ئابدۇشۇكۇرمۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر روھىيىتى تەتقىقاتى»


ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن

ئىنساننىىڭ ھاياتىنىيىرگىنىشلىك ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويۇشنىڭ يولى تولا، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەشەددىيسى -ئىنساننىپەقەت ئۆزىنىلا ئويلاش، ئۆز شەخسىيىتىگە چوقۇنۇش، ئۆزىدە مەنىۋىيەتنىڭ ھەر قانداق دولقۇنىنىبەرپا قىلىش ۋە ئۆزنىڭ سىرلىق ھاياتىنى قورساقىنىڭ غېمىدە يۇرۇش ھەمدە ۋاقىتنى بىكارغائۆتكۇزۇش دەرىجىسىگە چۇشۇرۇپ قويۇش. شۇنداقلا بۇنىڭغا مەجبورى كۆندۇرۇشتىن ئىبارەت.
م. ئى. سالىتكوۋ- شېدىرنئابدۇشۇكۇرمۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر روھىيىتى تەتقىقاتى»
ئىنسانىيەت مەنىۋى كامالىتىنىڭ تويۇنۇشى ئالدى بىىلەن، ئۆز روھىيەت قۇرۇلمىسىنىڭيېڭىلىنىشى، ئۆزىدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارلارنىڭ ئاشكارلىنىپ مەنىۋىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلشىنىتەلەپ قىلىدۇ، ئىنساننىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق بولۇشى، تەقدىرىنىڭ قانداقبولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ھەر قانداق مىللەت ئۆز خەلقىنىڭ روھىيىتىنىساپلاشتۇرۇش، گۈزەل ئارزۇ- ئىستەكلەرگە تولدۇرۇش، ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇش، رىقابەتئېڭىنى كۇچەيتىش، تەرەققىياتقا يۇزلەندۇرۇشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئابدۇشۇكۇرمۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىغا دائىر تەتقىقاتىنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغانۋە يۇكسەك پەللگە كۆتۇرۇپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتەكى ئەمگىكى خېلىيۇقىرى سالماقنى ئېگىلەيدۇ. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭروھىيىتىدىكى نۇقسانلارنى بايقاش ۋە ئېچىپتاشلاش جەھەتتە كۆپلىگەن ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ “مىللى مەدەنىيەتراۋاجلىنىشىدىكى بىر مۇھىم قانۇنىيەت “، “ھەسەتخورلىقنىڭ ئون چوڭ كاساپىتى”، “ئەنئەنىۋى ئاڭ ۋەزامانىۋى ئاڭ”، “تارىخ ھەققىدە ئويلۇنۇش- مىللەتلەرتەرەقىياتىنىڭ ئېھتىياجى”، ” ياشلار ۋە ئېقتىدار قىممىتى”، “ئوخشىمايدىغان ئىككىخىلمىىللىئويغۇنۇش”، “ھەشەمەتخورلۇقۋە قۇرۇق شۆھرەت”، “مىللى مائارىپ ۋە نەزەرىيىۋىتەپەككۇر” ، “كىلاستىكمەدەنىيەت ۋەنەزەرىيىۋى تەپەككۇر” ، “ياتلاشقان ئىنسسانۋە ياتلاشقان ئەقىلپاراسەت ” ، “ھەسەتىخۇرلۇقھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار”، “مىللەتنىڭ بىرلىك ھەمدەملىگى ۋەيۇرتۇۋازلىق يەملىكى” ، ” روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنىگۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى” ، “ھازىرقى جاھان مەدەنىيەت تۇزۇلمىسىدىكىپاجئىەلىكزىدىيەت”، ” مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى بىلىشى ۋەسوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۇرجكى”، ” كەلگۇسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ “، “تىل قۇدىرىتى تىلپەزىلىيىتى بىلەن” ، “يىپەك يولىدىكى يېڭى سەھىپە ۋەتۆگە قۇش روھى”، “ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمدىكى ئۇيقۇ ، زامانىۋىئاڭ سەھەردىكى ئويغۇنۇش”، “روھىيەت ۋەمەدەنىيەت ” ….. قاتارلىق ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، بۇ جەھەتتىكىبوشلۇققا ئۇل سالدى.
ئۇئۆز خەلقىنىڭ روھىىيەت قۇرۇلمىسى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداقدەيدۇ. “مەن ئۇيغۇرمەن، ئۆز خەلقىمىنى سۈيىمەن، ئۇنىڭماكان سەتھىدە تۇرغان قىياپىتىنى كۇرۇش ئۇچۇن، قەدىم زاماندىن ھازىرغىچە ، ھەتتاكەلگۇسى يىللارغىچە ئۇنڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلدىم . مۇھاكىلىمىلەريۇرگۇزدۇم. مەن بۇنى باشقىلارنىڭ بايقىۋىلىشى ئۇچۇن ئەمەس ، بەلكى <ئاشىقىنىڭتەڭرى بىلەن قوشۇلۇشى> دەك ، سۆز سۇبىكتىمىنى خەلقىىمنىڭماكان، زامان قاپلاپ تۇرغان ھەقىقى قىياپىتى ئارقىلىق ئۇبىكىتلاشتۇرۇش ئۇچۇن ئىزدەندىم. دەرىد ۋە ھالاۋەتلىرىم ئەنە شۇ ئۆزلۇك ئاڭ بۇلىقىدىن فونتان بۇلۇپ چىققان ! بۇ ماڭا پوئېزىيەھۇزۇرى، ھەيكەلتاراشلىق زوقى ۋە مۇزىكا لەززىتى بولدى . ئەلۋەتتە، خەلقىمىىڭ ئالىيجاناپخىسلەت ۋە مۇۋەپپىقىيەت ھېكمەتلىرىدىن سۇيىنىمەن . خۇددى ئاق دىل سەبىيلەردك ئاسمانغاتەلپىكىمنى ئېتىپ سەكرگۇم ۋاقىرىغۇم كېلىدۇ. نىمە چارە، خەلقىم ئۆزنى چىرمىۋالغان ئىللەتلەردىنخالىيئەمەس. ئۇ خۇددى ئافىنا ئىبادەتخانىسىئالدىدا بەھەيۋەت يىلان ئوراپ ئالغان مۇيسىپىتراكۇكۇنغا ۋە ياكى ئاياغ تەرىپى تاش بېلىققا ئايلانغان قىزغا ئوخشاش، ئۇز ئىللەتلىرىتەرىپىدىن ماتالغان . بەلكى ناتوغرىدۇر، مېنىڭچە يىپەك يولى خاراپلاشقانلىق بېكىنمەئىگلىك ، گادايلىق ۋە نادانلىق تۇپەيلى ھاسىل بولغان مەنىۋى ئىللەت خەلقىمىزدىكىبۇتكۇل ئاجىزىلىق، ئوڭۇشسىزلىق، كېلىشمەسلىكنىڭ يىلتىزىدىن ئىبارەت.
قېلىن تارىخى چۆكمە ھاسىل قىلغان منىڭ ، سېنىڭ ، ئۇنىڭ ھەتتا ئاتا- ئانام ، يىتەكچىم، قەلەمكەش ئۇستازىم، ساھىبجامال دىلبىرىمنىڭ روھىيىتىدىن، ئۇلارنىڭ ئوماق پەرزەنتىنىڭ روھىيىتىگە <مايلق قۇرۇت> تەك ئۆمىلەپ تۇرغان بۇئىللەتنى كورمەسلىك، ماھىيەتتە ئۆز خەلقىگە قىلىنغان ۋاپاسىزلىق ئەمەسمۇ؟… مەن تارىخچىلىرىمىزنىڭئۆلگەن جەسەتلەردىن كورە تىرىك مىللەتكە كوپرەك كوڭۇل بۇلىشىنى، مائارىپچىلىرىمىزنىڭكىتاپ ۋە خېمىك ئانالىزلىرىدىن كورە رىئىال تۇرمۇشقا قىزغىن خەيرىخاھلىق قىلىشىنى، يازغۇچىشائىر، ئەنزارچىلىرىمىزنىڭ كۇندىلىك ۋەقەلىلىرى چاتمىىىغا يۇشۇرۇنغان ئەسىر- ئەسىرلىكچىنىلىق قاتلىمىغا چوكىشىنى، ئۇلارنىڭ سۇ ئۇستىدە لەيلەپ يۇرگەن پاراخۇتلار بۇلىشىدىنكورە، سۇ ئاستى كېمىلىرىدەك زىمىن باغلىرى ئۇستىدە مۇتەپپەككۇرانە پىكىر يۇرگۇزىشىنى ، بېيىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ قولىغا كىرگۇزگىنى پاخال، قولدىن بېرىپ قويغىنى جەۋھىراتبولۇپ قالماسلىقىنى پايدا زىيان مىزانى قىلىشلىرىنى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ ئاشلىق، دان، پولات، نېفىت ھەققىدە ئىپتىخارلىق پىكىر يۇرگۇزشى بىلەن بىللە، مىللەنىڭ ئۇرۇقى، سۇڭەك قوۋرىغىسى، قەلبى ۋە قېنى ئۇستىدە تەخىرسىز تەپەككۇر قىلىشىنى، ئىللەت پاتقىقىغاچۇشۇپ قالغان ياش نوتا گۇل گىياھلارنىڭ ئۇز ئۆزىنى تونۇپ، مىللەت كېلەچىكىنى نەزەردەتۇتۇپ، ئۆزىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن” .
يىپەك يولى خاراپلىشىشىتىن ئىلگىرىكى دەۋىرلەردەئۇزلىرىنىڭ كوپلىگەن مەدەنىيەت ئىختىرالىرى ئارقىلىق پۇتكۇل دۇنيا ئەھلىنىڭ دېققىتىنىتارىتقان قەدىمى مەدەنىيەتلىك خەلىق – ئۇيغۇرلار تارىختا ئۇزۇن سەلتەنەت سۇرۇپ، باشقائەل خەلىقلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان «ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» نى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەنىدى، ئەپسۇس، “بىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ جەسۇرلىقىنى ئارىسلان، پەرۋازىنىلاچىن قىلىپ، شۆھرىتىنى ئېپاردەك تاراتقان ۋە ئەزىز دىيارىمىز باغرىدا خۇددى ئۈنچەمارجانلىق دەريادەك نەچچە مىڭ يىل ئاققان قەدىمىكى يىپەك يولىنى قۇم بارخانلىرىتەكتىگە كومۇپ قويۇپ، نىمىدىن ئايرىلىپ نىمىگە دۇچ كەلگەنلىكلىرىمىزنى ئاڭقىرالماي، مانابەش ئەسىرنى ئۆتكۇزىۋەتتۇق” مۇشۇنداق تېڭىرقاش ئەسلىدىن ياتلىىشش، ۋارىسلىق قىلىشقا تازا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىمىز سەۋەپلىك، بېشىمىزغا نۇرغۇنكۇلپەتلەر كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىز بۇ ھەقتە ئىنچىكلىك، ئەتراپلق ئويلانماي، روھىيىتىمىزياتلىشىشىقا قاراپ يۇزلەندۇق، روھىيىتمىزدىكىناچار ئىللەتلەر كۇندىن كۇنگە كوپىيىشكەيۈزلەندى. ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن بۇ ھەقتكى تەتقىقاتتا زور نەتىجلەرنى قولغاكەلتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئىلللەتلىرىنى توۋەندىكىتەرەپلەرگە يىغىنچاقلىدى:
(“يىپەك يولدىكى توققۇز ھېكمەت” كىتاۋىدىكى ” ياغاچئاياغ قاداپ گەۋدە كورسۇتۇش”، “ھايۋانى ھەۋەسخورلۇق “، ” ھېلىگەرلىك ” دىگەنيەرگچىە قارالسۇن).
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەتقۇرۇلمىسىغا دائىىر تەتقىقاتى يوقىرىقىدەك كۆپ تەرەپلىمە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانبولۇپ، تۆۋەندە بىز تىپىك قىلىپ بىر قانچە تۈر ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز:

ھەسەتخورلۇق

بۇ دۇنيادا كىم ھەسەتخورلاردىن قۇتۇلالىغان؟ كىمكى ئۆز ۋەتەنداشلىرىنەزىرىدە يوقىرى يۈكسەكلىكتە تۇرسا، شۇنچىلك چوڭ ئورۇننى ئىگەللىسە، ئۇ شۇنچەھەسەتخورلارغا نىشان بولىدۇ. ئۇنىڭ يۇزىگە قانچىلىغان بوھتانلار ئوكيانى چېچىلىدۇ .
ژ . ئامارو
ئىنسانىيەتمەنىيىۋىيىتىنىڭ يۇكسىلشى بىر ئادەم ۋە ياكى بىر سىنىپنىڭتىرىشچانلىقى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ . ئۇ ، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق كۇچ چىقىرىشى ئاستىدائاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنى روياپقا چىقىرىشتا ئەلۋەتتە ئاڭ جەھەتتىن ئويغانغان، ئىدىيىسى تۇراقلىق، كۇرەش نىشانى ئېنىق كىشىلەر يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.
ئەمما ئۇلار بىزدە شۇنچە كۆپمۇ؟ ياق ؟ ئۇلار بىزدە بارماق بىلەن سانىغۇچىلىكلاچىقىدۇ، ئەنە شۇنداق سان جەھەتتەن تۆۋەن سالماقنى ئىگىلەيدىغان مەرىپەتپەرۋەر كىشىلىرىمىزنىڭزادى قانچىلىك قەدىرىگە يەتتۇق؟ بۇ جەھەتتە يۇرەكلىك سۆزلەشكە ھەقلىق ئەمەسمىز، چۇنكىبىز ئۆز قۇۋىمىزدىن بولغان ئابدۇقادىر داموللام، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپتەك كۆپلىگەن مەرىپەتسۆيەر ئوغلانلىرىمىزنى رەشىك، ھەسەت تۇپەيلى ئۆلۇم گىردابىغا ئىتتەردۇق ئەمەسمۇ ؟ ئۇلار كىملەر ؟ بىزچۇ؟ ئۇلارمۇ ئۇيغۇر، بىزمۇ ھەم شۇنداق………
ھەممىگە مەلۇم، ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا ئنسانتۇركۇملىرىدىن ھاسىل بولغان قەدىمكى مەدىنىيەتلىك مىللەتلەردىن بىرى . ئۇلار تۇركى تىلسېستىمىسىدىكىخەلىقلەر ئىچىدە ئاق تەنلىك ۋە قىسمەن سېرىق تەنلىك ئېرىقلرنى بىرلەشتۇرگەن، يايلاق مەدىنىيىتى بىلەن بوستان مەدىنىيىتىنى بىرلەشتۇرگەن، يەرلىك تىجارەت بىلەنخەلىقئارا يىپەك يولى سودا ئالاقىلىرىنى بىرلەشتۇرگەن، خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەنيازما كىلاستىك ئەدەبىياتنى بىرلەشتۇرگەن، كۆپ قېتىم سەلتەنەتسۇرگەن مەشئەلچى مىللەت بولغان بولۇپ، ئېرامىزدىن ئېلگىرىكى ۋە يېقىنقى دەۋرىمىزگىچەبولغان ئارلىقتىكى تارىخىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئاجايىپ، كىشىنىھەيران قالدۇرارلىق بەدىئى ئىستىداتىنى كورىۋالالايمىز. ئۇلار پەن مەدەنىيەت تەرەققى قىلمىغانۋارىۋارلىق تۇرمۇشىنى كەچۇرىۋاتقان ئەنە شۇ ئىپتىدائىي دەۋىرلەردە بىر- بىرىگەھەمدەم بولۇپ ئورتاق بەخىت- سائادەتنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن مۇرىنى مۇرىگە تىرەپكۇرەش قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقان ئىدى. شۇ سەۋەپلىك ئۇلار ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار “ئۇيۇشماق”، ” بىرلەشمەك ” دىگەندەكمەنىلەرنى بېرىدىغان ئۇيغۇر ئىبارىسىنى ئىتوتىم (مىللەت نامى ) قىلىپ، تارىختائۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرالىغان. مۇبادا ئۇلار ھازىرقى ئەۋلاتلارغا ئوخشاش “ھەسەتخورلۇق” بوھرانىغاگىرىپتا ر بولغان بولسا، يۇقۇرىقىدەك تەرىپلەشكەلايىق كېلەرمىدى؟ .

ھەسەتخورلۇق – مىللەتنى خارابلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك ئىللەت

نادانلىقتىن ئۈچ بىخ ئۈسۈپچىققان ،ئۇلار : قارا نىيەت ، ساختا شۆھرەت ۋە ھاكاۋۇرلۇق.
__ شۇپىنخائوئېر

نادانلىقنىڭ مەرىپەتكەزىتلىقى ھەممىگە ئايان . نادانلىقنىڭ ئىككى خىل تارىخىي شەكلى مەۋجۇت :بۇنىڭ بىرى، مەرىپەت ( سىۋىلىزاتسىيە) تىن ئىلگىرىكى نادانلىق ( ۋارۋارلىق) ، ئىپتىدائىي ئىنسان گۇروھىدىكىنادانلىق ۋە قىپيالىڭاچ نادانلىق . بۇنىڭ ئىككىنچىسى ، بېكىنمە ھالەتتىكى جەمئىيەتچەمبىرىكىدىكى نادانلىق ، ساختا شۆھرەت بىلەن كىيىندۇرۇلگەن نادانلىق ، ھەسەتخورلۇقۋەسۋەسىسى بىلەن تولغان نادانلىق .
ئەقىلنى رەت قىلىش ( ئېراتسىئوناللىق ) بۇ ئىككى خىل نادانلىقنىڭ تۈپ خۇسۇسىيتى . ۋەھالەنكى ، ئەقىل ، پەقەتلا ئەقىل ئىنساننىڭغەيرى ھايۋانىي ئەۋزەللىكى ۋە ئىنسانىي تاكامۇللىشىش مۇمكىنلىكىنى تەشكىل قىلغان . ئەقىلنىرەت قىلغان ، نادانلىققا چۆكۈپ كېتىۋەرگەن مىللەتنىڭ ئارقىدا قېلىش، پارچىلىنىش ، تۇزۇپكېتىشتىن ئىبارەت « ھالاكەت ترىلوگىيسى » نىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەتروھىي كېسەللىك سىڭگەن .
ھەسەتخورلۇقنىڭ بىزتۇنۇپ يەتكەن « كۆرۈنۈش » لىرى مۇنداق :
بىرىنچى ، قارانىيەتلىكۋە قۇلى يەتمەسلىك __ ھەسەتخورلۇقنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت .ئومۇمەن ، بىلىمىنى پەزىلەت كۇرىسى ۋە كامالەت كۇرىسىغا يەتكۈزمىگەن ئاتالمىش « ئۆلىما – زىيالى » لار ئۆز مىللىتىدىن ھەقىقى تەپەككۇر ۋە بىلىم ئىگىلىرىنىڭ چىقىشىنىكۆرەلمەيدۇ .
ئابدۇقادىر بېدىلھەسەتخورلۇقنىڭ قارانىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى مۇنداق سۆككەن :

دىلى ھەسەتكە تولغانئىچى قارا،
دائىم پاك ئادەمگەچاپلايدۇ يالا .
تۇرۇسقا ئېسىپ كۆر ئاپئاقپاختىنى ،
جىمى ئىس چاپلىشار شۇئاق پاختىغا
سەئىدى شىرازىھەسەتخورلۇقتىكى قارانىيەتنىڭ قولى قىسقا ، تىرىشماس ، قابىليەتسىز ، نامەرت ئادەملەرقەلبىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇنداق پاش قىلغان :
قولى قىسقا ھەسەتخورقىلار غەيۋەت ، يوق ئامال ،
ئەگەر ئۇدۇل يۇلۇقساڭبولۇر تىلى كالۋا – لال .
ھەم قۇلى قىسقا – ناقابىل ، ھەم قارانىيەت – غەيۋەتخور بۇلۇش بىر خىل زىدىيەتچان روھىي كېسەللىك بولۇپ، ئىبلىستەسۋىرىگە ئوخشايدۇ . ناقابىل بولغان ئىكەن قابىل بۇلۇشقا تىرىشىشى ، قابىل بۇلالمىسا ، قابىللارنى قوللىشى لازىم بولغان نۇرمال روھىي ھالەتنىڭ زىدىيەتچان روھىي كېسەللىكىكەئايلانغانلىقىنى ھەسەتخور قەلبنىڭ ئىبلىسلىقى ئەمەسمۇ ؟
ئىككىنجى ، ئۆزگىنىكەسلەپ ، ئۆز شېخىنى كۆتۈرۈش ھەسەتخورلۇقنىڭ مۇھىم ئالامىتىدىن ئىبارەت . مىللەتنىڭنادان ھەسەتخورلىرى دۇنيادا قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بولغانلىقى، قانداق كىتاپلارنىڭيېزىلغانلىقى، قانداق كەشپىياتلارنىڭ مەيدانغا چىققانلىقى بىلەن كارى بولماي ، ئۆز مىللىتىدەبىر يېڭىلىق باش كۈتۈرسىلا «يۈرىكى يارا ، يۈزى قارا » بۇلۇپ كېتىشىدۇ .
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ « باردۇر» ناملىق غەزىلىدە، مىللىتىمىزدىكى بۇ ئىللەتنى مۇنداق سۆككەن :

تەئاۋۇنۇ- تەناسۇر ئورنىغابىزلەردە بىر ئادەت ،
يېڭى باشنىكۈتەرگەننى ئۇرۇپ يېقىتقانىمىز باردۇر
قىزىل كۆزلۈك ، كۆرەلمەسلىكۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق ،
قىلاي دەپ باغلىسابەلنى تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.
ھەسەتخورلۇقنىڭشۇنداق بىر تىپى باركى ، ئۇلار ئۆزلىرى ئۇچىرىغان بەخىتسىزلىكنى « ئەڭ ياخشى ئالىمەكتەپ» (بىلىنىسكىي ) دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىنئەقلىي ۋە ۋىجدانىي خۇلاسە چىقارماستىن ، «سۇنغانئاقسۇڭەكلەر»چە ئەسەبىي قىساسكارلىق پىسخىك كېسەللىگى بىلەن ئالدىن كەتكەنلەرنىڭ غەيۋىتىنىقىلىپ، ئورۇسىنى كولاپ، شېخىنى كېسىپ، ئاسان يول بىلەن « قەھرىمان » لىق مۇنبىرىگە چىقىشنىقەسىتلەيدۇ . بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقى ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان تەرسالىقبىلەن تەنھا ياكى تۈركۈم بۇيچە ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۇنى « قىساسكارلارچە ھەسەتخورلۇق » دىگەن نام ئاستىدا ئەيىبلەش لازىم .كامالىدىن بىنايى :

ھەسەت ھەممە ئىللەت ، نوقساندىن يامان ،
ئەسەت ئەھلى بارچە ياماندىنيامان
دېسە ، ناسىر خۇسىراۋمۇنداق يزغانىدى :
بېرىلمىگەيسەنھەسەتكە زىنھار ،
ھەسەتنىڭ چېكى يوق ، تۈگەنچىمىقدار .
ئۈچىنجى، پىتنەتۇغدۇرۇپ، تۆھمەت قىلىش ھەسەتخورلۇقنىڭ ئاسان چېلىقىدىغان شەكلىدىن ئىبارەت . ھەسەتخورلۇقنىڭقورالى پىتنە بىلەن تۆھمەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىز ، بۇنى ئۇلار جىنايى بىلەن« سېسىتىش » دەپ ئاتىشىدۇ . تۇرمۇشنى ئالدىغىلى، خەلقنى پۈتۈن بىر تارىخى جەرياندا قايمۇقتۇرغىلىبولمايدۇ . قەيسەر ئىرادىلىك كىشىلەر ئۆز ئەجرى بىلەن ھەمىشە ياشناپ تۇرۇۋېرىدۇ. « سېسىتقۇچىلارنىڭ سېسىپ كېتىشى » مانا بۇ پاك ۋە ناپاكلىق كۈرىشىدىكى بىر ھەقىقەت . مانابۇ تارىخنىڭ نۇرانە يۆنىلىشى . ئەگەر مۇنداق بولمىغاندا تەڭرىمۇ بولمىغان ، ھەقىقەتمۇبولمىغان ، تارىخمۇ بولمىغان ، ئىستىقبالمۇ بولمىغان ، ئىشەنچ ۋە ئالىي ھىممەتمۇبولمىغان بولاتتى!
بىزنىڭ ھەسەتخور پىتنە – تۆھمەتچىلىرىمىز « ئاقنى قارا قىلىش » ، « ئۆزى گۇناھ قىلىپ ، باشقىنى گۇناھكاركۆرسىتىش»، « ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ ۋاقىراش » ، « باشقىلار نامىدا قارا خەت يېزىش» ، « بىر ئادەمگە ئىككى خىل تون كەيگۈزۈش »، « كېچىسى ئادەم ئۆلتۈرۈپ ، كۈندۈزى ھازىداربولۇش » قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىۋېرىدۇ . باشقىلار نامىدا خەت يازغانلەر ئىچىدە ئايالكىشى سۈرىتىگە كىرىۋېلىپ خەت يېزىش، تۆۋەننى قۇترتىپ قۇيۇپ ئۆزى قازى بولۇۋېلىش ، ئولتۇرۇش – سورۇنلاردا ئاشكارە پىتنە – ئېغۋا تارقىتىش ، پىتنە – ئېغۋانى چەت ئەلگە كېڭەيتىشقاتارلىق ھادىسىلەرنى كۆرۈپ مىللىتىمىز ئىچىدە بۇ جەھەتتىكى « ماھارەت » نىڭدۇنياۋى سەۋىيە ياراتقانلىقىدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم .
تۆتىنجى ، گۇروھۋازلىققىلىپ ، باشقىلارنى چەتكە قېقىش ھەسەتخورلۇقنىڭ تۈركۈملەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت. ھەسەتخورلۇقئەسلىدە زەھەرلىك چاياندەك نەرسە بولسىمۇ ، ئۆزىنىمۇ كۆيدۈرىدىغان، باشقىلارنىمۇكۆيدۈرىدىغان خۇسۇمەتلىك ئوت بولسىمۇ ، ھەسەتخورلار تۈركۈملىشىپ، چاياندىن پىل پەيداقىلىشقا ماقۇل بولۇشىدۇ . ئۇلار مەلۇم ھۇقۇق ياكى تەسىر كۈچى بولمىسا ، بىر ئىشنىباشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن تۈركۈملىشىدىغان بولدى . ئەممابۇ تۈركۈمنىڭ ھەر بىر ھەسەتخور ئەزاسى ھەمىشە ئۆز تۈركۈمىدىن يۈز ئۆرۈشكە تەييار ، بىۋاپاكىشىلەردىن ئىبارەت . ھەسەتخورلۇق گۇرۇھلىرى ئىككى شەر ئاستىدا ، يەنى قۇدرەتلىكمۇخالىپلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، قۇللارچە دەرىجىلىك بويسۇنۇش مۇناسىۋەت تەرتىپىبويىچىلا ساقلىنىپ تۇرۇشى مۇمكىن . ھاپىز شىرازى مۇنداق دىگەنىدى:

كەت يامانلار سۆھبىتىدىن ، ئىزدىسەڭ گەر ياخشى نام ،
بەدنىيەتلىك ئول ئەقىلسىزلىققائىسپاتتۇر تامام .
بەشىنجى ، خەلقنىپارچىلاش ، مىللەتنى خانىۋەيران قىلىش___ ھەسەتخورلۇقنىڭ ھەرىكەت نىشانىسى ۋە تارىخىجىنايىتىدىن ئىبارەت . ھەسەتخورلۇق شۇنداق كىسەلكى، بىرىنجىدىن ، ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ؛ ئىككىنجىدىن يۇقتۇرۋالغان كىشىلەرنى ھلاك قىلىدۇ ؛ ئۈچىنجىدىن ، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇشكۈچىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ، روھىي ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاقىل كىشىلەرنىڭ ئابروي – نۇپۇزىنىداۋاملىق قىرقىپ ، مىللەتنى ھالاك قىلىشنىڭ جەريانىنى تېزلەشتۈرىدۇ. ھەسەتخورنىڭتەپەككۇرى ، ھېسىياتى ، تىلى ، قەلىمى خۇنۇكلۇك بىلەن تولغاچقا ، تىنىقى ۋە يۈرەكسوقۇشى ھەمىشە ھەسەتزەھىرى ، بوھتان ئوتى ۋە قورقۇش تەشۋىشىدە تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ پىسخىككېسىلى جىسمانىي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەسەتخورلۇقنى يۇقتۇرغان كىشى ئۆزىگەيارىشا « جەڭگاھ » ئېچىۋالغان يەنە بىر ھەسەتخوردۇر . ھەسەتخورلۇق تەرىپىدىن چىرمىۋېلىنغانمىللەت گەرچە تىل بىرلىكى بىلەن بىرلىشىپ تۇرسىمۇ ، قەلبى پارچىلانغان مىللەتتىن ئىبارەت . قەلبى پارچىلانغان مىللەتنىڭ تىلى بۇ قەلبنى پارچىلاشقا خىزمەت قىلىشتىن باشلاپ ، بۇمىللەتنى ھالاك قىلىش بىلەن ئۆزىنىمۇ ھالاك قىلىدىغان تىل بولماي نىمە؟ روشەنكى ، تىلنىتاشقى پوست ، قەلبنى ئىچكى ئۆزەك قىلغان مىللى ئۇيۇشمىنىڭ ھەسەتخورلۇق ئىچىدە تەمتىرىشىھالاكەت ھالقىسىنىڭ ئالامىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ ، خالاس .گۈللەنگەن مىللەتنىڭ ھايات يولىئىسپاتلىدىكى ، مىللەتكە يېمەك – ئىچمەك ، ئۆي – ماكاندىن باشقا مۇھىمى مىللى روھىيەتلازىم . بۇ مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچ مەنبەسى بولغان ئېتىقاد، مىللى ئەنئەنە ، يېڭىلىققائىنتىلىش ، مەنىۋى يېتەكچىلىك نۇپۇزى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . مۇنداق بىناكارلىقنىبۇزۇشتىن ھالاكەت ، تۈزەشتىن گۈللىنىش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاددى ، ئەمما بىزدە ئەستىنچىقىرىلغان ھەقىقەت . مەنىۋى قەھرىمانلىق ۋە غايىۋى يولباشچىلىق لېگىندىلىرىنىياراتقان خەلقنىڭ بىردىنلا ھەسەتخورلۇق ئۇچقۇنلىرى بىلەن بەنىت بولۇشىنىڭ تەكتىدەتارىخ نېمىنى پىچىرلۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىش مۈشكۈل ئەمەسمۇ ! گېرتسىن :« ھەقىقەتكەھۆرمەت قىلىش زېرەكلىكنىڭ ۋە دانىشمەنلىكنىڭ باشلىنىشىدۇر » دېگەنىدى . ھەقىقەتنىسۆيىدىغان قەلىب نۇرانە قەلىب ، خەلقىمىزنىڭ تارىخىي ئىستىقبالىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانقەلىب ، مۇنداق قەلىب ھەقىقەتنى ھۆرمەت قىلىدۇ ، ئۇنىڭغا جان پېدا قىلىدۇ.
ھەسەتخورلۇقنىڭ قاتتىقزەربىسىگە ئۇچىرىغانلارغا كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ قەيسەرخاراكتىر يىتىشتۈرىدىغان شىۋىرغان سىنىقى ! ھىراكلىت توغرا ئېيتىدۇ :« ساڭا شۇنىڭ ئۈچۈنرەشىك قىلىشىدۇكى ، سېنىڭ زوقلانغۇچىلىرىڭ ھەقىقەتەن تولىمۇ نۇرغۇن !»

مەنپەئەتدارلىقئەخلاقىۋە مەجبۇرىيەت ئەخلاقى

زىمىننى قاپلىغانمۇقەررەر يۈزلىنىش

ئۈچىنجى مىڭ يىللارغا يۈزلىنىۋاتقان كىشىلىك جەمىيەت، ئارقا- ئارقىدىنبىر قاتار غايەت كاتتا ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ھادىسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرىقانداق بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، تارىخ ئۆزىنىڭ كامالەتكە قاراپ ئىلگىرلەش مەنتىقىسىبۇيىچە ئىلگىرلىمەكتە. ئۇ ئۆز سەۋىيىسىنى مۇئەييەن مىقدار سەۋىيىسىگە يەتكۈزگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ سۈپەت ماھىيەتلىرىنى روشەنلەشتۈرگۈسى .
جۇڭگو بازار ئىگىلىكىگە قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئىسلاھاتنىچۇڭقۇرلاشتۇرۇش، سرتقا ئىشىكىنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، بازار پۇل مۇئامىلە ئېڭىنىڭ يېڭىقىممەت قارىشى ۋە يېڭى پائالىيەت سەزگۇرلىكىگە ئۆتۈش، نۆۋەتتىكى ئاساسى تارىخى ئېقىمبۇلۇپ گەۋدىلەنمەكتە.
خەلقارادا مۇسەققىل ياكى بىرلەشكەن ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ يېڭى ئىقىتىسادىپائالىيەتلىرى؛ قاتناش لىنىيەلىرى ۋە ئېغىز- پورت، ئايرۇپورتلارنىڭ كۆپىيىشى؛ بىر ئۆلچەملىكخەلقارا تاموژنا بېجى تەلىپىنىڭ ئۈستۈلىكىگە ئېرىشىشى؛ كارخانا ۋە شىركەتلەرنىڭ خەلقئاراسۈپەت ئۆلچىمىنى تەقدىر بەلگۈلىگۈچى ئامىل قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇشى؛ خەلقارا بازار، كىرىدىت، پۇل مۇئامىلە تورىنىڭ يەر يۈزىنىى تۇتاش قاپلاپ كېلىۋاتقانلىقى دۇنياۋى ئاساسى ئىقتىسادىئۆركەشنى شەكىللەندۇرمەكتە .
نۆۋەتتە، ئىقتىسادنى چىقىش يۇلى دەپ قاراش ئۈستۈنلۈكنىئىگەللىمەكتە. ئەگەر، ئىقتىساد ئىنسانىيەت تارىخنىڭ پۈتۈن جەريانلىرى بىردەك ئىسپاتلىغانھەقىقەتتىن داجىپ، روھىيەتتتىن، يەنى ئەقىل، بىلىم، ئەخلاق، ئىقتىساد ۋە كۆپ قىرلىق گارمۇنىيە ھەم مۇۋازىنەتتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇ مولچەرلىگۇسىزئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۇرىشى مۇمكىن.

ئىككىمەدىنيەت ۋە تارىخنىڭ دىئالىكتىكىسى

ئىنسانىيەتتارىخى ماددى مەدىنيەتتىن مەنىۋى مەدىنيەتنى يارىتىش، مەنىۋى مەدىنيەت ئارقىلىقماددى مەنىۋىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىدىن ئىبارەت. مەيلى رەسمى لەۋھە تەرىقىسىدە ئېغىزغائېلىنغان بولسۇن – بولمىسۇن، ئىككى خىل مەدىنيەتتىن نۇقۇل بىرى بىلەنلا كىشىلىكتۇرمۇشنى تەمىن ئىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئىككى خىل مەدىنيەت ئوتتۇرسىدا زىددىيەتمۇبۇلىدۇ . ئۇ بەزىدە تۇتۇق بەزىدە روشەن، بەزىدە ھەتتا پاجىئەلىك ھالەتكە كۆتۈرىلدۇ . ھازىرقىزامان جاھان مەدىنيەت تۈزۈلمىسىدىكى پاجىئەلىك زىددىيەت ئۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى . بىر خىل كونا ئىقتىسادى تۈزۈلمە ۋە جاھالەتتىن يېڭى ئىقتىسادى تۈزۈلمە ۋە مەرىپەتكەئۈتۈشتە، ئومۇمەن ئۈچ خىل سەۋەپ تۇپەيلى بۇ ئىككى خىل مەدىنيەت ئارىسىدا زىددىيەتروشەنگەۋدىلىنىشى مۇمكىن. بىرىنجى، يېڭى – كونا ئىقتىسادى تۈزۈلمە ۋە ھالەتنىڭ بىر خىل زىددىيەتنىھەل قىلىپ، ئۇنىڭ ئىككىنجى خىل شەكلىنى پەيداقلىشى؛ ئىككىنجى، ئۆتۈش مەزگىلىدىكىداۋالغۇشلار تۈپەيلى ئىككى خىل مەدىنيەت زىددىيىتىنىڭ جىدىلىشىشى؛ ئۈچىنجى، كىشىلەرنىڭتارىخى تەجرىبە ۋە قانۇنىيەتلەردىن چەتنىگەن سوبىكتىپ قىزىپ كىتىشلىرى ۋە كونتىرۇلئىقتىدارىنى ۋاختىدا ئىشقا سالالماسلىقىدىن ئىبارەت . نەتىجىدە كەڭ ئاۋام قەلبىدە ئاڭقاراش، ئىستىل، پوزىتسىيە، مۇھاكىمە، ئەدەپ – ئەخلاق، ئىتىقات ۋە چارە تەدبىرجەھەتلەردە بىر قاتار نورمالسىزلىق، ھەتتا بۇزۇلۇش، چىرىش ھادىسلىرى يۈز بېرىدۇ بەزىدەماددى مەدىنيەت، ۋەمەنىۋى مەدىنيەتتىكى تەكشىسزلىك، مەسلەن نۇقۇل ھالدا ماددىتاپاۋەتنى ياكى نۇقۇل قانۇنى جازالاشنى مىقدارى جەھەتتە ئۇتۇق – نەتىجە دەپ قاراش ۋەئەكىس ھالدا بۇ جەھەتتە ئۇمىتسىزلىككە بېرىلدىغان ئەھۋاللار خېلى كەڭتاشا ھاۋاغا ئايلىنىدۇ . رېئال تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە كۆرۈلىۋاتقان بەزى بىنورمال ئەھۋاللاربىزنى پاكىتقا ئىگە قىلىدۇ . مەسلەن، ياشلاردىكى يۇقىرى ئىستىمال قىزغىنلىقى، ھورمەتسىزلىك، ئوقۇغۇچىلاردىكى ياسانچۇقلۇق، ئۇيۇن تاماشىغا بېرىلىپ كېتىپ كۈڭۈل قۇيۇپ ئوقۇماسلىق، ئۇقۇتقۇچىلارغائۇقۇتۇش، ئىلمى تەتقىقات سىرتىدىكى كىرىم بېسىمى، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان ھورمەتسىزلىكۋە كەمسىتىشلەر، نەشرىياتچىلىق قىيىنچىلىغى، نەشىر ئەپكارلىرىدىكى ئىقتىسادى ئۈنۈمقوغلۇشۇپ، سەلبى خاھىشتىكى باسما بۇيۇملىرىنىڭ يامراپ كېتىشى، دوست تارتىشلار، داۋالىنىشقىيىنچىلىغى، ” ئېتى ئۇلۇغ سۇپۇرىسى قۇرۇق ” دورىلارنىڭكوپلىگى، سەھىيە ئەخلاقىدىكى نورمالسىزلىق، ئائىلىلەردىكى ماددى پاراۋانلىقنى ئۆلچەم قىلىپ، قايتا تەشكىللنىنىش خاھىشى، كوپ قىرلىق سىرىتقا بېرىلىش ھادىسىى، كىرىم – چىقىم ئالدىداتەمتىرەپ قېلىش روھىيىتى ۋەھاكازالار…. بۇ خىل ئىجتىمائى ۋە مەنىۋى بۇزۇلۇشنىڭ بىرقىسىمى .
قارىغاندا ماددى پاراۋانلىق قوغلىشىش، مەنىۋى تۇرمۇشنى تۇلۇقلاشقاسەل قاراش، ماددى مەدىنيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز – ئۆزىنى نەزەردە تۇتالماسلىق، ماددىمەدىنيەت رىقابىتىگە ئالاھىدە ئىتىبار بېرىش، ئۇنىڭ نېگىزى بولغان مائارىپ رىقابىتىگە ئاخىرقىساھە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش، رىئاللىقنى كۆرۈپ، تەجرىبە ساۋاقلارنى ۋە يىراقنىكۈرەلمەسلىك ھادىسلىرىنى بىر ۋاقىراپلا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇۋاقىتلىقلا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان ھادىسە بۇلۇپ، بىر مەزگىل ئەۋجىرەپ كەتسىمۇ، لېكىنبەرىبىر تۈزۈلۈشكە يۈزلىندىغان ھادىسە . تارىخ – ئىككى خىل مەدىنيەتنى ئارقاق ۋە ئۆرۈشقىلىپ تۇقۇلىدىغان ئۇزۇن ھىكايە. ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەنلەشتۇردىغانئەبەدىيلىك ئابىدىلىرى بۇلۇشى ناتايىن.
ئىككى مەدىنىيلىكمۇۋازىننىتى ۋە ئىجتىمائى بەخىت تارىختا مۇئەييەن ئىجتىمائى، ئىقتىسادى گۇللىنىش باشلىنىشىبىلەن ئەخلاقى بۇزۇلۇش يۈز بەرگەن تىپىك مىساللار كوپ بولغان. مەسىلەن گۇللەنگەنچۇنچىيۇ دەۋرىدىكى ئەدەپ – ئەخلاق چۈشكۈنلۈكى كوڭ فۇزىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكقاراشلىرىنى، چۇ يۇەننىڭ نەزمىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قەدىمقى گىرىتسىيدىكى ئەخلاقىكۈڭۈلسىزلىكلەر سوقرات ۋە ئەپلاتۇننىڭ ئېتىكا ۋە مائارىپ قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب ئىمپىريىسى دەۋرىدىكى مەنىۋى بۇزۇلۇش ” مىڭ بىر كىچە ” ھىكايىلىرىدەئوز ئىپادىسىنى تاپقان . قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان داستان ” قۇتادغۇبىلىك ” تەزاماننىڭ بۇزۇقلىغى ھەسرەتلىك مىسرالار بىلەن بايان قىلىنغان . ياۋرۇپامەرىپەتچىلىك ھەركىتى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى بولغان مونتىسكىيۇ ئۆزىغايىۋى جەمىيەت سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلغان بۇرژۇئازىيە جەمىيىتىدە يۈز بەرگەن مەنىۋىچۈشكۈنلۈكتىن پەرياد چەككەن . بۇ نوقتىنى ماۋزىدۇڭ ” مانا بۇشۇنداق جاھان ” دىگەن مىسراغا يىغىنچاقلىغان .
بۇ ماددى مەدىنيەت گۇللىنىشكە باشلىغاندا مەنىۋى مەدىنيەت ئوخشىمىغاندەرىجىدە زەربىگە، ئىتىبارسىز مۇئەمىلىگە، ھەتتا دەپسەندىگە ئۈچراش مۇمكىنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ يېرىمى، قالغان يېرىمى شۇكى ماددى مەدىنيەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەنتەڭپۇڭسىز ئەھۋال ئۇمۇميۈزلۈك زىلزىلە قوزغايدۇ، يېڭى پىكىر، يېڭى ئىدىيە، يېڭىتەلىمات، يېڭى تۈزۈملەر مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ زىلزىلە يالغۇز جامائەت پىكىرىدىلا ئەمەس، يەنەماددى مەدىنيەتنىڭ ئىككىنجى قەدەمدىكى داۋاملىق ئىلگىرلىشى تەقەززالىرىدىمۇ، ماددىتەقسىمات، بازار ۋە پۈتۈن جەمىيەت دائىمى ھاياتى ئېھتىياجلىرىدىنمۇ مەيدانغا كىلىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى سەر خىل مۇتەپەككۇرلار مۇشۇنداق ئۆتكۈر زىددىيەت ۋە تەقەززالىقئىچىدە ئۆز تەلىماتلىترىنى شەكىللەندۈرگەن . زاماننىڭ مەنىۋى ئاتمۇسفىراسى ھامان ساپلىشىدىغانلىقىبىزنى ئىشەندۈرسىمۇ، ئەمما ئۇنتۇلغۇسىز ئېغىر بەدەل دېغى تارىخ بەتلىرىدە يالدامابۇلۇپ قالىدۇ. ياشلار تۇلا ھاللاردا ئىجتىمائى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭقۇربانى بۇلۇپ كېتىدۇ. ھازىر ئامىركا، ياۋرۇپا ئەللىرىدە يېڭىدىن باش كۈتۈرۈۋاتقان ئەخلاقتەشەببۇسلىرى، مەدىنيەت ئارقىلىق تىزگىنلەش تەۋسىيىلىرى، كوڭ فۇزىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ئەخلاقتەلىماتىغا قارىتا قىزىقىش، ئىسلاھ قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرى بۇنىڭ مىسالى .
بىلىش كىرەككى، ئىنسانىيەت ماددى بايلىق ئىشلەپچىقارغان بىرىنجىكۇندىن باشلاپلا، ئۇنى ئاڭ شەكلىگە، مەنىۋى شەكىلگە ئايلاندۇرغان. ئىنسانىيەت باي بۇلۇشنىئەمەس، بەخىتلىك بۇلۇشنى ماھىيەتلىك ئىستەك قىلغان، بايلىقمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەقىل- ئىدراك، بىلىم ۋە ئەخلاقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. ئامىركىلىق ئالىم ھېنرى مورگان توغرا ئېيتقان: ” ئىنسانىيەتئالدىبىلەن مەدىنيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئىرىشكەندىلا، ئاندىن مەدىنيەتلىك ھالەتكەيېتەلەيدۇ” . (قەدىمقى جەمىيەت ئۇيغۇرچە 55 – بەت ) . ئىبىنسىن توغرا ئېيتىدۇ: “بايلىقنى تېپىشىپتۇ، ئەقىلئىدراكنىيۇقىتىشىپتۇ !ئەجەبا، يۇقاتقان نەرسىسى بىلەن تاپقاننەرسىسىنىڭ قىممىتى باراۋەرمىدۇ ؟ ” ( “ھىكمەت ” ئۆزبېكچە، 20 – بەت )
بەخىت — كامالەتلىك ئىجتىمائىتۇرمۇش تىپىدىن ئىبارەت. ئۇ، ھەرگىزمۇ بىر پۇتلۇق ئالتۇن قۇزۇق ئەمەس.

ئەدەپ بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش ۋە ئەخلاقبىلەن نەپسىنى تىزگىنلەش

ئۆمۈر بۇيى ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان مەشھۇر مۇتەپەككۇر كوڭ فۇزى: “بېيىماقنىتەلەپ قىلىشقا بۇلىدۇ ” ، ئەمما ” ئادىل بولمىغان بايلىق ۋە موتىۋەرلىكمىنىڭچە بۇلۇتتۇر” ، ” ئۆزۈڭنى تۇت، ئەدەپكە قايت، كامىل ئىنسانبول، پايدا مەنپەئەتنى كۆرگەندە ئەخلاقى بۇرچنى ئويلا، تەرىقەت بىلەن ئالەمگە مەنپەئەتيەتكۈز” دېگەنىدى .
بازار ئىگىلىكىگە يۈزلەنگەن مۇھىتتا، بېيىش ۋەماددى مەنپەئەتكە ئىرىشىش يوللۇق . ھەتتا ئۇمۇمى خەلىق پاراۋانلىقىغا پايدىلىق. ئاچلىقۋە نامراتلىق گىردابىدا ئەسىرلەردىن بېرى ئازاپلانغان جۇڭگولۇقلارنىڭ قۇرساقنى توق، كىيىمنىپۈتۈن قىلىپ بۇلۇپ، ئىقتىسادتا قەد كۈتۈرۈشى، كۈچلۈك ۋە باي دۆلەت قۇرۇپ چىقىشىنوۋەتتىكى تارىخنىڭ تەقەززاسى .
جۇڭگو تارىخدا مىسلىكۈرۈلۈپ باقمىغان بۇنداق زور ئىجتىمائى بۇرۇلۇش، ئۆز ئاساسى ۋە ئۆز سۈرئىتىگە كۆرە بىر قاتار داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، بۇنىڭ ھەممىسى يوللۇق ياكى خالىي بولغۇسىز دىگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە .
ئەدەپ بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش دىگەنلىك، مەنپەئەتدارلىق ئەخلاقى پىرىنسىپىبۇلۇپ، ئۇ ئەخلاق بىلەن مەنپەئەت ئۈنۈمىگە ئېرىشىشنى نەزەردە تۇتىدۇ. بۇنىڭدا ئەمىلىمەنپەئەت بىلەن ئەخلاقى قائىدە بىرلەشكەن بۇلىدۇ .
ئەخلاق بىلەن نەپىسنى تىزگىنلەش، ئەدەپ بىلەن مەنپەئەتكە ئىرىىششتىكىھەقىقى ئىقتىدارغا قارىتىلغان . بۇنداق تىزگىنلەش ئىقتىدارى بولمىغاندا، ئەدەپ بىلەنمەنپەئەتكە ئېرىشىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەخلاق بىلەن نەپىسنى تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىمەجبۇريەت ئەخلاقىدىن ئىبارەت. بۇنداق مەجبۇريەت ئەخلاقى لازىم تېپىلغاندا ھىچقانداقمەنپەئەتنى نەزەردە تۇتمايدىغان، شەرت قىلمايدىغان، ئالىجاناپ ئىنسانى ئەخلاقتۇر. مەسىلەدەل مۇشۇ ھەقىقى ۋە ئەڭ تۇپكى ئەخلاقنىڭ ماددى رىغبەت ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەت ئالدىداقانداق ھالەتتە تۇرۇشىدا ! بۇ، دۆلەت، ھاكىميەت ۋە مەمۇرىيەت ئورگانلىرى بىلەن خەلىقنىڭ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىدە؛ ھەر قايسى شەھەر، يېزا بازار كارخانلىرىياكى كوپىراتىپلىرى مۇناسىۋىتىدە؛ ئاساسى نەزىريە بىلىملىرى تەتقىقاتى بىلەن تېز ئۈنۈمدارتېخنىكىلىق تۈرلەر مۇناسىۋىتىدە؛ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن خام ئەشيا مەنبەلىرىمۇناسىۋىتىدە؛ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچىلار بىلەن ئىستىمالچىلار مۇناسىۋىتىدەئىپادىلىنىپلا قالماستىن، ھەر بىر ساھە ۋە ئائىلە، شەخىسلەر مۇناسىۋىتىدە، جۇملىدىنمائارىپ ساھەسىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىندۇ.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى – 2 (ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى) ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تەپەككۈر تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز