ﯞﯦﻨﮕﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ

ﯞﯦﻨﮕﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ

جۇڭ جىنۋېن سېرىق ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىلەن ۋېنگر خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئورتاق خۇسۇسىيەت ئالامەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش ۋېنگر مىللىتى ياۋرۇپانىڭ دوناي دەرياسى بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. بىراق ۋېنگر خەلق چۆچەكلىرى تىپىك ياۋرۇپا – ئاسىيا تۈسىگە ئىگە. نۇرغۇن ۋېنگر خەلق قوشاقلىرىنىڭ سيۇژىت ۋەقەلىكى ئوتتۇرىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق ئوخشاشلىقلار بار. بولۇپمۇ ، سېرىقداۋامى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىقچىلىق ئىگىلىكى

ئۇيغۇرلاردا بېلىقچىلىق

ئابدۇقەييۇم مىجىت 1. مۇقەددىمە بېلىقچىلىق ـــ دەريا، كۆل، ساھىل، دېڭىزلاردا سۇ جانۋارلىرىنى بېقىش، تۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتەك ئىشلەپچىقىرىشى پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئوۋچىلىق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كونا تاش قۇراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان. كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە كىشىلەر يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاپلا قالماستىن، بەلكىداۋامى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * ئىقتىسادى تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

ئۇيغۇرلاردا پىچاق مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلاردا پىچاق مەدەنىيىتى ، يېڭىسار پىچىغى، يېڭىسار پىچاقلىرى، پىچاق

ئابلىز مۇھەممەت سايرامى ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرى تاش قوراللار دەۋرىدە تاشتىن، برونزا(كۈك مىس)قوراللىرى دەۋرىدە مىستىن، تۈمۇر قوراللىرى دەۋرىدە تۈمۇردىن ھەر خىل پىچاق ۋە خەنجەرلەرنى ياساپ، ئۇزاق تارىخىي جەريانلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش- تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۇنى كۈپ قېتىم ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلاپ، ئۈتكۇر، نەپس- كۈركەم، ھالەتكە كەلتۇرۇپ پىچاقتىن ناھايىتى ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى تارىخ، ئارخېئولوگىيە مەنبەلىرىداۋامى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * مەدەنىيەت تارىخىمىز

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى

نۇرمەمەت توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبىگە سىڭىپ كەتكەن ئۇرۇقداش خەلقلەر ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئولتۇراق تېرىم مەدەنىيىتىگە بۇرۇن قەدەم قويغان بۇلۇپ سودا-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى ماھارىتى، شەھەر-قەلئە ھاياتى، يېزىق ۋە ئەدەبىي تىل جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى. شامانىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپتىدائىي ئېتقاد ئەقىدىلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئاساسىي ئالاقىنى ئۈزۈپ،داۋامى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * دىنىي تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

مەھمۇد قەشقىرىيگە كۆرە قاراخانىيلاردا تېبابەت

مەھمۇد كاشغەرىيگە كۆرە قاراخانىيلاردا تېبابەت

ئەنۋەر ياسىن بۇ ماقالە 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 20-24-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «1- قېتىملىق خەلقارا تۈرك تىپ تارىخى قۇرۇلتىيى» نىڭ ماقالىلار توپلىمىدىكى نۇسخىسىغا ئاساسەن يۈسۈپجان ياسىن تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. قاراخانىيلاردا تېبابەتنىڭ ئايرىم بىر پەن سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.بۇ دەۋردە يېزىلغان ئىككى شاھ ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» بىر مۇنچەداۋامى

خەتكۈچلەر: ، ، ، ،
تەۋەلىك: * تىبابەت تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

«تارىخىي رەشىدىي» ھەققىدە

«تارىخىي رەشىدىي» ھەققىدە

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگان مىلادىيە 1499-يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا تەۋە تاشكەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىدىن ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلادى. 1495-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆراگان سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ پەرمانى بويىچە ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن، خوتۇنى خۇبنىگار خانىم بىلەن ئۆرەتۆپە (ھازىرقى تاشكەنت شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا)گە بارغان. 1508-يىلى مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆراگان شەيبانىخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھېراتتا يوشۇرۇنداۋامى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * تارىخي ئەسەرلەر، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

ئەلىشىرنەۋائىنىڭ ئاناتولىيەدىكى تەسىرى

ئەلىشىرنەۋائى

يۈسۈپجان ياسىن بۇ ماقالىنى بۈيۈك شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلايمىز. 15- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خوراساندا ئەدەبىي ئىجادىيەت، سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى مەشھۇر شائىر، سەنئەتكار، ئالىم، مۇتەپەككۇر ۋە دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە تۈركىيلەرنىڭ تەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ياراتقانىدى. فرانسۇز شەرقشۇناسىداۋامى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * تارىخىي شەخسلىرىمىز، * تەپەككۈر تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

كۆكتۈرك ئارخېئولوگىيىسىدىكى يېڭى كەشپىياتلار

پومادىن تېپىلغان ئۈستىگە قىزىل ياقۇت قۇيۇلغان ئالتۇن نىقاپ

(كۆكتۈرك مەدەنىيىتىگە دائىر يېڭى تېپىلمىلار) يۈسۈپجان ياسىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ سېرى ئېچىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئىلىم تارماقلىرى كۆكتۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا دائىر ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنى مۇھىم بىر تېما قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا تەۋەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار قەدىمكى خەنزۇ يىلنامىلرى، ئەرەب، پارىس مەنبەلىرى ۋە ۋىزانتىيە ھۆججەتلىرىداۋامى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز

ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى

ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى ، ئابدۇقەييۇم مىجىت

ئابدۇقەييۇم مىجىت ۋەسىيەت ___ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، « ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا يېزىپ ياكى باشقىلارغا ئېغىزاكى ھاۋالە قىلىپ قويغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇسۇللار بۇيىچە مىراسلىرىنى ۋە باشقا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەمدە ئۆلگەن ۋاقتىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قانۇنىي تاپشۇرۇق »①تۇر. قەدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپلا ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى بولغان ھەم ھەر قايسى دەۋىرلەردەداۋامى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * مەدەنىيەت تارىخىمىز

«قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە ئۇنىڭ كۈلتۈر تارىخىمىزدىكى ئورنى

«قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە ئۇنىڭ كۈلتۈر تارىخىمىزدىكى ئورنى ، ئىبراھىم كافەسئوغلۇ(تۈركىيە) ، تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن

ئىبراھىم كافەسئوغلۇ(تۈركىيە) تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن مەشھۇر تارىخ ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇر ئىبراھىم كافەسئوغلۇ 1914- يىلى تۈركىيىنىڭ بۇردۇر شەھىرىدىكى تەفەننى بۆلگىسىدە تۇغۇلغان. تەفەننىدىكى كافەسلەر جەمەتىدىن بولغان رەجەپ ئەپەندى بىلەن خاتىچە خانىمنىڭ ئوغلى بولغان كافەسئوغلۇ 1926- يىلى تەفەننى باشلانغۇچ مەكتىپىنى ۋە 1932- ئىزمىر مۇئەللىم مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئافيون قاراھىساردا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1940- يىلىداۋامى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * مەدەنىيەت تارىخىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار