تارىخى ھەمىدى

نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئەنۋەر بايتۇر

بۇ ئەسەر 1988- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 1- نەشرى 2- باسمىسىغا ئاساسەن تورغا يوللاندى.

بسم اللە الر خمن الرخيم

(ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

موللا مۇسا سايرامى

ئەي مەۋجۇتلۇغى زۆرۈر بولغان ئاللا! چەكسىز ۋە تەڭداشسىز ھەمدۇ- سانا ساڭا خاسدۇركى، ھەممە مەخلۇقلىرىڭغا كەڭرى رىزقى ۋە ئېھسان سەندىندۇر. سېنىڭ ئۇلۇغ زاتىڭ يەككە- يىگانىدۇر. ھەممە سۈپەتلىرىڭ پاك ۋە ئەيىپسىز، مەرتىۋەڭ ئالى، پادىشالىغىڭ ئۇلۇغ بولۇپ، ئاسمان ۋە زىمىن ئىچىدىكى ھەممە مەخلۇقلار پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدە ۋە قەھرى سىياسىتىڭنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ. ھەقىقى پادىشالىق پەقەت ساڭىلا خاسكى، سەن ھەمىشە بولغۇچى ۋە باقى پادىشادۇرسەن. ياراتقان مەخلۇقلىرىڭ بولسا ھەممىسى فانىدۇر.
ئاللا ئەگەر خالىسا، سەلتەنەت تاجىسىنى ھەر بىر كىشىنىڭ بېشىغا كىيدۈرەلەيدۇ، ئەگەر خالىسا، بۇ تاجىنى يەنە ئۇنىڭدىن ئالالايدۇ؛ ئەگەر خالىسا، ئۇنى يەنە توغرا يولدىن ياندۇرالايدۇ؛ ئەگەر خالىسا، پەس كىشىنىڭ دەرىجىسىنى مەرتىۋىلىك قىلالايدۇ، خالىسا، مەركىۋىلىك كىشىنىڭ دەرىجىسىنى پەس قىلالايدۇ. ئۇ ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا قادىر ۋە تاۋاندۇر.
ئەي قۇدرەتلىل ئاللا! ئەگەر سەن ياراتقان مەخلۇقلىرىىڭغا نىمە ھۆكۈم قىلاي دىسەڭ، شۇنى قىلىشقا قۇدرىتىڭ بار. سېنىڭ ھۆكۈمىڭنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا، ياندۇرۇشقا بولمايدۇ. مۇرسەل، نەبى، ئەنبىيا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇلارغا خۇدانىڭ رەھمىتى بولسۇن)لەرنى بىزگە ئۇلۇغ پادىشا قىلىپ ئىبەردىڭ. ئۆز كىتاۋىڭدا (قۇرئاندا _ ت) بۇلار ھەققىدە قىسسە ۋە ھىكايىلەرنى سۆزلىدىڭ، بۇرۇنقى زامانلاردا ئۆتكەن خالايىقلار، ئادىل ياكى زالىم پادىشالار ۋە شۇ زامانلاردا ئۆتكەن ۋەقە- ھادىسىلەر ھەققىدىمۇ خەۋەر بەردىڭ. بۇ بولسا، سېنىڭ ئۆز ئۆزۈڭ ياراتقان مەخلۇقىرىڭغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىسسە ۋە ھىكايىلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۆتكەن ئىشلاردىن ئىبرەت ئالسۇن ۋە ۋەقە- ھادىسلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇلارنى ياد ئېتىپ ئەسلەپ تۇرسۇن دىگەنلىگىڭدىن ئىشارەت ۋە ئىبارەتتۇر.
بۇ ئالەمدىن كەتكەن خالايىقنىڭ ھەر بىرىدىن ياخشىلىق ياكى يامانلىقنىڭ بىرەر ئەسەر- ئالامىتى باقى ساقلىنىپ قالىدۇ. تارىخ كىتاپلىرىدا بولسا دەل ئەنە شۇ ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ۋەقەلىرىنى، ئەسەر- ئالامەتلىرىنى رەتلەپ، قايتا ئىلغاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ياكى ھاياتىدىن قىسسە ۋە خەۋەر بېرىدۇ، خالاس.
سالاۋەت ۋە زاكىيات (ناماز ۋە زىكىر بىلەن قىلىندىغان تەرىپ _ ت) شۇ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە بولسۇنكى، ئۇ پەيغەمبەر بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىككى ئالەمنىڭ ئىلغانغىنى ۋە ياخشىسىدۇر. ئاللا ئۇنى ئۆتكەن زامان ۋە كەلگۈسى دەۋرانغىچە ھۆججەت ۋە گۇۋاچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇ زاتنىڭ ئۇلۇغ مۇبارەك ئىسمى مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم [1] (ئاللانىڭ رەھمىتى ۋە سالامەتلىرى ئۇنىڭغا بولسۇن) بولۇپ، ئۇ ئاللانىڭ بەندىسى، پەيغەمبىرى ۋە يېقىن دوستىدۇر. ئۇنىڭ ھەسەپ ۋە نەسەپلىرى (ئۇنىڭ نەسىل بىلەن ئەمەس بەلكى شۆھرەت بىلەن يېتىدىغان نەسەپلىرى _ ت)، ئۇلۇغلۇغى ھەزرىتى ئىبراھىم خەلىلۇللاغىچە[2] مەھكەم ئۇلاشقان. ئاللا ئۇنىڭغا پادىشالىق ۋە پەيغەمبەلىكنى، ئىنسانلار بىلەن ۋاستىچىلىق قىلىدىغان ئۇلۇغ مەرتىۋە ۋە مەقامى مەھمۇت [3] ئۇلۇغلۇق ئالى دەرىجىسىنى بەردى. ئاللا بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە پارچە- پارچە قىلىپ تەقدىم قىلغان ھەمە ئۇلۇغ پەزىلەتلەرنى جەم قىلىپ، پەقەت ئۇنىڭغىلا بەردى. ئاللا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنى ۋە ھۆكۈملىرىنى بۇ زاتنىڭ نامى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن بىللە قىلدى. شۇڭلاشقا، ئاللانى ئەسلىگەن كىشى ھامان مۇھەممەت رەسۇلۇللانىمۇ بىلە قوشۇپ ئەسلەيدۇ. مۇھەممەت رەسۇلۇللانىڭ شەرىئەتلىرى تا ھازىرقى چاغدىمۇ خۇددى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكىدەكلا جارى قىلىنىدۇ. بۇنىڭ شەرىئەتلىرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، ئۆزگەرتىشكە ياكى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئەخلاق ۋە يۈكسەك مەرتىۋىنىڭ ئىگىسىدۇر.
غايەت ئۇلۇغ دۇرۇتلەر يەنە مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ بۇرادەرلىرى- ئەنبىيا ۋە مۇرسەلىن ئەلەيھىسسالاملارغا، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلى- ئەۋلاتلىرىغا، پاك رەقىپىلىرىگە، بارلىق ئۇلۇغ ساھابىلىرىگە بولسۇن. بولۇپمۇ ئەششەرەئە- مۇبەششەرلەرگە [4]، بەدرە ئەھلىگە [5]، ئۇھۇد ئەھلىگە [6]، ئەقەبە ئەھلىگە [7]. سۇففە ئەھلىگە [8] ھەم بارلىق ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى رەزىيەلاھۇ ئەنھۇم (ئاللا ئۇلاردىن رازى بولغاي)، خەلىپىلەر، پادىشالار، ئەمىرلەر، ئۆتكەنكى سۇلتانلار، شەرىئەتشوئار ئۆلىمالار، دىندار قازى ۋە ئىمام پىشىۋالار، يۇرتنىڭ ھەم ئەگىشىشىگە لايىم بولغان ياخشى بەندىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاللا رەھمەت قىلغاي ۋە ئۇلاردىن رازى بولغاي، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئاللانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ياخشى بەندىلىرى ئىدى. قەدىمقى زاماندىن بۇ زامانغىچە ئۆتكەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتىدىغانلارغا، ھەتتا قىيامەتكىچە يۇقۇرقىلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، چىن ئىخلاسى بىلەن توغرا يولدا ماڭغۇچىلارغىمۇ ئاللانىڭ رەھمىتى كۆپتىن- كۆپ، مەڭگۇدىن- مەڭۈگىچە بولغاي.
ئەمما بەئدۇ (ئاللاغا ھەمدۇ _ سانا، پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى، ساھابىلىرىگە دۇرۇت _ ت) دىن كېيىن، بىينىشانلىق كوچىسىدا ئېتىۋارسىز بۇلۇڭ- پۇچقاقدىن ماكان تۇتقان، بىينىشانلىق كوچىسىدا مەستۈرە (يۇشۇرۇن _ ت) ياشايدىغان كەمبەغەل ۋە كەمتەر، كۆپ ئەيىپلىك موللا مۇسا ئبىنى موللا موللا ئەيسا خوجا سايرامىنىڭ ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىق بىلەن قىلغان ئەرزى مەلۇماتىم، شۇ جاھان پازىللىرى ۋە ئاقىللىرى، ساغلام تەبىئەتلىك دانىشمەنلەر، دەۋران ئالىم كامىللىرىنىڭ قۇياش نۇرىدەك يۇرۇق، دىلىغا ۋە توغرا زىھىنلىرىگە يېتىپ ئاشكارە بولغايكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتى[9] قەدىمقى زامانلاردا مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدىن كېيىن فەۇفۇرچىنغا [10] تەۋە ۋە بوي سۇنغۇچى بولۇپ، ئارىدىن بىر يۈز يىگىرىمە ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تەقدىرى ئىلاھنىڭ ئارزۇسى، مۇتلەق ھۆكۈمى ۋە ئىرادە تەقدىرى بىلەن ئۇلۇغ ئىسلام قۇياشىنىڭ نۇرى بۇ يەتتە شەھەر- موغۇلىستان ئاھالىسىنىڭ پىشانىسىگە چۈشۈپ، قاراڭغۇلۇق بۇلۇتلىرى ئاجىزلىق ۋە يوقلۇق پەردىسىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇندى. ئالدى بىلەن كۇچار مەمىلكىتىدىن راشىدىن خوجام، خوتەندىن موللا ھەبىبۇللا ھاجى ۋە تۇڭگانى تائىپلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پادىشا بولۇپ، كاپىرلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ، جەڭ ۋە غازاتقا كىرىشىپ، ئۆز- ئارا تالاش- تاتىش قىلىپ، دۇئا- ئىبارەت بىلەن تۇرغان بىر پەيتتە، فەرغانە ۋىلايىتىدىن مۇھەمەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگى ناملىق تەدبىرلىك، باھادىر، ئالى دەرىجىلىك بىر كىشى بۇ زىمىنلارغا ئىستىلا قىلىپ كىرىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1869-1870- يىلى _ ت) ياقۇپ بەگنىڭ ئەقىل- ئىدرىگى ئۇنىڭ خۇلقى نەپسانىدىن غالىپ كېلىپ، ئۆزىنى ۋە يەتتە شەھەر ئاھالىسىنى زىمىن ۋە زاماننىڭ ئۇلۇغ خەلىپىلىگى_ بۈيۈك ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ [11] ھىمايىسىگە شەرتسىز تاشلىدى. جۈملىدىن ئوسمانىيە دۆلىتىگە ئىتائەت ۋە ئىناۋەت قىلىشنى شۆھرەت ھىساپلاپ، پەخىر دەپ بىلىپ، قازى ياقۇپخان تۆرەم باشچىلىغىدىكى بىر ئەلچى ئۈمىگى ئارقىلىق نۇرغۇن سوغا- سالاملار بىلەن ئىتائەتنامە ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئوسمانىيە دۆلىتىگە بەيئەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. ياقۇپخان تۆرە بۇ ئىتائەتنامىنى خاقان بىننى خاقان ۋە خادىمى ھەرەمەيىن شېرىپ (ئۇلۇغ ئىككى ھەرەمنىڭ خادىمى _ ت) ئابدۇلئەزىزخان بىننى ئابدۇلمەجىدىنخان [12] تۇرۇپ ئىشلەيدىغان جەننەتتەك ئالى ئېھتىرامغا ئىگە پايتەختىگە [13] يەتكۈزدى. بۇ ھال جانابى پەلەك ئاشيان (يۈكسەك مەرتىۋىلىك _ ت) ئابدۇلئەزىزخاننىڭ (ئۇنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن) نۇرلۇق ۋە يۈكسەك ئوي- پىكىرگە مۇۋاپىق ۋە مۇناسىپ كېلىپ، بۇ مۇغۇلىستان يۇرتى ۋە پۇقراسىنى ئالى دۆلەت ھىمايىسىگە ۋە بېقىندىلىغىغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆز يولىغا باشلاپ، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىغا (غازاتچىلارنىڭ ئاتىسى _ ت)”مىراخور باشى“دىگەن ئالى مەنسەپ ئىلتىپات قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ شاھانىلىق ھەم ئنايەتلىك مەرھىمەتلىرى بىلەن ، ئوسمانىيە ئۆز بېقىندىلىرىغا تەقدىم قىلغان شاھلىق تاجىسىنى، ئوسمانى دۆلىتىنىڭ بايراق- ئەلەملىرىنى بەرگەنلى ھەققىدە يارلىق چۈشۈردى.
نەتىجىدە ، يەتتە شەھەر ئەھلىدىن بولغان بىزدەك نەۋكەر، غۇلام، پۇقرا- خەلق، كەمتەردىن خىزمەتكارلار ۋە بارلىق ئامما ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ سىياسى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا يەتتە يىل مىقدارى خاتىرجەم ۋە تىنچ، پاراۋانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆز ئادىتىمىز بويىچە كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك ئاللاغا دۇئا ئىلتىجا قىلىپ ياشىدۇق. دەل مۇشۇنداق پەيتتە، سۇلتان بىننى سۇلتان مۇھەممەت مۇرادىخان[15] سۇلتانلىقنىڭ غەلبە تەختىگاھىغا ئورۇنلاشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئۈمەتلىرىگە چۈشۈرگەن سايىسى، بۈيۈك رەھبەر، ئەرەپ[16]، ئەجەم[17] مۈلكىنىڭ پادىشاسى ئۇلۇغ ھەرەم خادىمى، ئۇلۇغ شۆھرەتلىك ئوسمانلار ئەۋلادىنىڭ تاجى گەھىرى بولغان ئابدۇلھەمىد خان[18] (خۇدا ئۇنىڭ دۆلىتىنى مەڭگۈ قىلسۇقن، نۇسرەتكە يېقىن، بەخت- سادەتكە دوست قىلسۇن) ئالى ئېكراملىرى غەلبە ۋە شەرەپ بىلەن خەلپىلىلىك تەختىگە مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ، مۇستەقىل سەلتەنەت سۈرۈشكە باشلىدى. لېكىن، ئابدۇلھەمىدخان بىزدەك كەمتەر پۇقرالارغا ئۆز ئېتىۋارىنى تاشلاپ، تۇرمۇشىمىزنى پاراۋانلىققا باشلاپ، يۇرتىمىزدا تېنچلىق ۋە ئاراملىق ھەم تېگىشلىك قائىدە- تۈزۈملەرنى ئورناتقىچە، مۇھەممەت ياقۇپخان غازى بۇ پانى ئالەمدىن مەڭگۈلۈك باغچىسىغا سەپەر قىلدى. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، فەغۇرچىننىڭ مەنسەپدارلىرى كېلىپ، بىزدەك باشپاناھسىز ۋە زەئىپ ناچار جۇدەڭگۈ پۇقرالارغا ئىگىدارچلىق قىلدى.
بۇ ۋەقەلەر ئۆتكىنىگە تېخى ئەمدىلا ئوتتۇز ئىككى يىل بولدى. لېكىن بىرەر زامان داناسى ياكى دەۋران پازىلى، بۇ پاراكەندىچىلىك بىلەن ئۆتكەن دەۋر ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى يېزىپ، بىزگە بىرەر نەمۇنە ياكى يادىكار قالدۇرۇشقا جۈرئەت قلىشقانلىغىنى بىلمەيمىز. بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى ” قىلىچ بىلەن قەلەمنى بىرلەشتۈرگەن“ جانابى مىرزا ھەيدەر كوراگانى[19] بۇ موغۇلىستان يۇرتىدا ھۆكۈم سۈرگەن خان ۋە پادىشالارنىڭ ئەھۋالىدىن «تارىخى رەشىدى» ناملىق بىر ئەسەرنى يازغاندىن باشقا، شۇ زامانلاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى قىسسە ۋە ھىكايە قىلىپ توپلاپ، نەمۇنە ياكى نىشان قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىرەر زامان رىسالىچىسى ياكى داناسى ئۆتمىدى.
شۇڭلاشقا، بەزى كۆڭلى يېقىن ۋە ئىشەنچىلىك دوستلار، بۇ دىياردا ئىسلام ئېچىشقا سەرپ بولغان كۇچارلىق خوجىلارنىڭ غازاتلىرى، ئاتالىق غازى ياقۇپ بەگ ھۆكۈمرانلىغىنىڭ باشلىنىشىدىن مۇنقەرز بولغىچە بولغان ۋەقەلەرنىڭ تولۇق جەريانى ھەققىدە بىرەر تارىخ كىتاۋى جەملەپ يازساڭ، دەپ ئىلتىماس قىلىپ، غازات قىلىپ ئۆتكەن، سېيىتلارنىڭ غازاتلىرىنىڭ ۋەقەلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شەھەرلەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۇرۇش- جەڭلىرى ئۇنتۇلۇپ قالمىسا، ئاتالىق غازىنىڭ قوشۇن باشلاپ كىرىپ، پەيدا قىلغان جەڭ- جىدەللىرىنى ۋە دۆلەت ھۆكۈمرانلىغى قاتارلىق مەسىلىلەر خالايىق نەزىرىدىن مەخپى قالمىسا، بۇ ۋەقەلەرنى ئوقۇپ بىلگۈچىلەر، شۇ ۋەقەلەرگە گۇۋاھچى بولغان سىز ۋە بىز ئۈچۈن دۇئا- تەشەككۈر قىلىشسا دەپ ئىلتىماس قىلىشتى. ئۇلار يەنە پەيغەمبەرنىڭ ”ھەدىس “كىتاۋىدا ”ياخشىلىققا دالالەت قىلغۇچىلار بولسا، شۇ ياخسى ئىشنى ئۆزى قىلغانلىق بىلەن باراۋەر“دىگەن سۆزنى نەقىل قىلىپ، ”سىز يازغان بۇ ئەسەرنىڭ بەرىكەتلىرىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىزگە ۋە بىزدەك ئاسى گۇناكارلارغا قىلغان دۇئا- تەشەككۈرلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىپ، ئەيىۋىمىزنى كەچۈرۈشىگە سەۋەپ بولسا ئەجەپ ئەمەس “ دەپ خىتاپ قىلدى.
لېكلىن، مەندەك بىر خارۇ- زار بىچارە بۇ سىيادات پانا غازىلارنىڭ (غەلبىگە ئىگە غازاتچىلارنىڭ ــ ت) ئەھۋاللىرى، غەبىلىك جەڭ- غازاتلىرى، ئاتالىق غازىنىڭ پادىشالىق شان- شەۋكەتلىرى، ھۆكۈمرانلىغى قاتارلىق مەسىلىلەرنى توپلام قىلىپ يېزىپ چىقىشقا قانداق جۈرئەت قىلالايمەن؟ بۇ دۆلەت ئىگىلىرى ھەققىدە قانداقمۇ پېتىنىپ سۆز ئېچىشىم مۇمكىن؟ مەندەك نام- نىشانسىز بىچارە ئۇلارغا ئوخشاش ئورۇن ۋە مەرتىۋىسى پەلەككە يەتكەن ئالى پادىشالارنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىنى قانداق يول ۋە مۇناسىۋەت بىلەن توپلىيالايمەن ۋە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆز مەرتىۋىسىگە لايىق تىل بىلەن قەلەم سۈرەلەيمەن؟
ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام ئېچىلغاندىن باشلاپ، بۇ كۈنگىچە قىرىق يىلدىن ئاشتى. شۇ چاغدىدىكى ۋەقەلەر ئۈستىدە تۇرغان ياكى ئۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن ئۇچۇق كۆرگەنلەرنىڭ تولىسى ئالەم باقىغا سەپەر قىلدى. بۇ چاغدا ئۆتكە ۋەقە ۋە ھادىسىلەر ئاستىلاپ، كىشلەرنىڭ خاتىرسىدىن كۆتىرىلىپ ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى قايتا ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ، قايتا رەتلەپ ئەسەر يېزىشنىڭ ئۆزى مۇشكۈل ۋە قىيىن بىر ئىش. ”ياخشىلاردىن سورالغان ئۆزرە- خالىق، ئەلۋەتتە يەنە شۇ ياخشىلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغۇسىدۇر.“ دىگەن ھىكىمەتلىك سۆز بويىچە، ئېھتىرام بىلەن ئۆزرەمنى بىللە قوشۇپ، شۇ چاغدىكى ۋەقلەر توغرىسىدا سۆز باشلىدىم. بۇ چاغدا، يەنە بىر نەچچە سەمىمى كونا دوستلىرىم كېلىپ، ”كاپىرلارغا ئايىماي ئىسلام قىلىچىنى ئۇرۇپ، غازىلىق دەرىجىسىنى ۋە مەرتىۋىسىنى تىكلىگەنلەر، خۇداۋەندەكېرىمنىڭ رازىلىغىنى ئىزدەپ، ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلىپ قۇربان بولغان شەھتلەر باشلىغان يادىگار نامىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ تېز داۋاملاشتۇرغايسىز، كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۆزىنىڭ سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلىرىدە ئۇلارنى ئەسكە ئېلىپ، شىرىن سۆزلەر بىلەن ماختاپ مەدىھىيلەپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا- تەشەككۈرگە قول كۆتەرگەن چاغدا، سىزمۇ ئاللائالدىدا ئەجرى مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىز، جۈملىدىن ئەھلى خالايىققىمۇ گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرلايسىز.“ دەپ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشكە باشلدى.
بۇ دوستلىرىم يەنە ”تارىخ ئىلمى ناھايتى زۆرۈر بىر ئىلىم بولۇپ، ئۇ ھەممە پەنلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. تارىخ ئىلمىنى ئوقۇش ۋە تارىختىن خەۋەردار بولۇش، ئىنسانغا نىسبەتەن ناھايتى مۇھىم بىر ئىشتۇر. بۇ پەننى بىلىدىغانلار بولسا خالايىق نەزىرىدە ئۇلۇغ ھىساپلىنىپ، سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەردە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولالايدۇ. تارىخ ئىلمىنى بىلمەيدىغانلار، ياكى ئۇنىڭدىن بى خەۋەر كىشلەر گەرچە قانچە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن بىلەنمۇ، ئۇلار دانا ئالىملارنىڭ ئالدىدا يەنىلا نەزەر ۋە ئېتىۋاردىن يىراقتۇر. تارىخنىڭ پايدىسى تولا، مەنپەئەتى كۆپ بىر ئىلىم. چۈنكى ئادەملەرنىڭ دەرىجە ۋە تەبەقەلىرى، ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى، خۇلقى ئەخلاقى، ياشايدىغان جاي ۋە ماكانلىرى، ئاۋات قىلغان شەھەر ۋە زىمىنلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەقەت تارىخ ئىلمىنىڭ ياردىمى بىلەنلا بىلگىلى بولىدۇ.“ دىيىشتى.
ئۇلار يەنە ”ئەگەر تارىخ ئىلمى بولمايدىكەن، بۇرۇنقى زامانلارنىڭ ئۇزاق ۋە تار شارائىتلىرىدا ياشىغا خەلقنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى قەدىمقى زاماندىكى ھەرزىرى ئادەم سەفيوللا[20] دىن ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغىچە، ھەتتا شۇ زاماندىن باشلاپ بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە بولغان ئارلىقتا، بىرمۇنچە ئەنبىيا، مۇرسەلىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە ئەۋلىيالىرى، دىن يولىدا ئۆز كۈچىنى سەرپ قىلغان ئۇلۇغ ماشايىخلار، قەيسەر [21]، كىسرا [22]، فەغفۇرچىن، پىرئەۋىن [23]، نەمرۇد[24] قاتارلىق ئۇلۇغ مەرتىۋە ۋە يۈكسەك ئېھتىرامغا ئىگە خاقان، خان ۋە پادىشالار، بۇلاردىن باشقا يەنە ئەرەپ، ئەجەم پادىشالىرى، يۈكسەك دەرىجىلىك ئىسلام پادىشالىرى ۋە ئىسلام ئىنتىزامىغا كىرمىگەن كاپىر زالىملار ئۆتكەن ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالەمنى ئىنتىزامغا باشلاپ، پۇقرالارنى پاراۋان تۇرمۇشقا يىتەكلىدى. ئەگەر تارىخ ئىلمى بولمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، تۇتقان يولى ۋە شۇئارلىرىنى ھەم ھەر قايسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋەقە ياكى ھادىسىلەرنى زادىلا تولۇق بىلگىلى بولمايدۇ،“ دىيىشتى.
ئۇلار يەنە ”ئەرەپ، ئەجەمدە ياشايدىغان بىرمۇنچە قەبلە ۋە گورۇھلارنىڭ پازىللىرى، ھەر بىر زاماندا يۈز بەرگەن ۋەقە- ھادىسىلەرنى توپلاپ، تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىپ، ھامان بىرمۇنچە ئەسەرلەرنى يېزىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەقەت ئۇزۇن ۋە چوڭ ئەسەرلەرنى يازغان بولسا، يەنە بەزلىرى پەقەت ئۆز قەۋمى ياكى ئۆز يۇرتىدا ئۆتكەن پادىشالارنىڭ ئەھۋالىنىلا بايان قىلىپ، قىسقا ياكى تاللانما ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى. ھالبۇكى، سىز بولسىڭىز بۇرۇنقى زاماندىن بۇ زامانغىچە يېزىلغان تارىخ كىتاپلىرىنى، بولۇپمۇ تۈرك، موغۇل (موغۇل – ت) تارىخلىرىنى كۆپ ئوقۇغان، بېشىڭىزدىن زاماننىڭ ئىسسىق- سوغاقلىرى تولا ئۆتكەن، ياخشى ۋە يامان ئىشلارنى كۆپ كۆرۈپ تەجىرىبە ھاسىل قىلغان، ئەمىرلەر، ۋەزىرائىلەر ۋە ھاكىملار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرى، خۇلقى- مىجەزى، تەبەقە ۋە دەرىجىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىلىدىغان بىر ئادەم. شۇڭلاشقا، شۇ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئاجايىپ ۋەقەلەرنى توپلاپ بىر تارىخ كىتاۋى يېزىپ، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا نىشان ۋە نەمۇنى قىلسىڭىز، يېشىڭىزمۇ يەتمىشتىن ئاشتى. بىرەر ئەسەر- ئالامەت قالسا،“ دەپ ئىلتىجا ۋە ئىلتىماس قىلىشتى.
مەن بۇرادەرلىرىمنىڭ خۇددى كىتاپقا تىزىلغاندەك ئۇنچە- مارجان سۆزلىرىنى رەت قىلىشىنى، خارلىق تۇپرىغىغا تاشلاشنى ۋە بۇ گەپلەرگە ئېتىۋارسىز قاراشنى مۇناسىپ كۆرمەي، ئامالسىزلىقتىن بۇ چوڭ ئىشنى كىتاپ قىلىپ تۈزۈپ چىقىشقا، يەنى دوستلارنىڭ ئەمىرىگە ئاساسەن بۇ كىتاپقا تۇتۇش قىلىپ، ئۆزەمنى كىنايە ئوقلىرىنىڭ نىشانىغا قاراپ ئېتىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ ئەسەردە بىرەر مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز خاتارلىقلار ياكى سەۋەنلىك سادىر بولسا، دوست- يارەنلىرىمنىڭ ئۇنى كەچۈرۈم ئېتەكلىرى بىلەن يۇشۇرۇپ، خەيرىخاھلىق قەلەمتۇراچلىرى بىلەن تۈزىتىپ، مۇۋاپىق ئۆزگەرتسە، ئۇلار ئەلۋەتتە ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئەجرى مۇكاپىتىغا ۋە خالايىقنىڭ رەھمەت- تەشەككۈرلىرىگە ئىگە بولغۇسىدۇر.
مەن بۇ كىتاپنىڭ دەسلەپكى قىسىمىنى پايدىلىق تارىخ كىتاپلىرىنىڭ تاللانغان مەزمۇنىدىن پايدىلىنىپ يازدىم. كېيىنكى قىسىمىنى بولسا شۇ ۋەقەلەرنى كۆرگەن ياكى بىلگەنلەردىن سوراپ بىلىپ، ئۇلارنى تەھرىر يىپىغا باغلاپ، بايان سەھپىسىگە ئورنىتىپ، قىسقىچە بۇ تارىخ كىتاۋىغا ”تارىخ ھەمىدى“ دەپ ئات قويدۇم ۋە ئۇنى بىر مۇقەددىمە، ئىككى داستان، بىر خاتىمە بىلەن تامامىغا يەتكۈزدۇم.
بۇ كىتاپنى”تارىخ ھەمىدى“دەپ ئاتاشتا مۇنداق بىرقانچە سەۋەپ بار: بۇنىڭ بىرى شۇكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتى ۋە ئاھالىسىنىڭ ئالى ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى، زامان ۋە زىمىننىڭ خاقانى، بىننى خاقان ۋە ئۇلۇغ ھەرەمەينىڭ خادىمى ئابدۇلھەمىد خان بىننى ئابدۇلمەجىد خانغا بەيئەت ۋە ئىتائەت قىلىش شەرىپىگە ئىگە بولغانلىغى ۋەقەسىنى، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدا يۇز بېرىدىغان پاراكەندىچىلىك ياكى داۋاملىق كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۈزۈلۈپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، خالايىقنىڭ خۇددى ۋەھشىلەرنى كۆڭۈلدىن يىراق قىلغاندەك، شۇ چاغدىكى ۋەقەلەرنى ئۆز كۆڭۈل ئەينىگىدىن چەتتە قالماسلىغى، بەلكى بۇ ۋەقەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ جاھان سەھپىسىدىن تېخىمۇ ئاشكارا ئورۇن ئېلىپ، ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىگىنى مۇددىئا ياكى مەقسەت قىلىپ، بۇ كىتاپنى ”تارىخ ھەمىدى“دەپ ئاتىدىمم.
يەنە بىرى شۇكى، ئاۋالقى زاماندا، يەنە تارىخ ھىجرىنىڭ توقۇز يۈز ئەللىك ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1545- يىلى – ت)ئەمىلەرنىڭ ئەمىرى مىرزا ھەيدەر كوراگانى بىننى مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگانىمۇ (ئاللا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ قەۋرىسىنى نۇرلۇق قىلغاي) ئەينى زاماندىكى ئاجايىپ ۋەقەلەر توغرىسىدا بىر جانلىق تارىخ تۈزۈپ، ئۆز زامانىنىڭ پادىشاسى سۇلتان بىننى سۇلتان، يەنى شىرىن- سۆزلۈك، ئالى مەرتىۋىلىك ئابدۇل رەشتىخان [25] بىننى سۇلتان سەئىدىخاننىڭ [26] نامىغا بېغىشلاپ، ”تارىخ رەشىدى“دەپ ئات قويغان ئىدى. مەنمۇ بۇ دەرۋىدىكى ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى، سۇلتان بىننى سۇلتان ۋە ئۇلۇغ ھەرەمەيننىڭ خادىمى ئابدۇل ھەمىدىخان بىنىى ئابدۇل مەجىتخان نامىغا بېغىشلاپ ”تارىخ ھەمىدى“ دەپ ئات قويدۇم.
يەنە بىر سەۋەپ، خۇددى ”ھەدىس“كىتاۋىدا ”ئەگەر بىرەر كىشى يەنە بىرسىدىن ئىلىم سورىسا، ئۇ كىشى ئىلىمنى بىلىپ تۇرۇپ سورىغۇچىدىن يۇشۇرسا، بۇنىڭ بوينىغا ئوتتىن نوختا سېلىنىشى كېرەك.“ دەپ كۆرسەتكەندەك، مەنمۇ ئۆزەمنى مۇنداق قورقۇنچتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر قانچە سۆزنى ئاۋال ئۆزەم بىلىدىغان بۇرۇنقى يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئاللاغا يېقىن پادىشالارنىڭ نام- نەسەپلىرى ھەققىدە باشلاپ، بۇنىڭغا تەكرار- تەكرار قەلەم سۈردۇم. چۈنكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتى ۋە ئاھالىسى ئەل خاقان ھىمايىسى ۋە ئىتائىتىگە كىرگەنلىگى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ تەۋەلىگىدىكى پۇقرالار قاتارىدا ھىساپلىنىپ، كىتپلاردىن ئورۇن ئالغانلىغى، بۇ دۇنيادىن ئىبارەت ئىككى ئالەمدە پەخرلىنىشكە تېگىشلىك شۆھرەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئۇلۇغ ”ھەدىس“ كىتاۋىدا يەنە ”ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆز دەۋرىنىڭ پادىشالىرىنى بىلمىسە ياكى تونۇمىسا، ئۇنداق ئادەم جاھىللىق بىلەن ئۈلۈمگە گىرىپتار بولىدۇ.“دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇڭلاشقا، بارلىق پۇقرالار، ھەر خىل ئىنسانلار ۋە گوروھلار ئۆز دەۋرىنىڭ پادىشالىرىنى ياخشى تونۇپ بىلىشى شەرت. بۇنداق قىلىش ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاخىرەت ئازاۋىدىن قۇتۇلۇشىغىمۇ ياردەم بېرىدۇ. مەنمۇ خۇددى شۇنداق چىڭ ئەقىدە ۋە مەقسەت بىلەن بۇ ئەسەرگە ”تارىخ ھەمىدى“ دەپ ئات قويدۇم.
توغرا يولنى تۇتقان مۇناسىۋەتلىك دوست- بۇرادەرلىررىم بۇ مەجىمۇئەگە نەزەر تاشلىغاندا، مەندەك بىر خار ۋە بىئېتىۋارنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىجابەتلىك ۋە تەسىرلىك دۇئالىرىدىن چەتتە قويماس دىگەن ئۈمىد بىلەن، ئۇلاردىن دۇئا ۋە پاتىھە تەلەپ قىلىپ، بۇ ئەسەرگە قەدەم باشلاپ، قەلەم سۈردۈم. ئاللا بۇ ئىشىمغا رەھمەت ۋە شەپقەت قىلىپ، مېنى توغرا يولغا باشلاپ، ياردەم بېرىشىنى ۋە بۇ ئىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

مۇقەددىمە ئىپتىداسى
1
موغۇلىستان يۇرتى ياكى يەتتە شەھەر [27] نىڭ زامانىمىزغىچە بولغان ئەھۋاللىرى ھەم ۋەقەلىرى قىسسىسى، بۇ زىمىنغا قايسى تايىپىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىغى،”موغۇللىيە“[29] دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەپلىرى، مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ ئەسلى نەسەپلىرى، خاقانى چىنىنىڭ [30] بۇ يەتتە شەھەرنى ئۆزىگە قاراتقانلىغىنىڭ سەۋەپلىرى ۋە قىسقىچە جەريانلىرى- بايانى

ھۆرمەت ۋە ھەشەمەت ئىگىلىرىدىن بولغان يېقىن دوست- بۇرادەرلەرنىڭ ناھايتى سەزگۈر قۇلاقلىرىغا يېتىپ روشەن ۋە ئاشكارە بولغايكى، قەدىمقى زامانلاردا ۋە تارىخ كىتاپلىرىدا، بۇ يەتتە شەھەر”موغۇلىستان“دەپ ئاتالغان. كونا ئىشەنچىلىك ھۆججەتلەردىمۇ، بۇ جاينىڭ ”موغۇللىيە“ تەۋەلىگىدە بولغانلىغى قەيت قىلىنغان. ئەمدى”موغۇللىيە“دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟ بۇ يەتتە شەھەر دەسلەپ قايسى دەۋرىدىن باشلاپ دىننىڭ دۆلەت شېرىپىگە ئىگە بولغان؟ ئۇنىڭ پادىشالىرى قايسى مەزھەپ ۋە مىللەتكە مەنسۇپ؟ خاقانى چىنىنىڭ بۇ جايغا قاچان ئىگىدارچىلىق قىلغانلىغىغا قانچە يىل بولدى؟
يۇقىرقى مەسىلىلەرنى تەپسىلى يېشىپ بېرىش ۋە تەتقىق قىلىشتا بۇ قىسقىچە تارىخچىدا، ئالدى بىلەن بۇرۇن ئۆتكەن تارىخچىلارنىڭ ئەۋلاتلارغا تەقدىم قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلۇغ كىتاپلىرىدىكى ئىبارىلەرنى نەمۇنە ئورنىدا بايان قىلماي تۇرۇپ، ئەسلى مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر سۆزلىگۈچى سۆزىنىڭ ئەۋۋىلىنى باشلىماي تۇرۇپ ئاخىرىدا كۈچەپ كەتسە، ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى بېشى يوق گەپ دەپ نەزەر- ئېتىۋارغا ئالمايدۇ. شۇڭلاشقا”رەۋزەتۇسسافا “[31] (ساپالىق باغ – ت)، «مۇنتەخەببۇتتاۋارىخ [32]» (تارىخلارنىڭ تاللانغىنى – ت)، ”تارىخ رەشىدى“ ۋە باشقا تارىخ كىتاپلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن تاللانغان بىرقانچە مەلۇمات بۇ ئەسەردە ئالدى بىلەن قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ.
ئەلقىسسە، ئۆتكۈر كۆزلەر ئەھلى ۋە دانالارغا مەخپى قالمىغايكى، بۇ تارىخنى يېزىشتىكى ئەسلى مەقسەت بولسا، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئەھۋالى، پادىشا ۋە ئەمىر- ئەمىرالىرى، دۆلەتكە ھۆكۈمران بولۇپ سۆلەت ۋە سەلتەنەت تاپقانلار ۋە ئۇلارنىڭ شۆھرەت ياكى قان- قېرىنداشلىق جەھەتتىكى نامى نەسەپلىرى، ئەسلى ۋەتەنلىرى، ئورۇن مەنزىللىرى، يۇرتى، ئۇلارنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى، نىشان- ئالامەتلىرى، سۆز- ماقالىلىرى قاتارلىقلارنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ۋەقەلەرنى بايان قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئالدى بىلەن نوھ بىننى ئادەم سانى (ئىككىنچى – ت)نىڭ زىكىرىنى ئارزۇ- تىلەك ۋە تەبرىك بىلەن باشلىماي تۇرۇپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۆجىزلىك ۋەقەلىرى، قەۋم گۇرۇھلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن سۆز ئاچماي تۇرۇپ، مەقسەت ۋە مۇددىئاغا يەتكىلى بولمايدۇ.
نوھ ئەلەيھىسسالام ئەللىك كەم بىر مىڭ يىل (مىلادى 950- يىلى – ت)پەيغەمبەرلىكتە ئولتۇرۇپ، ئۆز قەۋملىرىنى دىنغا دەۋەت قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ قەۋملىرى يامان بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋەتلىرىنى قۇبۇل قىلمىدى ۋە توغرا يولغا كىرمىدى. «كىتابى مۈلكولئەئالام» (ئالەم ئىگىسىنىڭ كىتاۋى يەنە قۇرئان – ت) دە ۋە ئەرەپ، ئەجەم خەلقىنىڭ ئارىسىدا، خۇدا ئۆز قەھرى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ دوزاققا تاشلىغانلىغى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار ۋە مەشھۇر رىۋايەتلەر ساقلانغان. شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەققىدىكى قىسسىلەرگە ۋە نوھ ئەلەيھىسالامنڭ سام، ھام ناملىق ئىككى ئۇلۇغ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە توختالمىدىم.
نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى يافەس بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ شەرق ۋە شىمال تەرەپتىن ۋەتەن تۇتقان ئەۋلاتلىرى ھىن، تۈرك، موغۇل قاتارلىق قىبىلىلەرنىڭ نەسەپلىرىنى، شۇنداقلا، ئۇنىڭ بۇ جايلاردىكى باشقا قىبىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولساممۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش ئۈچۈن ئۆمرۈم يەتمەسمىكىن دىگەن خىيال- ئەندىشە بىلەن، پەقەت يافەسنىڭ بىر ئوغلى تۈر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى، نەۋرە- چەۋرىلىرى، قەۋمى- قېرىنداشلىرىنىلا قىسقىچە بايان قىلدىم. چۈنكى، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆمرى 80 ياشقا يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ قەدەملىرى قىسقىرىپ، نوقسانلىرى كۆپىيىدىكەن. شۇڭلاشقا، تۆۋەندە يازغانلىرىمنى تەنە- تەئەررۇز قىلماسلىغىڭىزلارنى ئۈمىدت قىلىمەن.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، نوھ ئەلەيھىسسالام ئاب ئازاپىدا (تۇپان سۈيى بالاسىدا – ت)پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بىر كېمە ياساپ، كېمىگە ھەر تۈرلۈك مەخلۇقتىن بىر جۈپ سېلىپ، ئەڭ ئاخىرى كېمىنى جۇد تېغىنىڭ [33] ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. ئادەم ئەلەيھىسسالام نەسلىدىن سەكسەن كىشى سالامەت چىقتى. لېكىن دەريا سۈيىنىڭ داۋاملىق ئاپەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارمۇ ھالەك بولۇپ، ئاقىۋەت نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، ئۈچ ئايال جەمئىي يەتتە كىشىلا سالامەت قالدى. يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانىيەت گۇرۇھى ياكى ئادەم جىنسى، دەل شۇ نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىدىن تارالغان ئەۋلاتلاردىن ئىبارەت. شۇ سەۋەپتىن، نوھ ئەلەيھىسسلام «ئادەم سانى» (ئىككىنچى ئادەم ئەلەيھىسسلام – ت) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ چاغدا يەر يۈزىدە بۇلارنى باشقا ھايات ۋە ئىنسان قالمىغان ئىكەن.
نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئىسىم- شېرىپلىرى سام، ھام ۋە يافەس ئىدى. بۇلار يەنە پەيغەمبەر مۇرسەل ئىدى دىگەن رىۋايەتلەرمۇ بار. سام نوھنىڭ يەنە باشقا ئوغۇللىرىغا قارىغاندا ئەقىللىق، دانا ۋە ساپ پاراسەتلىك ئىدى. نوھ ئەلەيھىسسلام ئەنبىيالىق ۋە ئەلچىلىكنىڭ ئىچكى سىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. باشقا پەرزەنتلىرىنى بولسا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغان ئىدى. ئالەمنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋە ياخشى جايلىرىنى، بولۇپمۇ روبئى مەسكۇن (يەر يۈزىنىڭ ئادەملىرى ياشايدىغان ئاۋات قىسىمى – ت) نىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، ھاۋاسى ياخشى يەرلىرىنى مەخسۇس پەرزەنتىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئەنبىيا، ئەۋلىيا، ھۆكىما (پەيلاسوپلار – ت) ۋە ئەمىرالارنى (ئەمىرلەرنى – ت) سامنىڭ نەسلىدىن بولسۇن دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. سام بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇنىڭدىن توققۇز پەرزەنت دۇنياغا كەلدى. بۇلار ئەرفەھشەغ، كىيومرىس، ئاسۇر، يەقىن، لاۋاج، لاد، ئەلەم، لەدىم، يۇر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەرفەھشەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى، كىيومرىس بولسا پادىشلارنىڭ ئانىسى ئىدى.
سام ھەر بىر پەرزەنتىنى ھەر قايسى تەرەپكە بۇيرىدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئون توققۇز خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بولدى ۋە بابىل [34]، يەمەن [35]، ھەزەرمۇت [36]، ئومان [37]، ئىراقەيىن [38]، پارىس [39] قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان بولدى. بەزىلىرى يەر زىمىننىڭ شەرق ۋە جەنۇپ تەرەپلىرىگە بېرىپ، ھام بىلەن يافەسنىڭ ئەۋلادىغا ئارىلىشىپ، نوپۇسى ناھايىتى كۆپىيىپ، شەھەر- ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ئاۋات قىلدى.
ھام جەنۇپ تەرەپكە بېرپ، دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان بولدى، خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا توققۇز پەرزەنت بەردى. ئۇلار ھىند، سىند، نۇبە، كەنئان، زەنج، كوش، قىمىت، بەربە (بەربەر ـ ت) ھەبەش دەپ ئاتالدى. سۇدان يۇرتىنىڭ ئادەملىرى، زەنگىبار، ھەبەس، ھىندىستان خەلقى ھامنىڭ ئەھۋلادى، بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئون سەككىز خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان بولدى. ئۇلارمۇ نۇرغۇن شەھەر ۋە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى.
بۇرۇن نوھ ئەلەيھىسسلام كېمىسىنى جۇد تېغىغىا سۆرەپ چىقىپ، ئۆز پەرزنەتلىرىگە زىمىن ئايرىپ رۇخسەت بەرگەن چاغدا، يافەس دادىسىدىن ”ماڭا دۇئا ئۈگەتسىڭىز، مەن خالىغان چاغدا دۇئا قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغان بولسام“ دەپ ئىلتىماس قىلغان ئىدى، دادىسى بۇنى ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلدى. ئاللا ئۇنىڭ تەلىۋىنى قۇبۇل قىلىپ، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىسمى ئەززەم دىگەن ئايەتنى ئەۋەتتى. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنى تاشقا نەقىش قىلىپ ئۇيۇپ بەردى. بۇ تاشنى ئەرەپچە ”ھىجىرىلمەتلەر“ (يامغۇر ياغدۇردىغان تاش – ت) دەيدۇ. تۈركلە ”يادا تاشى“ياكى ”جادا تاشى“ دەپ ئاتايدۇ.
يافەس دۇنيانىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىدىكى ئىدىل (ۋولگا – ت) ئىرىتىش دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشايتى. ياخشى قائىە- يوسۇنلارنى ئورناتتى ۋە دۇنيانىڭ شەرقىدىكى بېيجىڭ مەمىلكىتىدە بىر شەھەر بىنا قىلدى، خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا ئون بىر پەرزەنت بەردى. ئۇلار چىن، ساقلاپ، گۇمادى، تۈرك، خەلەج، خەرىز، رۇس، سەدسان، غەربا، رۇج، مۇنشەج دەپ ئاتالدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز ئەۋلادىدىن قىز ئېلىپ بېرىپ، ” يۇرتۇڭلارنى ئاۋات ۋە باي قىلىڭلار، ھەق تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئوبدان تەربىيە بېرىڭلار، ئۇلار كۆپەيسۇن “دەپ ۋەسىيەت قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى.
يافەسنىڭ ئەۋلادىغا تۈرك دىگەن ئوغلى باشلىق بولدى. ئۇ ناھايتى غەيرەتلىك، مەردانە، ھۈنەرۋەن، ئەقىللىق بالا ئىدى. ئۇ ئالەم ئەتراپىنى سەيلە قىلىپ يۈرۈپ بىر كىچىك دەريا ۋادىسىغا باردى. بۇ جاينى” سەيلۇك “دەپ ئاتايتى. بۇ ئېقىن سۇلىرى، بۇلاقلىرى كۆپ، چىرايلىق سايرايدىغان ھەر تۈرلۈك قۇشلار ياشايدىان خۇش ھاۋالىق بىر جاي ئىدى. تۈرك بۇ جاينى كۆڭلىگە ياقتۇرۇپ، ئۆزىگە ماكان قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئوت- گىيا ۋە قومۇشلاردىن ئۆي ياساپ ئولتۇردى. ئاندىن كېيىن چېدىر- ئۆيلەرنى پەيدا قىلدى، چارۋا تېرىسىدىن تون، تۇماق تەييارلاپ كەيدى. ئۇنىڭغا ناھايتى ئادىل ۋە سېخى پادىشالىق بەخشەندە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھەق تائالانىڭ بەندىلىرىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئۇلارنى قاتتىق تەربىيە ئاستىغا ئالدى، ھەم ناھايتى ياخشى پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ بىرىگە ” فۇدەك “دەپ ئىسىم قويدى. فۇدەك ئوۋ قىلىشقا ناھايتى ئامراق ئىدى. ئۇ بىر كۈنى سەھرادا كىيىك گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يەپ ئولتۇرغاندا، بىر پارچە كاۋاپ قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. فۇدەك بۇنى يەردىن دەرھال ئاغىزىغا سالدى ۋە كاۋاپنىڭ لەززەتلىك ئىكەنلىگىنى سەزدى- دە، شۇنىڭدىن باشلاپ تاماقنى تۇز بىلەن يەيدىغان ئادەتنى پەيدا قىلدى. ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئىلگىى بۇنداق ئادەتنى بىلمەيتى.
يافەسنىڭ ئوغلى خەرىز شىمال تەرەپتىكى مەمىلكەتلەردىن سۇ بويلىرىغا كېلىپ، بۇ جايلارنى مۇناسىپ كۆرۈپ ئۆزىگە ماكان قىلدى. ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۈلكە، سۈلۆسۈن ئوۋ قىلىپ، تېرىسىنى كىيىم قىلىپ كىيىدىغان بولدى. خەرىزنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىر پەرزەندى دەرياغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. خەرىز سۇنىڭ زىددى (قارىشىسى – ت) ئوت ئىكەن دەپ ھېساپلاپ نۇرۇغن ئوتۇن راسلاپ ئەھلى قەۋمىنى ھازىر قىلىپ، داپ، تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى تەييارللاپ، نەغمە- ناۋا بىلەن، ئوغلىنىڭ جەسىدىنى دەريادىن سۈزۈپ چىقىرىپ ئوتتا كۆيدۈردى، بۇنداق شۈم ۋە يامان ئادەتلەر تا ھازىرىغچە بەزى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى يەنە تاغ غارلىرىدىن ھەسەل تېپىۋېلىپ ھالۋا قىلىشنى پەيدا قىلغان ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە يافەسنىڭ ئوغلى رۇس خەرىزنىڭ يۇرتىغا يېقىن . كۆچۈپ كېلىپ، خەرىزگە ئەلچى كىرگۈزۈپ، ئۆزىگە يېقىنراق بىر جايدىن ئورۇن بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. خەرىز ناھايتى خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا پاكىز ۋە ھاۋالىق بىر ماكاننى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇ جايدا ئورۇنلىشىپ قالدى.
يافەسنىڭ يەنە بىر ئوغلى غار بۇلغار دىگەن زىمىنغا كېلىپ ئورۇنلاشتى، ياخشى ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى. لېكىن ئۇ ناھايتى مەككار- ھىلىگەر ئىدى ۋە ئۆز قېرىندىشى تۈرك بىلەن قاتتىق جەڭ- جىدەللەرنى قىلىپ تۇراتتى. بۇنىڭ سەۋىۋى شۇكى، بىر كۈنى يافەس بىننى نوھ دەرياغا چۈشۈپ ئۆلگەندىن كېيىن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يادا تاش غەر بىننى يافەسنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. شۇ چاغدا يافەسنىڭ ھەر قايسى ئوغۇللىرى بۇ يادا تاشقا مەن ھەقلىق دەپ دەۋا قىلىشتى. غەر ھىلىگەرلىك ئىشلىتىپ، خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر تاش تېپىپ، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش قىلىپ، ئىسمىنى نەقىشلەپ تەييارلاپ قويدى. ئاندىن ئۇ ”چەك تارتىپ باقساق، چەك قايسىمىزغا چىقسا يادا تاش شۇنىڭغا مەنسۇپ بولسۇن“ دىدى. ئۇلار بۇنىڭغا قارار قىلىشىپ چەك تاشلاشتى. چەڭ تۈرك بىننى يافەسكە چىقتى. غەر ئىلاجىسىزلىقتىن ئۆزى تەييارلىغان يالغان يادا تاشنى تۈرككە بەردى. تۈرك بۇ تاشنى ئېلىپ ھەرقانچە يامغۇر تەلەپ قىلسىمۇ، يامغۇر ياغمىدى. ئۇ يالغان يادا تاشنى ئۇقۇشماي ئېلىپ قويغانلىغىنى بىلىپ، غەرنىڭ ھىيلە- مىكىر قىلغانلىغىنى سېزىپ، لەشكەر يىغىپ، ئۇرۇشقا تەييارلاندى ۋە يالغان يادا تاشنىڭ ئورنىغا راست يادا تاشنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. غەرمۇ چوڭ ئوغلى بىيۇدنى لەشكەر بىلەن جەڭگە ئەۋەتتى. ئارىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، بىيۇد جەڭدە ئۆلدى. تۈرۈك غەلبە قىلىپ قايتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ بىر تۇققانلار ئارىسىدا جەڭ- ماجىرالار باقى ئادەت بولۇپ ساقلىنىپ قالدى.
يافەسنىڭ يەنە بىر ئوغلى ساقلاپ غەرپ تەرەپلەردە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى ۋە ئەۋلاتلىرىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ چاغدا يەنە ئۇنىڭ بىر ئىتىمۇ توساتتىن كۈچۈكلىگەن ئىدى. ساقلاپ بۇ ئوغۇلنى ئىتقا ئىمىتىپ، پەرۋىش قىلىپ چوڭ قىلدى. بۇ بالا ئىتقا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ يۈزىنى چىشلەيدىغان بولدى. بۇنىڭغىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بىر ئوغۇلغىمۇ ساقلاپ دەپ ئات قويدى. بۇ بالا بىرقانچە ۋاقىتتىن كېيىن پەرزەنتلىرى ۋە تەۋەلىگىنى باشلاپ رۇس دىيارىغا بېرىپ، ئۆزىگە لايىق بىر زىمىن بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، رۇس ئۇنىڭغا ”بۇ زىمىن بەك تار، سىزلەرگە كەڭ بىر جاي لازىم ئىكەن“ دەپ، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى. ساقلاپ ئۇنىڭدىن يېنىپ گۇمادى ۋە خەرىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، يەنە شۇ تەلەپنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە ئۇلاردىنمۇ ئوخشاش جاۋاپ ئالدى، نەتىجىدە ئۆز- ئارا جەڭ- ماجىرالار پەيدا بولدى. ساقلاپ قېچىپ بىر جايغا باردى. بۇ يەر بولسا دائىرىسى ئالتىمىش ۋە يەتتە ئىقلىمنىڭ سىرتىدىكى بىر جاي ئىدى. سوغاق قاتتىق بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلارنى يەر تېگىدىن ئۆي ياساپ ئولتۇراتتى.
يافەسنىڭ گۇمادى دىگەن يەنە بىر ئوغلى ئەيشى- ئىشرەت ۋە ئوۋچىلىققا ئامراق بىر كىشى ئىدى. ئۇ ئوۋ قىلىپ يۈرۈپ، ئۇشتۇمتۇت بۇلغارنىڭ ئەتىراپىدا مۆتىدىل خۇش ھاۋالىق ۋە پاكىز بىر جاينى تېپىپ، شۇ جايدا تىرىكچىلىك قىلىدىغان بولدى. خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا ئىككى پەرزەنت بەردى. ئۇنىڭ بىرىگە بۇلغار، يەنەبىرىگە بەرتاس دەپ ئات قويدى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ھەر تەرەپكە بېرىپ، ئىمارەت سېلىپ، تۈلكە، سىنجاپ (سۈلۆسۈن – ت)، سەمۇر (قۇندۇز – ت)، تاقىم (قۇش – ت) ئوۋلاپ، ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ كىيىدىغان ئادەتنى پەيدا قىلدى. بۇ ئادەت شۇ زاماندىن بۇ زامانغىچە جامائەت ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

يافەسنىڭ ئوغلى چىن ناھايتى ئەقىللىق، زېرەك، ھۇشيار ۋە تەدبىرلىك كىشى ئىدى. دادىسى بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنىمۇ ئوغلىنىڭ نامى بىلەن چىن دەپ ئاتىدى. چىن يەنە تەبئىتى ئۇستان ۋە ھۈنەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ نەققاشلىق، رەسسامچىلىق ۋە گۈللۈك كىيىم تىكىپ كىيىشنى پەيدا قىلدى. پىلىچىلىك ھۈنەرۋەرچىلىگىنى كەشەپ قىلىپ، بۇنى ئۆز پەرزنەتلىرىگە ئۈگەتتى. بۇ ھۈنەرۋەنچىلىك ھازىرمۇ كۆپرەك بېيجىڭدا مەشھۇر. بۇ چىننىڭ پاك زېھىن- ئىدرەككە ئىگە بولغانلىغىنىڭ ئىپادىسى. بۇ چاغدا ئاللا چىنغا خۇش چىراي ۋە شوخ بىر پەرزەنت بەردى، بۇنىڭغا ماچىن دەپ ئات قويدى ۋە ئۇنى ئۆي- ئوچاقلىق قىلدى، ماچىنمۇ كۆپ پەرزەتلىك بولدى، بىر كۈنى ئۇ دادىسىغا مەسلىھەت سېلىپ، ”مېنىڭ پەرزەنتلىرىم كۆپىيىپ كەتتى، بۇ زىمىنغا سىغمايدىغان ھالەتكە يەتتىم. ئەگەر رۇخسەت بولسا يېقىنراق بىر شەھەر بىنا قىلپ ئولتۇرسام“ دىدى. چىن بۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولۇپ بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى ماچىننىڭ نامى بىلەن ئاتايدىغان بولدى، ماچىننىڭ بالا- پەرزەنتلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. ئۇ بالىلىرىغا قوينىڭ يۇڭىدىن يىپ ئىگىرىپ كىيىم قىلىپ كىيىشنى، بۈركۈت بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنى ئۈگەتتى. قۇش جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە ئەنقا دىگەن ناھايتى چىرايلىق سۈرەتتەك بىر قۇش بار ئىدى، ئۇ قۇشنىڭ قاناتلىرىنى زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا باشلىرىغا قىسىدىغان بولدى. ماچىن بۇ قۇش قاناتلىرىنى جەڭ كۈنلىرىدە باتۇرلارنىڭ دەستار- داۋۇلغا (ئوق ئۆتمەيدىغان تۆمۈر ياكى پولاتتىن ئىشلەنگەن باش كىيىم ـ ت) لىرىغا بېكىتىپ، ھەيۋەتلىك باتۇرانە قىياپەتكە كىرىشكە بۇيرۇق قىلدى. بۇ ئادەت مەنساپدارلار ئارىسىدا تا ھازىرقى دەۋرىگىچە ساقلانماقتا.
يەنە بىر قېتىم ماچىن ئوۋغا چىقىپ، بىر كىيىكنى تۇتقان ئىدى، كىيىكنىڭ كىنىدىگىدىن بىر خىل خۇش پۇراق قان ئېقىپ چىقتى. ماچىن بۇ قاننى ئېھتىيات قىلىپ ساقلاپ قويدى. قۇرۇغانسېرى بۇ قاندىن تېخىمۇ بىر خىل خۇشپۇراق پەيدا بولدى. ماچىن شۇنىڭدىن باشلاپ ”ھەرقانداق كىشى بۇ كىيىكنى ئوۋلايدىغان بولسا، ئۇنىڭ كىندىگىنى ئېھتىيات قىلىپ ساقلىسۇن“ دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىيىكنى ئوۋلايدىغانلار ئۇنىڭ كىندىگىنى ئېلىپ ساقلايدىغان بولدى. بۇ مىشكى (ئىپار – ت) دەپ ئاتىلىپ، ئادەملەرنىڭ قولىدا بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ ھال ماچىننىڭ بالا- پەرزەنتلىرىگە يىلدىن- يىلغا بايلىق- بەرىكەت ئېلىپ كەلدى. چىن ۋە ماچىننىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇلارنىڭ پەرزەنت- ئەۋلاتلىرى ئوتتۇزئالتە خىل تىلدا سۆزلىشەتتى.
شۇنداق قىلىپ، سام، ھام، يافەس بۇ ئۈچ قېرىنداشنىڭ پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى يەتمىش ئىككى خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى بىر تايىپە ياكى بىر قەبىلە بولۇپ شەكىللەندى. بۇ قەبىلىلەر بىر- بىرى بىلەن تىلماچ (تەرجىمان – ت) ئارقىلىق سۆزلىشەتتى. ھەر بىر تايىپە ياكى قەبىلە ھەر تەرەپكە تارقاپ، ئۆز ئالدىغا شەھەر- ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ياشايدىغان بولدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، يەئجۇج ۋە مەئجۇج [40] دىگەن تايىپە ۋە قەبىلىلەرمۇ يافەسنىڭ ئوغلى مىنشەجىنىڭ ئەۋلادى دەپ بايان قىلىنىدۇ.
ئەگەر يافەس بىننى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئون بىر ئوغلىنى بىر- بىرلەپ بايان قىلىدىغان بولساق، گەپ ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ، بۇ قىسقىچە تارىخنىڭ يۈكى ئېغىرلايدۇ. بىز بۇنىڭ ئىىچىدە پەقەت ئايرىم تۈرك ئەۋلاتلىرىنىلا تەپسىلىرەك بايان قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قەلەم سۈردۇق.
بەزى تارىخىي كىتاپلاردا، تۈركنى يافەس ئوغلان دەپ ئاتايدۇ ھەم ئۇنى كيومرىس [41] بىلەن زامانداش دەپ بايان قىلىدۇ. ئومۇمەن تۈرك، موغۇل (موڭغۇل – ت)، تاتار، قىرغىز، قىپچاق، ئۇيغۇر ، مانجۇ، نايمان، چىركەس، داچىڭ، داغىستان، تۇرغوۋت، نوغاي، بارلاس، جوراس، جالايىر، دىلىم، جۇرجۇت، يەئجۇج- مەئجۇج قاتارلىق نەچچە مىڭ قەبىلە ۋە نەچچە مىڭ تايىپىنىڭ نەسەپلىرى تولۇق تۈرك بىننى يافەسكە يېتىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، يافەس نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى تۈرك [42]، ئۇنىڭ ئوغىلى ئەبىلخان، ئۇنىڭ ئوغلى زىپ باتۇيخان، ئۇنىڭ ئوغلى كۆيۈكخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلەنجە خان ئىدى. بۇ ئەلەنجە خاندىن قوشگېزەك ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. بىرسىنىڭ ئېتىنى موغۇل، يەنە بىرسىنىڭ ئېتىنى تاتار دەپ قويدى. ئەلەنجە خان بولسا ئۇلۇغ شان- شەۋكەتكە، چەكسىز بەخت- دۆلەتكە ۋە ھەددى- ھىساپسىز مال- مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن زامان پادىشالىق قىلدى. شۇ سەۋەپتن ئۇ توغرا يولدىن ئېزىپ ئۆز ئەجداتلىرى ئىچىدىكى خانلار ئارىسىدا ئەسلىدىكى دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلىرىنى تاشلاپ، يامان يولنى باشلاپ، ھەممىدىن بۇرۇن كۇفرۇ شىرىكلىك (مۇشىرىكلىك – ت) يولىنى تۇتقان خانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەلەنجە خان ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە قاراشلىق جايلارنى ئىككى ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ، ئۇلاراغا چېگرا- پاسىل بەلگىلەپ بەردى. موغۇل خانغا تەۋە جايلارنى”موغۇلىستان“، تاتارخانغا يېقىن جايلارنى ”تاتارىستان“ دەپ ئاتايدىغان بولدى. موغۇل خان بىلەن تاتارخان ئۆزىگە تەۋە زىمىنلارنىڭ كاتتابېشى بولۇپ ئۆتتى – شۇ زاماندىن بۇ جايلار ”موغۇلىستان“، ۋە ”تاتارىستان“ دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلمەكتە. موغۇلۇستاننىڭ دائىرە ۋە پاسىلى مەزكۇر كىتاپنىڭ خاتىمە قىسىمىدا بايان قىلىنىدۇ. ئاللا ئۇنى يېزىشقا ئىمكانىيەت بەرگەر- ئىنشا ئاللا!
ئەلەنجە خاننىڭ ئوغلى موغۇلخان، ئۇنىڭ ئوغلى قاراخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئوغۇزخان ئىدى. لېكىن، قاراخان ئۆز ئىسمى- جىسمىغا لايىق قارانىيە، مۇشرىكلىك ۋە كاپىرلىق مەزھىپىنىڭ يولىدا قەتىي تۇرىدىغان، كۆرگەنلا مۇسۇلماننى زادىلا تىرىك قويمايدىغان بىر خان ئىدى. ئىسلامغا ئاداۋىتى كۈچلۈك بۇ كاپىرىدن بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. بۇ يۈزى ناھايتى نۇرلۇق ئوغۇل ئىدى. بۇ ئوغۇل ئۈچ كۈنگىچە يا ئانىسى ياكى بىرەر ئايالنىڭ سۈتىنى ئاغىزىغا تەككۈزمىدى. ئانىسى بۇ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىدىن ناھايتى غەمكىن بولۇپ تۇرغاندا، چۈشىدە بالىسىنىڭ: ”ئەي ئانا! ئەگەر مۇسۇلمان بولساڭ سۈتۈڭنى ئىمەي، مۇسۇلمان بولمىساڭ ئەممەيمەن، بۇ سىرنى زادى كىشىگە دىمە“دىگەن سۆزى ئايان بولدى. ئۇ ئۇيقۇدىن تۇرۇپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى. بالا سۈتنى ئەمدى. ئانىسى ئېرىنىڭ خۇلقى- مىجەزىنى بىلگەچكە، بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دىمەي، ئۆز ئىمانىنى مەخى ساقلىدى. موغۇللارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بويىچە، بالا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەن چاغدا، ئات، كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ، يۇرتنىڭ چوڭ- كىچىكلىرىنى چىللاپ، ئات توي مەرىكىسى قىلاتتى. شۇ پەيتتە دادىسى بىلەن ئانىسى مەرىكىگە تەرەدۇت قىلىپ، بۇ خۇش پېئىللىك، گۈزەل ئوغلىغا نىمە دەپ ئات قويساق بولار دەپ مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، تېخى ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بۇ زەكي بالا ”مېنىڭ ئېتىم ئوغۇز بولسۇن“دەپ تىلغا كىردى. دادىسى بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، خوشاللىقتىن ئۇنىڭ ئېتىنى ئوغۇز دەپ قويدى.
ئوغۇز بالاغەتكە يەتكەندە، قاراخان ئۇنىڭغا ئۆز ئىنىسىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەردى. ئوغۇز ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىيگە ياتمىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا نەزەر سېلىپمۇ قويمىدى. ئۇ بىر كۈنى ئوۋدىن يېنىپ بىر تاغىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشكەندە تاغىسىنىڭ قىزى ”مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولسام“دەپ تەلەپ قويدى. ئوغۇزخان ”ئەگەر مۇسۇلمان بولسىڭىز، مەن ئەمىر- ئەقىدەمگە ئالاي“ دىگەندە، ئۇ قىز مۇسۇلمان بولدى. ھەر ئىككىسى ئۆمۈرۋايەت بىللە ئۆتۈشكە ۋەدە- ئەھد قىلىشتى. بىر كۈنى ئوغۇز بۇ سىرنى ئانىسىغا ئېيتتى. دادىسىمۇ سىرنىڭ تېگىگە يەتمەيلا ماقۇل بولۇپ، بۇ قىزنى ئېلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئەر- خوتۇنلۇق مۇھەببىتى ناھايتى چوڭقۇر ئىدى.
بىر كۈنى ئوغۇز ئوۋغا كەتكەندە، قاراخان ئوغۇزنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن ”ئوغلۇم سىزگە نىمە ئۈچۈن مۇھەببەت باغلىمىدى“دەپ سورىغاندا، ئۇ ” ئۇ ئوغلىڭىز مۇسۇلمان دىنىغا كىرىپتۇ، ئۇنىڭ توقال خوتۇنىمۇ مۇسولمان بولۇپتۇ، مەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلىرىدىن يانمىغانلىغىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى“دەپ جاۋاپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ قاراخاننىڭ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، ئوغۇزنىڭ ئۈستىگە لەشكەر ئەۋەتمەكچى بولدى. ئوغۇزنىڭ مۇسۇلمان خوتۇنى بۇنى ئاڭلاپ ئوغۇزغا خەۋەر قىلدى. ئۇمۇ لەشكەر تۈزۈپ تەييارلاندى. ئارىدا قاتتىق جەڭلەت بولۇپ، ئوغۇز غەلبە قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى داداىسىنىڭ قارارگاھىغا يېقىن بىر جايغىچە سۈرۈپ كەلدى. بۇ چاغدا دادىسى لەشكەرگە ئۆزى قوماندالىق قىلىپ ئۇرۇشقا چىقتى. ئۇرۇشتا دادىسى ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرى يوق قىلىندى. نەتىجىدە ئوغۇز تامامەن غەلبە قىلىپ، دادىسىنىڭ پايتەختىنى ئىگەللەپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىغىنى ئاشكارە قىلىپ، يۇرت ئىچىگە ئادالەت ۋە پاراۋان تۇرمۇش تىكلىدى. ياخشى قائىدە- تۈزۈملەرنى ئورناتتى. بىر يۈز يەتمىش يىل پادىشالىق قىلىپ، ئەرەپ زىمىنلىرى ھەتتا رۇبئى مەسكۇننىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈپ، بۇ يۇرتلاردىمۇ ئاۋاتلىق ۋە مەمۇرچىلىق ئورناتتى. خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا ئالتە پەرزەنت بەردى.ھەر بىر پەرزەنتى يەنە تۆتتىن جەمئىي يىگىرىمە تۆت پەرزەنتلىك بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى يىگىرىمە تۆت تارماققا ئايرىلىپ، يىگىرىمە تۆت قەبىلىنى تەشكىل قىلىپ، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر، قانلى، قاي، خەلەج دىگەنگە ئوخشاش ئايرىم- ئايرىم نام لەقەملەر بىلەن ئاتىلدىغان بولدى.
ئوغۇزخان قوشۇن باشلاپ ئەرەبىستان تەرەپكە يۇرۇش قىلغان چاغدا، ئۇنىڭ باتۇرلىرىدىن بىرى جەڭدە ۋاپات بولدى. بۇ باتۇرنىڭ خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ، تۇغۇت ۋاقتى- قارارىغا توشۇپ، كىشىگە كۆرۈنمەيدىغان بىر خالى جاي تاپالماي، بىر دەرەخىڭ كاۋىكىنى پانا قىلىپ، شۇ جايدا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئادالەتپەرۋەر ئوغۇزخان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ ئايالنى بالىسى بىللە ھەرەمگە (ئۆز ئوردىسىغا – ت) ئالدۇرۇپ پەرۋىش قىلدى. بۇ بالا دەرەخ ئىچىدە تۇغۇلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ”قىپچە“ دەپ ئاي قويدى. چۈنكى دەرەختىن يېڭى ئۈنۈپ چىقق نوتىنى”قىپچە“دەپ ئاتايتى. كېينچە سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن”قىپچە“دىگەن نام ”قىپچاق“دەپ ئۆزگىرىپ مۇقىملاشتى. بۇ بالا چوڭ بولغاندا، ئوغۇزخان ئۇنى لەشكەر باشلاپ خەزەر (كاسپى كۆلى –ت) تەرەپكە يولغا سالدى. ئۇ شۇ جايلارنى ئىگەللەپ ماكان قىلدى. قىپچاق قەبىلىرى بۇ ئوغۇلنىڭ نەسلى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئوغۇزخان يەنە بىر ئوغلى كۈن خان دىگەننى ئۆزىگە قايىم ماقام (مىراسخر – ت) قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كۈن خاننىڭ ئوغلى ئاي خان، ئۇنىڭ ئوغلى يۇتۇز خان، ئۇنىڭ ئوغلى دېڭىز خان، ئۇنىڭ ئوغلى مەڭلى خان، ئۇنىڭ ئوغلى ئېل خان قاتارلىقلار كەينى- كەينىدىن پادىشا بولدى. بەزى راۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئېل خان بىلەن پادىشا فەردۇننىڭ [43] ئوغلى تۇر [44] ئارىسىدا بەزىدە قارىمۇ- قارىشىلىق ئاداۋاتلىرى، بەزىدە خەت- ئالاقە ۋە برىش- كېلىشلەر بولۇپ تۇرغان ئىدى. بۇنىڭا قارىغاندا، ئېل خان تۆرىنىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان.
موغۇل خانلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىچىدە سەككىز نەپەر خان ناھايتى شەۋكەتلىك ۋە ھەشەمەتلىك پادىشا بولۇپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ توققۇزىنچىسىغا يەتكەندە، تاتارلار موغۇل خانلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ھەممە موغۇللارنى قىرغىن قىلىپ، ئۇرۇق- ئەۋلادىنى يەر يۈزىدىن تامامەن يوق قىلدى. پەقەت ئېل خاننىڭ ئوغلى قىنانخان بىر پۇرسەت تېپىپ تاغىسىنىڭ ئوغلى تەكۇز بىلەن بىللە تاتارلانىڭ قىرغىنچىلىغىدىن قېچىپ، خوتۇن، بالا- چاقىلىرىنى ئېلىپ، بىر مۇنچە چارۋىسىنى ھەيدەپ، بىر پىنھان تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ ياشايدىغان بولدى. بۇ تاغنىڭ پەقەت بىرلا دەرۋازىسىدىن باشقا چىقىدىغان ئاغىزى يوق ئىدى، ئۇلار بۇ دەرۋازىنى مەھكەم بېكىتتى ۋە بىر قانچە ئەۋلاتقىچە بولغان نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە، ئۇلار شۇ تاغ ئارىسىدا ياشاپ كەلدى. ئەۋلاتلىرى ۋە چارۋىسىمۇ ناھايتى كۆپەيدى. قىنانىڭ ئەۋلاتلىرىنى ”قىيات“، تەكۇزنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ”ئۆكۈش“ دەپ ئاتايدىغان بولدى. بۇلار كېينچە تېخىمۇ كۆپىيىپ، بىر قانچە قەبىلىگە ئايرىلىپ تاغ ئىچىگە سىغمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئۇلار ئەسلىدە ئاسماننىڭ تېگىدە بۇ جايدىن باشقا يەنە بىر زىمىن يوق ۋە بىزدىن باشقا ئىنسان ياكى مەخلۇقمۇ يوق دەپ ھىساپلايتى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ماكانىنى ”ئەرگىنەقۇن“دەپ ئاتايتى. بىر كۈنى ئۇلار ئەجداتلىرى بېكىتىپ قويغان دەۋازىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئېچىپ سىرتقا چىقىشقا باشلىدى.
ئەسلىدە موغۇل خانلىرىدىن سەككىز خان دۆلەت ۋە ئىززەت بىلەن غۇغۇلۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ھەشەمەتلەر بىلەن ئۆتكەن ئىدى. توققۇزىنچىسىغا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ نىيىتى نابۇد بولدى. شۇڭلاشقا كېيىنكىلەر بۇ سەككىز خاننىڭ زامانى مۇبارەت ۋە خوشلۇق ھىساپلايدىغان، پادىشالار ئۇلۇغ شەۋكەت ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋە ئىگىلىرى ئۆز- ئارا توققۇز توققۇزدىن سوغا- سالام قىلىشىدىغان ئەھۋال ئادەت بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇلار بىر سەككىزنى ”بىر توققۇز“دەپ ئاتايتى. خان ۋە پادىشالار، ھەتتا پۇقرالار بولسا پەقەت سەككىز ناننى كۆتىرىپ بېرپ، ئۇنى توققۇز دەپ ھىساپلايتى. بۇنداق ئادەت موغۇلىستان يۇرتىدا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ئۇ چاغدا، ئېل خان ئەۋلادىدىن يۇلتۇز خان پادىشا ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا دادىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىرسىدىن ئوغۇل، يەنە بىرسىدىن قىز دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇلارنى بىر- بىرىگە نىكا قىلىپ قويغان ۋە بۇلاردىن بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا يۇلتۇز خانمۇ ۋاپات بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئوغۇل نەۋرىلىرىمۇ ۋاپات بولۇپ، پەقەت ئالانقۇۋا دىگەن بىر خوتۇنلا يالغۇز قالدى. بۇ خوتۇن يۇلتۇز خاننىڭ خەلقى ۋە ئۇسۇللىرىغا ئىگە بولدى. ئالانقۇۋا ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن، باشقا ئەرگە تەگمىگەن ئىدى. بىر كېچىسى ئاق ئۆينىڭ تۈڭلۈگىدىن خۇددى ئاپتەپتەك بىر نۇر كۆرۈنگەندەك بولدى. بۇ نۇر يەنە ياش بىر يىگىت سۈرئىتىگە كىرىپ ئالانقۇۋا بىلەن ھەمبەستەر (بىللە – ت) بولدى، ئۇنىڭدا بىر خوشاللىق پەيدا بولۇپ ھامىلدار بولۇپ قالدى. دۆلەت ئەركانلىرى (ئەرباپلىرى – ت) بۇنىڭ ئاڭلاپ تەئەررۇز- مەسخىرە قىلىشقا كىرىشتى. بۇ چاغدا ئالانقۇۋا ”مېنىڭ ئادىتىم پاكلىق، نومۇسلۇق، راستچىللىق بولۇپ، پاھىشە ۋە يامانلىق قىلمايمەن، ئاق ئۆي تۈڭلۈگىدىن بىر نۇر ئۆيگە كىرىپ، ياش يىگىرت سۈرىتىدە بولۇپ بىللە بولدى. ھامىلدار بولۇپ قالدىم“ دەپ ھىكايە قىلدى. بەزىلەر بۇ نۇرنى ھەرزىتى ئەلى كېرەموللا ۋەجھۇ ۋە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دەپ قىياس قىلىشتى. مۇنداق ئەھۋاللار خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كۈچ- قۇدرىتىدىن بولغان. بۈۋى مەريەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي!) دىن ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاتىسىز تۇغۇلغان، بۇنداق ئاجايىپ ۋە غارايىپ ئىشلارنى خۇداۋەندە ئاللا ئاسانلا پەيدا قىلالايدۇ. خالىغلان نەرسىنى قىلالايدىغان ۋە ئۆز خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قلالايدىغان بىردىن- بىر سۈپەت پەقەت رەھىمدىل ئاللاغىلا خاس دەپ پەتىۋا قىلىشتى. بەزىلەر يەنە ئاستىرونۇم ۋە پەيلاسوپلارنىڭ، ئەگەر كۈن بىلەن ئاي ھەمە بۇرجىدا (مىلادى 3- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە بولغان مەزگىل – ت) بىر سىزىققا توغرا كېلىپ، ئالتىنچى دەرىجىدە ئۇچۇراشسا، شۇنداق ۋەقەلەر پەيدا بولىدۇ دىگەن سۆزلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ، ئالانقۇۋا ھىكايىسىنىڭ راستلىغىنى ئىسپاتلاپ ۋە تەستىقلاپ، بىر قانچە سەۋەپ ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى. ”رەۋزە تۇسسافا“ دىگەن كىتاپتىمۇ باشقىلارنىڭ ئالانقۇۋاغا قىلغان مەسخىرە ۋە ئەيىپلەشلىرىگە قارىشى بىرمۇنچە دەلىل- ئىسپاتلار كەلتۈرۈلگەن.
كەمىنە مەندەك كۆپ نوقسانلىق بىر قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ كۆڭلىدە، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئەكسىچە بولغان مۇنداق بىر قارىشى مەندىكى سۆز ئۆزىنىڭ نىقاپ پەرىدىسىنىڭ ئىچىگە يۇشۇرنۇپ، مەخپى بولۇپ كەلگەن بۇ ئاجايىپ رىۋايەتنى ئېنىقلاپ، ۋاراق سەھپىسىگە يازدىم. مېنڭچە، بۇ رىۋايەتنى مۇنداق بايان قىلىش كېرەك. يەنى ئالانقۇۋا نەسلىدىن مۇسۇلمانىلىق گۇرۇھىغا كىرگەن خان، پادىشالارنىڭ تۇغلۇق خان، تۆمۈرخان، ئەمىر تۆمۈر كوراگانى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلات جەمەتى ئۆزلىرىنىڭ ئىپپەتلىك ئالانقۇۋا نەسىل- ئەۋلادىغا مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلار يەنە ئالانقۇۋاغا ئادەم ئەۋلادى قول تەككۈزۈپ باخمىغان. ئالانقۇۋا پەقەت نۇردىن ھامىلدار بولۇپ نەچچە ئاي ۋە نەچچە مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇزەنجىرخاننى تۇققان، بىز بولساق ئەنە شۇنىڭ ئەۋلادى دەپ پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى شۆھرەتلىك ھىساپلايدۇ. ئۇ كۆرۈنگەن نۇرنى ھەزرىتى ئەلى كىرەموللا ياكى جەبرائىل ئەلەيھىسالامنىڭ قىياپىتى دەپ يۇقىردىكى رىۋايەتكە ئەقىدە ۋە ئىخلاس قىلىدۇ.
مېنىڭ قارىشمچە، بۇنداق پايدىسىز ئەقىدە- ئېتىقات ۋە ھىكايىلەر نەزەر ۋە ئېتىۋارغا ئالغىلى بولمايدىغان بىر خىل قۇرۇق گەپ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىشىنىش كاپىرلىقنىڭ بەلگىسى. چۈنكى ھەزرىتى ئەلى كېرەموللا بولسا ھىجىرىنىڭ قىرىقىنچنى يىلى (مىلادى 660-660 – ت) ۋاپات بولغان ئىدى. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالانقۇۋا دەۋر ھەزرىتى ئەلىدىن كېيىن ئۆتكەن. شۇنىڭدەك، ئالانقۇۋا قارا شەھەر مەمىلكىتى تەۋەسىدىكى ئۆز قەۋمى- مىللىتى بولغان قالماقلارنىڭ كاتتىسى بولۇپ تۇرغان ئىدى. ئۇلار ھەقىقىي خۇدايتائالانى، پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ساھابلىرىنى بىلمەيتى. بەلكى ئۇلار ئىمان كەلتۈرمىگەن، ھەتتا خۇدايتائالا ، پەيغەمبەر ۋە ساھابىلارنىڭ ئىسىم- شېرىپلىرىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان. بۇ ھەم ئاي ۋە كۈنگە ئىبادەت قىلىدىغان، جىن، شەيتانلارنىڭ كەينىگە كىرىپ قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتتە ياشاشنى ئادەت قىلىپ، ئالاتائالانىڭ مۇنداق نۇر ئىلھامىنىڭ بىشارىتىگە ئىگە بۇلالايدۇ.
مەشھۇر تارىخ كىتاپلىرىدا ئىنسانلارغا موغۇل تايىپلىرىنىڭ ئىسلام شەرىپىگە ئەڭ دەسلەپ ھىجرى ئالتە يۈزىنچى يىللىرىدىن (مىلادى 1203-1204- يىللىرى – ت) كېيىن ئىگە بولغانلىغى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىدۇ. شۇنىڭدەك ئەھلى كىتاپ ئەمەس (مۇقەددەس دىنىي كىتاپ ئەۋەتىلگەن بىېرەر پەيغەمبەرنىڭ قەۋمى ئەمەس – ت) مۇشرىك بىر خوتۇننىڭ نىكاسى شەرئىتىگە توغرا كەلمەيدۇ. ئەگەر ھەزرىتى ئەلى كېرەموللا ۋەجھۇ كارامەت بىلەن بۇ مۇشرىك خوتۇننى مۇسۇلمان قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشقانلىغىنى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس دەپ پەرەز قىلىنسا، بۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ پاكلىغىغا شەك- شۆبھە ۋە گۇمان كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. گۇمان بىلەن بىرەر نەرسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا گۇماننىڭ ئۆزى شەرىئەتتە ھۆججەت ۋە دەلىلىمۇ بولالمايدۇ.
شۇنىڭدەك، ھەزرىتى ئلى ئىراق زىمىندىىن باشقا ۋىلايەتلەرگە ئۆتمىگەن ئىدى. ئەگەر بۇ ئۇلۇغ زات ئۆز قەۋرىسىدىن چىقىپ نۇرغا ئايلىنىپ، ئاندىن ئىنسان سۈرىتىگە كىرىپ، بىر كاپىر خوتۇن بىلەن يېقىنلشىپ بىر ياستۇقتا ياتتى دەپ سۆزلەنسە، بۇ تاناسخىيە ۋە ھۇلۇلىيە [45] تەرەپدارلىرىنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ قالىدۇ.
موغۇللارنىڭ مەزھەپلىرى ئىنساننىڭ روھى ھامان ئۆز تېنىدىن ئاجراپ يەنە بىر تەنگە يۆتكىلىپ يۈرىدۇ دىگەن ئەقىدىگە ئىتائەت قىلىدىغان بىر مەزھەپ. چىن ئەھلىنىڭ بەزلىرى ۋە بارلىق ھىندىلارمۇ شۇ مەزھەپنىڭ تەرەپدارلىرى. شىئە [46] مەزھىپىنىڭ بەزى سوپىلىرى شۇ مەزھەپكە مايىل. ھالبۇكى، بۇنداق ئەقىدە- ئېتىقات بولسا كاپىرلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
«مىللەل ۋە نەھەل» (مىللەتلەر ۋە مەزھەپلەر) دىگەن كىتاپنىڭ مۇئەللىپى ئىمام مۇھەققەق بىننۇلھەزم ئەلزاھىرى [48] ۋە باشقا ئالىملار ئۆز كىتاپلىرىدا، يۇقۇرقىدەك ئەقىدىگە ناھايتى قاتتىق رەدىيە بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئەر بىلەن يېقىنلاشمىغان خوتۇنلارنىڭ بالا- پەرزەنت تۇغۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم بۇ جامائەت ئىچىدە ماقۇل كۆرۈلمەيدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. بۇنداق ھادىسە، مەريەم بىنت ئەمران ۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ئاياللار تايىپىسىدە سادىر بولمىغان، ھەزرىتى ئەيسا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملا بۇۋى مەريەمدىن ئاتىسىز دۇنياغا كەلگەن. شۇڭلاشقا، بۇنداق مۆجىزىلىك ھادىسە پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئالەيھىسسالامغىلا خاس بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا ئىنسانغا رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى.
ئىسلام دىنىنىڭ بەزى تەتقىقاتچى ئىماملىرى بۈۋى مەريەمنى پەيغەمبەر ئىدى. ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر بولمىغان تەقدىردە، ھەق تائالا ئۆزىنىڭ قەدىمقى كىتاپلىرىدا (ئىنجىل، تەۋرات ۋە قۇرئاندا – ت) بۇ ھەقتە خىتاپ قىلىپ سۆزلىمىگەن بولاتتى دەپ بايان قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كۈچلۈك قۇدرىتى بىلەن ئاتا ۋە ئانىسى يوق يارىتىلغان مەخلۇق. ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام بولسا ئانىسىدىن دادىسى يوق ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ ئككىسىدىن باشقا ئىنسان ياكى باشقا ھايات ئىگىسىنىڭ ئاتا ۋە ئانىسى يوق ۋۇجۇتقا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئالەمنىڭ ھەقىقى ياراتقۇچىسى ئاللا ئۆزىنىڭ ئىلھام ۋە ئېھسانلىرى ھەم ياخشى- يامان ئىشلار يېزىلغان كىتاپلىرى ئارقىلىق، كۈچ – قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ، ئالەمنىڭ ئىنتىزامىنى بىر رەۋىش ۋە بىر خىل يولدا ئىزچىل ئادەت قىلىپ ساقلاپ كەلدى. شۇڭلاشقا، ھەرقانداق زامان ياكى ھەر بىر ئاۋاندا ئاللانىڭ بۇ خىل ئادەم ئۆلچەملىرى ۋە نىزام- تەرتىپلىرىگە مۇۋاپىق بولمىغان ياكى تۇس- شەكلىنى ئۆزگەرتكەن غەيرى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. قىسقىسى، ئاللا تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنمىغان بىرەر يېڭى ۋەقەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. قۇرئانى كېرىمدىكى ”ئاللانىڭ قانۇنىدىن ھىچقانداق ئۆزگىرىشىنى تاپالمايسەن“دىگەن ئايەت بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەزكۇر ئالانقۇۋا ھىكايىسىنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئاساسسىز بىر بايىل ھىكايە ئىكەنلىگىدە گۇمان يوق. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۆز ئېتىقادىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۇ ھىكايىنى رىۋايەت قىلىپ يۈرگۈچلەر ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەر بولسا كاپىر ۋە مەلئۇندۇر. چۈنكى، ھەزرىتى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنبىيا، مۇرسەلىنلەردىن باشقا كىشلەرنىڭ قېشىغا چۈشۈشى مەنئىي قىلىنغاندۇر. شۇنداقلا رەسۇل خاتە مۇلنەبىن (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام – ت) دىن كېيىن ھىچقانداق ئىنسان ياكى بىرەر ھايات ئىگىسى پەيغەمبەرلىك دەرىجىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئالانقۇۋانىڭ ئاق ئۆي تۈڭلۈگىدىن بىر نۇر پەيدا بولۇپ، مەندە بىر خوشاللىق ھاسىل بولۇپ، ھامىلدار بولدۇم، نەتىجىدە بۇزەنجىر خان ۋۇجۇتقا كەلدى دىگەن سۆزلىرىنى يۇقىرىقى قاراشلار بىلەن ئىسپاتلاشنىڭ ئۆزى تامامەن ئاساسسىز، بھۇدە گەپ بولىدۇ.
موغۇللار زىنا قىلىشنى ئەيىپلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنى ھالال دەپ ھىساپلايدۇ. موغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە، ئەگەر ئەرگە بەرمەكچى بولغان قىز ياكى سىكىلەك خوتۇننى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ لاماسى يەنى نىكا قىلىدىغان موللىسى بىر كېچە خوتۇن قىلىپ، ئۆز ئىلكىدە تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆز ئىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نىكا ئادەتلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ لاماسى زادىلا خوتۇن ئالمايدۇ، دىگەن مەلۇماتلار بار. تارىخ كىتاپلىرىدا يېزىلىشىچە يەنە موغۇللار دادىسىنىڭ خوتۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئەمىرى- ئەقىدىگە ئالىۋېرىدۇ. مەسلەن، چىنگىز خان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر خوتۇنىنى ئوغلى تولى خان ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىككى بالا تاپقان دەپ زىكىر قىلىنىدۇ. جۈملىدىن، بۇ ئالانقۇۋامۇ زىنا بىلەن ھامىلدار بولۇپ قالغاندا، موغۇللار بۇ ئاتىسى يوق بالىنى قانداق قىلىپ ئولۇغىمىز قاتارىدا ھىساپلايمىز دەپ ئار نومۇس قىلىپ نارازى بولۇشقان. ئۇلار يەنە بۇ نارازلىقنى بېسىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ھىلە- مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، يالغانچىىلىق قىلىپ، دىنىي كىتاپلاردىكى ئايەتلەردىن دەلىل- ئىسپاتلارنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنى بۇنداق نومۇستىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇشقان. ھەتتا تارىخ يازغۇچىلارمۇ ئۆز دەۋرىدىكى پادىشالارغا ۋە ئۇلۇغلارغا خوشامەت قىلىپ، جانابىڭىز شۇنداق ئۇلۇغ پادىشادۇرسىزكى، ئۇلۇغ نامىڭىز نۇردىن ھامىلدار بولۇپ ۋۇجۇتقا كەلگەن پادىشا ۋە خانلارنىڭ ئەۋلادىدىندۇرسىز، شۇڭلاشقا ھەر قانداق غالىپ پادىشالاردىنمۇ غالىپ بولالايسىز دەپ خوشامەت سۆزلىرىنى بايان قىلىشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، موغۇللار بۇنداق رىۋايەتلەرگە چوڭ دىققەت- ئېتىۋار بىلەن قاراپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ غورۇرى دەپ پەرخىرلىنىدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ نىسبەت- نەسەپلىرىنى شۇلار بىلەن باغلايدۇ. بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىغىنى پەقەت ھەممە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدىغان ئاللاغا مەلۇم.
ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە يېنىپ، بىر- بىرلەپ بايان قىلايلى. ئالانقۇۋادىن ئۈچ ئوغۇل ۋۇجۇتقا كەلدى. كەنجىسىگە بۇزەنجىر دەپ ئات قويدى. ئۇ ھۇشيار، دانا، ئادالەتلىك ۋە دۆلەتمەن پادىشا ئىدى. نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ۋەئوبدان قائىدە- تۈزۈملەرنى پەيدا قىلدى. ئەمىر بابا مۇسىلىم مەرۋىزى [49] بىلەن دوستلۇق قىلاتتى دەپ بايان قىلىنىدۇ. مەلۇمكى، ئۇ ئەمىر ئابا مۇسىلىم بىلەن بىر زاماندا ياشىغان. بۇزەنجىر خاننىڭ ئوغلى بۇقا خان، ئۇنىڭ ئوغلى دومىن خان، ئۇنىڭ ئوىغل قايدۇ خان، ئۇنىڭ ئوغلى بايىسىنقىرخان، ئۇنىڭ ئوغلى دۇمىناي خان ئىدى. دۇمىناي خاندىن قوشكېزەك ئىككى ئوغۇل تۇغۇلدى. بىرسىگە قۇبۇلخان، يەنە بىرىسگە قاچۇلى خان دەپ ئات قويدى. چىنگىزخاننىڭ نەسەبى قۇبۇل خان بىننى دۇمىناي خانغا، ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ نەسەبى بولسا قاچۇلى بىننى دۇمىناي خانغا يېتىدۇ.
قاچۇلى بىر كېچىسى مۇنداق چۈش كۆرۈپ، ئۇ چۈشىنىڭ مەزمۇنىنى دادىسىغا مۇنداق بايان قىلىپتۇ. ”ئاكام قۇبۇل خاننىڭ ئېتىگىدىن بىر كۈن پەيدا بولۇپ، ئاسماننىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ھەممە ئالدەمدە روشەنلىك پەيدا قىلىپ پېتىپ كەتتى. يەنە بى قانچە كۈنمۇ كەينى- كەينىدىن چىقىپ، روشەنلىك پەيدا قىلىپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى پېتىپ كەتتى. ئاخىرى يۇلتۇزغا ئوخشاش بىر روشەنلىك پەيدا بولغاندا، مېنىڭ ئىتىگىمدىنمۇ بىر كۈن چىقىپ پۈتۈن جاھاننى يۇرۇتۇپ، بۇمۇ پېتىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر نەچچە كۈن چىقىپ، ھەر قايسىسى ھەر بىر تەرەپنى يۇرۇتتى. بۇ ھالەتتە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى. ئويغانسا چۈشۈم ئىكەن.“دادىسىمۇ خۇددى شۇنداق بىر چۈش كۆرگەن ئىدى. دادىسى بۇنى ئويلاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئەركانلىرى ۋە ھەر قايسى جايلارنىڭ دانالىرىنى يىغىپ، ئوغلىنىڭ كۆرگەن چۈشىنى تولۇق بايان قىلدى. دۆلەت ئەركانلىرى پىكىر- تەپەككۈردىن كېيىن، قۇبۇل خان ئەۋلادىدىن شەۋكەتلىك بىر پادىشا چىقىپ، پۈتۈن ئالەم ئۇنىڭ ئىتائىتىگە بوي سۇنىدىكەن ۋە دۆلىتى زىيادە بولىدىكەن. كېيىن چىققان كۈن بولسا، ئۇنىڭ بالا- پەرزەنتلىرىدۇر. بۇلار دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ھەر بىرى ھەر تەرەپكە ھۆكۈمرۈن بولۇپ ئۆتىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ چۈشنى كۆرگەن قاچۇلى نەسلىدىن بىر ئۇلۇغ شائان پادىشا (شاھلارنىڭ شاھى – ت) دۇنايغا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ قەدەم بەرىكەتلىرىدىن ئالەم يۈزى ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىققا توشۇپ ئۆتىدىكەن دەپ تەدبىر بېرىشتى ۋە ھەممىسىلا ماختاپ ئاپرىن ئوقۇشتى. خان يارلىق قلىپ، ئۇشبۇ مەزمۇندا بىر خەت پۈتۈشنى بۇيرۇدى. خەتكە ”مەندىن كېيىن قۇبۇل خان ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقىچە ۋەزىرلىك دەرىجىسىە تۇرۇپ، يۇردارچىلىقتىن خەۋەر ئالغاي“ دىگەن مەزمۇندا بىر قانچە پايدىلىق سۆزلەر بىر- بىرلەپ تىزىلىپ يېزىلدى. خان باشلىق دۆلەت ئەركانلىرى ئۆز مۆھرىنى بېسىپ، خەتنى غەزنىدە قويدى. بۇ يارلىق خەت خانلارنىڭ غەزنىسىدە تاكى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىازا [50] زامانغىچە ساقلاندى ۋە شۇ يارلىق دەستۈرى بويىچە خەتنىڭ ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنىپ كەلدى. بۇ خەتنى قالماق- موغۇللارنىڭ تىلىدا ”فارامىن“ دەپ ئاتايتى. كېيىن قۇبۇل خاندىن بەرتان خان تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئوغلى سېسۇ باھادۇر، ئۇنىڭ ئوغلى تېمۇچىن باھادۇر بولۇپ، بۇنىڭ لەقىمى چىنگىز قائان ئىدى.

موغۇل خانلىرىنىڭ سەردارى، ئەرەپ، ئەجەمدىن شەرىققىچە بولغان جايلاردىكى خانلارنىڭ خانى پادىشا جاھانگىر چىنگىزخاننىڭ غەلبىلىك ئىستىلالىرى، ھۆكۈمرانلىغى، ئەمىر، نويانلىرىنىڭ ئىستىقلالى ھەققىدە قىسقىچە نەمۇنە بايانى

گۈزەل تىللىق ۋە سىلىق سۆزلۈك مۇئەررىخلەر، تالانتلىق مۇئەللىپ- ئەفزەللەر ۋە بۇلارغا شۇنداق يول ۋە ئىشتىياق بىلەن بايان قىلىپدۇركى، ئۇلۇغ ۋە ھەقىقى پادىشا ئاللانىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ۋە خاھىشى بويىچە، بەزىدە مۇسۇلمان مۆمىن ياكى دىندارلارنى كاپىر مۇشرىكلەر ئۈستىگە غالىپ قىلغان ۋە بەزىدە كاپىر مۇشرىك ياكى دىنسىزلارنى مۇسۇلمان – مۇۋەھھىدلەر ئۈستىگە غالىپ قىلغان ۋەقەلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى كىشلەرگە ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ھىكايە قىلىپ، ئۆز تارىخ ۋە ئسەرلىرىگە يازغان ئىكەن.
بۇ يازما ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىداندا، تارىخ ھىجرىيىنىڭ بەش يۈز قىرىق توققۇزىنچى يلى (مىلادى 1154- يىلى – ت) تېمۇچىن باھادۇر دۇنياغا كەلدى. ئون ئىككى يېشىدا دادىسى ئۇ ئالەمگە كەتتى. ئاندىن ئۇ ئانىسىنىڭ تەربىيسىىدە ئۆسۈپ، شەرق ۋە شىمال تەرەپلەردىكى جۇرجۇت، نايمان، تۈركىستان ئۇلۇغلىرىدىن ئوڭخان، تايانخان، گورخان، توقابېك، مېكرىت (مېركىت – ت) قاتارلىق چوڭ دۆلەت ئىگىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىستىلا قىلىپ، قەۋم ۋە قەبىلە، يۇرت ئايماقلىرىغا ئىگە بولدى. شۇ جەريداندا تېمۇچىن باھادۇر قىرىق توققۇز ياشقا كىردى. دۆلىتى ناھايتى زىيادە بولدى. تارىخ ھىجرى بەش يۈز توقسان سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1201-1202- يلى – ت) موغۇللار ئىتتىپاقلىلشىپ، توققۇز پايەلىق (قەۋەت – ت) تەخت تەييارلاپ، تېمۇچىننى پادىشا قىلىپ ئۈستىگە چىقىرىپ، ”چىنگىز قائان“دەپ لەقەم قويدى. بۇ موغۇلچە”خانلارنىڭ خانى “ياكى”شەھنىشاھ“دىگەن بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ تېمۇچىن دەپ ئاتالماي، بەلكى ”چىنگىز قائان“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. كېينچە ” قائان“سۆزى ئادەتتە ئەسلى تىلىنى غەلىتە تەلەپپۇز قىلىدىغان ئاممىۋى تىلدا ” خاقان“دىگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ مۇقىملاشتى. ئۇنىڭ پايتەختى قاراقۇرۇم دىگەن جايدىكى كىلوران دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدى. ھازىر بۇ جاينىڭ ئېنىق نىشان ۋە ئورنى قالماقلاردىن باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس.
بۇ چاغدا خىتاي [51] خانى ئالتانخان [52] بولۇپ، پايتەختى خانبالىق ئىدى. خىتاي تىلىدا خانبالىقنى” جۇدو“[53] دەپ ئاتايتى. خانبالىقنى پايتەخت قىلىپ، دۆلەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان خانلارنىڭ ھەممىسىلا ئالتانخان دىگەن نام بىلەن ئاتالغان ئىدى. چىنگىز قائان خانبالىقتكى ئالتانخاننىڭ ئۈستىگە چىرىك باشلاپ بېرىپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى بېسىۋېلىپ، خانىۋەيران قىلدى. چۈنكى، خىتاي خانلىرى بىلەن موغۇل خانلىرىنىڭ ئارىسىدا، قەدىمدىن بۇيانلا ئۆز- ئارا ئاداۋەتلىرى كۈچلۈك ئىدى. نەتىجىدە ئالتانخان تەڭ كېلەلمەي، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. ھەتتا چىنگىز قائاننىڭ پەرمان ۋە ئىتائىتىگە بوي سۇنۇپ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭ ئەقىدىسىگە تەقدىم قىلدى. چىنگىز قائان بۇنىڭغا رازى بولۇپ، ئالتانخاننىڭ قىزىنى ئۆز خوتۇنلىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۆز يۇرتىغا ياندى. شۇنىڭ بىلەن چىنگىز قائانغا قاراشلىق جايلارنىڭ چېگىرسى شەرقتە خانبالىق، شىمالدا قازان شەھىرىگە تۇتاشتى.
قازان شەھىرى ”تاتار“دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى چىنگىز قائان قازان شەھىرىنى بېسىۋالغاندا، تاتارلاردىن لەشكەرئېلىپ، ئۇلارنى بۇ جايغا باشلاپ بارغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى شۇ جايدا قالدۇرۇپ، ئۇلارغا ۋەتەن قىلىپ بەرگەن. شۇڭلاشقا، بۇ جاي”تاتار“نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بولسا كېرەك. كېينكى زامانلاردا ئەمىر تېمۇر كوراگانى بۇ جاينى بېسىۋېلىپ، مەزكۇر تاتارلارنى زورلۇق بىلەن ئۆز يۇرتىغا كۆچۈرۈپ كەلدى دىگەن رىۋايەتلەرمۇ بار. ئومۇمەن، چىنگىز قائان غەربى چېگىرسى مىسىر، شام (سۈرىيە – ت)، باغدات (ئىراق – ت)، روم (شەرىقىي تەرىپىدە كىچىك ئاسىيا – ت) غىچە، جەنۇبى چېگىرسى ئەزەر بەيجان، سند دەرياسى ، باغدات (ئىراق – ت)، رۇم (شەرقىي تەىپى كىچىك ئاسىيا – ت) غىچە، جەنۇپ چېگىرىسى ئەزەربەيجان، سىند دەرياسى، تىبەت، ئۇيغۇر مەمىلكىتىگىچە [54] بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزۈپ، يەتمىش ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، يىگىرىمە بەش يىلغا قەدەر يەر شارى قۇرۇقلۇغىنىڭ كۆپ قىسىمىغا مۇستەقىل پادىشا بولۇپ ھۆكۈمرۈنلىق قىلىدى.
بۇ جەرياندا، چىنگىز قائاننىڭ خانىۋەيرانچىلىغى شۇنداق ئېغىر دەرىجىگە يەتتىكى، بۇنى يېزىشقا قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ، سۆزلەشكە تىل يېتىشمەيدۇ. «ھەدىس شېرىف»تە بۇ ھەقتە” خۇددى قالقاغا ئوخشاش كەڭ يۈزلۈك ۋە مەڭزىگە بىر نەرسە يېپىشتۇرۇپ قويغاندەك بىر قەۋم قىرغىنچىلىق ئۇرۇشلىرىنى قوزغاپ چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ“ دەپ ئالدىنئالا كۆرسىتلگەن ئىدى. بۇ سۆز موغۇل- تاتار تايىپىسىدىن چىققان چىنگىز قائان ۋە ۋەھىلاكۇنى كۆرسەتتى. موغۇللارنىڭ ئىسلام دىيارىغا قىلغان ئىستىلاسى خەلىپە مۇستە ئىسىم [55] زامانىدا يەنى تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1256- يىلى – ت) تاماملاندى. بۇ ھال چىنگىز قائاننىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى، ھىلاكۇنىڭ ۋارىسلىق قىلىپ ھۇجۇم قىلىشى ۋە يەئجۇج- مەئجۇجلەرنىڭ پىتنە- غەۋغاسى قاتارلىق ئىشلارنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. «ھەدىس شېرىف» تە يەنە ”بىننى قەنتۇرا ئەۋلادى كەلگەن چاغدا ئاخىر زامان بولىدۇ“دەپ كۆرسىتىلگەن. بىننى قەنتۇرا بولسا تۈرك ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. قەنتۇرا بولسا تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مومىسى ھىساپلانغان بىر ئايالنىڭ نامى. «مەشكىۋات شېرىف» («ياخشى ۋە ياماننىڭ ئايرىش ئۆلچىمى» – ت) دىگەن كىتاپتا ” «ھىججاز تەرەپتىن بىر ئوت كۆيۈپ چىقىدۇ. شۇ ۋاقىت- سائەت ئىچىدە دۇنيانىڭ دەۋرى تۈگەپ، قىيامەت قايىم بولىدۇ “دەپ يېزىلغان. يەنە «مىرقات» («ئۆرلەش باسقۇچىلىرى» – ت) دىگەن كىتاپتا ” بۇ ئوت ئالتە يۈز ئەللىك تۆتىنچى زاھىر بولىدۇ“ دەپ يېزىلغان. بۇ ھىلاكۇنىڭ ھىجرى ئالتە يۈزئەللىك تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1256- يىلى – ت) ئىسلام دىيارىغا ئىستىلا قىلىدىغانلىغىنى ئىشارەت قىلغانلىق ئىدى. يەنە ”بەسىر دىگەن جايدا تۆگە بويناق دىگەن بىر تاغ بار. ھىججاز زىمىنىدىن ئوت چىقىپ، تۆگە بويناق تاغلىرى ئۇچۇق كۆركۈنمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ “دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ چىنگىز ۋە ھىلاكۇنىڭ قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى ئوت ئاپەتلىرىدىن كىنايە ۋە ئىشارەت ئىدى.
ئەھلى تارىخچىلار ئۆز تارىخ كىتاپلىرىدا چىنگىز قائاننىڭ بالايى- ئاپەتلىرى ۋە خانۋەيرانچىلىغى ھەزرىتى نوھ بىننى زامانىدىكى تۇپان بالاسىدىنمۇ ئېغىر ئىدى. دەپ يازىدۇ. چۈنكى نوھ دەۋرىدە تۇپان بالاسىدىنمۇ ئېغىر ئىدى. بۇ دەۋرىگە كەلگەندە ئادەملەر كۆپىيىپ، ماددى مەئىشەتلەرمۇ ناھايتىى ئاشقان ئاۋات مەنزىرە بارلىققە كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، نوھ دەۋرىدە ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئاللانى بىر دەپ تونۇيدىغان دىنىي ئىشەنچىدىن مەھرۇم ئىدى. بۇ زامانغا كەلگەندە ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسىمى مۇسۇلمان دىندار بولۇپ، دىنغا سادىق مۇجتەھىد ئۇلۇغ ئۆلىمالار، ھۆرمەتكە سازارۋەت بولغان ماشايىخلار كۆپ ئىدى. مەسلەن، بۇخارايى شېرىفتا ئىمام ئەبۇ ھەفزى كەبىرى [56] قاتارلىق بىر قانچە يۈز ئۇلۇغ مۇجتەھىد يېتىشكەن پىشىۋالار بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتمىش مىڭدىن ئارتۇق مۇرىدى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ساھىبى كارامەت ۋە دالايەت (كارامەت ۋە ھۆججەت ئىگىلىرى – ت) كىشلەر ئىدى. شۇڭلاشا، بۇ ئۇلۇغ زاتنى ”ۋەلى تاراش“ (ئۇستىلار ئىگىسى – ت) دەپ ئاتايتى. بۇ زات ئۆزىنىڭ بىر قانچە شاگىرتىغا رۇخسەت بېرىپ، ”سىلەر باشقا جايغا كېتىڭلار، چۈنكى شەرق تەرەپتىن بىر ئوت كۆيۈپ كەلمەكتە. بۇ ئوت تا ھازىرىغچە بولغان زىمىننى كۆيدۈرمەكچى. ئۈممەتلەرنىڭ بېشىغا يەنە قايتىپ كەلمىگۈسى“دىگەندە، بەزى ئەزىزلەر ”ئەگەر دۇئا قىلسىلا كېلىۋاتقان بۇ ئاپەت كەينىگە قايتىشى مۇمكىن“دەپ ئىلتىماس قىلىشتى. جانابى شەيىخ ”بۇ دۇئا بىلەن قايتۇرغۇلى بولمايدىغان بالايى ئاپەتتۇر“دەپ جاۋاپ بەردى. يەنە باشقا شەھەرلەردىمۇ بۇ زاتقا ئوخشاش تەرىپ ۋە ماختاشتىن تاشقىرى نۇرغۇن ھۆرمەتلىك ماشايىخلار، ئۇلۇغ ئۆلىمالار قاتارلىق ساھىپ دۇئالار بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا چىنگىز قائاننىڭ قىرغىنچىلىغى تۈپەيلىدىن شېھىتلىك شەرۋەتلىرى ئىچىشكە مەجبۇر بولدى.
لېكىن، قەدىمقى زاماننىڭ قەدىمقىسىدىكى پادىشالىق قائىدە- قانۇنلىرىنى پادىشا جەمشىت [58] بەرپا قىلغان بولسا، پەيغەمبەر (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام) زامانىدىن كېيىن پادىشالىق رەسمىيەتلىرىنى، تارىخ كىتاپلىرىدا ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇ بىر قاتار ياساق- يۇسۇنلار ۋە يارغۇ- قانۇنلارغا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىپ، ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك دەستۇرۇل ئەمەر (سىياسىي قولانما – ت) دەپ ھىساپلاپ، ئۇنى يۇرت سوراسنىڭ ھۆججەتلىرى قىلىپ كەلگەنلىگىنى بايان قىلىدۇ. چىنگىز قائاننىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ھۆكۈم- پەرمانلىرى بويىچە، موغۇلدىن قاراچار نويان، مۇسۇلماندىن ماھمۇدبېك يالاۋاچ [59] ئۇنىڭغا ۋەزىر بولۇپ تۇرغان ئىدى.
چىنگىز قائاندىن جۇجىخان، چاغاتايخان، ئوكتايخان، تولۇيخان دىگەن تۆت ئوغۇل قالدى. چىنگىز خاندىن ئالتە ئاي بۇرۇن بۇ جاھان بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭدىن ئون سەككىز ئوغۇل يادىكار قالدى. پۈتۈن تۈركستان، دەشتى قىپچاق جۇجىخانغا تەئەللۇق بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى بەركە خان دادىسىغا ۋاكالىتەن ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان ئىدى. چىنگىز قائان سامالاردىن بۆلەك يەنە يۈز مىڭ ئات تارتۇق قىلدى. ھەر ئون مىڭ ئات بىر خىل رەڭدە ئىدى. چىنگىز قائان ئۈچىنچى ئوغلى ئوكتايخاننى ئۆزىنىڭ ۋارىسى قىلىپ كەلدى. بارلىق ئوغۇل نەۋرىلىرىنى ئۇنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە تاپشۇردى. ئەجدات- ئاتا- بوۋىلىرىدىن قالغان تەۋەرۈك يارلىق- فارامىن ۋە دەستۇرۇل ئەمەل خەتلىرىنى ھەم قاراچار نويانى، ئالاھىدە ئەھدە فەيمەن (توختام – ت) ۋە قائىدە- يوسۇنلار ئارقىلىق چاغاتايغا تاپشۇردى.
تولۇيخاندىنمۇ مەنگۇ قائان، قۇبلايخان، ھىلاكۇخان، ئارتىق بوكاخان دەپ تۆت ئوغۇل قالغان ئىدى. ئوكتاي قائان بۇ پايانسىز جاھان بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، چىنگىز قائاننىڭ پايتەختى مەنگۇ قائاننىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ ھەر ئون كىشىنىڭ ئىچىدىن ئىككى كىشىنى لەشكەرلىككە ئېلىپ، بىر يۈز يىگىرىمە مىڭ كىشلىك قوشۇن تەييارلاپ، ئۇلارغا قۇبلايخاننى قوماندان قىلدى. قۇبلايخان بۇ زور ئالتانخان ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشقا باستۇرۇپ كىردى ۋە بەزىدە غەلبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىرى تامامەن غەلبە قىلدى.
خاقانى چىنىنىڭ «كاڭجاڭ» دىگەن بىر تارىخ كىتاۋى بولۇپ، بۇ ”خانلارنىڭ تارىخى“ دىگەن سۆز بولىدىكەن. خىتايلار ئەھلى تارىخىنى فۇڭ ئەۋلادىدىن باشلايدۇ. فۇڭ ئەۋلادىدىن ”تەيخۇفۇس“ دىگەن بىر كىشى بار ئىدى. بۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز يىل كېيىن ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھىجرەت يىلىدىن (مىلادى 622- يىلى – ت) ئۈچ مىڭ تۆت يۈز يىل ئاۋالقى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. فۇڭ دىگەن ئادەم بولسا بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى فۇدەك دىگەن ئادەم بولسا كېرەك. بىزنىڭ تارىخىمىزدا فۇدەك تۈركنىڭ ئوغلى، تۈرك بولسا يافەسنىڭ ئوغلى دەپ بايان قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، فۇڭ بلەن فۇدەك بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان تىللاردىكى ئىككى خىل نامى بولسا كېرەك.

خىتايلار تارىخىنىڭ ئەڭ ئىپتىداسى دەل مۇشۇ تەيخۇفۇس – فۇدەك ئەۋلادىدىن باشلانغان دىگەن گەپلەر بار. ئۇلارنىڭ خانلىقلىرى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ، جەمئىي يىگىرىمە بەش نەسىلنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى بۇ يىلقى ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرىمە بەشىنچى يىلغىچە (مىلادى 1907- يىلغىچە – ت)بولغان ئارلىقتا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك تۆت ئادەم خانلىق قىلىپ، تۆت مىڭ سەككىز يۈز نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. يەنە ئۇلارنىڭ تارىخى كىتاپلىرىدا ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالامنى” لوۋاڭ“ دەپ يازىدۇ ۋە ”ھازىر خىتاي ئەھلى لوۋاڭنىڭ دىن شەرئىتىگە ئېتىقات قىلىمىز، باشقا دىنلارنى قۇبۇل قىلمىغان“ دەپ ئۆز ئېتىقاتىدا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلار تەيخۇفۇس دەپ ئېھتىمال يافەس بىننى نوھ نەبىئۇللانى دىمەكچى بولسا كېەك. شۇڭلاشقا، ئۇلار تەيخۇفۇسنى فۇماڭ دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۆز تارىخىنى شۇنىڭدىن باشلاپ، يىگىرىمە بەش سۇلالىگە تەقسىم قىلىپتۇ. ھەر سۇلالىدىن يەنى ھەر بىر ئەۋلاتتىن يىگىرىمە- ئوتتۇز نەپەر، بەزىدە بەش- ئالتە نەپەر كىشى خانلىق قىلىپ ئۆتۈپتۇ. ھەر بىر قەبىلىنىڭ بەزىلىرى بولسا يەتتە- سەككىز، بەزىلىرى ئىككى- ئۈچ يۈز يىل، بەزىلىرى يىگىرىمە- ئوتتۇز يىل ئەتىراپىدا ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. مەسلەن، يىگىرىمە ئىككىنچى سۇلالىدىن زۇڭ سالىس (زۇڭ ئۈچىنچى – ت) ئەۋلادى پادىشا تەيزۇ شېڭدىن بولسا ئون يەتتە يىل خانلىق قىلدى. بۇ ئابباسىيە خەلپىلىگى خەلىپە قادىر بىللا (60) بىلەن زامانداش ئىدى. بۇ ئەۋلاتتن ئون سەككىز نەپەر كىشى ئۈچ يۈز يىگىرىمە بىر يىل خانلىق قىلدى. ئەڭ ئاخىرى جۇۋادى شېڭدىن خۇئاڭدى تەختىگە چىقىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، موغۇل خانلىرىدىن قۇبلايخان بىننى تولۇيخان بىننى چىنگىز خان زور قوشۇن باشلاپ، بېڭجىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ جاينى تامامەن غەلبىلىك بېسىۋالدى. پادىشا جۇۋادى شېڭدى قۇبلايخانغا تەڭ كېلەلمەي بىر جايغا يۇشۇرۇندى كېيىنچە ئۆزىنى يوق ئىدى.
بىجىن ئەھلى قۇبلايخاننى ”ئەيۋاڭ“دەپ ئاتىدى. بۇ يىگىرىمە ئۈچىنچى سۇلالىنى تەشكىللەپ، بېيجىڭنى پايتەختى قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئون بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئادالەتلىك ئىشلارنى قىلدى ۋە بارلىق چىن ئۆلكىلىرىنى زەبىت قىلىپ قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ جايلاردا ئۆز ھۆكۈمرانلىغىنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى «ئەيۋاڭ ئەۋلادى» دەپ ئاتالدى. شۇنداق قىلىپ، ئەيۋاڭ ئەۋلادىدىن توققۇز كىشى سەكسەن سەككىز يىل خان بولۇپ ئۆتتى.
يىگىرىمە تۆتىنچى سۇلالىگە كەلگەندە، مىڭ ئەۋلادى تەي زۇڭ خۇاڭدى باش كۆتىرىپ خان بولدى. بۇ خاننىڭ ناھايتى كۈچەيگەن ۋاقتى، ئەمىر تېمۇر كوراگانى دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا چاغلىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۇرۇقتىن ئون يەتتە نەپەر كىشى ئىككى يۈز يەتمىش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. لېكىن، ئۇلار موغۇل خانلىرىغا باش ئىگىپ خىزمەت قىلاتتى. ئاخىرى موغۇللار بىلەن تاتارلار ئىتتىپاقلىشىپ، بېيجىڭ شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، موغۇل ئەۋلادى ۋە مانجۇ نەسلىدىن بولغان شۈنجىر بىننى تەي زۇڭ دىگەن كىشىگە تاج سەلتەنەت كىيدۈرۈپ، بېيجىڭدا تەختكە ئولتۇرغۇزدى. تا ھازىرغىچە بولغان خانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئۇرۇققا مەنسۇپ. بۇ تايىپە ”داچىڭ“ دەپ ئاتالدى. خىتايلارنىڭ «كاڭ جاڭ» دىگەن خانلار تارىخدا، يىگىرىمە بەشىنچى سۇلالىنى تەشكىل قىلغان داچىڭ ئەۋلادى شۇنجىردىن باشلاپ، ھازىرقى ئەسىردىكى كاڭشۈي خانىغىچە بولغان ئارلىقتا، توققۇز نەپەر كىشى ئىككى يۈز ئاتمىش ئىككى يىل خانلىق قىلغانلىغى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. چۆچەكلىك موللا قۇربان ئەلى ھاجى ئەپەندى بۇ خانلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنى قايسى مىللەتكە، قايسى مەزھەپكە مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى خىتاي تارىخىنى ياخشى بىلىدىغان دانىشمەن خىتاي موللىرىدىن سوراپ تەرجىمە قىلىپ، لوۋاڭ يەنى ھەزرەت بىننى نوھ زامانىدىن بۇ زامانغىچە ئۆتكەن ناملىرىنى، ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ يىگىرمە بەش سۇلالىنىڭ ھەر بىرىدە قانچە كىشى، قانچە ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىغىنى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى قاچان باشلىنىپ، قاچان ئاياقلاشقانلىغىنى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئادەم ئەلەيھىسالامدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى ياكى كېيىن ئۆتكەنلىگى، دۇنياغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ قايسى بىرى قانداق ناملىق خانلار بىلەن زامانداش ۋە يانداش ئۆتكەنلىگى، قايسى پادىشا قاچان ۋە قايسى خاننىڭ ۋاقتىدا توغرا كەلگەنلىنى تەكشۈرۈپ، بېيجىڭ تارىخى بىلەن ئىسلام تارىخىنى سېلىشتۇرۇپ، كۆپ ۋاقىت تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ، بىر توپلام كىتاپ يازغان ئىدى. [63] مەنكى كەمىنە راقىم (قەلەم تەۋرەتكۈچى – ت) مەزكۇر كىتاپتىن بىر قانچە سۆزنى تاللاپ ئېلىپ ئۆز كىتاۋىغا كىرگۈزدۇم.
ئەمدى يەنە ئەسلى سۆزگە كېلەيلى، مەنگۇ قائان قۇبلايخاننى شەرق تەرەپكە يولغا سالغاندىن كېيىن، يەنە ئۆز قېرىندىشى ھىلاكۇ خاننى بىر يۈز يىگىرىمە مىڭ مۇكەممەل قوراللانغان قوشۇنغا قوماندان قىلىپ، غەرپ تەرەپتىكى ئابباسىيە خەلپىلىگىگە [64] يۈرۈش قىلىشقا يارلىق قىلدى. ھىلاكۇخان ماۋارائۇننەھرى، [65] خوراسان [66] قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىپ، مەلاھىدىلەر (ھەقىقىي دىن يولىدىن ئازغانلار – ت) مەمىلكىتى – قەھىستانغا [67] بېرىپ، رۇكىندىن خورشاھنى [68] بوي سۇندۇرۇپ، ئىراق، ئەرەپ تەرەپلىرىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ چاغدا مەۋلانە نەسىرىددىن تۇسى [69] دىگەن بىر ئالىم بار ئىدى. ھىلاكۇ ئۇنى ئۆز خىزمىتىدە ئالدۇردى. ئۇنىڭغا رەسەت (ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزىتىش ئۆيى – ت) باغلاتقۇزۇپ، بۇنىڭغا «زىججۇ ئىلخانىيە»(ئىلخانىيە كالىندار ھىساپلاش ئورنى – ت) دەپ نام قويدى. ھىلاكۇ مەۋلانە نەسىرىددىن تۇسىغا نۇرغۇن ئىنئام تەقدىم قىلدى. يەنە ھەر قايسى شەھەردىكى موللا، فازىل، ئۆلىما ۋە ھۆكۈمالارنى ئالدۇرۇپ، قېشىدا تۇرغۇزۇپ، ئىنئام ئېھسانلارنى بېرىپ تۇراتتى. ھەتتا نىسارا « خىرىستىيان – ت) ۋە فەغغۇرچىنى دانالىرىنى ئالدۇرۇپ ۋە فۇرقانى مەجىد ۋە ئىنجىلنى ھەم بېيجىڭ ئەھلى پەيغەمبەر دەپ ئېتىقات قىلىدىغان شاكىمۇنى (شاكىيا مۇنى – ت) تەرىپىدىن توپلاپ يېزىلغان «شىڭۋۇيە» دىگەن بىر ئاتاقلىق كىتاپنى موغۇل تىلىغا تەرىجىمە قىلدۇردى. ھىلاكۇ گەرچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قلىپ، ئۇنىڭدىن بەھرمەن بولالمىسىمۇ، لېكىن بىر مۇنچە ئىشلارنى پەيدا قىلدى.
ئومۇمەن، ھىلاكۇخان بىننى تولۇيخان بىننى چىنگىز قائاننىڭ ۋەقە ھەم شۆھرەت، جاسارەتلىك ئىشلىرى كۆپ. بۇ جايدا پەقەت موغۇلىستان خانلىرىنىلا بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىغىمىز ئۈچۈن، ھىلاكۇخان ۋە قۇبلايخاننىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىغا تەپسىلى توختالمايمىز. ھىلاكۇخان ئىراق زىمىنىدىكى باغداتنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئابباسىيە خەلپىلىگىنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى خەلىپىسى مۇستە ئىىسم بىللا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئاغىزىغا ئالتۇن، كۈمۈشنى ئېرىتىپ قويۇپ ئۆلتۈردى، نەتىجىدە بەش يۈز يىگىرمە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قلىغان ئابباسىيە خەلپىلىگىنىڭ دۆلەت سەلتەنەتى ۋە سۆلەت- ھەشەمەتلىرىنى تامامەن خۇددى چاڭ- توزاڭدەك بىت- چىت قىلىپ، بۇلاپ- تالاپ ۋەيران قىلدى. ئۇلارغا بۇنىڭدىنمۇ يامان قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ مەخپى ۋە ئاشكارە مۈلۈك، غەزنىلىرىگە، يۇرت ۋە مەمىلكەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىدى. بۇ ۋەقەلەر تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1258- يىلى – ت) يۈز بەرگەن ئىدى. ھىلاكۇخان ئابباسلار ئەۋلادى قايسى جايدا بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ تامامەن يوق قىلدى. ئىلگىرى ئابباسىيە خەلىپىلىرى ئۆز خەلىپىلىگىدىكى بىر قانچە مىڭ ئابباسلارنى خەلىپىلىككە زىيان سالىدۇ ياكى خەلىپىلىك دەۋاسىنى قىلىدۇ دىگەن بانالار بىلەن زىندان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىغان ئىدى. بەلكى ئۇلارنىڭ بىرمۇنچىسى زىنداندا تۇغۇلۇپ، شۇ جايدا ئۆسكەن ئىدى. ھىلاكۇخان ھەتتا بۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى پۈتۈنلەر يوق قىلدى. ئۇ ئەرەبىستاننىڭ مىسىر، شام، ھەلەپ قاتارلىق زىمىن ۋە شەھەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى بوي سۇندۇرۇپ، ئۆز تەۋەلىگىگە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەزەربەيجان تەرەپكە يۈرۈش قىلدى. ئىران زىمىنىنى پايتەخت قىلىپ، توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، شۇ ئىراننىڭ ئۆزىدە ۋاپات بولدى.
ھىلاكۇخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئاباقاخان تەختتە ئولتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاباقاننىڭ ئوغلى ئارغۇنخان تەختكە چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەتچان بىننى ھىلاكۇخان تەختكە چىقتى. بۇ مۇسۇلمان دىيانەتلىك ۋە دىندار بىر كىشى بولۇپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن بالايى ئالەمگە پەرۋاز قىلدى. (ۋاپات بولدى – ت). ئاندىن كېيىن كەنقاتۇ بىننى ھىلاكۇخان تەختكە چىقتى. ئىسلام شرىپى يەنە راۋاج تاپتى. ئاندىن بايدۇخان بىننى تاراغاي بىننى ھىلاكۇخان تەختكە مىندى. بۇ تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ئىدى. ھىراتنىڭ ئۇلۇغى ئەمىر نورۇز بىننى ئارغۇن ئاقانىڭ (ئاباقنىڭ – ت) تەشەببۇسى بىلەن غازانخان بىننى ئارغۇنخان خانلىقىغا كۆتىرلدى. ئۇ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى. يەنە ئىسلام دىنىنىڭ نۇر- شولىسى ئۇنىڭ پىشانىسىدە زاھىر ۋە ئاشكارە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئولجايتۇ سۇلتان مۇھەممەت خۇدابەندە خان بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى سۇلتان سەيىد غازى باھادۇرخان تەختتە ئولتۇرۇپ، ئون سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ھىجرى يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1335 – 1336- يلى – ت) بۇ ئالەم خاكىدانىدىن (ئالەم يۈزىدىن – ت) ئۇ دۇنيانىڭ رەياز جاۋدانىغا (ئىسىل جەننەت باغچىسىغا – ت) كەتتى. ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئوغلى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، ھەر قايسى يۇرتلارغا ئەۋەتىلگەن ئەمەلدارلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، بىر- بىرىنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە بوي سۇنماي، ھەر خىل مۈلكى تاۋايىپ (ئۆز- ئۆزىگە تەۋەلىك دۆلەت – ت) پەيدا قىلدى.
ئومۇمەن گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، چىنگىز قائان خىتاي مەمىلكىتىنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى خانبالىقتىن، غەرپتە مىسىر ۋە شام، شىمالدا قازان شەھىرى، جەنۇپتا سىند دەرياسى، تىبەت، ئۇيغۇرغىچە بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن جاھان تېمۇرخانىغىچە بولغان ئارلىقتا يىگىرمە بەش نەپەر كىشى بۇ دائىرە ئىچىدىكى مەمىلكەتلەرگە بىر يۈز قىرىق سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. يەنە بۇنىڭ ئىچىدە چىنگىز خاندىن باشلاپ ئۇنىڭ توققۇز نەپەر ئەۋلادى جەمئىي توقسان بەش يىل كاپىرلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىغا كىرمەي، موغۇل- قالماقلارنىڭ ياساق تۈزۈملىرىنى ساقلاپ،چوڭ شەھەرلەرگە ۋالى ۋە مۇتەۋەلى بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇلاردىن كېيىنكىلەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسلامنىڭ ئۇلۇغ «ھەدىس»تە ” سۆھبەت ئادەمگە تەسىر قىلىدۇ“ دىگەن سۆزى بويىچە، مۇسۇلمانچىلىق شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈم ۋە يارلىقلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرلۇق شەرىئەت ۋە گۈلدەك مىللەت ھۆكۈملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. كېيىنچە ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى مۈلكى تايىپىلارنى تىكلىگەن نويانلار، ئەمىر- ئەمىرالار، ۋەزىر- ۋەزۇرالاردىن شەيىخ ئەبۇ ئىسھاق پارىس مەمىلكىتىگە، ئال مۇزەپپەر خوراسان زىمىنىغا، ئەبۇ ئىسھاق پارىس مەمىلكىتىگە، ئال مۇزەپپەر خوراسان زىمىنىغا، ئەمىر چوپان بىننى ئەمىر تۆلەك توران، سۇلدۇز، روم تەۋەسى، دەمەشىق، شام ئەتىراپىغا، ئەمىر ھەسەن بۈزرۈك بىننى ئەمراق بۇقا بىننى ئەمى ئىلكانى باھادۇر ئىراق تەرەپ ۋە باغداتتا ھۆكۈم سۈردى. ئىلكانى [71] پادىشالىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ موغۇل نەسلى ۋە قالماق تايىپىسىگە تەئەللۇق ئىدى. بۇلار يەنە تارىختا ئۆزىنىڭ مۇسولمان دىندارلىغى، شەرىئەتپەرۋەرلىگى، ئىنسانپەرۋەرلىگى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىگى بىلەن مەشھۇر.
موغۇل سۇلتانلىرى بۇ ئۇلۇغ مەمىلكەتلەرگە ئىككى يۈز يىلغا قەدەر مۇستەقىل پادىشالىق قىلىپ، مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن چىنگىزىيە ئەۋلادىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەمىلكەتلەردىن ئاياقلاشتى. لېكىن بۇ جەرياندا، چىنگىزخان ۋە ھىلاكۇخاننىڭ قىرغىنچىلىغى ۋە ۋەيرانچىلىغى تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانىغا غايىپنى ۋە ھازىرنى بىلگۈچى (ئاللادىن) باشقا، ھىچقانداق ئاقىللارنىڭ ئەقلى تەسسەۋۇرى ۋە ھۆكۈمالارنىڭ پىكىرى ۋە تەپەككۈرى يەتمەيدۇ. ئگەر بىرەر كىشى بۇ ئەھۋاللارنى بىلىشنى خالىسا «تارىخى رەۋزە تۇسسافا» غا مۇراجەت قىلسۇن. لېكىن چىنگىزىيە ئەۋالدىنىڭ مۇغۇلىستانغا بولغان ھۆكۈمرانلىغى تاكى تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ [72] نەسلىدىن ئىسمائىل [73] ۋە مۇھەممەت ئىمىن مىنچى يىلغىچە (مىلادى 1708- يىلغىچە) داۋاملاشتى. [75] شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھۆكۈمرانلىغىمۇ ئاياقلاشتى. لېكىن، بەزىلەر دەشتى قىپچاق تۈركىستان ۋە ئورۇسىيە تەۋەسىدىكى كەڭ بولوسىلار ۋە قالماقلار، فەغۇفۇرچىنغا تەۋە ئايال خانلار ۋاڭلىق قىلىپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك ئەمىرالارمۇ چىنگىز ئەۋلاىغا مەنسۇپ دەپ ھىكايە قىلىدۇ.
قىسسە ۋە ھىكايىلەرگە ئاساسلانغاندا، تارىخ ھىجرىنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1335 – 1336- يىلى – ت) سۇلتان سەئىد باھادۇرخان [76] ۋاپات بولدى. شۇ يلى ئەمىر تېمۇر كوراگان ۋۇجۇتقا كەلدى. تارىخ ھىجرى يەتتە يۈز يەتمىش بىرىنچى يىلى (مىلادى 1369- 1370- يىلى – ت) بەلخدە تەخت سەلتەنەتتە ئولتۇردى. ماۋارائۇننەھرى، ئىران، توران، پارىس، باغدات، توم، مىسىر، شام، دەمەشىق، ھەتتا ھەمىس بەئەلبېك، ئاناتولى، ئىسپاھانغىچە، جەنۇبىر چېگىرسى ھىندىسان، شىمالى چېگىرىسى تۈركىستان، قازان شەھىرىگىە بولغان روبئى مەسكۇننىڭ كۆپ قىسىمىنى يولغا كىرگۈزۈپ، ئۇ جايلاردىكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇۋالغان ھۆكۈمرانلارنى يوق قىلىپ، ھەممىنى بىر مەركەزگە ياكى بىر دىۋانغا بوي سۇندۇردى.
ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئەسلى نەسلى چىنگىز قائاننىڭ ئەجداتلىرى تا كى قالماقلار ئەۋلادى بىلەن بىر ئىدى. يەنە ئەمىر تېمۇرنىڭ دادىسى ئەمىر تاغاتاي، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر توكەل، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئىلىنگىز نويان باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئېچىل باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر قاراار نويان باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئىرۇمچىن بالاس باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى قاچۇلى باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى دومنايخان ئىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ سەككىزىنچى دادىسى بىلەن چىنگىز قائاننىڭ تۆتىنچى دادىسى بىر تۇققان ئىدى. قارامىن ھۆكۈمى بويىچە خانلىق قۇبۇل خانغا ، ۋەزىرلىك تاچۇلىغا تەيىن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەمىر تېمۇر كوراگانى گەرچە ھەرقانچە ئۇلۇغ پادىشالىق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خانغا ۋەزىرلىك ياكى خىزمەتكارلىق ۋە ياكى نۆۋكەرلىك ” جەرەكە“ (دەرىجە – ت) سىدە ئولتۇراتتى. فارامىنىنىڭ ھۆكۈملىرىگە باشقىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەيتتى. ھەتتا بىر قانچە ئەۋلاتقىچە شۇ تەرىقىدە ئۆتتى. ئۆزلىرىگە خان ياكى پادىشا دەپ لەقەم قويالمىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ پەيتەختى سەمەرقەنت شەھىرى ئىدى.
بۇ چاغدا ئەمىر تېمۇر كوراگانى توقسان مىڭ لە شكەر باشلاپ دەشتى قىپچاق خانلىرىدىن توقتامىش خاننىڭ[77] ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، جەڭ ۋە قىرغىنىلىق باشلىدى. ئۇ، توقتامىش خاننى قوغداپ بىر جايغا باردى. بۇ جايدا تومۇز ئايلىرى كۈن ئولتۇرۇپ شەپەق يۇقالغىچە قالمايلا دىگۈدەك سۈبھى تاڭ يۇرۇپ قالاتتى. بۇ جايدا ھەزرىتى ئىمامەيىننىڭ [78] مەزھەپلىرى بويىچە ناماز خۇپتەننى ئوقۇمىسىمۇ بولاتتى. ئەمىر تېمۇر كوراگانى بۇ جاينىمۇ بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن، دەمەشىق، شام، ئىسپاھان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئىگەلەپ، قىرغىنچىلىق ۋە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز تالان- تاراجلارنى قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستان شەھەرلىرىنىمۇ ئۆزىگە قاراتتى. ئۇ ئۆزىگە تەۋە بولغان بۇ جايلارنى ئوتتۇز ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۆزىنى غالىپ ۋە مۇغرۇر دەپ ھىساپلايدىغان بارلىق پادىشالار ۋە ئەمىرائىلەرنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلدى. تارىخى كىتاپلاردا ئەمىر تېمۇر كوراگانى ” ا لىم“ (ئەبجەتچە يىل ھىساپلاش ئۇسۇلى بويىچە 71 ياشقا توغرا كېلىدۇ – ت) يېشىغا يېتىپ، تارىخ ھىجىرى سەككىز يۈز يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1404- 1405- يىلى) ۋاپات بولدى ۋە سەمەرقەنت شەھرىدە دەپنە قىلىنىدى دەپ يازىدۇ. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەنە مۇھەمەت ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرى ئاخىر زامان (ئاخىرقى پەيغەمبەر – ت) زاماندىن باشلاپ تا بۇ دەۋرىگە يەتكىچە، موغۇل خانلىرى ئىچىدە ئەمىر تېمۇر كورانگاندەك مۇسولمان دىندار، ئۇلۇغ ۋە كاتتا پادىشا ئۆتمىگەن. ئۇ ناھايتى شىجائەتلىك (باتۇر – ت) ، كۈرەشچان، قەھىرى قاتتىق، تېز غەزەپلىك بىر پادىشا ئىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە جەسۇرلۇق بىلەن كەشپىياتچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن پادىشا ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، ئۇلۇغ ۋە ئەزىز ھەزرىتى باھاۋىدىن نەقشە بەندىنىڭ [79] نەپەسلىرىدىن ” تېمۇر ئۆرلەپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ئىمانىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتتى“دىگەن ئاۋاز چىققان ئىدى. ئەۋلىيالارنىڭ سۆزى- خۇدانىڭ سۆزىدۇر. ئەمىر تېمۇر كوراگانىنىڭ مۇبارەك زامانلىرىدا، ئەمىر سەيىد ئەلى بىننى مۇھەممەت ئەلھەمەدانى، [80] باھاۋىددىن نەقشە بەندى، خوجا ھافىز شىرازى، [81] ئەللامەتەفتازانى ]82] ۋە مىر سەيىت شەرىق ئەلامەجورجانى [83] قاتارلىق ئەھلى پەزىلى، ئۆلمائى ئىزام ۋە ماشايىخى كىراملار نۇرغۇن ئىدى دىگەن مەلۇماتلار بار.
لېكىن دەمەشىق، شام، روم، بارلىق ئەرەبىستان، باغدات، ھەلەپ ئەھلىنىڭ ئۇلۇغ ئۆلىمالىرى، ئەرەپ تارىخچىلىرى (ئاللا ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى پاك قىلسۇن – ت) ، يەنى ” تارىخى ئىمام گەردىرى“[84]، ” تارىخى ئەللامە ئىبىنى خەلدۇن“[85]، ” تارىخى ئىبنى ئەرەبشاھ“[86] ” تارىخى بۇخارى“[87] قاتارلىق ئەرەپچە تارىخ كىتاپلىرىنىڭ مۇئەللىپلىرى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەرەپچە تارىخ كىتاپلىرىدا، ئەمىر تېمۇر كوراگانى ئەھلى ئىسلامنىڭ مەزھەپ ۋە مىللەتلىرىدىن سىرتتا دەپ ھىساپلاپ، ئۇنى شىئە مەزھىپىدە ياكى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى ئەمىر تېمۇرنىڭ ھەممە جەڭ- جىدەللىرى ئىسلام دىيارى بىلەن بولۇپ، ئۇ ئاساسەن بۇ رايۇنلاردىكى ئۆلىمائى ئاكابىرلارنى قىرغىن قىلغان ئىدى. بۇ ھال ئۇنىڭ زالىملار ئىچىدىكى ئەڭ يامان زالىم ۋە پاسىقلار ئىچىدىكى ئەڭ يامان پاسىق تەبئىتىنى ئىپادىلەيدىغان دەلىل ۋە ھۆججەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمىر تېمۇر شامنى بويسۇندۇرۇپ، دەمەشىقنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىرغىنچىلىق باشلىغان چاغدا،” ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر بىرى ئىككى نەپەر مۇسۇلماننىڭ بېشىنى كېسىپ كېلىپ، مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەزسۇن“ دەپ يارلىق قىلدى. بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىن بىر يۈز يىگىرمە تۆت ” كاللا مۇنارە“ياساتتى. ھەر بىر كاللا ” كاللا مۇنارە“توققۇز مىڭ ئادەمنىڭ بېشىدىن تەييار بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن روم تەۋەسىدىكى ئاناتولنى بېسىۋېلىپ، پادىشا ئىلىدىرىم بايزىدنى [88] يېقىتىپ، ئۆز نامىغا پۇل سوقتۇرۇپ، خۇتبىنى ئۆز نامىغا ئوقۇتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسپاھاننىڭ بارلىق ئەر ۋە ئاياللىرىنى، ھەتتا ياش ۋە قېرىلىرىنى تامامەن يوق قىلىشقا يارلىق قىلدى. ھەددى- ھىساپسىز پاك ۋە نارسىدە قىز- ئوغۇللار، ياش- قېرىلار ئۇنىڭ تىخ سىياسىتىدىن ئۆتتى.
بۇ چاغدا زامان پازىللىرىنىڭ بىرى ئەمىر تېمۇرنىڭ شىر يېقىن ئەمىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ” پادىشا ئالى جاناپلىرىدىن شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، بۇ نارسىدىلەرنىڭ ھىچقانداق ئىشتىن خەۋىرى يوق. بۇ مەھرەم بىگۇنالارغا شاھانە ئىلتىپات قىلىپ، رەھىم- شەپقەت قىلىشنى سوراپ، ئەرز قىلدۇق. بۇنى يەتكۈزۈپ قويۇشلىرىنى سورايمىز“ دەپ ئىلتىماس قىلدى. ئارىدا ۋاستىچىلىق قىلغان بۇ ئەمىر مۇلايىم ۋە شىرىن سۆزلەر بىلەن بۇ نارسىدىلەرنىڭ قانلىرى بكار زايە بولۇپ كەتمىسە دەپ ئەرزنى يەتكۈزدى. لېكىن ئەمىر تېمۇر بۇنىڭغا ئىلتىپات قىلمىدى. ئۆزىنىڭ توپ- توپ بولۇپ تۇرغان ئەسكەرلىرىگە يارلىق قىلىپ، پادىشادىن تەققازالىق بىلەن مەرھەممەت كۈتۈپ تۇرغان نەچچە مىڭلىغان پاك قىز- ئوغۇللارنى باسۇرۇق قىلدى. بۇ بىگۇنا نارسىدىلەرنىڭ ھەممىس ئات ئايىغىدا يوق بولدى. ئەمىر تېمۇرنىڭ رەھىمسىز ۋە تاش يۈرەك بىر ئنسان ئىكەنلىگىنى ئەنە شۇنىڭدىن ئۇچۇق بىلگىلى بولىدۇ.
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھى ھەدىسلىرىنى بايان قىلغان ئالتە كىتاۋىدا ”تۈرك تايىپلىرىنىڭ كۆزلىرى كىچىك، بۇرۇنلىرى ياپىلاق، يۈزلىرى كەڭ تاۋاقتەك ۋە ئككى مەڭزىگە بىر نەرسە يېپىشتۇرۇپ قويغاندەك ئىگىز بولىدۇ“ دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇنداق ئوخشىتىش موغۇل پادىشالىرى ۋە قەبىلە- قەۋملىرىنىڭ شەكلىگە ماس كېلىدۇ. بۇ سۆز رەسۇلىللا كېرەم سەللەللاھۇ ۋەسسەلەمنىڭ مۆجىزىلىرىدىندۇر. ئاللاتائالانىڭ ”قۇرئان“ كېرىمدىكى ” ئول پەيغەمبەر يالغاننى سۆزلىمەيدۇ، ئاللادىن ۋەھى قىلىنغان ۋەھىنى سۆزلەيدۇ“ دىگەن ئايىتىدە رەسولى ئەكرەمنىڭ راست سۆزلەيدىغانلىغى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ھىچقانداق پادىشا ئىسلام رايۇنلىرىنى چىنگىزخان، ھىلاكۇ ۋە ئەمىر تېمۇردەك ئۇرۇش- جىدەل قىلىپ ۋەيران قىلمىغان ئىدى. ئەمىر تېمۇر شام ۋە دەمەشىقنى مۇھاسىرە قىلىپ، ئادەملىرىگە قىرغىنچىلىق قىلىشنى قەست قىلدى. «ھەسنۇ ھۈسەيىن» دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتورى ئىمام جەزىرى [89] بىر يۇشۇرۇن جايغا قېىچىپ بېرىپ، «ھەسنۇ ھۈسەيىن» دىگەن كىتاپنى يازدى ۋە جانابى سەيدۇلمۇرسەلىن (مۇھەممەت پەيغەمبەر – ت) دىن مەدەت ۋە ئۈمىت كۈتۈپ «ھەدىستە»تە كەلتۈرۈلگەن دۇئالارنى ئوقۇش بىلەن شۇغۇللاندى. دەمەشىقنىڭ ھەممە مۇسۇلمانلىرى بولسا دەرۋازىلارنى تاش بىلەن مەھكەم بېكىتىپ يىغا- زارە بىلەن قاخشايتى. «ھەسنۇ ھۈسەيىن» نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شۇ ھالەتت ئىمام جەزىرى ئاللانىڭ ئۇلۇغ ئەلچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ باشپاناسى مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرۈپ، «يارەسۇلىللا، بۇ دۈشمەنلەر بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن غەلبە قىلدى. بىز ئۈمەتلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلماملا» دەپ ئىلتىماس قىلغاندا، پەيغەمبىرىم ئىككى قولىنى ئىككى قولتۇغىدىكى ئاق بەدىنى كۆرۈنگىچە ناھايتى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. دۈشمەنلەر ئۈچ كۈن ئۆتمەستىنلا شامنىڭ مۇھاسىرسىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى.مۇسۇلمانلاردا شادى- خوراملىق پەيدا بولدى.
يەنە ئەللامە سىيوتى[90] دىگەن ئالىم ئەمىر تېمۇرنىڭ بۇ ئىشلىرىنى، ئۇنىڭ دىنى ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلغانلىغىنىڭ دەلىلى ۋە ئىشارىتى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، پەيغەمبەر قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، بۇ تايىپىلەر ھەققىدە دۇئا قىلمىغان بولسا، پەيغەمبەر قوللىرىنى كۆتۈرۈپ بۇ تايىپىلەر ھەققىدە دۇئا قىلمىغان بۇلار ئىدى. چۈنكى، شەرىئەتتە مۇسۇلمانىڭ زىيىنى ئۈچۈن دۇئا قىلىش توغرا ئەمەس ئىدى دەپ مۇلاھىزە قىلپ كېلىپ، ”تارىخ ھىجرى سەككز يۈز سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1405 – 1046- يىلى – ت) ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلغۇچى تېمۇر لەڭ ئۆلدى، جەھەننەمگە كەتتى ۋە ئاخىرەتلىگى يامان بولدى، دەپ بايان قىلىدۇ.ماۋارائۇننەھەرىدىكى ئۇلۇغ ئۆلىمالاردىن تۆت يۈز كىشمۇ بۇ مۇلاھىزىلەرگە قوشۇلىدۇ“دىگەن گەپلەرمۇ بار. بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىغى پەقەت ھەقىقىي ئىلىم ئىگىسى بولغان ئاللانىڭ ئۆزىگە مەلۇم بولۇپ، ئاللا ئۇنڭ ئۆز ئىلمى قېدىمى (قۇرئان) بىلەنلا بىلەلەيدۇ.
«مۇنتەخەببۇتتاۋارىخ» دىگەن كىتاپنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ئەمىر تېمۇر تارىخ ھىجرى يەتتە يۈز يەتمىش بىرىنچى يىلى (مىلادى 1369 – 1370- يىلى -ت) تەختى سەلتەنەتكە چىققان. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ئون سەككىز كىشى جەمئىي بىر يۈز ئاتمىش يىلچە ئەمىر تېمۇر ئىگەللىگەن مەمىلكەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۇلالە مۇنقەرز بولغان.تېمۇرىلەردىن كېيىن ئۆزبېك قەبىلىسىگە ۋە جۇجى نەسلىگە مەسنۇپ بولغان مۇھەممەتخان شەيبانى [91] بۇ جايلاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى.
ئەمدى ئۆزبېك شەيبانىنىڭ بايانىغا كەلگەك، چىنگىز قائاننىڭ تۇنجى ئوغلى جۇجى خاننىڭ ئون ئوغلى بار ئىدى. ئالتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى شەيبانى ئىدى، شەيبانىنىڭ تۆتىنچى نەۋرىسىگە ”ئۆزبېك“دەپ ئات قويدى. بۇ بالا بالاغەتكە يېتىپ، چوڭ بولۇپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە ئىگە بولۇپ، فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارئۇننەھرىنى ئىستىلا قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ مۇسۇلمانچىلىق، مۆمىنچىلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرۋەرلىك، پۇقراپەرۋەرلىكتە باشقا تەڭدىشى يوق ئىدى. شۇ ھالەتتە، ئۇ ئەللىك تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. پۇقرالار ئاممىىسدا ناھايتى پاراۋانلىق، تىنچ تۇرمۇش پەيدا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ئىچىدە ”ئۆزبېك“ دىگەن نام بىلەن باقى قالدى. لېكىن مۇھەمەتخان شەيبانى بىننى جۇجى خان نەسلىدىن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۆزىگە شەيبانى دەپ تەخەللۇس قويدى. پۈتۈن ئۆزبېكلەر يۇقىرىدىكى ئۆزبېك خانغا تەئەللۇق قەبىلىلەردىن بولغاچقا ”ئۆزبېك“ تايىپىسى دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى.
ئەمىر تېمۇر كوراگانى سەلتەنەت ئۈستىدە تۇرغان چاغدا، ئۇنىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى. تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى جاھانگىر مىرزا ئىدى، بۇ ئەمىر تېمۇر تەختكە چىققان يىلى ۋاپات بولدى. ئىككىنچى ئوغلى ئۆمەر شەيخ باھادۇر بولۇپ، بۇنىڭغا پارىس مەمىلكىتىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. بۇمۇ ئەمىر تېمۇرنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇرۇشتا ئوق تىگىپ ئۆلگەن ئىدى. ئۈچۈنچى ئوغلى مىرانشاھ مىرزا ئىدى. بۇنىڭغا ئىراقى ئەجەم [92] ئىراقى ئەرەپ [93] ۋە شامغىچە بولغان رايۇنلارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. تۆتىنچى ئوغلى دادىسى بېسىۋالغان مەمىلكەتلەرگە دادىسىغا ۋاكالىتەن ئالتە يىل ۋە ئۆزى قىرىق ئىككى يىل مۇستەقىل پادىشالىق قىلىپ، ئادالەتلىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۆلىما ۋە قازىلارغا ھۆرمەت ۋە ئھتىرام قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئۇلۇغ بېك شاھروھقا ۋارىسلىق قىلىپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلدى. بۇ دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا سەمەرقەنتكە ھاكىم ئىدى. پادىشالار ئىچىدە مىرزا ئۇلۇغ بىكتەك موللا، فازىل ۋە ئۆلىما ئادەم ئۆتمىگەن ئىدى. مىرزا ئۇلۇغ بېك «جامىئول رەمۇز» دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتورى مەۋلانە شەمسىدىن مۇھەممەت [94] بىلەن ھەمدەرس- ساۋاقداش ئىدى دىگەن گەپلەر بار ئۇ ھەرقانداق پەنگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ۋە ھەممە پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تولۇق بىلىملىك بىر ئالىم ئىدى. ئۇ سانسىز مۇھەندەس (گېئومېتىرىيە – ت)، ئەختەرشۇناس (ئاستىرولىگىيە ئىلىمىنىڭ ئالىمى – ت) ۋە كىتاپ يازغۇچىلارنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاسماندا كېزىپ يۈرگەن سەييارىلەرنىڭ شەكلى، قىياپىتى، ئىگىز- پەس ھەرىكەتلىرى، چوڭ ۋە كىچىكلىگى، ياخشىلىق ئالامەتلىرى، يامان سائەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ ۋە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، رەسەت (ئوبىسېرۋاتورىيە _ ت) باغلاتقۇزدى. بۇ رەسەتكە ”زىججۇ كوراگانى“ (كوراگانى كالىندارخانىسى – ت) دەپ ئات قويدى. بۇ جايدا ئىشلەيدىغان ئالىملارغا ھەددى- ھىساپسىز ئىنئام ۋە مۇكاپات تەقدىم قىلدى.
بۇ چاغدا مىرزا ئۇلۇغ بېك ئۆز ئورنىدا ئوغلى ئابدۇللەتىپ مىرزىنى قۇيۇق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئىراق تەرەپكە ئاتلاندى. بۇ ئۇرۇش ئىككى يىلدا ئاخىرلاشتى. بۇ مەزگىل ئىچىدە ئابدۇللەتىپ مىرزا دۆلەتنىڭ بايلىغى ۋە ھۆكۈمرانلىق ئابرويىغا ئىگە بولۇشنى نىيەت قىلىپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمرانلىق غورۇرى ئۇنىڭ دىمىغىنى بۇزۇپ، دادىسىسىن تەختنى تارتىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پادىشالىق قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. لەشكەر تەييارلاپ، دادىسىنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئۇنى ھەپىسىگە (تۈرمىگە – ت) تاشلىدى. ئۇنىڭ لەشكەر، ئۇچۇق- ئاشكارە غەزنىلىرىگە ئىگە بولۇپ،”شەرىئەتنىڭ توغرا ھۆكۈملىرىدىن يۇشۇرۇن ئىش قىلمايمەن، شەرىئەت قائىدىلىرىگە دادام بىلەن بالام خىلاپلىق قىلىدىغان بولسا، ئۇلارغىمۇ يۇز- خاتىرە قىلمايمەن“ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز ھۆكۈمىنى جارى قىلدى.
بۇ چاغدا، ئابباس دىگەن بىر ئادەم مېنىڭ دادامنى ئۇلۇغ بېك سەۋەپسىز ۋە بىگۇنا ئۆلتۈرگەن ئىدى دەپ ئەرز قىلدى. ئابدۇللەتىپ مىرزا بۇ ئىشنى شەرىئەتكە بۇيرۇپ، دادىسىنى قىساسقا لايىق پەتىۋا ئېلىپ، پەتىۋانىڭ مەزمۇنىنى دادىسىغا مەلۇم قىلىپ، داداڭنىڭ قىساسىنى ئال دەپ ئابباسقا بۇيرۇق قىلدى ۋە ئۇنى بىر كېچىدە مەخپى جايغا ئېلىپ بېرىپ ئۆلتۈردى. تارىخچىلار ئەھلى ئۆزىنىڭ تارىخ ۋاراقلىرىدا ئۇنى ”ئابباس ئۆلتۈرگەن“ دەپ يازىدۇ. ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇللەتىپ مىرزىمۇ ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
مىرزا ئۇلۇغ بېك زامانىدا، ئۇۋەيس خانىنىڭ [95] ئوغلى يۈنۈسخان دىگەن كىشى ئۇرۇشتا ئولجىغا چۈشۈپ، شىرازغا ئەۋەتىلىپ، مۇساپىرچىلىق تۇرمۇشقا تاشلانغان ئىدى. ئۇ شىرازدا ئىلمىي كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كامالەتكە يېتىپ، ”ئۇستا يۇنۇس“دىگەن نام بىلەن شۆھرەت قازاندى. ئارىدا ئوتتۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا [96] بىننى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا بىننى مىرانشاھ بىننى ئەمىر كەبىر تېمۇر كورگانى دەۋرىگە كەلگەندە، سۇلتان ئەبۇ سەئىد شىرازغا كىشى ئەۋەتىپ، يۇنۇسخاننى ئالدۇرۇپ، سەمەرقەنتتىكى ”باغى زاغان“ (قارغىلار باغى – ت) دىگەن جايدىكى بىر تەختتە ئولتۇرغۇزۇپ، جىق گەپلەرنى ئارىدا قويدى. ئۇ سۆز ئارىلاپ ”مېنى خىزمەتكەر ۋە نەۋكەرلەر قاتارىدا كۆرمەي، دوست دەپ بىلسىلە، ئۆزلىرىنى پۇقرالىق كوچىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا خان قىلىپ ئەۋەتتىم. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە لەشكەر تارتمىسىلا“ دەپ موغۇل قەۋملىرىدىن ياراق ۋە ئات- ئۇلاقلار بىلەن مۇكەممەل قوراللانغان ئون ئىككى مىڭ لەشكەرنى ھەمرا قىلىپ، موغۇلىستانغا يولغا سالدى. ئۇ يۇنۇسخاننى ئۇزىتىۋېتىپ، يەنە ”مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا بىر پادىشا، بايام ئەمىر تېمۇر كوراگانى دەۋرىدىمۇ بىرەر جاننى نەزەربەنت تەرىقىسىدە ساقلاپ، ئۇنىڭ يىمەك- ئىچمەك ۋە كىيىم- كېچەكلەرنى تەييارلاپ بېرىدىكەن، يارلىق- نىشانلارغىمۇ بۇ پالان خاننىڭ يارلىغى، ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگاننىڭ سۆزى، دەپ يېزىلىدىكەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا مەمىلكەت ئەييانلىرى ئۇنىڭا بوي سۇنمايدىكەن“ دەپ ئەسكەرتتى. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋال دەل بۇ سۇلتان ئەبۇ سۇلتان ئەبۇ سەيىد مىرزا زامانىغىچە دەستۇر- تۈزۈم بولۇپ كەلمەكتە. نەتىجىدە سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا يۇنۇسخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. يۇنۇسخانمۇ ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر قىزىنى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ ئوغلى ئۆمەر شەيخ مىرزىغا تەقدىم (ياتلىق – ت) قىلدى. بۇلاردىن زاھىرىدىن، مۇھەممەت بابۇر شاھ ۋۇجۇتقا كەلدى. بابۇر شاھنىڭ ۋەقەلىرىنى كېيىنچە بايان قىلىشىم مۇمكىن.
سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا بولسا غەيرەت- شىجائەت، ھىممەت ۋە ساخاۋەتلىك بەخشەندە قىلىنغان بىر پادىشا ئىدى. ئۇنىڭ ھىممەتلرى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، بەزىلەر خۇددى بۇ ئالەمگە بىر كەد خۇدا (بىرلا ھۆكۈمران – ت) كۇپايە قىلىنغىندەك، يەر يۈزىدىكى بارلىق زىمىنغا ئىككى پادىشا ھاجەت ئەمەس، بەلكى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىدەك بىرلا پادىشا كۇپايە قىلىدۇ دەيتى ئۇ تېمۇرىيە تەختى ۋە مەمىلكىتىگە ئون ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغلى ئۆمەر شەيىخ مىرزا فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارائۇننەھىر مەمىكەتلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلدى.ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىنىسى مۇھەممەت مىرزا تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزبېك تايىپلىرى ئىستىلا قىلىپ، فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارائۇننەھرىگە ئىگە بولدى.
سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا زامانىدا، سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىننى مىرزا بايقارا بىننى ئۆمەر شەيخ باھادۇر بىننى ئەمىر كەبىر تېمۇر كوراگانى خوراسان مەمىلكىتىگە ھاكىم ئىدى. بۇ چاغدا تېمۇرىيە تەختى سۇلتان ھۈسەيىن مىرىزا قارار تاپتى ۋە ھىراتنى پەيتەخت قىلدى. ئىراق، ئەجەم، ئىسپاھان، پارىس، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردىكى تۆت يۈز قىرىق تۆت چوڭ شەھەرنى مۇستەقىل ئوتتۇز سەككىز يىل پادىشالىق قىلىپ ھۆكۈم سۈردى. بۇنىڭ دەۋرىدە بىرمۇنچە فازىل يازغۇچىلار، ئۆلىمالار، شائىرلار جەم بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. مەۋلانە ھۈسەيىن ۋائىز كاشفى [97] مەۋلانە موئىنددىن [98] مەۋلىۋە جامى [99] قاتارلىق مۇھەققىق ئۆلىمالار ھىساپتىن تاشقىرى كۆپ ئىدى. بۇلارنى تەرپلەشكە ۋە تەسۋىرلەشكە تىل يەتمەيدۇ. ھۈسەيىن مىرزا يەتمىش ئىككى يىل ياشىدى. تارىخ ھىجرى توققۇز يۈز ئون ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1507 – 1508 – يىلى – ت) بۇ ئالەمدىن ئۇ ئالەمگە ئۇچۇپ كەتتى. تارىخچىلار ئەھلى ”خوراسان “(ئەبجەت ھىساۋى بويىچە ھىجرى 912 – يىلى – ت) دىگەن سۆزنى ئالاھىدە ئۇنىڭ ۋاپات يىلىغا تەخلىت قىلىپ يازىدىكەن.

ئۇنىڭدىن ئون بىر ئوغۇل يادىكار قالدى. ئۇنىڭ بەدىئۇز زامان ۋە مىرزا مۇھسىن دىگەن ئىككى ئوغلى شىرىك پادىشالىق قىلدى. ” قارىمۇ- قارىشى ئىككى نەرسە بىر ئورۇندا تۇرلمايدۇ“دىگەندەك، ئۇلارنىڭ شىرىك ھۆكۈمرانلىغىمۇ بۇزۇلدى. ئەمىرائلىرىمۇ ئىككى پىرقىگە بۆلۈندى. بۇ ھال مەمىلكەت نىزامى ۋە قائىدە- تۈزۈملىرىدە سۇستلۇق ۋە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلدى. نەتىجىدە جۇجى خاندىن بۆلۈنۈپ چىققان خانلار نەسلىدىن بولغان ئۆزبېك خان ئەۋلادى مۇھەممەت شاھ بەخت خان ياكى شاھى بېك خان ۋە ياكى مۇھەممەتخان شەيبانى دىگەن ھەر خىل لەقەم- ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان ۋە ئەسلىدە مۇھەمەت شەيبانى بىننى شاھ بەداغ بىننى ئابۇلخەيىر خان بىننى توختامىش خان دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئادەم خوراساننى ئىستىلا قىلىپ، دۆلەتنى يوق قىلدى. بۇ ئۆزبېكيە ۋە دەشت قىپچاقىيىلەر دۆلەتنىڭ غەزنە بايلىغىغا، ئەسكەرلىرىگە، يەر- زىمىنىغا، ھەتتا ئىپەتلىك قىز، مەلىكىلىرىگە، ئىنساپلىق ۋە پاكىز شاھزادىلىرىگە، تېمۇرىيە بۆشۈگىنىڭ ئايىم- ئاغچىلىرىغا، دەۋرنىڭ نازىنىنلىرى، جاھاننىڭ ئىپپەتلىك ئەر- ئاياللىرىغا ئىگە بولدى. بۇ ئۆبېك ۋە قىپچاقلار ئۇلارنىڭ نۇرسىمان يۈرلىرىدىكى نىيەت ۋە ھايا پەرىدىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، شەرىئەتكە خىلاپ ھەر خىل يامان ئىشلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بۇلارنى تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىپ، تىل يېتىشمەيدۇ.
سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھەر قايسى مەمىلكەتلەرنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ خوتۇن، قىزلىرى ۋە پەرزەنت قېرىنداشلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزبېكلەرنىڭ قولىغا ئولجا بولۇپ ئەسىر چۈشتى. تەتۈر ماڭىدىغان بۇ پەلەك ئۇلارغا ئۆز تەتۈرلىگىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن ئون ئىككى يىل كېيىن، مۇھەممەتخان شەيبانى سەفەرۋىلەردىن [100] قىزىل باش ئىسمائىل قولىدا ئۆلتۈرۈلدى. خوراسان دۆلىتىگە قىزىل باشلار ئىگە بولدى. بۇ چاغدا كۈجەم خان بىننى مەھمۇتخان بىننى ئۇبۇلخەيىر خانلار [101] ماۋارائۇننەھرىگە قانائەت قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئەبەيدۇللا خان، ئابدۇل ئەزىز خان، ئابدۇللا خان، ھەيدەر مۇھەممەت خان ئىمام قۇلى خان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت خان، قاتارلىقلار بۇخارا، سەمەرقەنت، ئۆرگەنچ قاتارلىق شەھەرلەرگە نۆۋەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى.
بۇ چاغدا زاھىرىددىن مۇھەممەت بابۇر پادىشا بىننى ئۆمەت شەيخ باھادۇر بىننى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا بىننى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا بىننى مىراشاھ مىرزا بىننى ئەمىر تېمۇر كوراگانى ماۋارائۇننەھرى ۋە فەرغانە تۇرالماي، ئىسمايىل سەفەۋىگە ئۆزىنى تاشلاپ، قىزىل باشلارنىڭ ياردەم ۋە مەدەتلىرى ئارقىسىدا، فەرغانە ۋە ماۋارائۇننەھرىگە ئىگە بولدى. لېكىن ئۇ بۇ جايلاردىمۇ تۇرالماي، كابول ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ [102] ئۈستىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تا دېھىلغىچە بولغان جايلارنى ئىگەللەپ، بۇ جايلاردا ئوتتۇز ئىككى يل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ تارىخ ھىجرى توققۇز يۈر بەشىنچى يىلى (مىلادى 1499-1500- يىلى – ت) تەختكە چىققان، تارىخ ھىجرى توققۇز يۈر ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1530-1530- يىلى – ت) ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغلى ھۇمايۇن پادىشالىق تەختىگە ۋارسىلىق قىلىپ، ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى قولغا كىرگۈزدى. ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەكبەر شاھ پادىشا، ئالەمگىر پادىشا، ئەۋرەڭزىپ پادىشادىن باشلاپ، تا ئەخمەت شاھ پادىشاغىچە بولغان ئارلىقتا، ئون يەتتە نەپەر كىشى بەش يۈز ئاتمىش يىل بۇ مەمىلكەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1846- يىلى – ت) ئۇلارنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچتى. ئالى مەرتىۋىلىك بۇ پادىشالاردىن نۇرغۇن ياخشى ئىشلار نەمۇنە ۋە يادىكار قالدى. ئاللا ئۇلارنىڭ ياخشى نامىنى تا ئىنقىرازى ئالەمگىچە (ئالەم تۈگىگىچە –ت) مەھكەم ۋە ئۇزۇن ساقلىغاي، ئامىن!
بابۇر پادىشا ئەۋلاتلىرىدىن جەمىش بى ۋە نار بوتاخانلار فەرغانە ۋىلايىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئاتامىراس يۇرتلىرىنى ئۆزبېكلەردىن تاپشۇرۋېلىپ، قوقاننى پايتەخت قىلىپ، بۇ مەمىلكەتنى ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىققا يەتكۈزدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادى تا مەللەخان ۋە خۇدايارخانغىچە يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئالتە يىلغىچە (مىلادى 1869- 1870- يىلى – ت) فەرغانە ۋىلايىتىدە ھۆكۈم سۈردى.ئۇنىڭدىن كېيىن فەرغانە دۆلىتى ئورۇسىيە تەۋەلىگىگە ئۆتتى. خۇدايارخان شېرىپ زىياپىتىگە بېرىشنى تەلەپ قىلپ يولغا چىقىپ، بەندىچىلىگىنى كابۇل شەھىرىدە تۈگەتتى. (ۋاپات بولدى – ت). تېمۇرىيە ئەۋلادىدىن مۇزەپپەر خان بىننى مۇھەممەت ئەلى خان بولسا ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىنىڭ پەرمانى بىلەن كورلىدا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلاردىن كېيىن تېمۇرىيە ئەۋلادىدىن باش كۆتىرىپ چىققانلىرى ئانچە مەلۇم ئەمەس (ئۇلارنى ئاللا ئۆزىگە يېقىن تۇتقاي)، قالدىسىنى خۇدا ئۆزى بەكرەك بىلىدۇ.
قەلەم تىزگىنىنىڭ تېز قېقىلىشى ۋە خۇشخەتلەرنىڭ بىئىختىيار ئالغا يۈرۈشى تۈپەيلىدىن، پادىشا ۋە شاھ دەپ قوش نام بلەن داڭقى چىققانلار يەنى ئىران، تۇران، ئىراقى ئەجەم ۋە ئىراقى ئەرەپ، ھىندىستان، ئەرەبىستان، تۈركىستان قاتارلىق جايلارنىڭ چوڭ شەھەرلەرىگە ئۇزۇن زامان مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق ۋە ئىگىدارچىلىق قىلغان موغۇل قەۋمى- قەبىلىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلرى ھەققىدىكى ئاز- تولا قىسسە ۋە ئاجايىپ ھىكايىلەر بۇ كىتاپنىڭ مۇقەددىمسىدە توتىيەزىلىگە (شىرىن سۆز يىپلىرىگە – ت) تىزىلىشى لايىق ۋە مۇناسىپ كۆرۈلۈپ، مەزمۇنلىرى قىسقىچىلا بايان قىلىندى. بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلى بىلىشنى خالايدىغانلار بولسا «رەۋزە تۇسسفا» ۋە «تارىخى رەشىدى» قاتارلىق كىتاپلارغا مۇراجەت قىلسۇن.
بىزنىڭ مەقسىدىمىز بولسا موغۇللار يۇرتىدا ھۆكۈم سۈرگەن خان، پادىشا، شەۋكەتلىك ئۇلۇغ ئەسەرلەرنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، قەلەمنىڭ گۈزەل چۇلۋۇرى موغۇلىستاندا ئۆتكەن ئۇلۇغلارنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىنى بايان قىلىش تەرەپكە مايىل بولۇپ، ئەسلى مەقسەت تەرەپكە قەدەم تاشلىدى.
يۇقىرىدا چىنگىز قائان ئۆز دەۋرىدە پۈتۈن مەمىلكەتنى تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەردى دىگەن ئىدۇق. چىنگىز قائان ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي خانغا ئامۇ دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ماۋارائۇننەھرى، فەرغانە ۋىلايىتى، موغۇلىيە، تاتارلار يۇرتى، ئۇيغۇرلار زىمىنى ۋە قەدىمقى نايمان قەۋملىرىگە تەۋە جايلارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. چاغاتايخانمۇ ئۆز ئەمىرئلىرىگە بۇ يۇرتلارنى تەقسىم قىلىپ بەردى. جۈملىدىن دوغلات قەبىلىسىدىن بابداغان دوغلاتىگە ماڭلاي سۈيەنى ئىنئام قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە ئۇنىڭغا ئۈچ مەنسەپنى جۇلىدۇ (مىراس – ت) قىلىپ بەردى. ” ماڭلاي سۈيە“دىگەن سۆز موغۇل تىلىدا ” ئاپتاپ تەرەپ“(شەرقى تەرەپ –ت) دىگەن مەنىدە ئىكەن. بۇ زىمىننىڭ شەرقى چېگىرسى باغراش، كورلا، شىمالى تەرەپتە مۇزتاغ، غەرپتە ئالاي تاغلىرى ۋە كاتتا داۋان، جەنۇپتا لەئلى كان، بەدەخشان ۋە قاراڭغۇ تاغىن ئىبارەت. بابداغاننىڭ ئەۋلاتلىرى ئۇزۇن زامان ئىنئام قىلىنغان بۇ زىمىن ئىچىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى.” دوغلات“ دىگەن سۆز ”توكۇز“، ” ئاقساق“ دىگەن مەنىدە. چۈنكى چىنگىز قائاننىڭ ئۈچىنچى ئاكىسى قۇبۇل خاننىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. ئالتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسىمى بۇلجار بولۇپ، بۇ ئاقساق ئىكەن. شۇڭلاشقا ” دوغلات“دەپ لەقەم قويۇلغان ئىكەن. دوغلات تايىپىلىرى بۇنىڭ نەسىل- ئەۋلادى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئەمىرۇلئەمرائى يەنى ئەمىر خۇدايەت بىننى ئەمىر بولاجى دوغلاتىنىڭ قىسسە ۋە ۋەقەلىرى ھەم سەرگۈزەشتىلىرى ماقالاتى، پەرزەنت- نەۋرىلىرىنىڭ ۋە باشقا مىرزا بەگلەرنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمرانلىغى ھەم ئاقىۋەتلىرى بايانى

ساغلام تەبىئەتلىك يارەنلەرنىڭ توغرا زېھنىلىك بۇرادەرلەرنىڭ مۇلايىم تەبىئەتلىرىگە پېتىپ روشەن بولغايكى، بابىداغاننىڭ نەۋرىلىرىدىن ئەمىر تۇلەك دوغىلاتى كاشىغەردە، ئەمىر بولاجى دوغىلاتى ئاقسۇدا ھۆكۈمران ئىدى، بۇ چاغدا چىنگىزخاننىڭ ئالتىنچى نەۋرىسى ئىسەن بۇقاخان دىگەن تەختتە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى بولۇپ، چوڭ خوتۇنى تۇغماس ئىدى. كىچىك خوتۇنى بولسا خاندىن ھامىلدار ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىسەن بۇقا خان ئاۋغا (ئوۋ قىلىشقا – ت) ياكى ياۋغا (ئۇرۇشقا – ت) كېتىپ، ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا دوختىۋى قەبىلىسىنىڭ شىراۋۇل دىگەن بىر كاتتا ئەمىراسى توقسەن تارتۇق بىلەن خانغا كۆرۈنۈشكە كەپتۇ- دە، خاننى كۈتۈپ بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قاپتۇ. خان يەنىلا كەلمەپتۇ. خاننىڭ چوڭ خوتۇنى كۈندىشىنىڭ ھامىلدار بولغانلىغىنى سېزىپ، خاننىڭ كەلمىگەنلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا زىشكى- ھەسەت قىلىپ، ئۇنى شىراۋۇلغا ئىنئام قىلپ يولغا سېلىپتۇ. موغۇنلارنىڭ قائىدە- رەسمى بويىچە، چوڭ خوتۇنى كىچىك خوتۇننى خالىسا ساقلايتى ياكى خالىمىسا باشقا ئەرگە بېرەتتى.
بىر كۈنى خان ئاۋ (ئوۋ) دىن ياكى ياۋدىن قايتىپ كېلىپ، كىچىك خوتۇنى مەڭلىكنى يوقلاپ، ” نەگە كەتتى“دەپ سورىغاندا، چوڭ خوتۇنى” دوختىۋى شىراۋۇل تارتۇق ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، مەڭلىكنى شىراۋۇلغا ئىنئام قىلىپ يولغا سالدىم“دەپ جاۋاپ بەردى. خان” مەڭلىك مەندىن ھامىلە ئىدى، ئوبدان بولماپتۇ“دىدى- دە، ئارتۇقچە تەئەررۇز قىلمىدى. خاننىڭ ئوغلى يوق ئىدى. ئاز پۇرسەتتىن كېيىن، خان بۇ جاھان بىلەن خوشلاشتى. نەتىجىدە موغۇل قەۋمى خانسىز قالدى. چۈنكى چاغاتاي ئەۋلادى بىلەن تولۇي ئەۋلادى ئۆز- ئارا جەڭ- جىدەللەر تۈپەيلىدىن بىر- بىرىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى.بۇ چاغدا، ئاقسۇدىكى ئەمىر بولاجى دوغلات ئەمىرالىرىنى يىغىپ، ”خان ئەۋلادىدىن بىرەرسىنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئىتائىتىدە بولساق، خان ئۆز ئۇرۇغىدىن بولمىسا پۇقرالارغا پاراۋانلىق، يۇرتقا تىنچلىق بولۇشى مۈشكۈل“دىگەندە، ئۇلار: ” ئىسەن بۇقا خاندىن مەڭلىك خوتۇن ھامىلە ئىدى، ئۇ شىراۋۇلغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن ئىدى، ئەگەر ئۇ ئوغۇل تۇققان بولسا ئېلىپ كېلپ خان كۆتۈرسەك“ دەپ مەسلىھەت قىلىشقاندا، ئەمىر بۇلاجى” شەغاۋۇلنىڭ (شىراۋۇلنىڭ – ت) جاي- مەنزىلى ئۇزۇن، ئۇزۇق ۋاپا قىلمايدۇ، بېرشقا مۇمكىن ئەمەس“ دىدى. بۇ چاغدا تاش تېمۇرا مىرزا دىگەن بىر ئەمىراسى بار ئىدى. ئۇ ” ئۇزۇق ۋاپا قىلمايدىغانلىغى راست، لېكىن ماڭا ئۈچ يۇز ئوغلاقلىق ئۆچكە تېپىپ بېرىلسە، مەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە سۈتىنى ئۇزۇق قىلىپ بارسام ۋە خاننى تېپىپ كەلسەم“دىدى. ھەممەيلەن بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئۈچ يۈز ئوغلاقلىق ئۆچكە تېپىپ بەردى. ئۇ بۇنى ئۇزۇق قىلىپ، ئاخىرى بىر ئۆچكە قالغاندا شىراۋۇلنىڭ جاي ماكانىغا يەتتى. ۋە بىر بانا قىلىپ مەڭلىك خوتۇن بىلەن كۆرۈشتى. بارلىق ۋەقەنى ئۇنىڭغا تولۇق بايان قىلدى. ئۇ تەكشۈرۈپ قارىسا، مەڭلىك خوتۇن خاندىن بولغان ھامىلىسىدىن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى تۇغلۇق تېمۇر قويۇپتۇ. يەنە شىراۋۇلدىنمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ،ئۇنىڭغا ئوڭچە مۈلۈك دەپ ئات قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ مىرزا تاش تېمۇر بۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ ، تۇغلۇق تېمۇرنى ئېلىپ قاچتى. بىر قانچە مۇدەتتىن كېيىن مۇزات داۋىنىغا كەلدى، خان ئويناپ يۈرۈپ ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى. تاش تېمۇر مىرزا بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇ خاننى ئىزدەپ ھەيرانۇ- سەرگەردان بولۇپ تۇرغان چاغدا، يەتتە نەپەر سودىگەر يېتىپ كەلدى.باشلىغىنىڭ ئېتى بەگچەك ئىدى. ئۇ خاننى ھاڭدىن ئېلىپ چىقتى. بۇلار كېيىنچە خاس بەگلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. باشقىلىرىغىمۇ ئۆز لايىغىدا مەنسەپ بېرىلدى. ئالى مۇقام خاننى تاش تېمۇر مىرزا ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ، ئەمىر بۇلاجىنغا تاپشۇرۇپ بەر دى.
بۇ چاغدا خان ئون تۆت- ئون بەش ياشلاردا ئىدى. ئەمىر بولاجى يۇرت بەگلىرىنى ھازىر قىلىپ، ئوبدان سائەتتە ئۇنى تەختكە چىقاردى. خان ئەمىر بولاجىنىڭ بۇ قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن، ئۇنى بەگلەر بېگى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇنىڭ يەنە ئابائى- ئەجداتلىرىدىن مىراس بولۇپ كەلگەن ئۈچ مەنسەپكە يەنە ئۈچ مەنسەپ جۇلدۇر- جاساق قىلىپ، قولىغا يارلىق نىشانە بېرىپ، ئۇنىڭغا ناھايتى يۇقۇرى ئورۇن بەردى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئەمىر بولاجى بۈيۈكلۈك ئالىمىگە پەرۋاز قىلدى. خان ئەمىر بولاجىنىڭ مەنسىۋىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەمىر خۇدايدادقا بېرىپ، ئۇنى ” جايساڭ“دىگەن ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى قىلدى. بۇ ئۆزبېك تىلىدا ”بەگلەر بېگى“، قىزغىز، قازاق تىلىدا ”ئېل بېگى“ياكى ” ئۇلۇس بېگى“، ئەرەپچە ”ئەمىرۇلجەيس“(ھەربى قوماندان –ت) دىگەن سۆز بولىدۇ.
ئەمىر بولاجى بىر ئاتىدىن ئەمىر تۆلەك، ئەمىر بولاجى، ئەمىر قەمەرىددىن، ئەمىر شەمسىددىن دەپ تۆت ئوغۇل ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر قەمەرىددىن ” ئاكامنىڭ ئوغلى يەتتە ياشتا تېخى كىچىك، بۇ مەنسەپكە مەن لايىق ئىدىم، ئاكامنىڭ بۇ مەنۋىسىنى ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، ھەق ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان بولار ئىدى“دەپ ئەرز قىلدى. خان ”ئاتا ئوغۇل ئۈچۈن قىلىدۇ“دەپ ئىلتىپات بىلەن يارلىق قىلدى ۋە ”ئەمىر بولاجىنىڭ ئۆتكەنكى خىزمەتلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ئەمىر خۇدايداد گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ مەنۋىسىنى بۇنىڭغا بەردىم“ دەپ داۋاملىق يارلىق قىلدى. لېكىن ئەمىر قەمەرىدىدىن بۇنىڭغا ھىچنىمە دەپ جاۋاپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىلىدا كىنە- ئاداۋەت پەيدا بولۇپ، مىجەزى باشقىچە بولۇپ، ئۆزگىرىپ قالدى. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن خان ۋاپات بولۇپ، گۇنانى ئەپ ئەتكۈسى قادىر ئاللانىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولدى.
ئەمىر قەمەرىددىن بولسا بۇنداق پۇرسەتكە ناھايتى ئىنتىزار ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ قارىشلىق ناغىرىسىنى ئاشكارە چالدى ۋە ئون سەككىز شاھزادە بىلەن بىر نەچچە كاتتا ئەمرائلەرنى يوق قىلدى. خاننىڭ يۇرتى، يۇشۇرۇن ئاشكارە غەزنىلىرى، ياراق- جاپدۇقلىرىغا ئىگە بولدى. ئۇنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرى- زامانىسى ئون ئىككى يىلدا تاماملىنىپ ئاخىرلاشتى. ئۇ ئەمرى تېمۇر كوراگانى بىلەن ھەمئەسىر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جەمئىي يەتتە قېتىم قاتتىق جەڭ- جىدەللەر بولۇپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنى تۆكۈلدى. ئاخىرى ئەمىر قەمەرىددىن باراۋەرلىك قىلالماي قېچىپ كېتىپ، بىر جەزىر- دەشتىدە يوق بولدى. ئۇنىڭ ئۈلۈگىمۇ تېپىلمىدى. ئەگەر كىمكى بۇ قىسسەنى كۆڭلىدە بىلىشنى خالىسا، ئەلۋەتتە ”رەۋزە تۇسسافا“غا نەزەر سالسۇن.
ئەلقىسسە، مەغفۇر – (گۇنايى كەچۈرۈلگەن – ت) رەھمەتلىك خان ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن، خىزىر خوجا خاندىن باشقا ئوغلى ئامان قالمىغان ئىدى. لېكىن خىزىر خوجا خان ئارانلا ئىككى ياشتا بولۇپ، ناھايتى كىچىك ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايدادىنىڭ مىر تاغا دىگەن ساپ مەسلىھەتلىك، زىيادە تەدبىرلىك ۋە ئەقىللىق بىر ئانىسى بار ئىدى. ئۇ ”خان نەسلى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن“ دەپ، ئون ئادەمنى قوشۇپ خىزىر خوجا خاننى قاچۇردى. مەزكۇر ئادەملەر خىزىر خوجا خاننى ئېلىپ قېچىپ بىرقانچە زامان ئالاي تاغلىرى ئىچىدە، بىر نەچچە ۋاقىت بەدەخشان، سېرىق قول جەزىرىلەردە ۋە بىر نەچچە مۇددەت لوپ، چەرچەن جاڭگاللىرىدا ھايات كەچۈردى. قەمەرىددىدن ئۇلارنى خېلى تەكشۈرۈپ ۋە تەپتىش قىلىپ تاپالمىدى. قەمەرىددىن يۇقالغاندىن كېيىن، ئەمىر خۇدايداد خىزىر خوجا خاننى تېپىپ كېلىپ، ئۇنى ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ پايتەختىگە ئولتۇرغۇزدى. خىزىر خوج خانمۇ ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى ئۈچۈن، يەنە ئۈچ مەنسەپ ۋە جۇلدۇ- جاساق قىلىپ، جەمئىي توققۇز مەنسەپكە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ شىرئەلى خانغا [103] بىر قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەنلىگى ئۈچۈن، يەنە ئۈچ مەنسەپ جۇلدۇ قىلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەمىر خۇدايداد ھەممىسى بولۇپ ئون ئون ئىككى مەنسەپكە ئىگە بولدى.
بۇ ئون ئىككى مەنسەپ مۇنداق: بىرىنچىسى جايساڭ، يەنى ئەمىرلەر ئەمىرى؛ ئىككىچىنىسى ماڭلاي سۈيەنىڭ ھۆكۈمرانلىغى؛ ئۈچىنچىسى، يارلىق- نىشانلارغا خانلارنىڭ ئۇلۇغ مۆھۈرى- تامغىسى بېسىلغاندىن باشقا، يەنە ئەمىر خۇدايدادنىڭ مۆھۈرى- تامغىسىنى بىللە قوشۇپ بېسىش، ئەگەر مۇنداق قىلىنمىسا يارلىق- نىشانلار ئىناۋەتكە ئېلىنماسلىق؛ تۆتىنچىسى، ئەمىر خۇدايداد خانغا بىر يا مىقدارى يېقىن ئولتۇرۇش؛ بەشىنچىسى، خانغا چاي ۋە قېمىز قويۇشقا ئىككى مەھرەم مەسئۇل بولسا، ئەمىر خۇدايدادقا بىر مەھرەم مەسئۇل بولۇپ، چاي، قېمىز قويۇش؛ ئالتىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر قىلمىغۇچە گۇناغا لايىق قىلماسمىش؛ يەتتىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر بولسا ۋە ئۇنى ئۆزى ئىتىراپ قىلغان تەقدىردە، ئەمىر خۇدايدادنى قىزىل كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، سورىغىنى بىر تەرەپ قىلىش؛ سەككىزىنچىسى، ئەگەر تاياق سوقماقلىققا لايىق بولغان تەقدىردە، كۇرسا ئۈستىگە قىزىل كىگىز سېلىپ، ئۇنى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئاندىن تاياق سوقۇش؛ توققۇزىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر بولمىغىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك؛ ئونىنچىسى، ئەگەر ئۆلۈمگە لايىق بولغاندا، ئىنسان گۇرۇھى تاياق ياكى قىلىچ بىلەن ياكى ئېسىپ ئۆلتۈرمەسلىك؛ ئون بىرىنچىسى، ئەگەر ئۆلۈمگە لايىق بولسا، ئۇنى كىشى يوق يەرگە ئېلىپ بېرىپ، كۆندۈرۈلمىگەن ئات- تايچاققا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈش؛ ئون ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ جېنىنى جان ئالىدىغان ئەرۋاھقا تاپشۇرغاندىن كېيىن، خان باشلىق مەمىلكەتنىڭ ھەممە ئەئيانلىرى ماتەمدار بولۇپ، يىغا- زارە قىلىشىپ، بىللە كۆتىرىپ ئېلىپ بېرىپ دەپىنە قىلشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ گۇنالار ئۇنىڭدا زادىلا سادىر بولمىغان بولسا كېرەك. ھالبۇكى بۇ پەقەت خانلىقنىڭ سۆلەت ۋە شەۋكەتىدىنلا ئىبارەتتۇر.
سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇ ئالى ماقالىق ئەمىرائلەرنىڭ ئەۋلات- نەۋرىلىرىمۇ خانلارنىڭ ئالدىدا خۇددى يۇقۇرقىدەك ئىززەت ۋە ھۆرمەت ھەم يۇقۇرى دەرىجىلىك مەرتىۋە بىلەن ئۆتكەن ئىدى. ئەمىر خۇدايداد بولسا توقسان يەتتە ياشقا كىرگەن ۋە توقسان يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى. ئۇ: ”يەتتە خاننى ئۆز قولۇم بىلەن كۆتىرىپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدۇم“دەپ زىكىر قىلىدۇ. ئاخىرقى ئۆمرىدە مەككە- مۇئەززەمەگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مەدىنەئى مۇنەۋۋەرگە بولغان ئىشتىياقى ئۇنىڭ يۈرەك قاتلاملىرىدا جۇش ئۇرۇپ ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇ خاندىن رۇخسەت سورىدى، لېكىن ھىچقانداق جاۋاپ ئالالمىدى. ئاندىن ئۇ خاندىن رۇخسەت بولمىدى. باشقا بىر تەدبىر بىلەن مۇرادىمغا يەتسەم ھەجەپ ئەمەس دىگەننى كۆڭلىگە پۈكتى.
بۇ چاغدا فەرغانە ۋىلايىتى، ماۋارائۇننەھىر، خوراسان، پارىس، ئىراقەيىن، ئەزەربەيجەن قاتارلىق جايلار ئىرزا ئۇلۇغ بېك كوراگانىنىڭ ئەمىر- پەرمانىدا تۇراتتى. موغۇلىستاننى قولغا كىرگۈزۈش قەستى بولسا، خۇددى تاشقا ئۇيۇلغان نەقىشتەك ئۇنىڭ يۈرەك قاتلىمىغا ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايداد مىرزا ئۇلۇغ بېككە مەخپى كىشى ئەۋەتىپ، ”مىرزا! تاشكەنتتىن تۆت- بەش مەزىل يۈرۈپ موغۇلىستان تەرەپكە مۇشەققەتلىك قەدەم قويسىلا؛ مەن موغۇلىستان يۇرتىنى مىرزا ئۇلۇغ بېككە تەۋە قىلىپ بەرسەم“دەپ خەۋەر بەردى. مىرزا ئۇلۇغ بېك بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا سەمەرقەنتتىن ئاتلىنىپ، تاشكەنتكە كېلىپ، بۇ جايدىن لەشكەر تارتىپ چىقتى. موغۇلىيە يۇرتىدىنمۇ خىزىر خوجا خان باشلىق ئەمىر خۇدايداد قاتارلىقلار لەشكەر ئېلىپ تاشكەنت تەرەپكە يولغا چىقتى. ئاخىرى بۇ خۇددى دەريادەك ئاققان ئىككى خۇنخۇۋار قوشۇنلار ئارىسىدا بىر مەنزىلدىن كەمرەك مۇساپە قالغاندا، ئەمىر خۇدايداد : ”مىرزا ئۇلۇغ بېك ئالدىغا ئۆزەم بېرىپ، ئۇنىڭ رائى نۇرلىرىنى قايتۇرسام، ناھەق خۇنلار تۆكۈلمىسە“دەپ خانغا ئىلتىماس قىلدى. خان بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئەمىر خۇدايدادنى مىرزا ئۇلۇغ بېككە ئەۋەتتى. خۇدايداد ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرىشىپ : ”ئەي مىرزا مۇددىئا ھاسل بولدى، ئەمدى ئۆز تەختگاھلىرىغا يانسىلا، مەن تەدبىر بىلەن ئۆزلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىم تا ئۆزلىرى بۇ يەرگە كەلمىگىچە مېنىڭ مەقسەت ۋە مۇددىئالىرىم ھاسىل بولماس ئىدى“دەپ بارلىق ۋەقەنى تولۇق سۈرەتلەپ ئاشكارە قىلدى. مىرزا ئۇلۇغ بېك تەبەسسۇم ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنىڭ پىردەۋىس دىگەن جەننەتكە ئوخشاش تەختىگاھى سەمەرقەنتكە قايتىپ كەتتى. جۈملىدىن ئامىر خۇدايدادمۇ خىزىر خوجا خاننىڭ ھۆكۈمىتى ۋە زىمىن دائىرىسىدىن چىقتى.
مىرزا ئۇلۇغ بېك كوراگانى ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئىستىقبالىغا چىقىپ، بىر نەچچە قەدەم جۇلاۋىدا (ئاتنىڭ يېنىدا پىيادە – ت) مېڭىپ ۋە قولتۇغىدىن كۆتىرىپ ئاتتىن چۈشۈرۈپ، زىيادە ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىجا كەلتۈردى. ئۇ ئەمىر خۇدايدادنى ھەرقانداق چاغدا ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرغۇزۇپ، ئۆز قەدىمىنى زادىلا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قويمىدى ۋە بىرنەچچە كۈن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسىلەرنى سورىدى. ئالدى بىلەن ئۇ پادىشاھى چىنگىز قائاننىڭ قائىدە- قانۇنلىرى، ياساق- يوسۇنلىرى، يارغۇتورىلىكلىرى ھەققىدە سۇئال سورىغاندا، ئەمىر خۇدايداد ”ئەلھەمدۇلىلار ۋە ئەلمىنە بۇدۇركى، ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت- شەرىپىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن خانلارنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى بىلەن كارىم بولمىدى “دەپ جاۋاپ بەردى. مىرزا ئۇلۇغ بېك بۇنداق سۇئال سورىغانلىغىغا ناھايتى خىجالەت بولۇپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى، ھەتتا ئۆمۈر بويى بۇنداق خىجالەتچىلىكتە ئۆتتى ۋە كۆپ ئىبرەتلەندى. چۈنكى مىرزا ئۇلۇغ بېك ھەممە ئىلىمدە ماھىر ۋە كامىل كىشى ئىدى. ئۆز- ئارا مىھماندارچىلىق پىشەشەكەش- تارتۇق قائىدىلىرى ئادا قىلغاندىن كېيىن، مىرزا ئۇلۇغ بېك ئۆز ئادەملىرىنى خىزمەتكە قوشۇپ، ئەمىر خۇدايدادنى ھەرەمەيىن شرىپىن زىيارىتىگە يولغا سالدى.
«تارىخى رەشىدى» مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەمىر خۇدايداد مەككە مۇئەززەمگە بېرىپ، ھەجنىڭ روكىنلىرىنى ۋە شەرتلىرىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈپ، مەدىنەئى مۇنەۋۋەرگە بېرىپ، مۇھەممەت ئەنھەزرەتنىڭ باغ قەۋرىسىگە زىيارەت قىلدى ۋە تۆۋە- ئىستىغپارغا شۇغۇللىنىپ تۇرغان بىر ھالەتتە كېسەلگە دۇچار بولدى ۋە بۇ قاراڭغۇ تۇپراقتىن ئاخىرەت باغچىسىغا يۆتكەلدى. شۇ كېچىسى ئەنھەزرەت چۈشىگە كىردى. ئۇ چۈشىدە ئەنھەزرەتنىڭ ”تۈركىستان تەرەپتىن مېنىڭ بىر مەھبۇبە مەشۇغۇم مېنى دەپ كېلىپ ۋاپات بولدى، ئۇنى ئابباسنىڭ ئايىغىدا دەپىنە قىلىڭلار“دەپ ھاسسا بىلەن بىر يەرنى سىزىپ كۆرسەتكەنلىگى نامايەن بولدى. ئۇ ئۇيقۇدىن تۇرۇپلا ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەۋرىسىگە بارسا، ھاسسا بىلەن سىزىلغان يەر ناھايتى ئوچۇق كۆرۈندى. ئۇ، بۇ ئەجەپ سائادەتمەن مەردا (ئادەم – ت) كىم بولغىيدى دەپ ھاجىلارنى تەھقىق ۋە تەپتىش قىلىپ كۆرسە، بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايداددىن باشقا ھاجى ۋاپات بولمىغان ئىكەن. ئۇنى قائىدە بويىچە سۈنئەت- غۇسۇل قىلدۇرۇپ، بىشارەت بېرىلگەن يەرگە دەپنە قىلدى.
شۇ يىلى خوجا ئەبۇ نەسىر مۇھەممەت پارسا [104] قۇددۇسسىرە ئەلئەزىزمۇ ھەرەمەيىن شېرىفىن زىيارىتىگە بارغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇرتىلىرىدىن بىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ قەۋرىسى ئۈستىگە”ھەززا قەۋرە ئەمىر خۇدايدادنىڭ تۈركىستانى“(بۇ تۈركىستانلىق ئەمىر خۇدايدادنىڭ قەۋرىسى – ت) دىگەن سۆزى تاشقا نەقىش قىلىپ تۇرغۇزۇلغانلىغىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن ئاشكارە كۆردۇم دەپ نەقلى- ھىكايە قىلغان ئىكەن. خوجا مۇھەممەت پارسانىڭ ھەرەمەيىن شېرىفىن زىيارىتىگە بېرىپ ۋاپات بولغان ۋاقتى ھىجرى سەككىز يۈز يىگىرىمە ئىككىنچى يىلى زۇلھەججە (12- ئاي – ت) نىڭ يىگىرىمە توققۇزىنچى كۈنىگە (مىلادى 1420- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى – ت) توغرا كېلىدۇ دەپ ھىكايە قىلىشىدۇ. بلەكى ئەمىر خۇيدادمۇ دەل مۇشۇ يىلى ۋاپات بولسا كېرەك.
ئەمىر خۇيداددىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى سەيىد ئەلى بىنى سەيىن ئەخەت مىرزا ئەمرى بولۇپ، ئابائى- ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان مەنسەپلەر بويىچە بۇ يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى سانسىز مىرزا ھۆكۈمران بولۇپ سەككىز يىل يۇرت سورىدى. ئاندىن كېيىن كىچىك ئوغلى ھەيدەر مۇھەممەت مىرزا ھۆكۈمران بولدى. بۇ چاغدا دوست مۇھەممەتخاننىڭ [105] قىزى جىماك ئاغچا سانسى ئەمىرنىڭ نىكاھىدا ئىدى. بۇنىڭدىن ئابابەكرى مىرزا ۋە ئۆمەر مىرزا دەپ ئىككى ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. سانسىز مىرزا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى يەڭگە دەپ ھەيدەر مۇھەممەت مىرزا ئۆز ئەقىدىگە ئالدى. ھەيدەر مۇھەممەت مىرزىدىنمۇ مۇھەممەت ھۈسەيىن ۋە مۇھەممەت سەئىد مىرزا دەپ ئىككى ئوغۇل ۋۇجۇتقا كەلدى. مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھۆكۈمىتىنى پىسەن قىلماي، تاشكەنتكە بېرىپ، يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەتخاننىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئۇ مۇھەممەتخاننىڭ يارلىغى بىلەن ئوراتۆپەگە توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. مەھمۇتخان بىر ھەمشىرىسىنى مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئەقىدىگە باغلاپ، ئۇنى كوراگانلىق (خانغا كۈيوغۇل) مەنسىۋى بىلەن ئۇلۇغلىدى. ئوراتۆپەدە بۇلاردىن مىرزا ھەيدەر ۋۇجۇتقا كەلدى. لېكىن ئۇ زامانە ھادىسلىرى ۋە بەزى كېلىشمەسلىكلەر تۈپەيلىدىن، ئوراتۆەپدە تۇرالماي، پەرزەنتى مىرزا ھەيدەرنى ئېلىپ ھىراتتىكى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىننى بايقارا مىرزا خىزمىتىگە باردى.
بۇ چاغدا ھىراتتا ئەمىر بۇرۇندۇق دىگەن بىر مۆتىۋەر قېرى ئەمىرائى بار ئىدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا ئۇنى مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگاننىڭ ئىستىقبالىغا چىقاردى ۋە مۇناسىپ جاي- ماكانغا چۈشۈردى. سۇلتلان ھۈسەيىن مىرزا بلەن قانداق كۆرۈشۈشنىڭ مەسلىھىتىنى قىلىشتى. ئەمىر بۇرۇندۇق: ”ھەرقانچە بولسىمۇ ئولجاپ (خان، پادىشالارنىڭ قوللىرىنى باشلىرىغىچە يەتكۈزۈپ كۆرۈشۈش ئادىتى –ت) كۆرۈشكەن ياخشى بولۇر ئىدى“دىدى. مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇنى ماقۇل تۇتمىدى. چۈنكى، مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا دوغلات نەسلىدىن ئىدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بولسا، بارلاس نەسلىدىن ئىدى. دوغلات قەبىلىسىنىڭ مەرتىۋە دەرىجىسى بولسا بارلاس تائىپىلىرىدىن نەچچە دەرىجە ئارتۇق ئىدى. ئاخىرى ئۇلار كۆرۈشىدىغان بولدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا: ”ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرى يوق بولۇپ كەتمىسۇن، مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا ماڭا ئولجاپ كۆرۈشمىسە مەن ئولجاپ كۆرۈشىمەن“دەپ ئولجاپ كۆرۈشتى. ھەر ئىككىسىلا باراۋەر ئولجاپ كۆرۈشتى. بىر- بىرىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇپ قىلىشتى. لېكىن بۇ چاغدا سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئۆمۈر ئاپتىۋى پېتىش ۋاقتىغا يەتكەن، ئوغلانلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋجىگە چىققان، ھەممە جايدا پىتنە- پاساتلار قوزغالغان ئىدى. شۇڭلاشقا مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇ يەردە تۇرماقنى مۇناسىپ كۆرمەي، ھەرەمەيىن شېرىفىن زىيارىتىگە سەپەر قىلدى. پەرزەنتى ھەيدەر مىرزا بۇ چاغدا سەككىز ياشتا ئىدى. ئۇنى مەۋلانە مۇھەممەت قازىنىڭ خىزمىتىگە تاشلىدى. مەۋلانە مۇھەممەت قازى ئەررەھمە خوجا بولسا خوجا ئەھرار ۋەلىلۇللانىڭ [106] مۇرىدى مەخدۇم ئەززەمنىڭ [107] پىرلىرىدىن بىرى ئىدى.
كېيىنكى زاماندا سۇلتان سەئىد خان بىننى ئەخمەت خان [108] دەۋرىدە، مىرزا ھەيدەر كوراگانى يىگىرىمە ئىككى يىل ياركەنتتە ئەمىرلەر ئەمىرى بولۇپ تۇردى. تىبەت، بولۇر قاتارلىق جايلاردا لەشكەر تارتىپ بېرىپ، تولا شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئىسلام دىنىغا زۇمرەسىگە (گۇرۇھىغا – ت)باشلاپ، ئۇلارنى ئاللانىڭ بىرلىگىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان- مۆمىندارچىلىق يولىغا تەرغىپ قىلدى. لېكىن، زامانە ئىنقىلاۋى تۈپەيلىدىن، ئۇ كابۇلغا بېرىپ، بابۇر پادىشا خىزمىتىگە كىردى. بابۇر پادىشانىڭ ئانىسى بىلەن مىرزا ھەيدەر كوراگانىنىڭ ئانىسى بىر تۇققان بولۇپ، ئۇلار يۇنۇس خاننىڭ قىزى ئىدى. ئۇ بابۇر پادىشا تەرىپىدىن كەشمىرگە ئەۋەتىلىپ، بۇ جاينى تۆت يىل سورىدى. نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلدى. ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى بوي سۇندۇردى. ئاخىرى سەلتەنەتنى تاشلاپ، ئۆز ئۆمىرىنى ئىبادەتكە سەرپ قىلدى. ئۇ «”تارىخى رەشىدى“نى كەشمىردە يېزىپ توپلام قىلدىم» دەپ ھىكايە قىلىدۇ. خانلارنىڭ قىزلىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلاتلىرىغا كوفو (ئەقىدە نىكا ئۈچۈن تەڭداش بولۇش سالاھىيىتى – ت)بولىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار خانغا كۈيوغۇل قىلىنىپ، ”كوراگان“لىق مەنسىۋى بېرىلىدىكەن. ”كوراگانى“دىگەن سۆز مۇڭغۇل تىلىدا ”خانغا كۈيوغۇل“يەنى ”دامادى پادىشا“(پادىشا كۈيوغۇلى – ت) دىگەن مەنىدە بولىدىكەن. يەنە بۇ مىرزىلارنىڭ قىزلىرىمۇ خانزادىلەرگە كوفۇ قىلىنىدىكەن.
سانسىز مىرزىنىڭ ئوغلى مىرزا ئابابەكرى بولۇپ، بۇ يەتتە شەھەردە مىرزا ئۇرۇقلىرىدىن يەنە بار، ھەممىسىنىڭ نەسەپلىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ بىننى ئەمىر بولاجىغا باغلىنىدۇ. مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىممۇ ئۆز نەسەپلىرىنى مىرزا ئابابەكرىگە ئاپىرىپ باغلايدۇ. بۇ سۆزنى تەپسىلى ۋە ئۇزۇن بايان قىلىشتىن مەقسەت ۋە تەلەپ شۇكى، چاغاتاي خان بىننى چىنگىزخان زامانىدىن سۇلتان سەئىد خان زامانىغىچە ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بابداغان دوغلاتىنىڭ ئەۋلادى – نەۋرىلىرى ئەمىر خۇدايدادبىننى ئەمىر بولاجى نەسلىدىن نەسلىگىچە، زاماندىن زامانغىچە، ئۇ پۇشتىدىن بۇ پۇشتىغىچە بۇ يەتتە شەھەگە ھۆكۈمران بولۇپ، يۇقۇرى مەرتىۋە تۇتۇپ كېلىپتۇ. بۇ ئەھۋال ئەڭ ئاخىرى مىرزا ئابابەكرى دەۋرىگە كەلگەندە تامامغا يەتتى. ئاندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ بۇرادەر زادىسى مىرزا ھەيدەر كوراگانىنىڭ تەشەببۇسى ۋە دالالىتى بىلەن سۇلتان سەئىد خان بۇ يەتتە شەھەرگە ۋالى ۋە مۇتەۋەللى بولدى. بۇ دوغلات خانىدانلىرى ئەمىرلەر ئەمىرى ھەم ۋەزىر بولۇپ، تا ئىسمائىل خان ۋە مۇھەممەت ئىمىن خان زامانلىرىغىچە يەنە ئىككى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمران بولۇپ ئۆتۈپتۇ. ھەتتا خافانى چىن ئەھلى بۇ يەتتە شەھەرگە مالك بولغۇچە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرى جارى بولۇپ كېلىپتۇ.
مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىمنىڭ نەسەپلىرىمۇ مىرزا ئابابەكرىگە يېتىپتۇ دەپ ھىكايە قىلىشىدىكەن. لېكىن قانداق يول بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىدىغانلىغى بۇ مەنكى كەمىنىگە مەلۇم ئەمەس. رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىغى تاكى ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرىمە ئالتىنچى يىلغىچە (مىلادى 1909- يىلغىچە – ت) جارى بولغان ئىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادى مىرزاھىدى بەيسە بېگم ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئوسمان بەيسە بېگىم كاشىغەرنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. مەۋلانە مۇھەمەت سادىق كاشىغەرى [109] ئەلەيھىررەھىم «زۇبدە تۇل مەسائىل» (تاللانغان مەسىلىلەر) ناملىق كىتاۋىنى مەزكۇر مىرزا ئوسمان بەيسە بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يازغان ئىكەن. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئىسھاق بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئۇلىشىپ كاشىغەرنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا مەھمەت ۋاڭ بېگىم ئاقسۇغا ھاكىم بولۇپ، يىگىرىمە سەككىز يىل سوراپتۇ، ياركەنتنى سەككىز يىل سوراپتۇ. بۇخارالىق مولا ئابدۇلكېرىم داموللام « ئاقايىد» (ئەقىدىىلەر – ت) دىگەن كىتاپنى مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ۋە ئۇنى تولا تەرىپ- تەسۋىف (سۈپەت – ت) لەر بىلەن توشقۇزۇپتۇ. مىرزا ئەخمەت ۋاڭ بېگىم بولسا دۆلەتمەن، ئىقبالمەن، زېرەك، ھۇشيار، ھۆكۈمەتدارلىق قائىدە- قانۇنلىرىدا، پۇقراپەرۋەرلىك يول كۆرسەتكۈچ دەستۇرىدا بىر سۆز ۋە بىر قۇللۇقتا مۇستەھكەم كىشى ئىدى. پېئىل- ئەتىۋارى ۋە ئەخلاقى، خەلقپەرۋەرلىكتە بۇرۇن ئۆتكەن پادىشلارنىڭ رەسمى- ئادەتلىرىگە، خەلق- مىجەزىگە ناھايتى ئوخشاش ئىدى. قارىماققا ئۇ خاقانى چىنگە تەۋە ھەم ئىتائەت قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەمىلىيەتتە ئۆز ئالدىغا پادىشا ۋە مۇستەقىل ھاكىم ئىدى. ھەرقانداق دەۋا- دەستۇرلارنى ئاق ۋە شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمىگە سېلىپ، شەرىئەتنىڭ نازۇك ۋە توغرا- يوللۇق ئىماملىرىدىن قولىغا مۇۋاپىق پەتىۋا ئېلىپ ۋە پەتىۋا ھۆكۈملىرى بويىچە ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى ۋە ئىجرا قىلاتتى. شەرئى شېرىپنىڭ خاتىرە ۋە رىئايەلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئاللانىڭ شەرىئەت چېگرا- سىزىغىدىن چىقماي، ھۆكۈمدارلىقنى شۇ چېگرا- سىزىق بويىچە ۋاستە مەقام (ئوتتۇرا دەرىجىدە –ت) دەرىجىسىدە ئورناتقان ئىدى. شۇڭا خاقانى مەنسەپدارلىرىدىن خان، ئامبال باشلىق ھەممىسىلا ئۇنىڭدىن ناھايتى ئېھتىيات قىلىپ، تولۇق ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ھاراقۇ- شاراپ، بەڭ، بوزا قاتارلىق شەرىئەت تەرىپىدىن مەنئى قىلىنغان ۋە بىھۇدە ئىشلاردىن ئۆزىنى ئىھتىيات قىلىپ ساقلايتى. شۇڭلاشقا پۇقرائى رەئىيەلەر ياكى ئاكابىر ئەشرەپ بەگلەر، بەگزادىلەرمۇ مۇنداق مەنئى قىلىنغان ئىچىملىكلەرنى زادىلا مەخپى ياكى ئاشكارە قىلالمايتى. يېرىم كېچىدىن كېيىن كۆزلىرى ئۇيقۇغا بارماي، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىبادەتخانىلىرىغا كىرىپ ناماز تەھەججۇتنى (كېچىلىك ناماز – ت) ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئىشان، ھەززەتلەردىن ئالغان تەلىمى ھەم ۋەزىپىلىرى بويىچە دۇئا ۋە تەكبىر بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئىبادەتخانىسىدا بىر پارچە بورىدىن باشقا كىگىز بىساتى يوق ئىدى. تۇرۇسقا بىر قارا ئارقان ئېسىقلىق بولۇپ، دۇئاي- تەكبىر ۋەزىپىسىگە مەشغۇل بولغاندا، مەزكۇر ئارقاننى بوينىغا ئېسىپ ئاندىن ۋەزىپىگە مەشغۇل بولاتتى. ناماز ۋاقتى توشقاندا، مىچىتكە چىقىپ، ھەر ۋاقىت نامازنى ئاز دىگەندىمۇ ئەللىك، ئاتمىش ئادەم بىلەن جامائەت بولۇپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئادا قىلاتتى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە جامائەت بىلەن ئوقۇيدىغان نامازنى پەقەت تاشلىغان ئەمەس. ئاينىڭ بېشى ۋە ئون بەشىدە ئادەت بويىچە شاڭتاڭ ۋە شاڭ يامۇلىغا چىققاندا، خىتايچە جۇڭيى ئوتاغات ۋە مەنسەپ كىيىم ئاياقلىرىنى كىيىپ ئاندىن چىقاتتى. باشقا چاغلاردا بولسا ھەمىشە سەللە- سالاھى، پېرىجە قاتارلىق شەرىئەت شەرىپىگە مۇۋپىق كىيىملەرنى كىيەتتى ۋە باشقىلاردىنمۇ شۇنى تەلەپ قىلاتتى. ئۆلىمالار، ئىشانلار، ئەپەندىلەرگە بولغان ئەقىدە- ئىخلاسلىرى زىيادە، كۆڭلى ۋە مۇئامىلىسى ئىللىق ئىدى. شۇڭلاشقا، بەدەخشان، ھىندىستان، بۇخارا ۋە تۈركىستان قاتارلىق ئەتىراپتىكى جايلاردىكى ھەزىرەت ئىشانلار، بۇ ۋاڭ بېگىمنىڭ تۈرلۈك- تۈرلۈك نېئمەتلىرى، ئىنئام ۋە ئېھسانلىرى، نامى- شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە كېلىپ، بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، بەھرە ۋە پايدىغا مۇيەسسەر بولۇپ، ۋاڭ بېگىمنىڭ دۇئاي- دۆلەتلىرىنى قىلىپ، ئۆزى ئۆسكەن ۋەتىنىگە قايتىپ كېتەتتى. ۋاڭ بېگىم باشلىق بىر قانچە ئەقىدە- ئىخلاسلىرى پاكىز مۇرت- مۇخلىسلارمۇ ئۆز ئىخلاسلىرى باراۋېرىدە بەھرە- پايدا ئېلىپ قالار ئىدى. بۇلارمۇ قادىرىيە [110]، نەقشەبەندىيە تەرىقە- سۈلۈككە كىرگەن ئىدى. ۋاڭ بېگىم موللا، فازىل ۋە پەرھىزكارلارنى (دىنىي ئەقىدىلەردە پەرز تۇتقۇچىلارنى – ت) چاقىرىپ، ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى تەرىقەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئىبادەت قائىدىسى بويىچە كالامى شېرىپنى خەتمە قىلدۇرار ئىدى. مەزكۇر فازىل قارىلارنىڭ ھەممە ۋاقىت ھاجەتلىرىدىن چىقىپ، ئۇلارغا تارتۇق- ھەدىسلەرنى بېرەتتى. ئۇنىڭ بۇلاردىن باشقا يەنە لەنگەر- رابات، مەدرىسە، مىچىتلەرگە قىلغان نەزىر- چىراق، خەيرىخاھلىق ۋە سەدىقىلىرى كۆپ ئىدى، ئۇ بۇ خىل نەزىر- سەدىقىلەرنىڭ خىراجەت سەرپىياتىنى تامامەن ئۆز ئابائى- ئەجداتلىرىدىن مۈلكى مىراس بولۇپ قالغان زىمىنلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە باشقا چاھار پايلىرىدىن سەرپ قىلاتتى. بۇ زامان ئاخىرىدا ئەمىر خۇدايداد ئەلەيھۇ رەھىم ۋە ئەلغۇفۇران (خۇدانىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن)نىڭ ئەۋلات- ئىخپاتلىرى ئىچىدە، ۋاڭ بېگىمدەك فازىل، شەرىئەتنى ياخشى بىلىدىغان ئۆلىما دوست، پۇقراپەرۋەر ئۇلۇغ كىشى ئۆتمىگەن ئىدى. خۇدانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان ياخشىلىق، نەتىجىلىرى ۋە ئەسەر- ئالامەتلىرى تا بۈگۈنگىچە خالايىق ئارىسىدا مەشھۇردۇر.ئۇ بۇ ئەقىدە- ئىخلاسلىرىنىڭ ساپلىغى بەرىكىتىدىن، ئەڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە شاھادەتلىك دەرىجە- مەرتىۋىسىنى تاپتى. ئۇ چاغدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇنى ”ئەلا شەھىت“دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ناھەق تۆكۈلگەن قانلىرى بىلەن، غۇسلا قىلماي ناماز جىنازىسىنى ئوقۇپ دەپنە قىلدى. (ئىسلام دىنىدا شېھىت بولغانلار غۇسلى قىلىنماي قانلىق كىيىملىرى بىلەن كۆمۈلىدۇ – ت). ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ھامۇت بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يېتىپ، ئاقسۇ، خوتەنگە ھاكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى مىرزا مۇھەممەت بېگىم ئاتا مىراسى ۋاڭلىق مەنسىۋىدە ئولتۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئىززەت بىلەن”ۋاڭ غوجام“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر- مەرۇپ بولدى.

سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، موغۇل خانلىرىدىن چىنگىز قائان بۇ يەتتە شەھەرگە ھىجرى ئالتە يۈز ئون ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1219- يىلى – ت) ئىستىلا تاپتى. شۇ زاماندىن بۇ كەمگىچە بۇ جايغا باشقىلارنىڭ ئىستىلا قەدەملىرى يەتمىگەن ئىكەن. لېكىن ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگانى ئىراق تەرىپىگە لەشكەر تارتىپ ماڭغاندا، پايتەختى سەمەرقەنتكە بىر نەۋرىسى سۇلتان مۇھەممەتنى ۋە يەنە بىر نەرۋرىسى ئىسكەندەر سۇلتان بىننى ئۆمەر شەيخ باھادۇرنى ئەنجانغا ھاكىم قىلىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئىسكەندەر سۇلتان تېخى ئون ئۈچ ياشتا كىچىك بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەمىرلىرى ئىشكارغا چىقىمىز دەپ ئېلىپ قېچىپ كاشىغەرنى بېسىۋالدى. ئاندىن ئۆتۈپ ياركەنتنى قولغا كىرگۈزدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سېرىق قۇمۇش، كەللىن، زالى كۆلى قاتارلىق جايلارنى بېسۋالدى. ئاندىن كېيىن ئاقسۇنى قىرىق كۈن قامال قىلىپ تالان- تارج قىلدى. ئاندىن ئۆتۈپ باي ئارقىلىق كۇچارنى بېسىۋېلىپ، كۇچار ئەھلىنى بالايى- مېھنەتلەرگە دۇچار قىلدى. بۇ جايدىن ئۆتۈپ تاۋم ئارقىلىق خوتەننى بېسىۋالدى. بۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ، نەچچە توققۇز قىز بالىنى ئېلىپ ئەنجانغا چىقىپ، ئەمىر تېمرۇ كوراگانىغا ئىككى توققۇز قىز، سۇلتان مۇھەممەت مىرزاغا بىر توققۇز قىز تارتۇق قىلىپتۇ. لېكىن بۇ جايغا تاغىلىرىدىن بىجاۋاپ چىققانلىغى ئۈچۈن، بەد گۇمان بولۇپ، يىگىرىمە سەككىز ئەمىرنى تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى. ئىسكەندەر سۇلتاننى نەزەربەت قىلدى. بۇ ئەھۋاللار «رەۋزە تۇسسافا»دا بايان قىلىنغان. لېكىن بۇ جايدا سېرىق قۇمۇش، كەللىن، زالى كۆلى، تاۋم دىگەن جايلار قايسى ماكاندا ۋە قايسى يەرلەرنىڭ نامى ئىكەنلىگى مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر ئىسكەندەر سۇلتاننىڭ كېلىپ كەتكەن ۋاقتى بىر يىلدىن كۆپرەك بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتى يەنە ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىلىرىگە تەئەللۇق تاپتى.
شۇنىڭدەك ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگاننىڭ نەۋرىسى مىرزا ئۇلۇغ بېك كوراگانى قەشقەر ئۇلۇغ ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىسى قارا قۇل ئەخمەت مىرزىدىن خاپا بولۇپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، قەشقەرنى بېسىۋېلىپ تۆت يىل سوراپ، ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ، بۇ جاينى ئەمرى ئىتائەتلىرىگە كىرگۈزگەن ئىكەن. مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىدىن باشقا ماۋارئۇننەھرى، فەرغانە ۋىلايىتى ياكى ئەرەبىستان ئۇلۇغلىرىدىن كېلىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى بېسىۋېلىپ، بىر يىل ياكى ئالتە ئاي مىقدارى سورىغانلىرى ھىچقانداق تارىخ كىتاۋىدىن كۆرۈلمىدى ۋە مەلۇم بولمىدى. ئەمما موغۇل تايىپلىرى نەچچە قېتىم ئەرەبىستان شەھەرلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ، نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ۋەتەندار بولغانلىغى ھەممە تارىخ كىتاۋىدا ئاشكارە بايان قىلىنغان. (خۇدا ھەممىدىن بەكرەك بىلگۈچىدۇر)

موغۇلىستان پادىشاسى تۇغلۇق تېمۇرخان (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلۇق جەنەتتە قىلسۇن) نىڭ ئېسىلزادە نەسەپلىرى، ھەر بىر ئەۋلات- نەۋرىلىرىنىڭ زىكرى ۋە سانلىرى، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋەقەلىرى بايانى

تارىخ بىلگۈچىلەرنىڭ نازۇك ۋە كېلىشكەن ئۆلچەملىك تەبىئەتلىرىگە ھەم سۆزىنى گۈزەل سۆزلەيدىغان سۆزمەنلەرنىڭ چوڭقۇر زېھىنلىرىدىن مەخپى ۋە بىئەلان قالمىغايكىم، تۇغلۇق تېمۇرخان بولسا ئىسەن بۇقاخاننىڭ ئوغلى، ئۇ داۋاچىچەن خاننىڭ ئوغلى، بۇ بۇراق خاننىڭ ئوغلىدۇر، بۇراق خاننىڭ مەشھۇر ئىسىملىرى سۇلتان غىياسىددىن بولۇپ، مۇسۇلمان ۋە دىندار ئادەم ئىدى. بۇ سىسسۇ قارانىڭ ئوغلى، بۇ مامۇكباينىڭ ئوغلى، بۇ چاغاتاي خاننىڭ ئوغلى، بۇ چىنگىز قائاننىڭ ئوغلى ئىدى.
تۇغلۇق تېمۇرخان ئون بەش ياشلارغا كەلگەندە، ئەمىر بولاجى دوغلاتىنىڭ يارەم دالالىتى ئارقىسىدا، ئاقسۇدا خانلىق تەختىگە ئولتۇردى. بۇ ھەقتە يۇقىرىدا توختالغان ئىدۇق. ئۇ يىگىرىمە تۆت ياشلار چاممىسىدا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىلۇللا (ئۇنىڭ سىرى پاك ۋە مۇبارەك بولسۇن!) نىڭ قولىدا ئىسلام دىنىنىڭ سائادەت شەرىپىگە ئىگە بولدى. ۋەقەسىنى كېيىن بايان قىلىمىز – ئىنشا ئاللا! (ئاللا سەۋىر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!)
بۇ چاغدا ماۋارائۇننەھرى شەھەرلىرى ئۆز بېشىمچىلىق ۋەزىپىسىگە چۈشكەن ئىدى. تۇغلۇق تېمۇر ئىككى قېتىم لەشكەر تارتىپ بېرىپ، تا قۇندۇزغىچە بولغان جايلارنى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈپ ياندى. بۇ چاغدا ئەمىر تېمۇر كوراگانى شەھىرى سەبىزگە ھاكىم ئىدى. ئىستىقبالغا چىقىپ، ناھايتى تولا سوغا- سالاملارنى تەقدىم قىلدى. فارامىن دەستۇرى بويىچە، ئۇ ئابائى – ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان ۋەزىرلىك مەنسىۋىگە لايىق ئىدى. ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ سەمەرقەنتتىكى چوڭ ئوغلى ئىلياس خوجانىڭ خىزمىتىدە قويۇپ، ئۆزى پەيتەختى ئىلىغا قايتتى. ئاز پۇرسەتتىن كېيىن ئىلياس خوجاخان بىر تەرەپ بولدى. تۇغلۇق تېمۇر بۇ جاھاننى مېھنەت غورۇرىدىن سارايى جەننەت شاتلىغىغا كۆچتى. بۇ چاغدا ئۇ ئوتتۇز تۆت ياشتا ئىدى. ئىلىدا دەپنە قىلىندى. جاھان ئەھلىنى ئوت ئازاۋىدا قويغان بۇ ۋەقە ھىجرى يەتتە يۈز ئاتمىش ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1364- 1365- يىلى – ت) يۈز بەرگەن ئىدى. خەلق ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئىلى شەھىرى ۋە ئەتىراپتىكى جايلاردا شۇ زاماندىن باشلاپ ئىسلام دىنى شەراپىتى ئاشكارە بولدى.
لېكىن بۇ يەتتە شەھەر خۇسۇسەن كاشىغەرنىڭ ئەھۋالىغا كەلسە، ھىجرى ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى (مىلادى 943 – 944- يىلى – ت) جانابى ئەنھەزرەت سەلىلۇللا ئەلەيھى ۋەسسەلامنىڭ بىشارىتى ئارقىسىدا، ئەبۇ نەسىر سامانى [111] كاشىغەرگە كەلدى. بۇ چاغدا كاشىغەردە بۇغرا خانلار نەسلىدىن ھارۇن بۇغراخان [112] ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مەزگىل ئىدى. بۇ چاغا ئوغلى سۇلتان ساتۇق ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. ئۇ ئاللانىڭ تەۋپىق ھىدايەت بېرپ توغرا يولغا باشلىشى، ئەبۇ نەسىر ساماننىڭ ياردەم دالالىتى بىلەن مۇسۇلمانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالدى. سۇلتان ساتۇقنىڭ دالالىتى بىلەن بۇ يەتتە شەھەرمۇ مۇسۇلمان بولۇپ، ھەر قايسى شەھەرلەردە مۇسۇلمانچىلىق ئاشكارە بولدى. ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىمۇ بۇنىڭغا تەۋە بولدى. پەقەت خوتەن ئۇلۇغىلا ئۇنىڭغا بوي سۇنماي ھىجرى ئۈچ يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىلى (مىلادى 982 – 983 – يىلى – ت)ئاران ئىسلام دىنى شەراپىتىگە ئىگە بولدى. مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بەلكى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمرانلىغى بۇغرا خانلارغا تەئەللۇق ئىكەن. تا چىنگىزخان زامانىغىچە بۇغا خانلارنى ئەفراسسىياپ [113] ئەۋلادىدىن ئىدى دىگەن رىۋايەتلەر بار. سۇلتان ساتۇق بۇغرا خاننىڭ قەۋمى- مازارى ھازىر ئاتۇش دىگەن جايدا.
ئەمدى يەنە ئەسلى سۆزىمىزگە كەلسەك، تۇغلۇق تېمۇر خاندىن كېيىن ئوغلى خىزىر خوجا ئاتا مىراسى پايتەختىگە ئىگە بولدى. بۇ شەرىئەت شوئار، دىيانەتلىك، شىجائەتلىك ھەم باتۇرلۇقتا تەڭدىشى يوق كىشى ئىدى. خەلقنىڭ راھىتىنى ئويلايدىغان ۋە پۇقراپەرۋەرلىكتە باراۋىرى يوق ئىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگانى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۆز قىزى تۇكەل بېگىمنى ئەمىر تېمۇرنىڭ ئەقىدىسىگە سۇنۇپ، ئۇنى كوراگانلىق مەنسىۋى بىلەن ئۈستۈنلىدى. يۇرتلارنى خاتىرجەم قىلىپ، بىجىن [114] تەرەپكە غازاتقا ئاتلاندى. بۇ چاغدا تۇرپان، قاراخوجا، قۇمۇل ئەھلى دىنى ئىسلامدىن بىبەھرى ئىدى. بۇ جايلار خىزىر جوجا قولى بىلەن ئىسلام دىنى شەراپىتىگە مۇيەسسەر بولدى. بىجىننىڭ كۆپ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئاخىرى شاھادەت شەرۋىتى ئىچتى. جەسىدىنى ئېلىپ كېلىپ يەمشى دىگەن جايدا دەپنە قىلدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى شەمئى جاھان خان تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى مۇھەممەت خان تەختكە چىقتى. بۇ چاغدا ئۇ مىرزا ئۇلۇغ بېك رەسەت باغلغانلىغىنى ئاڭلاپ، ئاتۇش ئۈستىدا تاش راباتنى بىنا قىلدۇردى. بۇ مۇسۇلمان، مۆمىن دىندار بىر كىشى ئىدى ۋە ياش ئالەمدىن ئۆتتى. دادىسىنىڭ ئايىغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن كيدىن شىر ئەلى خان تەختكە چىقتى. بۇ قالماقلار بىلەن تولا غازاتلارنى قىلىپ، ئاخىرى بۇ جاھان بىلەن ۋىدالاشتى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئۇۋەيسى خان تەختكە مىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يۇنۇس خان ئون ئۈچ ياشتا بولۇپ، تېخى كىچىك ئىدى. ئوۋەيسى خاننىڭ ئەمىرلىرى ئىرزان بايرىن، مىرەك تۈركمەنلەر باش بولۇپ، ئوتتۇز مىڭ لەشكەر بىلەن بىللە ئېلىپ قېچىپ، سەمەرقەنتتىكى مىرزا ئۇلۇغ بېكتنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كىردى. ئارىدا نۇرغۇن قېتىم قاتتىق جەڭ- جىدەللەر بولۇپ ئۆتتى. ئاخىرى مىرزا ئۇلۇغ بېك غەلبە قىلىپ، ئىرزان بايرىن، مىرەك تۈركمەن قاتارلىقلارنى ئوتتۇز مىڭ ئەسكىرى بىلەن باسرۇق قىلىپ ئولجا ئەسىر قىلىپ، بىرقانچىسىنى تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى. يۇنۇس خاننى بولسا ھىراتتىكى دادىسى شاھرۇھ مىرزىنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى ۋە بۇ جايدىن يەنە شىرازغا يولغا سېلىپ، مەۋلانە شەرىپىدىن ئەليەزىدىگە [115] تاپشۇردى. بۇ ھەقتە يۇقۇرىدا سۆزلىگەن ئىدۇق.
يۇنۇس خان بولسا، ئۆلىما، موللا ۋە دىندار كىشى ئىدى. پادىشا ۋە خانلارنىڭ ئىچىدە، مىرزا ئۇلۇغ بېكتىن قالسا، يۇنۇس خاندىن باشقا ئۆلىما، فازىل پادىشا ئۆتمىگەن بولسا كېرەك دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئىدى. خوجا ئەھرار ۋەلىلۇللاغا مۇرىت- مۇخلىس ئىدى. بۇ چاغدا يۇرتلاردا موغۇلىيە ئادەملىرىنى بەزى ئەۋباش- باشباشتاق ئادەملەر ئېلىپ قېچىپ بېرىپ، ھەر قايسى يۇرتلاردا ساتىدىكەن. جانابى ئەھرارى ۋەلىيۇللا: ” بۇنداق مۆمىن، مۇسۇلمان پادىشا ئىسلام پۇقرالىرى سېتىلمىسۇن ۋە ئېلىنمىسۇن“ دەپ شەرىئەت ئەمرى بويىچە يۇرت ئۇلۇغلىرىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ ئەھۋاللارنى قاتتىق چەكلەپ نامە بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ پۇقرالارنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئىشلىرى ئاياقلاشتى.
يۇنۇس خان تاشكەنتتە ۋاپات بولدى. ئاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى مەھمۇت خان تەختكە ئولتۇردى. بۇ ئون ئىككى يىل خانلىق قىلدى. بۇ ئۆزبېك ئەۋلادىدىن شاھى بېك خان يەنى مۇھەممەتخان شەيبانى بىلەن ئۇرۇشقان ئىدى. شاھى بېك خان غالىپ كېلىپ، ئۇنى بەش ئوغلى بىلەن شېھىت قىلدى. خوجەندتىكى شەيخ مۇسلىھىددىن شىرازنىڭ [116] ئايىغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن كېيىن كىچىك ئوغلى ئەخمەتچان تەختتە ئولتۇردى. بۇنى قالماقلار ئالاجەخان دەپ ئاتايتى. بۇ تاشكەنتتە تۇرالماي كاشىغەردىكى مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئۈستىگە كەلدى، ئۇرۇشتا يېڭەلمەي ئاقسۇغا باردى. لەشكەر يىغىپ باھار پەسلىدە يولغا چىقىپ، كاشىغەرنى ئالساق دەپ تەرەدۇت قىلىپ تۇرغاندا، ئەجەل پۇرسەت بەرمەي ئاقسۇدا ۋاپات بولدى. مىرزا ئابابەكرى كېلىپ ئاقسۇ خەلقىنى ئەخمەت خانغا ار بولدى دەپ قەتلىئام، تالان- تاراج قىلىپ، ئامان قالغانلىرىنى كۆچۈرۈپ ئالتە شەھەرگە تارقىتىۋەتتى. ئۇشبۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاقسۇ ئون ئالتە يىل ۋەيران بولۇپ، ھۇقۇشلارنىڭ ئۇۋىسى، دىۋە- پىرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلاندى. ئەخمەت خاننىڭ جەسىدىنى ئالتۇن دەپ ئاتىدى. چۈنكى موغۇللار خانلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئىزەتلەپ” ئالتۇن“دەپ ئاتايدىكەن. ھەتتا خانلار، ھاكىملارنىڭ بۇيرۇق نىشانە خەتلىرىنىمۇ” ئالتۇن نىشان“، ” ئالتۇن دەستەك“دەپ ئاتايتى. ئەخمەت خاننىڭ تاغىسى ئىسەن بۇقا خاننىڭ ئالتۇن جەسىدىمۇ بۇ جايغا قويۇلغان بولۇپ، ئىككى خاننىڭ قەۋرىسى بىر يەردە ئىدى. خوجا شەھباز خوجام ۋاپات بولغاندا، بىننى خوجا ئىسھاقى ۋەلىلۇللا [117] ئۇنى ”خانلارنىڭ ئايىغىدا دەپنە قىلىڭلار“ دەپ ئەمىر قىلغان ئىكەن. بۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇرىت- مۇخلىسلىرى ” خاننىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە دەپنە قىلىمىزمۇ“دەپ سورىغاندا ” خوجا شەھبازنىڭ بېشى خاننىڭ كۆكرىگى بىلەن تەڭ بولسۇن، چۈنكى خانلارنىڭ ھۆرمىتى زىيادە“دىگەن ئىكەن. نەتىجىدە خوجا ئىسھاقى ۋەلىلۇللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن خوجا شەھبازنىڭ قەۋرىسى دەل مۇشۇ تەرزدە ياسالغان ئىكەن.
ئەخمەت خاندىن ئون سەككىز ئوغۇل يادىكار قالدى. چوڭ ئوغلى مەنسۇرخان بولۇپ، قۇمۇلدىن كورلىغىچە بولغان جايلار ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئىدى. كىچىك ئوغلى سۇلتان سەئىدخان بولسا كابۇلدا بابۇر شاھنىڭ قېشىدا ئىدى. بۇ بىرمۇنچە ئادەم بىلەن كېلىپ ئەنجاننى ئىلكىگە ئېلىپ، بۇ جايدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئاندىن كېيىن يەتتە شەھەرگە بارساق ئوبدان بولارمىكىن دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ، دوغلات، دوختىۋى، بارلاس، جوراس قاتارلىق توققۇز تەبەقە ئۇرۇغىدىن تۆت مىڭ نەپەر نامدار باھادۇر- مەردانىلەر بىلەن كاشىغەرگە چۈشتى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىلىرىدىن مىرزا ئابابەكرى كاشىغەر ۋە يەتتە شەھەرگە پادىشا بولغانلىغىغا قىرىق سەككىز يىل بولۇپ قالغان مەزگىل ئىدى. بۇلار ئارىسىدا ئۆز- ئارا جەڭ قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئاخىرى مىرزا ئابابەكرى باراۋەرلىك قىلالماي قېچپ بەدەخشان تاغلرىدا يوق بولدى. بۇ يەتتە شەھەرنىڭ تەختى سەلتەنەتى سۇلتان سەئىدخانغا قارار تاپتى.
مىرزا ئابابەكرىنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە غەزنە، ياراق- جابدۇق، چاھارپاي ۋە باغۇ- ۋارانلىرى ھەددىدىن زىيادە تولا ئىدى. خەلققە قىلغان زۇلۇم جەبرىسى بۇنىڭدىنمۇ دەھشەت ئىدى. ئەگەر بىر ئادەمدىن سەللا گۇنا- ئەيىپ ئۆتسە ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، بارلىق مال- مۈلكىنى غەزنىگە ئالار ئىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئۇرۇق- قاياشىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ”سېنىڭ ئۇرۇغۇڭدىن بۇ ئادەم مۇنداق يامان ئىشلارنى قىلدى“دەپ بىر بانا قويۇپ، بار- يوقىنى تامامەن بۇلاپ ئالار ئىدى. مىرزا ئابابەكرى پادىشادەك زالىم پادىشا ئۆتكەنلىگى توغرىسىدا ھىچقانداق تارىخ كىتاۋىدا مەلۇمات يوق ئىدى. ئەگەر ھەر كىمنىڭ ھەۋىسى تۇغۇلۇپ، مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلەي دىسە ” تارىخى رەشىدى“گە نەزەر سالغاي.
بۇ يەتتە شەھەر دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە سۇلتان سەئىد خانغا قارار تاپتى. ھەر قايسى شەھەرلەردىكى، مەيلى ئاقسلۇق ياكى باشقا شەھەرلىك ئارزۇمەنت ئادەملەرنى كۆچۈرۈپ ئاقسۇدا ئورۇنلاشتۇردى ۋە بۇ جاينى ئاۋات قىلدى. شۇ سەۋەپتىن ئاقسۇنىڭ ئادەملىرى بىر- بىرى بىلەن ئىتتىپاق ئەمەس. چۈنكى ئۇلار يۇقىرقىدەك چاچقۇن ۋە پاراكەندە ئادەملەردىن جەم بولغان ئىدى. سۇلتان سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ غەزنە بايلىغىنى ئەسكەرلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى. ھەممە ئادەم مال- دۇنياغا بىھاجەت ۋە بىنىياز بولدى. «تارىخى رەشىدى» نىڭ مۇئەللىپى مەرھۇم مىرزا ھەيدەر كوراگانى (خۇدا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلۇق قىلسۇن) ئۆز كىتاۋىدا ”ئۇ چاغدا مەن ئون ئالتە ياكى ئون يەتتە ياشلاردا ئىدىم. پۇل ۋە دۇنايغا ئانچە ھەۋىسىم يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ تەقسىماتتا ماڭا نەق دۇنيادىن باشقا يەنە ئون يەتتە مىڭ قوي تەگدى، لېكىن مال- دۇنياغا ھەۋىسى بار ئادەملەرگە قانچىلىك تەككەنلىگىنى ۋە غەنىمەت مال ھەم ئولجىنىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدۇ“دەپ يازغان ئىدى.
سۇلتان سەئىدخان (ئاللا ئۇنىڭ گۇناسىنى كەچۈرگەي!) مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز ۋە خاراپ بولغانلىغىنى بىلىپ ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ مال- دۇنياغا بىھاجەت بولغانلىغىنىمۇ سېزىپ، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ئون يىللىق باج- خىراجىتىنى پۇقرالارغا ئىنئام ۋە ئېھساپ قىلىپ: ” ئون يىلغىچە پۇقرالاردىن بىر نەرسە ئالماڭلار، سالماڭلار، پۇقرالارمۇ بەرمىسۇن“ دىگەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە ئالەمنى قايىل قىلدۇردىغان ئىتائەت يارلىغىنى جاكارلىدى. بەش يىلغىچە ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە ئۇلار خاراپ ۋە ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى، ھەتتا ئۆتنە ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكىمۇ مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئالتىنچى يىلنىمۇ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يۇرتتا بىر نىمە دىيىشكە يول تاپالمىدى. خان بولسا يارلىغىدىن يانمىدى. ئاخىرى دۆلەت ئەركانلىرى مەسلىھەتلىشىپ،”جاھان پانا، بۇ يەتتە شەھەرگە بەقەر (كالا – ت)يىلى كەلگەن ئىدۇق، ھازىر ئات يىلى كىرىپ، بىز كەلگىلى ئون يىل بولدى. پۇقرالاردىن باج- خىراجەت ئالساق يارلىق بولارمىكىن “ دەپ تۆت يىلنى تاشلاپ، ئالتە يىلنى ئون يىل دەپ ھىساپلاپ خانغا مەلۇم قىلدى. خان ماقۇل بولۇپ يارلىق قىلدى. شەرىئەتكە مۇۋاپىق باج- خىراج ئالدى، يارلىق- نىشانلىرىغىمۇ پالانى يىلى دەپ يازدى. پۇقرالارمۇ شۇ يىلنى ھىساپقا ئالدى. باشقا شەھەرلەردىن بۇ يەتتە شەھەرنىڭ يىل ھىساۋى تۆت يىل ئەۋۋەل بولۇشىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇنىڭدا، ئەمما تارىختىكى يىلنامىلىرى ئوخشاش. سۇلتان سەئىدخان يىگىرىمە ئىككى يىل خانلىق قىلدى. قىرىق توققۇز يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ھىجرىنىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1532 – 1533 – يىلى) بولۇپ، ياركەنتە دەپنە قىلىندى.
ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇلرەشىت خان تەختكە چىقتى. بۇ شىجائەتتە تەڭدىشى يوق، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتە ناھايتى ئۈستۈن بىر پادىشا بولۇپ، موللا فازىل، شائىر بولۇپ، پارىسچە، تۈركچە نەزمىلەرنى ياخشى ئېيتار ئىدى. مۇزىكا ئىلمىدە گوياگى فىساغورۇس (پىپا گورۇس – ت) دىگەن بىر مۇقام ئىختىرا قىلدى. بۇنىڭ دەۋرىدە ۋىلايەت تەرەپتىن خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۇزرۇكۋار [119] (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!) كەلدى. سۇلتان ئابدۇلرەشىت خان بۇ زاتقا ئىرادە ۋە ئىشەنچ باغلاپ، بىر مۇنچە ياخشى ئىشلارنى قىلدى، مىرزا ھەيدەر كوراگانى بىننى مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگانى ئالى دەرىجىلىك ئابدۇلرەشىت خاننىڭ مەشھۇر نامىغا بېغىشلاپ تارىخ يېزىپ، ئۇنى «تارىخى رەشىدى» دەپ ئاتىدى. ئابدۇلرەشىتخان قىرىق توققۇز يىل ئۆمۈر كۆردى. يىگىرىمە يەتتە يىل خانلىق قىلدى. ھىجرى يۈز ئاتمىش توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1562 – 4562 – يىلى – ت) ۋاپات بولۇپ، ياركەنتتە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېين ئوغلى ئابدۇلكېرەم خان تەختكە ئولتۇردى. ئادالەتلىك بىلەن يۇرتلارنى ئاۋات قىلدى، زۇلۇمنى يوق قىلدى. يامان ئادەملەرنى بەربات قىلدى ۋە ”ئابدۇلكېرىم ئادىل“دەپ شۆھرەت تاپتى. ئوتتۇز ئۈچ يىل خانلىق قىلدى. ھىجرى مىڭىنچى يىلى (مىلادى 1561 – 1562 – يىلى _ ت) ۋاپات بولۇپ، ياركەنتتە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ بىر ئىنىسى سوپس سۇلتان كاشىغەرگە ھاكىم ئىدى. يەنە بىر ئىنىسى مۇھەممەت سۇلتان ئاقسۇغا ھاكىم ئىدى. بۇنى ئاقسۇدىكى ياركەنتكە ئېلىپ كېلىپ خان كۆتەردى. بۇ ھەم پادىشا، ھەم دەرۋىش كىشى ئىدى. خان بولۇپ سەككىزىنچى يىلى ۋىلايەت تەرىپىدىن مۇرشىتلىكنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى ۋە لايىغى بولغان خوجا ئىسھاق بىننى مەخدۇم ئەززم (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!) كەلدى. مۇھەممەت سۇلتان بۇنىڭغا ئىرادەت ۋە ئىشەنچ باغلاپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى پەيدا قىلدى. تەپسىلى بايان قىلساق سۆزىمىز مەقسەت تەرەپتىن يىراقلايدۇ. مۇھەممەت سۇلتان يەتمىش يىل ئۆمۈر كۆردى. ئون سەككىز يىل خانلىق قىلدى. ئاندىن ئوغلى زىيائىدىدىن ئەخمەت خانلىققا ئولتۇردى. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆز ئادەملىرى بارچۇقدا (مارالبېشىدا – ت)شېھىت قىلدى. ۋە ” خان شېھىت“دەپ مەشھۇر بولدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇللەتىپ سۇلتاننى خان قىلدى. ئۇ ئون ئىككى يىل خانلىق قىلدى. يىگىرىمە ئالتە يېشىدا ۋاپات بولدى. ئاندىن كېيىن پولات خان، مەھمۇت خانلار ئۆز ئەھۋالى بويىچە خان بولۇپ، ئۆز- ئارا ماجرالارنى باشلىدى.
ئەلقىسسە، مۇندىن كېيىن ئابدۇلرەشىت خاننىڭ توققۇزىنچى ئوغلى ئابدۇلرەھىم خان مەنسۇر خاننىڭ دەستۇرى بويىچە قۇمۇلدىن كورلىغىچە بولغان جايلارغا خان ئىدى. مەركۇر ئابدۇلرەھىم خاننىڭ بىرىنچى ئوغلى ئابدۇلخانغا خانلىق تېگىپ تەختى سەلتەنەتكە ئىگە بولدى. بۇ چاغدا تارىخ ھىجرى مىڭ قىرىق سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1638 – 1639- يىلى – ت) بولۇپ، ئۇ ئوتتۇز ئىككى يىل ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ پايتەختىدە ئولتۇردى. ئابدۇللاخان شىجائەت- باتۇرلۇقتا تەڭداشسىز، ھىممەت ۋە ساخاۋتتە كەڭ قوللۇق پادىشا ئىدى. لېكىن يەنە رەھىمسىز، زالىم، پەيلى يامان، جاھىل، ئاداۋەتچى، گۇمانخور ئادەم ئىدى. ئۇ بۇرۇنقى خانلاردىن قالغان ئىشەنچلىك، ياخشى نىيەتلىك، دۆلەتخۋار بەگزادە ۋە مىرزىلار ھەتتا ئۆزىگە باش ئەككەنلەردىمۇ گۇمانلىنىپ، ئۇلارنى يۇرتىدىن قوغلدى. بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى. ھەتتا ئۆز ئىنىسى ئىسمائىل سۇلتلان، ئىبراھىم سۇلتانلارنىمۇ قوغلىدى. بىر ئىنىسىنى ئۆلتۈۋەتتى. ھىچقانداق ئادەمگە ئىشەنمىدى. بەلكى ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ گۇمانلاندى. پەرزەنتلىرىمۇ دادىسىدىن خاتىرجەم بولالمىدى. قىسقىسى، يۇرتلارغا قىزغىزلارنى ھاكىم قىلدى. قوي سارى بىيىنى كاشىغەرگە ھاكىم قىلدى. ئولجاتار بىيىنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلدى. خوجايار بىيىنى كۇچارغا، ئالتە قۇرۇتقا بىيىنى ئۇچتۇرپانغا، چىرىكى (چىرىكچى) بىيىنى بۈگۈرگە، ئاللا يار بىيىنى بىننى ساتىم بىيىنى خوتەنگە ھاكىم قىلدى. مەنسەپنىڭ تولىسىنى قىرغىزلارغار بەردى. ئاخىرى قىرغىزلار ۋە يۇرتلاردىنمۇ گۇمان قىلدى. ناھەق قانلارنى تۆككەچ، ئۆزىدىن خاتىرجەم بولالماي، ئىلاجىسىز مەككە مۇەززەمگە بارىمەن دەپ ۋىدالىشىپ يولغا راۋان بولدى. يۇرتنى ئوغلى يولباس خانغا تاپشۇردى. بۇ ۋاقىتتا تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ سەكسەنىنچى يىلى (مىلادى 1669- 1670 – يىلى –ت) موغۇلىيە پايتەختى يولباس خانغا تەئەللۇق تاپتى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بۇمۇ بىر تەرەپ بولدى. ئاندىن كېيىن ئەمەكلىرى ئىسمائىل خان بىننى ئابدۇلرەھىم خان تەختتە بولتۇردى. پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە ئادالەت نۇرىنى چاچتى. ھەممە پۇقرا خاتىرجەم بولۇپ، يۈكسەك تۇرمۇشقا ئىگە بولدى.
بۇ خاننىڭ زامانىدا ۋىلايەت تەرىپىدىن مەخدۇمى ئەزەمنىڭ پەرزەنتى ۋە نەۋرىسى خوجا يۈۈپ خوجام ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ھىدايىتۇللا (مەشھۇر ئىسىملىرى خوجا ئافاق) قاتارلىق ئىككى ئادەم كاشغىرەگە كەلدى. [120] ئىسمائىل خان خوجا يۈسۈپ خوجامغا ئىناۋەت ۋە ئىرادە باغلىدى. بىر بانا بىلەن سەيىدلەر ئارىسىدا ۋە مۇرىتلەر ئىچىدە، يۇرتلار ئوتتۇرسىدا قارىمۇ- قارىشلىق ۋە جىدەل- ماجرالار پەيدا بولدى. چۈنكى، جانابى سەيىد مەخدۇمى ئەزەم، ئىسمى شېرىپلىرى خوجا مۇھەممەت خوجەكى (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!)دىن روكىن تەرىقەتتە تۆت ئوغۇل يادىكار قالغان ئىدى. بۇلار خوجا كالان، خوجا مۇھەممەت ئىمىن ۋە خوجا دوستى، خوجا ئىسھاقلاردىن ئىبارەت.
خوجا ئىسھاقنىڭ ئانىىس ئەسلى كاشىغەرنىڭ ئەتىۋارلىق ئولۇغلىرىدىن بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازىنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى ۋە مەخدۇمى ئەزەمنىڭ خوتۇنلىرى ئىچىدە ئەڭ كىچىگى بولۇپ، فازىل ۋە كامالىتى زىيادە ئايال ئىدى. بۇ يەتتە شەھەر زىمىنىغا ئالدى بىلەن ئىسھاقى ۋەليۇللا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىدى. بۇ چاغدا مۇھەممەت خان تەختىدە تۇرغان مەزگىل ئىدى. ئۇ خوجا ئىسھاققا مۇرىت- مۇخلىس بولۇپ، مەرتىۋە- كامالەت ھاسىل قىلدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ يۇرت- پۇقرالىرىمۇ خوجا ئىسھاققا مۇرىت- مۇخلىس بولۇپ كەلگەن ئىدى. خوجا ئىسھاقتىن كېيىن ئىسھاقنىڭ نەۋرىلىرى خوجا شۇئەييۇپ خوجا ۋە دانىيال خوجامغا مۇرىت- مۇخلىس بولغان زامانلاردا، خانلىق نۆۋىتى ئىسمائىل خانغا كەلگەن ئىدى.
بۇ كۈنلەردە ۋىلايەت تەرەپتىن مۇھەممەت ئىمىن خوجامنىڭ پەرزەنتلىرى خوجا يۈسۈپ خوجام، نەۋرسى خوجا ئافاق ئىككىسى كاشىغەرگە كەلدى. ئىسمائىل خان: ”خوجا شۇئەييۇپ بىلەن خوجا دانىيال ئىككى پىرزادەمىز بولسا تېخى ياش ۋە كىچىك، خوجا يۈسۈپ خوجامنىڭ يېشى چوڭ ئىكەن، ھەممىلىرى بىر دەرەخنىڭ شېخى ۋە مىۋىسى ئىكەنسىلەر“دەپ خوجا يۈسۈپ خوجامغا ئىناۋەت قىلدى. مەزكۇر ئىككى خوقا زادىلەر: ”ئەي خان ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىزغا مۇرىت- مۇخلىس بولۇپ كەلگەن ئىكەنلا. ئەمدى بىزنى تاشلاپ خوجا يۈسۈپ ئاغىمىزغا ئىناۋەت قىپلا“دەپ خاپا بولۇپ خانغا ئەرز قىلدى. خان دىدىكى: ”پىر زادىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى رەنجىمەسمىكىن دەپ خىيال قىلغان ئىكەنمەن، ھىلىمۇ ئۆزلىرى بىزگە باش، ھەممىمىزگە ئەرۋاھى ھەزرەتلىرىگە (ھەزرەتلىرىنىڭ روھلىرىغا – ت) يۈزلىنىپ، تەۋەججۇ قىلساق (ئىستىخارە قىلىپ باقساق – ت)، ئۇنىڭدىن قانداق ئىجازەت بولسا شۇنىڭغا قاراپ ئىش تۇتساق“ دەپ پۇرسەت ئىجازەت بەردى. كېچىسى ئىسمائىل خان چۈش كۆردى. چۈشىدە بىر چوڭ تۆگە ئىككى تايلاقنى قوغلاپتۇ. مەزكۇر ئىككى تايلاق ئۇشتۇتۇت ئارقىغا يېنىپ بۇغرا تۆگە بىلەن ئېلىشىپتۇ. ئاخىرى تۆگە ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. نەتىجىدە ئىسمائىل خان ئويغىنىپ كېتىپتۇ. خوجا يۈسۈپ بۇ جايدا تۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرمەي، ئوغلىنى ئېلىپ كاشىغەرگە راۋان بولدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ روھى قۇشلىرى ئالەم باقىغا ئۇچۇپ كەتتى، كاشىغىرەدە دەپنە قىلىندى. خوجا ئافاقمۇ بۇ جايدا تۇرالماي سەپەرنى ئىختىيار قىلىپ ئىلى شەھىرىگە كەتتى.
بۇ چاغدا ئىلى شەھىرىدە جوراس نەسلىدىن بولان قۇن تەيجى [121] دىگەن بىر مۇناپىق قالماق بارلىق قالماقلارغا، ھەتتا خاقانى چىنىنىڭ بەزى رايۇنلىرىدىن تۈركىستانغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ھۆكۈمىنى بىلەن قىلاتتى ۋە تۆرە دىگەن نام بىلەن خۇددى خان ۋە پادىشالارغا ئوخشاش مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر دائىم چىشلىرىنى بۈلەپ، ئىشتىھاسىنى توغرلاپ تۇرماقتا ئىدى. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە خوجا ئافاق قۇن تەيجىگە ئۆزىنى تاشلاپ: ” ماڭا چېرىك بەرسىڭىز، ئالتە شەھەرنى سىزگە تەۋە قىلىپ ئىلكىڭىزگە ئۆتكۈزسەم“دىگەن مەزمۇندا ئەرز قىلدى. قۇن تەيجى ناھايتى خوشال بولۇپ بىر مۇنچە چېرىك قوشتى. ئافاق خوجا قالماق قۇن تەيجى مۇشىرىك (خۇداغا شېرىكلىك قىلغۇچى – ت) نىڭ مۇددىئا ۋە ياردىمى ئارقىسىدا، يەتتە شەھەرنى قولغا كىگۈزۈپ، ئىسمائىل خاننى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن قوشۇپ ئىلىغا كۆچۈرۈپ چىقتى. بۇ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ يىگىرىمە ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1613 – يىلى ) ئىدى [122].
ئافاق خوجا بۇ شەھەرگە ئىگە بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. قالماقلاردىن غالدان سىرىن [123] دىگەن بىر كىشىگىمۇ چوڭ مەنسەپ بېرىپ، يەنە بىر قانچە قالماقنى يار ۋە ھەمدەم قىلىپ، يەتتە شەھەر ئىشلىرىدىن خەۋەر ئالىدىغان قىلدى. قالغان قالماقلار بولسا ئىلىغا يانىدىغان بولدى. بۇلار قۇرۇق يېنىشنى مۇناسىپ كۆرمەي، يۇرت- يۇرتلاردىن بۆز- خام يىغدۇرۇپ، قالماقلارغا ئەھۋالىنىڭ يېتىشىچە تەقدىم ۋە ئىنئام قىلدى. لېكىن بۇ چاغلاردا يەتتە شەھەردە پۇل يوق ئىدى. پۇلنىڭ ئورنىدا بۆز- خامنى ئىشلىتەتتى. قالماقلار ھەر يىلى بۇنداق بۆز- خامنى تەمە قىلاتتى. بەرمەي بولمايتى. بۇ سېلىق- تۆلەملەرنىڭ مىقدارى يىلدىن- يىلغا كۆپەيدى. ئۇ زاماندا مۇنداق يامان ۋە نالايىق مەجبۇرىيەتلەر مۇسۇلمانلارنىڭ زىممىسىگە چۈشەتتى.
ئەي ئەزىز يارەنلەر! ئۇ زاماننىڭ سەيىد پىشىۋالىرى ۋە باشلامچىلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىغى ئۈچۈن دىسنسىز- مۈشىرىكلارنىڭ خىزمىتىنى لازىم تۇتۇپ، ئىسلام پادىشالىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە كاپىرلارنى ئولتۇرغۇزغاندىن باشقا، يەنە زۇلۇم، قەبىھ ئىشلارنى پەيدا قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ پۇل ۋە مال- دۇنياسىنى كاپىرلارغا ئېلىپ بېرىپ، بەش كۈنلۈك دۇنياغا مەغرۇر بولۇپ ئۆتۈپتۇ. بۇ زاماننىڭ قاراچۇق ئاۋام بەگلىرى، توڭچى- تىلماچ ئەمەلدارلىرىنى يامەن دەپ شەك- شىكايەتكە قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن. خۇداۋەندەكېرىم ئۇلارنىڭ ئىنساپ ۋە دىيانەتلىرىنى پاكىز ۋە زىيادە قىلغاي، ئامىن!
سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇنداق يامان نالايىق ئىشلار تا ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلىغىچە (مىلادى 1864 – 1865- يىلغىچە – ت)، يەنى راشىدىن خوجام زامانىغىچە باقى ۋە جارى بولۇپ كەلدى. خوجا ئافاق بىر نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى خوجا ئەخمەت خوجام ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەپ ھۆكۈمران بولدى. بۇ زاماندا ئىسمائىل خاننىڭ ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن خان باش كۆتىرىپ، خوجا ئەخمەت خوجا بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ، قۇن تەيجىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ ھۆكۈمران بولدى. بۇ چاغدا قون تەيجى چېرىك ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى ئىككىنچى قېتىم قولغا كىرگۈزدى. خوجا ئەخمەت خوجامنى ئىلغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مۇھەمەت ئىمىن خانمۇ بۇ جايدا تۇرالماي ئۆزىنى ئالاي تەرەپكە ئالدى ۋە بۇ جايدىكى قىرغىزلار ئۇنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى.
بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتى خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللانىڭ نەۋرىسى خوجا دانىيال خوجامغا تاپشۇرۇلدى. بۇ قالماقلار بىلەن بىرلىشىپ يۇرت سورايدىغان بولدى. خوجا دانىيال خوجام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى خوجا ئابدۇللا خوجام تەختتە ئولتۇردى. بۇ خوجامنىڭ دەۋرىدە تولا ئوبدانلىق بولدى. بۇ چاغدا «سېيەر شىرىف [124]» خوجا ئابدۇللا خوجامنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ياقۇپ خوجام تەختتە ئولتۇرى. ۋە ”خوجا جاھان“دىگەن لەقەم بىلەن ئاتالدى. يەنە بىر ئىنىسى خوجا يۈسۈپ خوجام كاشىغەرگە ھاكىم بولدى. يەنە بىر ئىنىسى خوجا خامۇش خوجام ئاقسۇغا ھاكىم ئىدى. خوجا ئەبەيدۇللا خوجام خوتەندە ئىدى. قالماقلار ھەر قايسى خوجامنىڭ بىردىن ئوغۇللىرىنى ئىلىدا بارىمتاي قىلىپ ساقلار ئىدى. خوجاملار ھەر يىلدا بىر نۆۋەت ياكى ئىككى نۆۋەت تارتۇق- ھەدىسلەرنى ئېلىپ ئىلىغا چىقىپ، مەزكۇر تۆرەگە تازىم سالاملارنى قىلىپ كۆرۈنۈپ بېرىپ، جاۋاپ بولغاندا يېتىپ كېلىپ، ھەر قايسىسى ئۆز جاي- ماكانلىرىدا تۇراتتى.
خوجا يۈسۈپ خوجام ئۇچۇق كېڭەشلىك، تازا تەدبىرلىك كىشى ئىدى. تولا سوغا- سالاملار بىلەن ئىلىغا چىقىپ، قۇن تەيجىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ، ھىلە- تەدبىرلەر بىلەن خوجازادىلەرنى ئاجىرتىۋېلىپ، ناھايتى تېز سۈرئەت بىلەن يۇرتىغا راۋان بولدى. مۇزات داۋىنىغا يېتىپ كەلگەندە، تۆرە پۇشايمان قىلىپ، يارلىغىدىن يېنىپ، خوجالارنى ياندۇرۇپ كەلسەن دەپ كىشى ماڭدۇرغان ئىكەن. خوجالارمۇ بۇ كەلگەن ئادەملەرگە بوي سۇنماي، داۋاننى مەھكەم ئېتىپ، ئاقسۇغا كېلىپ، ئۆتكەن ۋەقەلەرنى شەھەر- شەھەرلەرگە خەۋەر قىلىپ، ”ھەر بىرىڭلار بىر شەھىرىڭلاردىكى قالماق نىجىسلارنى بۇ پاك زىمىندىن يىراق قىلىپ، گەدەنلىرىگە ئىسلام قىلىچىنىڭ تىغىنى ئايىماي ئۇرۇڭلار“دەپ خەت ئەۋەتتى. خەت يېتىپ بارغان ھامان ھەممە قارا خانلارنى تاۋابىئاتلىرى بىلەن يوق قىلىپتۇ. ئۇ زاماندا قالماقلارنى ”قارا خان“، مۇسۇلمانلارنى ”ئاق خان“دەپ ئاتايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەردىكى كاپىرلارنى يوق قىلىپ، ئەمىر ئىتائىتىدىن چىقىپ، ئىسلام شېرىپىنى يېڭىۋاشتىن ئاشكارە قىلدى. قۇن تەيجى ئۆزىنى راستىنلا ئىنتىقام ئالغىچە يوقلۇق خەلۋەتخانىسىدىن ماكان تۇتتى.
قۇن تەيجىنىڭ ئورنىغا ئوغلى داباجى تۆرە بولدى. ئۇنىڭ كىچىك خوتۇنىدىن بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇنىڭ جامائەت ۋە ئەل- ئۇلىسى كۆپ ئىدى. ئۇ كىچىك ئوغلىنى تۆرە قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، توستتىن جىدەل- ماجرا پەيدا بولدى. دۆلەت ئەركانلىرىمۇ ئىككى پىرقە بولۇپ، قالماقلار ئىچىدە جىدەل- ماجرا باشلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامۇرسانا ناملىق بىر شۆھرەتلىك بىر قالماق باھادۇر بار ئىدى. ئۇ ۋاقىنى غەنىمەت بىلىپ، خاقانى چىننىڭ مىتىگە بېرىپ خاقانغا :”موغۇلىستان يۇرتىنى ئۇلۇغ خانغا تەۋە قىلىپ بەرسەم ، ماڭا چېرىك ياردەم بېرىلسە“دەپ ئەرز قىلغاندا، خاقان خوشال بولۇپ چېرىك قوشتى. ئۇ ئىلى چېگىرسىغا يېتىپ كەلدى. داباجى بۇنىڭغا باراۋەرلىك قىلالماي، ئىمكانىيەتنڭ بېرىچە غەزنىلىرىنى ئېلىپ، بىر نەچچە تۇزىنى يىگەن ئىشەنچىلىك ئادىمىنى ھەمرا قىلىپ قېچىپ كەتتى. ئۇ نەگە بېرىشنى بىلمەي، ئاخىر بۇرۇن قۇن تەيجى تەرىپىدىن ئۈچتۇرپانغا ھاكىم قىلىپ بەلگىلەنگەن خوجەسى بېك دىگەن بىر مۆتىۋەر كىشىدىن ۋاپا ۋە ئۈمىت ئىزدەپ ئۈچتۇرپانغا كەلدى. خوجەسى بېك ئىستىقبالغا چىقىپ ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەردىن كېيىن ئۆز ئوردىسىغا چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئۈچ ئادىمىنى ھەر بىر جايغا تارقىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياخشى زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزدى.
خوجەسى بېكنىڭ ھىلە- تەدبىرى زىيادە كىشى ئىدى. تۆرەنى ئوردىسىغا باغلاپ ئالدى ۋە ئادەملىرىنى چۈشكەن جايلىرىدا باغلاپ، ئۇنىڭ غەزنە بايلىقلىرىغا ئىگە بولدى. بۇ چاغدا ئىلىغا خىتاي چېرىگى كەلگەنلىگى ئاڭلانغان ئىدى. ئۇ بۇ كاپىر نىجىسىنى كەلمەكچى كاپىر ناپاكقا سوغا قىلىپ ئېلىپ بارسام، مۇندىنمۇ ياخشى ئىش بولامدۇ دەپ قارار قىلىپ، داباچىنى ئۆزى بىللە ئېلىپ يولغا راۋان بولدى. ئۇ تىكەسكە يېتىپ بارغاندا خىتاي چېرىگىنىڭ ئۇلۇغى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ۋەقەنى بىر- بىرلەپ بايان قىلدى. خىتاي چېرىگىنىڭ ئۇلۇغى ”ئەي خوجەسى بېك، بۇ تۆرەلەر ئۇلۇغ خاننىڭ چوڭ دۈشمىنى ئىدى. ياخشى ۋاقتىدا ئېلىپ كېلىپسىز، ئەمدى ئۆزىڭىز ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىڭىزنى مەلۇق قىلىپ يانغايسىز“دەپ ئالاھىدە ئەرز يېزىپ بېرىپ ئادەم قوشۇپ بېيجىڭغا ماڭدۇردى. ئۇلۇغ خان خوجەسى بېكنىڭ بۇ خىزمىتى كۆڭلىگە ياققانلىغى ئۈچۈن، ئۇنى ۋاڭلىق مەنسىۋى بىلەن جۇلدۇر- جاساق قىلىپ يارلىق قىلدى.
نەزم:

تۇتتىلەر داباچىسىنى تارتىق قىلىپ قىلىبان خوجەسى،
ئانداق ئىش قىلغانغا مۇندىن كېيىن كېرەكدۇر جۇلدۇسى.

ئاندىن كېيىن خوجەسى بېكنىڭ ئوغلى قادىر بېگىم ۋاڭلىق مەنسىپىگە ئۆتتى. چىن خاقانى ئالدىدا جۇڭتاڭ ۋەزىرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇلمۆمىنبېك، يەنە مەشھۇر ئىسىملىرى كۇچى بېك ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يەتتى. بۇ خاننڭ ئوغلى بىلەن ئەپيۈنگە مۇپتىلا بولۇپ نالايى ئىشلارنى پەيدا قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلۇغ خان خاپا بولۇپ ۋاڭلىغىنى بىكار قىلىپ، ھەققىنى غەزنىگە سالدى. ۋە ”لى قايتا“(لى فايۇەن – ت) تاپشۇردى. شۇنداقلا قەدىمدىن بۇيانقى ”لى ۋايەن“(لى پەنيۇەن – ت) قائىدىسى ۋە رەسمىيەتلىرى بويىچە خوجەسى ۋاڭنىڭ ۋاڭلىغىنى تۆت ھەسسە قىلىپ، ئۈچ ھەسسە ۋاڭلىق ھەققىنىمۇ غەزىنىدە قويۇپ، بىر ھەسسىنى ئۆمەكزادىلىرى ئابدۇلرەھمان بېگىمگە يارلىق قىلغان ئىكەن.
ئابدۇلرەھمان بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئۇلانغاندىن كېيىن، ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. تولا ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلىپتۇ. بۇ كىشىنىڭ ئەقىدە- ئىخلاسلىرى پاكىز، ئىنئام ۋە ئېھسانلىرى زىيادە ئىدى. بىر قېتىم تەرىقەت ئەھلىنىڭ غەۋسىيە [125] فۇرۇھىدىكى بىر ئىشانغا بىر قېتىمدىلا بىر يۈز يۈەن يامبۇ ۋە نەزىر- ھەدىيە بەرگەن ئىكەن. باشقىلارنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ياركەنتكە ھاكىم بولغان چاغدا بىر كاتتا سوراق ئىشى بولۇپ، ھەممە خان، ئامبال ۋە مەنسەپدار خىتايلار، بېك، ئاخۇنلار يامۇلغا يىغىلىپ تۇرغان ئىكەن. بۇ كۈنلەردە ھاۋا ناھايتى سوغاق مەۋسۇمى بولۇپ، ئاپتاپ دەلۋە بۇرچىدا تۇرغان ۋە قىشنىڭ شىددەتلىك شىۋىرغانلىرى، بەھمەن (شەمسىيەت 11- ئاي – ت)ئېيىدىكى قاتتىق شاماللار قوزغالغان بىر مەزگىل ئىدى. مەزكۇر خان، ئامباللار سوراق ئورنىغا چىقالماي، ھايال بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئەسلىدە ھامان مەدىرىسدىن چىقماي ئىلىم ئۆگىنىش بىللە شۇغۇللىنىپ، شېئىرىيەتچىلىكتە زېھنى- ئىدرەكلىرىنى ئوينىتىپ، غەزەل- ناخشىلارنى پەيدا قىلىپ يۈرگەن مۇھەممەت نىياز ئاخۇنۇم دىگەن بىر كىشى بۇ سوراقنى تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۇنى- بۇ كىشىنى ۋاڭ بېگىم كۆرۈپ چاقىرتىپ : ”سىز مەدىرىستە ياتقان تالىپ بولسىڭىز، بۇنداق يەرگە نىمە ئۈچۈن چىقتىڭىز“دەپ سىياسەتكە ئالدى ۋە زاڭلىق قىلغان ئاھاڭ بىلەن يۇمشاققىنە قىلىپ، ” سىزنى ئوبدان شېئىر ئېيتىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، قېنى بۇ سوغاق توغرلىق بىر نەرسە دىسىڭىز“ دەپ مىھرىبان بولغاندا، ئۇ ھىچ ھايال قىلمايلا بۇ نەزمىنى ئوقۇدى:

مۇزلادى كەشمى قولىدا كاڭكىرە كاڭدا ختاي،
بېككە تىترەك چۈشتى ئاخۇن مۇزلادى، گاھ توڭلادى.

ئۇ بۇ ئۇسلۇپتا ئون نەچچە بېيتنى كەينى- كەينىدىن توختاتماي ئېيتقەن ئىكەن. بېك ناھايتى خوش بولۇپ، تەھسىن- ئاپرىن ئوقۇپ ”مېنىڭ ئېتىمنى مىندۈراۈپ قويۇڭلار“دەپ ئېتىنى ئىنئام قىلىپتۇ. ئاتنىڭ ئۈستىدىكى ئىگەر- جابدۇق، جۈگەن- نوختا ۋە يوپۇق- قۇشقۇن قاتارلىقلار ناھايتى تولۇق بولۇپ، ۋاڭلىق جەرەك- مەرتىۋىسىگە لايىق ئىدى. شائىر ئاتنى مىنىپ مەدرىسىگە كىرىپ ئات ۋە ئىگەر- جابدۇقلىرىنى قىممىتىگە سېتىپ، يەنە ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. دىمەك، ۋاڭ بېگىمنىڭ بۇ خىل ياخشى سۈپەتلىرى ۋە نامى- نىشانلىرى ھەققىدىكى مەدىھىيىلەر تولا ئىدى.
ئابدۇلرەھمان ۋاڭ بېگىمدىن كېيىن مۇھەممەت ئېزىز بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يېتىپ، خوتەننى سوراپ ئۆتۈپتۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان موللا مۇھەممەت نىياز ئاخۇنۇم (ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!«تارىخى رەشىدى»نى بۇ ۋاڭ بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ تۈركى تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نۇرغۇن لەقەم ۋە سۈپەتلەرنى بايان قىلىپتۇ. بۇ ۋاڭ بېگىمدىن ئىككى ئوغۇل يادىكدار قالدى. بۇلار مۇھەممەت ئىمىن بېگىم ۋە ئابدۇلۋاھاپ بېگىملەر ئىدى. مۇھەممەت ئابدۇلۋاھاپ ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئۆتتى. ئوغلى يوق بولغانلىقتىن ئابدۇلۋاھاپ خان بېگىمنىڭ ئوغلى ئابدۇلقادىر بېگىمگە ۋاڭلىق مەنسىۋى يەتتى. بۇنىڭ مەشھۇر ئىسىملىرى ۋاڭ غوجامدۇر.
ئەلقىسسە، ئامۇرسانا خاقانى چىننىڭ مۇددىئا ۋە ياردىمى ئاستىدا ئىلى تەۋەسىنى قولغا كىرگۈزدى. خاقان مەنسەپدارلىرى قالماقىستان يۇرتلىرىنىڭ ھەربى ۋە مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىغىنى تامامەن ئامۇرسانانىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. جۈملىدىن بۇ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش تەرەددۇتىغا كىرىشتى. ئىلىدا خوجا ئافاق ئەۋالادىدىن خوجا بۇرھانىدىن دىگەن بىر سەيىد كىشى بار ئىدى ۋە ئاق تاغلىقلارنىڭ ئۇلۇغ پىشىۋاسى ئىدى. ئاق تاغلىقلار تايىپىسى خوجا ئىسھاقنىڭ نەۋرىلىرى ۋە تەئەددىسىدىن ئازار يىگەنلىگىنى ئۇنۇتمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئامۇرسانا قاتارلىقلار ”سەيىد بۇرھانىدىننى باش قىلىپ، يەتتە شەھەرگە ئەۋەتسەك، بۇ جاي ئاسان قولغا چۈشەمدىكىن“دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ، ئۇنى نۇرغۇن قوشۇن بىلەن يولغا سالدى. بۇ ئاقسۇغا كېلىشى بىلەنلا ئاق تاغلىقلار ئىستىقبالغا چىقىپ، ئاقسۇنى ئۆتۈنۈپ بەردى. بۇلار بۇ جايدىن ئۆتۈپ ئۈچتۇرپاننى ئىگەللدى.

خوجا يۈسۈپ خوجام بۇ ئەھۋالنى ئويلاپ، كاشىغەردىكى ئوغلى خوجا سىدىق خوجامنى باش قىلىپ لەشكەر ماڭدۇردى. ئۈچتۇرپاندا تولا جەڭگە- جىدەل بلدى. ئاقىۋەت ئىسلام چېرىگى ئۆز ئىچىدىن پاراكەندە بولۇپ، كاشىغەرگە قاراپ ماڭدى. خوجا يۈسۈپ بىتاپ ئىدى. لەشكەر يېتىپ بارغىچە ئۇنىڭ روھى تۇتى قۇشلىرى بۇ تار قەپەزدىن ئالەمنى بالاغا (ئۈسۈنتىكى ئالەمگە – ت) پەرۋاز قىلدى. كاپىرلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن بېرىپ كاشىغەرنى ئالدى. ئاندىن كېيىن ياركەنت ئۈستىگە باردى. بۇ جايدا بىر قانچە قېتىم غەلبە ۋە مەغلۇبىيەتلەر يۈز بەردى. ئاخىرى خوجا جاھان خوجام ئۇرۇشتا ئۆزىنى چەتكە ئالدى. ئارقىسىن ئادەم ئەۋەتىپ تۇتۇپ كېلىپ، تەئەللۇق تاۋابئاتلىرى بىلەن قوشۇپ شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. بۇ تەتۈر ماڭدىغان پەلەك چەرخى خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللانىڭ ئەۋلادىغا قانداق ھادىسە- ۋەقەلەرنى كەلتۈرگەنلىگىنى بايان قىلىشقا ئىككى تىللىق قەلەم ۋە ئەقىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن خوتەننىمۇ ئۆزىگە تەۋە قىلدى.
ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1836- 1837- يىلى –ت)بۇ ئالتە شەھەر ھۆكۈمىتىنى بۇرھانىدىن خوجامغا تاپشۇردى. [126]. خىتاي ۋە قالماق چېرىكلىرى ئۆز ماكان مەنزىلىگە قايتىپ، ئاز قىسىمى قالىدىغان بولدى. ئىلىدىكى خىتاي چېرىكلىرىمۇ ئۆز يۇرتىغا يېنىپ، بىر قىسىمى توختايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن يۇرتتا تىنچىلىق ۋەزىيەت پەيدا بولدى. بۇ چاغدا ئامۇرسانانىڭ دىمىغىنى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان غورۇرى بۇزۇپ، ياخشىلىق قىلغانغا شۈكرى قىلماي، ئىلىدىكى بېيجىڭ ئەھلىنى تامامەن يوق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تۆرە بولۇپ ھۆكۈمنى جارى قىلدى. بۇ خەۋەرنى ئالتە شەھەردىكى بۇرھانىدىن خوجام ئاڭلاپ، ئىتائەت بەلۋېغىنى نىسيان (ئۆتۈنۈش –ت)تەكچىسىگە ئېلىپ قويۇپ، مۇستەقىل پادىشا بولۇپ، باغلانغان ئىتائەت يىپىنى لەقەپ قويدى. يارلىق ۋە پەرمانلارغىمۇ بۇ لەقەپنى يازدى.
فەغفۇرچىسىنى بۇ ئەھۋالارنى ئاڭلاپ، ئىككىنچى قېتىم چېرىن ماڭدۇرۇشقا يارلىق قىلدى. چېرىكلەر ئىلى تەۋەسىگە كېلىپ ئامۇرسانا بىلەن قاتتىق جەڭلەرنى قىلدى. ئامۇرسانا باراۋەرلىك قىلالماي، سىنبىرىيە دىگەن جايغا ئۆزىنى ئالدى ۋە مۇشۇ تەرەپتە ھالاكەتكە ئۇچۇردى.
خاقانى چىن بىلەن موڭغۇل- قالماقلار ئوتتۇرسىدا، قەدىمدىن بۇيانلار جەڭ- جىدەللەر ۋە ئاداۋەتلەر بولۇپ تۇراتتى. خاقانى چىن ئىلى ئەھلىنى قىرغىنچىلىققا سالدى. بىر مۇنچە ئادەم جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن قىپچاق، قىرغىزلار ئىچىگە كەتتى. ئىلىنى سەرەنجام قىلغاندىن كېيىن، ئىككى مىڭ چېرىكنى كۇچارغا ماڭدۇردى. بۇ چاغدا خان خوجام پادىشا كاشىغەر، ياركەنت، خوتەندىن ئون مىڭ لەشكەر راسلاپ، ئاقسۇ ئارقىلىق كۇچارغا كېلىپ، بېيجىڭ ئەھلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ يولىنى توساپ تۇرغان ئىدى. ئۇشتۇمتۇتلا ئىلىدىن ئىككى مىڭ لەشكەر كېلىپ قالدى. ئارىدا قاتتىق جەڭ- مۇھارىبىلەر بولدى. بېيجىڭ ئەھلى ئاز بولغانلىغى ئۈچۈن باراۋەرلىك قىلالماي تۇرغان پەيتتە، ئون مىڭ خاقانى چېرىگى تۇرپان يولى ئارقىلىق كۇچارغا يېتىپ كەلدى. تولا مۇھارىيە- جەڭلەر بولۇپ، بۇلار ئاخىرى غالىپ كەلدى. ئىسلام چېرىگى زىيانغا ئۇچراپ، بۇرھانىدىن خان خوجام پادىشا باراۋەرلىك قىلالماي، مۇقۇر يولى ۋە جاڭگال ئىچى بىلەن ياركەنتكە قاراپ قاچتى. بېيجىڭ ئەھلى كۇچارنى ئىگەللەپ، كۆپ ئادەمنى ھالاك قىلدى. ئاندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنى قولغا كىرگۈزۈپ، ناھايتى تېز سۈرئەت بىلەن ياركەنتكە باردى. خان خوجام پادىشا تولا ئۇرۇش- جەڭلەرنى قىلىپ، يەنە باراۋەرلىك قىلالماي، خوتەن تەرەپكە قاچتى. كاپىرلار خوتەنگە باردى. خان خوجام پادىشا بۇ يەردىمۇ باراۋەرلىك قىلالماي بەدەخشان تەرەپكە يۈزلەندى. خىتاي لەشكىرىنىڭ ئۇلۇغى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ بەدەخشان ئۇلۇغىغا خەت يازدى. بىر نەچچە نەسلى يامان ئەسكى ئادەم خان خوجام پادىشانىڭ بېشىنى كېسىپ ئېلىپ كېلىپ مەنسەپدارلارغا تاپشۇردى. بۇ مەنسەپدارلار ئۇنى تۆمۈر قەپەزگە سۇلاپ، بېيجىڭدىكى خاننىڭ ئالدىغا باردى ۋە شەھەر- شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ، كىشلەرگە سەيىر- تاماشا قىلدۇرۇپ نامىنى چىقاردى.
بۇ يەتتە شەھەرنى سەرەنجان قىلغاندىن كېيىن، يەتتە شەھەردە قىرىق مىڭ چېرىك تۇرغۇزۇشقا ھۆكۈم قىلدى. لېكىن ئىلىنى ئىگەللىگەن چاغدا بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئادەمنى ھالاكەتكە گىرىپتار قىلغان ئىدى. نۇرغۇن ئادەم تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ، ئىلى ئەتىراپىدا ئادەم گۇرۇھى ئاز قالغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ئىلىدا ئورۇنلاشتى. بۇ تايىپىلەر ھەر قايسى شەھەر ۋە كەنتلەردىن ئېلىپ بېرىلغانلىغى ئۈچۈن،”تارانچى“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى ۋە بۇ ئادەملەرمۇ كۇپايە قىلماي، بېيجىڭ تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ بۇ جايلارغا ئورۇنلاشتۇردى.
يەنە شۇنى كۆرستىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ قېتىمقى پاراكەندىچىلىكتىن كېيىن، ئىلى خەلقى خاقانى چىننىڭ ئەمىر ئىتائىتىدىن چىققان چاغدا، ئىلى زىمىنىنى ئۇرۇسىيە بېسۋالغان ئىدى. بېيجىڭ ئەھلى يېتىپ كەلگەندە، ئىلى ئادەملىرى قورقۇپ، ئۆزىنى ئۇرۇسىيە ھىمايىتىگە تاشلاپ، تامامەن ئورۇس ئىچىگە كۆچۈرۈپ كەتتى. ئىلى زىمىنى خالى قالدى. شۇڭلاشقا، ئالتە شەھەر ئادەملىرى، بولۇپمۇ كاشىغەر ئەھلى ئۆز ئىختىيارى بىلەن كۆچۈپ بېرىپ، تېرىقچىلىق قىلىپ، بۇ جاينى يەنە ئاۋات قىلدى.
ئەي زامانە ئەھلى! بۇ زامانە ئەھلىنىپ پېئىل- ئەتىۋارلىرىغا سىناق كۆزۈڭلار بىلەن قاراپ كۆرۈڭلەركى، گەرچە ھەممە مۇسۇلمان بىر دىن ۋە بىر مەزھەپتە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىككى پىرقە، ھەتتا بىر قانچە تايىپىلەرگە بۆلۈنۈپ، بىر- بىرىگە ھەسەت- ئاداۋەت قىلىشىپ، بىر تايىپە بىر سەيىدكە ئىناۋەت- ئىتائەت قىلىشپ، يەنە بىر سەيىدكە ئىنكار ۋە ئاداۋەت كۆرسىتىپ، ”قارا تاغلىق“دەپ ئات قويۇپ، ئۆزلىرىنى ھالاكەت زالالەتكە سېلىپ، ئىتتىپاقسىزلىق قىلىپ، بۇ يۇرتلارنى ۋە يۇرت ئادەملىرىنى قالماققا ياكى خىتايغا تەۋە قىلىپ بېرىپتۇ. ھەتتا بۇنداق ئەقىدە ۋە نالايىق ئىشلارنى ئۆزىگە لايىق ۋە مۇناسىپ كۆرۈپ، بۇ ئىشلارنىڭ يامان ۋە شۇملىغىنى ئايرىپ ئالالماپتۇ، بەلكى بۇ جاھىل ، ۋاپاسىز ۋە مەككار سوپىلار ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرىدىن ھايا ياكى نومۇسمۇ قىلماپتۇ. لېكىن بەزى مەخدۇمزادىلەرنىڭ ئەسلى تەبئىتىدە بىر- بىرىگە بولغان دۈشمەنلىك ياكى ئاداۋەت يوق ئىدى. بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ خام ۋە ئەقلى كەم مۇرىت- مۇخلىسلىرىنىڭ شۇملىغىدىن پەيدا بولغان بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا بۇ ساغلام نەسەپىلىك زاتلارنىڭ ھەممىسىنىلا ئوخشاش كۆرۈپ، ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك قىلماسلىق لازىم. مۇناپىقلىق قىلمىغانلارنىمۇ مۇناپىقلىق قىلدى دەپ ئېغىز ئېچىش، ئەلۋەتتە توغرا بولمايلا قالماستىن، بەلكى كىشىنى ئاللانىڭ ئازاۋىغا گىرىپتار قىلىدۇ. «ھەدىس شېرىپ» دىمۇ ”ئېتىقادىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىدىن خۇدادىن پانا تىلەيمىز.“دىگەن سۆز بار.
ئافاق خوجام ئەۋالادىدىن بۇرھانىدن خوجام شاھادەتلىككە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پەرزەنتى خوجا سالىخ خوجام يەنى بەزىلەرنىڭ مەلۇماتى بويىچە، ئۇ يەنە سامساق خوجام دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ كىشى فەرغانە ۋىلايىتىگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. بۇ دادىسىنىڭ قىساس- ئىنتىقامىنى تاما قىلىپ، نەچچە قېتىم كاشىغەرگە كەلدى، لېكىن مۇرادىغا يېتەلمەي ياندى. بۇنىڭ پەرزەنتى خوجا جاھانگىر خان تۆرەم بىر نىمە قىلىپ مۇرادىغا يەتتى. بۇنىڭ زىكىرى كېيىن كەلگۈسىدۇر. بۇ چاغدا ئەگەر ئەنجان تەرەپتىن خوجاملار كەلسە ، ئاق تاغلىقلارنىڭ جاھان ئاپتىۋى چىققاندەك بولۇپ، خوشال- خورام بولۇپ كېتەتتى. قارا تاغلىقلار بولسا بېيجىڭدىكى خوجاملارغا نەزىر- ھەدىيە ئەۋەتىپ مەدەت تىلەيتى. بۇ خوجاملاردىن كۆك چاي تەۋەرۈك قىلىپ سوغا- خالتا كېلەتتى. بۇلارنى بۇنى تەۋۋەرۈك چاي دەپ ناھايتى ئەزىز- ئېتىۋار بىلەن قارايتى. بۇ ۋەقەلەرنى كېيىن يەنە ئۈچتۇرپان زىكىرىدە بايان قىلىمىز ئىنشا ئاللا (ئاللا بولسا سەۋر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!) دىمەك، ئاق تاغلىق ئەھلى بىلەن قارا تاغلىق ئەھلى تا بۇ زاماندىمۇ بىر- بىرىگە قارىشى ئىدى. بۇ تايىپىلەر كاشىغەردە ناھايتى كۆپ، ھەر ئىككى تايىپىنىڭ ئېتىقادى خاتا ۋە بىھۆدىدۇر.

نەزم:

شۈكۈۈللا فارىخ ئولدۇم مەن قارا، ئاق تاغىدىن،
نە ئۈچۈنكىن مىۋە يەپدۇرمەن شەرىئەت باغىدىن.

ئەلقىسسە، خانلارنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچكەن، قالماقلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا خوجاملارنىڭ دۆلەت چىرىغى يانغان زاماندىن باشلاپ، بۇ خوجاملار بەزىدە تەرىقەتنىڭ زىكىرى ۋە پىكىر يولى بىلەن ئىبادەت قىلىپ، ئاللادىن مەدەت تىلەشكە شۇغۇللانسا، بەزىدە ئەيشى- ئىشرەت، نەغمە- ناۋا ۋە چاي بىلەن بەزمە قىلىپ،نەپىسپەرۋەرلىپ، شۇغۇللىنىپ كەتكەنلىرى ئۈچۈن، غەيۋەت- شىكايەتچى سۇخەنچىلەر ۋە ئىچىدىن يامان شەيتان سۈپەتلىك ئادەملەر ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئۆزىنى ناھايتى ئىخلاسلىق كۆرسىتىپ، تاشقىرغا چىقىش بىلەنلا ھەر بىرى خۇددى ئاچ بۆرە شەكلىگە كىرىپ، بۆرە قويغا چاپقاندەك، پۇقرالارنىڭ مال- مۈلكىگە ، ھەتتا ئۇلارنىڭ جان- ئىمانىغا قاتتىق زۇلۇم سېلىشقا باشلىدى. بۇ تايىپىلەر”ئۇششاق“دەپ ئاتالدى. ئاتا- بابالىرىدىن تارتىپ جەينامازدىن قوپماي سەجىدە- ئىبادەت بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزۈپ كەلگەن خوجاملارمۇ يۇرتدارلىق ئىشىدىن ۋە سىياسەت رەۋىشىدىن خەۋەرسىز ئىدى. شۇڭلاشقا، پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى خاراپ ۋە ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى. ھەتتا ئۇلار ئۆي- ماكانلىرىدا ئارام ئالالماي ۋە تۇرالماي جاڭگال- جەزىرلەرگە قېچىپ كېتىپ كۈن ئۆتكۈزدىغان دەرىجىگە يەتتى. كېچىلىرى مەخپى ئۆيلىرىگە كېلىپ، تاپقانلىرىنى غىزا- تاماق قىلىپ يەپ، قازان-تاۋاقلىرىنى ساقلىيالماي، بۇلاق ۋە چوڭقۇر يەرلەرگە تاشلاپ، ئەسلا كىشىگە كۆرۈنمەي جېنىنى ساقلايدىغان بولدى. يۇردارلىق ئىشلىرىدىن تاقەتلىرى تاق بولۇپ، چىداشقىمۇ ھىچ دەرمان قالمىدى.
دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بىر نەچچە يىراقنى كۆرگۈچى ھەم ئىلگىرى دەۋر سۈرۈپ دۆلەت- مەنسەپ تۇتۇپ، كېيىنچە خار ۋە بى ئېتىۋار بولۇپ، پۇقرالىق كوچىسىغا كىرىپ قالغان ۋە ئاددىي خەلق قاتارىدىن تۆۋەن ھەم قەدىرسىز ئورۇن ئالغان بەزى قەدىمقى بەگلەرنىڭ ئەۋلادى ئۆز- ئارا مەسلىھەت قىلىشىپ،”قەدىمدىن بۇيان يۇرت سوراپ كەلگەن خانلار بۇلۇڭ- پۇشقاقلارغا ئولتۇردىغان بولدى. بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردا ئولتۇرۇپ كەلگەنلەر بولسا خان بولدى. پۇقرالار ھەيران ۋە سەرسان بولدى. ئەڭ ياخشى مەسلىھەت شۇكى، بىر نەچچە كىشى خاقاننىڭ خىزمىتىگە بارساق، ئەرزمىزنى ئېيتىپ چېرىك تەلەپ قىلساق، ئەگەر چېرىك بەرسە، بىز شۇ ئىقلىمغا تەۋە بولۇپ، يىراق- يېقىن دۈشمەنلەردىن قۇتۇلساق. تاكى بىر ئىقلىمغا تەۋە بولماي تۇرۇپ يۇرتىمىز ئاۋات، بالا- پەرزەنتلىرىمىز تىنچ- ئامان بولالمايدىكەن“ دەپ قارار توختىتىپ، ئالتە ياكى يەتتە جان كىشى كىپىشلىنى تەتۈر كىيىپ يولغا راۋان بولدى. بىر نەچچە ۋاقىتتىن كېيىن قاۋاۋۇللارغا ئۇچراشتى. قاۋاۋۇلچىلار ئۇلارنى بىر قارادىن يەنە بىر قاراغا ئېلىپ بېرىپ، فەغفۇرچىن خاقان بىلەن كۆرۈشتى. خاقان ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ماقۇل كۆرۈپ، نۇرغۇن چېرىك قوشۇپ بەردى. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر جەڭ- جىدەلسىزلا خاقانى چىننىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە كىردى. خاقانى چىن بۇ ئالتە جان كىشىنىڭ ھەر بىرىگە ۋاڭ، گۇڭ، بەيلى قاتارلىق چوڭ مەنسەپلەرنى جۇلدۇر- جاساق قىلىپ، ھەر بىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر نەچچە ئۆيلۈك ئادەم تەينلەپ، ھەر يىلى غەزنىدىن كۈمۈش، ۋەزىپە- مائاش بېرىدىغان بولۇپ، ھەر بىىرنى ھەر قايسى شەھەرگە ھاكىم قىلىپ توختاتتى. ئىلگىرى خاقان بۇ زىمىنغا مۇقىم ھۆمرانلىق قىلغان چاغدا، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھاكىملىغى مەزكۇر بەگلەرنىڭ ئەجاتلىرىدىن باشقا ئادەملەرگە ناھايتى كەمدىن- كەمدىن نسىپ بولاتتى.
بۇ دۆلەتكە ئۇلانغان ئالتە جان كىشىنىڭ بىرى مىرزا ھدى بەيسى بېك ئىكەن. بۇنىڭ ۋەقە- خەۋەرلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. يەنە بىرى چېرىكچى بېك بولۇپ، بۇ كىشىگىمۇ بەيسىلىك نېسىپ بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ سېتىۋالدى بېك ۋە ئاق بېك دەپ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. سېتىۋالدى بېككە بەيسىلىك مەنسىۋى يېتىپ، ياركەنتنى سوراپ ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت ئابدۇللا بېك بەيسىلىككە يېتىپ، ئاقسۇ ۋە ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. بۇنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت مۇسا بەيسى بېك ئاقسۇ زىمىنىدىكى ئاقيار دىگەن جايدا تۇرىدۇ ۋە ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ مەنىسۋىنى تېپىپ ئالالماي يۈرۈپتۇ. ئاق بېك ئىلىغا ھاكىم بولۇپ، ئاقسۇ، ياركەنت قاتارلىق جايلارغىمۇ ھاكىم بولۇپ سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت يۈسۈپ بېگىم ئالدى بىلەن ئىلىغا، ئاندىن ياركەنتكە ۋە ئاخىرىدا سايرامغا ھاكىم بولۇپ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ. ئوغلى مۇھەممەت ئابدۇللا بېك ئىشىك ئاغالىق مەنسىۋى بىلەن ئۆتتى. بۇنىڭ ئەۋلادى كۆپ. دۆلەت- مەنسەپكە ئېرىشكەنلەرنىڭ يەنە بىرى بايلىق گاداي مۇھەممەت گۇڭ ئىكەن. بۇ ئالدىدا كاشىغەرنى، ئاندىن ئۈچۇرپاننى سوراپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئوغلى ئىبراھىم بېك ھەم ئىنىسى مۇھەممەت مۇسا بېككە ئۆتۈپتۇ. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت تالىپ بېك گۇڭلۇق مەنسىۋىگە يېىتپ شەھيار (شايار – ت)نى سوراپ ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى ئەھمەت بېك گۇڭ بولدى، ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت سىدىق بېگىم گۇڭلۇق مەنسىۋىدە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەرگە سازاۋەر بولدى. قالغانلىرىنىڭ ئەۋلادى ۋە نام- نەسەپلىرى روشەن مەلۇم بولمىغانلىقتىن، بۇ جايدا بايان قىلىنمىدى.
خاقان بۇ ئالتە جان بەگنىڭ سۈرىتىنى قىلدۇرۇپ، ئۇششاق تالدا بىر كاتتا بۇتخان بىنا قىلدۇرۇپ، ئۇلارنڭ سۈرەتلىرىنى قويدۇرۇپ، ” بۇ بەگلەرنى يەتتە شەھەرنىڭ ئىگىسى تەربىيىگەردارى ۋە ساقلىغۇچىسى قىلىپ مەنسەپ بەردىم. مۇندىن كېيىن يەتتە شەھەرگە ئۆتكەن مەنسەپدارلار بۇ بەگلەرنى يوقلاپ ئۆتسۇن“ دەپ يارلىق قىلغان ئىكەن – ئاغىزىغا تاش ساپال تۇپراق تولسۇن! تا ئىسلام بولغىچە بۇ زاتلار بېيجىڭ تەرەپتىن ھەر قانداق مەنسەپدار ياكى سودىگەرلەر مەيمەيچىلەر قەغەزلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋە نەچچە قېتىم باش ئۇرۇپ ئۆتىدىكەن. بۇ بۇتخانىنى ”ئۇلۇغ ئۆي“دەپ ئاتايدىكەن. بۇ بۇتخانىنى بەگلەرنىڭ ئەۋالدىمۇ” بىزلەر ئۇلۇغ ئۆي ئادەملىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولىمىز “ دەپ پەخىرلىنىپ ماختىنىدىكەن.
ئىسلام ئېچىلغاندىن كېيىن بۇ بۇتخانىلار بۇزۇلدى. بەگلەر يەنە پۇقرالىق كوچىسىغا كىرىپ قالدى. ئون تۆت يىلدىن كېيىن يەنە خاقانى ئەھلى ئاتا يۇرتلىرىغا يەنە مالىك ۋە ساھىپ بولدى. فەغفۇرچىندىن ”مېنڭ ئاتا- بوۋىلىرىمغا خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئادەملەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ سۆزى ياكى ئەۋلاتلىرى بارمۇ، بۇنى سوراپ تەكشۈرۈپ بىلىندۈرۈلسۇن“دەپ يارلىق كەلدى. بۇ بەگلەرنىڭ ئەۋلادىمۇ بۇرۇنقى خانلار بەرگەن يارلىق، ھۆججەت ۋە ئاساس خەتلەرنى ساقلىغان ئىكەن. بۇلار بۇ ھۆججەتلەرنى مەلۇم قىلىپ، تابائى- ئەجداتلىرىىدىن مىراس قالغان مەنسەپلەرنى تاپتى. گەرچە ئۇلار يەنە نەچچە ئۇشتى ۋە نەچچە يۈز يىللارغىچە ئۇلۇغ خانغا بىرەر خىزمەت قىلغانلىغى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن خانلار تەرىپىدىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن مائاشلىرىنى ھەر يىلى ئېلىپ تۇرىدىكەن. ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم خاننىڭ خىزمىتىگە بېرپ، تازىم- ئېھتىراملارنى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ پەرزەنت- نەۋرىلىرىمۇ ئەسىرىدىن بويان تىنچ- ئامان ۋە خاتىرجەملىك بىلەن بەلگىلەنگەن مائاشلىرىنى ئېلىپ ”تارخان“لىق دۆلەت- ئىززىتى بىلەن ياتىدىكەن. فەغفۇرچىننىڭ ئۇلۇغ ۋە كاتتىلىغىنى شۇنىڭدىن قىياس قىلش لازىم ئىكەن. بىر قېتىم قىلىنغان خىزمەت بىلانلا بۇنداق مەنسەپ ۋە مەنپەئەتكە يەتكىلى بولار ئىدى.
ئەي مالىكۇل مۈلۈك! پادىشالىق ھەققىلىغى ساڭا خاسدۇر. ھەقىقى پادىشا پەقەت سەندۇرسەن. بۇ بەندىلىرىڭنىڭ ئەللىك- ئاتمىش يىل ئىچىدە قىلغان بەندىچىلىك خىزمىتىنى ئۇلۇغ دەرگاھىڭدا بىر قېتىم بولسىمۇ قۇبۇل ئەيلەپ، پۇقرالىق جەننىتىڭدىن ئورۇن بېرىپ، جامالىڭنى كۆرۈش دۆلىتى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا باشتىن- ئاخىر ئەپۇ- قەلىمىڭنى سۈرسەڭ، بۇ سېنىڭ قۇدرەتلىك ۋە يېتىشكەن كۈچۈڭ ئالدىدا ھىچقانچە ئەجەپ ئەمەس. سەن بەندىلىرىڭگە مېھربانلىق ۋە شەپقەتلىك كەلتۈرەلەيسەن، ئۇلۇغلۇق قىلالايسەن. ئەي رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ رەھىملىكرەگى ۋە ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغراغى، يا ئەررەھىمە ئەر راھمان، ئامىن!

خوجا جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە ئىستىلا تاپقان ۋەقەلىرى، مۇھەممەت ئەلى خاننىڭ كاشىغەرگە كېلىشى، كاشىغەرنىڭ پەتھى بولۇشى، نۇرغۇن قارا چېرىكلەر كېلىپ ئىككىنچى قېتىم يەتتە شەھەرنى ئىگەللىشى، جاھانگىر خان تۆرەمنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ئېلىپ ماڭغىنى ۋە كۆپ مۇسۇلمانلارنى ئولجا- ئەسىر قىلىپ، خىتاي مەمىلكىتىگە ئېلىپ كەتكىنى، مۇھەممەت ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەي!) ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىر چۈشكەن مۇسۇلمانلارنى فەغفۇرچىندىن
تىلەپ ئېلىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ سۆز – بايانى

رىۋايەت ئاسار (رىۋايەتلەردىن ئەسەر يازغۇچىلار – ت)ۋە ناقىلان ئەخبار (نەقىل قىلىپ خەۋەر بەرگۈچىلەر – ت) لەرنىڭ كەينى- كەينىدىن بەرگەن رىۋايەت ۋە خەۋەرلىرىدىن مۇنداق مەلۇم ۋە مەزمۇن بولدىكى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئوتۇز توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1823 – 1834- يىلى) مۇھەممەت ئالى خان بىننى ئۆمەر خان بىننى شىر ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ گۇنالىرىنى كەچۈرۈپ رەھىم قىلغاي!) قوقەنت ۋىلايىتى ۋە فەرغانە ئاھالىلىرىغا ھۆكۈمران بولۇپ ئولتۇردى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1828- 1829- يىلى) خوجا جاھانگىر خان تۆرەم قوقەنتتە كاشىغەر ئەقىدەتمەنلىرىدىن بىر مۇنچە ئادەم توپلاپ، فەرغانە ۋىلايىتىدىن قېچىپ چىقىپ، موغۇلىستان شەھەرلىرىدىن كاشىغەرگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى جايلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلىپ، خىتاي شەھىرىنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىپ تۇرغان كۈنلەردە، مۇھەممەت ئەلى خاننىڭ غەيرەت تومۇرى جۇشقا قېلىپ لەشكەر جەمئىي قىلىپ، دۆلەت ئەركانلىرىغا : ”ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداۋەندەكېرىم بۇ پادىشالىقنى بىزگە ئاتا قىلىپتۇ. ئەگەر بىز سۇسلۇق- بۇشاڭلىق ۋە غەپلەتنى ئۆزىمىزگە لازىم ۋە راۋا كۆرسەك، ھۆكۈمەتدارلىق ۋە پادىشالىق ئۆز دائىرە جامائەت ئاساسىدىن يىراقلايدۇ. بىر ئەسكى خوجا بىر نەچچە لۈكچەك ۋە باشباشتاقلارنى توپلاپ، كاشىغەر شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، ۋىلايەتلەرگە ئىگە بولۇش دەۋاسىنى قىلىپ، خانلىق ناغىرسىنى چېلىپ، مەمىلكەت قۇرۇشنى ئۆزىگە نىسبەت قىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرگە يول قويغىلى بولمايدۇ – ئەلۋەتتە. ئەگەر بۇلار شەھەرنى پەتھى قىلىدىغان بولسا، خىتايلارنىڭ نەچچە يىل مابەينىدە توپلىغان غەزنبە- بايلىقلىرى بۇ باشباشتاقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ زايا بولىدۇ. خاقانى چىن بولسا كاتتا ۋە زور پادىشالىقتۇر. ئەگەر بۇ چاغدا بېيجىڭ تەرىپىدىن كۇفارلار يەنە كېلىپ ئىستىلا قىلسا، ئۇلار يەنە غەزنە سەرپ قىلماي باشقا ئىلاج يوق. ئەگەر كاپىرلار غەلبە قىلىپ، بۇ پاراكەندە لەشكەرلەرنى يەنە پاراكەندە قىلىدىغان بولسا، ئىسلام ۋىلايەتلىرىنىڭ غەزنىىسى يوق بولۇش ئېھتىمالى بار. يەنە بىرى شۇكى، جاھانگىر تۆرە يۇرتنى باشقۇرۇشقا ئاجىزىق قىلىپ، خىتاي چېرىگى بۇ جايلارغا يەنە ئىگە بولسا، جاھانگىر خوجا نائىلاج بۇ يەرگە قېچىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، خىتايلارنىڭ گەپ- سۆزلىرى بىزگە تاقىلىپ مۇئامىلە يامانلانلايدۇ. ئەمدى ئوبدان مەسلىھەت شۇكى، بىز كاشىغەرگە بارساق، كاشىغەر قولىمىزغا چۈشسە تېخى ياخشى. ئەگەر بۇنداق بولمىسا غازات ساۋابى يەنىلا بىزگە مەنسۇپ“ دەپ مەسلىھەت بەردى ۋە ئۈچ مىڭ لەشكەر بىلەن كاشىغەرگە كەلدى. جاھاگىر خان تۆرەم بىر مۇنچە ئادەم بىلەن ئالدىغا چىقىپ، بىر- بىرى بىلەن ئات ئۈستىدە كۆرۈشۈپ، پادىشالارغا خاس ھۆرمەت- تازىملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مۇھەممەت ئەلى خاننى بىر كاتتا ھويلىغا چۈشۈردى.
ئۇ چاغدا كاشىغەردىكى خىتاي مۇسۇلمانلار شەھىرىنىڭ ئىچىدە ئىدى. شۇ كۈننىڭ ئەتىسى جاھانگىر خان تۆرەم ئالى مۇقامىلىق خانغا ھۆرمەت ۋە ئەدەپ- كەمتەرلىك بىلەن، مۇھاسىردىكى جەڭنى ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك خانغا ئۆتۈنۈپ، ئۆز ئادەملىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى. خاننىڭ يارلىغى بىلەن قوقەنت لەشكەرلىرى ئاشكارا ۋە شىددەتلىك مۇھاسىرىگە ئۆتتى. خىتاي شەھىرىنىڭ تۈۋىگە دورا قويۇپ ۋە لەخمە كولاپ ئوت قويدى، شەھەرنىڭ بىر تەرىپىنى ھاۋاغا كۆتۈرۈپ، ئالەم يۈزىگە چاڭ- توزاڭلارنى چېچىپ، كۈننىڭ كۈندۈزى گويا قاراڭغۇ كېچىگە ئايلىنىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئەسكەر نۇسرەت ئىچىدە خۇددى پەرۋانىدەك ئۆزىنى سېپىلغا ئۇردى. كاپىرلار، بەلكى مۇسۇلمانلار بۇ تامنىڭ بۇزۇلغان تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلارمىكىن دەپ، تۆشۈك يولىنى توساپ، جەڭ- مۇھاسىرىگە كىرىشتى. شەھەرنىڭ ئىچىدىن توپ- زەمبىرەك، جەزايىل قاتارلىقلارغا ئوت تۇتاشتۇردى. مۇسۇلمانلارمۇ تاشقىرىدا تۇرۇپ توپ- زەمبىرەكلەرگە ئوت بەردى. كاپىرلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئۆز- ئارا ئارلىشىپ گىرەلىشىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشتى. مۇسۇلمانلار شوتا راسلاپ، شەھەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن خۇددى داۋازلاردەك، سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇرۇش قىلدى. لېكىن كاپىرلار كۈچ كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۈچ قېتىم سېپىل ئۈستىدىن ھەيدەپ چۈشۈردى.تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە شېھىتلەرنىڭ كۆپلىگى، يارىدارلارنىڭ تولىلىغىدىن سېپىلغا بارىدىغان يول ئېتىلىپ قالدى. خان قازى مۇھەممەت ئەلى خان بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغىرىپ، يىغلاپ- يىغلاپ، ئۆلۈكلەرنى ئالدۇرتۇپ، ھەزرەت ئافاق مازىرىغا دەپنە قىلدۇردى. زەخمىدارلارنى داۋالاشقا يارلىق قىلدى – دە، نائىلاج مۇھاسىرىدىن قولىنى ئۈزۈپ، بىر ھەپتە دەم ئالغاندىن كېيىن، جاھانگىر خان تۆرەمگە دۇئا- پەتە بېرىپ، قوقەنتتىكى دار سەلتەنەتكە قايتتى.
بىر ئايدىن كېيىن، قىيى ئىشلارنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى ئاللانىڭ يارىدىمى بىلەن خىتاي شەھىرى پەتھى بولدى. جاھانگىر خان تۆرەم پەتھىنامە يېزىپ، ئۇرۇش ھەققىدىكى خوش- خەۋەرنى ئالى دەرىجىلىك مۇھەممەت ئەلى خانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىشنچىلىك ئادەملىرىنى نۇرغۇن سوغا- سالاملار بىلەن قوقەنتكە ئەۋەتتى. كەينىدىنلا كاشىغەر، يېڭى ھىساي، مارابېشى، ياركەنت قاتارلىق جايلارنى قولىغا كىرگۈزدى. خوتەننى مۇھاسىرىگە ئالدى. لېكىن، بۇ مۇھاسىرە تۈگىمەيلا، بەزى ئەسكەرلىرى ئاقسۇغا ئىككى تاش مىقدارى يېقىن كېلىپ، بەزىلىرى دەريادىن ئۆتۈپ، ئەتىسى ئاقسۇنى پەتھى قىلىمىز دەپ خاتىرجەم ياتقان چاغدا، خىتاي چېرىكلىرىنىڭمۇ ئاقسۇغا كەلگەنلىگى مەلۇم بولدى. بۇلار شەھەردىن چىقىپ، زور كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلدى. جاھانگىر خان تۆرىنىڭ ئەسكەرلىرى بۇرۇلۇپ ئارقىغا قاچتى. قارا چېرىكلەر قوغلىغانلىرىچە بېرىپ كاشىغەرنى ئالدى. يېڭى ھار، ياركەنتلەرنىمۇ قولىغا كىرگۈزدى.
خىتاي چېرىگىنىڭ كۆپلىگىنى بەزىلەر يىگىرىمە تۈمەن، بەزىلەر ئون تۈمەن ئىدى دەپ رىۋايەت قىلىدۇ. ئۇ چاغدا فەغفۇرچىننىڭ تەختىگاھىدا داۋۋاڭ خان (داۋگۇاڭ خان – ت) دىگەن خان ئولتۇرغان ئىكەن. بۇ دۆلەتلىك خان ئۇ چاغدا ناھايتى قۇۋەتلىك بولۇپ، ھىچ تەرەپتە دۈشمەننىڭ ئەسىرى يوق ئىكەن. بۇ چېرىك، قورال- ياراق ۋە باشقا ھېساپسىز جەڭ قوراللىرىدىن باشقا، يەنە ئىككى يۈز ھارۋىدا تۆگە ۋە قوي ماياقلىرىنى ياغدا قورۇپ ماڭدۇرغان ئىكەن. چېرىكلىرى يول بويى قار، يامغۇردا قېلىپ، ئاش- غىزا قىلىپ يەيدىغان ئوتۇن تاپالماي قالغان كۈنلەردە، بۇ ماياقلارنى ئوتۇن ئورنىدا قالاپ، ئاش- غىزا قىلىپ يىسۇن دەپ يارلىق قىلىپ ماڭدۇرۇپ، ماياقنىڭ ئالدى قارا شەھەرگە، كەينى تۇرپانغا يېتىپ كەلگەن كۈنلەردە، بۇ يۇرتلار قولغا كىرگەنلىگىنى ئاڭلاپ، ماياقلارنى ياندۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. دىمەك، چېرىكنىڭ توللىغى ۋە خاننىڭ كۈچ- قۇدرەتلىرىنىڭ قانچىلىك زىىيادە ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن قىياس- پەم قىلىپ بىلگەيسىزلەر. شۇنداقلا، خىتايلارمۇ جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ چوڭ ۋە زور تەرىپىنى قىلىپ، ”جاھانگىر زۇڭ تەن، دى دۇڭ تەن“(يەنە ”جاھانگىر مىدىرلىسا، زىمىنمۇ مىدىرلايدۇ – ت“) دىگەن ئىكەن.
ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە كېلەيلى، خىتاي چېرىگىنىڭ سەردارى ئاي خاڭۈن [127] دىگەن ئىكەن. كۇچارلىق مىرزا ئوسمان بەيسى بەگنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مىرزا ئىسھاق بېك دىگەن ئادەم چېرىك باشلاپ كاشىغەرگە بېرىپتۇ. بۇ جاھانگىرخان تۆرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئالاي دىگەن ۋاقىتتا مەنزىلگە بارغاندا، تۆرەم نائىلاج بولۇپ،”ئەي ئىسھاق بېك، نائۈمىت بولماڭ، مېنى باغلاپ، خىتايلارنىڭ ئۇلۇغىغا ئېلىپ بېرىڭ“ دىگەندە، بېك ”ھەددىم ئەمەس“ دەپ ئۆزرە- خالىق ۋە ئېھتىرامدىن سۆز ئېچىپ، تەقسىر دەپ تۇرغاندا، جاھانگىر خان تۆرەم مۇبارەك روماللىرى بىلەن ئۆز قولىنى ئۆزى باغلاپ،” ئەمدى ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئېلىپ بېرىڭ “ دىگەندە، بېك ئەمىر ئالىلىرىغا بوي سۇنۇپ، جانابى خان تۆرەمنى خىتايلارنىڭ ئۇلۇغ ئالدىغا ئېلىپ بارغان ئىكەن. ئاي جاڭجۈن بولسا ”ئۇلۇغ خاننىڭ دۈشمىنىنى ئىسھاقباك تۇتتدى “دەپ مەلۇم قىلىپ، ”ئەي ئىسھاق بېك، ئەمدى بۇ خوجانى ئۆزىڭىز بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلىپ يانغايسىز“دەپ بىر قانچە ئادەم قوشۇپ بېيجىڭغا ئەۋەتىپتۇ. بۇ جاھانگىر خان تۆرەمگە ناھايتى ياخشى ئىززەت ۋە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ياخشى سۆزلەر بىلەن بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بەزىلەر خان بۇنى كۆرۈپ، سوراق قىلىپ شېھىت قىلدى دەيدۇ. بەزىلەر خان بۇنى كۆرمىدى، بەلكى مەخپى جايغا قويغاندا، ئۆز ئەجىلى- تەبئىتى بىلەن ئۆلدى دەيدۇ. مەسۇلىيەت ئەلۋەتتە رىۋايەت قىلغۇچىدا بولىدۇ.
خاقان مەنسەپدارلىرى بۇ يەتتە شەھەردە تۆرەمگە يار بولغان ياكى تۆرەمنىڭ ئىشىنى تۇتۇپ خىزمەت قىلغان ئادەملىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چارۋا مال ۋە زىمىنلىرىنى ئولجا قىلىپ، ئون مىڭدىن كۆپرەك خوتۇن- قىز ۋە ئوغۇل رىسىدە- نارسىدە بالىلارنى ئولجا- ئەسىر قىلىپ، ئۇ تەرەپ لەنجۇ ئۆلكىسى، بۇ تەرەپ، ئىلى، چۆچەككىچە ئېلىپ بېرىپ، خىتايلارغا تاپشۇرۇپ ۋە خىزمىتىگە تۇتۇپ بەردى. بۇ ئەھۋالنى ئەبۇلمۇزەپپەر ۋە ئەلمەنسۇر مۇھەممەت ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلاندۇرۇپ، گۇنايىنى كەچۈرگەي!) ئاڭلاپ، بۇنڭغا بىز سەۋەپ بولۇپتىمىز“دەپ خاقانى چىنغا ناھايتى كەڭرى سوغا- سالاملارنى راسلاپ، ئالىم بايۋەچچە مىڭبېشىنى باش قىلىپ، بىر نەچچە ئادەمنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەپ، خاقانى چىنغا ئەرز يېزىپ بېرىپ، بىر قانچە مۇددىئانى تىزىپ يولغا سالدى. ئۇ ئەرىزدە ”مەسىلە شۇكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئ.ۇلۇغ خانغا ۋە ئاجىز خوتۇنلارنىڭ قولىدىن ھىچقانداق يامانلىق ئۆتمىسە كېرەك، بۇ گۇناكارلارنىڭ گۇناسىنى ئۇلۇغ خاندىن تىلەيمەن، يەنە بىر مەسلە بولسا، يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىقلار ئۈستىدە بىر ئاقساقال توختاتسام، يامان ئادەم كىرىپ قالسا خەۋەر ئېلىپ تۇتۇپ ماڭا چىقىرىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ جازاسىنى مەن بەرسەم، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلۇغ خاننىڭ كۆڭلى رەنجىيدىغان ئىشلار بولمىسا“دىگەن مەزمۇندا بىر قانچە ماقۇل سۆزنى يېزىپ، ئەلچىلەرنى يولغا راۋان قلغان ئىكەن. بۇ ئەلچىلەر ناھايتى ئىزەت ۋە ئابرۇي بىلەن پايتەختكە يېتىپ بېرىپتۇ. خاقان ئەرزنى كۆرۈپ، كامالىسى ئىنساپنى ماقۇل تۇتۇپ، ھەممە ئولجا- ئەسىرگە يولدىن يولغىچە ئات- ئۇلاق، ئۇزۇق- تاماق تەيىنلەپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىگە قايتۇرۇپتۇ.
لېكىن، بۇ ئارىدا تۆت يىل مىقدارى ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇرمۇنچىسىنى خىتايلار ئىلكىگە ئېلىۋېلىپ، بالا- پەرزەنتلرىنىمۇ تاپقان ئكەن. ئۇلارنى بۇ بالا- پەرزەنتلىرى بىلەن ياندۇرغان چاغدا، ئۇلار بۇنداق غېرىپ- مۇساپىرچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز جاي- ماكانلىرىغا يانغانلىغىغا خوش بولۇپ، چوڭ- كىچىك ھەممىسىلا مۇڭلۇق ۋە غەمكىن ئاۋاز بىلەن ئاۋاز كۆتىرىپ، ”نازۇگۇم! ۋاي- ۋاي نازۇگۇم“دەپ غەزەل- مۇقام ئىختىرا قىلىپ، چوڭ يول بىلەن ئۆتكەن چاغدا، خالايىق ئۇزۇن يەرلەرنى كۆرگىلى كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇڭ- زارىنى ئاڭلاپ تاقەت قىلالماي، يىغا- زارە قىلىشقان ئىكەن. شۇڭلاشقا، ”نازۇگۇم“ غەزەل ساداسى ئەل ئىچىدە تا بۈگۈنگىچە ياڭرىماقا. شۇنداقلا، بۇ يەتتە شەھەردكى ئەنجانلىق دىگەننىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ئاقساقال تۇرغۇزۇش يارلىغى بولغان ئىكەن. بۇمۇ تا ھازىرغىچە مەۋجۇت.

مۇھەممەت ئەلى خان (ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەي!) ئاقىۋەت بۇ پايدىسىز ئالەمدىن خوشاللىق سارىيىغا كۆچتى. [128] ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خۇدايارخان تەختكە چىقتى. بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ئالامانچىلار خۇدايارخاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاكىسى مەللە خاننى خان كۆتۈردى. خۇدايارخان ئۆزىنى بۇخارايى شەرىپىگە ئالدى. قىرغىز موللا ئەلەم قۇلنىڭ ئىغۋاسى بىلەن مەللە خاننى شېھىت قىلدى. بۇ ئاران تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ چاغدا تاشكەنت ھاكىمى قانائەتشا غازى تاجىكنىڭ مەسلەھەتى ۋە دالالىتى بىلەن، بۇخارادىن خۇدايارخاننى ئېلىپ كېلىپ، يەنە خان قىلدى. ئەمما ئەقىلسىز قىرغىز موللا ئەلىم قۇل بىرنەچچە بۆلۈنگۈچى لۈكچەك ۋە باشباشتاقنى توپلاپ، ھۆكۈمەت توتۇش ئارزۇسى بىلەن، خۇدايارخانغا قارىشلىق ناغىرىسىنى ئاشكارە ياڭرىتىپ سوقتى. فەرغانە ۋىلايتىنىڭ دۆلەت شاراپىتى كۈندىن- كۈنگە زەئىپلىككە قاراپ يۈزلەندى.
تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش سەككىزىندى يىلى (مىلادى 1861 – 1862 – يىلى) خۇدايارخان ئىككىنچى قېتىم تەختتە ئولتۇردى. بۇ ئارلىقتا ۋەلى خان تۆرەم كاشىغەر شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىشلاق ۋە كەنتلەرنى قولغا كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن پاسىق- بۇزۇق ۋە زالىم جەۋىرلەرنى قەتلى قىلىپ، جەسسەتلىرىنى ئىت ۋە قارغا- قۇزغۇنلارغا تاشلاپتۇ. كاپىر ۋە يامان پاسىقلار مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەر – ئايال پاشىۋازلارنىڭ بېشىنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ ، تۆت كاللا مۇنارىسى ياساپتۇ . مۇنارنىڭ ئىگىزلىگى ئون ئىككى گەز مىقدارى كېلەتتى دەيدۇ . لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بەڭ چېكىش ، ھاياسىز ئىشلارنى قىلىش ۋە قان تۆكۈشتىن ھىچقانداق ئۆزىنى تارتىپ ، ئېھتىيات قىلمايدىكەن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەھرالىق بىر قېرى مەزلۇم نان – توقاچ ۋە قېتىق – قايماقلارنى ئېلىپ ، تۆرەمنىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ . ياساۋۇل بېشى” ئەي ئانا ، نىمە ئەرزىڭىز بار ؟ “ دەپ سورىغاندا ، ئۇ” خوجامدىن ئىمان تىلەپ كەلدىم ، بۇنىڭدىن بۆلەك ئەرزىم يوق “ دەپتۇ . ياساۋۇل بېشى ” ئەي ئانا ، ئەنجاندىن ئېلىپ كەلگەن ئىمانلىرىمىزنى تامامەن ئادەملەرگە ئىنئام قىلىپ بەردۈك ، ھالبۇكى ، خوجامدا ياكى بىزدە ئىمان قالمىدى . ئەنجاندىن ئىمان ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن نەچچە ئات چىقاردۇق . ئىمان كەلگەندە مەن خەۋەر قىلاي . شۇ چاغدا كېلىپ ئىماننى ئېلىپ كېتىڭ “ دەپ ، ئۆز زامانىغا لايىق ۋە ئاقىللارچە ئاجايىپ ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ .
كېيىنچە يەنە نۇرغۇن قارا چېرىكلەر كەلدى . تۆرەم باراۋەرلىك قىلالماي قاچتى . نۇرغۇن ناھەق قانلار تۆكۈلۈپ ، تولا ئادەم ھالاكەتكە ئۇچرىدى ، يەنە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ، يەنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر شاخكەر تۆمۈرچى ( قىلچ ياسايدىغان ئۇستات ) بىر قىلىچ تەييارلاپ ، تۆرەمگە كۆرۈنۈش بېرىپ ، دۇئالىرىنى ئېلىپ ، بىرزىيارەت قىلىپ كەلسەم دىگەن نىيەت ۋە ئارزۇدا ئون يەتتە – ئون سەككىز ياشلاردىكى تېپىلماس بىر ئوغۇلىنى ھەمرا قىلىپ ، تۆرەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىپ ، كۆرۈنۈش بېرىپ ، نەزەردىن ئۆتۈپتۇ . بۇچاغدا تۆرەم ” ئەي ئۇستا ، بۇ قىلىچىڭىز كېسەمدۇ “دەپ سورىغاندا ئۇستا ” بەك ياخشى كېسىدۇ “دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . تۆرەم ” ئەي ئوغۇل ، ماڭا يېقىن كەل “دىگەن ئىكەن . بۇ بالا يېقىن بېرىشى بىلەنلا قىلىچ بىلەن ئۇ بالىنىڭ گەدىنىگە ئۇرغان ئىكەن ، بالنىڭ بېشى سەكرەپ يەرگە چۈشۈپتۇ . تۆرەم ” كېسىدىكەن ، ئۇستىغا تون ئېلىپ چىق “دەپ بىر چىت تون بېرىپ چىقىرىۋېتىپتۇ . ئۇستا يىغلاپ – يىغلاپ بالىسىنىڭ جەسىدىنى كۆتىرىپ ئۆيىگە كېتىپتۇ . كېيىنچە يەنە كاتتاخان تۆرەم ، كىچىك خان تۆرەملەر كېلىپ ، كاشىغەرنى ئۈچ ئاي قامال قىلىپ ئالالماي ، مەقسىدىگە يېتەلمەي ، ئۆز ۋەتەن – يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتتى . بۇلارنىڭ قىسە ۋە ئەپسانىلىرىنى تەپسىلى بايان قىلسام ، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا مالال كەلتۈرۈپ ، سۆزىمىز مەقسەت تەرەپتىن يىراققا چۈشۈپ كېتەرمىكىن دىگەن ئېھتىمال ئېتىراز بىلەن ، قەلەمنىڭ خۇش گۈزەل يۈرۈش تىزگىنىنى مەقسەت يولىغا تارتتىم . بۇلارنىڭ قىسسە ۋە ھىكايلىرىدىن قايتتىم ، ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن سۆزۈمنى تۈگەتتىم .

6

خاقانى چىننىڭ ئاۋالقى زامانىدا مۇسۇلمان بولغانلغى، تۇڭگانى تايىپىلىرىنىڭ مەمىلكىتىدە ۋەتەن تۇتقانلىغى، ئۇلارنىڭ خىياتلار بىلەن بولغان جىدەل- ماجرالىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە خاقانى چىنى مەمىلكىتىنى زەئىپلەشتۈرۈپ بۇزۇشى قاتارلىق ۋەقلەرنىڭ باشتىن- ئاخىر تەپسىلىي بايانى

راس سۆزلۈك رىۋايەتچىلەر ۋە پاراسەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ قىسسە ۋە ئېلان قىلىشلىرىدىن شۇ نەرسە مەلۇم ۋە مەزمۇن بولدىكى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلى يەنى يىلان يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ بىرىنچى كۈنى (مىلادى 1864- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ) جەۋزا (ئەرەندىز ياكى گىزەك يۇلتۇزى) پەسلىنىپ ئاخىرىدىكى شەنبە كېچىسى كۇچاردا ئولتۇرۇشلۇق تۇڭگانى ماشۇر ئاخۇن، مالۇڭ شەمشىدىن خەلىپىلەر باش بولۇپ، كۇچارنىڭ ۋەيشاڭ بازارلىرىغا ئوت قويۇپ، مەنسەپدار، چىرىك ۋە مەيمەيچىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، خاقاننىڭ ئەمىر- ئىتائەتىدىن چىقىش سەۋەپ- ئىللەتلىرىنى بايان قىلىش لازىم ئىدى. لېكىن بۇ ھەقتە ھەر خىل كىشلەر ھەر خىل سەۋەپ- پاكىتلارنى كۆرسىتىپ، ھەر خىل رىۋايەت قىلىشىدۇ. بىرىسنىڭ سۆزى يەنە بىرىسنىڭ سۆزىگە مۇخالىپ كېلىدۇ. بۇ مۈجىمەل نەقىل قىلغۇچىلارنىڭ ئاغىزىدىن چىققان ھەر خىل سۆزلەرنى بۇ ۋاراق سەھپىسىگە ئورنىتىش لايىق ۋە لازىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاقىللارنىڭ ئەقلىغە ماقۇل بولدىغان ھىكايىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىگىنى ماقۇل كۆرۈپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى رىۋايەتلەر قىسقىچە ۋە ئازراق نەقىلەن بايان قىلىندى.
ۋەقەلەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئەڭ بۇرۇن فەرغۇچىنى مەمىلكىتىدە بىر ئادالەت سۈيەر ۋە پۇقرا ئەندىشە تاۋاڭ خان [129] دىگەن بىر خان بار ئىكەن. بۇ خان بىر كېچىسى چۈشىدە بىر ئەجدىھانىڭ خان ئوردىسىدا پەيدا بولۇپ، تۈۋرۈككە چىرمىشىپ، خاننى دەم تارتقىلى تۇرغانلىغىنى كۆرۈپتۇ. بۇ چاغدا يېشىل چاپان كىيگەن ۋە بېشىغا بىر ئاق نەرسە يۆگىگەن ھەيۋەتلىك بىر ئادەم كېلىپ، ھاسىسى بىلەن ئەجدىھانى ئۇرۇپتۇ. ئەجدىھا ئىككى پارچىگە بۆلۈنۈپ ئۆلۈپتۇ. خان قورقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، ۋەزىر، ئەمىر ۋە چۈش ئۆرۈيدىغان مۇئەبىرلىرىنى ھازىر قىلىپ، كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلىپ، تەبىرىنى سوراپتۇ. دانا مۇئەبىرلەر” بۇ زاماندا قىبلە تەرەپتە ئۇشبۇ سۈەتلىك بىر ئادەم پەيدا بولۇپ، پەيغەمبەرلىك داۋاسىنى قىلارمىش، بەلكى شۇ كىشىنى كۆرگەندۇرسىز “ دەپ مەلۇم قىلدى. خان ”مەزكۇر ئادەمنى تېپىپ ئېلىپ كەلسۇن “ يارلىق قىلدى. ۋەزىرلىرى ”ئۇنداق بولسا سوغا- سالاملارنى راسلاپ بەرسەك“دىگەندە، چاي، چىنە، تاۋار ھەدىيە- سوغا قىلىپ، ئىشەنىلىك ئادەملىرىدىن قابىلىيەتلىك بىر كىشىنى باش قىلىپ يولغا سالدى. بۇ كىشى شەھەرمۇ- شەھەر يۈرۈپ، ئاخىرى مۇشۇ سۈپەتلىك مەزكۈر ئادەمگە، يەنى پەيغەمبىرى ئاخىر زامانغا ئۇچراشتى ۋە ئەرز ئەھۋالىنى بىر- بىرلەپ مەلۇم قىلىپ، چاي، تاۋار، چىنىلەرنى سوغا قىلىپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزدى. پەيغەمبەر خوش بولۇپ دۇئا قىلدى. شۇڭلاشقا چاي، چىنە، تاۋارلار ھەممە مەمىلكەتتە ئەزىر- ئېتىۋار دەيدىكەن.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن پەيغەمبەر خەت قىلىپ ئەلچىگە بېرىپ،”ئەمدى سىزگە رۇخسەت“ دەپ جاۋاپ بەردى. ئەلى” مەن ئۆزلىرىنى تەكلىپ قىلغىلى كەلگەن ئىدىم “ دەپ ئەدەپ بىلەن تۇرغاندا، پەيغەمبەر ”ئۇشبۇ خەتنى ئېلىپ بېرىڭ، ئۇلۇغىڭىز ئۆزى قولى بىلەن ئاچسۇن، بۆلەك كىشى ئاچمىسۇن، مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا ھازىر بولىمەن “دىدى. ئەلچى يولغا راۋان بولۇپ، بىر نەچچە مۇدەتتىن كېيىن بىر مەنزىلگە كەلدى. شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن خەتنى ئاچماقنى ئىختىيار قىلىپ ئاچتى. خەتنىڭ ئىچىدىن بىر كىشى چىقىپ كەتكەندەك مەلۇم بولدى، پۇشايمان قىلدى. لېكىن ئۇنىڭدىن پايدا چىقمىدى. خەتنى بۇرۇنقىدەك يەملەپ، خاننىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ، ھەممە ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. خان خەتنى ئېچىپ كۆردى، بۇ خەت بېجىنچە پۈتۈلگەن ئىكەن. تەئەججۇپ قىلىپ ”بۇ خەتنى كىم پۈتتى “دەپ سورىغاندا، ئەلچى ”مەن بىلمىدىم“دەپ جاۋاپ بەردى. چۈنكى ئۇ ئەسلى ۋەقەنى كۆرمىگەن ۋە بىلمىگەن ئىدى. خان ”خەتنى كىم ئاچتى؟ ئەگەر راست ئېيتساڭ گۇنايىڭنى ئەپۇ قىلىمەن، يالغان ئېيتساڭ تىرىك قويمايمان“دەپ سوراپ سىياسەت يارلىق قىلغاندا، ئەلچى يالغانچىلىق قىلالماي، ۋەقەنى مەلۇم قىلدى. ئادالەت شوئارخان بۇنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىپ،” ئەپۇ قىلغان گۇناھىڭنى يۇيۇش ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، ئۆزىنى ۋە خېتىنى ئېلىپ كەلگىن“ دەپ يارلىق قىلىپ بۇيرۇدى.
ئەلچى بىر قانچە مۇددەت يول يۈرۈپ، مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن بۇ بەركەتلىك زاتنىڭ ئالى ۋەتىنىگە باردى. پەيغەمبەر ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا” شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ، ئۇلۇغىڭغىمۇ قىلدىڭ، خەتنى ئاچمىغىن دىمىدىممۇ“دەپ ساھابىلىرىدىن ۋەقاس، ئاس، ئەككاش دىگەن ئۈچ كىشىنى بۇيرۇپ، يەنە يەتتە ئادەم قوشۇپ، بۇ ئون كىشىنى مەزكۈر ئەلچى بىلەن يولغا سالدى. بۇلار مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، جايۇەن (جايۇيگۇەن – ت) گە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ بىرسى ۋاپات بولدى. بۇنىڭ مازىرى ” ۋەققاس بوۋام“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر. ئەلچى قالغان سەككىز كىشىنى خان شەھىرىگە يېقىن ئېلىپ بارغاندا، خان ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا ئادەم چىقىرىپ ۋە ئۆزىمۇ چىقىپ، ئىززەت- ھۆرمەت رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن پايتەختىگە چۈشۈردى. خان” مەن چۈشۈمدە كۆرگەن كىشى كەلمەپتۇ“دەپ كۆڭلى غەمكىن بولدى. لېكىن ئۇ ئىمانى شېرىپنى ئادا قىلىدىغان چاغدا ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشتى. ئون ئىككى ۋەزىرى بار ئىدى. بەزىلىرى ماقۇل بولۇپ، بەزىلىرى ماقۇل تۇتمىدى. لېكىن خان ۋەزىرلىرىنى مەخپى ئىسلام دىنى شەراپىتىگە ئىگە بولدى دىگەن گەپلەر بار.
لېكىن، بۇ سەككىز كىشى بېيجىڭ ئەھلىنىڭ سۆزىنى بىلمەيتى. بېيجىڭ ئەھلىمۇ بۇلارنىڭ تىلىنى ئۇقمايتى، ئۇلار ناھايتى كۆپ تەڭلىكتە قالدى. خان ” بۇ مۇسۇلمانلار بۇ يەردە غېرىپ بولۇپ قالدى، بۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، مۇڭ- ئۈلپەت قىلىشىدىغان ئادەم تېپىپ كېلىنسۇن“ دەپ يارلىق قىلدى. ئىشەنچىلىك بىر ئادىمى سەكسەن ئۆيلۈك پۇقراسىنى ئېلىپ، سەمەرقەنت مەمىلكىتىگە باردى. بۇ ئادەملەرگە سەمەرقەنتتىن قىرىق ئادەم تېگىشىپ ئېلىپ كەلدى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سانى جەمئىي قىرىق سەككىز ئادەم بولدى. تۇڭگانى تايىپلىرى ”بىز سەمەرقەنتتىن بولىمىز“ دىگەنلىرىگە سەۋەپ مۇشۇ بولسا كېرەك. سەمەرقەنت پادىشاسى بۇ سەكسەن ئۆيلۈك ئادەمگە كەڭرى زىمىن ۋە يايلاقلارنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇلار مۇشۇ جايدا ۋەتەن تۇتۇپ قالدى. ئەۋلاتلىرىمۇ كۆپەيدى.”خىتاي قىپچاق“دىگەن تايىپىلەرنى ئۇشبۇ ئۇرۇغىدىن بولىدۇ دەپ رىۋايەت ۋە ھىكايىلەر نەقىل قىلىنىدۇ.
لېكىن، بەزى ئىناۋەتلىك تارىخى كىتاپلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاخىرقى بىر زامان پەيغەمبىرى دەۋرىدە سەمەرقەنت ئەھلى تېخى ئىسلام دىنى شەرىپىگە ئىگە بولمىغان ئىكەن. بۇ تارىخ كىتاپلىرىدا يەنە ”بېيجىڭ بىرەر نامە يازدى ياكى ئۇ تەرەپتىن ئەلچىلەر كەلدى“دىگەن سۆزمۇ كۆرۈلمىدى. لېكىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى پەيغەمبەرلەر شەرىئەتپەرۋەر كارامەت ئىگىسى ئۆتكەن بولسا كېرەك. تۇڭگانى تايىپىلىرى بۇنى بىلمەي، بۇ ۋەقە پەيغەمبىرى ئاخىرقى زامان دەۋرىدە بولغان ئىش دەپ، ئۆزلىرىنىڭ نەسەپلىرىنى شۇ ئادەمگە باغلىغان بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا، ھەممە تۇڭگانلار مۇشۇ قىرىق سەككىز مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادىدۇر دىگەن گەپەر بار. لېكىن، شەھەر- شەھەرلەردىكى خىتايلار ئەھلى توغرا يول تېپىپ، تۇڭگانلارنىڭ دىن، مەزھەپلىرىنى ئىختىيار قىلىپ، مۇسۇلمان بولۇپتۇ. تۇڭگان ئەھلى بولسا، ئۆز دىن ۋە مىللىتىنى تاشلاپ كاپىر ۋە دىننىڭ ئاسىسى بولماپتۇ. تۇڭگان گۇرۇھى بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ دەپ بايان قىلىنىدۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، توغرا يول ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت شەرىپىگە ئىگە بولغان خان ئۆز يۇرتىرىغا ”ئىسلام دىنى مەنپەئەتلىرىدىن بەھرمەن بولغان ھەرقانداق ئادەم تارخان (ئەركىن – ت) بولىدۇ ۋە ئامان ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرىدىن چىقمايسىز دىسىمۇ ئىتىيار ئۆزىدە بولىدۇ“دەپ يارلىق چۈشۈردى. خاقانى چىننىڭ قەدىمدىدن بۇيانقى قائىدە- رەسمىيەتلەر بويىچە، پۇقرالار قايسى دىن ۋە قايسى مەزھەپكە كىرسە، بۇنىغا ھىچ كىمنىڭ كارى يوق ئىدى. ئۆز دىنىدىكىلەرنى باشقا دىن ياكى مەزھەپكە تەرغىپ ۋە تەكلىپ قىلمايتى. ھەر كىم ئۆز دىنىدە ۋە مىللىتىدە مۇستەھكەم بولسا، ياخشى ئىش دەپ قارىلاتتى. خان يەنە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشىغا ھەر خىل بانا- سەۋەپلەرنى قىلىپ، ئۆز قائىدە- رەسمىيەتلىرى بويىچە چاڭشىلە يەنى ئويۇن- تاماشا ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ”ئەر ۋە ئايال، ياش ۋە قېرىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئويۇنغا جەم بولسۇن، ئەگەر بۇ تاماشىغا كەلگەن ياش خوتۇنلار ياكى كىچىك قىزلار بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تەبئىتىگە ياقسىلا، مەن ئۇلارنى بۇيرۇپ بېرىمەن، ئەگەر بۇلارنىڭ ئېرى ياكى پەرزەنتى بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا رىئايە قىلمايمەن“ دەپ يارلىق قىلدى.
بۇ مۇسۇلمانلار كۆڭلى ۋە تەبئىتى خالىغانلارنى تۇتتى. خاننىڭ يارلىغى بىلەن ئۇلارنى شەرئىتى مۇستاپاۋىيە (پەيغەمبەر شەرئىتى _ ت) قائىدىسى بويىچە ئەمىر- ئەقىدىگە ئېلىپ، ئۆي- تەئەللۇق تۇتۇپ قالدى. بۇلار ” تۇگانى“ دەپ ئاتالدى. لېكىن، ئۇلار يىغىلغان باشقا ھەرقانداق جايلاردىمۇ ئېرى بار خوتۇنلار ۋە قىز بالىلارنى ئىگەللەپ ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدىن يىراقلاشتى. شۇڭلاشقا پۇقرلار ئۇلارنى”سوخەي خوي ئىكەن“ دىيىشتى. بۇ ”يۈزى يوق ئىكەن“دىگەن سۆز بولىدىكەن. خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار جىدەل- ماجرا قىلىپ قالسا، خىتايلار ئۇلارغا ”سوخەي خوي“دەپ دەشنەم بېرىدىكەن. لېكىن، خاقان ئەللىك خىتاينى بىر تۇڭگانى بىلەن تەڭ قوياتتى. ئەللىك خىل گۇنا ئۆتمىگىچە تۇڭگانلارنى سياسەتتىن ئۆتمۈزمەيتى. دىمەك، تۇڭگانلار بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانچە ئىشتا يۈز- خاتىرە قىلىنىپ كەلگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلى كۆتىرىلىپ، خىتايلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان بولدى، شەرىئەتنىڭ دوستى بولغان خان بىر نەچچە يىلدىن كېيىن باقى ئالەمگە پەرۋاز قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىنى ئوغلى ئىگەللىدى. بىر قانچە ئەۋلات ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە توغرا يولدىن چىقىپ، ئۆز دىنىلىرىغا ياندى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ۋەققاس بوۋاممۇ مەڭگۈلۈك باغچىسىغا چىرايلىق يۈرۈپ كەتتى. [130] ئۇنىڭ مازىرى تا ھازىرغىچە مەشھۇر دەپ ھىكايە قىلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، تۇڭگان تايىپىلىرى ئەنە شۇنداق بىر قانچە ئەسىر ۋە بىر قانچە يۈز يىللارغىچە ئەركىن ئۆتتى. ئاقىۋەت ئۇلار شى نەن فۇ [131] دىگەن بىر شەھەردە مەدرسىدەك بىر خانىقا بىنا قىلىپ، بىر مۇنچە بىنەم زىمىن خاندىن تىلەپ سۇ چىقىرىپ، مەھسۇلاتنى خانىقاغا ۋەخپە قىلىپ، مەدىرىسىدە تۇرىدىغان تالىپ ۋە ئەلەم ئاخۇنلارنى تەيىنلەپ ياشاپ كەلگەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋەخپە ئاشلىققا خىتايلارنىڭ تۇڭگۇزى كىرىپتۇ. بىرقانچە ئادەم ھەيدەپ چىقىرىپ، ئارىدا جىدەل- ماجرالار بولۇپتۇ. ئاخىرى بۇغداينى خامان قىلىۋاتقان چاغدا، چەچ بۇغدايغا يەنە تۇڭگۇز كىرىپ يەپ كېتىپتۇ. تۇڭگۇزنىڭ ئىگىسى خىتاي بىلەن ماجرا قىلىپ بىر- بىرىنى ئۇرۇپتۇ. خىتايلار خىتايغا، مەدىرىسىدە ياتقان تالىپلار تۇڭگانلارغا ھامى بولۇپتۇ. جىدەل- ماجرا ئۇلغىيىپ، بۇنى شەھەرنىڭ ئۇلۇغى ئاڭلاپ، جىدەلنى پەسەيتىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغىغا خەت يېزىپ ” بۇ ۋەخپە زىمىننى تۇڭگانلار نەچچە يىلدىن بۇيان تىكىپ- تېرىپ، ھۇسۇلنى ئالدى. ئەمدى بۇ يەرنى خىتە (دۆلەت – ت) ئىختىيارىغا تاپشۇرۋېلىپ، يەرنى سېتىپ پۇلىنى غەزنىگە تاپشۇرساق“دەپ مەلۇم قىلىپ، ئۇلۇغىنى ماقۇل قىلىپتۇ. يەرنى سېتىش قارارىغا كېلىپ ئادەم چىقىرىپ، يەرنى چىزىلاپ، نەرقىنى تەيىن قىلىۋاتقاندا، مەدرىسىدىكى موللىلار ۋە تۇڭگانلار غەلۋە قىلىپ، يەر ساتقىلى چىققارن مۇلازىملارنى ھەيدەپ ئۇرۇپ شەھەرگە قوغلاپتۇ. بۇلار شەرھەرگە كىرىپلا دەرۋازىنى مەھكەم قىلىپ، جەڭ- مۇھارىبەرگە كىرىشىپتۇ. تۇڭگانلار گورۇھىمى ناھايتى كۆپ بولۇپ، ئۆز ئىچىدىن ماخالۇڭ موللا (132) دىگەن پىر ئۆلىمانى خان كۆتىرىپ، چىڭ جۇفۇ [133] دىگەن بىر كاتتا شەھەر بىنا قىلىپ، خاننى بۇ شەھەردە سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.
لېكىن بۇ چاغدا خاقانى چىنگە بىرمۇنچە جايلارغا ئەنگىلىس (ئېنگىلىز – ت) خىرىستىيانلىرى غالىپ كېلىپ، بېرما دىگەن بىر قانچە شەھەرنى خاراپ ۋە ۋەيران قىلىپتۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇسۇڭكۇي يەنى جەن مۇزا [134] دىگەن تايىپىلەر خانلىق تالاشتى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلارنىڭ جىدەل- ماجراسى بولدى. ئاقىۋەت تۇڭگانلار چىڭ فۇدا تۇرالماي، ئۆزىنى بىر ياقا يۇرتقا ئالماقنى غەرەز قىلىپ، غەرپ تەرەپكە قەدەم قويۇپتۇ. ئۇلۇغ خان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بۇ يەردىكى ۋىلايەتلەرنىڭ چوڭلىرىغا ”بىر نەچچە تۇڭگانىلار ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىققان ئىكەن، بۇلار تەشۋىق- نەسىھەت ھەم ۋەدىلەرنى قىلساقمۇ ئاڭلىماي، ئۆزلىرىنىڭ ئەيىپلىرىدىن قورقۇپ ئەندىشە قىلىپ تۇرالماي، غەرەپ تەرەپكە يۈزلىنىپتۇ. ئەگەر بۇلار ئۇ تەرەپكە بارىدىغان بولسا، ئۇ جايدىكى تۇڭگانلار بۇلارغا يار- ھەمدەم بولۇپ، ئۇششاق پۇقرالارنى پاراكەندە قىلىدىغان ئېھتىمالى بار. بۇ يارلىقنى كۆرگەن ھامان ھەر قايسى شەھەرلەردىكى تۇڭگانلارنى تامامەن يوق قىلىپ، ئۇچۇر مەنكى ئۇلۇغ خانغا يەتكۈزۈلسۇن“ دەپ يارلىق بېرىپتۇ.
بۇ يارلىق ئىلى جانڭجنىگىمۇ كەلگەن ئىكەن. ئىلى جاڭجۈنى ھەيران بولۇپ، ”بۇ تۇڭگانىلار تولا خەلقتۇر ، ئۇلارنىڭ پېئىل- خۇيلىرىمۇ باشقىچە. ئەگەر بۇلار بۇ ئەھۋالدن ئازلا پۇراق سەزسە، بىز ئاخشاملىق قىلغىچە، بۇ تايىپىلەرنىڭ ناشتىلىق قىلىش ئېھتىمالى بار. ئىچكىرىدىن كېلىدىغان تۇڭگانلارنىڭ مەنزىلى تېخى ئۇزۇن، ئۇنىڭغىچە بۇ تۇڭگانىلارنى ئېلىپ كىرىپ، مۇلايىم سۆزلەر بىلەن تەشۋىق- نەسىھەت قىلىپ، ئەھدى- پەيمانلارنى مەھكەم قىلىپ قويساق، بۇلارمۇ خاتىرجەم بولۇپ، ئۆز كەسپ ۋە ھۇنەرلىرىنى، پۇقراچىلىغىنى قىلدۇ “دەپ بىر نەچچەر تۇڭگاننى ئېلىپ كىرىپ، ئەھدى- پەيمان ۋە ئانت ئىمانلار بىلەن نەسھەت قىلىپ چىقاردى. ئەمما تۇڭگانلار خاتىرجەم بۇلالماي، كېچىلىرى ئۇيقۇغىمۇ بارالماي، مىچىت، مازارلاردا تۈنەپ، نەزىر- چىراقلارنى قىلىپ، بىر ئايدا بىر نۆۋەت تەرەت ئالمايدىغانلارمۇ ھەر كۈنى نەچچە نۆۋەت غۇسۇل- تەرەت قىلىدىغان بولدى. غەم- ئەندىشىسى كۈندىن كۈنىگە كۈچەيدى. جاڭجۈن تۇڭگانلارنىڭ پېئىل-ئەتىۋارىنى بىلىپ ۋە ئۆز- ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەھدى- پەيمانلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، خاننىڭ يارلىغىنى جارى قىلىپ، شەھەر- شەھەرلەرگە ئۆز ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ”پالانى كۈنى، پالانى سائەتتە تۇڭگانى تايىپلىرىنى قىرىپ تشلاڭلار“دەپ خەت ئەۋەتتى. ئەمما ئۈرۈمچىدە سودالويە [135] دىگەن بىر تۇڭگاننى خىتاي ئىچىدە مەنسەپدار ئىدى. ئوغلى بولسا بىر جام- ئۆتەڭدە سىيە (خەت- چەك باشقۇردىغان ئەمەلدار – ت) ئىكەن. مەزكۈر سىيە بۇ قىرغىنچلىق يارلىغىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ، دادىسىغا دەپ قويۇپتۇ. دادىسى شەھەر- شەھەردىكى تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىغا سۈرەت- ۋەقەنى ئىزھار قىلىپ خەت يېزىپتۇ. جاڭجۈننىڭ خېتىنى بولسا بېسىپ قويۇپتۇ. سودالويەنىڭ خېتى كېلىشى بىلەنلا، كۇچاردىكى تۇڭگانلار بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ، بازار ۋەيشاڭلارغا ئوت قويۇپ، ئۇچىرغان خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، قەتئى ئىتائەتتىن چىقىپتۇ. تېخى ئۆتكۈزۈلمىگەن گۇناغا جاۋاپكار قىلىش بولسا، ھىچقانداق مەزھەپتە دۇرۇس ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇلار ئۇنى قىلدى- دە ، جازاسىنى تاپتى.
يەنە ئۆز قىسسىمىزغا كېلەيلى. تۇڭگانى ۋە مۇسولمانلارنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، باش قايتۇرۇشىغا يەنە مۇنداق بىر سەۋەپ بار ئىدى. يەنى ئاۋالقى زاماندا فەغفۇرچىنى چىرىك ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى تۇنجى قېتىم ئىگەللىگەن چاغدا، خان ئىلتىپات بىلەن ”مۇسۇلمانلار پۇقرالار قەدىمدىن بۇيان قانداق قائىدە- رەسمىيەتلەرنى تۇتۇپ، قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىگىنى ئۇلارنىڭ پىشقەدەم سالنامچىلىرى ۋە دانا ئادەملىرىدىن سوراپ بىلىپ ماڭا ئۇچۇر بېرىڭلار“ دەپ يارلىق قىلغان ئىكەن. مەنساپدارلار يۇرتنىڭ دانا پازلىللىرىنى يىغىپ، خاننىڭ يارلىغىنى ئۇقتۇرۇپ سورىغاندا، بۇلار:” بىز مۇسۇلماندۇرمىز، خۇداۋەندەكېرىم بىزگە بەش پەرزنى يەنى بىنائى مۇسۇلمانچىلىقنى ئەمىر قىلغان ئىدى . بىز بۇ بەش پەرزنى ئادا قىلىپ كەلدۇق “دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئۇچۇرىنى ئۇلۇغ خاندىن يەنە ”ئانداق بولسا مەنمۇ ئۇششاق پۇقرالىرىمغا بەش تۈرلۈك ئىشنى بۇيرۇدۇم . يەنى ئۇلارتېرىغان ئاشلىقلىرىدىن دەيەك ( ئوندا بىر خىراج – ت ) بەرسۇن ، ئۆتەڭدە خىزمەت قىلىپ ، قارادىن قاراغىچە خەت ، ئەرز ئېلىپ بارسۇن ۋە قارارلاردىن خەۋەر ئالسۇن . شاڭ بۆز – خامنى بۇرۇنقى قائىدە – رەسمىيەت بويىچە تۆلەپ تۇرسۇن . بۇ بەش تۈرلۈك ئالۋاڭنى تەيىنلەپ توختىتىپ بەردىم . مۇندىن ئارتۇق نەرسە بېرىلمىسۇن ۋە ئېلىنمىسۇن ، بەلگىلەنگەن مەزكۇر ئالۋاڭنى كەم ۋە ئارتۇق قىلماي تۆلەپ ، تېنچلىق بىلەن ئۆز پۇقراچىلىغىنى قىلسۇن “دەپ يارلىق قىلىپتۇ . مەنسەپدارلارغىمۇ ئەھۋالغا قاراپ كۈمۈش . زېمىن ۋە ئادەملەرنى تەيىنلەپ مائاش – كۇلەن بەلگىلەپ ، ھەر قايسى يۇرتلارغا دەستۇر – ئەمەل يەنى ئەن – قائىدىلەرنى توختىتىپ بەرگەن ئىكەن . مەنسەپدارلار ئۇزۇن زامانغىچە بۇ يارلقنى چىڭ تۇتۇپ ، كەم ياكى زىيادە قىلماي ( يولدىن چىقماي ) ئىش قىلپتۇ .
لېكىن ، مەنسەپدارلار ۋاقىتلار ئۆتكەنسېرى بۇ يارلىقلارغا چېكىدىن ئاشقان ھەر خىل بەلگىمىلەرنى قوشۇپ ، ھەر خىل يامان قائىدە – يۇسۇنلارنى پەيدا قىلپ ، جەۋرى – زۇلۇمنى كۈچەيتىپتۇ . شۇڭلاشقا ، پۇقرالار بۇ ئەھۋاللارغا تاقەت قىلالماي ، ئەرز ئەھۋالىنى ئامبان ، دالويە ۋە ھاكىملارغا مەلۇم قىلدى . مەسلەن ، ئاقسۇ تەۋەسدىكى باي زىمىندىن ئەيسا گۈنبەز ، مۇھەممەت ئەلى بۇغرا دىگەن كىشلەر باشچىلىغىدىكى باي خەلقى ئەرز قىلىپ” خان بىزگە ئەن – قائىدە قىلىپ توختىتىپ بەرگەن بەش تۈرلۈك ئالۋاننى بېرىمىز ، لېكىن ، مەنسەپدارلار مۇندىن ئارتۇق ئالمىسۇن ۋە بەرمىسۇن دىگەن يارلىق بېرىلگەن ئىدى ھەم مەنسەپدارخىتاي ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارغىمۇ ئۆز مائاشىنى توختىتىپ بەرگەن ئىدى . مەنسەپدارلىرىم ئۆز مائاشىنى يەپ ئۇششاق پۇقرالىرىمدىن تىنچلىق بىلەن خەۋەر ئالسۇن دەپ يارلىق بېرىلگەن . ئەمما بىزنىڭ ئۇلۇغ خان بىزنىڭ ئارتۇق بەرگەن ئالۋانلىرىمىزنى بىلمەيدۇ . بۇ ئالۋانلار خاننىڭ غەزىنىسىگىمۇ كىرمەيدۇ . بىز ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغىدىن چىقمايمىز ، لېكىن بەلگىلەنگەن بۇ بەش تۈرلۈك ئالۋاندىن ئارتۇق بېرىشكە ئاجىزدۇرمىز “ دەپ مەلۇم قىلدى . لېكىن ، بۇ خىل بەش تۈرلۈك ئالۋانلارنى تۆلەشنى توختاتماي ۋە ئۇنىڭغا تاقەتمۇ قىلالماي ، يەنە بىر نەچچە ۋاقىت ياشىدى . خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلار بىر نىمە دەپ جاۋاپ بېرەلمەي چارىسىز قالدى . ئاقىۋەت يۇرت بەگلىرى ۋە تۇڭچى – تىلماچلار مەسلىھەت قىلىشىپ ،”بىر نەچچە ئادەم ئۇلۇغ خاننىڭ ئەمىر – ئىتائەتلىرىدىن چىقىپ باغى ۋە تاغى بولۇپ ( مالىمان بولۇپ – ت ) ، چوماق ، كالتەكلەرنى كۆتىرىپ توپىلاڭ كۆتەردى“ دەپ ئامبانغا مەلۇم قىلدى . مەنسەپدارلارمۇ بىلمەيدىغان كىشى بولۇپ ، بۇ بەگلەرنىڭ ئەرزىنى ھىساپقا ئېلىپ ، چېرىك ئەۋەتىپ ، ئۇلارنى باغلاپ تۇتۇپ كەلدى . ئەيسا گۈنبەز باشلىق ئون يەتتە ئادەمنى دارغا ئاستى . بىر قانچىسىنى مەھكەم نەزەربەنت قىلدى . بەزلىرىنى ئۇسسۇز ۋە ئاچ قويۇپ ، ھاكنى دوغاپ قىلىپ بېرىپتۇ . ئۇنى ئىچكەنلەر شۇ ئورۇندىلا قېتىپ قاپتۇ . بۇلارنى مەنسەپدارلارغا كېسەل بولۇپ ئۆلدى دەپ مەلۇم قىلىپ كۆمدۈرۈۋېتىپتۇ .
يەنە كۇچار ئادەملىرىمۇ بۇنداق زىيادە ئالۋاڭ – ياساقلارغا تاقەت قىلالماي ، نۇرغۇن ئادەمنى توپلاپ ، مۇھەممەت ئەلى شەيخ ، موللا مۇسا ئىماملار باشچىلىقىدا مەنسەپدارلارغا ئەرز سۇنۇپتۇ . مەنساپدارلار ئاڭلىماي دىسە، بۇ ئەرزلەر ئەن- قائىدە بويىچە راست ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار پۇقرالارنىڭ دادى ئەھۋالىغا يەتكەن بولۇپ، چەكتىن چىخماسلىققا ۋەدە- ئەھدىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى پەسەيتتى. لېكىن، ئۇلار مەنسەپدارلارنىڭ پېئىل- ئەتىۋارىغا قاراپ بېقىپ، خاتىرجەم بۇلالماي، مازارلاردا قونۇپ، نەزىر- چىراق، خەتمە- قۇرئان ۋە زىكىر ئىبادەت قىلىشىپ، ”سوپىلار“دىگەن نام بىلەن ئاتىلىپ قالغان بىر ھالەتتە، بەگلەر”بىر نەچچە ئادەم ئۇلۇغ خانغا دۈشمەن بولۇپ، ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىقىپ قارىشلاشتى“دەپ ئامبانىغا مەلۇم قىلدى. بۇنى بانا قىلىپ چىرىك ئەۋەتىپ ئالدۇرۇپ كېلىپ، مۇھەممەت ئەلى شەيىخ، ئىبراھىم ئەرباپ بېكلەر باشلىق ئون نەچچە ئادەمنى بەدىنىنى تېنىدىن ئاجىرىتىپ چاناپ ئۆلتۈردى. بىر نەچچىسىنىڭ پېيىنى كېسىپ ئىشتىن چىقارد.ى ئىلىم كۆكباشى، تەلەي كۆكباشى، توختى كۆكباشى باشلىق قىىرق نەچچە ئادەمگە ئېغىر زەنجىر- كىشەن سېلىپ، ئۇلارنى دېڭىزىغا (تۈرمە – ت) تاشلىدى.
يەنە باشقا شەھەرلەردىكى ئادەملەرمۇ يار كەنتتىكى خان ئامبانىغا ۋە ئىلىدىكى جاڭجۈنگە بېرىپ ئەرز- داتلىرىنى سۇندى. ئۇلار بۇ ئەرزلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى ئۇلۇغلارغا قايتۇردى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئۇلۇغى ”سەن ماڭا ئەرز قىلماي، باشقا شەھەرنىڭ ئامبانىغا ئەرز قىلدىڭمۇ“ دەپ ئازاپ- ئۇقىبەت ۋە قەبرى- زۇلۇم ئىسكەنجە- سىقىملارغا مۇپتىلا قىلدى. پۇقرالارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئەرز- داتلىرىنى ئاڭلاپ بىلىپ، ئۇلارغا رەھىم- شەپقەت قىلىش بولسا، پۇقرلارغا باشچىلىق قىلىدىغان ئۇلۇغلارنىڭ بوينىدىكى ۋاجىپ ھەتتا پەرز ئىدى. لېكىن، ئۇلار مۇنداق قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمىدى. بەلكى ئۇلارنى يوق قىلدى. ئەگەر ئۇلۇغ خان بۇ ئەرزدارلارنىڭ راستىنى ئاڭلاپ بىلسە ئىدى. خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلار ئۆز مەنسىۋىدىن ئايرلغاندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ جان- تېنى ۋە مال- مۈلكىمۇ ئاسان قۇتۇلماس ئىدى. چۈنكى مەنسەپدارلار ئۆز مەنسىۋى، پۇل ۋە جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن، رست ئەرزنى يالغان ۋە يالغان ئەرزنى راست قىلىپ، ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇن- قېنىنىڭ تۆكۈلىشىگە زامىن بولغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزى باشلاپ ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغىدىن چىقىپ، قەدىمدىن بويان كېلىۋاتقان داۋلى ۋە ئەن- قائىدىلىرىنى بۇزۇپ، شەھدى- پەيمانلارنى يىرتىپ تاشلاپ، بەلگىلەنگەن مۇئاشقا قانائەت قىلماي، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، يەنە پۇقرالارنىڭ مال- مۈلكىگە قول ئۇزارتىپ، زۇلۇم- سەتەملەرنى ھەددىدىن زىيادە ئېغىرلاشتۇردى. يەنە ئۇلار ئۆزىنىڭ نالايىق مەقسەت ۋە ھەرىكەتلىرىنى پۇقرالارغا تېڭىپ، ئۇلارنى تۆھمەت ۋە بۆھتانغا قويدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزى باغى ۋە تاغى بولۇپ، ئۇلۇغ خاننىڭ قىلىچىغا ئۆزلىرىنى لايىق قىلدى. شۇڭلاشقا، پۇقرالار ئاتا- بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئۈستىگە ئۇلۇغ بولۇپ كەلگەن بۇ مەنسەپدارلارنىڭ بوينىغا تىغ تارىسىنى تارتىنماستىن سالدى. (خۇدا ئۇلارغا پانا بەرگەي!). ھالبۇكى، غازات قىلغان بۇ ئادەملەرنى غازى ۋە شېھىت دىمەلىككە يەنە قانداق سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن ئىدى.
ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداۋەندەكېرىم ئۆز ئىلمى قەدىملىرى بىلەن ئۇلۇغ قىلىپ بەرگەن ۋە ئاللىق مەنسىۋى بىلەن يۇقىرى ئورۇن بەرگەن شانۇ- شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشالارغا ھەم ئۇلارغا تەئەللۇق نەۋكەرلەرگە تىغ تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىقماسلىق بولسا، ھىچقانداق مەزھەپ ۋە مىللەت- قەۋملەرنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرىدە توغرا ۋە راۋا كۆرۈلمەيدۇ. ئالەمنىڭ مەخپى سىرلىرى، ھەممە زۇلۇم- خورلۇقلىرى، مەخلۇقلىرىنىڭ يامان پېئىل- ئەتىۋارى ھەم نالايىق شۈم نىيەتلىرىنى، پەقەت ئالەمنىڭ داناسى بولغان ئاللانىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ. (خۇدا بولسا ھەقىقەتنى ۋە ئىنچكە سىرلارى ھەممىدىن بەك بىلگۈچىدۇر).
سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى ئۇلۇغلار پۇقرالارنىڭ ئەزر- داتلىرىنى ئاڭلىماي، بىپەرۋالىق قىلىپ، بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەت- مەنپەئەتكە شۈكرى قىلماستىن شۇملۇق قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت-مەنپەئەتىدىن ئاجراشقا، ھەتتا ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلەت ئابرۇيىغا نوقسان يەتكۈزۈشكە سەۋەپ بولدى. پۇقرالار بۇنداق زۇلۇم- سەتەملەرگە چىداش بېرەلمەي، قۇدرەتلىك ھەقىقىي ئاللا يەنى ئۇلۇغ سۇلتان دەرگاھىغا تاۋاپ قىلىپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، قاخشاپ يالۋۇرۇپ، ھەممىنىڭ ھالىنى بىلگۈچى بۈيۈك قۇدرەتلىك ئاللانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىن قانداق ئەھۋاللار كېلەر ئىكەن دەپ تۇرغاندا، بۇ ناھەق ئۆتكەن ئادەملەرنىڭ قېنى ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ ئۆرلەپ، مەنسەپدارلارنىڭ پۇقرالارغا قىلغان زۇلۇم- جەۋرىلىرىنىڭ مۇكاپاتى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قايتتى. كۇچاردىكى تۇڭگانلار خۇددى ئاسماندىن بالا كەلگەن ۋە ئاللادىن قازا كەلگەندەك، بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ، كاپىرلارنىڭ بېشىغا تىغ تارتتى. مەزكۇر تەلەي كۆكباشى قاتارلىق قىرىق نەچچە ئادەم دېڭىزدا ياتقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. تۇڭگانىلار دېڭىزنى چېقىپ، گۇناكارلارنى ئاجىرىتىپ ئالدى. تۇڭگانىلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئىناق- ئىتتىپاق بولۇشۇپ، خىتايلارغا تىغ ئۇردى. بۇنىڭ ۋەقەسىنى كېينرەك سۆزلەيمىز. (ئاللا سەبىر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر) ئىنشائاللا.
بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەنسەپدارلار پۇقرالارنىڭ ھال- ئەھۋالىنى خانغا راستلىق بىلەن مەلۇم قىلدى. ئۇلۇغ خان پۇقرالارنىڭ گۇنايىنى ئەپۇ قەلەملىرىنى سۈرۈپ چېرىك ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يوقلىدى. لېكىن گۇنانى مەنسەپدارلارغا قويۇپ، بۇ مەنسەپدارلىرىم ۋە چېرىكلىرىم نەگە كەتتى ۋە نىمە بولدى دەپ سورىمىدى. مۇبادا بۇ ئەھۋالنى سورىغا بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا بۇ يەتتە شەھەردىكى يەتتە نەپەر چىڭ چەي (چېن چەي – ت) خان ئامبانىنىڭ ھەر بىرسىنىڭ قېنىنى بىر شەھەر ئادەملىرىنىڭ خۇنىغا تەڭ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان بولار ئىدى. باشقا ۋاڭ، ھاكىم، مەنسەپدار، چېرىكلەرنىڭ خۇنلىرىغا يەنە نىمە قىلشى لازىملىغىنى خان ئۆزى بىلگەن بولار ئىدى.
ئەلقىسسە، فەغفۇرچىنىنىڭ دۆلىتىگە بۇزۇلۇشى ۋە زەئىپلىك كەلمەكنىڭ يەنە بىر سەۋىۋى شۇكى، بۇ چاغدا خانلىق نۆۋىتى شەنفۇڭ خانغا [136] يېىتپ، خاقانى چىننىڭ دۆلەت ئۈستۈنلىگى ناھايتى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى. پەرەڭلەر [134] ناھايتى كۆپ شەھەرلەرنى ئىستىلا قىلىپ، تالان- تاراج قىلىپ، ئىگىدارچىلىق قىلدى. يەنەن بىر تەرەپتىن، چەن مۇزا دىگەن تايىپىلەر خانلىق تالاشتى. جەڭ- جىدەللەر كۈچەيتى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلار ئۆز ئىچىدىن خان كۆتۈرۈپ، ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىقتى. يەنە ئەتىراپىدىكى كېنىزەكلەرنىڭ پادىشالىرى پادىشالىق ئەلەملىرىنى تىكلەپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەر خىل سۆز پەيدا قىلىپ، ئۇلۇغ خاننى ئۆز ئورنىدا قويمىدى. تىنچلىق ۋە ئاراملىق ئۇلۇغ خاننىڭ مەمىلكەت ۋە پۇقرالىرىنىڭ بېشىدىن كۆتۈرۈلدى. خاقانى چىنى بۇ تەرەپتىكى شەھەلەرنى”كۇبەي“(كۇۋەي- ئىچكىرىنىڭ تېشىدىكى تەرەپ – ت) دەپ ئاتايدىكەن. كۇبەيدىن خەۋەر ئېلىشقا پۇرسەت بولمىدى. شۇڭلاشقا ”كۇبەيگە تەئەللۇق مەنسەپدار، چېرىكلەرگە مۇئاش ئەۋەتەلمەيمەن. نەچچە يىلدىن بۇيان غەزنىدىن كۈمۈش ئەۋەتىپ، كۇبەيدكى مەنسەپدار، چېرىكلەرنى باقتىم. تولا غەزنىلەرنى سەرپ قىلدىم. لېكىن كۇبەيدىن غەزنىگە بىرەر نەرسە كەلمىدى. ئۇلار كۇبەينى تاشلاپ يېنىپ كەلسۇن“ دەپ يارلىق چۈشۈردى. لېكىن بۇ تەرەپتىكى خىتايلار ئۇلۇغى جاڭجۈن، خان، ئامبان ۋە مۇسۇلمانلار ئۇلۇغى مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىم باشلىق ھەممە ھاكىمى ۋىلايەتلەر مەسلىھەت قىلىشىپ، ئۇلۇغ خانغا : ”بۇ شەھەرلەرگە غەزنىدىن كولەن- مۇئاش كەلمىسىمۇ، بىز بۇ شەھەرلەردىن كان تېپىپ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، قوغۇشۇن، تۆمۈر، گۇڭگۇرت قاتارلىق كانلارنى ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئېچىپ، ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرىنى باقالايمىز. بىز بولساق ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، دۆلىتىنى كۆرۈپ كەلگەن ئىدۇق. يارلىققا بوي سۇنۇپ، بۇ يەرنى تاشلاپ كەتسەك، ئۇلۇغ خاننىڭ شان- شۆھرىتىگە مۇناسىپ ئىش بولماسمىكىن“دىگەن مەزمۇندا بىرقانچە ماقۇل سۆزنى مۇندەرىجە قىلىپ ئەرز بەرگەن ئىكەن. بۇ ئەرز ئۇلۇغ خانغا ماقۇل چۈشۈپ، ئۇ ”ئەگەر ئانداق بولسا ئۆزەڭلەر كان تېپىپ، چېرىكلەرنى بېقىڭلار، ئۇششاق پۇقرالىرىمغا ۋابال بولىدىغان ئىشلارنى ئەسلا قىلماڭلار“دەپ يارلىق ئەۋەتىپتۇ. يارلىقنى كۆرۈش بىلەنلا، مەنسەپدارلار تاغمۇ- تاغ، دەشتمۇ- دەشت ۋە جەزىرلەردە كان ئىزدەپ، پۇقرا خەلقىنى ھاشار قىلىپ ھەيدەپ، تاغ ئېتەكلىرىنى گويا چاشقان ئۇۋۇسىدەك ھۆتمە- تۆشۈك قىلىۋەتتى. كانمۇ تاپالمىدى. تاپقاندىمۇ پۇقرالارغا جەبرى- زۇلۇم كۆپ بولدى. مەنسەپدارلار ئۆز قولىدىن پۇل بەرمىدى. چىققان كانمۇ يوق بولۇپ كەتتى ۋە يەنە نەچچە تۈرلۈك باجنى پەيدا قىلدى. پۇقرالاردىن ھەر ئايدا ئالىدىغان بىر خىل پۇل بولۇپ، بۇنى ”چوقا بېشى“دەپ ئاتايتى.

مەنبە: http://ellturk.blogspot.com/2009/07/historical-acclaim.html

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخي ئەسەرلەر، * دىنىي تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار