ئىسلام ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىر داموللام

ئابدۇقادىر داموللام ئۇيغۇرلار ئاريسىدىن چىققان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى. خەلقپەرۋەر، مەرىپەتچى شائ

ىر ئابدۇقادىر داموللا 1862-يىلى قەشقەر

اتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ،1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . ئابدۇقادىر داموللا بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان . ئىلىم – پەن بىلەن خەلقنى ئاقارتىش ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش شۇئارى ئاستىدا بارلىق ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىچە ئىلىم – پەن ۋھ مەدەنىيەتنى گۈللەندۇرۈشكە سەرپ قىلىپ ، «ئاممىغا نەسىھەت»،«زۆرۈر ئەقىدىلەر»، «گۆدەكلەرگە تەلىم»، «ھەقىقەت جەۋھىرى»، «ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچى»، «ئىلمىي ھېساپ» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋە ئىلغار دېموكراتىك خاھىش سىڭدۈرۈلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان .

يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى

سوغۇق راسا ئەۋجىگە چىققان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئابدۇقادىر داموللام ھاممام كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ھاممامنىڭ (مونچا) ئوچىقى ئەتراپىدا كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان بىر توپ سەرگەردان بالىلارنى كۆرۈپ قالىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ باش – كۆزلىرى كۈل بىلەن بۇلغىنىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن ، ئۆسۈپ – چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرى گەدىنىگە چۈشكەن ، يېلىڭ – يىرتىق كىيىملىرىدىن قورايدەك ئورۇق بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ ، ئۇلار كۈندۈزى ناۋايخانا ۋە ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىدا تىلەمچىلىك بىلەن قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن ، ئاخشىمى سوغۇقتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردە تۈنەيتتى .

كۆزلىرى قۇمچاقتەك ئويناپ تۇرىدىغان بۇ ئىگە – چاقىسىز نارەسىدىلەرنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ، يۈرەك – باغرى ئېزىلگەن داموللام : _ جېنىم بالىلىرىم ، قەشقەردەك بىر چوڭ شەھەردە ھالىڭلار مۇشۇ كۈنگە قالدىمۇ ؟ يۈرۈڭلار ، مەن سىلەرنىڭ قورسىقىڭلارنى تويغۇزۇپ ، مۇزلىغان بەدىنىڭلارنى ئىسسىتاي ! _ دەپ ، بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئەكىتىدۇ . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئايالى نائىلە خېنىم يېتىم بالىلارنى بۇ ھالدا كۆرۈپ ، كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ ۋە ئانىلىق مېھرى بىلەن ئۇلارنى ئىسسىندۇرۇپ يۇيۇندۇرىدۇ . ئاندىن تاماق تەييارلاپ ، ئېچىرقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ . داموللام بۇ باشپاناھسىز بالىلارنى ئۆزى مۇددەرسلىك قىلىدىغان مەدرىسنىڭ بىكار ھۇجرىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇلارنى بېقىپ ، ئۆز شاگىرتلىرى قاتارىدا بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ .

ئاممىغا نەسىھەت

بىر مۇنچە تالىپ بالىلار قەشقەر كوچىلىرىدا كىشىلەرگە تەشۋىق ۋەرەقى تارقىتىپ يۈرەتتى . ئۆتكۈنچىلەر يولدىن توختاپ : < ماڭا بىرنى !> ، < ماڭا بىرنى !> دىيىشىپ ، بالىلارنىڭ قولىدىكى قەغەز پارچىلىرىنى يۇلۇۋېلىشاتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەت ئوقۇيالايدىغانلىرى ھۆسنخەت شەكلىدە دانىمۇ دانە يېزىلغان ۋە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان مۇنۇ قۇرلارنى ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇشاتتى .: < …………بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر ، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر . سەئى ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر ، سۇسلۇق -بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر . باشقا خەلقلەر ئىلىم – مەرىپەت كۆكىدە ئۇچماقتا ، سۇ تەكتىدە ئۈزمەكتە . بىزلەر بولساق ھامان غەپلەت ئۇيقۇسىدادۇرمىز . ئۇيقۇ _ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر . بۇ تەرزدە داۋاملىق ئۇخلىماق زاۋاللىق ۋە ھالاكەتتۇر . ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى ، ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر ……….> تەشۋىق ۋەرەقىسىگە يېزىلغىنى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ < نەسىھەتى ئامما > ( ئاممىغا نەسىھەت) دىگەن ئەسىرى بولۇپ ، داموللامنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى بىر نەچچە يۈز نۇسخا كۆچۈرۈپ چىققانىدى . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ < نەسىھەتى > گويا قاراڭغۇ روجەكلەردىن بۆسۈپ كىرگەن قۇياش نۇرىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل قەسىرىنى نۇرلاندۇردى . ئۇلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ ، كۈرەشچانلىق ئېڭىنى ئۆستۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلىقىدا چەتئەل جاھانگىر كۈچلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى خەلق كۈرىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى .

ئالىمنىڭ ئۆلۈمى

1924-يىلىنىڭ يەر -جاھاننى زۈلمەت قاپلىغان بىر كېچىسى ئابدۇقادىر داموللام ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئولتۇرۇپ ، ئىلمىي مۇتائىلە قوينىغا چۆكۈپ كەتكەنىدى . توساتتىن بىر شەپە ئاڭلانغاندەك بولدى – دە ، داموللام : < كىم ؟> دىگەن سۇئال بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۈلگۈرمەستىنلا شام يورۇقىدا ۋال -ۋۇل قىلغان بىر زەھەرلىك پىچاق ئالىمنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى . داموللام سۇسقىنا ئىڭراپ ، ئوتقاشتەك گىلەم ئۈستىگە يىقىلدى . ۋەتەن – مىللەت ئىشقىدا ئوت بولۇپ كۆيگەن يالقۇنلۇق يۈرەك بۇ ئەجەللىك زەربىدىن قانسىراپ ، ئاستا – ئاستا سوقۇشتىن توختىدى ! ………

بۇ _ چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ، مۇتەئەسىپ روھانىيلار ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىرلىكتە پىلانلىغان رەزىل سۇيقەستنىڭ ئۇلارغا ياللانغان ئىت يۈرەك خائىن تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىدى . بۇ شۇم خەۋەر بىر پەستىلا شەھەر – يېزىلارغا پۇر كەتتى . قەشقەردىكى مۇددەرس – ئالىملار ، ياش تالىپلار ، ھۇنەرۋەن -كاسىپلار ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كىرگەن دېھقانلار ۋە يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز قايغۇ – ھەسرەتكە چۆكتى .خەلقنىڭ يىغا – زارى ئاسمان – پەلەككە كۆتۈرۈلدى . ھېيتگاھ مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى .پۈتۈن ئەل- يۇرت مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىۋاقىت ئېقىپ كەتكەن بۇ يولچى يۇلتۇز( قۇتۇپ يۇلتۇزى) غا ماتەم بىلدۇردى !…….

خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دانىشمەن ئالىمىنى يادلاپ ، ئۇنىڭ شەنىگە مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپ چىقاردى :

تاغۇ تاشلار تەۋرىنىپ ،

قاتتىق چاقماق چاققانمۇ ؟

تۈمەن دەريا سۇلىرى

بۇگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟

ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز ،

كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز .

داموللامغا دەيۈزلەر

قەست قىلالماس دەپتىمىز .

داموللام شېھىت بولدى ،

ياتار جايى بېھىش بولدى .

داموللامغا قەشقەرلىك

كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى…..

بۇ قوشاقلار مەيدانغا كېلىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇشتەك قانات چىقىرىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ كەتتى .

ئابدۇقادىر داموللا ھېكمەتلىرىدىن تاللانما

1. ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى مەيلى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمەلىيتىگە باغلىق.

2. زاماننىڭ ھاتەلىرى سانىلىدىغان ئەرلەر مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان، دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن، بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ھەق
سۆزنى ئېيتقان كىشلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.

3. ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنت-شېكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتتى.

4. ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، قۇرۇق دېمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال:غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نېمىدىگەن ياخشى؟ بىر مىسال باركى، كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۆكۈزدىن سۈت، مۇزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەر.

5. ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆزى ئاشكارىلاپ بولۇپ، ئۇنى “يېيىۋەتتى” دەپ باشقىلارنى ئەيىپلىسە، ئۇ ئەخمەقتۇر. چۈنكى، ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا باشقىلارنىڭ قەلبى قانداق سىغدۇرالىسۇن؟!

6. توغرا سۆزگە ئىشەنمەي، خاتا سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان قەۋم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش قىيىن.

7. گەرچە لاياقەتسىز يەر بولسىمۇ ياخشىلىق تېرىغىن، ياخشىلار قەيەرگىلا تېرىلسۇن، زايە كەتمەيدۇ. ياخشى ئىشقا گەرچە ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۇسۇلىنى پەقەت تېرىغان كىشىلا كۆرىدۇ.

8. كىتاپ ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي، كىتاپنىڭ شەرھ-ئىزاھلىرىغىلائېسىلىۋالسا، گويا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

9. كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا، ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن.

10. چىراينىڭ ھۆسنىگە تولمىقى بىلەن تۆمۈرنىڭ پارقىراق بولمىقى بىلەن
يىگىتنىڭ پەزىلەت شەرتى تولامدۇ؟ يەمەندىن چىققانغا دەلىل بولامدۇ؟

11. كىچەيۇ-كۈندۈز مېھنەت بىلەن بولۇپ، ئۆز ئابرويىنى ساقلىسا، مۇنداق كىشى ئەلدىن ئازار كۆرمەيدۇ، ھېچ زامان خار بولمايدۇ.

12. پەسەندىلەرگە ھەرگىزمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمە، ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويىسەن. قوپاللىق قىل، ئىتائەت قىلىپ باش ئەگكەن ھالدا ئالدىڭغا كىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا پۈتۈن دېڭىز سۈيىنى قۇيساڭمۇ يۇمشىمايدۇ.

13. ئەگەر سەن سۈيۈڭنى 《ئەخلەت چۈشكەن》 دەپ ئىچمىسەڭ، ئۇسسۇز قالىسەن. قانداق كىشىنىڭ سۈيىنىڭ ھەممىسى ساپ بولغان؟ يەنە قانداق كىشىنىڭ ھەممە ئىشى دۇرۇس دەپ قارالغان؟ كىشىنىڭ ئەيىپلىرىنىڭ سانالغانلىقى ئاشۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر:
ھەرقانداق كېسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

14. نەپس شۇنداق بالادۇركى، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا، ئۇ ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۈرۋېتىدۇ. خۇدا، نەپس بالاسىدىن ساقلىغايسەن.!!!

15. بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەمىنى قايتا-قايتا تېتىپ كۆردۈم.لېكىن، مەن تېتىغان نەرسىلەر ئىچىدە گادايلىقتىنمۇ تەمى ئاچچىق نەرسە يوقكەن. مېنى قايغۇغا سالغان نەرسىلەر ئىچىدە دۈشمەننىڭ شادلىقىدىن باشقىسنى تاپالمىدىم.

16. ئالىم شاگىرتلىرىغا ئىلىم ئۆگەتكەندە، غەرەزدىن خالىي بولۇپ، ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل قاراتسا، زامان ئەھلى نەزىرى تار موللىلاردىن قۇتۇلىدۇ.

17. ئىلىم-مەرىپەتنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمىغان جايدا مەرىپەت ئەھلى شۆھرىتى يوقىلىپ، خارۇ-زارلىققا يۈزلىنىدۇ.

18. غەپلەتتە دائىم ئۇخلىماق- يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر.

19. كىشلەرنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى دائىم ھەجۋىي قىلىدىغان كىشى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ھەجۋىي بىلەن يارا قىلىدىغانلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ ھەجۋىيسىگە تۈكۈرمەك كېرەك.

20. ياخشىلىققا يات، مال-دۇنياغا مايىل بولۇپ، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆزىگە سۈرتۈپ ئۆتكەن غېنىلەر ياخشى يولدا مېڭىشتىن باش تارتقان جىنايەتكارلاردۇر. ئۆز مېلىدىن ئۆشرە-زاكات ئايرىمىغان بايلار خىيانەتكارلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ قولىدىكى مال ئامانەتدارنىڭ قولىدىكى مالغا ئوخشاش ئۆزىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار ئۆلىدۇ. مېلى قالىدۇ.

21. دۇنيادا نىيەت-ئىقبالى دۇرۇس، كۈچ-قۇۋۋىتىمۇ يېتەرلىك نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتكەن. ئەمما ئۇلار دائىم ئارزۇلىرىغا يېتەلمىگەن. يەنە نۇرغۇن زەئىپ، ئاجىز كىشىلەرمۇ ئۆتكەن. ئۇلار ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە قېنىپ، مۇرادى دېگۈدەك ھاسىل بولۇپ ئۆتكەن.

22. سۆز زىننەتتۇر، سۈكۈت بولسا خاتىرجەملىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سۆزلىمە. مەن سۈكۈت قىلغىنىمغا بىر قېتىممۇ پۇشايمان يېمىدىم. ئەمما، سۆزلىگىنىمگە كۆپ قېتىم پۇشايمان يېدىم.

23. ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخت-سائادەت ۋە شاراپەتلىرى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

24. بىلىڭلاركى، بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر. جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر؛ سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت-ئىجتىھات ۋاقتىدۇر.

25. گۈل شۇنچە باراقسان ھەم خۇش پۇراق ئېچىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى تۇزۇپ چېچىلىشتىن خالىي بۇلالمىدى. ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇ گۈلنىڭ ئېچىلىشىدن توزۇغانچىلىك ۋاقىتتۇر. مۇشۇنچىلىك ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلمەي، كۆڭۈللەرنى ئورۇنسىز رەشىك-ھەسرەت زەردابلىرى بىلەن ئۇپرىتىشتىن بىزگە نېمە پايدا بار؟

26. ئىلىم بىلەن نىجات تاپ، مەڭگۈ ياشنايسەن.

27. ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى كىشلەر ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقنى ئىرغىتىپ تاشلاپ، مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشىدۇر. ئەگەر قادىر بۇلالىساڭ، كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى ئىشلاردىن باشقىنى قىلما، بارلىق يىراق ئىشلاردىن يامان بول.

28. ھەركىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىغا ئۆزىنىڭ پېئىل-ئېتىبارى سەۋەپچىدۇر.

29. ئىتتىپاق-بۆلۈنمەسلىكتۇر. ئىلگىرىلەش-چېكىنمەسلىكتۇر.

30. سۇئال: ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئولۇغلۇقى نېمە بىلەن بولىدۇ؟
جاۋاپ: ھەقىقەت ۋە راستچىنلىققا ئەگىشىپ ئەمەل قىلماق بىلەن بولىدۇ.

31. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغۇچى بولما. دوستلار سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. شۈبھىىسزكى، خارلىق دېگەن كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماقتۇر. گەرچە سېنىڭ سورىغىنىڭ 《يول نەدە؟》دېگەن سۇئال بولسىمۇ.

32. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلىرى ھىممەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئەمگەكچان قوللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان. شۇڭا، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزمۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈزەللىكى ئۈچۈن بولىشى كېرەك.

33. ھەرقانداق بىر ئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا، ئۇ قىلچە پايدا بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدۇ.

34. سۇئال: مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نېمىدۇر؟
جاۋاپ: ئىككى نەرسىدۇر: بىرى، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق؛ يەنە بىرى، تەپرىقىچىلىك ھەم ئىختىلاپتۇر.

35. نىيەت قانچە ياخشى بولسىمۇ، پايدىلىق ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، كامالەتكە يېتەلمەيدۇ.

36. قانائەت ئەھلى ئەل ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئەلالىرىدىن سانىلىدۇ. ھەرقانچە ئىززەتلىك، ئېسىلزادە كىشى بولسىمۇ تەمەخور بولسا، ئىززىتى نابۇت بولىدۇ. ئېتى 《ئەنقا》ئاتىلىدىغانلارنى زامانداشلىرىمىزدىن كىم كۆرۈپتۇ؟!… دېمەك، قانائەت ئەھلى ئەنقا كەبى يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر.

37. ئەقىل، بىلىم ۋە ئەخلاق خارلانغان جايدا نەپس نادانلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۇقەررەر.

38. بىز ئۈچۈن قىممەتلىك نەق بايلىق ھېسابلىنىدىغان ئۆمرىمىز ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئايىغى چىقمايدىغان رەشىك-خۇسۇمەتلەر ئىچىدە ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى. بىز بولساق، بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارغا پىسەنت قىلماي، غەپلەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز.

39. دۈشمىنىڭدىن بىر قېتىم ئېھتىيات قىلساڭ، دوستۇڭدىن مىڭ قېتىم ئېھتىيات قىل. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالسا، زىيان سېلىشتا دۈشمەندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ.

40. مېنىڭ يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر. مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سېخىيدۇر.

41. ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە، سەن كۆزۈڭگە 《باشقىلارنىڭمۇ كۆزىنى بار》دېگىن. ئەگەر ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، باشقىلارنى ئەيىبلىمەيتتىڭ. ئەگەر ئۆزۈڭدىكى ئەيىپنى كۆرەلىسەڭ جىم بۇلاتتىڭ.

42. مۇھەببەت ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇھەببەت ئەھلىگە گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل تەبىئەتلىك كىشىلەردىن باشقىسى كېرەك ئەمەس.

43. ھەربىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ.

44. قوشنىلارغا پىشكەللىك يەتسە، ياردەم بەرمەسلىك قوشنا ھەققىنى ئادا قىلمىغانلىقتۇر:
دوست دېگەندەك ساماندەك سەيلىدە، باغدا
ئايرىلۇر دوست-دۈشمەن ئەڭ قىيىن چاغدا.

45. بۇۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى يىغىىسى دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى نەرسىلەرنى بىلدۈرگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بۇۋاقنىڭ قورساقتىن كەڭرى جايغا چىقىپمۇ يىغلىغىنىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بالا دۇنيانى كۆرۈپلا دۇچ كېلىدىغان ئازاپلارنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغاندەك يىغلاپ كېتىدۇ.

46. دەۋر بىرخىل ھالەتتە تۇرمايدۇ، بەزىدە ئارقىسىنى قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ سېنى سەن ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا ئۇچراشتۇرسىمۇ سەۋر قىل. چۈنكى دەۋر سەۋر قىلمايدۇ.

47. قەلەم ئەھلىنىڭ ئاچكۆز بولغىنى ھەممىدىن يامان. ئۇنداقلار نەپىسنىڭ خاھىشى بىلەن بىرنى يىغلاتسا، بىرىنى كۈلدۈرىدۇ. بۇنداقلاردىن قايتا-قايتا ھەزەر قىلماق كېرەك.

48. قەلەم ئەھلىنىڭ ئەدل-ئىنساپلىق بولغىنى (بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھېچكىمگە ئەلەم يەتمىسە) ھەممىدىن ئەلا.

49. بىراۋنىڭ ۋەسفىنى قىلغان شائىر شۇ كىىشنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەقىقىي سۈپەتلىرىنى مەدھىيلىگەن بولسا، شۇ شائىر دوستلۇققا يارايدۇ.بۇ خىلدىكى شائىرلار ھەقىقىي ئەقىل ئىگىلىرىدۇركى، ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدا ئەيىپ-نۇقسان بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى تۈگىتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.

50. سۇئال: ئىززەت-ئابروي ۋە كۈچ-قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟
جاۋاپ: ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ:
تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى، ئىلىمدۇر بىباھا، قازسا پۈتمەس كان.
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى. ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان.
ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى، ئىلىملار نىجادلىق بىرەر مەڭگۈلۈك،
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى. بىلىملىك ھاياتتۇر، جاھىللار ئۆلۈك.
پەزىلەت كۆپ ئىرۇر بۇ ئالەم ئارا، ئى ياش بىل، جاھىللىق نۇمۇستۇر بىشەك.
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەلىيۇلئەلا. نادانلىق زۇلمىغا رازىدۇر ئىشەك.

51. كىمكى ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن دۇنيانى ماختىسا، قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ. ئەگەر دۇنيانىڭ قولدىن كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ھەسرىتى بولسا، كەلگەنلىكى ئۇنىڭ غېمىنى كۆپەيتىدۇ:

بەزىلەر بار 《گەرچە گۇناھ مەندە تورۇپ، خورجۇننىڭ ئالدىنىلا كۆرۈپ، لېكىن
قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي؟》دېمەيدىغان. 《ئارقا كۆز نە بار؟》 دەپ غەم يېمەيدىغان.

52. ئەمالارنى 《دۆت》 دەپ ئەيىپلىمە. بۇ مەسىلىدە دانالارنىڭ سۈكۈت قىلىشى توغرىدۇر. سەن قارىغۇلاردىن ھايا كۈتمە. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى ھايانىڭ ئورنى خاراپتۇر.

53. خار ھاياتتىن ئۆلۈم گۈزەلرەك. چۈنكى، بەزى نومۇسسىز ئىشلارنى ھېچقانداق كىشى ئۆچۈرەلمەيدۇ:
پەيتى كەلسە ياخشى مالدىن كەچسەڭ بىراق،
ئابرويۇڭ مەڭگۈ سېنىڭدىن كەتمەس يىراق.

54. ئەگەر مەن بىرەر نەرسىدىن ھەيران قالدىم دېسەم، ياشلارنىڭ قەدىر-قىممەتسىز ئىش ھەرىكەتلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغان بولىدۇ.

55. بۇۋاقنىڭ تۇغۇلغاندا ئالقىنىنى يۇمۇۋالغانلىقى ھاياتلىقتىكى ھېرىسمەنلىكنىڭ بېشارىتىدۇر. ئۆلەر ۋاقتىدا ئالقىنىنى ئېچىپ قويغانلىقى بولسا، 《ئاگاھ بولۇڭلار مەن دۇنيادىن ھېچ نەرسە ئالماي كەتتىم》دېگىنىنىڭ بېشارىتىدۇر:

باق ئوغلۇم خەلقىڭگە ئىللىق كۆز بىلەن، كىچىككە رەھىم قىل، چوڭىغا ئىززەت،
ھەم كۆرسەت مېھرىڭدىن لۇتفى ئىنايەت. خەلق ئەتكەن ھەققىگە قىلما خىنايەت.

56. ئەگەر سەن ئەقلىڭنى توغرا ئىشلەتسەڭ، ياتقان ئورنۇڭ كېچىدىمۇ ئەقىل نۇرى بىلەن دائىم يورۇپ تۇرىدۇ.

57. بىر قەۋمدا ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىققا يېتەكلىگۈچى مەنىۋى رەھبەر بولمىسا، بۇ قەۋم كىشىلىرىنىڭ چېچىلغىنى چېچىلغان.

58. ئەيىبلىك كىشىلەرنىڭ ئەيىبى بىلەن پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ پەزىلىتىنى خەلق بىلمەمدىكىن دەپ قالما. چۈنكى، خەلق ئەڭ ئادىل نازارەت قىلغۇچى(كۆزەتكۈچى)دۇر.

59. ئىنساننىڭ ئەڭ يامان ئىشى ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئۇنتۇپ قېلىش ۋە قېرىندىشىدىكى يېپىلىپ قالغان ئەيىبلەرنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈشتۇر. ئەگەر ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغان بولسا، ئۆزىگە قارىسا يېتەرلىك ئەيىبلىرى تۇرغان يەردە باشقىلارنى ئەيىبلىمىگەن بولاتتى.

60. دۇنيادا ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقارغان ئەل كۆزلىگەن مەقسەتكە مۇقەررەر يېتىدۇ.

61. مۇشەققەتلەردىن كېيىن ئارزۇغا يېتىش مۇقەررەردۇر.

62. تارىخ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، بەدەۋىيەتتىن مەدەنىيەتكە، قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا، قاباھەتتىن گۈزەللىككە قاراپ راۋاج تاپقان.

63. داۋالاش قىىين بولغان كېسەلگە سەۋر داۋا بولىدۇ.

64. ئۆمرىدە مېلىغا ئاپەت تەگمىگەن، دۆلىتى زىيادە بولغان سودىگەرلەر ئۆز مېلىدىن ۋاقتىدا ئۆشرە-زاكات ئايرىيالىغان، غېرىبلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرالىغان، ئاچلارنى ۋاقتىدا تويغۇزالىغان، يالىڭاچلارغا تون ياپالىغانلاردۇر.

65. زامان ئەھلى ھەرقاچان ئاگاھ بولمىقى لازىمدۇر، كىشىنىڭ تېنىدە ئەقىل بىلەن نەپس دائىم ئېلىشش ئۈستىدىدۇر. نەپس ئادەمنى ھۇزۇر-ھالاۋەتلەر، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالار قىززىپ تۇرغان غاپىللىق يولىغا تارتسا، ئەقىل ئادەمنى زاماننىڭ ناشايان ھالاۋەتلىرىگە بېرىلمەسلىككە، ھەرقاچان غاپىللىقتىن ھۇشيار تۇرۇشقا تارتىدۇ. كىمدە ئەقىل غالىپ بولسا، ئۆمۈر بويى پۇشايمان نادامىتىدىن خالىي ھالدا شاد-خۇراملىققا ھەمراھ بولۇپ ئۆتىدۇ. نەپسى غالىپ بولغان كىشى ئاخىرىغىچە تەمە خارلىقى بىلەن ئۆتىدۇ.

66. ياخشىلىقنى ئادەت قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق قول بولۇش كېرەك. ئوچۇق قول كىشى ئىززەتتىن نېرى بولالمايدۇ.

67. ئەقلىڭدىن مەسلىھەت سورا. ئەقىلدىن باشقىسىنى كېرەكسىز ھېساپلا.

68. خارلارنىڭ خار تۇرمۇشىغا رازى بولۇشى ئۇلارنى تېخىمۇ خارلاشتۇرىدۇ.

69. دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇلۇغ كىشى دۇنيادا باشقىلارغا تايانمايدىغان كىشىدۇر.

70. دانىشمەنلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىدۇ. ئولتۇرۇشلارنىڭ تۆرى ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن زىننەتلەنگەن بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسىلىلەرنىڭ يۈزى غۇۋالىشىپ قالسا، ھەق يولنىڭ يۈزى ئۇلار بەرگەن جاۋاپ بىلەن نۇرلىنىدۇ. ئۇلار سۈكۈتتە تۇرسا، باشقىلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرىشىغا ئورۇن قالمايدۇ. گەپ قىلسىمۇ باشقا گەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئورۇن قالمايدۇ.

71. مەن قەيەردە بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر كۆڭلۈم خۇشال ياشايمەن. قانداقلا بولسۇن ئاپەت، زىيانلاردىن قورقۇپ قالمايمەن.

72. مۇھەببەت ئەھلى بولمىغان كۆپ كىشىلەر مۇھەببەت دەۋاسى قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇھەببەتتىن بەكمۇ يىراق. مۇھەببەت دېگەن قورقۇنچاق ۋە ئەخمەقلەرگە نەدە تۇرۇپتۇ. سېيماسى تولۇن ئايدەك مەھبۇبقا پەم-پاراسىتى يۇقىرى، ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر ئاشىق بولۇپ، مۇھەببەت دەردىدە ئۆرتىنىدۇ.

73. ئاي ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقى بىلەنلا ئۇلۇغلۇققا، ئالىي مەنزىلگە ۋە گۈزەللىككە ئىگە تولۇن ئايغا ئايلانغان.

74. سۆزنى گرامماتىكا بىلەن گۈزەللەشتۈر. چۈنكى، سۆز قائىدىسىدىن مەھرۇم بولغان كىشى سۆزنى بۇزىدۇ.

75. سۆزلەيدىغان ئورۇننى تاپساڭ، چوقۇم كەڭتاشا سۆزلە. ئەگەر سۆزلەيدىغان ياخشى سۆزنى تاپساڭ، ئايىماي سۆزلە. چۈنكى، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىم ۋە قابىلىيتىگە يارىشا ئۇ سۆزلەردىن توغرا چۈشەنچە ئالىدۇ.

76. ناۋادا رازى بولسام، دوستلىرىمنىڭ ئەيىبىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسىم ئەيىبلىرىنىمۇ كۆرمەيمەن. خۇددى نەپرەت كۆزى ئەيبتىن باشقىنى كۆرمىگەندەك. دوستلۇق كۆزى ئەيبلەرنى كۆرۈشكە ئاجىزدۇر.

77. ئۇ ئاشىقلارغا تەبەسسۇم قىلغان پېتى كۆرۈنىۋېدى، پۈتۈن ئىنسانلار ئۇنىڭ گۈزەل جامالىغا ھەيرانۇ-ھەس بولدى. مەن ئۇلارغا زىلەيخانىڭ ئۆزىنى ئەيبلىگۈچىلەرگە قارىتا ئېيتقان:《سىلەر مېنىڭ ئاشۇنداق گۈزەل ئالدىدا ئېزىققانلىقىمنى ئەيىبلىدىڭلار》دېگەن سۆزنى دېدىم.

78. ئېرىنىڭ پەرمانىدىن چىقماي ھەم مۇسۇلمانچىلىق، ھەم روزىغار خوتۇنلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش بىلەن بولغان ئاياللارنى ئىنسان ئەمەس، بېھىشنىڭ ھۆرى دەپ بىلمەك كېرەك. بۇ خىلدىكى خوتۇنلارغا ئەر بولغانلارنىڭ ئىقبالى ھەرقاچان يورۇقتۇر.

79. قاچانكى، كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىرى بوزۇلسا، ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇقسان يېتىدۇ. ئىتتىپاقلىق يۇقىلىدۇ. ھۇرۇنلۇق، بىكارچىلىقلار، زۇلۇم ۋە خىيانەتچىلىكلەر كۆپىيىدۇ. ئىلىم-مەرىپەت كېمىيىپ، شان-شۆھرەت خارۇ-زارلىققا ئالمىشىدۇ.

80. قايغۇ-ھەسرەت يېقىنقى خۇشاللىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.

81. بەزىلەر مېنىڭ ئۇ مەھبۇبنى ياخشى كۆرگىنىمنى ئەيىبلەشتى. بۇ مالامەتلەر مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشىق-مۇھەببىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مېنى مالامەت قىلغۇچىلار ئۇ مەھبۇبنىڭ تال-چىۋىقتەك قەددى-قامىتىنى كۆرگەندە، ماڭا ئۆزرە ئېيتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ تەبىئىتى نازۇكلۇقتا ۋە ئەخلاقى ئېسىللىكتە زاماننىڭ تەڭداشسىزىدۇر.

82. مەن شۇنداق كىشىمەنكى، سەمىمىيلىك ۋە ئەدەپ-ئەخلاق مېنىڭ تەبئىتىمدۇر. ئارتۇقچىلىق، ئەخلاق ۋە ھىممەتلەر مەندە باردۇر. سېخىيلىقىم كاتتىلىق شەرىپىمنىڭ دەلىلىدۇر. خىسلەتلىرىمنىڭ ئەڭ ئەقەللىيسى خەير-ئېھسان ۋە سېخىيلىق قىلىشتۇر. دانالىق، ئېھتىياتچانلىق، ئىشەنچ، بىلىم ۋە ئىشتىياق، ئىلىم-ئېرپان ۋە ھېكمەتلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ.

نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن سىدىق
مەنبە: بولاق ژورنىلى 2007-يىللىق 4- سان

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * دىنىي تارىخىمىز، * مائارىپ تارىخىمىز