ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ( ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﺦ ) ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﺋﺎﺑﺪﯗﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﺋﯩﻤﯩﻦ

ﺋﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﻰ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺯﺍﺕ ﺋﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ( ﺑﯘ ﺯﺍﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ” ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﺦ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﺩﯗﺭ – ﻧﺎﺯﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﺍﮬﺎﺗﻰ ) ﺋﯘ 51 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻛﻮﻧﺎ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﯩﭙﻠﯩﻚ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯘﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﺭﯗﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ.

ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ 1897- ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ. ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ” ﺗﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪ” ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﭙﻪﻡ ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ (<< ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ>> ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﯩﺌﺎﻟﻰ ﺧﻪﻟﭙﯩﺘﯩﻢ – ﻧﺎﺯﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﺍﮬﺎﺗﻰ ) ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ، ﻛﯧﻴﯩﻦ “ﺧﺎﻧﯩﻘﺎ” ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ. ﺷﯩﻨﺨﻪﻱ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 1912-ﻳﯩﻠﻰ1- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﯗﺩﯗ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻣﻪﯞﻻﻧﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺳﻪﻛﻜﺎﻛﯩﻨﯩﯔ 1881- ﺗﯩﻠﻰ ” ﻛﯚﭺ-ﻛﯚﭺ” ﺗﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﺧﻮﻧﯩﺨﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺷﻪﻳﺦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﻮﻧﯩﺨﺎﻳﻐﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ.

ﺧﻮﻧﯩﺨﺎﻱ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮ -ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﻪ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ. ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﻼﺭ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﻮ ﺩﺍﺭﯦﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻱ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ 4 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﮔﻮ ﺩﺍﺭﯦﻨﺪﯨﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ، ﮔﻮ ﻧﯩﯔ ﺭﯗﺱ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ. ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﯩﻼﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﻯ. ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻰ. 1916- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﻧﯩﺨﺎﻳﺪﺍ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﯜﻳﯩﭗ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ، ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﺧﻮﻧﯩﺨﺎﻱ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﻳﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﭖ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﻮﻟﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻯ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺋﺎﭘﺎﻧﺎﻳﻮﻑ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﭙﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯜﺭﻙ، ﻓﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ، ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﻰ. ﺧﻮﻧﯩﺨﺎﻳﺪﺍ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﺗﯧﯖﯩﭗ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺋﯩﺪﯨﺮﯨﺲ ﺋﺎﭘﺎﻧﺎﻳﻮﻓﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ 1923- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﻧﯩﺨﻴﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.

ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﺧﻮﻧﯩﺨﺎﻳﺪﺍ 1924- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﯜﺷﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﮕﻪﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﻳﺘﻰ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ: ” ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﮬﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ” ﺩﻩﭖ ﭼﻮﻗﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﯩﭗ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺪﯨﺮﯨﺲ ﺋﺎﭘﺎﻧﺎﻳﻮﻓﻨﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﻏﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯘﺭﺕ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﺪﻩ: << ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﻼﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﭘﺘﯘ، ﺳﯘﺩﺍ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﯧﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﺋﯜﺯﺩﯛﺭﯛﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺰ ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ” ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺭﭘﺎﯓ، ﺳﯘﺩﺍ ﭘﺎﺭﭘﺎﯓ” ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯨﻤﯩﺰ>> ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ… ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ، ﺧﻮﻧﯩﺨﺎﻳﺪﺍ 20- ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪﻧﺪﻯ. 1933-ﻳﯩﻠﻰﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺗﺎﺭﺍ ( ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺗﺎﺭﺍ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﻰ) ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ ﻧﯧﺰﻩﺭﺧﺎﻥ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ( ﺑﯘ ﺯﺍﺕ << ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ>> ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺲ “ﻧﯧﺰﻩﺭﺧﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻡ” ﺷﯘ – ﻧﺎﺯﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﺍﮬﺎﺗﻰ) ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻪ 8 ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩ 500 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻟﯘﭖ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺧﻮﻧﯩﺨﺎﻳﺪﺍ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﺘﻰ. ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﺋﯜﭺ ﺳﯘﻣﻤﯘﻟﻠﯩﻖ ﺷﯩﺒﻪ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﭼﯚﻟﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﺳﯩﺰ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻛﯩﻨﻮ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﭘﻪﻧﻨﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ.

1934- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺗﺎﺭﺍ ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ ﻧﯧﺰﻩﺭﺧﺎﻥ ﺧﻮﺟﺎ ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. 1936-ﻳﯩﻠﻰ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﯚﻟﯜﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ…

ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﭼﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﻨﯩﻤﯘ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﯩﺪﻯ. 1940-ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﺪﺍ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﺎﭘﭽﺎﻟﻨﯩﯔ 400 ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻮﻧﯩﺨﺎﻱ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 251 ﻛﯩﺸﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻼﺭ 60 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ، ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﺍ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 251 ﺟﻪﺳﻪﺕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﺋﯜﭺ ﺳﯘﻣﻤﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻰ ﺑﺎﺵ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻣﺎﻟﺪﻯ. 1943-ﻳﯩﻠﻰ 6- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ “ﺩﺍﻳﻮﻝ” ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. 1944- ﻳﯩﻠﻰ 11- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10- ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﭼﻘﻘﺘﻰ.
1945- ﻳﯩﻠﻰ 1- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ : << ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ، ﺳﯩﺰ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﺪﯨﯖﯩﺰ. ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺧﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺷﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻳﺴﯩﺰ. >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﺧﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﺪﻯ… ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯩﺸﻨﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺸﭙﻴﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﺪﻯ. ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﺯ-ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﭖ ﺩﺍﺩﯨﻞ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭼﺎﭘﭽﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﺭﺧﯩﯩﻲ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭ-ﺳﯜﻳﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﺎﻱ-ﺯﻭﻣﯩﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻳﻪﺭ-ﺳﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﺯ ﺳﯘﻧﯘﺷﺘﻰ. ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ 3280 ﻣﯘ ﻳﻪﺭ، ﺋﯜﭺ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﺪﻯ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻮﻝ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ << ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ، ﺗﻪﺭﺗﯩﺒﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ … << ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ>>، << ﺋﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ>>، << ﺋﯩﻠﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ >>، << ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ>> ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺭﻩﮬﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﺟﺎﻧﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ 1948- ﻳﯩﻠﻰ 3- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﺸﯩﺘﻘﺎ ( ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﺸﯩﺖ ﺋﯩﻤﯩﻨﻮﻑ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﺴﻰ، 1949- ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﻼﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﻩ ﻗﺎﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ) ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﺎ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﺸﯩﺖ ﺋﯩﻤﯩﻨﻮﻑ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ،1949- ﻳﯩﻠﻰ 1- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﺖ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.

ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﺵ، ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ-ﻗﯩﺸﻼﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ، ﺟﻪﻣﺌﻰ 5000 ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﺎﻗﺎﻝ-ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﻯ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ 1949-ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ << ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ>> ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ << ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ>> ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 1957- ﻳﯩﻞ 10-،11-،12- ﺳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، 1958- ﻳﯩﻞ 1-، 2- ﺳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ. << ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﺭﺧﯩﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﺎ << ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ( 8 ) >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺩﯨﻜﻰ << ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﯞﺩﯗﻥ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﺍﺯ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﯞﻩ ﻣﺎﯞﺯﯗﺳﻰ ﺋﯚﺯگەرتىپ  ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخچىلىرىمىز