پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىدە ناھايىتى زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئۇيغۇر كارتون ئېلىپبەسى جەمئىي 38 پارچە فىلىمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئىنسان بولۇشىنىڭ تۈنجى قەدىمىنى توغرا بېسىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن تورىمىزدا ئېلان قىلىندى. بالىڭىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھەركۈنى بىرەر قىسىم قويۇپ بېرىڭ، يېقىملىق مۇزىكىسى ۋە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇلغان ئۇيغۇرچە ھەرپ-تاۋۇشلار، ئاددى سۆز-جۈملىلەر ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر، بالىڭىزنىڭ بىرىنجى تىلىنىڭ ئانىسىنىڭ تىلى، يەنى ئۇيغۇر تىلى بولۇپ شەكىللىنىشىگە ناھايىتى زور ياردەمدە بولىدۇ.