ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ـ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ

ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ( ﺗﺎﺭﯨﺦ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻯ)

5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-9-ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ “ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ” ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﻣﺪﻭﺳﺘﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭ 9-ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ 63 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﺎﻻﻳﻰ-ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﯩﺪﻯ.

2-ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﺍﺭﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻕ 61 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ 37 ﺳﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻲ 50 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ 70 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﻛﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 18 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 27 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ 27 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ، ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯩﻨﭻ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻡ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ-ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﺘﻰ.

ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭ
1941-ﻳﯩﻠﻰ، 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﻰ 190 ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ، 4000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﺎﻧﻜﺎ، 5000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ، 47 ﻣﯩﯔ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ، 200 ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ، ﻫﺎﯞﺍ ﯞﻩ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ 27 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻐﺎ ﺯﺍﻣﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻓﺎﻛﯩﺲ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 2005-ﻳﯩﻠﻰ، ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﯧﺮﮔﯧﻲ ﺋﯩﯟﺍﻧﻮﭖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 26 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 600 ﻣﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﺮﺍﺟﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 8 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﯩﯟﺍﻧﻮﭘﻨﯩﯔ ﺳﺘﺎﺗﺴﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، 8 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 660 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺟﻪﯕﭽﻰ-ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ 4 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 59ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺰ-ﺩﯦﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﭖ-ﺗﻮﭘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﺪﯨﻦ 4 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 559 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ.
4 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 15 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ، ﺗﻮﯕﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ، ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩ ك گ ب ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ، ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ، ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻥ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻱ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﻪﺩﻩﻡ-ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ.
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، 1944-ﻳﯩﻠﻰ، 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﻮﺭﻣﺎﻧﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻥ. ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻮﭖ ﺳﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﮕﺮﺍﺩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺩﯨﻦ ﻫﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ، 1944-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﺯﻭﺭ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ

2-ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻛﺎﯞﻛﺎﺯﯨﻴﻪ ﻫﻪﻡ ﯞﻭﻟﮕﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻧﻨﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﻮﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺩﻩﭘﺘﯘﺩﻩﻙ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﻪﺩﻩﻟﻠﯩﺮﻯ، ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻼ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﺑﯘ ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ.
1941-ﻳﯩﻠﻰ، 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﯞﻩ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﻯ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺯﯨﭻ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﺎﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. 1941-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ، ﯞﻩ ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﭖ، ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ.
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ : ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ 6 ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ 1 ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 450 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. 640 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ 15 ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺑﺮﯨﮕﺎﺩﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﺪﻯ.
ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 600 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 425 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺪﻯ. ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ 20 ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ، ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﭘﺎﻧﻔﯩﻠﻮﭘﭽﯩﻼﺭ ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 300 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ، 90 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ. ﺯﻭﺭ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ 260 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، 90 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ.
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ 360 ﻣﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، 130 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ، ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﺯﻩﺭﺑﻪﻳﺠﺎﻧﺪﯨﻦ 700 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ 300 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺳﺎﻥ ﻳﻮﻕ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، 20-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﯟ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ 700 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﯚﺯﺑﻪﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ 200 ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺩﯦﺴﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ 100 ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ 30 ﻣﯩﯖﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﺑﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ 2-ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯘ 1937-1938-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﻜﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، 200 ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﺩﻯ ﺧﺎﻻﺱ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﯞﺭﻭ-ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺳﯘﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ، ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻫﻪﻡ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ، ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﯩﻴﻪ، ﺑﯧﻼﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻫﻪﻡ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺗﺎﻍ-ﺋﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﻪﺷﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﻮﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯ ﯞﻩﺗﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻫﻮﻗﯘﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺧﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ،1944-1945-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﺮﺍﮔﺎ، ﯞﺍﺭﺷﺎﯞﺍ، ﻛﺮﺍﻛﻮﯞ، ﺑﯘﺧﺎﺭﯦﺴﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯧﺮﻟﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻛﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭺ ﺋﯚﻟﻜﻪ-ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﻳﯩﻨﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﺶ –ﺗﯩﺮﻧﯩﻐﯩﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯩﺮﺩﻩﻙ ﮔﯜﺭﻛﯩﺮﻩﭖ، ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺪﯨﻴﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻱ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺴﺘﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ 2-ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻪﯓ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻻﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﻮﺯ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻮﺯ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺯﻻﭖ، ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻛﺘﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻻﻻﻣﺪﯗﻕ –ﻳﻮﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﭼﺎﻗﭽﯩﻘﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﯩﻤﯘ؟

1941-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﻏﺒﻠﯘﻳﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑﯩﺘﭽﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ، ﻗﺎﺯﺍﻕ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ،ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻥ، ﺗﺎﺟﯩﻚ، ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﻟﭙﺎﻕ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻳﺎﺭﯨﺪﯨﻐﯩﺪﻩﻙ ( ﭘﯘﻝ-ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﻕ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ) ﻳﻪﻧﻰ 18 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 50 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺵ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻜﻰ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ، ﻗﺎﺯﺍﻕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺳﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻖ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭ ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺭﯗﺱ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻫﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻗﻮﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﯩﯟﯨﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻬﯘﺩﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻥ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰﻻﺭ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻫﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻡ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭ ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻕ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻧﻜﯟﺩ (ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﮕﺐ ) ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﻣﻪﺳﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﻬﯘﺩﻩ ﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﻩ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﮕﺐ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯘﺷﻤﯘ-ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻧﺎﺗﺴﯩﺴﺘﻼﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻻﮔﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻙ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ،ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ كۆﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪ. ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﭘﯩﺖ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﻓﺎﺷﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺭﻭﻫﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻐﺎ ﺗﻪﮔﻪﭖ، ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ 80% ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﺎﻻﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯘﻣﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﭼﻮﻗﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﻟﻰ ﻗﻪﻳﯘﻡ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻻﮔﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ،، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ، ﻗﺎﺯﺍﻕ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ، ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻥ، ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﻟﭙﺎﻕ، ﺗﺎﺟﯩﻚ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻘﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ-ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﭽﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﮔﯩﺘﻠﯧﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ 1941-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﻔﺮﯦﺪ ﭘﻮﺯﯦﻨﺒﯧﺮﮔﻨﯩﯔ “ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻮﺋﺎﺭﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﻟﻔﺮﯦﺪ ﺭﻭﺯﯦﻨﺒﯧﺮﮒ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ، ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، “ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ” ﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﻛﺎﺳﭙﯩﻲ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ئۆﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ، ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﺍﻳﺴﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﭼﻮﻗﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﻟﻰ ﻗﻪﻳﯘﻣﺨﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻮﻟﻮﮔﻼﺭ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﯩﻼﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺑﯩﻖ 1917-1920-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﻮﻗﻪﻧﺖ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﭖ، “ﻳﺎﺵ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ” ﺟﯘﺭﻧﯩﻠﯩﻨﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﯞﺍﻧﮕﺎﺭﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﭼﻮﻗﺎﻱ (ﻗﺎﺯﺍﻕ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﻟﻰ ﻗﻪﻳﯘﻣﻨﯩﯔ(ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ) ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ “ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﻳﻪﻧﻪ “ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ “ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺟﯘﺭﻧﺎﻝ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ. ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﻫﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﯞﯦﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ.
ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻓﻮﺭﻣﯩﺴﻰ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﯕﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﺷﺘﺎ ” ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ “، 1944-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ” ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻗﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﯕﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.
ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ،،ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ، ﻛﺎﯞﻛﺎﺯﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﻞ-ﺋﯘﺭﺍﻝ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ، ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﯩﻴﻪ، ﺑﯧﻠﻮﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻼﯞﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺯﺍﻛﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺷﻮﺋﺎﺭﯨﻨﻰ ﻛﻮﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
1941-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﺋﯧﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﭘﻮﻟﺸﺎﺩﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﻻﮔﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯚﺕ ﺭﻭﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﻮﻟﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1942-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺳﺘﺮﺍﺧﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮﻧﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﺮﺍﺧﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯﻩﺭﺑﻪﻳﺠﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﺎﺗﺎﻟﯩﻴﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﺗﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺮﺍﻧﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﮕﺮﺍﺩ ﯞﻩ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﻮﻟﻜﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯗﭖ، ﺭﯗﺱ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺪﻯ..
ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ 1941-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ 1944-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ 30 ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﺎﺗﺎﻟﯩﻴﻮﻧﻰ، ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﻮﻟﻜﻰ ﯞﻩ 45 ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺭﻭﺗﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ 162- ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﻧﻰ 70 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ (ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﺍ 100 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ).
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﭘﯩﻼﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﮔﻮﺳﻼﯞﯨﻴﻪ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﻠﻮﯞﯨﻨﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ 162-ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻧﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭘﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﻳﻮﻝ ﻳﺎﺳﺎﺵ، ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭖ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز