاغلىرىغا توغرا كەلگەن. شۇنداق بولسىمۇ ئاتا – ئانىسى ئۇنى ئوقۇشتىن نېسى قويمىغان. ئۇ 1950-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندىكى تۆت يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1995-يىلى ۋاپات بولغۇچە ئۈرۈمچىدە _ شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ۋە كېيىنكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇرۇپ كەلدى. مەرھۇمنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن 40 نەچچە يىللىق ھاياتى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكەن، شان – شەرەپ قۇچقان، تىنىم تاپماي مېھنەت قىلغان، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھايات، شان – شەرەپ قۇچقان خاسىيەتلىك ھايات بولدى. ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ قاتارىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىمنى ئۆز قۇچىقىدا تەربىيىلەپ، يېتىشتۈرۈپ، دۇنياۋىي سەۋىيىگە يەتكەن ئالىم قىلىپ چىقتى. شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەرھۇمنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى، خىزمەتداشلىرى، مەكتەپداشلىرى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، ئوقۇغۇچىلىرى، شاگىرتلىرىنىڭ كۆپى دېگۈدەك ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا، خىزمىتىگە ۋە ئىجادىيىتىگە ھەمدەمدە بولدى. ئۇستاز ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەتتە زور نەتىجە يارىتىشتا ئۆزىنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقىدىن باشقا كەڭ جەمئىيەتنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىنىڭ بولغانلىقىمۇ مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ. ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆزنىكى. بولۇپمۇ زىيالىيلارنى سەرخىللىرى توپلانغان، مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرى يىغىلغان، ئەقىل – پاراسەتلىك كىشىلەر جەم بولغان جاي. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ يەرگە ھەۋەس قىلىدۇ، ئىنتىلىدۇ، تەلپۈنىدۇ. بۇ يەردە يەنە ئۆتكۈر رىقابەت مەۋجۇت. ئۈرۈمچىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا رىقابەت شىنجاڭنىڭ ھەر قانداق يېرىدىكىگە قارىغاندا كۈچلۈك. چۈنكى رىقابەتچىلەرنىڭ سەرخىللىرى مۇشۇ يەرگە يىغىلغان. رىقابەت بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. توغرا، رىقابەت ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولغان، تارىخىي قىممەت ياراتقان بولىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر ئاڭلىق ھالدا ئۈزلۈكسىز رىقابەتلىشىدۇ ھەم رىقابەتنى ئىلمىي چۈشىنىدۇ. لېكىن « ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق » دېگەندەك، بەزى كىشىلەر ئىنتايىن ھەسەتخور كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى جۈملىدىن ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلگىرى كەتكەنلەردىن قۇسۇر تېپىشقا، ئەيىب – نۇقسانلىرىنى ئىزدەشكە، ھەتتا سۇيىقەست پىلانلاپ، زىيانكەشلىك قىلىشقا بېغىشلىغان. بولۇپمۇ، ئالىي مەكتەپلەردە بىر قىسىم ئوقۇغۇچى – شاگىرتلار ئۇستازلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلىنى كولاپ، يېغىرىنى ئېچىپ، تۇزكورلۇق قىلىدىغانلار بار.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا مانا مۇشۇنداق ھەسەت ۋە ئەدەبسىزلىككە، غەلىتە ئىشلارغا يولۇققان. بۇ خىل غەلىتىلىكلەر، رەزىللىكلەر ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىدىن، خىزمەتداشلىرىدىن، ئاتالمىش ئۈرۈمچىدىكى زىيالىيلاردىن كەلگەن. بۇ ھەقتە ئۆزۈم بىۋاسىتە ئۇچراتقان، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا « قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى » ناملىق كىتابىنى نەشرگە تەييارلاپ، قۇتادغۇبىلىك داستانىنىڭ ئاپتورىنىڭ يۇرتى قەشقەردىكى « قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى »غا مەقسەتلىك ھالدا نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. نەشرىيات تەھرىر بۆلۈمى شائىر xx كىتابنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەھرىرلەپ بېرەلەيدۇ دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمما xx شائىر بىرەر قۇر ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، تەھرىرلەپ بېرىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپتۇ ( كېيىن بىلىندىكى، xx شائىر كىتابنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن )، كىتاب ئارگىنالى تەھرىر بۆلۈمىدە تۇرۇۋاتقان چاغلاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىن xx ئوقۇتقۇچى قەشقەرگە بېرىپ قېلىپ، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ كىتابىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى مۇئەللىپكە قايتۇرۇۋېتىشكە ھەرىكەت قىلغان ھەم ئۆزى كىتاب ئارگىنالىنى ئېلىپ كېلىپ، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ، كىتابىڭىزنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكىلەر نەشر قىلمايدىغان بولۇپتۇ، دەپ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزغان. كېيىنچە بۇ ئوقۇتقۇچى ماڭا ئۆزىنىڭ بەزى ماھارىتىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى : « مەن قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇللىرى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە مەخسۇس داستىخان سېلىپ، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ كىتابىنى نەشر قىلدۇرماسلىق ھەققىدە خىزمەت ئىشلىدىم، ئاخىر كۆپ ھەرىكەت قىلىپ يۈرۈپ، كىتاب ئارگىنالىنى قايتۇرغۇزۇۋەتتىم. ئەسلى بەلگىلىمىدە نەشرىيات ئورۇنلىرى قايتۇرىدىغان ئارگىنالنى پوچتا ئارقىلىق ئاپتورنىڭ قولىغا بىۋاسىتە قايتۇراتتى. كىمنىڭ قايتۇرغۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ قالسۇن ئۈچۈن، ئۆزۈم بىۋاسىتە ئېلىپ كېلىپ، يەنە ئۆز قولۇم بىلەن ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ بەردىم. باشقا نەشرىيات ئورۇنلىرىدا كىتابلىرى بولسا ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ، يەنە قايتۇرغۇزۇۋېتىمەن ھەم ئارگىنالنى ئۆزۈم ئېلىپ كېلىپ بېرىۋېتىمەن ». ئۇ ئاخىرىدا يەنە : « سىز بىراۋغا ياخشىلىق قىلىشنى بىلىش بىلەن بىرگە زىيانكەشلىك قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويمىسىڭىز باشقىلار سىزدىن ئەيمەنمەيدۇ » دېگەن تەربىيىنى بېرىشنى ئۇنتۇمىدى.

مەن ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن ئون بەش يىل ئاكا – ئۇكىدەك ھال – مۇڭلىشىپ ئۆتۈش جەريانىدا ئۇ ماڭا دوستلىرىنىڭ، خەيرىخاھلىق قىلغۇچىلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى، ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر، رەقىبلىرى، كۈشەندىلىرىنىڭمۇ خېلى بارلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇستازنىڭ رەقىبلىرى ئاساسەن ئۈرۈمچىدە ئىدى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن كەسپداش بولغانلار ئىدى، ساۋاقداشلىرى، خىزمەتداشلىرى ئىچىدە ئىدى. رەقىبلىرى ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمگە بوھتان چاپلاشتا، سۇيىقەست پىلانلاشتا ھاردىم – تالدىم دېمەيتتى، ۋاسىتە تاللىمايتتى، كۈچ ئۇلاپ، كەڭ دەبدەبە پەيدا قىلىپ، ھەييارلىق قىلاتتى، قىلچە رەھىم – شەپقەت قىلمايتتى. مۇشۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل ئىدى. چۈنكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىم ساۋاقداشلىرى، زامانداشلىرى، ئۈلپەتداشلىرىدىن ئىلىم ساھەسىدە كۆپ ئوزاپ كەتكەن. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسىنى ئاڭقىرالىغانلىرى ئۇنىڭ خەيرىخاھلىرى بولۇپ قالغان، ھەسەت قىلىدىغانلىرى رەقىبىگە ئايلانغان. ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ماڭا بىر قانچە قېتىم : ئادەم رىقابەت ئىچىدە ياشايدۇ، لېكىن رىقابەت توغرا يۆنىلىشلىك بولغاندىلا، ئەھمىيىتى بولىدۇ، بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىز رىقابەت دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. رىقابەتلەشكۈچى ئىككى تەرەپ تەڭ قول سېلىپ ئىشلىگەندە، ئاندىن رىقابەت ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ، مۇبادا بىر تەرەپ رىقابەت دېڭىزىدا قاتتىق ئۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپ پارازىتتەك يېتىۋېلىپ، ئۈزۈپ كېتىۋاتقۇچىغا توسقۇنلۇق قىلسا، ئۇنداقتا بۇ ئەركىن رىقابەت بولمايدۇ. مېنىڭ ئەتراپىمدىكى بەزىلەر رىقابەتچى ئەمەس، بەلكى ئىچى قوتۇر ھەسەتخورلاردىن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولسا مىللەتكە ئاپەت بولاتتى. مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەركىن، ئادىل رىقابەتنى يولغا قويۇشىمىز زۆرۈر ئىدى. بولۇپمۇ ماڭا ھەسەت قىلىدىغان، زىيانكەشلىك قىلىدىغانلار ئىچىدە ئوقۇغۇچىلىرىم تولىمۇ ئاكتىپ بولۇۋاتىدۇ. تاشكەنتكە زىيارەتكە بارغىنىمدا شۇ يەردىكى بىر قانچە ئالىم بىلەن ئۇچراشقان ئىدىم. ئۇلارمۇ ماڭا، ئىلمىي خادىملار شاگىرت تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىسىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ بېشىمىزغا پېشكەللىك كەلگەن چاغدا دەسلەپ قىلىپ كۆكەمىلىك قىلىدىغانلار دەل ھاماقەتلىكتە ئۇچىغا چىققان ماڭقۇرتقا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلىرىمىز بولدى، دېگەن ئىدى. مەن بۇ ئەھۋالنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ بولالمايۋاتىمەن، دەپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
ئۇ شۇنداق كۆپ كىتابلارنى يازدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ھايات چېغىدا پەقەت تۆت – بەش پارچىسىلا نەشر قىلىندى. قالغانلىرى ئەتراپىدىكى ھەسەتخورلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا نەشر قىلىنماي قالدى. ھەتتا، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغۇللىرىنىڭ توي مەرىكىسىنى قىلغاندا ئاز ساندىكى كۈشەندىلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بەزىلەر تويغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، مەرىكىدە خىزمەت قىلىدىغانلار ئاز بولدى، ئاز بولغاندىمۇ ئۇلار خۇدۈكسىرەپ يۈردى.
مانا بۇلار ئالىمنىڭ روھىي كەيپىياتىغا قاتتىق تەسىر قىلغان. ئالىم ئۈرۈمچىدىكى ئۆزلىرىنى ئاتالمىش زىيالىي سانىۋېلىپ، بىرەر ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ تايىنى يوق ھاكاۋۇر، سۆلەتۋاز، قىتىغۇر،ھەسەتخور، روھىي جەھەتتە ئىنتايىن چاكىنا بىلىمدانلاردىن قاتتىق سەسكەنگەن، بۇرۇختۇملۇق قەلبىنى زەرداپ قىلغان، ئىچ – ئىچىدىن ئۆرتەنگەن. ئۆز باغرىدا كۆز ئاچقان ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىنىڭ تۈزۈكرەك قىممىتىنى قىلمايۋاتقان ئۈرۈمچى ھادىسە جەھەتتە ئالىمنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئۈمىدسىزلىك مۇھىت تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاتا – ئانىسىنىڭ يۇرتىغا بىر قانچە رەت بارغىنىدا ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست، ساددا كىشىلەر پەقەت تۇغقانچىلىق، يۇرتداشلىق ياكى ئادىمىيلىك جەھەتتىنلا ئالىمنى ئىززەتلەپ، ئابرۇيىنى قىلىپ، قىزىق چايلىرى، مەزىلىك غىزالىرى بىلەن مېھمان قىلغان ؛ تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي تەرەپلىرىگە تويۇنغان سەمىمىي، چىن، ساددا تەلەپپۇزلىرى بىلەن قانغۇدەك ھۇزۇرلىنىپ پاراڭلىشىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن، سىقىلغان قەلبىنى راھەت ھېس قىلدۇرغان، بۇرۇختۇم تەپەككۇرىنى تېخىمۇ ئەركىن قاناتلاندۇرغان، پۇت – قوللىرىدىكى چۈشەكنى بوشىتىپ بەھۇزۇر سوزدۇرغان ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتا – ئانىسىنىڭ يۇرتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەت نەمۇنىلىكى، جەزبىدار سىماسى ئالىمنىڭ قەلبىدە ئۆزگىچە مېھىر – مۇھەببەتنى يېڭى باشتىن ئويغاتقان. شۇنىڭ بىلەن ھۆرمەتلىك ئۇستاز تۇغۇلغان جايىغا نىسبەتەن قايتىدىن ئويلىنىش ئىستىكىنى پەيدا قىلغان بولسا كېرەك، بۇ پەقەت مېنىڭ ئالىم بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇزۇن يىللىق ھال – مۇڭدىشىشتىن چىقارغان يۈزەكى، قىسقىچە خۇلاسەم، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئالىم ھاياتىنىڭ قىيامىغا يەتكەن چاغلىرىدا تۇغۇلغان جايى ھەققىدە سۈكۈتكە پاتقان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قەلب دۇنياسىدا كىچىك بىر يۇرت ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقىنىڭ كەڭ دائىرىلىك يۇرتى بار ئىدى. ئومۇمىي جەمئىيەت مۇھىتى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇپرىقى ئىدى. بۇ تۇپراق ھەم تەبىئىي، يەنى ماددىي تۇپراق ھەم مەنىۋىي، يەنى مەدەنىي تۇپراق ئىدى. بۇ خىل كەڭلىك ھەم ئومۇمىيەتچىل ئۇقۇم، يەنى چۈشەنچە مۇنداق ئىككى جەھەتتىن كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ :
بىرىنچىدىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلىك ۋە ياشلىق چاغلىرى بىر قانچە خىل يۇرت بىلەن ئالاقىسى بار بولغان بولۇپ، نوقۇل بىرەر يۇرتتىلا بىرەر قەرنەنى ئۆتكۈزگەن ئەمەس، بۇنىڭغا ئەينى زاماندىكى تۇرمۇش، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى سەۋەب بولغان. مەسىلەن، ئاتا – ئانىسىنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان دېيىشىمىزدە، ئۇ 1933-يىلىدىن 1950-يىللىرىغىچە خونجىراپ، ئاتۇش، ئۈرۈمچى، غۇلجا، چۆچەك، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تۇرغان، مۇشۇ يۇرتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ قەلبىگە مۇئەييەن دەرىجىدە ئىز قالدۇرغان.
ئىككىنچىدىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئىلىم ساھەسىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىپ نەتىجىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، تار دائىرىدىكى مەزھەپچىلەر ياكى بەزى ھەسەتخورلارنىڭ ئاتۇشلۇق ياكى قەشقەرلىك دەپ تىنىم تاپماي يەكلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىماي، ئومۇمىي مىللەت ياكى ئومۇمىي يۇرت چۈشەنچىسىنى يېتەكچى مەۋقە قىلىپ كەلگەن. چۈنكى، ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئېسىل چاغلىرىنى پۈتكۈل مىللەتنىڭ، پۈتكۈل يۇرتنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن دۇردانىلىرىنى قېزىش ۋە نۇرلاندۇرۇشقا، جەزبىدارلىقىنى كۆرسىتىشكە سەرپ قىلغان، بۇ ساھەدە ھاردىم – تالدىم دېمەي ئىشلىگەن. مانا بۇلار ئالىمنىڭ كەڭ مەنىدىكى يۇرت چۈشەنچىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبى بولغان.
ئومۇمەن، ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 20-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئىجتىمائىي پەن ئالىمى. ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى سان جەھەتتە ئالاھىدە كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە سۈپەت جەھەتتىمۇ تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە. ئۇنى كەڭ ئىلمىي خادىملار قەدىرلەپ، ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىشقا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن دائىم ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ. ئالىمنىڭ سىماسى ۋە مەنىۋىي ئەمگەكلىرى ئۇزاق ئەسىر ئىچىدە كۆزلەرنى ئالاھىدە قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
ئالىمنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بىپايان ئۇيغۇر يۇرتى، ئۇنىڭ كونكرېت ئورنى بار. ئەمما بۇ ئورۇن ھازىرچە سىر پېتى قېلىپ تۇرسا مۇۋاپىق بولغۇدەك، دەپ قارايمەن. مەن ئالىمنىڭ شاگىرتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ سىرلىق ئەسلىمىنى يېزىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە يېشىلمىگەن سىرلارنى يېشىش ئۈچۈن توختىماي ئىنتىلىشكە دالالەت قىلىمەن.

( ئاپتور : شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى )

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار