ﺗﯘﺭﺍﻥ

تۇران ئاتالغۇسى تارىختىن بۇيان ئىككى خىل مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى . ف . ئېنگېلس “تۇران” ئاتالغۇسىنى جۇغراپىيىلىك نام سۈپىتىدە ، “تۇرانلىقلار” ئاتالغۇسىنى خەلقلەر —- —- ئىنسان تۈركۈمى نامى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن . “بۈيۈك لۇغەت ۋە ئېنسىكلوپېيدىيە” دە : “تۇران — تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئىرانلىقلارنىڭ بەرگەن نامى دېيىلگەن بولسا ، “قۇتادغۇ بىلىك” داستانىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بۇ ئەسەرنى مۇشۇنداق نام بىلەن ‘تۇرانلىقلار” نىڭ ئاتايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ، يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلارمۇ “تۇران — ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىللىق خەلقلەر ياشايدىغان يۇرتلارنىڭ قەدىمكى نامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ياكى تۈركى تىللىق خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ ” دەپ ئىزاھات بېرىشكەن .
شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى 1984 – يىلى “شاھنامە” نىڭ ” رۇستەم ۋە سوھراپ” بابىنىڭ تەرجىمىسىنى نەشر قىلغاندا فىردەۋس تىلغا ئالغان “تۇران” سۆزىنى تەرجىمان مۇنداق ئىزاھلىغان : “تۇران — ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت كەڭ تېروتىرىيە ئىدى . بۇ يەرگە ئىران قەبىلىلىرى جايلاشقان ، كېيىنچە بۇ يۇرتنى تۈركى مىللەتلەر ئىگىلىگەن ۋە ‘تۈركىستان’ غا ئۆزگەرتكەن . <شاھنامە> دە فىردەۋسى ‘تۇرانلار’ بىلەن ‘تۈرك’ لەر دېگەن ئىككى سۆزنى ئوخشاش مەنىدە قوللانغان ” .
ئالىم لىيوڭ بىرقەدەر كونكىرت پىكىر يۈرگۈزۈپ : “يېقىنقى ۋە ھازىرقى ئىلىم ساھەسى ‘تۇران’ ئىبارىسىنى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان تۈركى تىللار ئائىلىسى ، ھەتتا پۈتكۈل ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ ئومۇمىي نامى سۈپىتىدە قاراپ كەلدى ” دەپ يېزىپ ، “ئۆز تارىخىنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا نەچچە قېتىملاپ پۈتۈن مىللەتنىڭ قەلب ساداسىنى ياڭرىتىپ قوراللىق ، ھەيۋەتلىك ۋە شانلىق كۈرەش مۇساپىلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن تۇرانلىقلار” دېگەن شەكىلدە تارىخقا ياندىشىپ ، ئۆز پىكرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قاراتمىلىققا ئىگە قىلغان .
چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ تەسىرلىك رول ئويناپ “يىپەك يولىدىكى بىرىنچى قاتاردىكى قەھرىمان” ۋە “يىپەك يولىدا تۇغۇلغان بىرىچى قاتاردىكى شاھ” دەپ شۆھرەت قازانغان ئەمىر تۆمۈر (1405 – 1333 ) ئۆز ئۈگۈتلىرىدە ” بىز كىم — مۈلكى تۇران ، بىز كىم —- مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى بولغان تۈركنىڭ باش بوغۇنى” دەپ ھەيۋە كۆرسۈتۈپ ، “تۇران” نى بىر ئەل سۈپىتىدە بايان قىلغان . بۇ تارىختىكى كىشىلەرنىڭ بايانلىرى بولۇپ ، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي جور بولۇش كېرەك دېگەن مەنتىقە چىقىرىلماسلىقى كېرەك ، ئەلۋەتتە .
بۇ ئاتالغۇنىڭ قوللىنىشى دەسلەپتە قەدىمكى پارىس – ئىران ھۆججەتلىرىدە ئۇچرايدۇ .
بىرىنچى ، “ئاۋېستا” دىكى “تۇرا” ، “تۇر” لار ئىران قەبىلىلىرىنىڭ شىمالىدىكى زور بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قارىتىپ قوللىنىلغان . بۇ قەبىلىلەر ئەينى چاغدا ئوت – سۇ قوغلۇشىپ ، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قەبىلىلەر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ماكان تېرىتورىيىسى مۇقىم شەكىللەنمىگەن . شۇڭا ، بۇ نام ئۆز زامانىسىدا مۇئەييەن تېرىتورىيىسىنى ئىپادىلىمەي ، بەلكى قەبىلە – قوۋم نامى شەكلىدە قوللىنىلغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس .

ئىككىنچى ، “ئاۋېستا” دەۋرىدىن كېيىن ئىرانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونىنىڭ شىمالىدىكى چەكسىز تېرىتورىيىنى “تۇران” دەپ ئۇ يەردە ياشىغان خەلقلەرنى “تۇرانلار” دەپ ئاتىغان . بۇ “تۇرا – تۇر” دىن ” تۇران” نىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ .

ئۈچىنچى ، “ئاۋېستا” دا تىلغا ئېلىنغان “دىۋە كەبى” ، “يالغانچى” ، “رەزىللىك” دە ئۇچىغا چىققان “ئارجاسىب” نىڭ “شاھنامە” دە “تۇران شاھى” دەپ تەسۋىرلىنىش “ئارجاسىب” نىڭ “جەڭگىۋار تۇرلار” دەپ ئاتالغان قوۋملارنىڭ يېتەكچىسى بولۇشى مۈمكىنچىلىكىنى ، بۇنىڭ “تۇران شاھى ئافراسىياپ” دېگەن ئۇقۇم بىلەن مەزمۇنداش ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ .

تۆتىنچى ، “شاھنامە” دە ئافراسىياپ تۇران شاھى دېيىلىش بىلەن بىرگە “تۈركلەرنىڭ خانى” دېگەن ئۇقۇم تەڭ مەنىدە قوللىنىلغان . دەرۋەقە تارىخشۇناس سېن جومىيەن بەزىلەر “تۇرا” تۈركلەرنىڭ بوۋىسى دەپ قارايدۇ ، دېگەن مەزمۇندا پىكىر بايان قىلغان بولۇپ ، بۇ “تۇران” بىلەن “تۈرك” نىڭ “شاھنامە” قاتارلىق كىتاپلاردا پاراللېل قوللىنىشىنىڭ رېئاللىقتىن ئانچە چەتنەپ كەتمىگەنلىكىنى ، ئامو دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىپايان تۈزلەڭلىكتە ياشىغان تۇرانلارنىڭ ئاساسىي قەبىلىلىرى دەۋرنىڭ ئالمىشىشى ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ھەم مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش قانۇنىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا كېيىنكى دەۋردىكى تۈركى تىللىق قەبىلىلەر ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ بىر تارماق مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىقلىققا ئىگە قىلىدۇ .

بەشىنچى ، كىشى ئىسىملىرىدىمۇ ، مەسىلەن ، ئەرلەر ئارىسىدا تۇر ، تۇراخۇن ، تۇران ئاخۇن ، ئاياللار ئارىسىدا تۇرخان ، تۇخان ، تۇراخان ، تۇرانقىز ، تۇرانخان دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار بار . بۇنىڭدىن تۇر ، تۇرا ، تۇران ئاتالغۇلىرىنىڭ تومۇرى ھەم مەزمۇنى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا ئېستىمال قىلىنىۋاتقان بۇ ئىسىملارنىڭ يىلتىزىنى “ئاۋېستا دەۋرى” دىن سۇرۈشتە قىلساق غەلىتە بولماس .

ئالتىنچى ، مەھمۇد قەشقەرى “تۈركى تىللار دىۋانى” دا “ئان – ئەن” قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كۆپلۈك مەنىسىنى بېرىدىغانلىقىنى ، شۇنىڭغا مۇناسىپ “ئەر” نىڭ كۆپلىكى ‘ئەرەن” ، “ئوغۇل” نىڭ كۆپلىكى “ئوغلان” ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ ، “تۇر – تۇرا” نىڭ كۆپلۈك شەكلى ” تۇران ” بولۇشى ئېھتىمالغا خېلىلا يېقىن .

يەتتىنچى ، پارسلارنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرىدە سۆزلەنگەن فېرىدون ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ بەلگىلىك تولۇقلىما ماتىرىيالىغا ئىگە قىلىدۇ . بىر خىل ئەپسانە رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە ، فېرىدون ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۆلەتنى ئۈچ ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ . چوڭ ئوغلى سېلىمگە رومنى ، ئوتتۇرانچى ئوغلى تۇرغا تۇران ۋە چىننى ، كەنجى ئوغلى ھىلاجغا پۈتكۈل ئىراننى سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن . بۇنىڭغا قارىغاندا “تۇر” غا تەككەن يەر “تۇرنىڭ ئەۋلادلىرى ھەم ئۇنىڭ زېمىنى” مەنىسىدە “تۇران” دەپ ئاتالغان . “شاھنامە” دىكى ئافراسىياپنىڭ ئاغزىدىن بېرىلگەن ” …..تۇران بىلەن ئىراننىڭ زىددىيىتى سېلىم بىلەن تۇران زامانىسىدىن باشلانغاندۇر ” دېگەن گەپتىن ھەم فېرىدوننىڭ ئىككىنچى ئوغلى تۇرنىڭ “شاھنامە” نىڭ يەنە بىر يېرىدە ئافراسىياپ ئاغزىدىن “تۇران” شەكلىدە بېرىلگەنلىكىمۇ “تۇر” بىلەن “تۇران” نىڭ نامىنى ئۆزئارا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ . ۋاھالەنكى ، بۇلار ئەپسانە – رىۋايەتلىك چۈشەنچە بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ تارىخىي ئۇقۇملارنى بايان قىلىشتا ۋاستىلىك ماتىرىيال ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتمەيدۇ .

سەككىزىنچى ، ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى (1917 – 1836 ) 1911- يىلى تاماملىغان “تارىخىي ھەمىدي” ناملىق كىتابىدىكى “تۇران” دېگەن نام ‘تۈرك” بىلەن ‘ تۈر ‘ سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدا بولغان ” دېگەن بايانىدىن ئۇنىڭ بەلگىلىك ئېنىقلىما ماتېرىياللىق رولى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ .

ئەسكەرتىش : ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن “ئاۋېستا” سۆزىگە قىسقىچىلا ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدۇم .

“ئاۋېستا” دىكى مەركىزىي ۋەقەلىك ئىران قەبىلىلىرى بىەن شىمالدىكى جەڭگىۋار كۆچمەن قوۋملارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەڭگى – جىدەللىرى تەسۋىرلەنگەن . ئىران قەبىلىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان سەردار ھىلاج ، سۇقرات ، سىياۋۇش ۋە ئىسپەندىيارلار بولسا ، شىمالدىكى قەبىلىلەرگە تۇر ، ھۇشاڭ ۋە ئافراسىياپلار باشچىلىق قىلغان . “ئاۋېستا” دا “ئارجاسىب” دېگەن بىر قەھرىماننىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ ھەم ئۇ ئىران قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى سۈپىتىدە نۇرغۇن قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ . ……………………………. .
دېمەك ، “ئاۋېستا” دىكى “تۇرا” ، “تۇر” نامى “باھادىر زەررىگە مەرسىيە” ۋە “شاھنامە” لەردىكى “تۇران” ئاتالغۇسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى دەپ قاراش مۇۈكىنچىلىگى بار .

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * ماكان تارىخىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار