مۇقامشۇناس، شائىرە ئاماننىساخان

ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﺷﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﺩﻭﻻﻥ ﻳﯘﺭﺗﻰ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﻛﯩﺖ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ) ﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﻧﺎﭖ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﺵ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺳﺎﺗﺎﺭ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﻣﺒﯜﺭ ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯩﺴﺎ ، ﻛﻪﭼﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﭖ ، ﺳﺎﺯ ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺷﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﺍﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺕ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . “ﺗﻪﯞﺍﺭﯨﺨﻰ ﻣﯘﺳﯩﻘﻴﯘﻥ ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﺋﯩﺴﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﻧﯧﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ :

” ….. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺯﯨﺮ – ﺋﻪﻣﯩﺮ ﯞﻩ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺩﻩﺷﺘﯩﮕﻪ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺷﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﺨﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻗﻮﻧﯘﭼﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﻪﮬﺮﺍ ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﻏﯧﺮﯨﯟﺍﻧﻪ ﻗﻮﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﻴﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ – ﺳﻪﺗﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﮬﺮﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺭﺍﺑﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﻮﻧﯘﭼﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺑﯘ ﺋﯚﻱ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﯘﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ساتتارﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺩﺗﯩﻦ ساتتار ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ : ‘ ﻣﻪﻥ ساتتار ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ، ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﻣﺎﯕﺎ ساتتار ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭ ، ﺩﻩﭖ ﺧﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ، ﻗﯩﺰﯨﻢ ﭼﺎﻟﯩﺪﯗ ” ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ : ‘ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ، ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ‘ ﺩﯦﺪﻯ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻗﯩﺰ ساتتارنى ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭘﻪﻧﺠﯩﮕﺎﮬ ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺌﯧﺮﻧﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺑﯩﮭﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ، ﺷﯩﺌﯧﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻤﺎ ﺑﯧﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ :

ﺳﻪﯕﺎ ﻳﯜﺯ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻳﺎﺭﻩﺏ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ، ﻓﻪﻗﯩﺮ ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻐﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻧﻨﻰ ﻓﻪﻧﺎﮬ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ .

ﻧﻪﻓﯩﺴﻰ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻞ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﻪﻗﺪﯨﺴﻘﻪ ، ﻛﻰ ﺷﺎﮬﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻎ ﮔﯘﻧﺎ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ .

ﻏﻪﺯﻩﻝ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ : ‘ﻧﻪﻓﯩﺴﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﻛﯩﻢ ؟ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﻏﻪﺯﻩﻟﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ؟ ‘ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ، ﻗﯩﺰ : ‘ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻣﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻣﻪﻥ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ، ﻓﯘﺯﯗﻟﻰ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﺎﻳﻤﻪﻥ . ﺑﯘ ﻏﻪﺯﻩﻝ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ، ﻧﻪﻓﯩﺴﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﯘﻡ ‘ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ . ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ : ’13 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ” ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﺎﯕﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻗﻮﭘﯘﭖ ، ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺷﯩﺌﯧﺮﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺧﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚﺳﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚﺳﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﺎﺭﺳﯩﺪﻩﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ : ‘ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ، ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﻱ ، ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺌﯧﺮ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ ‘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻗﯩﺰ ﺩﯛﯞﻩﺕ ، ﻗﻪﻟﻪﻡ ﯞﻩ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﻨﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ ؛ ﻳﺎﺭﻩﺏ ﺑﯘ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺳﯘﺋﯩﺰﻩﻥ ﻣﻪﯕﺎ ، ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯘ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯜﻧﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺗﯩﻜﻪﻥ ﻣﻪﯕﺎ .

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻛﯜﻟﯜﭖ : ‘ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻢ ، ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ ‘ ﺩﯦﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﮬﺮﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ : ‘ﺑﯩﺰ ﮬﯧﻠﻰ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﺰ” ﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﮔﺎﮬﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﯞﻩﺯﯨﺮ – ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﺎﺝ ﻛﯩﻴﯩﭗ ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻩﯞﺍﺝ ﻳﺎﭘﺘﻰ ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻮﻥ ﻗﻮﻱ ﯞﻩ ﺷﺎﻳﻰ – ﺋﻪﺗﻠﻪﺳﻠﻪﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﺪﻯ . ﺗﯜﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ 40 ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ …… ” ﺷﺎﺋﯧﺮﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ، ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ، ﺷﯩﺌﯧﺮﯨﻴﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ . ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ” ﺗﻪﯞﻩﺭﯨﺨﻰ ﻣﯘﺳﻘﯩﻴﯘﻥ ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ‘ ” ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ <ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻧﻪﻓﯩﺴﻰ> ﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺷﯩﺌﯧﺮﻻﭖ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ، ﺧﻮﺗﯘﻥ – ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ،<ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺟﻪﻣﯩﻠﻪ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﺯﺩﻯ . <ﺷﯘﺭﯗﮬﯘﻟﻘﯘﻟﯘﺏ> (ﻗﻪﻟﺒﻠﻪﺭ ﺷﻪﺭﮬﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﺴﺎﻟﻪ ﻳﺎﺯﺩﻯ . ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﻖ ، ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﺯ . ‘ﺋﯩﺸﺮﻩﺕ ﺋﻪﯕﮕﯩﺰ’ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻢ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ” ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ” ﻧﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ . خﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ- ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻳﯜﺭﻩﻙ 1567- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﻪﮬﻪﻝ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﻧﺎﻣﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ‘ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ” ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ، ﺋﻪﯞﻻﺩﺩﯨﻦ – ﺋﻪﯞﻻﺩﻗﯩﭽﻪ ﺩﯨﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺩﻟﯩﻨﯩﺪﯗ !!

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * سەنئەت تارىخىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار