ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ

ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 9 -ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ 13 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻫﯚﻛﯘﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ .ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻤﯩﻨﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯞﻩ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .
ﻣﯩﻼﺩﻯ 840 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺗﯜﻛﻪﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﯨﺰ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﭘﺎﻥ ﺗﯩﮕﯩﻦ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯚﭼﯜﭖ ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ .
9 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﺎﻕ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﺋﯜﻧﯩﯟﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻻﺳﻨﻰ ﺋﯧﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ .
893 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﺎﻕ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﯩﺖ ﻗﯩﻠﺪﻯ .10 ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺳﺎﺗﯘﻕ ﺗﯩﮕﯩﻦ ( ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ) ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺗﯘﻕ ﺗﯩﮕﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ .930 – ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﺎﻕ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ . 942 -ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺳﯘﻳﺎﭖ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 955 – ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﻪﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺩﻩﭘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . 956 – ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﺳﺎ ﺋﯧﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ( ﺗﯜﺭﯛﻛﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﻳﺘﺎﺵ ) ﺑﯘﻏﺮﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . 960 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﯩﺖ ﻗﯩﻠﺪﻯ .971- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﺳﺎ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﺪﻯ .992 – ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﺳﺎ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . 992 – ﻳﯩﻠﻰ ﻫﺎﺭﯗﻥ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺗﻪﺧﯩﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ ، ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ، ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻣﺎﯞﺭﺍﺋﻮﻧﻨﻪﻫﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﺘﻰ .997- ﻳﯩﻠﻰ ﻫﺎﺭﯗﻥ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ ﺋﯜﻧﯩﯟﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺧﯩﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ .999- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ .1007 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺯﯨﻨﯩﯟﻯ ( ﻏﻪﺯﯨﻨﻪ ) ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺪﻯ. 1032- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺗﯩﮕﯩﻦ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻥ ﺋﯜﻧﯩﯟﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﻰ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﯩﺖ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﯩﺖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻫﻪﻣﻤﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﻛﻪﻧﺖ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ .1039 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺒﯩﺮﻩﻫﯩﻢ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ “” ﺗﺎﻣﻐﺎﭺ ﺋﯩﺒﯩﺮﺍﻫﯩﻢ ﺧﺎﻥ “” ﺋﯜﻧﯩﯟﺍﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ .1041 – ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ( ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ) ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺗﺎﻣﻐﺎﭺ ﺋﯩﺒﯩﺮﺍﻫﯩﻢ ﺧﺎﻧﻐﺎ ﺋﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ .1056 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ “” ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ “” ﺋﯜﻧﯩﯟﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺧﯩﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ .1068 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﭘﺘﻪ ﺗﺎﻣﻐﺎﭺ ﺋﯩﺒﯩﺮﺍﻫﯩﻢ ﺧﺎﻥ ﺳﺎﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯩﺒﯩﺮﺍﻫﯩﻢ ﺧﺎﻥ ﺗﻪﺧﯩﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ .1069 – ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1070 – ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻳﯜﺳﯘﭖ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭗ “” ﻗﯘﺗﺎﺗﻘﯘﺑﯩﻠﯩﻚ “” ﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ،ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﺋﯩﻠﻰ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺧﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ .
1072 – 1075 – ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﯩﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ “” ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ “” ﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ، ﺑﺎﻏﺪﺍﺩ ﺧﻪﻟﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ .
1105 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻫﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻥ ﺗﻪﺧﯩﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ . 1105 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺟﯧﻠﯩﻞ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍﺩ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﯟﻩﺗﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ .1124 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﻳﻪﻟﻠﯩﻎ ﺗﺎﺷﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﺋﯧﭽﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . 1128 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﯩﺒﯩﺮﺍﻫﯩﻢ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻫﻤﻪﺕ ﺑﯘﻏﺮﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ، ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ ، ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ . ﺋﯩﺒﯩﺮﺍﻫﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺪﻩﻡ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﯩﻤﻠﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ . 1133 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 1141 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺟﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ . 1141 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺳﻪﻧﺠﺎﺭﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯩﺪﺭﻩﺯﯨﻢ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ . 1156 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺒﯩﺮﺍﻫﯩﻢ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻫﻤﻪﺕ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﺎﯞﺭﺍ ﺋﯘﻧﻨﻪﻫﯩﺮ ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ .1200 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﭘﺘﻪ ﺋﯩﺒﯩﺮﺍﻫﯩﻢ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﯞﺭﺍ ﺋﯘﻧﻨﻪﻫﺮ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﻏﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﺘﻰ . 1204- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﯧﺌﯩﭽﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ . 1204 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ .ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﯘﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ .1211 – ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﺎﺭ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﭼﻮﺭﯗﻗﺘﻰ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﺪﻯ. 1211 – ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1212 – ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺯﯨﻤﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ .1218 – ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﯘﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﭗ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻨﻰ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 1219 – ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﻏﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 1221 – ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﺪﻯ .ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ .

http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=21479

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار