رەشىت رەھمەت ئەراتى ۋە ئۇيغۇرلار

ماقالە ئاپتورى: يۈسۈپجان ياسىن ( تەرجىمە ئەسەر)

رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ.

ئۇ 1900- يىلى قازان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906-1910-يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە(تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ)نى تاماملىغان.

1917-يىلىدىكى بولشىۋېك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار قارمىقىدا ھەر خىل ژورناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىدى رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىك» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، «ياشلىق تېڭى» دېگەن بىر ژورنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ ژۇرنالدىن باشلىغان.

رەشىد رەھمەتى ئارات 1918- يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. 1919-يىلى يارلىنىپ سىبىرىيىگە يۆتكىۋىتىلگەن. ئۇ، سىبىرىيىدە قازان تاتارلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىكى مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىجراچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.

1922- يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش مەزگىلىدە ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە تۈركولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرس ۋە سېمىنەرلەرگە قاتناشقان. بۇ جەرىياندا يەنە ھەر قايسى يەرلەردىن كەلگەن تۈركلەرنىڭ قۇرغان جەمئىيەت ۋە ئۇيۇشمىلىرىغا قاتنىشىپ، ژورناللاردا تۈرلۈك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

1927- يىلى سېلىشتۇرما تۈرك تىلى ساھەسىدە يازغان «ئالتايچىدا ياردەمچى پېئىللار ۋە رەۋىش– پېئىللار» ناملىق دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيىسىنى ياقلىغان. بۇ ئەسىرى يەنە بىلەن لېكتورلۇق ئۈنۋانىغىمۇ ئېرىشكەن. 1931-يىلى شەرق تىللىرى مەكتىپىدە شىمالىي تۈركلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخى كەسپى بويىچە دوتسېنت بولغان. بۇ جەرىياندا دەستلەپكى ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىغان.

رەشىد رەھمەتى ئارات 1933-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ، ئىستانبۇل ئۇنۋېرسېتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كۇرسىغا پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن. 1958-يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوردىناريۈس پروفېسسور بولغان.

تۈركىيە تۈركولوگىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىلتىز تارتىشىدا ئاراتنىڭ بۈيۈك بىر ئەجرى بار. ۋ. باڭكاۇپ تەرىپىدىن قۇرۇلغان سېلىشتۇرما تۈرك تىلى تەتقىقاتىنى تۈركىيىگە ئېلىپ كىرىپ ئومۇملاشتۇرغان ۋە تولۇق بىر تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرگەن كىشى رەشىد رەھمەتى ئارات ئىدى. ئۇ بۇ ساھەدە شىناسى تېكىن، تالات تېكىن، سائادەت چاغاتاي ۋە نۇرى يۈجە قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىلىم تارمىقى تۈركىيە تۈركولوگىيىسىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرماقتا. تۈرك (تۈركىي) تىلىنىڭ بىر قانچە دەۋرى ۋە ساھەسىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن بىرمۇنچە ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرك ترانسىكرىپسيون يېزىقىنىمۇ رەشىد رەھمەتى ئارات ئىجاد قىلغان. بولۇپمۇ تۈرك تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ پاسىلىنى سىزىپ بەرگەن ئەسىرى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرىدا ئىزچىل تەتبىقلانماقتا.

رەشىد رەھمەتى ئارات تۈرك تىلىنىڭ ئومۇمىي تارىخىي تەرەققىياتىنى ۋە ئومۇملاشقان شىۋىلىرىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئالىم. ئۇ قەدىمكى تۈركچىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرچىنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان تۈركولوگ. ھەقىقەتەن، تۈركولوگىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر ئىلىم ساھەسىگە ئايلانغان. ئۇ ياۋروپالىق تۈركولوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، «تۈركولوگىيە سىلەر ئۈچۈن بىر كەسپ ۋە تۈرمۇش ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر ۋاستىسى، لېكىن بىز ئۈچۈن ھەر نەرسىدۇر» دەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى يەڭگىللىك بىلەن قىلغان ھۆكۈملىرىگە ئەسلا يول قويمايتتى.

رەشىد رەھمەتى ئارات داۋراڭسىز، ئەمما ھەقىقىي مەنىدىكى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ، تۈرك(تۈركىي) مىللىتىگە كىشىلەر ئاسانلىقچە قىلالمايدىغان كاتتا ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن خىزمەت قىلغان. ياۋروپا ئىلىم دۇنياسىنىڭ خرىستىانلىق ۋە تۈرك دۈشمەنلىكى پۇراپ تۇرغان تەرەپلىرى بىلەن ئەڭ كەسكىن كۈرەش قىلغان. «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نى مۇشۇنداق بىر سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تۈرك تەپەككۇرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا بىر تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى روھىنى ئاتا قىلغان كىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتتۇر. دېمەك، تۈركچە «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نىڭ مەيدانغا كېلىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتقا تايانغان. ئارات تۈركىيە ئىلىم — پېنىنىڭ غۇرۇرى بولغان بۇ ئەسەرگە روھى جەھەتتىكىگە ئوخشاش، شەكىل جەھەتتىنمۇ ئۆلچەم ۋە مۇكەممەلىكنى بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ بۇ كاتتا قامۇسقا ئۆز ئىمزاسى بىلەن بىرمۇنچە ماددىلارنى يازغاندىن باشقا يەنە سانسىزلىغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ كىرگۈزگەن. رەشىد رەھمەتى ئارات تولىمۇ كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن باغلانغان بۇ ئەسەر ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئىدى.

رەشىد رەھمەتى ئارات خۇددى كاتتا ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئادەمدەك چوڭقۇر بىر تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. ئۇ قولغا ئالغا ھەر قانداق بىر مەسىلە ۋە تېمىدا باشقىلار قايتىدىن بىر نەرسە دېيىشكە ئورۇن قالمايتتى. تۈرك ھوقۇق پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەسىرى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» دەل ئۇنىڭ ئەجرى بىلەن دۇنياغا ئۆزىنى قايتا تۇنۇتقىنىدەك، «قەدىمكى تۈرك شېىرلىرى»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «بابۇرنامە»، «تۇرپان تېكىستلىرى» (6-ۋە7- توملىرى)نى يەنە ئۇ تەييارلاپ ئېلان قىلغان ئىدى.

شەرقتە ساخالىندىن تارتىپ غەربتە ئىستانبۇلغا قەدەر بولغان جايلاردا ياشايدىغان بارلىق تۈركلەرنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى دۇنياغا تۇنۇتۇشنى، بۇ ئارقىلىق تۈرك بىرلىكىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان «تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى»نىڭ پائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئىشتىراك قىلغان رەشىد رەھمەتى ئارات بۇ ئىنىستىتۇتنى ئۆزىنىڭ ئىدىالىدىكى مۇەسسىسە سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جان – دىل بىلەن ياردەم قىلغان. بۇ ئىنستىتۇت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىدارە ئىشلىرى ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلىرىدە پاال ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا داۋاملىق قاتناشقان.

تۈركلەرنىڭ ئىلمى ھاياتى ۋە مىللىي شەرىپى ئۈچۈن بۈيۈك ئەجىر سىڭدۈرگەن رەشىد رەھمىتى ئارات 1964- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ماددىي ھايات دەرىخى 64 يىل ياشاپ قۇرۇغىنى بىلەن مەنىۋى ھايات دەرىخى بولسا تۈرك دۇنياسى ئىچىدە مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ.

ئاراتنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق بۇ ماقالىسى 1933-1934- يىللاردا يېزىلغان. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ تۈرلۈك ۋەسىقىلەر شۇ چاغدا تېخى تولۇق رەتلىنىپ ۋە سىستېمىلىق بىر تەتقىق قىلىدىغان باسقۇچقا كىرمىگەچكە، ئارات بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى پىكىرلەرنى كېيىنكى تەتقىقاتقا قالدۇرغان. ھەقىقەتەن، بۇلاردىن بەزىلىرى كېيىنكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئايدىڭلاشتى. شۇڭا، بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ يېزىلغان ۋاقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى ئۈمىت قىلىمىز. يەنە شۇ بىر مەسىلىنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرك دېگەن نام بىزنىڭ مەتبۇاتلىرىمىزدىكى تۈركىي مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، بىز ئاپتورنىڭ پىكرىنى ئەينەن ئىپادە قىلىش مەقسىتىدە بۇنى ئەسلى شەكلى بويىچە ئالدۇق، يەنە بەزى جۇغراپىيىلىك ناملارنىمۇ ئەسلى شەكلى بويىچە ئېلىپ تىرناق ئىچىگە بىزنىڭ مەتبۇاتلىرىمىزدىكى ئاتىلىشىنى ئەسكەرتتۇق. ماقالىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنى نەزەرگە ئېلىپ ماقالىنىڭ بەزى قىسمىنى ۋە ئاخىرىدىكى ئىزاھاتنى قىسقارتىۋىتىشنى لايىق كۆردۇق.

تەرجىماندىن

كىرىش سۆز

دۇنيا خەرىتىسىگە نەزەر تاشلانغان ھامان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ نە قەدەر مۇھىم بىر يەرنى ئىگىلىگەنلىكى دەرھال كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ كەڭ زېمىن ئۈستىدە تۈرك مىللىتىنىڭ ياراتقان تارىخ ۋە كۈلتۈر مەنقۇلاتلىرى كېيىنكى دەۋرلەرگە قەدەر يات ئەللەر تەرىپىدىن بۇ مىللەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە قارشى مەقسەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلدى. بۈگۈنكى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ بىز كۆرىۋاتقان مۇشۇ شەكىلنى ئېلىشىدا تۈرك مىللىتىنىڭ ئوينىغان رولى ھازىرغا قەدەر يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنغان ئەمەس. يالغۇز دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئالغان شەكلىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە تارىخىنىڭ يارىتىلىشىدىمۇ تۈرك مىللىتىنىڭ تەسىرى زور بولغان. شەرق بىلەن غەربنى، شىمال بىلەن جەنۇپنى بىر بىرىگە باغلىغان ۋە بۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا دائ ىملىق مۇناسىۋەت بەلۋاغلىرىنى ياراتقان تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنىڭ يالغۇز ماددىي كۈلتۈر ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقى مۇھەققەقتۇر.

ئەپسۇس، يېقىنقى تارىخىمىزمۇ ھېلىغىچە تولۇق دېگىدەك يورۇتىلغان ئەمەس. تۈرك تارىخىنى ۋە تۈرك كۈلتۈرىنى بۇ مىللەتنىڭ پايدىلىنىشى ۋە ئىدىالى(مىللىي ئىدىيىسى- ت) نۇقتىسىدىن ئۆگىنىش پىكرى كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. مانا شۇ سەۋەبلىك، تالاي ئەسىرلەر داۋامىدا تۈرك مىللىتىنىڭ ياراتقان كۈلتۈر ئەسەرلىرى ھەمىشە يات ناملار ئاستىدا ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە چىقىرىلدى، كۈلتۈر تارىخىدا داىم باشقىلارنىڭ ھېسابىغا يېزىپ قويۇلدى. جۇڭگو، تىبەت، ھىندىستاندىكى تۈرك مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدىن باشلاپ كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر تۈرك كۈلتۈرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن قانداق شەكىلدە تونۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بۇ غەيرى تەبىىي ۋەزىيەتنى چۈشۈنىشكە كۇپايە قىلىدۇ. قانداق ئەھۋالدا بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۈك (مىللىي خاسلىق) تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭ ياراتقان كۈلتۈر ئەسەرلىرى ئاشۇ مىللەتنىڭ ھاياتلىق كۈرىشىدە پايدىلانغىلى بولمايدىغان بىر ھالغا كېلىپ قالىدۇ؟ بۇنىڭغا تېخى جاۋاپ بېرىلگەن ئەمەس. ئىشىنىشىمىزچە، تۈرك كۈلتۈرى ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار تۈرك ئىشلىرى نۇقتىىنەزىرىدىن يۈرگۈزۈلگەندە ۋە بۇ ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى بىلەن باغلانغان چاغدا، يەنىمۇ بىر ھەسسە قىممەت ۋە ئەھمىيەتكە ئىرىشكەن بولىدۇ.

تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن لازىم بولغان ماتېرىياللار تۈرك تارىخىنىڭ ئايرىم–ئايرىم دەۋرلىرىدىن بىزگە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلەردە مەۋجۇتتۇر. ئاۋۋال بۇلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈرك روھىنىڭ ئىجادىيەت قۇۋۋەتلىرىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش لازىم. تۈرك مىللىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي كۈلتۈرىنىڭ زامانىمىزغا قەدەر يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى شۇ قەدەر كۆپ ۋە مولكى، تارىختا مۇشۇنداق بىر مىراسقا ئىگە مىللەتلەر ناھايىتى ئاز. لېكىن، بۇ ئەسەرلەرنى مۇەييەن بىر پىلان ئىچىدە ئۆز ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تەتقىق قىلىشىمىز زۆرۈر. ھەر ۋاقىت ئېچىۋىتىلگەن، كېڭەيگەن ۋە يۈكسەلگەن بۇ كۈلتۈرنى تېپىشىمىز تۈرك مىللىتىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى بىلەن پارلاق كەلگۈسىنى بىر بىرىگە باغلاشقا ياردەم بىرىدۇ.

جۇمھۇرىيەت تۈركىيىسىنى ياراتقان ئاتاتۈرك ئەينى ۋاقىتتا مىللىتىگە ئۆز مەنلىكىنىمۇ تىكلەپ بەرگەن، تارىخ ۋە كۈلتۈر ساھەلىرىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى تۇنجى قېتىم تۈرك مەسىلىلىرى ئۈستىگە قۇرغانىدى. تۈرك مىللىي مەسىلىسىگە تۈرك مىللىتىنىڭ ھاياتلىق مەسىلىسى شەكلىنى بەرگەن بۈيۈك قوماندان(ئاتاتۈرك- ت)نىڭ ئەسىرلەردىن بېرى سەل قارىلىپ كەلگەن بۇ مۇھىم ساھەگە كۆرسەتكەن مۇھەببىتى ۋە تەۋرەنمەس مەنىۋىي كۈچى بۇ ساھەنىڭ پات ئارىدىكى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا يېتەرلىك بىر دەلىلدۇر. چۈنكى، ئۆز ئىدىئالىغا ئىرىشكەن ۋە دۇنيا كۈلتۈرىگە ئۆز مەنلىكىنىڭ تامغىسىنى ئۇرغان بىر مىللەتنىڭ، ئاڭلىق بىر شەكىلدە كۈرەش قىلغان ۋە ئۆز ئىدىالىغا قاراپ ئاڭلىق ھالدا ئىلگىرىلىگەن مىللەت ئىكەنلىگى سۆبھىسىزدۇر.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىسقىچە بىر نەزەر

(شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئېكىسپېدىتسىيە جەريانىدا تېپىلغان ماتېرىياللارغا كۆرە)

ئەسىرلەر داۋامىدا يەر يۈزىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت رايونلىرىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن ۋە بۇ يەرلەرنىڭ كۈلتۈر ھاياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە سىياسىي تەرەققىياتىدا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغان تۈرك مىللىتىنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتە كۆپىنچە بىر بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغان قىسىملىرىنىڭ تارىختىكى مۇساپىسىنى ئىزدەپ تېپىش ۋە كېلىچەكتىكى تەقدىرىنى كۆرۈپ يېتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇزۇن دەۋرلەرنى ۋە كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنبەلەرنى بىر يەرگە توپلاش ۋە ئۇلارنى ئوخشاش نۇقتىىنەزەر بىلەن بىر كۈلتۈر ھالىتىدە تەتقىق قىلىش ئىشى، پەقەت مۇشۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈرلۈك ئىزدىنىش — قىدىرىشلارنىڭ تولۇقلىنىشىغا باغلىق بولماقتا.

تۈرك قەۋملىرىنىڭ تۈرلۈك دەۋر ۋە رايونلاردا قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا ئايرىم بىر ئېپىزود ھالىتىدە خاتىرىلەنگەن. بۇلارنى بىر يەرگە توپلاپ، بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش لازىم، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. بۇ شەكىلدە ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى تۈرك مىللىتىنىڭ قولىدا مەۋجۇد تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ھەممىسىنى پەقەت بىرلا نۇقتىىنەزەر بويىچە جىددىي بىر تاسقاشتىن ئۆتكۈزۈش زۆرۈر. پەقەت مۇشۇ شەكىلدىلا تۈرك تارىخىنىڭ تۈرلۈك دەۋرلىرى ھەققىدە ھەقىقىي–توغرا بىر نەتىجىگە ئىرىشىش مۈمكىن بولىدۇ.

تۈرك تارىخى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن شەرقتە جۇڭگو مەنبەلىرى خېلىلا كەڭ ۋە مول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. تارىخىدا يات مىللەتلەرنى داىم ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە كۆزەتكەن جۇڭگو مەنبەلىرى ئىلمىي ۋە جىددىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئاساس بولۇشتىن خېلىلا يىراق بولسىمۇ، بۇلاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى ھەر ۋاقىت مەۋجۇدتۇر. بۇلار خىرونولوگىيىلىك(يىلنامە شەكلىدە –ت) جەھەتتىن رەتلىنىپ، باشقا يېقىن ئىلىم تارماقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇلىشى كېرەك. تۈرك تارىخىغا، بولۇپمۇ قەدىمكى دەۋرلىرىگە ئالاقىدار بولغان بۇ خىل مەنبەلەرنىڭ ھەركىم پايدىلىنالايدىغان بىر شەكىلدە نەشىر قىلىنىشى يالغۇز تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، تۈرك كۈلتۈرىنىڭ باشقا ساھەلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ لازىم ۋە زۆرۈردۇر.

بۇ ساھەدە بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەجىرىبىلەردىن بىر نەرسىنى ئېنىق كۆردۇقكى، ئاسىيادا بۈگۈن تۈرك مەملىكىتى سۈپىتىدە كۆرۈنىۋاتقان يەرلەر قەدىمكى زامانلاردا شەرققە، شىمالغا ۋە جەنۇپقا قاراپ تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە سوزۇلغان بولۇپ، تارىخ قەيد قىلغان دەسلەپكى دەۋرلەردىن ئېتىبارەن ھەر ۋاقىت تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن ۋە بۇ مەملىكەتنىڭ ھەر بىر نۇقتىسى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىختىكى مۇساپىسى ۋە تەرەققىياتىغا شاھىد بولغان.

بىر تەرەپتىن شىمالىي ھىندىستاندىن باشلاپ بۈگۈنكى موڭغولىستان (موڭغولىيە – ت) نىڭ شىمالىغا قەدەر سوزۇلغان، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقتە بۈگۈنكى غەربىي جۇڭگوغا قەدەر بولغان مەملىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زىمىنلار تۈرك قەۋملىرىنىڭ دۆلەت تەشكىلاتلىرىغا تەۋە بولغان. بۇ زېمىننىڭ چېگراغا يېقىن بولغان بەزى قىسىملىرىنىڭ پات – پات سىياسىي ھۆرىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن. لېكىن، بۇ كەڭ رايوننى بىر نوقتىغا ئۇيۇشتۇرغان مەركەزىي زىمىن ھەر ۋاقىت تۈرك مەملىكىتى دېگەن سۈپەت بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن. بۇ مەركەزنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي ھاكىمىيەت زاماننىڭ ئىھتىياجى يۈزىسىدىن تۈرلۈك دەۋرلەردە تۈرلۈك تۈركىي قەۋملىرى ئارىسىدا ئالمىشىپ تۇرغان. تۈرك قەۋملىرى ھاياتلىق كۈرىشىدە باشقا مىللەتلەر بىلەن سوقۇشقىنىدەك، ئۆز ئىچىدىمۇ ئۇرۇشۇپ تۇرغان. بۇ ئۇرۇشلاردا زەپەر قۇشى بۈگۈنى بىر تۈرك قەۋمىنىڭ، ئەتىسى يەنە بىر تۈرك قەۋمىنىڭ بېشىغا قونغان. تۈرك ۋەتىنىدىكى سىياسىي مەركەزنىڭ ئىسمى ۋە ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى ھېچقاچان ئۇ يەردىكى تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەپ بولمىغان. ناھايىتى تەبىىيكى، بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشلەر جەرىيانىدا بەزى تۈرك قەۋملىرىنىڭ بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە كۆچۈشىگە ئوخشاش ۋەقەلەرمۇ كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ بۇلار تۈرك قەۋملىرى ئىچىدە كۆچمەنلىك تەشكىلاتىنى ئەڭ كۆپ مۇھاپىزەت قىلغانلار ئىچىدىن چىققان. تۈرك دولقۇنلىرى (كۆچ ھەرىكەتلىرى – ت) نىڭ قەرەلسىز ھالدا غەرپكە قاراپ ئېقىشىغىمۇ بەلكىم بۇ خىل ۋەقەلەر سەۋەپ بولغان بولسا كىرەك. لېكىن، تۈرك تارىخىدىكى ھەر قانداق بىر ئۆزگىرىشتە يېڭى تەركىپلەر مەيدانغا كەلگەن ھامان، بۇ يېڭىلىقنىڭ ئاساسى دائىم ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. بولۇپمۇ، بۇ ۋەزىيەت شىنجاڭدا مۇشۇنداق ئىدى. بۇ يەردىكى تۈرك دولقۇنىمۇ پات — پات شەرققە، شىمالغا، غەرپكە ۋە جەنۇپقا قاراپ ئاققان. لېكىن، بۇ دولقۇننى ياسىغان تۈرك دېڭىزى بۇ مەملىكەتنىڭ ھېچبىر يېرىدە ۋە ھېچبىر زامان قۇرۇپ قالمىدى. بۇ تۈرك دېڭىزى ئىچىدە تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئەمەسلىكى تامامەن ياكى قىسمەن مەلۇم بولغان ۋە كىچىك – كىچىك ئاراللار ھالىتىدە ياشىغان قەۋملەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى پۈتۈنلەي ئايرىم بىر مەسىلىدۇر. بۇ قەۋملەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ياشاپ ۋە ئاخىرى يوقىلىپ كەتكەن، شۇنىڭدەك تۈرك تارىخىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىيەتلىرىدە ئوينىغان رولىغا يارىشا بىرمۇنچە ئىزلارنى قالدۇرغان بولسىمۇ، ئاساسەن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكىدەك بىرەر ئامىلغا ئايلانمىغان.

«ئۇيغۇر» سۆزى باشقا بىر مۇنچە تەڭداش ناملارغا ئوخشاش، ھەم بىر تۈرك قەۋمىنىڭ ھەم بىر تۈرك سىياسىي تەشكىلاتىنىڭ نامىدۇر. ئۇيغۇرلار پەقەت تارىخنىڭ مۇەييەن بىر دەۋرىدە بۇ يەرلەردە ياشىغان تۈرك گۇرۇھلىرىنى ئۆز تەشكىلاتى ئىچىدە توپلىغان ۋە بۇ گۇرۇھلارنى ئىدارە قىلغان بىر توپتۇر. بىز ئۇيغۇر تەشكىلاتى ، ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە باشقا تەرەپلىرىدىن سۆز ئاچقاندا، ھېچقاچان باشقا تۈرك قەۋملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ۋە ئۆز ئالدىغا ياشاپ، مەدەنىيەت ياراتقان بىر قەۋمنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز. ئەكسىچە ئۇيغۇر ۋە كۈلتۈرىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەشكىلات ۋە كۈلتۈر يولىدىكى بىر باسقۇچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمىز. بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقانداق بىر ساھەسىدىكى ئىپادىسى ئۈستىدە ئويلانغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئەسەرنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىدىن كېيىنكىلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئاساس تەشكىل قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتىشىمىز لازىم. بۈگۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتى دېگىنىمىزدە، بىز يالغۇز ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمدا ئاتالغان بىر تۈرك قەۋمىنىلا ئەمەس ، بەلكى يەنە ئۇيغۇر قەۋمى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان ئاشۇ دەۋردىكى بارلىق تۈرك توپلىرىنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. بۇ دەۋردە يارىتىلغان ئەسەرلەرنىمۇ بىر قەۋمنىڭ ئەسەرلىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تۈرك مىللىتى تەرىپىدىن مۇەييەن بىر دەۋردە ، مۇەييەن بىر تەرەققىيات سەۋىيىسىگە كإتۈرىلگەن بىر بايلىق سۈپىتىدە تونۇيمىز.

مەلۇم بولغىنىدەك، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى، ئاھالىسى ۋە ئۇ يەرنىڭ كۈلتۈرى ھەققىدە تارىخىي مەلۇماتلار ناھايىتى ئاز. خەنزۇلارنىڭ تارىخ كىتابلىرىنى تېخىچىلا ئىلىمنىڭ ھەر بىر ساھەسى ئۈچۈن گۇمانلانماي ۋە ئىككىلەنمەي تۇرۇپ پايدىلانغىلى بولىدىغان بىر ھالغا كەلتۈرگىلى بولمىدى. بۇ مەملىكەتنىڭ تارىخىدا دائىم ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇشى، خەنزۇلارنىڭ يات مىللەتلەرگە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىكى، خەنزۇ يېزىقىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەپلىك بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇ دەۋرنىڭ تارىخى ئۈچۈن جۇڭگو مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى ئازايتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئاىت بولغان باشقا مەلۇماتلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن ھەر قانداق بىر مۇناسىۋەتتە بولغان قوشنا ياكى يات مىللەتلەرنىڭ تاسادىپىي يېزىپ قويغان خاتېرىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تارىخىي ئەھمىيىتى جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن تۈركلەرنىڭ ئۆزىدىن ساقلىنىپ قالغان مەلۇماتلار يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى.

19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە شىنجاڭدا پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەسەرلەر تېپىلدى. مەدەنىي دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئەسىرلەر بويى ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىغان ۋە بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئىجادىي كۈچى بىلەنمۇ ئىشتىراك قىلغان بۇ مەملىكەتتىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە كەڭ كۆلەملىك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن يازما ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. بۇ ئەسەرلەر ئۈستىدىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يەردە ئىنسانلار زادى ئويلاپ باقمىغان بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى نامايەن بولدى. دۇنيادا بارلىققا كەلگەن ھەر قانداق بىر بايقاش بۇ قەدەر كەڭ ئۇپۇق ئېچىپ باقمىغىنىدەك، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە بىر دۆلەتنىڭ تارىخىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان بۇنچىلىك ماتېرىيالنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كۆرۈلگەن ئەمەس. بۇ يەردە تېپىلغان كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئەھمىيىتى يالغۇز شىنجاڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پۈتۈن يىراق شەرق تارىخى ئۈچۈنمۇ يېڭى يول ئېچىپ بەردى. شىنجاڭدا تېپىلغان بۇ ئەسەرلەر بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا گۇۋاھلىق بىرىدىغان كىچىك مەشئەللەردۇر. بۇلارنىڭ توپراق ئاستىدا يۇرۇقلىققا چىقىشنى كۈتۈپ ياتقان چەكسىز كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئازلا بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى خاتىرىدىن چىقىرىپ قويماسلىق كىرەك.

شىنجاڭدا باشلانغان، بىراق دۇنيا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر قىلىنغان ئېكىسپېدىتسىيىنى داۋاملاشتۇرۇش كىرەك. يېڭى كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى بىر دەۋرنى ئۆز ماتېرىيالى ئارقىلىق كۆرۈشىمىزگە ۋە ئۈگىنىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ.

شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئېكىسپېدىتسىيە نەتىجىسىدە تېپىلغان ماتېرىياللار ئىلىم دۇنياسىنىڭ ھەر بىر تارمىقىغا ئالاقىدار بولۇشتەك ماھىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ يەردە كۆپۈنچىسى بۇرخانچىلار (بۇددىستلار)غا ئائىت بولغان تۈرلۈك دىنلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى تېپىلدى. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ مىمارچىلىق شەكىللرىدە قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا خاس خۇسۇسىيەتلەرمۇ بار. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ ۋە راھىپلارنىڭ خاس ھوجرىلىرىنىڭ تاملىرىدا كۆرۈلگەن، كۆپىنچىسى دىنىي رەسىملەردىن ئىبارەت بولغان، نەقىش ۋە باشقا يۈكسەك سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ھىندىستاننىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان، بولۇپمۇ شىمالىي ھىندىستاندا تەرەققىي قىلغان گاندخارا سەنئىتى شەرقىي شىنجاڭدا دەسلەپكى دەۋرلىرىدە مۇھىم بىر ئورۇن ئىگىلىگەن. شىنجاڭ پۈتۈن شەرقىي ئاسىيا سەنئىتى ئۈچۈن بىر ۋاستىچى بولغان. لېكىن، بۇ ساھەدە تېخى بىرمۇنچە سەپلەر تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇلمىدى ۋە ئاخىرىقى يەكۈنمۇ سۆزلەنمىدى.

شىنجاڭدا تېپىلغان بۇ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى بىكىتىش ئۈچۈن خېلى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ ئايرىم – ئايرىم خۇسۇسىيەتلەرنى بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ يەردىكى سەنئەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى ۋە دەۋرلىرىنى ئېنىقلاش تەجىرىبىسى ئېلىپ بېرىلدى. سەنئەت ۋە كۈلتۈر پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق مېلى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر يەردە تېخىمۇ يۈكسەك تەرەققىيات دەرىجىسىگە ئىرىشكەن بىر دەۋرنىڭ يەنە بىرىگە بەلگىلىك تەسىر كإرسىتىشى بەكمۇ تەبىئىدۇر. لېكىن، ھەر بىر ئىرق ۋە ھەر بىر مىللەت بۇ ئىجادىيەت ئىشىگە بىر مەۋجۇتلۇق ياكى بايلىق سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان. بۇ تەرەققىياتتا تۈرك ئىرقى ۋە تۈرك مىللىتىنىڭمۇ بىر ئورنى بارلىقى ۋە ئۇنىڭمۇ بىر تارىخىي بۇرچنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىغانلىقى شۆبھىسىزدۇر. تارىخىمىزدىن قالغان ھەر بىر ۋەسىقە تۈرك مىللىتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن تارىخىي ۋەزىپىگە زور دەرىجىدە جىددىي مۇامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىگىنى كۆرسەتمەكتە.

لېكىن، شۇ ياكى بۇ ساھەدە تۈرك مىللىتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلەردە بىزنىڭ ھەسسىمىز قانچىلىك؟ بىز بۇ ياكى شۇ ئەسەرنىڭ ئەسەر ھالىتىگە كىلىشى ئۈچۈن ئۆز ئالاھىدىلىگىمىزدىن ۋە ئۆز مەنلىكىمىزدىن نىمىلەرنى بەردۇق؟ بۇنى ئېنىقلاش دېگەنلىك دۇنيا ئىلىم–پىنىگە يېڭى بىر شەكىل بىرىش بىرىش، دېگەنلىكتۇر. بۇنى ئېنىقلاش دېگەنلىك ئۆز تارىخىمىزنىڭ ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇچۇق كإرۈنىشى ئۈچۈن ماتېرىيال تەييارلاش دېگەنلىكتۇر.

تارىختىن قالغان ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى شۆبھىسىزكى يازما ئەسەرلەردۇر. بۇ ئەسەرلەردە ھەر بىر مىللەتنىڭ روھىنىڭ ۋە كۈلتۈرىنىڭ يۈكسەكلىكى نامايەن بولىدۇ. ئۇ ئەسەرلەردە خۇددى مىللەتنىڭ ئۆزى سۆزلەۋەتقاندەك تۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتى، تۇيغۇسى، ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىگە بولغان قارىشى ئاشۇ ئەسەرلەردە ئۇچرايدۇ. ئۇ، بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي دەۋرلىرىنى ۋە باسقۇچلىرىنى بىر بىرىگە باغلاپ، مىللەتنى زامان ۋە ماكان پەرقلىرىنىڭ سىرتىدا بىر پۈتۈن ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ شىنجاڭدا تېپىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بۇ يەردە تېپىلغان ئەسەرلەر ئاشۇ دەۋرلەردە مەلۇم بولغان پۈتكۈل كىتاپ شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھىندىستاندا قوللىنىلغان ياپراق كىتاپ شەكلى، شەرقنىڭ تومار شەكلى، مۇقاۋىلانغان ياكى ئايرىم – ئايرىم سەھىپىلەر ھالىتىدە پەقەت ئوتتۇرىسىدىن باغلانغان ئەسەرلەرنىڭ ھەر خىلى بار. يېزىق ماتېرىياللىرى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلاردىن ياغاچ، قېيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى، پالما ياپرىقى، تېرە، يىپەك رەخت ۋە قەغەز قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى تېپىلدى.شىنجاڭدىن تېپىلغان تىل ۋە يېزىقلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ قىسمىنىڭ تونۇلىشى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئا. ۋ. لېكوكنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە ، بۇ يەردە تۈرلۈك دەۋرلەردىن بۈگۈنگە قەدەر 24 خىل يېزىق ۋە 17 خىل تىل ساقلىنىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قوللىنىلمايدىغان يېزىقلار بولغىنىدەك، ئاشۇ ۋاقىتقا قەدەر مەۋجۇدلۇقىدىن خەۋىرىمىزمۇ بولمىغان تىل ۋە شىۋىلەرمۇ بار ئىدى.

بۇ ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغان قەغەزلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى 2- ئەسىرگە يىتىپ بارىدۇ. بۇ، دۇنيادا تېپىلغان قەغەزنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كەشپىيات ھېساپلانغان سەيلۇننىڭ كەشپىياتىدىن يىگىرمە – ئوتتۇز يىل كېيىنكى تارىخقا مەنسۇپ ئىدى.

ئۇيغۇرلارمۇ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجغا تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ئاسان جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ياغاچ قېلىپ ئارقىلىق كىتاب بېسىشتىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنىڭ بېسىلىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان بۇ ئۇسۇل ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئېرىشكەن. مەتبەەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىنى ئاچقان بۇ ئۇسۇل يىراق شەرقتە ھېلىغىچە قوللىنىلماقتا. ياغاچتىن ئايرىم – ئايرىم ياسالغان ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن كىتاب بېسىشمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەجىرىبە قىلىنغان. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ياغاچتىن ياسالغان ئۇيغۇرچە مەتبەە ھەرپلىرى بۇنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

قىدىرىپ تەكشۈرۈشلەر ئاساسەن ئىبادەتخانىلار ۋە راھىپلارنىڭ ھوجرىلىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، تېپىلغان ئەسەرلەر كۆپۈنچە دىنىي ھۆججەتلەردىن ئىبارەت ئىدى. بولۇپمۇ مانىي دىنىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شىنجاڭدا تېپىلغان ئەسەرلەر ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۈركچە قىسىملار ناھايىتى مۇھىمدۇر. غەرپتە پۈتۈنلەي يوقالغان بۇ دىننىڭ ھەقىقىي ئەسەرلىرى ھازىرغا قەدەر پەقەت مۇشۇ يەردىن تېپىلغان تېكىستلەردىن ئىبارەتتۇر. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىسىردىن تېپىلغان مانى كۇتۇپخانىسىدا قانداق ئەسەرلەرنىڭ بارلىقىنى تېخىچە ياخشى بىلمەيمىز.

ئۇيغۇر ئېلى يۇقىرىدا كۆرۈلگىنىدەك، 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر بۆلىكىگە تەۋە بولدى ۋە كېيىن سىياسىي ھاياتىنى قوغداپ قالالىغۇدەك ۋەزىيەتكە قايتا ئېرىشەلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلدى. موڭغول دۆلىتىنىڭ ئىدارە تەشكىلاتىنى قۇرغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ كۈلتۈر ساھەلىرىدە ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەنلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى يەنە ئۇيغۇلار ئىدى. موڭغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان مانجۇلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر قىسمەن ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق ئاساسەن ئاشۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ بۇنىڭ بىر دەلىلى ھېساپلىنىدۇ.

13-، 14- ئەسىرلەردىكى شىنجاڭنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش دەۋرى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن يېڭى بىر كۈلتۈر جەرىيانى تۈنجى بولۇپ ئىسلام سۇلالىسى قۇرۇلغان قەشقەر ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىدى. بۇ يەردە ئەسىرلەردىن بېرى بىرگە داۋاملىشىپ كەلگەن بۇرقان (بۇددا-ت) ، مانى ۋە خرىستىئان دىنلىرى ئىتىقادتىن قېلىپ، بۇلارنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئىگىلىدى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئاستا – ئاستا، ئەمما بەزىدە قانلىق شەكىل بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. ئىسلامىيەتنىڭ نۇپۇزى بىلەن ئەرەپ يېزىقىمۇ كىرىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن دىنىي ساھەدە بۇرقانچىلىقنىڭ مېلىدەك كۆرۈنگەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىلگىرىكى ئورنى تەۋرەنگەن بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئورنى پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمىدى. بۇ يېزىق ئۇزۇن مەزگىل ئىسلامىيەتنى تېخىچىلا قوبۇل قىلمىغان بىر قىسىم ئاھالە ئىچىدە ئورنىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كەلگىنىدەك (مەسىلەن، بۇرقانچىلارنىڭ دىنىي تەلىماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەشھۇر ئەسەر «ئالتۇن يارۇق »نىڭ لېنىنگراد نۇسخىسى 1687 – يىلى مۇشۇ يېزىقتا كۆچۈرۈلگەن)، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسى بولغان تۈرك خانلىقلىرىدىمۇ ئۇزۇن مەزگىل مىللىي ۋە رەسمىي يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلدى. بۇ خانلىقلاردىكى يارلىقلار پۈتۈنلەي بۇ يېزىق بىلەن يېزىلدى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان پارسچە ئەسەرلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىشى بۇ مىللىي ئەنئەنىنىڭ نە قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىشكە كۇپايە قىلىدۇ. ئىسلامىي دەۋرگە ئائىت بولغان ۋە تىل ئىتىبارى بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىشى ياكى كېيىن كۆچۈرۈلگەن بولۇشى ئەينى شەكىلدە شەرھىيلىنىدۇ.

«قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن باشلانغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ جۇغراپىۋىي ۋارىسى بولغان ۋە «چاغاتاي ئەدەبىياتى » دېگەن ئىسىم تونۇلغان بىر ئەدەبىي دەۋرگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى. ئىسلامىيەتكە ئائىت ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ئاز ئۇچرايدۇ. ئىسلامىيەتنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان ئۇسۇل بەلكىم شىنجاڭ مۇھىتىدا يات دىندىكى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنى لازىم تاپمىغاندۇر. ھەر ھالدا قولىمىزدا ئىسلامىيەتنىڭ بۇرقانچىلىق بىلەن قارمۇ قارشى ھالەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىرمۇ ئەسەر يوق دېسەك خاتا قىلغان بولمايمىز. بۇ ھالەت بۇرقانچىلىق ئۈچۈنمۇ ئەينىدۇر.

پۈتۈن شەرق مەملىكىتىنىڭ تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەنبە تەشكىل قىلغان شىنجاڭ كەشپىياتى(تېپىلمىلىرى – ت) بىزنىڭ تارىخىمىز، تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن نىمىلەرنى بەردى ۋە نىمىلەرنى بىرىدۇ؟ تۈرك نامى بىلەن ئاتالغان بۇ مەملىكەتنىڭ قوينىدا ھەممىدىن بەكرەك تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ماتېرىيال ساقلانغان. بۇ مەملىكەت ئۆزىنىڭ ئىگىسى بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخى ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تۈركشۇناسلىقتا يېپيېڭى بىر دەۋنى ئاچتى. 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا شىمالىي موڭغۇلىستاندىن تېپىلغان كۆكتۈرك ئابىدىلىرىنىڭ ئوقۇلىشى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە ئېقىپ يۈرگەن ئاساسىز قاراشلارنى مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ كاللىسىدىن چىقىرىپ تاشلىدى. شىنجاڭدا تېپىلغان ئۇيغۇر ئەسەرلىرى تۈرك مەدەنىي ھاياتىنىڭ ئۇپۇقلىرىنى چەكسىز كېڭەيتىش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىشۇناسلىقنىڭ ئايرىم – ئايرىم ساھەلىرىنى بۈگۈنگە قەدەر تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان يېڭى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.

“ئۇيغۇر” دېيىلىدىغان بىر تۈرك قەۋمىنىڭ ياشىغانلىقى، ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇر يېزىقى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بىر يېزىق ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى ۋە بۇ يېزىق بىلەن ئەسەر يازغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بار بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىدى. 1069 – يىلى قەشقەردە يېزىلغان، ئەپسۇس بۈگۈنگە قەدەر ھەر كىشى پايدىلىنالايدىغان بىر ھالەتكە كەلتۈرۈلمىگەن «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەڭ قەدىمكى تۈركچە ئەسەر، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز مىقتاردا بولسىمۇ ئەرەپچە ۋە پارسچە سإزلەرنى قوللانغان ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئىسلام مەدەنىيىتى دائىرىسىگە كىرگەن بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، بولۇپمۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك ئەدەبىياتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىرىشىشىمىزگە ياردەم بەرمىگەن ئىدى. شىنجاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بىزگە تۈرك كۈلتۈر ھاياتىنىڭ بىر قانچە ئەسىر بۇرۇنقى ھالىتىنى تونۇتتى.

كۈلتۈر پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق مېلىدۇر. بەلگىلىك بىر جۇغراپىىيىلىك بىرلىك ئىچىدە ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە، ئەينى شارائىت ئىچىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ياكى بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن بىرىدىن يەنە بىرىگە ئۆتكەن ئەينى شەكىللەرنى ئۇچرىتالايمىز. بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدا ئايرىم ئورۇن ئىگىلىگەن يېزىق ئۇسۇلىدا ۋە ئەدەبىياتىدا كۆرۈلمەكتە. بۈگۈن مەلۇم بولغان بارلىق يېزىقلار ۋە ئەدەبىيات تۈرلىرى بۇ خىل يۈزمۇ يۈز ئۇچرىشىشنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن. ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تارىخىي رولى بىلەن مىللەتلەر ئارىسىدا ئالاھىدە بىر ئورۇن ئىگىلىگەن تۈرك توپلىرىدىمۇ بۇ ھالەت يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىزگە بىر قانچە خىل يېزىق ئارقىلىق مىراس قالغان. بۇ يېزىقلاردىن بىرىسىدىن باشقىلىرىنىڭ تۈركلەرگە قوشنا بولغان مىللەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە تۈركچىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە كۆرە ئانچە – مۇنچە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئانچە قېينالمايلا ئېنىقلىيالايمىز.

1- تارىختا تۇنجى بولۇپ تۈرك نامىنى بۈگۈنكى تۈرك تىلىدا خاتىرىلىگەن كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ باشقا بىر يېزىق ئاساسىدا يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر مۇنچە نەزەرىيىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىسپاتلانمىدى. كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى تۈرك يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىپ كىلىنگەنلىكىدە شۆبھە يوق. مەنبەسى ھەققىدىكى قارشى پىكىر ئىسپاتلانغانغا قەدەر، بۇ يېزىقنىڭ تۈرك مىللىتىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي بىر توسقۇنلۇق يوقتۇر. كېيىنكى تەتقىقاتلار بۇنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆز مۈلكى ئىكەنلىگىنى كإرسەتمەكتە. ئورخۇن ئابىدىلىرىدە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بولۇشى كىرەك بولغان يېنىسەي ئابىدىلىرىدە ناھايىتى زور ماھارەت بىلەن قوللىنىلغان ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ بۇ دەۋرلەردە نە قەدەر يۈكسەك بىر كۈلتۈرگە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بۇ يېزىق تۈرك تىلى ئۈچۈن ئەڭ ئەپلىك شەكىلدە ئىشلەنگەن. بۇ مۇكەممەللىكنىڭ ئەسىرلەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلساق، بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلىشقا باشلىغان دەۋرىنىڭ تارىخىنى خېلى كۆپ ئەسىر ئالدىغا سۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. شەرقشۇناسلارنىڭ بىر قىسمى بۇ يېزىقنىڭ پەقەت تاش ئۈستىگە يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقانىدى. تۇرپان كەشپىياتىدىن كېيىن بۇنىڭ تۇرمۇشتىمۇ قوللىنىلغانلىقى ۋە باشقا يېزىقلارغا ئوخشاش ئىستىمال قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. چۈنكى، شىنجاڭدىن تېپىلغان ۋە بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر قەغەز ئۈستىگە يېزىلغانىدى.

شىنجاڭدىن تېپىلغان ۋە تۈرك كۈلتۈرىنىڭ شاھىتى بولغان ئەسەرلەر ئىچىدە بىر كىچىك قەغەز پارچىسى بار. كىچىكلىكىگە قارىماي، زور بىر مەنانى ئىپادە قىلىدىغان بۇ قەغەز پارچىسى تۇرپان ئەتراپىدا ساقلانغان ۋە قۇرۇلغان ۋاقتى 6-، 7 – ئەسىرلەرگە ئاىت بولۇش ئېھتىمالى بولغان بىر بىنادىن تېپىلغان. بۇ قەغەزنىڭ بىر تەرىپىدە ئۈچ قۇرلۇق بىر تېكىست بار. بۇ قۇرلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن بىراز پەرقلىق ھالدا، كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ 16 ھەرپى يېزىلغان. ئاستى تەرىپىدە مانى يېزىقى بىلەن بۇنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى كإرسىتىلگەن. ۋ. تومسېننىڭ ئەقلى ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ سىرىنى يىشىشنىڭ ئاچقۇچىنى تاپمىغان بولسا ، ئۇ چاغدا بۇ تۈرك كۈلتۈر ئابىدىلىرىنىڭ سىرى مۇشۇ شەكىل بىلەن ئېچىلغان بولاتتى. تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىياتىدا مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ قانداق تەۋرەنمەس بىر باغ بىلەن باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ، بۇ ئۈچ قۇرلۇق قوليازما پارچىسىدىن تېخىمۇ چوڭ دەلىل ئىزدەشنىڭ لازىمى يوق.

2 – ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان يېزىق سوغدى يېزىقى ئاساسىدا يارىتىلغان ئۇيغۇر يېزىقىدۇر. ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇرقانچىلارنىڭ رەسمىي يېزىقىدەك چۈشەنچە پەيدا قىلغان. قوللىنىلغان ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى سەۋەبىدىن كېيىنچە خرىستىئانلار ۋە مانىچىلارنىڭ دىنى ئەسەرلىرىمۇ بۇ يېزىق بىلەن يېزىلىشقا باشلىغان. شىنجاڭدىكى ئېكىسپېدىتسىيە داۋامىدا قولىمىزغا چۈشكەن ۋە مەزمۇن جەھەتتىن دىنىي خاراكتېرى بولمىغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان. ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر سەنئەت نوقتىسىدىن بىر قانچە دەۋرگە ئايرىلىدۇ. ئەڭ قەدىمكى دەۋرگە ئائىت بولغان پارچىلار ھەر ۋاقىت گۈزەل يېزىلغان ۋە ئىملاسىمۇ توغرا ئىدى.

تۈرك تىلىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە تەشكىل قىلغان ۋە 1066 – يىلى (ھىجرىيە466- يىلى) ئۆپچۆرىسىدە يېزىلغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۈ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە، ئۇيغۇر يېزىقى ئومۇمىي تۈرك يېزىقى سۈپىتىدە قەيت قىلىنغان ۋە بۇ يېزىقنىڭ بىر ئۆرنىكىمۇ بىرىلگەن. قەشقەرىنىڭ بۇ خاتىرىسى بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ، بولۇپمۇ بۇ ئەسەر يېزىلغان يىللاردا تۈرك توپلىرى ئىچىدە ھۆكۈمران يېزىق ئىكەنلىگىنى كۆرسەتسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن قەشقىرىنىڭ ئاشۇ دەۋردىكى كۈلتۈر ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشىنى كۆرەلمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. قەشقەرى ئاشۇ دەۋرنىڭ پەقەت سۆزلىنىۋاتقان تۈرك شىۋىلىرىگە ئەھمىيەت بىرىپ، تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرىنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلىرى ياكى تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدىكى ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچراشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلامىيەت سىرتىدىكى مىللىي بايلىقىمىزنى تىلغا ئېلىشنى لازىم كۆرمىگەن بولسا كىرەك. ھەرھالدا قەشقىرىنىڭ كۆكتۈرك ۋە مانى يېزىقلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەسلىكى دىققەتنى تارتىدۇ.

3- ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مەنبەسى بولغان سوغدى يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر تۈركچە ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ ۋە مەۋجۇت ھۆججەتلەرمۇ تېخىچە نەشىر قىلىنمىدى.

4 – مانى ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسمى مانى يېزىقى بىلەن يېزىلغان. مانىچىلار قوللانغان بۇ يېزىق ئۇلار بىلەن بىرلىكتە غەرپتىن كەلگەن. مانىچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەتتە يۈكسەك ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. شۇ ۋەجىدىن، مەيلى مانى يېزىقى بىلەن بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بولسۇن، مانى دىنىگە ئائىت ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئەسەرلەر سەنئەت نوقتىسىدىن ئەڭ گۈزەل ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

5- سۈرىيە يېزىقى بىلەن تۈركچە يېزىلغان ئەسەرلەر نىسبەتەن ئاز. بۇلار كۆپۈنچە خرىستىئان دىنىگە ئائىت ھإججەتلەر بولۇپ، دىنىي ماھىيىتى بولمىغان ئەسەرلەر ئازلا بىر قىسىمنى تەشكىل قىلىدۇ.

6- براھمى يېزىقى بىلەن يېزىلغان تۈركچە ئەسەرلەر تېخى نەشىر قىلىنمىدى. قولىمىزدىكى بۇ خىل ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى «سانسىكرىتچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت»تىن ئىبارەت، بىرقىسمى بولسا تىبابەتكە ئائىتتۇر.

براھمى ۋە سۈرىيە يېزىقلىرىدا تىبابەتكە ئائىت ھإججەتلەرنىڭ بولۇشى ئېھتىمال بۇ يېزىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى كەڭ بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىچىدە قوللىنىلغانلىقىدىن بولسا كىرەك.

شىنجاڭدىن تېپىلغان ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسى دەۋرىگە ئائىت بولغان ئەسەرلەر كەڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەقەت كىچىككىنە بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ، بۇ مەملىكەتنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق دەۋرلىرى ۋە بۇ دەۋرلەرنىڭ پۈتكۈل سەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. بۈگۈنگە قەدەر قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، بۇ ساھەدە تېخى ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر بولغان تەتقىقاتلار ھەققىدە ياخشى بىر پىكىر بەردى. بۈگۈن بىر مۇنچە مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ يورىتىلىشى كەلگۈسىدە بۇ يولدا قىلىدىغان ئىشلىرىمىزغا باغلىق بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ ئەدەبىي تەرەققىياتى ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىرىمىز بۇ ئەدەبىياتنىڭ تامامىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتىن يىراق بولۇپ، مەۋجۇت ماتېرىياللارمۇ پەقەت نەشىر قىلىنغان قىسىم ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

1- قولىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى دىنىي ئەسەرلەردۇر. چۈنكى، بۇ ئەسەرلەر بۇرقان ياكى باشقا دىنلارغا ئائىت ئىبادەتخانىلاردىن تېپىلغان. ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ دۇنياۋىي مەسىلىلەر بىلەنمۇ مەشغۇل بولىدىغان ئورگانلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىق. خارابىلەردە پىلانلىق تۈردىكى تەكشۈرۈش داۋاملاشتۇرۇلسا بۇنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى شۆبھىسىزدۇر.

دىنىي ھۆججەتلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى تەشكىل قىلغان بۇرقان ھەققىدىكى ئەسەرلەر ئارىسىدا، ئەڭ ئىپتىدائىي دىنىي چۈشەنچىلەردىن تارتىپ ئەڭ يۈكسەك پەلسەپىۋىي تەھلىللەرگە قەدەر تۈرلۈك ئەسەرلەر مەۋجۇت. ئۇ دەۋرلەردە ئىلىمنىڭ بىرمۇنچە تارماقلىرىنىڭ دىن چەمبىرىكى ئىچىدە تەتقىق قىلىنغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، بۇ ئەسەرلەردىن چىقىرىلىدىغان نەتىجىلىرىمىزنىڭ مول ۋە كەڭلىكىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. «ئالتۇن يارۇق» ۋە «مائىتىرى سىمىت» قاتارلىق يۈكسەك ئەسەرلەر ئىچىدە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىنمۇ كۆپرەك دىنىي ۋە پەلسەپىۋىي ئاتالغۇلار بار.

بۇ خىل ئەسەرلەر ياكى خاس ياكى قوشنا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن، تۈرك تىلى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى قوغدىغان. ئەڭ قىيىن بولغان ھىندىچە ۋە خەنزۇچە دىنىي ئاتالغۇلارمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

2- تېپىلغان ھۆججەتلەر ئارىسىدا ئەدەبىي ئەسەرلەر ئانچە – مۇنچە ئۇچرايدۇ. مەۋجۇت ئەدەبىي پارچىلارنىڭمۇ كۆپچىلىكى دىنىي ماھىيەتتە ئىدى. لېكىن، گۈزەل تۈرك شېئىرىيەت سەنئىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان پارچىلارمۇ يوق ئەمەس. كېيىنكى يىللاردا بۇ دەۋردىن قالغان تۈركچە نەزمىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان مەجمۇئەلەرمۇ تېپىلدى. بۇلاردىن ئىككى مىڭ مىسراغا يېقىن بىر قىسمى «قەدىمكى تۈرك شېئىرى» دېگەن نام بىلەن تۈرك تارىخ قۇرۇمى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۈگۈن ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر ساقلىنىۋاتقان كۇتۇپخانا ۋە موزېيلارنىڭ ژورناللىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇ قىسمىغا مەنسۇپ ماتېرىياللارنىڭ بارلىقى شۆبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر پىلانلىق ھالدا تەتقىق قىلىنىپ نەشىر قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارغا تېخىچە نۆۋەت كەلمىدى دەيمىز.

3- قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا تېبابەتچىلىك خېلىلا تەرەققىي قىلغان ئىدى. دەۋرلەرنىڭ تەجىرىبىسى ئارقىلىق ئېنىقلانغان دورا تەركىپلىرىدىكى خام ماددىلار تۈرك ۋەتىنىدە ئۆسىدىغان ۋە تۈركچە ئىسىم بىلەن ئاتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئىدى. بۇ خۇسۇستا بىر پىكىر بىلدۈرۈشكە يارىغۇدەك ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى نەشىر قىلىندى.

4- ئۇيغۇرلار ئاستېرونۇمىيە ئىلمىدىنمۇ خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. قولىمىزدىكى ھۆججەتلەردىن يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئېنىقلىغان بىر ئۇيغۇر ھۆججىتى بېرلىن رەسەتخانىسى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىكى مەلۇماتنىڭ توغرا ئىكەنلىگى ئىسپاتلانغان. ئەپسۇس، قولىمىزدىكى ۋەسىقىلەر بۇ خۇسۇستا كۆپرەك مەلۇمات بەرگىدەك ماھىيەتتە ئەمەس. بۇ خىل پارچىلارغا ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرلاردا رەسەتخانىغا ئوخشايدىغان بىر ئورگاننىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. بۇ خۇسۇستا كەسكىن بىر ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلارنى كۈتۈش لازىم.

5- ئۇيغۇر كالىندارى مەسىلىسىمۇ تېخىچە ھەل بولمىغان، ئەمما ناھايىتى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەڭ مۇھىمى شىنجاڭ كېيىنكى دەۋرلەردە قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار بولغان كالىندار مەسىلىسىدىمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن. لېكىن، بۇ قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم سىستېمىلىرى ئۇيغۇر كالىندارىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ھىندىلار، تىبەتلەر ياكى خەنزۇلاردىن كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرلەردىن قالغان ۋەسىقىلەر قولىمىزغا چۈشمىگىچە، بىز بۇ خۇسۇستا قەتئىي قىلىپ بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. لېكىن، بۈگۈنگە قەدەر تۈركلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرىنى باشقىلاردىن ئۈگەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ھەر قانداق بىر ۋەسىقە ھېچكىمنىڭ قولىغا چۈشكىنى يوق.

6- ئاسترولوگىيە (پالچىلىق – ت) ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى ھەر بىر مىللەت مەشغۇل بولۇپ كەلگەن بىر ساھە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇ خىل ئەدەبىياتنى ئۇچرىتىمىز. ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدە خېلىلا كۈچ چىقىرىپ بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى ياراتقان. بولۇپمۇ پالنامە شىنجاڭدىكى تۈرلۈك يېزىقلاردا يېزىلغان تۈركچە ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت.

7- ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ قانداق شەكىلدە داۋاملاشقانلىقى ھەققىدە تېخىچىلا ئېنىق بىر پىكىرگە ئىرىشەلمىدۇق. لېكىن، قولىمىزدىكى سودا ۋە مۇئامىلە ھۆججەتلىرىنىڭ يېقىندىن تەتقىق قىلىنىشى بىلەن، بۇ ساھەنىڭمۇ ئايدىڭلاشتۇرىلىدىغانلىقى شۆبھىسىزدۇر. بۇلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەر ھەققىدىمۇ بىر چۈشەنچىگە ئىرىشىشىمىزگە پايدىلىقتۇر.

8 – تارىخ ۋە ساياھەتكە ئائىت ئەسەرلەرگە تېخى ئىرىشەلمىدۇق. ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر تېپىلغان مەھەلىلەر ئاساسەن دىنىي مەزھەپلەرگە ئائىت بولغانلىقتىن ئاشۇ دەۋرنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەسەرلىرىمۇ مۇشۇ دىنلارغا ئالاقىدار قوليازمىلاردىن ئىبارەت. بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئەسەر بار. جۇڭگودىن ھىندىستانغا ساياھەتكە بارغان ۋە بۇ دەۋرنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر شاھىتى بولغان خەنزۇ سەيياھى شۈەنزاڭنىڭ خەنزۇچە يېزىلغان بىر ساياھەتنامىسى بار. بۇ ساياھەتنامە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى(1930 – يىلى) بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمى شىنجاڭدىن تېپىلغان. فارىز مىللىي كۇتۇپخانىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمى بۈگۈن بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. كەمتۈك بولغىنىغا قارىماي، مۇھىم ئەھمىيىتى بولغان بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەسلىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىقتۇر. جۇڭگو يېزىقى يات مىللەتلەرنىڭ سۆزلىرىنى يېزىشقا ماس كەلمىگەنلىكتىن شۈەنزاڭنىڭ ساياھەتنامىسىدىكى قابىلە، مەملىكەت ۋە شەھەر ناملىرىنىڭ بىر قىسمى بۈگۈنگە قەدەر ئېنىقلانمىدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئارقىلىق بۇ كەمچىلىكلەر بىراز بولسىمۇ تولدۇرىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى شەرھىيدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈر جەھەتتىن ناھايىتى باي ئىدى. بىر مىللەتنىڭ كۈلتۈر ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ساھەلىرىدە بۇ خۇسۇستا بىزگە مەلۇمات بىرەلەيدىغان ئەسەرلەر بار. ئەسەرلەرنىڭ كۆپلۈكى ۋە چېتىلىدىغان ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان مىساللارنىمۇ كۆپەيتمەكتە. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كۈندىلىك ھايات بىلەن ئالاقىسى ئازدەك كۆرۈنىدىغان تەرجىمە ئەسەرلەردىمۇ كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ يات كۈلتۈرگە باغلىنىشى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈكسەكتۇر.

بۇ ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئاۋۋال بۇلارنى نەشىر قىلىپ، زۆرۈر بولغان ماتېرىياللار بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا يەتكۈزۈلىشى كىرەك. بۇنىڭدا تۇنجى ۋەزىپە تىلشۇناسلار ئۈستىگە چۈشىدۇ. تۈرك تىلى تەتقىقاتى جەمئىيىتى مەيدانغا كەلگەنگە قەدەر بۇ ساھەنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تەشكىلاتىمىز بولمىغانلىقتىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ نەشرى قىلىنىشى پەقەت ئايرىم كىشىلەرنىڭ سەخسىي ئەمگەكلىرى بىلەن روياپقا چىقتى. شۇ سەۋەپلىك، مەۋجۇت ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ پەقەت ئازلا بىر قىسمى نەشىر قىلىندى.

ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىشتا ئاۋۋال تېكىست توغرا ئوقۇلىشى ۋە مەزمۇنى ياخشى چۈشۈنىلىشى كىرەك. چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇلغان تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي نوقتىسى سۆزلۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادە قىلغان مەنىسىنى ئېنىقلاشقىلا مەركەزلىشىپ قالدى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تۈرك تىلى تاۋۇشلىرىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن يىتەرسىز ئىكەنلىكى ۋە تىلنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان سادا — ئاۋاز خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىق كۆرسىتەلمىگەنلىكى، بولۇپمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئىملاسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىگى مەلۇم. بۈگۈنكى تۈرك شىۋىلىرى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ ياردىمى بىلەن ھازىر ئۇيغۇرچىنىڭ توغرا ئوقۇلىشى قىسمەن كاپالەتكە ئىرىشتى. بۇ قەدەر قەدىمىي بىر دەۋر ۋە كەڭ بىر ساھەدە بۇ قەدەر كۆپ مىقتاردىكى مەۋجۇت ئەدەبىي ماتېرىياللارنىڭ تىلىمىز ئۈچۈن زور بىر مەنبە تەشكىل قىلىشى شۆبھىسىزدۇر.

ئۇيغۇر تۈركچىسى تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تۈركچىسى ، يەنى ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت تۈركچە چۇۋاش ۋە ياقۇت لەھچىلىرىدىن باشقا ، بۈگۈنكى بارلىق تۈرك شىۋىلىرى ئۈچۈن بىر ئانا تىل ماھىيىتىدە ئىدى. بۈگۈنكى شىۋىلەر تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى جەھەتتىن ئۇيغۇر دەۋرى تۈركچىسىدىن ئايرىلىپ چىققان. بۈگۈن ئايرىم – ئايرىم شىۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدەك كۆرۈنىدىغان تەرەپلەر ئۇيغۇر تۈركچىسى دەۋرىدە بىر تىل ئىچىدە ۋە شۇ تىلنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى ھالىتىدە مەۋجۇت ئىدى. بۈگۈنكى شىۋىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرچە بىلەن ئىزاھلىنىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغاندەك كۆرىنىدىغان بەزى تەرەپلەرگىمۇ دۇچ كېلىمىز. بىز بۇنى ئۇيغۇر دەۋرى تۈركچىسىگە خاس شىۋە پەرقلىرى ئارقىلىق شەرھىيلەيمىز. بۇنى ئېنىقلاش ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە بۇ تەرەققىياتنىڭ يولى ۋە قانۇنىنى بېكىتىشتە نەقەدەر مۇھىم بىر ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىشكە يىتەرلىكتۇر.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار